بويتاقنىڭ ساداقىتى

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-18 10:53


                                                                                 (ھېكايە)


                                                                       ھەسەنجان ئابدۇراخمان


     بۈگۈن يەكشەنبە. مەن چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئونلار ئەتراپىدا تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم.

     18 قەۋەتلىك ئېگىز بىنانىڭ كىرىش ئېغىزىدا ئۆزۈمنى تۈزەشتۈرۈپ قويدۇم ۋە سۇس تەمكىنلىك بىلەن ئالدىمغا قەدەم سالدىم. مەن لېفىتقا چىقىپ ‹‹13›› دېگەن ساننى تىترىمەي باستىم. لېفىت توختىدى. مەن ئاز-تولا تەمتىرەش ئىچىدە لېفىتتىن چۈشۈپ ‹‹1303›› نومۇرلۇق ئۆينىڭ ئىشك قوڭغىرىقىنى باستىم (كۆرسەتكۈچ بارمىقىمدا باسقانىدىم، قولۇم سۇس تىترەپ كەتتى). بۇ قېتىم قايتىدىن ئۆزۈمنى تۈزەشتۈردۈم. ئىشك ئېچىلدى:

    ـــــ ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! ـــــ مەن كۈلۈمسىرەپ قولۇمنى سۇندۇم.

    ـــــ ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام! سىز... ـــــ ئۇنىڭ ئوڭ قولى ئىككى قولۇمنىڭ ئارىسىدا چىڭ سىقىقلىق ئىدى، ئۇ مېنى تۇنىيالماي بىردەم ھاڭۋېقىپ قالدى.

    ـــــ 58-كارىۋات... ـــــ قېشىمنى ئوينىتىپ دېدىم. ئۇ:

    ـــــ ھە... قېنى كىرىڭ... ـــــ دېدى چىرايىغا كۈلكە يۈگرىتىپ. مەن ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ ئامانلىق سورىغىنىمچە ئايىقىمنى سېلىپ ئۆي ئىچىگە كىردىم.

    ئۇ مېنى كىرىسلوغا باشلاپ قويۇپ، (ئاشخانا بولسا كېرەك) ئىچكىرسىگە كىرىپ كەتتى. مەن بۇ مەسئۇل دوختۇرۇمنىڭ قۇيۇق ئۇيغۇرچە بېزەلگەن ئازادە مېھمانخانىسىغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتىم: تورۇسنىڭ تۆت ئەتراپى ئۇششاق گۈل ياپراقچىسى شەكلىدە ئىشلەنگەن، ئوتتۇرىسىدا يوغان بىر يۇمىلاق نەقىش بىلەن ئويۇلغان، يۇمىلاقنىڭ ئىچىگە كىچىك سېممىتىرىك شەكىللەر نەپىس نەقىشلەنگەن، بۇلار بەكمۇ ماسلاشتۇرۇلۇپ ئوچۇق سىرلانغان؛ تۆت تېمى سېرىق توپا رەڭگىدە نەقىشلەنگەن ياغاچ تاختايلار بىلەن زەدىۋاللانغان؛ كۈن چىقىش تەرىپىدە چوڭ دەرىزە بار بولۇپ، ئاقۇچ نېپىز پەردە تارتىلغان؛ ئۇدۇلۇمدىكى تامنىڭ ئاستى تەرىپىگە زەدىۋال ئېگىزلىكىدە جاۋەن قويۇلغان، يۇقىرى تەرىپىگە كەڭلىكى بىر مېتىرچە كېلىدىغان تېلىۋىزور ئورنىتىلغان؛ ئارقامدىكى تامغا ھۆسنخەتلىك ‹‹ئىز›› ناملىق شېئىر قولدا تىكىلگەن گىلەم ئېسىلغان، گىلەممۇ خېلى چوڭ بولۇپ، تامغا بەكمۇ ياراشقان؛ ئالدىمدىكى ئالىي سۈپەتلىك ياغاچتا ئىشلەنگەن پارقىراق، كەڭ شىرە ئۈستى ھېيتلىق داستىخاندەك مول... مەن ئارقامغا سۈرۈلۈپ قويۇپ بىرمۇ-بىر كۆزەتتىم.

