بۇزۇلغان كۆڭۈل

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-18 10:45
 
ھىكايە
                       



دوختۇرخانىنىڭ قۇتقۇزۇش بۈلمىدە بىر ئانا ئەمدىلا 27نىڭ قارسىنى ئالغان قىزنىڭ سوغوق جەسدىنى قۇچاقلاپ،ئىچ-ئىچدىن ئۈكسۈپ-ئۈكسۈپ،بارچە ئاۋازنى قۇيۋىتىپ  يىغىغا چۈشتى،يەنە بىر ئانا بولسا   35ياشلار چامىسدىكى كىلشكەن ئوغلىنىڭ  جەسىدىنى قۇچاقلاپ كۆزلىردىن ئۈنچىدەك ياشلىرنى تۈكۈپ ،ئىسەدەپ يىغىغا چۈشكەن بۇلۇپ ھىلىلا يىقلىپ چۈشدىغاندەك  نازۇك تەنلىرى تىترەيتى،ئۆز- ئۈزگە تاپا قىلاتتى ،ئۇ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئوغولدىن ،كىلنىدىن ئايىرلىپ قالغىنغا  ئىشنەلمەيتى،قۇچقىدا ئۈنسىز ياتقان ئوغلنىڭ ئىسمنى شۇنچىلك زەئىب ئاۋازدا چاقىراتتى,

پۇلات...ئوغلۇم پۇلات مىنى تاشلاپ كەتمە ئوغلۇم ........... ،لىكىن ھىچ بىر سادا يوق،كىچىك ئوغلىنىڭ ئىسمنى چاقىراتتى.

-پەرھات ..پەرھات.... لىكىن ئۇمۇ يوق .......   

ئىككى ئانىنىڭ نالىسگە ،كۆز ياشلىرغا چىديالمىغان سىستىرالارمۇ  ئۇلارغا تەسەللى بىرىپ توختاتماقتا يوق ئۇلارغا قۇشلۇپ يىغلايتى ،بەزىلىرى تەسەللى بەرمەكچى بۇلاتىيۇ لىكىن قانداق تەسەللى بىرىشنىمۇ بىلەلمەيتى.

بىچارە مىھرىبان ئانىلارنڭ سۇلغۇن چىرايغا ،ئۈنچىدەك تۈكلىۋاتقان ياشلىرغا،ئاچچىق نىدالىرغا بەرداشلىق بىرەلمىگەن ئاسمانمۇ،بۇلۇتلارمۇ  ئۇلارغا قۇشلۇپ كۆز ياش قىلۋاتقاندەك  زىمنغا يامغۇر سۇلىرنى تۈكۈشكە باشلىدى ،دەرىزە ئەينىكىگە ئۇرلۇپ چۈشۋاتقان يامغۇر سۈيى ئانلارنىڭ ياشلىرنى تۇلۇقلاۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرەتتى .

بۇ مۇسىبەتلىك مىنۇتلارنى دوختۇرخانىدا  قۇيايلى ،ئانىلارمۇ  ئىچ- ئىچدىن يىغلاپ ئازاپلىرنى شۇ كۆز ياشلىرى بىلەن ئېقتىۋەتسۇن،بەلكىم شۇ چاغدىلا ئۇلارمۇ بىر ئاز يىنكلەپ قېلشى مۇمكىن ،ئەمدى بىز ھىكايمىزنىڭ باش قىسمىغا قايتايلى .

ھېلقى ئاپئاق كىرلىكلەر ئىچدە ئۇزۇن كىرپىكلىرنى مەڭزىگە سايە تاشلىتىپ خۇددى ئۇخلاۋاتقاندەك  ياتقان يۈزلىرى قاشتېشدەك سۈزۈك ،ئەگىم قاشلىرى ،قارلىغاچنىڭ قۇيرۇقىدەك،ئىنچىكە ،ئېقىپ چۈشكەندەك كۈرنىدىغان ،قارچۇغا  تۇمشۇقىدەك سەل ئىلمەكرەك بۇرنى،يۇملاق يۈزلىرگە تۇلمۇ ماس كەلگەن    ،قاپقارا ،بۈدىرە دولقۇنسىمان چاچلىرى كارۋات يۈزىگە  يېيىپ  ياتقان قىز ، شەھەرلىك نوختۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ   ئۇسۇل ئۇقۇتقۇچسى   مەلىكە ئىدى ،ئۇنىڭ كىلشكەن بوي تۇرقى،تۇلمۇ چىرايلىق ،گۈزەل چىرايى ،يۇغان قاپقارا كۆزلىرى ،ئۇماق كىچكنە لەۋلىرى  ئۇنى بىر كۆرگەنلىكى كىشگەچۆچەكلەردكى مەلىكلەرنىىڭ تۇرقنى ئەسكە سالاتتى ،ئۇنىڭ ئاتا- ئانسىمۇ  ئۇنىڭ مۇشۇنداق گۈزەل چوڭ بۇلدىغننى بىلدىغاندەك  ئىسمنى مەلىكە قويغان ئىدى . ئانسى مەلىكەنى تۇغۇپلا بالياتقۇسدا  ئۆسمە بارلىقنى بىلپ ئوپراتسىيە قىلدۇردى،ئۆسمە خلى چوڭيۇپ كەتكەن بولغاچ دوختۇرلار ئۇنىڭ بالا ياتقۇسنى  كىسۋەتتى،ئۇنىڭ قايتا پەرزەنت كۈرۈش ئىقتىدارى  يوق بولدى،شۇنداق قىلپ مەلىكە يالغۇز قىز،مۇشۇ ئائىلنىڭ يالغۇز ئەتىۋارلىق مەلىكىسى بوپ قالدى . ئۇنىڭ  مۇزىكا ھىسلىرى دادسى مۇرات  ئاكنىڭ كۈندە دىگدەك چالدىغان  دۇتتار ئاۋازى بىلەن تەڭ ئويغاندى ، كىچكىدىنلا مۇزكىغا زور ئىشتىياقى بار قىز بولدى ،تىلى ،بىلەن ئايقى چىققاندىن باشلاپلا گۇڭراپ دادسى ئېيتقان ناخشىلارغا جۈر بۇلاتتى ،بەزىدە  بۇدرۇق قوللىردىن ئۇماق ھەركەتلەرنى چىقرىپ تايتاڭلاپ ئۇسۇل ئويناپمۇ قۇياتتى ،ئۇنىڭ تاتلىق قىلقلىرى،ئۇماق كۈلكىسى بۇ ئائىلنىڭ ئەڭ زور خۇشالىقى ھىسابلىناتتى ،ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ قىزقىشى بۇينچە ئۇنى كىچكىدىن باشلاپلا  مۇزىكىدا مەخسۇس تەربىيەلىدى ،دەم ئېلىش كۈنلىرى  قەيەردە ئۆسمۈرلەرگە  مۇزىكا كۇرسى ئاچسا شۇ يەرگە ئارلىق يىراق بولسىمۇ ئېغىر كۆرمەي  ئاپرىپ   قاتناشتۇردى ، ئەتراپلىق تەربىيلەنگەن بۇ قىز تۇغما تالانتى ۋە ئۈزنىڭ تىرشچانلىقنىڭ نەتىجىسدە  كىچىك تۇرۇپلا داڭلىق سەنئەت يۇرتىدا تەربىيلىنىش شەرپىگە ئىرشتى ،ئۇقۇشنى تاماملاپ بولغاندىن كىيىن بىر مەزگىل  شەھەلىك سەنئەت ئۈمەكتە ئىشلەپ يۈردى،ئۇنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالاھىدلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ئۈمەكتە تۇلمۇ ئەتۋارلاندى ،لىكىن خىزمىتى رەسمى بولمىغاچ ئۈيدىكلەر بۇلۇپمۇ دادسى ئۇنىڭ سەنئەت ئۈمەكتە ئىشلەپ يۈرشنى خالمىدى،شۇنداقتىمۇ يەنىلا قىزنىڭ رايىغا بېرىپ بىر مەزگىل مۇقىم خىزمەت تاپقىچە ئىشلىشگە قۇشۇلدى . ،ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرشىدىن تارتىپ كىينىشلىرگىچە شۇنچىلك ئەركىن،شوخ چوڭ بولغاچقىمۇ  مىجەزى باشقىلاردىن پەرىقلىنىپ تۇراتتى ،بىر كۈرۈشكەن ھەر قانداق كىشى بىلەن شۇنچىلك ئاسان  چىقشىپ كىتەلەيتى،ئۈمەككە كىرگەندىن كىيىن ئۇ ئۆز ئالاھىدىلكنى جارى قىلپلا قالماستىن ،ئۈمەكتىكى پىشقەدەملەردىن  تەلىم ئالدى،ئۇنىڭ خۇش چاقچاق مىجەزى ،گۈزەل چىرايىدىنمۇ بەكرەك ،جەلىپ قىلارلىق ئىدى ،ئۇنىڭغا تەڭتۇش قىزلار ھەۋەس بىلەن قاراپ قالسا ئۇغۇللار  شۇنچىلك ئامراقلىق قىلاتتى،ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگرەيدىغانلارمۇ كۆپ ئىدى.

مەلىكە سەنئەت مەكتەپتە ئۇقۋاتقىندا باشقا شەھەرلىك ،ئۈزدىن ئىككى يىل بالدۇر بۇ مەكتەپكە ئۇقۇشقا كەلگەن ،تۇلمۇ كىلشكەن ،مەردان ئىسملىك مۇزىكانىت بىر يىگىت بىلەن تۇنشۇپ قالدى ،ئۇلارنىڭ تۇنشۇش جەريانىمۇ شۇنچىلك شوخلۇق بىلەن باشلاندى، 

،مەردان مەلىكەدىن قېلىشمىغدەك شوخ،ئەركىن ،چىقىشقاق،كەسىپكە پىششىق يىگىت ئىدى .ئۇ مەكتەپتىكى  يىگىتلەر ئىچدە ئەڭ كىلشكەن يىگىتلەردىن ھىسابلىناتتى ،ئىگىز كەلگەن بوي بەستى ،قاپقارا قۇشۇما قاشلىرى،دولقۇنسىماق يىرىك چاچلىرى ،قىزلارنىڭكىدەك سۈزۈك كەلگەن ئاق پىشماق يۈزى ،قۇڭۇررەڭ چوڭ كۆزلىرى  ئۇستا رەسسام سىزغان يىگىتلەرنىڭ ئوبرازىدەكلا شۇنچىلك ماسلاشقان  بۇلۇپ  قىزلارلا ئەمەس ئۇغۇلارمۇ ھەۋەس قىلغۇدەك  يىگىت دىيلسە  ئارتۇق كەتمەيتى ئەلۋەتتە.

