توردا يالغان ئۇچۇر تارقاتقانلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 7 يىل قامىلىدۇ

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-02 17:05
تېڭشۈن پەن-تېخنىكىسىنىڭ خەۋىرى ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مىكرو بلوگىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى كېلەركى ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.  ۋېيشىن، مىكروبلوگ قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا يالغان ئۇچۇر تارقاتقانلارغا قارىتا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى يېڭى ماددىنى قوشتى.
جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىدە: يالغان ئاپەت ئەھۋالى، ئاگاھلاندۇرۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، توردا ياكى باشقا مېدىيەلەردە تارقاتقانلار، يالغان ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، قەستەن ئۇچۇر تورى ياكى باشقا مېدىيەلەردە تارقىتىپ، ئېغىر جەمئىيەت تەرتىپى قالايمىقانچىلىقى پەيدا قىلغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇش ياكى باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، دەپ بېكىتىلگەن.
 
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315