    ـــــ قېنى، چايغا بېقىڭ. ـــــ ئۇ قولىدىكى پەتنۇستا سۇس ھور ئۆرلەپ تۇرغان پىيالىنى ماڭا سۇنغاچ، ئۆزرىخاھلىق ئېيتقاندەك دېدى: ـــــ ئايالىمنى بالىلار بىلەن ئاپىسىنىڭكىگە ئاپىرىپ قويۇپ، بايامراق كېلىشىم ئىدى، چاي قايناتقۇچە ھايال بولۇپ قالدىم.

     ـــــ ئالدىراشچىلىق يوق. ـــــ دېدىم مەن كۈلۈمسىرەپ.

    ـــــ قانداق، يېقىندىن بۇيان سالامەت تۇرغانسىز؟

    ـــــ خۇدانىڭ ئىلتىپاتى ئۇكام، بويتاقچىلىقنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئاساسەن تېنچلىق.

    بىز بىر پەس كۈلۈشتۇق.

    ـــــ تازا ياخشى پەيتتە كەپتىمەن ئۇكام، ئۆيدە ئىككىمىزدىن باشقا ئادەم يوقكەن. ساڭا دەردىمنى تۆكىۋالاي. ـــــ مەن قىززىق چايدىن ئېغىزىمنى نەمدەپ قويۇپ دېدىم: ــــــ بالېنستتا سەن مېنىڭ كۆزۈمگە ئەجەپ ئىسسىق كۆرۈنگەن ئىدىڭ.

    ئۇ يېنىك كۈلۈپ قويدى ۋە سۆزۈمنى تىڭشاپ ئولتۇردى:

    ـــــ ئەسلىدە سەن يېزىپ بەرگەن ھېلىقى ئۇكۇلنى ھەپتىمۇ-ھەپتە ئۈزۈلدۈرمەي ئۇرغۇزۇپ كەلگەن ئىدىم، شۇ چاغلاردا قىينالماي، ساق ئادەملەردەك ئۆتۈرۋەردىم. يېقىنقى ئون بەش كۈندىن بۇيان سالغۇزۇش ئىمكانىيىتى بولماي قالدى، قارا...

    ــــــ نېمىشقا ئەمدى؟ ـــــــ ئۇ ھەيران بولغاندەك قارىدى.

    ــــــ مېنىڭ ئاساسلىق دەردىم ــــــ ئۇكۇلۇمنىڭ توختاپ قېلىشى، كېسىلىمنىڭ يەنە قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغان بىر ئاچچىق ئىش!

    ــــــ قانداق ئىش؟ قېنى ئالدىرىماي سۆزلەڭ.

    مەن قىززىق چايدىن ئوتلىۋېتىپ، چوڭ تىندىم ۋە گېلىمنى قىرقىپ قويۇپ سۆزلىدىم:

    ــــــ بىلىسەنغۇ، مەن بىر بويتاق. 18 يېشىمدىن تارتىپ ھېسابلىساقمۇ، توي قىلمىغىلى 20 يىلدىن ئاشتى. 22 يېشىمدىن تاتىپ ھېلىقى ئىدارىدە ئىشلەپ كىلىۋاتىمەن. مۇقىم خىزمىتىم، 3500 دىن چۈشمەيدىغان مائاشىم بولغىنى بىلەن ئاتا-ئانام، بىرەر ئۇرۇق تۇققىنىم يوق. ساڭا ئېيتىپ بەردىمغۇ: ئون يىلنىڭ ئالدىدا مېنى كىچىكىمدىن بېقىپ چوڭ قىلغان، ماڭا ھەم ئانا، ھەم دادا بولۇپ مېنى ئوقۇتۇپ مۇشۇ كۈنگە ئۇلاشتۇرغان تۇل ئاچام بالىياتقۇ بوينى راكى بىلەن ئۇ دۇنياغا مېنى تىكەندەك قويۇپ كەتتى...  يىغلاپ-قاقشاپ ئۆزۈمنى تۈگەشتۈرۈشكە تاسلا قالغانىدىم. كەتكەننىڭ كەينىدىن كەتكىلى بولمايدىكەن. ئەتراپقا ئۇزاق قاراپ قالدىم: يالغۇزلۇق، غېرىبلىق مېنى ئەر بولغىنىمغا قارىماي بىر ناتىۋان، ئاجىز قىلىپ قويدى. دوستلىرىم ئالدىمدا يالغاندىن كۆڭلۈمنى ياساپ: ‹‹سېنىڭ بىر ئوبدان خىزمىتىڭ بار، ئۆيۈڭ بار، ماشىناڭ بار. نېمە بۇنچە ئۆزۈڭنى تاشلىۋېتىسەن، ئەر كىشىدەك ياشىمامسەن؟›› دېيىشتى. ئۇلار پۇلى، ئۆيى، ماشىنىسى بولسا ئەر كىشىدەك ياشىغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئەمما مەن ئۇ چاغدا ئىشەنمەيتتىم، ھازىرمۇ ئىشەنمەيمەن!