مەلىكە سەنئەت مەكتەپكە قۇبۇل قىلنىپ ئۇزۇن ئ
ۆتمەيلا ،مەكتەپتە  بىر قېتىملىق ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى ،مۇسابىقىگە ئاساسى جەھەتىن  كونا ئۇقۇغۇچلار قاتناشقان ئىدى ،مەلىكە كۈرۈرمەن سۈپتىدە  سەھنە ئالدىدىن ئۇرۇن ئالدى ،يېنىدىكى قىزلار بىلەن چاقچاقلىشىپ ئولتۇرۇپ ئۇيۇنىڭ باشلىنشنى كۈتتى ،بۈگۈن قىزلارنىڭ ھەمىسى شۇنچىلك چىرايلىق بۇلۇپ كەتكەن بۇلۇپ ،بىر بىردىن قېلىشمىغدەك دەرجىدە ياسنىشىپ چىرايلىق گىرىم قىلشىپ  دەرسىكە چىقدىغان ھالىتىدىن خىلىلا پەرقىلىنىپ قالغان ئىدى ،شۇ چىرايلىق قىزلار ئىچدە مەلىكە ئالاھىدە پەرىقلىنپ تۇراتتى ،ئۇنىڭ ئۇزۇن قۇڭۇرەڭ بۈدرە چاچلىرى ،ئۇنىڭ مۈرىلىرگە  يېيلىپ  نازۇك يەلكىلىرنى  تېخىمۇ نازۇك كۆرسىتەتتى ،كىيۋالغان يارشىملىق  قىزغۇچ سېرىق كۆينىكى  ئۇنى تېخمۇ ئاق سۈزۈك كۆرسىتەتتى  ،سۇسلا قىلغان گىرملىرى ئۇنى تېخمۇ جەزبىدار قىلۋەتكەن بۇلۇپ بىرقارغان كىشنىڭ قايتا يەنە بىر قارغۇسى  كىلەتتى ، مۇسابىقە باشلىناي دىگەندە ئۇنىڭ سىنىپ مۇدىرى  سەمى مۇئەللىم  ئۇنىڭ يېنىغا كىلپ سىرتقا چىقىشنى ئېيتىپ زالنىڭ يان ئىشكى تەرەپكە ماڭدى،سەمى مۇئەلىمنىڭ  تۇيۇقسىز ئۇنى چاقىرشدىن  مەلىكە سەل تەئەجۈپلىنىپ قالدى ، نىمە ئىش بولغىننى بىلەلمەي تەمتىرگىنچە  ئۇنىڭ كەينىدىن تاپ بېسىپ سىرتقا ماڭدى ،يېنىدىكى قىزلار  ئۇنىڭ كەينىدىن قارغانچە ھەر خىل پەرەزلەرنى قىلپمۇ ئۈلگۈردى ،بىرى چۇقۇم مۇئەلىم مۇشۇ پۇرسەتىن پايدىلنىپ ئۇنىڭ بىلەن ئىشخانىسدا مەلىكەگەقاراپ  تازا بىر ھۇزۇرلانماقچى،دىسە بىرى ئۈيدىكلىرى كەلدىمكىن دىسە ،يەنەبىرى مۇھەبەتلىرى ئىزدەپ كەلدىمكىن دىيشىپ ھەر خىل پەرەزلەر بىلەن ئۇنىڭ غەيۋىتنى باشلىدى ،سەتنىڭ ھالى يامان چىرايلىقنىڭ دەردى ،دەپ كىم ئېيتقان بولغىيتىكىن تاڭ ،ئۇنىڭ چىرايلىقلىقى ،گۈزەل تۇرقى ئۇنىڭغا خۇشالىقلا ئاتا قىلپلا قالماستىن يەنە مۇشۇنداق غەيۋەت،گۇمانلار ئارسىغمۇ تاشلاپ ئۈلگۈردى ، كىم ئۇنى مۇنچە چىرايلىق بوپ كەتسۇن دەپتىكەن .مەلىكە سىرتقا چىقىپلا سەمى مۇئەللىمنى ئىزدىدى،زالنىڭ سىرتىدا ئۇقۇغۇچلار تۇلمۇ كۆپ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە سەمى مۇئەللىمۇ يېشى ئانچە چوڭ بولمىغاچ خۇددى ئۇقۇغۇچلاردەكلا كىيىم كىيپ يۈرگەچكىمۇ  بۇ كىچدە ئۇنى ئۇقۇغۇچلاردىن ئايرىماق تەس ئىدى ،مەلىكە ئەتراپقا بۇينداپ قاراشقا باشلىدى ،تۇيۇقسىز بىرنىڭ

-ۋوي ساختىپەز،پۇتىڭىز ساقيىپتىغۇ ؟-دىگنىچە  مۈرسىگە پاق قىلپ ئۇرشىدىن چۈچۈپ كەينىگە قاردى قاردىيۇ،كۆز قارچۇقى قېتىپ  قالغاندەك چەكچىيپلا قالدى ،بۇ دەل ھېلقى كىلشكەن يىگىت مەردان ئىدى ،ئۇنىڭ مۈرىسدە باس گىتتار بار ئىدى،مەردانمۇ تەمتىرەپ نىمە دىيشنى بىلەلمەي قالدى ،غۇۋا چىراق يۇرقىدا ئۇ مەلىكەنى بىرسىگە ئوخشۇتۇپ خاتا تۇنۋالغان ئىدى،ئارنى بىر پەس جىمجىتلق باستى ،مەلىكە سەمى مۇئەلىمنىڭ ئۈزنىڭ ئىسمنى  چاقىرغان ئاۋازدىن  سەل ئىسنى يىغىپ مەردانغا  ئۈزمەي قاراۋتقان كۈزنى ئاۋاز چىققان تەرەپكە  ئېلىپ قاچتى ،سەمى مۇئەللىم  سەل نېرراقتا ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى،مەلىكە چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ سەمى مۇئەللىم تەرەپكە قاراپ ماڭدى،مەردان ئۇنىڭ ئۇزاپ كىتۋاتقان ھالتىگە قاراپ  تۇرۋەتكەندىن كىيىن  بوش ئاۋازدا،

-كەچرۈڭ ،خاتا تۇنۇپ قاپتىمەن –دىدى،مەلىكە ئارقىغا قايرىلپ كۈلۈمسىرگىنچە ،

-ھىچقىسى يوق ،بۇنداق ئىشلار بۇلۇپ تۇردۇ –دىگىنچە ،سەمى مۇئەللىم تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى ،بەلكىم  مەلىكەنىڭ  بۈگۈندىن باشقا ۋاقىتلىرى بولسا  مەردان بىلەن بىردەم سۇقۇشقانمۇ بۇلاتتى ،ۋە ياكى ئۇنىڭ ئۇزاق چۈشەندۈرۈشلىردىن كىيىن ئاندىن ئۇنى كەچۈرۋىتشى مۇمكىن ئىدى،لىكىن ئۇ مەردانىڭ شۇ سىزما سۈرەتىكدەك كىلشكەن بوي بەستنى ،قارا قاش ئاستىدىكى يۇغان نۇرلۇق كۆزنى ،پەقەت ئۇغۇلارغىلا خاس توم ،قېلىن كەلگەن شۇ لەۋلەرنى كۈرۈپ تىلى تۇتلۇپ قالغاندەك  گاچلىشىپ ،ئۈزىچە كەڭ قۇرساقلىقى تۇتۇپ ئارتۇق گەپمۇ قىلالمىدى ،مەردانمۇ  ئۈزنىڭ شوخلۇق قىلپ ،باشقا بىرسىمىكىن دەپ مەلىكەگە چاقچاق قىلپ سالغىنغا شۇنچىلك خىجىل بولدى،دىمسىمۇ مەلىكە مەردانىڭ بۈگۈنكى مۇسابىقىدە  بىرگە سەھنىگە چىقدىغان  ساۋاقدىشغا بەكلا ئوخشاپ قالغان ئىدى،لىكىن مەلىكەنىڭ ھۇدۇقىنچە ئۇنىڭغا قايرىلپ قارشىدىن مەردان تۇلمۇ ئۇڭايسىزلاندى،ئۇنىڭ چاقچاق قىلغنى ساۋاقدىشى ئەمەس بەلكى پەرىزاتتەك،چىرايلىق،چىرايدىن ئۇماقلىقى چىقىپ تۇردىغان كىچكلا بىر قىز ئىدى،ئۇ مەكتەپتە ئۇقۋاتقان جەرياندا شۇنچە كۆپ چىرايلىق قىزلارنى كۆرگەن بولسىمۇ لىكىن مەلىكەنىڭ ئالدىدا   ئۇ چىرايلىقلار ھىچنمگە ئەرزىمەيتى ،مەردان جىدىيلىشىپ ئۇنىڭدىن كەچرۈم سۇراشقىمۇ پىتنالمىدى،خۇددى گاچا بوپ قالغاندەكلا ،بەلكىم مەلىكە ئۇنىڭ ئالدىدىن كىتىپ  قالمىغان بولسا مەردان ئۇنىڭغا يەنە بىر ئۇزاقىچە ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇرشى مۇمكىن    ئىدى.

