قارلىغاچ

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-18 10:55
                   ( ھېكايە )


                                         زۇلخۇمار ئۆمەر

ئالبۇمنى ۋاراقلاۋاتىمەن . ئۇنىڭدا تۈرلۈك-تۈمەن سۈەتلەر ساقلانغان . خۇددى تۇرمۇش ئالبۇمىغا ئوخشاش . 
تۇيغۇلىرىم ئىرادەمگە بويسۇنمىدى . قاراپ قالغىنىم يەنە شۇ سۈرەت . بۈدۈر چېچى ، كۆكۈش كۆزلىرىدىن تېخى ئۇنتۇلۇپ كېتىلمىگەن چۈچۈمەل ئۆتمۈشۈمنى كۆرۈۋاتىمەن . تىترىگەن بارماقلىرىم بىلەن سۈرەتنى ئاستا سىلىدىم . زەررىچە چاڭ قونمىغانلىقىغا قارىماي ، چىرايى ھامان غۇۋا كۆرۈنەتتى .
ئوغلۇمنىڭ يىغلامسىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئالبۇمنى ياپتىم .
- ئاپا ، قارىغىنە . ئۇنىڭ قولىدا قارلىغاچنىڭ ئۆلۈك بالىسى تۇراتتى . 
- بىزنىڭ ئۆگزىدىكى قارلىغاچنىڭ بالىسى ئىكەن . تۈنۈگۈن ئاپىسى ئۆلۈپ كەتكەنىدى . بۈگۈن نىمىشقا ئۆزىمۇ ئۆلۈپ كېتىدۇ ؟
ئوغلۇمنىڭ ئۆلگەن قارلىغاچ بالىسىغا خۇددى ئەڭ يىقىن دوستىدەك ھېسداشلىق قىلىپ سەبىي كۆزىگە لىققىدە ياش ئىلىۋاتقىنىغا قاراپ كۈلۈۋىتىشكە تاس قالدىم .
- قارا بالام ، ئاپىسى ئۆلۈپ قىلىپ ، ئۇنىڭ ئورنىدا دان بىرىدىغان باشقا قارلىغاچ بولمىغاچقا ، قورسىغى ئېچىپ ئۆلۈپ قاپتۇ ، كۆمۈپ قويغىن .
ئوغلۇم بۇنىڭغا قايىل بولمىدى .
دادىسىچۇ ؟ ئۇ دان بەرسە بولمامدۇ؟....... 
ئوغلۇمنىڭ مۆلدۈرلەپ قارىشىغا بەرداشلىق بىرەلمىدىم .ئۇنى باغرىمغا بېسىپ دادىسىغا بارغانسىرى ئوخشاپ قېلىۋاتقان بۈدۈر چاچلىرىغا لېۋىمنى ياقتىم . يۈرىكىم شىۋىرلاۋاتاتتى : << سەن بىلمەيسەن بالام ، قارلىغاچنىڭ دادىسى بالىسىنى باقمايدۇ ، ئۇنىڭ دادىسى يوق !......>>

مەنبە : << تەڭرىتاغ >> ژورنىلى 2000-يىللىق 2-سان . 
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315