    ئۇ سول قولىدا ئېڭىكىنى سىقىمداپ، قوشىمىسىنى تۈرۈپ، كۆزىنى پىيالىگە تىككىنىچە قاراپ ئولتۇراتتى. مەن خۇددى ئەڭ يېقىن ئادىمىمنى تاپقاندەك ئۆزۈمنى قويۇۋېتىپ سۆزلەرۋەردىم.

    ــــــ ئون بەش يىلنىڭ ئالدىدا بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالغان ئىدىم، بارا-بارا بىر-بىرىمىزگە ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالدى. قانداقلا گېپىم بولسا ئاچامغا ئۇدۇللۇق دەۋەرگەچكە، بۇ ئىشنىمۇ ئۇنىڭغا ئېيتتىم. ئاچام چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ:

    ــــــ بوپتۇ ئىنىم، بىز كۆپىيەيلى. مەن سۈرۈشتۈرۈپ ئۇنىڭ ئۆيىگە ئەلچى كىرگۈزەي. ــــــ دېدى. مەن خۇش بولۇپ، بۇ گەپنى ئۇ قىزغا ئېيتقان ئىدىم، ئۇمۇ خۇش بولۇپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ قىزنىڭ ئۆيىگە ئەلچى كىرگۈزۈلدى. ئادەم دېگەن ئېھتىياجىغا قاراپ ئاللىقانداق ئابرويلارنى قوغلىشىپ باقىدىكەن. قىزنىڭ ئۆيدىكىلىرى:

    ــــــ قىزىمىز كېيىن سىلەرنى جاپاغا سېلىپ قويىدۇ، سىلەرگە يۈك بولۇپ قالمىسۇن... ــــــ دېگەندەك شېكەر گەپلەر بىلەن ئەلچىلەرنى قۇرۇق ياندۇرۇپتۇ. قىز بۇ گەپنىڭ تېگىگە يېتىپ، يىغلاپ باقتى، قاقشاپ باقتى. مەنمۇ ئازابلاندىم. ئاخىرى: ‹‹بولدىلا، ‹كەلمىگەن تەلەيدە، ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟› دېگەننى ئويلاپ، تەقدىرىمگە تەن بەردىم. شۇنىڭدىن كېيىن توي قىلىشمقىمۇ رايىم يوقىدى... ئارقىدىن مۇسىبەت يۈز بەردى. مەن بۇ قىسمەتلەر ئىچىدىن تەنھالىقنى تاللىۋالدىم...

    ــــــ سۈرۈشتۈرۈپ باقتىڭىزمۇ، ئۇ قىز ھازىر ئانا بولۇپ بولغاندۇ؟

    ــــــ سۈرۈشتۈرمەمدىغان ئۇكام. ئىچىمدە ‹‹يالغۇز ياشايمەن›› دەپ قالايمىقان مېڭەمنى ئالداپ كەلگەن بىلەن، بۇ گۆش يۈرەكنى ئالدىغىلى بولمايدىكەن. ئەينى چاغدا بىزنى ئاجىز كۆرگەن قىزنىڭ ئۆيدىكىلىرى مۇسىبەتتە بولسىمۇ ئادەمگەرچىلىك قىلدى. مەن ئاچامنىڭ ۋاپاتىدىن بىر يىل ئۆتمەيلا ئۇنىڭ بىلەن يەنە تېپىشىۋالدىم. چۈنكى ئۇ شۇ چاغقىچە ئەلچىلەرنى قۇرۇق ياندۇرۇپ كەپتۇ. مەن چىن قەلبىمدىن ئۇنىڭغا:

    ــــــ بولدى، ئۆزىڭىزنى ھەم ئاتا-ئانىڭىزنى بۇنچە قىينىماڭ. لايىقىدا بىر ئەركەكنىڭ پېشىنى تۇتۇڭ. سىزنىڭ خۇشاللىقىڭىزنى كۆرسەم مەن ئۆزۈمنى يالغۇز ھېس قىلمايمەن. ــــــ دېسەم، ئۇ كۆزىگە ياش ئېلىپ:

    ــــــ بۇنداق دېمەڭ، بۇنداق دېسىڭىز مەن سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن... ــــــ دەپ يۈرىكىمنى ئەزدى...

    مەن ئۇزاق ئويلىنىپ، ئۇنىڭ بەختىنى تىلەپ ئازاب بىلەن ئۇنىڭدىن يىراقلاشتىم، تىرىك ئايرىلدىم... بىلىمەن: ھازىر ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى، بىر قىزى بار. چوڭ ئوغلى ئەمدىلا 8 ياشقا كىردى، كىچىك قىزى 3ياشقا...

    مەن چوڭ بىرنى ئۇھسىنىپ سۇۋۇپ قالغان چايدىن ئىچكەچ دوختۇرغا قارىدىم: ئۇمۇ ئۇھسىندى ۋە پىيالىدىن كۆزىنى ئۈزمىدى. ئارىنى بىردەم جىمجىتلىق باستى. مەن سۆزۈمنى داۋام قىلدىم:

    ــــــ ئۆزۈڭ بىلىسەن ئۇكام، بۇ كېسەل ماڭا چاپلاشقىلى ئەمدىلا ئۈچ ئاي بولدى. يا دوختۇردىن باشقىغا ئەھۋالىنى دېگىلى بولمىغان. ئۆتكەن قېتىم ئىدارىدىكىلەر مېنى يوقلاپ كەلگەندە ھەممىسى ‹‹نېمە كېسەل بولدۇڭلا؟›› دەپ سوراپ كېتىشتى. ھېلىمۇ ياخشى سەن يېنىمدا بولۇپ قاپسەن: ‹‹سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى›› دەپ بىر چىرايلىق چۈشەندۈرۈپ قويىۋېدىڭ،مەنمۇ خاتىرجەم بولدۇم، ئۇلارمۇ خاتىرجەم بولۇشتى. لېكىن، كېسەللىك ساڭا بەش قولدەك ئايان...

    ــــــ مەن سىزگە ئىلگىرىمۇ ئېيتقانغۇ، ئاكا، ـــــ ئۇ ماڭا قېرىنداشلارچە ھېسداشلىق نەزىرىدە قاراپ دېدى: ـــــ بۇ ‹‹سىبلىس كېسەللىكى›› ئۆزى جىنسىي كېسەللىك بولسىمۇ، ئەمما، جىنسىي مۇناسىۋەتتىنلا پەيدا بولمايدۇ. ھەم ئۆزىڭىز سۆزلەپ بەرگەن: ھازىرغىچە ئەر كىشىدەك ياشاپ كەپسىز، پەقەت بىر قىزغىلا ساداقىتىڭىزنى بىلدۈرۈپ كەپسىز، بۇ ئاسان ئەمەس! ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، سىزنىڭ كېسەللىكىڭىز بىر قېتىملىق قان سېلىش تۈپەيلى باشقىلاردىن سىزگە يۇققان... مەن ئېيتقانغۇ؟ بۇ كېسەللىك ‹‹ئەيدىز››گە ئوخشاش ئانچە قورقۇنچلۇق ئەمەس. ئاللاھ خالىسا، ۋاقتىدا، قەرەللىك ئۇكۇل ئۇرغۇزۇش، دورا يېيىش ئارقىلىق كېسەلنى ساقايتقىلى بولىدۇ... راست، قانداق قىسىنچىلىقىڭىز بولسا تارتىنماڭ، مېنى ئۆز ئىنىڭىز قاتارىدا كۆرۈڭ...

    ــــــ رەھمەت ئۇكام، مۇنچىلىك دېمەككىمۇ ئادەم لازىم بولىدىكەن، مەندەك يالغۇزغا...

