نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىلارنىڭ قانۇنى ئورنى قانداق بولىدۇ؟

تەھرىر:   مەنبەسى:   يوللانغان ۋاقتى:2015-05-16 12:17

كونا جەمىئيەتتە نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئورنى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ ،قانۇنى جەھەتتە نىكاھلىق تۇغۇلغان بالىلارغا ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولالمايتتى.

ھازىر قانۇن نىكاھسز توغۇلغان بالىلارنىڭمۇ ھوقۇق-مەنپەتنى قوغدايدىغان بولدى.چۈنكى ،مەسئۇليەت بالىدا ئەمەس،بەلكى ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسدا.گەرچە نىكاھسىز پەرزەنىت كۆرۈش قانۇنغا ،شۇنداقلا ئەخلاق ئۆلچىمىگە خىلاپ بولسىمۇ،نىكاھسىز تۇغۇلغان گۇناھسىز بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىمۇ قانۇن تەرپىدىن قوغدىلىشى كىرەك.دۆلىتىمىزنىڭ نىكاھ قانۇنىدا ؛<<نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىلار نىكاھلىق تۇغۇلغان بالىلار بىلەن ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ.ئۇلارغا ھەر قانداق كىشىنىڭ زىيان-زەخمەت يەتكۈزۇشىگە ۋە كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ>>دەپ بەلگىلەنگەن .

نىكاھسىز توغۇلغان بالىلار مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۇن نىكاھ قانۇنىدا يەنە؛<<نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىنىڭ دادىسى بالىنىڭ زۆرۇر بولغان تۇرمۇش پۇلى ۋە تەربىيلىنىش پۇلىنىڭ بىر قىسىمنى تاكى ئۇلار مۇستەقىل ياشيالىغۇدەك بولغۇچە ئۈستىگە ئىلىشى كىرەك>>دەپ بەلگىلەنگەن. ئەگەر ئانىسى قوشۇلسادادا بولغۇچى بالىنى باقسىمۇ بولىدۇ.ئەگەر ئانا بولغۇچى باشقا كىشىگە ياتلىق بولسا ۋە ياتلىق بولغان ئىرى بالىنىڭ تۇرمۇش پۇلى ۋە تەربىيلىنىش پۇلىنى ئۈستىگە ئىلىشنى خالسا ،نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىنىڭ دادىسى ئەھۋالغا قاراپ پۇلنى ئازايتىسا ياكى بەرمىسىمۇ بولىدۇ.نىكاھسىز توغۇلغان بالنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئادەتتە ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتى بىر قەدەر ئېنىق بولسا ،بۇنى ئىسپاتلاش ھاجەتسىز .ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتى ئانا ئوتتۇرغا قويغان ئىسپات بېرىشى ئارقىلىق دەلىللىنىدۇ.

مەنبە؛<<ئاياللار بىلىشكە تىگىشلىك مەخپىيەتلىك>>دېگەن كىتاپتىن ئىلىندى .

  


يانفۇندا كۆرۈش
    315