شەپقەتسىز ئاتا-ئانا قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلدى

تەھرىر:   مەنبەسى:   يوللانغان ۋاقتى:2015-05-16 12:17

يېقىندا، ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆز بالىسىنى سېتىۋەتكەن ئاتا-ئانىلارغا سوت ئېچىپ، تۆت نەپەر جاۋابكارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا : جاۋابكار ئادىلنىڭ بالىلارنى سېتىش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك ئون يىللىق قاماق جازاسى، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇشقا، ئۆز بالىسىنى ساتقان شەپقەتسىز ئاتا-ئانا روزى بىلەن مەريەمگە بالىلارنى سېتىش جىنايىتى ئۈچۈن بەش يىللىق ۋە ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ بەش يىل كىچىكتۈرۈشكە، 20 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇشقا، جاۋابكار مەمەتنىڭ بالىلارنى سېتىش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك تۆت يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، 10 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇشقا ھۆكۈم قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، 2011-يىلى روزى بىلەن مەريەم ئەر-ئايال ئىككىسى مەمەتنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆز بالىسى ئەخمەتنى ھەريىللىق 10 مىڭ يۈەنلىك باھاغا تۆت يىللىق مۇددەت بىلەن ئادىلغا ساتقان. ئادىل ئەخمەتنى خېنەن ۋە سىچۈەن قاتارلىق جايلارغا ئاپىرىپ ئوغرىلىققا سالغان.

مەنبە ..................... قانۇن تورىدىن ئېلىندى .

  


يانفۇندا كۆرۈش
    315