    مەن ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ، مىننەتدالىقىمنى بىلدۈردۈم. ئىلگىرى بۇ ئۆيگە كىرىشتىن بۇرۇن خېلى كۆپ نەرسىلەرنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم: قىسقىسى، غورۇرۇم، ئەرلىكىمنىڭ پايخان بولماسلىقى ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان ئىدىم. ئالدىمدىكى بۇ خۇشچىراي يىگىتكە بۇنداق ‹‹ھىيلى››لىرىم نە كېرەك ئىكەن؟ بۇ قىلمىشىنى ئويلاپ، ئىچ-ئىچىمنى خىجىللىق قاپلىۋالغان ئىدى.

    ـــــ نېمىشقا ئوكۇلىڭىز توختاپ قالدى، دەپ سورىماي، ‹‹ياردىمىم تەييار›› دېگىنىڭدىن خۇش بولدۇم ئۇكام. شۇنداقتقمۇ ئاڭلىغىن، ـــــ كېيىنكى ئىشلارنى ئۇ سورىمىسىمۇ، مەن ئۇنىڭغا زور ئىشەنچ، مېھىر باغلاپ سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم: ـــــ خەلچەم ئۇ ھازىر پۇلغا بەكمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەن. ‹‹خەلچەم›› دېگىنىمنى چۈشەندىڭمۇ؟ ئۇ بايام ساڭا گېپىنى قىلىپ بەرگەن چوكان شۇ. ئۇنىڭ ئېرى ئۆپكە راكى بولۇپ قېلىپ، ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ بېشىغا كۈن چۈشۈپتۇ. مېنىڭ قاراپ تۇرغۇم كەلمىدى: نەچچە ۋاقىتتىن بېرى يىغىپ تۆشىگەن ئازغىنا پۇلۇم ۋە بىر يىللىق مائاشىمنى ئالدىن ئېلىش بىلەن ئاران 80 مىڭنى تەل قىلدىم. بۇ پۇلنى ئۇنىڭغا قانداق يەتكۈزۈش توغرىسىدا بەكمۇ كۆپ ئويلىشىپ كەتتىم. بىر ھەپتىدىن كېيىن ئامال تاپتىم. قانداق ئامال دېمەمسەن: خەلچەمنىڭ ئانىسى بىلەن يالغۇز كۆرۈشتۈم. ئاچامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇ ئايال بىلەنمۇ سۇس ئالاقە قىلىپ يۈرگەن ئىدىم. بۇ قېتىم ئۇ ماڭا ياردەم قىلدى: پۇلنى قىزىغا ئەۋەتىپ بېرىدىغان بولدى. قىزى: ‹‹بۇ نەدىن كەلگەن پۇل؟›› دەپ سوراپ قالسا، ‹‹ئىدارەڭدىكىلەر:‹ئاز بولسىمۇ كۆڭلىمىز› دەپ يىغىش قىلىپتۇ. قۇبۇل قىلغىن، سەن ھازىر بۇنىڭغا ئېھتىياجلىق!›› دەپ جاۋاب بېرىدىغان بولدى. خەلچەمنىڭ ئانىسى خەلچەمنىڭ ئىدارىدىكىلىرىگە مۇنداق جېكىلەپ قويىدىغان بولدى: ‹‹ئەگەر قىزىم سۈرۈشتۈرۈپ قالسا، ‹شۇنداق› دەۋېتىڭلار. چۈنكى مەن ئۇنىڭ: ‹ئاتا-ئانامنى جاپاغا سالغۇم يوق› دەپ، پۇلنى ئالغىلى ئۇنىماسلىقىدىن ئەنسىرەيمەن››. شۇنىڭ بىلەن ھاردۇقۇممۇ چىققاندەك بولدى. لېكىن...

    ـــــ لېكىن نېمە؟ ـــــ ئۇ كۆزۈمگە قاراپ سورىدى.

    ـــــ لېكىن، ئىككى ھەپتىدىن بۇيان شۇ ئىشلار تۈپەيلى ئۇكۇلۇمنى ۋاقتىدا ئۇرغۇزالمىدىم. شۇ سەۋەبمىكىن، كېسەللىك ئالامىتى يەنە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. شۇڭا سېنىڭ مەسلىھەتىڭنى ئالاي دېگەن.

