ئىپلاس نەۋرە ئاكىسى 15 ياشلىق قىزغا 6 يىل . . .

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-10-16 12:06


قىز جىڭجىڭ بۇ يىل 15 ياشتا، ئوغۇل نەننەن 17 ياشتا، ئىككىسى 6 يىل مۇھەببەتلەشتى، لېكىن ئىككى ئائىلىدىكى چوڭلار قاتتىق قارشىلىق قىلدى، چۈنكى نەننەننىڭ دادىسى بىلەن جىڭجىڭنىڭ ئانىسى بىر نەۋرە ئاكا-سىڭىل بولغاچقا، يېقىن ئۇرۇق-تۇغقان ھېسابلىناتتى.

لېكىن، مۇھەببەت دېڭىزىغا غەرق بولغان ئىككى كىچىك بالا ئاللىبۇرۇن ئەقلىنى يوقاتقان، ئۇلار ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆيىدىكىلىرىگە تەھدىت سالدى، ۋە بارلىق ئاماللار بىلەن قېچىپ كەتتى.

«نىكاھ قانۇنى» دا، ئۈچ ئەۋلاد دائىرىسىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ توي قىلىشىغا بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. بۇمۇ ئىككى ئائىلە چوڭلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى ئىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىككى بالا ئالتە يىل ئىلگىرى بىر مەكتەپتە ئوقۇيتتى، كېيىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئىككىسى تور ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تۇردى. ئىككى نەپەر قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار بالىنىڭ مۇناسىۋىتى نېمە ئۈچۈن تەرەققىي قىلىپ، مۇھەببەتلىشىش دەرىجىسىگە يېتىپ بارىدۇ؟

شىئەن شەھەرلىك پىسخىكا مەركىزىنىڭ باشلىقى شاڭخۇا مۇنداق دېدى: فىزىيولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قىز-ئوغۇللار ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويغاندا، ھەممىسىدە بىر خىل ھاياجانلىنىش بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇلاردا بىر خىل فىزىيولوگىيەلىك ئىنتىلىش بولىدۇ. يەنە بىر نۇقتا، ئۇلار ئارىلىشىۋاتقان مەزگىلدە، ئادەمنىڭ ھېسياتى ۋاقىتنىڭ توپلىنىشىغا ئەگىشىپ، دوستلۇقتىن مۇھەببەتكە ئۆزگىرىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ھامىيسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بولۇپمۇ ياشلىق مەزگىلىدە، بالىلارغا فىزىيولوگىيە ۋە قانۇن جەھەتتىكى بىلىملەرنى سۆزلەپ بېرىشى كېرەك


  

يانفۇندا كۆرۈش
    315