يىرتىۋېتىلگەن ۋەسىيەتنامە كۈچكە ئىگىمۇ؟

تەھرىر:   مەنبەسى:   يوللانغان ۋاقتى:2015-05-16 12:17

ئالىم بىلەن زۇلپىيە بىر قۇرساق ئاكا – سىڭىل بولۇپ، 2009 – يىلى يازدا ئۇلارنىڭ ئانىسى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ زۇلپىيە كېسەلچان دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان، ئالىمنىڭ دادىسى بىلەن كارى بولمىغان.كېيىن دادىسىنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلىنىپ، ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ داۋالاتقان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغان. ۋاقتىنىڭ ئۇزاق قالمىغانلىقىنى بىلگەن دادا قىزىنىڭ ئىزچىل ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقى، ئوپېراتسىيە ھەققى ۋە باشقا داۋالىنىش چىقىملىرىنى تۆلىگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر پارچە ۋەسىيەتنامە يېزىپ، ئاساسلىق مال – مۈلكى بولغان ئۈچ ئېغىزلىق ئۆينى قىزى زۇلپىيەگە مىراس قالدۇرغان ھەم دوختۇرخانىدىكى نۆۋەتچى سېسترا ۋە دوختۇرنى چاقىرىپ ۋەسىيەتنامىگە ئىمزا قويدۇرغان.

ئالىم بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ دوختۇرخانىدا غوۋغا كۆتۈرۈپ، ۋەسىيەتنامىنى يىرتىپ ھاجەتخانا كۆلچىكىگە تاشلىۋەتكەن، بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن دادا ئەلەم ئىچىدە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان.

تەھلىل: ئۇلارنىڭ دادىسى گەرچە ئېغىر كېسەل بولسىمۇ، لېكىن كاللىسى سەگەك ۋاقىتتا ۋەسىيەتنامە يېزىپ، پايدا – زىيان مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىككى ئادەمنى گۇۋاھچى قىلىپ ۋەسىيەتنامىگە ئىمزا قويغۇزۇپ، ۋەسىيەتنامىنىڭ كۈچىنى بېكىتكەن، بۇ ۋەسىيەتنامە قانۇنىي كۈچكە ئىگە. زۇلپىيە ۋەسىيەتنامە بويىچە دادىسىدىن قالغان مىراسقا ۋارىسلىق قىلسا بولىدۇ.

مەزكۇر دېلودىكى ئەھۋالدا گەرچە زۇلپىيەنىڭ ئاكىسى ئالىم ۋەسىيەتنامىنى يىرتىۋەتكەن بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلارنىڭ دادىسىنىڭ ۋەسىيەت قالدۇرغانلىقىدەك ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، گەرچە ۋەسىيەتنامە يىرتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ۋەسىيەتنامىنىڭ مەزمۇنىنى ئالاقىدار دەلىل – ئىسپاتلار ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ۋەسىيەتنامىگە گۇۋاھچى بولۇپ ئىمزا قويغان دوختۇر بىلەن سېسترا ئەڭ ياخشى گۇۋاھچىلاردۇر، ئەگەر ئالىم داۋاملىق توسقۇنلۇق قىلسا زۇلپىيە قانۇن يولى ئارقىلىق دەۋا قىلىپ، دوختۇر ۋە سېسترانى گۇۋاھلىققا تارتىپ، قانۇنىي تەرتىپ ئارقىلىق ۋەسىيەتنامىنىڭ مەزمۇنىنى بېكىتىپ، ئۆزىنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرسا بولىدۇ.

‹‹ۋارىسلىق قانۇنى››دا، ئەگەر مىراسقا ۋارىسلىق قىلغۇچىدا ۋەسىيەتنامىنى يالغاندىن ئويدۇرۇپ ياسىغان، ئۆچۈرۈپ ئۆزگەرتكەن، يىرتىۋەتكەنلەردىن ئەھۋالى ئېغىر بولغانلىرى مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ دېلودىكى ئالىم ۋەسىيەتنامىنى يىرتىۋېتىپ دادىسىنىڭ ئاچچىقتا ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان. زۇلپىيە مۇشۇ ئوبيېكتىپ پاكىت ئارقىلىقمۇ ئاكىسى ئالىمنىڭ مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش يولىنى ئۈزۈۋېتىپ، قانۇنلۇق ھالدا دادىسىدىن قالغان مىراسقا يالغۇز ۋارىسلىق قىلسا بولىدۇ.

مەنبە .................. قانۇنچىلىق تورىدىن ئېلىندى .

  


يانفۇندا كۆرۈش
    315