قىزىل ئورۇندۇق

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-18 10:57
                            ( ھېكايە )

                                                   سىنتاش

ئوماق تاز ، خانقىز - بۇ ئۇلارنىڭ توردىكى ئىسمى ئىدى . ئۇلار توردا تىزلا تونۇشۇپ قالدى . ئۇلار ھەر كۈنى بىر-بىرگە ئۇچۇر قىلىش جەريانىدا بىر -بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قىلىشقان ئىدى .
ھەممىدىن ئوماق تاز بەك خۇشال ئىدى : << ئۇنىڭ بىلەن بىر كۆرۈشكەن بولسام-ھە ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر يۇرتلۇقكەنمىز ، ئەمدى 17 ياشقا كىرگەن بىلەن گىپى ئوچۇق ، شوخ قىز بالىكەن بولمىسا.....>> . ئۇ شۇنداق شېرىن خىياللارنى قىلاتتى . ئارىدا خانقىز تورغا نەچچە خىل ئىسىمدا كېرىپ ، ئوماق تازغا ئۇچۇر قىلىش ئارقىلىق ئۇنى نەچچە قېتىم سىناپ بىقىشقىمۇ ئۈلگۈردى .
بىر كۈنى ئوماق تاز خانقىزغا ئۇچۇر قىلدى :
- تىجلىق تۇردىڭىزمۇ ؟
- تىجلىق ، ئۆزىڭىزچۇ ؟
- مەنمۇ تىجلىق تۇردۇم ، جىنىم خانقىز ، سىزنى بەكمۇ سېغىندىم . سېرتقا چىقسىڭىز ، بىز كۆرۈشسەك قانداق دەيسىز ؟
- ۋىيەي ، نىمىلەرنى دەيدىغانسىز ، مەن ئەمدى تېخى 17 گە كىرگەن تۇرسام ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتا-ئاناممۇ  مىنى سېرتلارغا چىققىلى قويمايدۇ-دەڭە . مۇشۇ چاققىچە ئۆزىمىزنىڭ ناھىيە بازىرىنىمۇ تۈزۈك كۆرۈپ باقمىدىم .......
- ئەمىسە پەقەت ئامال يوقكەن-دە ؟
- شۇ.......... لېكىن ئامالىنى ئۆزىڭىز قېلىڭ .
- ئەمىسە باغچىدا كۆرۈشەمدۇق ؟
- مەن سىزنى قانداق تونىيمەن ؟ بىز بۇرۇن يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان تۇرساق ؟
- بۇ ئاسان ، باغچىدا بىرلا قىزىل ئورۇندۇق بار . قايسىمىز بۇرۇن بارساق شۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بىرسىمىزنى ساقلايلى . يا سىز بىرەر نېشانىڭىزنى دەپ بىرىڭ بولمىسا ، تونىيالماي قالماي يەنە.......
- بولىدۇ ، مىنىڭ لېۋىمنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدە بىر خال بار .
- ھە، بەك ياخشى بولدى . ئەمىسە چوقۇم بىرىڭ-ھە ؟
- بولىدۇ ، چوقۇم بارىمەن .
ئوماق تاز نەچچە ۋاقىتتىن بىرى كۆرۈشكە تەشنا بولغان مەشۇقى بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن باغچىغا كەلدى . بىراق ، ئۇ ئۆزى نىشان بەرگەن قىزىل ئۇرۇندۇقنىڭ يىنىغا كېلىپ ھەيران قالدى . چۈنكى قىزىل ئورۇندۇقتا 40 ياشلار ئەتىراپىدىكى ئىنتايىن چىرايلىق مودا كىيىنگەن بىر چوكان چىملىقتىكى گۈللەرگە قارىغىنىچە خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى . ئوماق تاز ئۆزىنىڭ ئورنىنى ئىگەللىۋالغان بۇ چاقىرىلمىغان مېھمانغا قاراپ ئاچچىغى كەلگەن بولسىمۇ ، ئۆزىنى تۇتۇۋىلىپ ، قىزىل ئورۇندۇققا يىقىنلا جايدا خانقىزنى ساقلىدى . لېكىن خىلى ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ خانقىزنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى . ئۇ ئاخىرى  ھېلىقى چوكاندىن سوراپ بىقىش نىيىتىگە كەلدى :
- ئاچا ، بىر سائەتلار بۇرۇن بۇ يەردە بىر قىزچاقنى كۆردىڭىزمۇ ؟......
ھېلىقى چوكان ئوماق تازغا تۇيۇقسىز قارىۋىدى ، ئوماق تاز ئۇنىڭ لېۋى ئۈستىدىكى خالغا قاراپ داڭ قىتىپ تۇۇپلا قالدى . ئوماق تاز ھەممىنى چۈشەندى . ئۇنىڭ كۆزىگە بىردىنلا قىزىللىق تىقىلدى . باغچىدىكى باشقا رەڭدىكى ئورۇندۇقلارمۇ  ئۇنىڭ كۆزىگە گويا قىزىللىشىپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى .

                2015-يىلى 6-سىنتەبىر پوسكام
مەنبە : ئۆزەم كومپىيۇتىر ئالدىدا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ يازدىم     
 
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315