كۆز يىشىمنى تاپالمىدىم

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-18 10:48
كۆز يىشىمنى تاپالمىدىم





بۈگۈن شەنبە بولغاچقا  ئەتگەندە سائەت 8گىچە ئۇخلاپتىمەن  ،خوش ياقمىغان ھالدا ئورنۇمدىن تۇرۇپ، يۈز كۆزۈمنى يۇيۇپ  ناشتىمۇ قىلماي كومپيۇتۇرنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئولتۇرۇپ تۇرشۇمنى بىلىمەن ،دادام كىرىپ سۆزلەپلا كەتتى ،
ھەي سەن قاچانلىققا ناشتا قىلىشنى ئۈگۈنىسەن ھە  نەچچە يىلدىن بۇيان ئەجەپ بىر دەپ ئۈگۈتۈپ بولالمىدىمغۇ ساڭا ،
ۋاي دادا مانا بۇگۈن ئۆيدە بوغاندىكىن سەل تۇرۇپ قىلىمەن .شۇنداق دىگىنىمچە كوميۇتۇرنى قوزغاتتىم ،
ھەي كىرىپ ئا بىرنىمەڭنى چىقىۋىتەمدىم يا گاچ قوپامسە ،
مانا مانا  يو ئاللا ئەجەپ شۇ ناشتا بىلەن قالىدىكەنسەن 
،ھە گاچ قوپ ،
يانا بىر نىمىلەرنى دىمەكچى ئىدىم بىراق دادامنىڭ يانا ئاغزى ئىچىلمسۇن دەپ گەپ قىلماي ناشتا قىلدىم ،ئاپام چۇشلۇك تاماقنى ئىتىشكە ھەركەت قىلىۋاتاتتى ،مەن بولسام  كومپيۇتۇرنىڭ ئالدىدا مۇنبەر ئارلاۋاتاتتىم تۇيۇقسىز تىلفۇنۇم سايراپ كەتتى ،ئىكراندا قەيسەرنىڭ نۇمرى تۇراتتى،
ۋەي 
ۋەي ھە ئاداش ئەمدى قوپقان ئوخشىمامسەن
ھەئە ئۆزەڭچۇ نەدە
مەن ھازىر سىرىتتا  چىقامسە ئادىلنىڭ دۇككىنىغا بىرىپ كىلىمىز 
ماقۇل ئەمسە شۇ يەردىلا كۆرشەيلى
ماقا خوش 
تىلفۇننى قۇيۇپ ئاپامنىڭ ما تاماق ئىتىۋاتىمەن دىگىنىگە قارماي ،ھە مەن كەلگەندە يەي دەپلا تالاغا ئۆزەمنى ئاتتىم ،،،،،،قەيسەر بىلەن ئادىلنىڭ دۇككىنىغا ئەمدى كىلىپ  ئولتۇراتتۇق تلفۇنۇم سايراپ كەتتى 
دادام  ..
يو ئاللا ئادەمنى بىردەممۇ تالاغا چىقاماي قاندا قىلىدىغاندۇ ،دىدىم مەن غۇدراپ ئالمىدىم ،يەنە ئۇرىۋەدى
3 قىتىم قەيسەر تىلغۇننى كۆرۈپ  
يو ئاللا ئاداش سىلەنىڭ ئۆيدىكىلە ر ئەگەر  سەن قىز بالا بوپ قالغان بولساڭ  بۇ تۇرقى 2    3  نەۋرىلىك بولاپ بولاكىن ھە سىنى كىچىلا ئەرگە بىرىۋىتىپ،،،ھا ھا ھا ھا
ھەي تىلفۈننى  ئال ئاداش 
ۋەي ھە دادا 
قاھار ئاكاڭ تۈگەپ كىتىپتۇ  ،ھازىرلا خەلىق دوختۇرغانسىغا بار،
نىمە 
تىلفۇن قويۇلۇپ بولغان ئىدى 
مەن دەرھال ئىككى  دوستۇمغا ئارتۇق گەپ قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەيلا يولغا يۈگۈردۇم 