مەردان باس گىتارنى مۈرسىگە ئاسقىنچە تۇرغان ئىزدا 

ھاڭۋېقىپ مەلىكەنىڭ كەينىدىن قاراپ تۇرۇپ قالدى .مەلىكەمۇ خۇددى ئۇنىڭ كەينىدىن قاراۋاتقىنى سىزۋاتقاندەك تۇلمۇ جىدىيلىشىپ سەمى مۇئەللىمنىڭ  ئالدىغا باردى ،سەمى مۇئەللىم ،تەشۋىقات بۈلمىدە خىزمەت قىلدىغان يەنە بىر ئۇقۇتقۇچى  بىلەن مەلىكەگە قاراپ تۇراتى،ئۇ كىلشى بىلەن سەمى مۇئەلىم يېنىدىكى ئۇقۇتقۇچىغا ،

-قېنى  ئۈزىڭ بىرەر ئىككى ئېغىز  ئىمتاھان ئېلىپ باقە ،ئۈتۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس –دىگنىچە مەلىكەگە قاراپ  كۈلۈمسىرەپ قويدى،مەلىكە  سىنىپ مۇدىرنىڭ چۈشنىكسىز پارىڭدىنمۇ ياكى بايقى ھاڭۋېقىپ قاراپ قالغان مەردان تۈپەيلىمۇ ئىش قىلپ بىر گاڭگىراش ھىسياتىدا  تۇرۇپ قالدى .تەشۋىقات بۈلمىدىكى مۇئەلىم ئۇنىڭدىن ،

-سىز بۇرۇن سەھنىلەردە ئۇسۇل ئويناپ باققانمۇ ؟-دەپ سۇردى،مەلىكە كىچكىدىنلا شەھەرلىك ئۆسمۈرلەر سەنئەت مۇسابىقىلىردە  سەھنىلەردە ئۇسۇل ئويناپ كۈنۈپ كەتكەچ تەمتىرمەيلا ،

-ئويناپ باققان –دىدى زىل ئاۋازدا ،

-بۈگۈنكى مۇسابىقىدە بىر  مەيدان ئۇسۇل ئوينىيالامسىز ؟-دەپ سۇردى،ھېلقى مۇئەلىم  تومتاقلا  قىلپ ،مەلىكە  

-ئەگەر پۇرسەت بولسا چۇقۇم ئويناپ بىرمەن ،لىكىن مەن مۇسابىقىگە قاتناشمىغان ،ھەم تىزملاتمىغان تۇرسام –دىدى ،يەرگە قاراپ تۇرۇپ ،

-نىمە مۇسابىقىگە قاتنىشىش قاتناشماسلىقكەن ئۇ؟ مانا مەن قاتناشتۇرمەن،مىنڭ  نەۋرە ئىنىم  ناخشا ئېيتماقچىتى ،ئۇنىڭ ناخشىسىغا ئۇسۇل ئوينايدىغان قىزنىڭ مەشىق جەريانىدا پۇتى قايرىلپ كىتپتۇ ،ئۇنىڭ ئورنىغا سىز  ئويناپ بەرسىڭىز قانداق-دىدى ،ئاۋازنى سەل كۈترۈپ ،مەلىكە 

-مىنڭ سەھنىدە كىيدىغان كىيملىرمنى ئېلىپ كەلمەپتىمەن .ئۈلگۈرەلەرمەنمۇ ؟-دىدى،بوش ئاۋازدا ،

-ھېلقى قىزنىڭ بوي تۇرقى سىزگە ئوخشاپ قالدۇ،شۇنىڭكىنى كىيسىز ،خاتىرجەم بۇلۇڭ،جۈرۈڭ ،ئىنمنىڭ يېنىغا باشلاپ باراي ،ناخشىنىڭ ئاھاڭدىن خەۋەردار بۇلۋېلىڭ  –دىگنىچە مەلىكەنىڭ ئالىدا يول باشلاپ ماڭدى ،سەمى مۇئەللىم  مەلىكەگە  ئۇنىڭ  ئۇرۇنلاشتۇرشنى  ئوبدان ئاڭلىشنى تاپلاپ زال تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى،مەلىكە  ھېلقى ناتۇنۇش مۇئەلىمنىڭ كەينىدىن تاپ بېسىپ ماڭدى ،تۇيۇقسىز ئۇرۇنلاشتۇتۇلغان ئۇرۇنلاشتۇرۇشتىن ئازراق جىدىيلىشپمۇ قالدى ،شۇنداقتىمۇ بايقى   ئۈزگە ئىشنىش تۇيغۇسى ئۇنىڭ جىدىيلىكنى بېسىپمۇ ئۈلگۈردى ،ئۇلار  تەييارلىق ئۈيگە كىرىپ كەلدى ،بۇ ئۆي چوڭ  زالنىڭ سەھنىسنىڭ ئارقىسغا جايلاشقان بۇلۇپ،بۇ چوڭ ئۆي قېلىن پەنەركىلەر ئارقىلق نەچچە ئېغىز  كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۈيى،يەنە گىرىم قىلش ئۈيلىرىگە بۈلۈنگەن ئىدى ،   رەڭگارەڭ كىينگەن قىز ئۇغۇللار  ئالدىراش ئۇيۇن قۇيۇشقا كىرشىپ كەتكەن ئىدى .ناتۇنۇش مۇئەلىم  مەلىكەنى باشلاپ ئىچكىرگە كىردى ،مەلىكە ئەتراپقا قىزقسىنىپ قاراشقا باشلىدى،ھەممە ئادەم شۇنچىلك جىددى كۈرنەتتى . 

-مەردان بۇياققا كىلە-دىگەن ئاۋازدىن مەلىكە  چېچلىپ كەتكەن قالايمىقان ھىسلىرنى يىغىپ  مۇئەلىلىمنىڭ ئالدىغا كەلگەن بالغا قاردى. قاردىيۇ  ھەيرانلىقتىن كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى ،بۇ دەل بايقى كىلشكەن يىگىت مەردان ئىدى ،مەردانمۇ مەلىكەنى كۈرۈپلا يۈزلىرى قىزرىپ كەتتى،ئىككىلىسلا بىر خىل ئۇڭايسىزلىنىشقا باشلىدى ،ناتۇنۇش مۇئەللىم ،

-بۇ قىز سەمىنڭ ئۇقۇغۇچسى مەلىكە ،يېڭى ئۇقۇغۇچى ،سىنىڭ ناخشاڭغا ئۇ ئۇسۇل ئويناپ بەرمەكچى ،ئۇنىڭغا ناخشنىڭ ئاھاڭنى،مۇزىكا  ئۆزگۈرۈشلىرنى  ئىنىق دەپ بەرگىن ئۇ تەييارلىق  قىلۋالسۇن،ھېلقى سەھنە كىيمنى ئەپچىقە  ئۇ كىيىپ سىناپ باقسۇن .-دىدى دە،مەلىكەگە قاراپ،

-بۇ مىنڭ بىر نەۋرە ئىنىم مەردان  ،سىلەرگە مۇۋاپىقيەت تىلەيمەن ،جىدىيلىشىپ كەتمەي ئەركىن    تۇرۇڭ ،سىلەرنىڭ نۇمۇرنى سەل ئاخىرغا ئۇرۇنلاشتۇراي ،سىز تەييارلىق قىلشقا ئۈلگۈرسىز –دىگنىچە يۇغان يۇغان چامداپ سەھنە تەرپكە يول ئالدى،ئىككەيلەن بىر پەس جىمجىت تۇرۇشتى،بۇ جىمجىتىلىققا مەلىكە بەرداشلىق بىرەلمىدى ،ئۇ ئەزەلدىن جىمجىتلىقنى خالىمايدىغان شوخ قىز ئىدى ،مەلىكەنىڭ شەيتانلىقى تۇتتى .

- سەھنىدىمۇ مۇشۇنداق تۇرامدۇق ؟سىزنىڭ نۇمۇرىڭىز مۇشۇ شۇما ؟-دىگنىچە پىخلداپ كۈلۈپ ئارلىقتىكى ھىتىرقاشلارنى ،خىجلىقلارنى قاياقلارغىدۇر يولغا سالدى ،مەردان سەل ئىسنى يىغىپ ،

-ياق،ياق ،بۇ ئەمەس ،سەل ساقلاڭ كىيمىڭىزنى ئېلىپ بىرەي - دىگنىچە  تامغا يۈلەكلىك ئىشكاپنىڭ ئېغزنى ئېچىپ  قىپقىزىل بىر  كۆينەك بىلەن ،كۆينەككە ماسلاشتۇرلۇپ تىكلگەن دوپپىنى ئۇنىڭغا سۇندى ،مەلىكە كىيملەرنى قۇلغا ئېلىپ قايسى تەرپكە بېرىشنى بىلەللمەي ،ئەتراپقا قارشقا باشلىدى،

-قىزلارنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۈيى ئاۋۇ تەرەپتە،-دىدى مەردان مەلىكەگە بىر ئۆينى ئىشارە قىلپ .مەلىكە  ئۇ ئىشارە قىلغان ئۆيگە كىردى ،بىر نەچچە قىز قىترقىنىپ گىرىم قىلشىۋاتقان ئىدى ،مەلىكە ئۇلارنى تۇنمىسمۇ ئۇماق يۈزلىرگە كۈلكە يۈگۈرتكىنچە  بىر تەرەپكە تارتىلغان پەردىنىڭ ئارقىسغا ئۈتۈپ قۇلدىكى كىيملەرنى ئالماشتۇردى ،دوپىسنى  سېلۋەتكەن كۆينىكنى بىر سۇلياۋغا سېلىپ  چوڭ گىرىم ئەينىكى ئالدىغا كەلدى ،ئۇزۇن چاچلىرنى  تاراپ ئىككى تال قىلپ ئۆرىدى  ،دوپىنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىپ ،ئانچە مۇنچە گىرىم قىلغانمۇ بولدى،دە ئالدىراپ مەردانىڭ يېنىغا چىقتى،نىمە بولمىسۇن ناخشنىڭ ئاھاڭدىن ئازراق خەۋەردار بولماي تۇرۇپ سەھنىگە چىقىشتىن  ئەنسىردى ،مەردان ئۇنى كۈرۈپ سىنچىلاپ قارۋەتكەندىن كىيىن،

- بۇ كىيم سىزگىلا تىكتۈرگەندەك كەپتىغۇ ،بۇ ناخشنىڭ نوتىسى –دىگنىچە  ئارتۇق گەپمۇ قىلماستىن ناخشنىڭ نوتىسى يېزىلغان  بىر ۋاراقچىنى ئۇنىڭغا تەڭلىدى ،مەلىكە  دەرھال نوتنى قولغا ئېلىپ بوش ئاۋازدا ناخشنىڭ ئاھاڭنى غىڭشىپ باقتى ،مەردان  ئۇنىڭ مۇنچىلك زىرەكلىكىگە ھەيران قالغاندەك ،

-نوتىغا پىششىق ئىكەنسىزغۇ ؟-دىدى ،كۈلۈمسىرەپ .

