جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەرسە ھوقۇقى قانۇنى(111-ماددىدىن 130)

تەھرىر:   مەنبەسى:   يوللانغان ۋاقتى:2015-05-16 12:17

111- ماددا تېپىۋالغۇچى يىتكەن نەرسىنى ئالاقىدار تارماققا تاپشۇرۇپ بەرگۈچە، ئالاقىدار تارماق يىتكەن نەرسىنىڭ ئىگىسى چىققىچە ئوبدان ساقلىشى كېرەك. قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك بىلەن، يىتكەن نەرسىنى بۇزۇپ قويغانلار ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

112- ماددا ھوقۇقدار يىتكەن نەرسىنى ئېلىۋېلىشتا، تېپىۋالغۇچىغا ياكى ئالاقىدار تارماققا يىتكەن نەرسىنى ساقلاش قاتارلىقلارغا كەتكەن زۆرۈر چىقىمنى تۆلىشى كېرەك.

ھوقۇقدار يىتكەن نەرسىنى تېپىۋالغۇچىلارغا ئىنئام بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسا، يىتكەن نەرسىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندا ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

تېپىۋالغۇچى يىتكەن نەرسىنى ئىگىلىۋالغان بولسا، يىتكەن نەرسىنى ساقلاش چىقىمى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، ھوقۇقداردىن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىمۇ بولمايدۇ.

113- ماددا يىتكەن نەرسىنىڭ ئىگىسىنى تېپىش ئېلانى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 6 ئاي ئىچىدە ئىگىسى چىقمىسا، دۆلەت ئىگىدارلىقىغا ئۆتىدۇ.

114- ماددا لەيلىمىلەر، كۆمۈلمىلەر ياكى يوشۇرۇلمىلار تېپىۋېلىنغان بولسا، يىتكەن نەرسىنى تېپىۋىلىشقا ئائىت بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇنى قاتارلىق قانۇنلاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

115- ماددا ئاساسىي نەرسە ئۆتۈنۈپ بېرىلگەندە، قوشۇمچە نەرسىمۇ ئاساسىي نەرسە بىلەن بىللە ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

116- ماددا تەبىئىي تۇغۇندىغا ئىگىدار ئېرىشىدۇ؛ ھەم ئىگىدار ھەم نەرسىدىن پايدىلانغۇچىغا تەۋە بولسا، نەرسىدىن پايدىلانغۇچى ئېرىشىدۇ. ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

قانۇندا بەلگىلەنگەن تۇغۇندى ئۈستىدە ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن بولسا، ئۇنىڭغا پۈتۈشكىنى بويىچە ئىگە بولىدۇ، پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمگەن بولسا، سودا ئادىتى بويىچە ئېرىشىدۇ.

3- بۆلۈم پايدىلانما نەرسە ھوقۇقى

10- باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە

117- ماددا نەرسىدىن پايدىلانغۇچى باشقىلارنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى قانۇن بويىچە ئىگىلەش، ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە.

118- ماددا دۆلەت ئىگىدارلىق قىلىدىغان ياكى دۆلەت ئىگىدارلىق قىلىپ كوللېكتىپ پايدىلىنىدىغان شۇنىڭدەك قانۇندا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن تەبىئىي بايلىقنى ئورۇن ۋە شەخسلەر قانۇن بويىچە ئىگىلىسە، ئىشلەتسە ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنسە بولىدۇ.

119- ماددا دۆلەت تەبىئىي بايلىقتىن ھەقلىق پايدىلىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، لېكىن، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

120- ماددا نەرسىدىن پايدىلانغۇچى ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، قانۇنلاردىكى بايلىق ئاسراش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىشقا دائىر بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك. ئىگىدار نەرسىدىن پايدىلانغۇچىنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە ئارىلاشسا بولمايدۇ.

