قانۇنغا خىلاپ ۋېكسلىنى ئېتىراپ قىلىش ، ئۇنڭىغا پۇل بېرىش ، كاپالەتلىك قىلىش جىنايتى ،

تەھرىر:   مەنبەسى:   يوللانغان ۋاقتى:2015-05-16 12:17

بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن چەك _ھۆججەت كەسپىدە ، چەك _ھۆججەت قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ كېلىدىغان چەك _ھۆججەتنىڭ چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىپ ، ئۇنڭىغا پۇل چىقىم قىلىپ ياكى كېپىللىك قىلىپ زور زىيان پەيدا قىلىغانلارىغا 5 يلىدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ ، پەۋقۇلئاددە زور زىيان پەيدا قىلىغانلىرىغا 5 يلىدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ . ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىملىرىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ .

190 _ماددا تاشقى پېرۋوت قاچۇرۇش جىنايتى . دۆلەت شىركەتلىرى ، كارخانلىرى ياكى باشقا دۆلەت ئورۇنلىرىدىن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تاشقى پېرىۋوتىنى چېگرا سىرتىغا قانۇسىز يۆتكەپ ، قىلىمشى ئېغىر بولغانلىرىغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە بىۋاستە جاۋابكار مەسىئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا 5 يلىدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ .

مەنبە...جىنايى ئىشلار قانۇنى بىلەن ئالاقىدار قانۇن نىزاملاردىن تاللانما

  


يانفۇندا كۆرۈش
    315