تاكسى  
ئۇستام خەلىق دوختۇرغانسىغا 
يولدا كىتىۋاتىمەن كۆڭلۈمدىكىنى قانداق ئىپادىلەشكىمۇ ئاجىزمەن، 
قاھار ئاكام ئاپامنىڭ كىچىك ئىنىسى بولۇپ،  يىشى بەك چوڭ بولمىغاچقا ئۇنى كىچىكىمدىن ئاكا دەپ ئادەتلەنگەن ئىدىم ،ئۇ  ئادەتتە تولىمۇ خۇش خۇي  ئادەم بولۇپ بالىنىڭ كىچىكى بولغاچقىمكىن بەك ئەركىن چوڭ بولغان ئىدى ،چوڭ داداملا  چوڭ ئانام  بالدۇرلا تۈگەپ كەتكەچكە ئۇنىڭ غەمگۈزارىمۇ ،ئانىسىمۇ، ئاپام بوپ قالغان ئىكەن ،لىكىن كىينكى كۈنلەردە ئۇ ئىچكىرىگە چىقىپ كىتىپ ئاپامنى ئۆيدىكىلەرنى خىلىلا ساراسىمگە سىلىپ يۈردى ،ئۇ ئۆزگەردى ساق 7 يىل خۇتۇن بالىلىرىنى تاشلاپ قۇيۇپ شۇ تەرەپلەردە يۈردى، 
ئەلۋەتتە ئۇلارغا دائىم دىگۈدەك پۇل ئەۋەتىپ تۇردى، ئايالى بىلەن ئاپام تولا قاخشاپ يىنىپ كەل دىگەن بولسىمۇ كەلمىگەن ئادەم  ئۆزىچە ئۆتكەن يىلى يازدا يىنىپ كەلگىنىچە مۇشۇ يەردە ئىدى،
يىنىپ كىلىپلا تۇققانلارنىڭ توسقىنىغا قارىماي ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن ئوغلى جۈرئەتنى ئۆيلىدى ،
قىزى گۈلپەرى بولسا بۇ يىل ئالى مەكتەپكە ئىمتاھان بىرىپ ئۆتكەن ئىدى  ،، 
دوختۇرخانىغىمۇ كەپ قالدىم  ،يىڭى بىناغا ئەمدىلا كىرشىمگە لىفىتتىن يىغا زارا بىلەن ئاپام قاھاركامنىڭ ئايالى، قىزى گۈلپەرى،كىسەل كارۋىتىدا يۈزى يىپىقلىق ھالدا ياتقان قاھاركامنى ئىلىپ چۈشكەن ئىدى، 
ئاھ  ،،، بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ يۈركۈم قارتتىدە قىلدى،ئۇلار بىلەن قۇچاقلاشتىم ھەممىسى ماڭا ئىسلىپ يىغلىدى  لىكىن،، لىكىن شۇ دەقىقىدە ئۆز ئۆزەمگە شۇنداق ھەيران قالدىمكى يا ئاغزىمنى ماك قىلىپ بىر ئىغىز ۋاي ئاكا دىمەپتىمەن، يا كۆزۈمدىن بىر تامچە ياش يوق،ئاكامنى ئۆيگە ئىلىپ ماڭغان مىيىت ماشىنىسىدىمۇ 3 مەزلۇمنىڭ ھازى .....................
ئۆيگە كەلگەندە ئوغلى ئەمدى خەۋەر تىپىپتىكەن ،بىز ئىشىك ئالدىدا ئۇچرشتۇق ،ئۇنىڭ يىغىسىنى پەريادىنى دىمەي قوياي 

ئۆيدىكىلەر ئۇرۇق تۇققانلار  بىردەمدىلا تەرەپ تەرەپتىن بۇ ئۆيگە ئولاشتى، ئىشىكتىن كىرمەي تۇرۇپلا ھازا،
كىرگەنلەرنىڭ ھەمىسى بىر قىتىمدىن جەسەتنى قوچاقلاپ يىغلىشاتتى  ماڭا ئوخشاش ئۆزىنى تۇتۋالغانلار ئۇلارنى ئاجىرتاتۇق.