-نوتا بىلمەيدىغان سەھرالىقمىكن دىگەنمىدىڭىز ..ھى ھى ..-كۈلدى مەلىكە ،مەردان ،ئۈزنىڭ قىلغان گىپنىڭ قۇلاشمايۋاتقىنى سەزگەندەك ،

-ياقەي ،ئۇنداق ئەمەس ،مەكتەپكە يېڭى كەلگەن  ئۇقۇغۇچلار ئىچدە سىزدەك نوتنى تۇلۇق چۈشنىدىغانلار بەكمۇ ئاز –دىدى ،كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ،مەلىكەمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي كۈلۈپ قويدى ،ئۇلار بىر ھازا كۈڭۈلۈك ھالدا ناخشنىڭ ئاھاڭ ئۆزگۈرۈشلىرى توغورلۇق پىكىرلەشتى،ئۇلارنىڭ قىزغىن پاراڭلىشۋاتقانلىقنى كۆرگەن   ئۇقۇغۇچلار ئۇلارغا يەر تىگدىن قاراپ قۇيۇشتى ،قىزلار مەلىكەگە ھەسەت ۋە ھەۋەس ئارلاش قارسا ،ئۇغۇلار مەردانغىمۇ شۇنداق قارايتى ،خۇددى سۈرەتكى ئوبرازلاردەك كىلشكەن قىز ئۇغۇللار ھەمەيلەنىڭ دىقىتنى تارتماي قالمايتى ئەلۋەتتە  ،مەلىكە كۆڭلىدە بىر قۇر  ئوينىماقچى بولغان ئۇسۇلنىڭ لايھەسىنى تۈزۈپمۇ چىقتى،تۇيۇقسىز   چاچلىرنى سېرىق بۇيۋالغان ،گىرمنى قېنىق قىلپ ،سېغىزنى پاسىلدىتىپ  چايناپ ،يېرىم يارتا كىينىۋالغان بىر قىز مەردانىڭ يېنىغا پەيدا بولدى،ئۇ مەلىكەگە سەپسېلىپ  قارغىنچە ،

-ۋاي -ۋوي مەردان،ناخشىڭىزغا  ساھىرە ئۇسۇل  ئوينىماقچىتى ،ئۇ كۈرۈنمەيدىغۇ ؟-دىدى، غىلجىڭشىپ تۇرۇپ  ،

-تۈنگۈنكى مەشىقتە ئۇنىڭ پۇتى قايرىلپ كىتپتىكەن،شۇڭلاشقا  مەلىكە ئورنىغا ئوينىماقچى- دىدى،مەردان مەلىكەنى كۈزى بىلەن  ئىما قىلپ،

-بۇ قىز مەشىق قىلماي تۇرۇپ قانداق سەھنىگە چىقدۇ ،ھىلى ناخشىڭىز قەشقەردە ،قىزنىڭ  ئۇسۇلى ئۈرۈمچىدە بوپلا قالمىسلا بۇلاتىغۇ؟..ھاھاھا..-دىگنىچە مەسخىرلىك كۈلۈشكە باشلىدى ،مەلىكە  نىمە دىيشنى بىلەلمەي تەمتىرەپلا قالدى ،ئۇماق  ئاپئاق يۈزلىرى  قىزرىپ كەتتى ،مەردان  

-شەرىپە ،نىمە دىگنىڭىز بۇ ؟باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە كىلەر دىمەي دەۋىردىكەنسىز گەپنى ،ئۇنىڭ ئۇسۇلى ئۇيغۇرچە بولسىلا بۇلدۇ ،–دىگنىچە ،مەلىكەنڭ قۇلدىن تارتىپ سەھنىگە تۇتشىدىغان ئىشىك تەرەپكە ماڭدى،ھېلقى  قىز  تاترىپ سارغىيىپ مەردانىڭ كەينىدىن كۆز ئالايتقىنچە قالدى ،مەردان مەلىكەگە-ئۇنىڭ گىپىنى كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ !غەيرەتلىك بۇلۇڭ ،مەن سىزگە ئىشنىمەن -،دىگنىچە،ئۇنىڭ مۈرىسگە يىنىك شاپلاقلاپ قويدى،مەلىكە  ئۇنىڭ گىپدىن سەل تەسەللى تاپقاندەك بۇلۇپ،رۇھى كۈتۈرلۈپلا قالدى ،ئىككەيلەنى قانداقتۇر بىر خىل   كۈچ بىر بىرگە شۇنچىلك يېقىن كۆرسىتۋاتاتتى،مەلىكە ئۇنىڭغا زورىغا كۈلۈمسىرەپ  بېشنى يىنك لىڭشىتىپ قويدى ،     ھەش پەش دىگىچە  نۆۋەت ئۇلارغا  كىلپ قالدى ،مەلىكە ھېلقى قىزغا ئۈزنى كۆرسىتىپ قويماقچى بولغاندەك تۇلمۇ روھلۇق ھالدا بۇ جۇشقۇن ناخشىغا تازا ماسلاشتۇرۇپ،پۈتۈن ھىسياتى بىلەن ئۇسۇل ئوينىدى،تاماشىبىنلارمۇ  ئۇلارغا جۈر بۇلۇپ ئۇدارغا كەلتۈرۈپ چاۋاك چېلىشتى،مەيدان باشقىچە جۇشقۇنلۇق كەيپىيات ئىچگە شۇڭغۇدى  ،ناخشا ئاخىرلاشقاندا بولسا پەستىن چاۋاك ئاۋازى ئۈزلمەي  چىقتى ،شوخ ئۇغۇللار  ئۈزىچە قىلق چىقرىپ ئىسقىرتىشىتى ،مەلىكە سەھنىدىن چۈشۈپ يىنك بىر نەپەس ئالدى .مەردان ئۇنىڭ كەينىدىنلا  كىرىپ كەلدى ،مەلىكە  ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدى ،مەردان  ئۇنىڭ مۈرسدىن يىنك قۇچاقلاپ  ،-رەھمەت،ئۇسۇلنى بەك چىرايلىق ئوينىدىڭىز  !-دىدى ،ئۇنىڭغا، مەلكە مۇ

-سىزمۇ ناخشىنى بەك ياخشى ئېيتىڭىز!-دەپ كۈڭۈل ياسشىپ بىر- بىرنى تەبرىكلەشتى ،ئۇلارنىڭ يېنىدىن  ئۈتۈپ كىتۋاتقان ھېلقى سېرىق چاچ  مەلىكەگە  دومسىيۇپ قۇيۇپ سەھنىگە چىقىپ كەتتى .مەردان بىلەن ئىككەيلەن ئۇنىڭ قىلقلىرغا تېخمۇ قاقاقلاپ كۈلۈشكىنچە كىيىم ئالماشتۇرۇغلى كىرىپ كىتشتى ،مەلىكە كىيملىرنى  ئالماشتۇرۇپ ،مەردانغا ھېلقى كىيمنى قايتۇرۇپ بىرىپ  ساۋاقداشلىرنىڭ يېنىغا قايتتى .ئۇنى كۆرگەن قىزلار چۇقىرشىپ  يېنىغا ئولتۇرغۇزۇشتى ،مۇسابىقنىڭ  نەتىجىسى ئىلان قىلندى ،مەردانىڭ ئىجادىيتى  ئەڭ يۇقرى نەتىجىگە ئىرشكەن بۇلۇپ مۇكاپاتلاندى.شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇلارنىڭ  دوسلۇقى باشلاندى ،پات پات كۈرشۈپ تۇردى ،كەسپتىكى  ياردەملەشكۈدەك  ئىشلاردا بىر بىرگە ياردەملەشتى  .بۇ كىلشكەن بىر جۈپلەر ۋاقىتنىڭ ئۈتشى بىلەن بىر بىرگە قىزقىپ قالدى،ياخشى كۈرۈشكەنمۇ بولدى  ،ئۇلار مۇھەببەت بوستانىغا  تەبئىيلا ،ناھايتى تىز كىرىپ كەلدى ،ئۇلارنىڭ نەزرىدە   بىر –بىرنى ياقتۇرۇپ قېلشى  تەبئىيلا بولغان ئىش ئىدى ئەلۋەتتە ،مەردان مەلىكەنىڭ  گۈزەل چىرايىغا،سەنئەت جەھەتىكى قابىلىيتىگە،شوخ چىقىشقاق مىجەزىگە ،مەستانە ئىدى،مەلىكەمۇ  مەردانىڭ چۆچەكلەردە تەسۋىرلەنگەندەك ،ھەممە قىىزلار ھەۋەس بىلەن قاراپ قالغىدەك  كىلشكەن بوي بەستىگە،مەردانە قىياپەتتە ناخشا ئېيتىشغا  مەپتۇن ئىدى .