121- ماددا كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ئېلىش، ئېلىپ ئىشلىتىش تۈپەيلىدىن پايدىلانما نەرسە ھوقۇقى يوقالسا ياكى پايدىلانما نەرسە ھوقۇقىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىگە تەسىر يەتسە، نەرسىدىن پايدىلانغۇچى مۇشۇ قانۇننىڭ 42- ، 44- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ تولۇقلىما ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.

122- ماددا قانۇن بويىچە ئېرىشكەن دېڭىز تەۋەسىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ.

123- ماددا قانۇن بويىچە ئېرىشكەن كان چارلاش ھوقۇقى، كان ئېچىش ھوقۇقى، سۇ ئېلىش ھوقۇقى، سۇ ۋە ساھىلدىن پايدىلىنىپ باقمىچىلىق، تۇتمىچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ.

11- باب يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى

124- ماددا يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ئائىلىلەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ئاساس قىلىنغان، بىر تۇتاش باشقۇرۇش بىلەن تارقاق باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن قوش قاتلاملىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويىدۇ.

دېھقانلار كوللېكتىپ ئىگىدارلىق قىلىدىغان ۋە دۆلەت ئىگىدارلىق قىلىپ دېھقانلار كوللكېتىپ ئىشلىتىدىغان تېرىلغۇ يەر، ئورمان يېرى، ئوتلۇق شۇنىڭدەك يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىدىغان باشقا يەرلەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى قانۇن بويىچە يولغا قويۇلىدۇ.

125- ماددا يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچىلار ئۆزى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرىدىغان تېرىلغۇ يەر، ئورمان يېرى، ئوتلۇق قاتارلىقلارنى قانۇن بويىچە ئىگىلەش، ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭدىن قانۇن بويىچە مەنپەئەتلىنىشكە ھوقۇقلۇق، تېرىقچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ھوقۇقلۇق.

126- ماددا تېرىلغۇ يەرنىڭ ھۆددە مۇددىتى 30 يىل بولىدۇ. ئوتلۇقنىڭ ھۆددە مۇددىتى 30 يىلدىن 50 يىلغىچە بولىدۇ. ئورمان يېرىنىڭ ھۆددە مۇددىتى 30 يىلدىن 70 يىلغىچە بولىدۇ؛ ئالاھىدە ئورمان يېرىنىڭ ھۆددە مۇددىتى گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۇزارتىلسا بولىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھۆددە مۇددىتى توشقاندا، يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە داۋاملىق ھۆددە ئالسا بولىدۇ.

127- ماددا يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى توختامى كۈچكە ئىگە بولغاندا بېكىتىلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچىغا يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى، ئورمان ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى، ئوتلاقنى ئىشلىتىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى بېرىشى ھەمدە ئۇنى تىزىمغا ئېلىپ، يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى لازىم.

128- ماددا يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆتۈنمە ھۆددە بېرىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق يوللار بىلەن ئوبوروت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئوبوروت مۇددىتى ھۆددە مۇددىتىنىڭ قالدۇق مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. ھۆددە يەرنى قانۇن بويىچە تەستىقلاتماي تۇرۇپ يېزا ئىگىلىكدىن باشقا قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

129- ماددا يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆتۈنۈپ بېرىشتە ئالاقىدارلار تىزىمغا ئالدۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىدىكى ئۆزگىرىشنى تىزىمغا ئېلىشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك؛ تىزىمغا ئالدۇرماي تۇرۇپ، ياخشى نىيەتلىك 3- كىشى بىلەن قارشىلاشسا بولمايدۇ.

130- ماددا ھۆددە بەرگۈچى ھۆددە مۇددىتىدە ھۆددە يەرنى تەڭشىسە بولمايدۇ.

تەبىئىي ئاپەت ھۆددە يەرنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىشتەك ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلۈپ، ھۆددە بېرىلگەن تېرىلغۇ يەر ۋە ئوتلۇقنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە توغرا كەلسە، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى قاتارلىق قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە تەڭشەش كېرەك.

  


يانفۇندا كۆرۈش
    315