مەن بايا مەندەك ئۆزىنى تۇتۋالغانلا دىدىم ھە  توۋا توۋا مەن ئىشىك تۈۋىدە مىدىر قىدىر قىلماي تۇرۇۋاتىمەن 
باشقىلارغا تەسەللى  بىرىۋاتىمەن بىراق بىراق ئۆزەمگە ئوخشىمايلا قالدىمغۇ ،،،،نىمىشقا كۆزۈمدىن يا بىر تامچە ياش ياكى ئاغزىمدىن ۋاي جىنىم ئاكا دىگەندەك بىرەر ئىغىز گەپمۇ چىقمايۋاتاتتى،
بۇ ئۆلۈم تۇيۇقسىز بولغاچقا  ھەممەيلەن ھەسرەت نادامەتتە ئۇنىڭغا چىدىمىغان ھالدا يەرلىككىگمۇ قويدۇق،  ،نامىزىنى چۈشۈرگىچە ،تۇپراق بىشىغا ئىلىپ ماڭغۇچە ،يەرلىكىگە قويغۇچە دادامنىڭمۇ ئۆزەمنىڭ ئاكىسىنىڭمۇ بۇقۇلداپ يىغلىغىنىنى كۆردۇم ،يەنە ئۈنسىز ياش تۆككەنلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى ،لىكىن مەنچۇ مەن نىم بولدۇم  
مانا بۇگۈن 7نەزىرسىنىمۇ قىلىپ تۈگەتتۇق .لىكىن مەن يەنىلا شۇ بىر خىل ھالەتتە، يۈركۈم ئازاپلاندى، كۆڭلۈم يىرىم ،لىكىن يەنىلا بىر تامچە ياش يوق 
كەشتە كارۋىتىمغا ئۆزەەمنى تاشلىغاندىلا  چارچىغىنىمنى ھىس قىلدىم ،لىكىن كۆزۈمدە ئۇيقۇ يوق 
توۋا مەن نىم بولدۇم بۇرۇنلاردا تولمۇ ھىسياتچان كۆڭلۈم يۇمشاق بىر بالا ئىدىم،ئالى مەكتەپكە بىرىپ  ئاپام مىنى ئوتۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇپ يۇرتقا قايتىپ ماڭغان كۈنى كەشتە  ياتاقتا يوتقاننى ئىچىمگە تىقىۋىلىپ يىغلىغان مەن ئىدىمغۇ ،ئۆيدىن ئايرىلىپ باقمىغاشقا ئۆيدىن ئانامدىن ئايرىلىغىنىمغا  جۈملىدىن بۇ يات شەھەردە يالغۇز قالغاندەك ئىچىمگە ئىلىپ ئەتىسى ئاغرىپ قالغان ئىدىم شۇ ياتقانچە  ئاغرىپ يىتىپ قالدىم 3- كۈنى ئەتگەندە  ياتاقدىشىمنىڭ كۆينىشى بىلەن  ئورنۇمدىن تۇرۇپ مەكتەپ ئىچىدىكى ئاممىۋى  تىلفۈندىن ئۆيگە تىلفۈن قىلدىم 
ۋەي ؛؛ بۇ ئاپامنىڭ ئاۋازى ئىدى ،
ۋەي ئاپاممۇ ،دەپلا ئىسىدەپ يىغلاپ كەتتىم گەپمۇ قىلالماي قالغان ئىدىم ،
ياتاقدىشىم ۋوي نىمانداق قىز بالىدەك قىپ يۇرۇيسەن دەپ تلفۈننى بىسىۋىتىپ يىغام توختىغاندا ئاندىن قايتا تىلغۇن قىلىپ كۆرۈشكەن ئىدىم ،
شۇ چاغدىكىى باغرى يۇمشاق مەن ھازىرقى مەن شۇمۇ
تىتانىك فىلىمىنى تۇنجى قىتىم كۆرگەندە كۆزۈمدىن ئىختىيارسىز ياش چىقىپ كەتكىنىمۇ ئىسىمدە ،
يەنە بەزى رومان كىتاپلارنى ئوقۇۋىتىپمۇ بەزى ئادەمنى ئىزىدىغان جايلىرىغا كەلگەندە بوغزۇم ئاچچىق بولۇپ كۆز يىشىمنى تۇتۋالامىغان ۋاقىتلىرىممۇ بولغان 