ئۇلار مەكتەپتىكى ئۇقۇغۇچلارنىڭ كۈزدىن ئوت چىقارغۇدەك مۇھەببەتلەشتى ،قەيەرگە بارسا بىرگە بېرشىپ ،تاماقنىمۇ بىللە يىيشىپ ،بىكار بولسا مەكتەپنىڭ باغچىسغا چىقۋېلىپ ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئوينۇشۇپ دىگەندەك تۇلمۇ كۈڭۈللۈك ئۆتتى ،بۇ كۈڭۈللۈك مىنۇتلار مەردانىڭ مەكتەپ پۈتتۈرشىگە ئاز قالغان ۋاقىتتا    ئاخىرلىشىپ قالدى .

مەردان چەتئەلگە  ئۇقۇشقا چىقىش ئۈچۈن  نەچچە ۋاقىتىن بىرى تەييارلىق قىلۋاتاتتى،مانا ئەمدى ئۇنىڭ  بۇ يەردىن كىتدىغان ۋاقتىمۇ كىلپ قالدى ،مەردانىڭ  نەۋرە ئاكسى ئالاقىلشىپ يۈرۈپ ئۇنىڭغا  كانادادىن  مەكتەپ ئۇقشۇپ بەردى  .بۇ مەكتەپكە كىرىشكە ياردەم قىلغان  كىشنىڭ قىزنىڭ كۈزى ئۇنىڭغا چۈشكەن بولغاچ ئۇنىڭ  چەتكە چىقىش ئارزۇيى تىزلا ئەمەلگە ئاشتى .مەردان  ھېلقى كىشنىڭ قىزى بىلەن بىرگە كاناداغا  چىقماقچى بولدى ،ئۇ كىشنىڭ  قىزى دەل  مەلىكەنى ھېلقى مۇسابىقىدە  مازاق قىلغان سېرىق چاچ شەرىپە ئىدى .شەرىپە  مەردانغا  شەرىت قويدى ئەگەر مەردان ئۇنىڭ شەرتىنى ئۇرۇندىيالىسا  كاناداغا بېرىپ ئۇقۇيدىغان ئۇرۇندىمسا  بارمايدىغان شەرىت قويدى ،ئۇنىڭ شەرتى مەردان بىلەن  مەلىكەنى ئايرىۋىتىش ئاندىن ئۈزى مەردانغا ئىرشىش ئىدى ،مانا مۇشۇنداق تاللاش ئالدىدا مەردان  قىلچە ئىكلەنمەي  مەلىكەنى  تاشلاپ  شەرىپە بىلەن  يۈردى ،ئۇنىڭ بىلەن  كاناداغا  ئۇقۇشقا كەتتى ،مەلىكە  بىر مەزگىل  كۆڭلى يېرىم يۈردى مەردانى  تىللىدى،ئۇنىڭغا لەنەت ئۇقدى ،بۇ دۇنيادا ھەققى ياخشى كۈرۈش،مۇھەببەت ،ۋاپا ،ئەقىدىنىڭ يوقلىقى توغۇرلۇق  ئاھ ئۇرۇپ يۈردى ھىچكىم بىلەن يۈرمەسلىك توغورلۇق ئۆز –ئۈزگە تەكىتلەپ يۈردى ،ۋاقىتنىڭ ئۈتشى بىلەن  ئۈزنىڭمۇ مەرداننى  ئۇنچىۋالا ئۇنتالمىغدەك   دەرىجىدە ياخىشى كۈرۈپ كەتمەيدىغغنى  ،بۇ ھىسياتنىڭ ۋاقىتلىق ھىسيات ئىكەنلىكنى تۇنۇپ يەتتى ،يەنە شۇ شوخ مىجەزى بىلەن  ئۈزنىڭ كۆڭلىنى ئۈزى خوش قىلپ ،ناخشا ئۇقۇپ ئۇسۇل ئويناپ يۈرىۋەردى ،لىكىن  ئۆز-ئۈزگەپات –پات مەرداندەك چىرايلىق كىلشكەن ئۇغۇللاردا ۋاپا يوق ،ئەمدى مۇھەبەتلەشسەم چىرايلىقنى تاللىمايمەن  دەپ قاقشاپمۇ قويدى .........

