ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ تۇرمىگە يول ئالغان دادا

تەھرىر:   مەنبەسى:   يوللانغان ۋاقتى:2015-05-16 12:17

2014-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كىيىن شىنجاڭ ۋاختى سائەت 4:20لەر ئەتىراپىدا تۇرسۇن ئۆزىنىڭ يىقىن ئۆتكەن بىر دوستى ئەلى بىلەن ئۇچۇرشۇپ قىلىپ مەسلىھەتلىشىپ يىقىن ئەتىراپتىكى بىر دۇكانغا كىرىپ ئۇزاققىچە پاراڭلىشىپ ئولتۇردى ھەمدە دۇكاندارغا تەركىۋىدە ئىسپىرىت مىقدارى بولغان ئىچىملىكتىن ئالتە بوتۇلكا ئىچىملىكنى ئىچىپ سائەت 9 لەردىن ئاشقان ۋاقىتتا دوستى ئەلى بىلەن شەھەرگە كىرىش ئۈچۈن سورۇننى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئائىلە ماشىنىسنى ھەيدەپ مىڭىپ يىقىن ئەتىراپتىكى يىزا ئىگىلىك بانكىسىدىن نەخ پۇل ئالدى ۋە يول بويىغا توختۇتۇپ قويغان ماشىننى ھەيدەپ تۆت كوچا ئىغىزىغا كەلگەنگەندە ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىللىرى تەرپىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش گۇمانى بىلەن تەكشۈرلۈلگەندە مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى، ھەمدە قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرتىگە ئىلىپ بىرىپ مەستىلىكى يىشىلگەندىن كىيىن سوراق قىلىش، قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارىنى تەكشۈرۈپ باھالاش ئارقىلىق تۇرسۇننىڭ قان تەركىۋىدكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ ئۆلچەمدىن ئىشىپ كەتكەنلىكىنى ھەر 100مىللىلىتىر قاندىكى ئىسپىرىتنىڭ مىقدارى 173مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئىنىقلىنىپ تەپتىش مەھكىمىسنىڭ ئەيىپلىگەن يېڭشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار سوت كوللىگىيسى 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى جاۋاپكار تۇرسۇننىڭ «خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى» گە قارتا ئوچۇق سوت ئچىپ تۇرسۇننىڭ «خەۋپىلىك ھەيدەش جىنايىتى»غا ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيسى، ئىلگىرى جازالانمىغان ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ ئىككى ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى ۋە 2000يۇەن خەلق پۇلى ئىشتىراپ قويۇش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. (دىلودىكى كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)

سەمىمىي ئەسكەرتىش: كەڭ تورداشلارنىڭ يۇقارقى دىلو مىسالىدىن ئىبىرەت ئىلىپ ئىسپىرىت تەركىۋى بار ئىچىملىكەرنى ئىچكەندىن كىيىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسنى ھەيدەپ يول يۈرۈشتىن قەتئىي ساقلىنىشنى ھاياتنى قەدىرلەپ ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ قىممەتلىك ھاياتى بىخەتەرلىكى بىلەن ئويناشماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

يىڭشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن: بۇخلىچەم تۇرسۇن، نۇرئىلى داۋۇت

مەنبە ؛ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  


يانفۇندا كۆرۈش
    315