كىچىك ئاپتوموبىل ۋە موتوسكىلىت ھەيدىگۈچىلەرنىڭ تەكشۈرۈشكە قاتنشىشىى توغرىسدا قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟

تەھرىر:   مەنبەسى:   يوللانغان ۋاقتى:2015-05-16 12:17

كىچىك ئاپتوموبىل ۋە موتوسىكىلىت ھەيدىگۈچىلەرنىڭ تەكشۈرۈشكە قاتنشىش ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل بولىدۇ. بىرسى، قاتناش ھادىسى يۈز بېرىپ بىر ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە تەڭدىن ئارتۇق جاۋابكارلىق يۈكلەنگەن ۋە موتورلۇق قاتناش ۋاستىسىى ھەيدەش كىنىشىكىسى بىكار قىلىنىمىغان بولسا نومۇر تارتىش دەۋرىيلىكى ئاياغلاشقاندىن كېينىكى 30 كۈن ئىچىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ تەكشۈرۈشكە قاتنىشىدۇ. يەنە بىرسى، موتورلۇق قاتناش ۋاستىسىى ھەيدەش كىنىشىكسىنى باشقا جايغا تىزىملىتىدىغان ياكى كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشۇپ كىنىشىكا ئالماشتۇرىدىغان چاغدا جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشى شەرت. ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشىلىكى شۇكى، موتورلۇق قاتناش ۋاستىسىىى ھەيدىگۈچىلەر تەكشۈرۈشكە قاتناشماي داۋاملىق موتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىسە جامائەت خەۋپسىزلكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى 200 يۈەندىن يۇقىرى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

مەنبە.موتورلۇق قاتناش ۋاستىىى ھەيدىگۈچىلەر ئۈچۈن قانۇن بىلىملىرى ئوقۇشلۇقى

  


يانفۇندا كۆرۈش
    315