بۇ قارشىمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى  ئۇ مەكتەپ ئۇقۇغۇچلار ئۇيۇشمىسنىڭ باشلىقى كىلشكەن يىگىت قەھرىمان بىلەن  چىقشىپ قالدى ،ئۇنىڭ مەكتەپتىكى ئىمتىيازى مەلىكەگە پايدىلىق ئىدى ،كەچلىك مۇزاكىرەلەرگە،ئەتگەنلىك چېنقىشلارغا  چىقمىسمۇ ئۇنىڭ ياردىمدە تەنقىتلەنمەيتى ،ئىمتاھانلاردا  ئۈتەلمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ بولمايتتى ، قەھرىمان ئۇنىڭغا ياردەم قىلپ ئىمتاھان نەتىجىلىرنى يۇقىرى چىقىرشىپ بىرەتتى ،چۈنكى ئۇنىڭ دادسى  مەكتەپ مۇدىرى بولغاچ ئۇقۇتقۇچلارمۇ ئۇنىڭ ئانچە مۇنچە پىكىرلىرنى يەردە قويماي ئۇرۇندۇشۇپ بىرەتتى ،مەلىكە  ئۈزنىڭ گۈزەل ھۆسىن جامالىنىڭ پايدىسنى بىر ئوبدان كۈرۈپ قالدى .قەھرىمان ئۇنىڭ گۈزەلىكىدىن  ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن  كەينىدىن پاي پىتەك بۇلۇپ ئاۋارە ئىدى ،مەلىكە  ئۇنىڭدىن پايدىلنىش ئۈچۈنلا ئۇنىڭ بىلەن يۈرۋاتقانلىقنى  ئىنىق بىلەتتى ئەلۋەتتە،ئۇيۇن كۈلكىلەر بىلەن ئويناپ يۈرۈپ بۇ ئەركىن قىز مەكتەپ پۈتتۈردى ،ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن قەھرىمان مۇشۇ مەكتەپتە ئۇقۇتقۇچلىققا ئېلىپ قېلىندى،ئۇنىڭ باشلىق دادسى  بولغاچقا ھەممە ئىشلىرى  شۇنچىلك ئۇڭۇشلۇق بولدى ئەلۋەتتە،مەلىكەمۇ مۇشۇ مەكتەپتە قېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ لىكىن  ئۇنىڭغا بۇنداق ئامەت  كەلمىدى،قەھرىمان ئۇنىڭ خىزمەت ئىشغا كەلگەندە نەچچە ۋاقىتىن بىرقى پىداكارلىقنى چۆرۋىتىپ  ئۇنىڭغا ياردەم قىلالمايدىغانلىقنى ئېيتىپ ئۈلگۈردى ،مەلىكە  شۇ ھامان ئۇنىڭدىن ۋاز كىچىپ ئايرىلپ كەتتى ،مەلىكەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا  مەنپەت  مۇھەببەتنىڭ ئالدىنقى ئورنىدا ئىدى .ئۈزگە مەنپەت يەتمىگەن  مۇھەببەت ئۇنىڭغا تېتمايتى،شۇنداق بولغاچقىلا  ئىككى يىگىت بىلەن يۈرۈپمۇ ئۇلارنىڭ بىرەرىگە چىن دىلدىن كۈيۈپ باقمىدى ،ئايرىلپ قالسا قاتتىق ئاھ ئۇرمىدى،مەردانغا بىر مەزەىل قىيالمىغان بولسىمۇ قەھرىمانغا شۇنچىلك  ئاسان قىيدى ،ئۇنى خۇددى ئەسكى پايپاقنى تاشلىغاندەك تاشلىدى .
يەنە ئۈمۈدۋارلىق بىلەن ياشاپ ئۈلگۈردى  ،ئۇنىڭ  مۇشۇ گۈزەل چىرايى بولسىلا  بۇنىڭدىن كىينكى مۇھەببەت يۇلى ھامان ئۇچۇق ئىدى ،بىرسىدىن ئايرىلسا يەنە بىرنىڭ ھامان ئۇنىڭ كەينىدە پەيدا بۇلدىغنىغا ئۇ مۇتلەق ئىشەنچ قىلاتتى  .
مەلىكە ئۇقۇش پۈتۈرگەندىن كىيىن مانا ئەمدى  سەنئەت ئۈمەكتە ۋاقىتلىق ئىشلەپ يۈردى ،شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ  كەينىدىن سوكولدايدىغانلار خلى كۈپيۈپ قالدى ،ھەر خىل  ئۇسۇللار بىلەن  ئۇنىڭغا كۈڭۈل ئىزھار قىلپ يۈردى ،لىكىن مەلىكە ئۇلارغا نەزەر كۈزنى سالمىدى ،ئۈزنىڭ خىزمەت ئىشنى  كىم توغورلىيالىغدەك بولسا شۇنىڭ بىلەن يۈرۈش ئىستىكىدە  تىمسىقلاپ يۈردى .ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشى دەل خىزمەت  ئىشى ئىدى .شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ دادسى كىسەل بۇلۇپ  بالنىستا يېتىپ قالدى ،نۇرغۇن تەكشۈرۈشلەردىن  كىيىن  دادسىنىڭ  قىزىل ئۆڭگەچ راكى ئىكەنلىكلى ئېنىقلاندى ،بۇ ئائىلنىڭ تۈۋرىكى يىقلدى ،دادسىنى داۋالىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىقتىزات كىتدىغانلىقى  ئانا-بالا ئىككەيلەنى غەمگە سالدى ،مەلىكە  ئۈمەكتىن ئالدىغان  700-800سوم پۇلنىڭ  ھىچنىمگە يەتمەيدىغانلىقنى  ھىس قىلپ يەتتى ،شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ كەينىدىن  چىقماي يۈرۋاتقان  رەپقەت ئۇنىڭغا كۆپ ياردەم قىلدى ،مەلىكە  ئۇنىڭدىن پايدىلنىش ئۈچۈن  ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ قالدى ،چۈنكى ئۇ  پۇلدارنىڭ ئوغلى   ئىدى. رەپقەتمۇ مەلىكەنىڭ ئۈزنى تەلپىنى قۇبۇل قىلغنىدىن خۇشال بۇلۇپ  ئۇنىڭ بارلىق قىينچىلىقلىرنى  ھەل قىلشقا تىرىشتى .
مەلىكە مانا مۇشۇنداق ھەر قانداق رولنى مۇۋاپىقيەتلىك ئالالايدىغان ئۇستا ئارتىس ئىدى ،ئۈزى ياخشى كۆرمىسمۇ ئۈزنىڭ  قىينچىلىقلىرنى ئاسان قىلالايدىغان  يىگىتلەر بىلەن  ئاشىق مەشۇق رۇلنى ئېلىپ مۇھەببەتلىشەتتى.ئۇلار ئىككەيلەنىڭ  قىزغىن مۇھەبىتىمۇ مەلىكەنىڭ دادسى تۈگەپ كەتكەنگە قەدەر  داۋاملاشتى .مەلىكە دادسى تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن تۇيۇقسىز  رەپقەتنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقنى ھىس قىلغاندەك ئۇنىڭ زارلىنىشلىرغىمۇ قۇلاق سالماي ئۇنى تاشلىۋەتتى ،ئۇ مۇنداق كەسكنلىكنى ،ئۈزگە ئەسقاتمايدىغانلارنى ،كۈزنى مىت قىلمايلا تاشلىۋىتشنى مەرداندىن ئۈگەنگەن ئىدى .
مەلىكە خىزمەت ئىشنى  ھەل قىلش ئۈچۈن توختىماي  تىڭ تىڭلىدى ،ھەر تەرەپتىن خىزمەت ئىزدىدى .تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئالدىدا  ھېلقى قۇتقۇزۇش بۈلمىدىكى   جەسىدى سۇۋۇپ كەتكەن   پۇلات ئۇچۇردى ،ئۇ  مائارىپ ئىدارىسدىكى يېڭى ئۆسكەن كادىر ئىدى ،مەلىكە ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا  ماتىرياللىرنى كۈترۈپ كىرگە ندىلا  ئۇنىڭ كۈزى مەلىكەگە چۈشتى ،قاپقارا چوڭ كۆزلەر ،دولقۇنسىمان ئۇزۇن بۈدرە چاچلار ،نازۇكىنە كەلگەن  ،نىملا كىيسە يارشىدىغان زىلۋا قامەت ئۇنىڭ كۆزلىردە شەھۋەت ئۇچقۇنلىرنى  يالجىتىۋەتتى ،مەلىكەنىڭ ئارخىبىنى ئېلىپ بىر قۇر كۈرۋەتكەندىن كىيىن  قىلچە ئىككلەنمەي ئۇنى  ئىمتاھانسىز  شەھەرلىك نوختىلق  ئوتتىرا مەكتەپكە  ئۇقۇتقۇچلىققا قۇبۇل قىلدى .مەلىكەگە ئارخىبنى قايتۇرۇپ بەرگەچ   ئۇنىڭ نازۇك قوللىرنى مەھكەم تۇتۋالدى ،مەلىكەمۇ مۇنداق  يەرلەردە ئۇستا ئارتىس بولغاچقا  چاندۇرمايلا ئۇنىڭغا نازلىق كۈلۈپ قويدى ........
مەلىكەنىڭ خىزمىتى مۇقىملاشقاندىن كىيىن    يۈركى جايىغا چۈشتى .ئۇ تىرشىپ خىزمەتنىڭ  ھۆدىسىدىن چىقىشقا تىرشىتى ،لىكىن پۇلات ئۇنىڭغا پەقەت ئۈزنىڭلا ھۆدىسدىن چىقسا خىزمەتنىڭ ھۆدىسدىن  ئۈزى چىقدىغانلىقى توغورلۇق كۆپ سۆزلەيتتى ،ئۇنىڭ مەكتىپىدىن  ھىلى ئىدارنىڭ بىر ئىشى بار ،ھىلى يەنە بىر ئىش دەپ  يوق باھانىلەر بىلەن  رۇخسەت سۇراپ   مەلىكەنى  ئەپچىقىپ كىتىپ  كۈڭۈل خۇشى قىلپ  ھىلى رىستۇرانلاردا ،ھىلى چايخانلاردا ،ھىلى ساياھەت رايۇنلىردا ئويناپ يۈردى. مەلىكەمۇ خىزمەت ئىشنى ھەل قىلغان   بۇ كىشى ئۈچۈن ،ئۇنىڭ ئالدىدا  يالغاندىن بولسىمۇ ھىجىيىپ   يۈردى .ئۇ پەقەت ئۇنىڭغا ھەمرا بۇلۇپ بەرسىلا  مۇئاشنى تۇلۇق ئالالايتى ،ھەر قانداق مۇكاپاتلاشلاردا ئەڭ  ئاۋال ئۇنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلناتتى .شۇ كۈنلەردە ئۇلارنىڭ بىر- بىرگە ھەمراھلىق  مۇناسۋىتى  چۇڭقۇرلۇشۇپ   بىر –بىرگە ئۈزنى ئاتۋەتتى ،لىكىن پۇلاتنىڭ خۇتۇن باللىرى بار ئىدى ،مەلىكە ئۇنىڭ توي قىلغان ،ئائىلىسى بارلىقنى بىلپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئىچ قۇيۇن، تاش قۇيۇن بۇلۇپ كەتتى ،ئۇنىڭ شەخسىيەتچىلىككە،نام -مەنپەتكە بېغىشلانغان  قەلبى  ئاشنىدارچلىق مۇناسىۋتنىمۇ توغرا تۇنىدى .