ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلغۇچى تېگىشلىك جازاغا ئۇچرىدى

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-10-16 12:13
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى قەشقەر بوز يەر رايونى خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىش دېلوسىغا سوت ئېچىپ، جاۋابكار ئەنۋەرگە ئىككى يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى. 
   جاۋابكار ئەنۋەر قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشىش مەقسىتىدە، بۇلتۇر 27 – ئۆكتەبىر جىنايەت گۇماندارى تۇرسۇننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تېلېفون ئۇرۇپ ‹‹مەن قاماقخانىدا ئىشلەيمەن، ئوغلۇڭلار ئېغىر كېسەل بولۇپ قالدى، دوختۇرخانىغا ئاپارماقچى، دەرھال پۇل تەييارلاپ كېلىڭلار›› دېگەن. تۇرسۇننىڭ ئانىسى ئەتىسى ئەتىگەندە 5000 يۈەن پۇلنى ئېلىپ، ئەنۋەر بىلەن قاماقخانا ئەتراپىدىكى يول بويىدا ئۇچراشقان ۋە ئەنۋەرنىڭ ئۇچىسىدىكى ساقچى فورمىسى، ساقچىلار ئىشلىتىدىغان سۆزلىشىش ئاپپاراتىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ قاماقخانا ساقچىسى ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلغاندىن كېيىن، پۇلنى ئەنۋەرگە بەرگەن. ئەنۋەر ئۇلارغا قەشقەردىكى مەلۇم دوختۇرخانىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇشنى ئېيتىپ كۆزدىن غايىب بولغان. ئىگىلىنىشىچە، جاۋابكار ئەنۋەر 2008 – يىلى 1 – ئايدا تارتىۋېلىش جىنايىتى سادىر قىلغاچقا، سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن يەتتە يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، بۇلتۇر 5 – ئايدا جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن. بۇ قېتىم سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ قىلمىشىدىن تەكرار جىنايەت شەكىللىنىدۇ، ئۇ كۆز بويامچىلىق قىلىپ، خەلق ساقچىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئوبرازى ۋە نوپۇزىغا ئېغىز زىيان يەتكۈزگەن دەپ قاراپ، يۇقىرىقىدەك ھۆكۈم چىقارغان.   

يانفۇندا كۆرۈش
    315