تۇنجى ماۋسۇمنى تۈگىتىپ تەتىل قىلىپ ئۆيگە ماڭغان ئىدىم ، ئۆيدىكىلەر پويىز بىلىتىنى ئەپ بولۇپ تىلفۈن قىلىۋەت ئالدىڭغا چىقايلى دىسە  ،ۋاي مەن ئۆزەم ئۆينى تاپالايمەن بولدى چىقماڭلا دەپ چىڭ تۇرۋلغان ئىدىم،تەتىل ۋاقتى بولغاشقا پويىزدا 100دە 90پرىسەنىت دىگۈدەك ئوقۇغۇچى باللار ئىدى، ئورۇندۇقنىڭ جاپاسىمۇ كۆزىمگە كۆرۈنمىدى، باللار بىلەن ھەرخىل ئويۇنلارنى ئويناپ پاراڭلىشىپ ناخشا ئىيتىپ ئەيتاۋۇر پەقەت زىرىكمىدىم ،پويىز ئاخىرى قەشقەرگە يىتىپ كەلدى ،ئىچىمدىكى خوشاللىقنى تەسۋىرلەپ بولالمايمەن ،لىكىن ئويلىمىغان بىر ئىش، پويىزدىن چۈشسەم ھەممە ئەتراپ بالىلىرىنى ئالغىلى چىققان ئاتا ئانىلار بىلەن تۇشۇپ كەتكەن ئىدى ،ھەممە يەردە قۇچاقلىشىپ كۆرشۇشلە ،،ئانا  ،ۋاي مانا مەن  بالام ،دەپ بىر بىرىگە يۈگۈرۈشلە ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، ئۆزەمنىڭ ئۆيدىكلەرنى چىقماڭلا دىگىنىمگە مىڭ پۇشايمان قىلدىم ،ئاجايىپ يالغۇزلۇق ھىس قىلدىم،يىغلىۋەتكىلى تاس تاس قىلۋاتاتتىم ،پويىز بىكتىدىن   سومكىلىرىمنى كۆتۈرۈپ  ئەمدى چىقىشىمغا  تۇنۇش بىر ئاۋاز 
ئىليار   ،،،ھەي ئلىيار مانا بىز 
سول تەرپىمدە ئاپام ئاچام داداملا تۇراتتى، سومكامنى تاشلاپلا ئاپامغا ئىتىلدىم  .ئاچام بىلەن دادامنى قۇيۇپ ئاپامغا گۈرە سىلىپ ئۈن سىلىپ تازا يىغلاپتىمەن  
مۇشۇ ھالىڭغا بىكەتكە چىقما دىگەنمىتىڭ يەنە بىردەم چاقىرمىغان بولساق  يەدە ئولتۇرۇپلا يىغلىۋىتەتىڭ قاراپ تۇرسام كۆزلىرىڭ مۆلدۈرلەپ ئاران چىقتىڭ دىدى ئاچام چاق چاق ئارلاش ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

دىسەم بۇنداق تەسىرلىك ئىشلار خىلى بار ،دىمەك مەن شۇنداق بىر كۆڭلى يۇمشاق بالا ئىدىم ،
مەن ئۆزگەرگەن ئىدىم ،ئالى مەكتەپ ،جەمىيەت مىنى ئۆزگەرتكەن ئىدى ،لىكىن بۇنچىلىك باغرى تاش بوپ كەتكىنىمگە ھازىرمۇ ئىشەنمەيمە ،،،،
شۇ تاپتا قايسى بىر كىمنىڭ مۇنداق بىر گىپى يادىمغا كلىلىۋاتىدۇ ،[كۆز ياشلىرىڭىزنى قەدىرلەڭ ،ئۇ قەبرە بىشىدا لازىم بولدۇ] 
ئادەم دىگەن ئاجايىپ بولىدىكەن، مۇشۇ قۇرلارنى يىزىۋاتقىنىمدا  ئۆتۈشۈممۇ،  تاغاممۇ ،ئاشۇ تەسىرلىك كۆرنۇشلەرمۇ،كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈپ كۆزۈمگە لىق ياش كىلىۋاتىدۇ ،،،لىكىن تۆكمۈدۈم ،تۆكمەيمەن ئەمدى  مەن يىگىت بولدۇم بۇرۇنقى كىچىك بالا ئەمەس كۆز ياشلىرىمنى ئەمدى قەدىرلەيمەن  ،لىكىن يەنىلا كۆڭلۈم بىر قىسمىلا نىمىشقا شۇ چاغدا ، شۇ ئۆلەم بولغاندا يىغلىيالمىغاندىمەن،
تۈگىدى ،
مەنبە 'ئۆز قەلىمىم  

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315