ئۇنىڭ بىل؛ەن خۇددى ئەر خۇتۇنلاردەك يېتىپ قۇپۇپ يۈرىۋەردى،بىر نەچچە قېتىم  بالا ئالدۇرۇپمۇ بولدى  ،شۇ كۈنلەردە  مەكتەپتە بۇ ئىككەيلەن توغورلۇق  ئانچە مۇنچە مىش مىش پاراڭلار كۈپيۈپ قالدى .مەلىكەنىڭ ئانىسىمۇ  كۈزنىڭ ئۇچۇقچىلقىدا ئۇنىڭ بېشنى ئوڭشاپ قويغۇسنىڭ بارلىقنى مەلىكەگە تۇلا دەپ  ئۇنىڭ  بېشنى ئاغرىتقىلى تۇردى .مەلىكە ئاخىرى پۇلاتقا  ئاپسىنىڭ ئۈزنىڭ تۇينى قىلماقچى ئىكەنلىكنى لىكىن ھازىرقى ھالىتدە باشقىلارغا تىگەلمەيدىغىننى شۇڭلاشقا پۇلاتنىڭ بۇ ئىشنى مۇۋاپىق ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قۇيشنى ئېيتتى ،مەلىكەنىڭ قارشىچە پۇلات ئايالى بىلەن ئاجىرشىپ ئۈزنى ئەمىرگە ئېلشى كىرەك ئىدى .پۇلات ئىككى پەرزەنتىنى يىتىم قىلالمايدىغنى ،مەلىكەنى چۇقۇم  ياخشى تۇرمۇشقا ئىرشتۈرۈپ قۇيدىغننى  ئېيتىپ مەلىكەگە ۋەدە بىرىپ ئۈلگۈردى ،مەلىكە بۇ  ئاقماس ۋەدىلەرگە ئىشنەلمەي ئۇنى تىلخەت بىرشكە قىستىدى ،پۇلات  مەلىكەنى تاشلىۋىتشكە،ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا ھەقىقەتەن  كۈزى قىيمايتى ،ئۇ ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئاخىرى بىر تۇققان ،قوشنا شەھەردە بىر شىركەتتە ئىشلەيدىغان  ئىنسى  پەرھاتقا     چىرايلىق ئاشنىسى مەلىكەنى  تۇنۇشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ تۇينى بىر قوللۇق  كاتتا قىلپ  ئۆتكۈزۈپ بەردى ،شەھەرنىڭ ئاۋات يىردىن بىر يۈرۈش ئۆي ئېلىپ بەردى .
مەلىكە بۇ توينى قىلشقا قۇشۇلماسلىققا ئامالسىز قالدى ،چۈنكى ئۈزنىڭ ئەھۋالى ئۈزگە ئايان ،ئۇ توي قىلماي تۇرۇپ نەچچە بالغا ئانا بولغان ،باللارنى تۇيدۇرماي جەھەنەمگە يولغا سالغان ،كاتتا باشلىققا بىر نەچچە يىل ئاشنا بۇلۇپ كۈڭۈل خۇشى ئۈچۈن ئۇيۇنچۇق بولغان ،دىلى بىلەن چىرايى قارمۇ قارشى بىر قىز،ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇلاتقا بىقنىپ كۈن ئۆتكۈزۋاتقان تۇرسا  ئۇنىڭ پىكىرىگە قۇشۇلماي ئامالىمۇ يوق ،ئۇنىڭ دىگنى بۇينچە قىلغاندىلا  پۇلات بىلەن يەنىلا بۇرۇنقىدەك ياخشى ئۈتەلەيتى ،ئۇنىڭ  ئۈزگە قىلدىغان ياردەملىرنى بەھۇزۇر قۇبۇل قىلالايتتى،بىر گە يۈرسىمۇ كىشلەرنىڭ گۇماننى قوزغىمايتتى ،مەلىكە نىڭ باشقا تاللاش يۇلى بولمىغاچقا  پۇلاتنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرى  بىلەن ئاخىرى  داڭلىق بىر دوختۇرخانىدا قىزلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرۇپلا  پەرھات بىلەن  داغدۇغلۇق توي قىلپ تەمتىرمەيلا بىر ئۆيگە كىردى ،ئۇنىڭ كۈزنى بۇيىيالىدى ،توي كىچسىدىكى سىناقتىن تۇلمۇ ئۇڭۇشلۇق ئۆتتى ،پەرھاتمۇ خۇدددى ئاكسىدەكلا كىلشكەن  ئېغىر بېسىق  يىگىت ئىدى ،مىجەزى تۇلمۇ كەم سۆز ،ئېغىر بېسىق .
ئۇ ئاكسىنى ئۆز دادسىدەكلا چوڭ كۈرەتتى ،دادسىدىن  كىيىن قالغاندىن بىرى مۇشۇ ئاكسى ئۇنى ئۇقتۇپ خىزمەتكە ئۇرۇنلاشتۇرغان بولغاچقا ئۇنىڭ ھەر بىر  پىكىرنى  جاندىللىق بىلەن قۇبۇل قىلاتتى .ئۇ ئاكسىنىڭ ئۈزىگە تۇلمۇ  چىرايلىق بىر قىزنى تۇنۇشتۇرغىندىن سۈينۈپ كەتتى ،مەلىكەنى كۈرۈش بىلەنلا  يۈركىگە ئوت چۈشتى ،غىڭ قىلكماي بۇ تويغا قۇشۇلدى ،ئۇ ئاكسىغا ئىشنەتتى ،ئۇنىڭ  ئۈزنىڭ مەڭگۈلۈك ھەمراھىنى توغرا تالىيالايدىغانغا ئىشنەتتى .ھەش پەش دىگچە ئۇلار توي قىلپ بىر ئاي ۋاقىتمۇ ئۈتۈپ كەتتى .پەرھات ھەپتنىڭ ئىككى كۈنىدە ئۆيدە تۇرسا 6كۈنىدە سىرىتتلاردا يۈرۈپ خىزمەت قىلغان ئۆيگە كىلپ بۇلالمايتى ،بۇ مەلىكە بىلەن پۇلاتقا  تۇلمۇ ياخشى پۇرسەت بولدى ،ئۇنىڭ يوقلىقىدىن پايدىلنىپ بىر-بىرنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ  يەنىلا بۇرۇنقىدەك  كۈڭۈلۈك ئۆتتى ،بىر نەچچە قېتىم  ئۇلارنىڭ خۇپيانە  مۇناسۋىتى ئاشكارلىنىپ قالغلى قىل قالدى ،پۇلات  مەلىكەنىڭ ئۈيگە كىلپ  مەلىكە بىلەن كۈڭۈل خۇشى قىلپ بۇلۇپ كىتشكە جابدۇنغاندا  پەرھات  ئۆيگە كىلپ قالدى ،مەلىكە يەنە چاندۇرماي  رولنى ياخشى ئېلىپ پۇلاتنى ئىززەت ئىكراملار بىلەن   كۈتۈپ ،ئۇزتۇپ قويدى .بۇ ۋاقىتلاردا پەرھات مىھماندوس خۇتۇننىڭ بولغىندىن پەخىرلىنىپ  ئاكسىنىڭ ئالدىدا  كىرلىپ ئولتۇرۇپ مەلىكەنىڭ ئىتىپ بەرگەن تاماقلىرنى ماختاپ يەپ يۈرىۋەردى .ئۇقۇتقۇچلارغا تەتىل كۈنلەردە 
بىر قېتىم ئۇلار ئىھتىياتسىزلىق قىلپ قېيىن ئاكا بىلەن كىلىن  ئوتتۇرسىدىكى  بىنۇرمال مۇناسۋەتنى  مەلىكەنىڭ قېيىن ئاپسى ئازراق سىزىپ قالدى .شۇ چاغدا  مەلىكەنىڭ  قېيىن ئاپسى  يۈرەك كىسلى بىلەن ئاغرىپ ،ساقسىز بوپ قالدى ،بىر مەزگىل دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىپ قايتىپ چىققاندىن كىيىنمۇ يەنە يۈرەك  كىسلى پات –پات قوزغۇلۇپ  قالدى ،پەرھات مەلىكەنى ئۇنىڭغا قاراشقا ،ھەمرا بۇلۇشقا ئەكلىپ قۇيۇپ  ئىشغا كىتىپ قالدى .مەلىكە قېيىن ئاپسىنىڭ ئۈيىدە تۇرۇپ قالدى ،لىكىن پۇلاتنى پات-پات سېغنىپمۇ قالدى ،نىملا بولمىسۇن ئۇ ھەپتىدە ئىككى كۈن پەرھاتقا خۇتۇن بولغان بىلەن 4-5كۈن پۇلاتقا  ئاشنا بۇلاتتى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇلات ئۇنىڭ قىزلىقنى ئالغان ئەركەك ئىدى ،ئۇ پۇلاتنى ئۇنتۇيمەن دىسمۇ ئۇنتالمايتى ،نەچچە قېتىم ئەمدى بۇ  خۇپيانە مۇناسۋەتنى ئۈزۋىتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ لىكىن  پۇلاتتىن ئايرىلىشنى ئويلىسلا  يۈركى ئېغىپ  كىتدىغان  بۇلۇپ قالغان ئىدى . 
مەلىكە قېيىن ئاپسىغا  چۈشلۈك تاماق قىلپ بىرىپ  ئايرىم ھۇجىرىغا كىرىپ بىردەم ئارام ئالماقچى بۇلۇپ كۈزنى يۇمۇپ ياتتى ،نىمشقىدۇر پۇلاتنى ئەسلەپ قالدى ،ئۈزنىڭ ھالال جۈپتى پەرھات ئۇنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمىدى .ئۇيان ئۆرلۈپ، بۇيان ئۆرلۈپ  پەقەت ئۇيقۇسى كەلمىدى ،قېيىن ئاپسنىڭ ئۈيىدە بولمىغان بولسا  پۇلاتقا تىلفۇن قىلپ ئۇنى چاقىرتىپ كىلشى ئىنىق ئىدى ،شۇ  تىت تىلىقتا ياتقاندا  پۇلاتمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكنى تۇيۇپ قالغاندەك  بۇ ئۆيدە پەيدا بولدى ،ئۇ ئاپسىدىن بىر قۇر  ئەھۋال سۇراپ  بۇلۇپلا مەلىكە ياتقان ئۆيگە كىردى ،كارۋاتتا  بېلىقتەك سۇزلۇپ ياتقان مەلىكەنى كۈرۈپلا ئۈزنى تۇتالماي ئۇنىڭغا تاشلاندى ،شۇ دەمدە بۇ ئىككى تەن  ئۆزلىرنىڭ قەيەردىلكنىمۇ ئۇنتۇشقان ھالدا ھايۋانلىقىغا قايتىشقان،ئەسەبىلەيشكەن  ئىدى .ياندىكى ئۆيدە ياتقان ئانا  ئىككەيلەنىڭ  ئىڭراشلىردىن، ھاسىراشلىردىن بىر  نەرسنى چۈشەنگەندەك قىلسىمۇ لىكىن   ياتقان يىردىن قوزغۇلۇپ  چىقىپ قاراپ بېقىشقا جۈرئىتى يەتمىدى ،ئانا ھەر خىل پەرەزلەردە بۇلۇپ باقتى بەلكىم  تىلۋىزىزۇردىن چىققان ئاۋازدۇر،لىكىن تىلۋىزۇر قۇيۇلمىغان تۇرسا ،قوشنىلارنىڭ ئۈيدىن چىققان ئاۋاز بۇلشى مۇمكىن ،ھازىرقى بۇ بىنالارنىڭ تاملىرى بەكمۇ نىپىزمۇ ياكى   ئاۋاز ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى يۇقرىمۇ ئەيتاۋۇر ئادەتتە بىرەر پىيالە چېقلىپ كەتسىمۇ  ئاۋازى شۇنچىلك ئىنىق ئاڭلىنىدىغان تۇرسا  ،خاتا ئاڭلاپ قالغاندىمەن ،بۇنداق بۇلشى مۇمكىنمۇ؟