بەش يىل خاتا قامالغان بالا 500 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك تۆلەمگە ئېرىشتى

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-10-16 12:09

 

   2004-يىلىنىڭ بېشىدا بىر بالا بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن تۇتۇلدى، ئۇنىڭغا دەسلەپتە بېرىلگەن بىر يىل سەككىز ئايلىق قاماق جازاسى، ئۇزاق ئۆتمەي قەبىھ بۇلاڭچىلىق شايكىسىغا قاتناشقان، دېگەن گۇمان بىلەن 11 يىلغا ئۇزارتىلدى. بۇ بالا تۈرمىدە بەش يىل ياتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دېلوسىغا قايتىدىن قاراپ چىقىلىپ گۇناھسىز، دەپ قويۇپ بېرىلدى.

    خاتا ھۆكۈم ئېتىراپ قىلىندى

    ئىگىلىنىشىچە، 2004-يىلى 1-يانۋار تۇتۇلغان شياۋ XX كە بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك بىر يىل سەككىز ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلگەن، شۇنداق بولغاندا ئۇ 2005-يىلى تۈرمىدىن چىقسا بولاتتى. گۇاڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 2005-يىلى ئۆكتەبىردە شياۋ XX نى يەنە بىر بۇلاڭچىلىق دېلوسىغا چېتىشلىق، دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا مۇددەتلىك 11 يىللىق قاماق جازاسى بېرىش، 5500 يۈەن جەرىمانە قويۇشنى ھۆكۈم قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن بىر نەچچە يىل ھەقىقىي ئەھۋال ئىگىلىنىپ، بۇ دېلو توغرىسىدا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنۇلغان، ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 2008-يىلى ئاپرېلدا جىنايى ئىشلار كېسىمى چىقىرىپ، گۇاڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىنى بىكار قىلىپ، قايتا سوت ئېچىشقا بۇيرۇغان. 2010-يىلى ئۆكتەبىردە گۇاڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قايتا سوت ئېچىپ، شياۋ XX نى «گۇناھسىز» دەپ ھۆكۈم چىقارغان. 2012-يىلى سېنتەبىر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار كېسىمى چىقىرىپ، گۇاڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا سوت ھۆكۈمىنى كۈچكە ئىگە قىلغان.

    500 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك تۆلەمگە ئېرىشتى

    2010-يىلى 29-ئۆكتەبىردە شياۋ XX تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بەش يىللىق ئۆمرى تۈرمىدە ئۆتۈپ كەتتى، شۇڭا ئۇ 2013-يىلى 9-ئاپرېل گۇاڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە تۆلەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان. گۇاڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىمۇ ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان، سوت مەھكىمىسى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق دۆلەت سىتاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 2012-يىلىدىكى مەملىكىتىمىزنىڭ ئىش ئورنىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى سوممىسىغا ئاساسەن، شياۋ XX نىڭ ئەركىنلىكى چەكلەنگەن 1885 كۈننىڭ ھەققى ئۈچۈن ئۇنىڭغا 343 مىڭ 729.75 يۈەن تۆلەم بېرىشنى؛ ئۇنىڭ پىسخىكا، روھىي جەھەتتىكى زىيىنى ۋە 2005-يىلى 4-ئىيۇل شياۋ XX سوتلانغان كۈنى نەۋرىسىنىڭ ئىچ ئاغرىقىدا ئۆلۈپ كەتكەن مومىسى، ئىككى يىلدىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن بوۋىسىنىڭ روھىي ئازابى ئۈچۈن يەنە 200 مىڭ يۈەن روھىي تۆلەم بېرىشنى قارار قىلغان. شياۋ XX بۇنىڭ بىلەن جەمئىي 500 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك تۆلەمگە ئېرىشكەن.

    دېلو جەريانى

    ئىگىلىنىشىچە، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى شياۋ XX گۇاڭجۇ شەھىرى بەييۈن رايونىدىكى بىر ئۆسمۈرلەر جىنايەت شايكىسىغا قاتناشتى، دەپ قارىلىپ ئېغىر جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان، چۈنكى بۇ شايكىنىڭ يەتتە ئەزاسىنىڭ ھەممىسى ئۆسمۈر بولۇپ، ئۇلار 1985-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە تۇغۇلغانلار، كۆپ قىسمى دېلو سادىر قىلغانغا قەدەر 18 ياشقا توشمىغانلار ئىكەن.

    ئەيىبنامىگە قارىغاندا، بۇ يەتتەيلەن 2003-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە موتسىكلىتلىق بۇلاڭچىلىق قىلىپ 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلنى بۇلىغان. بۇ دېلو بىر تەرەپ قىلىنىش جەريانىدا، 1986-يىلى نويابىردا تۇغۇلغان شياۋ XX مۇ قولغا ئېلىنىپ، بىر قېتىملىق بۇلاڭچىلىق قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا قاتناشقان، دەپ ئەيىبلەنگەن، شۇڭا گۇاڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئاخىرىدا: بۇ شايكىنىڭ ئىككى ئاساسلىق ئەزاسى تۇنجى قېتىم جىنايەت ئۆتكۈزگەندە قۇرامىغا يەتمىگەن، لېكىن باشقا كۆپ قېتىملىق جىنايەت ئۆتكۈزۈش جەريانىدا قۇرامىغا يېتپ بولغانلىقتىن، بۇ ئىككىسىنىڭ جىنايىتى ئېغىر، شۇڭا ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش؛ قالغان بەشەيلەنگەن مۇددەتلىك 11 يىللىق قاماق جازاسىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغىچە بېرىش كېرەك، دەپ قاراپ، شۇ ئاساستا ھۆكۈم چىقارغان.

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315