    ـــــ خۇدايىم ئەجرىڭىزنى بەرسۇن، ئاكا! ــــــ ئۇ كۈلۈمسىرەپ ئازراق جانلاندى: ــــــ ئەنسىرىمەڭ، دېدىمغۇ. يەنە داۋالاشنى داۋام قىلايلى، تاكى، سىزدە كېسەللىك ئالامىتى يوقىغىچە... يېقىندا كۆپ ساۋابلىق ئىش قىلىپسىز، سىزدىن تەسىرلەنمەي تۇرالمىدىم. مېنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگىنىڭىز شۇ بولدىكى، سىزنىڭ 80 مىڭ يۈەننى باشقىلار ئۈچۈن خەجلىگىنىڭىزدىن كۆرە، خەلچەم ئاچاشقا ‹‹خەجلىگەن›› ساداقىتىڭىز بولدى. بۇ ساداقەت ئۇ پۇلدىنمۇ قىممەتلىك، بەلكى باھاسىز!

    ـــــ رەھمەت ئۇكام، ماڭا بۈگۈن ئەجەپ يالغۇزلۇقنى ھېس قىلدۇرمىدىڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ شۈكرى!

    ـــــ قانداق ئاكا، داۋالاشنى داۋام قىلىشقا تەييارمۇ سىز؟

    ـــــ ھەئە ئۇكام، مەن تەييار.

    ـــــ ئوكۇلىڭىزنى ئۆز قولۇم بىلەن سىزگە تۇتقۇزاي، بۇنىڭغا ياق دېمەيدىغانسىز؟

    ـــــ قانداق بولىدۇ، ئۇكام؟ ـــــ مەن ھاياجانلانماي تۇرالمىدىم، ئىككى قولۇمدا ئۇنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ، يېنىك سىلكىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا مىننەتدارلىقىمنى ئىپادىلىدىم: ـــــ بولدى، ھېلىمۇ سېنى كۆپ ئاۋارە قىلدىم. ساڭا مەن خېلى قەرزدار بولۇپ قالدىم، بۇ قايتۇرسا تۈگىمەيدىغان كۆڭۈل قەرزى ئۇكام.

    ـــــ نېمىلەرنى دەيدىغانسىز ئاكا؟ ـــــ ئۇ خۇددى خاپا بولغاندەك تەلەپپۇزدا يېنىك قىلىپ دېدى.

    ـــــ مەن قايتاي ئۇكام، ۋاقتىڭنى ئالدىم.

    مەن قولۇمنى بوشىتىپ ئورنۇمدىن قوزغىلىۋېدىم، ئۇ مۆرەمدىن بېسىپ تۇرۇپ:

    ـــــ مۇشۇنداق قۇرۇقلا ماڭماقچىمۇ سىز؟ نەگە ئالدىرايتتىڭىز بويتاق ئاكا، ئۆيىڭىزدە يالغۇز ئولتۇرىۋەرمەڭ، بۇ سالامەتلىككە زىيانلىق! ـــــ دېدى كۈلۈپ.

    ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي ئۇ مېنى ئېلىپ قالدى ۋە خوتۇنىغا تېلفۇن ئالدى:

    ـــــ ئۆيگە مېھمان كېلىپ قالدى، بالىلارنى كەچتە ئېلىپ كەلسىڭىزمۇ، ھازىرلا ئۆيگە كېلىڭ.

    ـــــ ئەستا، ئۇكام... مېنى بەكلا خىجىل قىلدىڭىزغۇ؟

    ـــــ ياق ئاكا، غىزا دېگەننى دوست-قېرىنداش بىلەن ئولتۇرۇپ يېسە بەك ھوزۇرلۇق، بەك سېڭىشلىك بولىدۇ.

    مەن دوختۇرۇم بىلەن چۈشلۈك تاماق يېگەن ئىدىم، ئەتتىگەندىن بېرى مېنى بىئارام قىلغان كېسەللىكىم خۇددى دورا-ئۇكۇل ئىشلەتكەندەك ئاللىقاياقلارغا يوقىغاندەك قىلاتتى.


    2015-يىل 8-ئاينىڭ 25-كۈنى سەيشەنبە، قاراقاش.

    مەنبە: ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۆز قەلىمى.

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315