پەرھات بىلەن پۇلات ئۇلار دىگەن   بىر قۇرساق قېرىنداش تۇرسا  ....دىگەنلەرنى ئويلاپ ئۆز-ئۈزگە تەسەللى بىرىپ  بۇ نۇمۇسىزلارنى ئاقلاشقا ئۇرۇندى ،لىكىن شۇنداقتىمۇ كۆڭلىدە بىر  چىكىت ئۇرلۇپ قالدى ،80كۇۋادىرات مىتىرلىق بۇ ئۆي كۈزگە تۇلمۇ كىچكلەپ كەتكەندەك تۇيلىشقا باشلىدى ،كىلننى ياكى بولمىسا ئوغلىنى چاقىرماقچى ،كىلنى ئارام ئېلۋاتقان ئۆيگە كىرىپ قاراپ باقماقچى بولدىيۇ  لىكىن ھىس قىلغانلىرنىڭ ئاڭلىغانلىرنىڭ راس چىقىپ قېلشىدىن   قورقتى،ئەگەر شۇنداق بۇلۇپ قالسا ئانا چۇقۇم بەرداشلىق بىرەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى .ئاخىرى  تىزگىنەك بىلەن چوڭ زال ئۆيگە قۇيۇلغان تىلۋىزۇرنى ئېچۋەتتى  ،ئاۋازنى يۇقىرى كۈتۈرۋەتتى .شۇ چاغدىلا ھايۋانلىققا قايتقان  بۇ تەنلەر  ئەسلىرنى يىغىپ كىيملىرنى كىيشىپ  قانداق قىلش ،ئانغا قانداق چۈشەندۈرۈش توغورلۇق مەسلەھەتكە چۈشتى ،يەنىلا  ئۇستا رولچى مەلىكە  چاچلىرنى بىر قۇر تۈزەپ  مەيدانغا چۈشتى  شۇنچىلك سىپايلىك بىلەن ئىشكتىن چىقىپ ، چاندۇرماي مىھمانخا نا ئۆيگە قاردى ،ھىچكىمنىڭ يوقلىقنى بىلپ ئاستا بېرىپ تىلۋىزۇرنىڭ  ئاۋازنى تۈۋەنلەتكەچ  ئەتراپقا نەزەر سالدى .قېيىن ئاپسى ياتقان ئۆينىڭ ئىشكى يىنك يېپلدى .مەلىكە يىنىك تىن ئالغىنچە   پۇلاتنى يولغا سالدى ،ئاندىن قايتىپ كىرىپ  مۇنچىغا كىرىپ  تازا بىر يۇينۇپ  غىپىدە ياتىدىغان ئۈيگە كىرىپ ئىشكنى ئىچدىن تاقىدى .....
ئەتىسى پەرھات  قايتىپ كەلدى ،بىچچارە ئانا  پەرھاتقا مەلىكەنى ئۈيگە ئېلىپ كىتشنى ،ئۈزنىڭمۇ ياخشى بوپ قالغانلىقنى ئېيتىپ  ئارتۇق گەپ قىلماي ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى ،نەچچە كۈنگىچە ئىچى پۇشتى ،ئوغلىغا ياكى كىلنىگە نەسھەت قىلشنى بىلەلمەي بېشى قاتتى ،بۇ ئىش سىرتقا يېيلىپ كىتدىغان بولسا  بۇ ئائىلىدىكلەرنىڭ ھەمىسى تەسىرگە ئۇچۇرشى ئىنىق ئىدى ئەلۋەتتە ،پۇلاتنىڭ بىر جۈپ ئۇماق پەرزەنتى ،بەخىتلىك ئائىلىسى ۋەيران بۇلۇپلا قالماي بىر تۇققان قېرىنداشلارنىڭمۇ بىر بىردىن ئايرىلپ يات ئادەملەردىن بۇلۇپ كىتشى ئىنىق .ئانائاخىر پەرھات بىلەن  كىلنى مەلىكەنى چىرايلىق  ئاجراشتۇرۇۋىتشنى مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىقلا  بۇ ئىشلارنى  چىرايلىق ھەل قىلغىلى بۇلدىغانلىقنى پەملىدى ،پەرھاتقا تىلفۇن قىلپ چاقىرتقۇزدى ،ئۇ كەلدى ئانا ئۇنىڭغا نىمە دەپ گەپ باشلاشنى بىلەلمەي بىر ھازا ئولتۇرۇپ قالدى ،مىڭ تەستە ئېغىز ئېچىپ، - ئايالىڭ بىلەن ئاجىرشىپ كەتكىن ئوغلۇم -  دىدى  ،ئاۋازنى تىتىرتىپ تۇرۇپ ،
-نىمە ئۈچۈن ئانا ؟ئۇ نىمە خاتالىق ئۆتكۈزدى ،سىز ئۇنىڭ قەيىرنى ياقتۇرمىدىڭىز ؟
-دىدى پەرھات ئانسىنىڭ تۇيۇقسىز بۇنداق دىيشىدىن ھەيران قېلىپ ،
-ئۇ ساڭا ماس كەلمەيدىكەن ،-دىدى ،ئانا  ئارتۇق گەپ قىلماي ،
-سىزگە شۇنداق تۇيۇلغان ئوخشايدۇ ،ئۇ كۆپ گەپ قىلغان بىلەن مىجەزى تۈز ،كۆڭلىدە يامانلىقى يوق ..........پەرھات خلى  ئۇزۇنغىچە ئايالنىڭ ياخشى تەرەپلىرنى ئانسىغا  چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى ،ئوغلى ئۈچۈن ۋىجدانى ئازابلىنىپ ،يۈركى مۇجلىۋاتقان   ئانا   ساددا ئوغلىنىڭ  چۈشەندۈرۈشلىرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن  ئۇنى ئاجىرىشىىشقا  قايىل قىلالمايدىغىنغا كۈزى يەتتى بولغاي  ئاخىرى ،
-ئەمسە ئۇنىڭغا ئوبدانراق كۆز قۇلاق بولغىن –دىگنىچە ئارتۇق گەپ قىلمىدى ،پەرھات بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك ،
-ماقۇل،سىز بىرەر گەپ ئاڭلاپ قالدىڭىزما ئانا –دىدى ،ئانسىغا تەئەجۈپلىنىپ
-ياق بالام ،ئايالىڭ بەك چىرايلىق ،شۇڭلاشقا ئەنسىرەپ قالدىم –دىدى ئانا ،بۇغزىغا كەپلىشىپ قالغان  گەپلەرنى تەستە يۈتۋىتىپ ،پەرھات،ئانسىغا خاتىرجەم بۇلۇڭ ,
  دىگنىچە  ئۆيدىن چىقىپ كەتتى ،ئانسىنىڭ نىمە ئۈچۈن شۇنداق دىگنىنى چۈشنەلمەي  ئايقى يوق پەرەزلەرنى قىلپمۇ باقتى ،شۇنىڭدىن ئىتبارەن پەرھات ئايالىغا ،ئۇنىڭ يۈرۈش تۇرشىغا بەكرەك كۈڭۈل بۈلدىغان  بولدى .شۇنداقتىمۇ مەلىكە بىلەن پۇلات يەنىلا ئۈزنى بىلەلمەي   بۇرۇنقىدەكلا ئىچ پەش تارتىپ يۈرىۋەردى ،پەرھات ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرنى سىزىپ قالدى،لىكىن ئاكسى بىلەن ئايالنىڭ مۇنداق رەسۋالىشىشغا ئىشەنچ قىلالمىدى ،شۇنداقتىمۇ ھۇشيارلىقنى يۇقتۇپ قويماي كۆز قۇلاق بولدى ،پاكىت  ئىزدەش ئۈچۈن كۆپ تىرشتى  .دەل شۇ جەسەتلەر دوختۇرخانغا كىرگەن كۈنى پەرھات ئۈيگە كەلدى ،بىر ئىشنى سىزىپ قالغاندەك ،بۇرۇنقى چاغلىردەك ئىشىك قوڭغىرقنى باسمايلا  ئاچقۇچ بىلەن ئىشكنى ئېچىپ كىردى  .ياتاق ئۈيدىن چىقۋاتقان  ئىڭراشقان ،ھاسىرغان ئاۋازدىن كۆڭلى بىر شۇملۇقنى سەزدى ،ئاشخانا  ئۆيگە كىرىپ  كۆكتات توغرايدىغان  پىچاقنى  ئېلىپ چىقتى دە،ھۇجۆرىسىغا باستۇرۇپ كىردى ،كىرىپلا كۆزلىرگە ئىشنەلمەي قالدى ،ئۇنىڭ ياسداق كارۋىتدا   قېرنداش ئاكسى بىلەن ھالاللاپ ئالغان گۈزەل  ئايالى  تۇغما ھالەتتە  ھايۋانىلارچە  يېتشاتتى  ،پەرھاتنىڭ پىچاق تۇتقان قوللىرى تىترەپ كەتتى ،ئېغزى گەپكىمۇ كەلمەي قالدى ،پۇلات  چاچراپ ئورنىدىن تۇردى،ئالاقىزادىلىك بىلەن  كۆينىكنى قۇلغا ئېلىپ ھاپلا شاپلا يىڭنى ساپتى ،مەلىكەمۇ تاترىپ ،تىترىگىنچە  كەچلىك كىيمنى ئۇچسىغا كىيىپ ئۈلگۈردى.پەرھات  پىچاقنى تۇتقىنچە ئاچچىق كۈلۈشكە باشلىدى ،خۇددى ئېلشىپ قالغاندەك كۈلۈشكە باشلىدى ، بىردەمدىن كىيىن  ئىسنى سەل يىغقاندەك چەبدەسلىك بىلەن مەلىكەنىڭ بۈدرە چېچدىن تۇتۇپ ئۇنىڭغا سۇئال سۇراق ياغدۇرۋەتتى ،
-ھايۋان ئېيتە بۇنداق قىلشقا قانداق  كۆڭلۈڭ باردى ،ئەجبا ئۇ مىنڭ ئاكام ئەمەسمۇ ؟ئۇ دادمنىڭ ئورنىدىكى ئادەم ئەمەسمۇ ؟سىنى ئۆلتۈرۋىتمەن ...........
-بۇ.. .بۇ... بۇنى ئاكاڭدىن سۇرا ،ئۇ گۇناھنى يۇيۇش ئۈچۈن  مىنى س... س ..ساڭا ئېلىپ بەرگەن مەن ساڭا زورلاپ تەگمىدىم  ...پۇلات  قۇلدىكى  پىچاقنى زەردە  ئۇنىڭ كۆكسىگە تىقتى ،قىپقىزىل قان  بۇلدۇقلاپ ئېقىپ چىقتى .پۇلات بۇ مەنزىرنى كۈرۈپ سىرتقا ئۈزنى ئاتتى،پەرھات ئۇنىڭ كەينىدىن تاپ بېسىپ چىقىپ مىھمانخانا ئۆيدىلا  گەجگىسگە بىر پىچاق ئۇردى ،ئۇ يىقلدى ،ئاچىقىنى باسالمىغان پەرھات يەنە پىچاقنى ئۇنىڭ نەچچە يىرگە تىقۋەتتى،شۇ چاغدىلا سەل يىنكلەپ قالغاندەك ھىس قىلپ دەرھال 110غا تىلفۇن قىلپ ئۈزنى مەلۇم قىلدى .شۇنىڭ بىلەن ھايۋانلاشقان مەلئۇنلار ئۈلۈپ تۈككەنمۇ بولدى .لىكىن بولغۇلۇق يەنىلا ھاياتلارغا ،بىچچارە ئانلارغا بولدى .پەرھاتنىڭ ئانىسى  ئوغوللىرنىڭ ئىچ ئاغرىقىدا  يۈرەك كىسلى تۇيۇقسىز قوزغۇلۇپ  ئۇمۇ قازا قىلدى ،مەلىكەنىڭ ئاپسى نۇمۇسقا چىدماي زەھەر ئىچىپ ئۈلۋالدى ........
تامام  
 
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315