دادا سەن نەدە

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-17 11:22
                            دادا سەن نەدە
                                             (ئىپىك نەسىر)
                              ئىزدىدىم سىمايىڭنى ئاي شولىسى چۈشمىگەن جايدىن،
                               سورىدىم دادا دەپ بۇلۇت كەينىگە چۈمكىگەن ئايدىن.


  بۇ بىر راست گەپ ھەم تۇقۇلما نەسىر .شۇڭلاشقا ئۇقۇرمەنلىرىمنىڭ ئارتۇق ئويلاپ كەتمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
مەن يىغلاۋاتىمەن .يىغلىغاندىمۇ بەك ئېچىنىشلىق ھۆڭرەپ يىغلاۋاتىمەن .يىغلىدىم .دادا دەپ ئاھ ئۇرۇپ يىغلىدىم .قېنى سىنىڭ مىھرىبانلىقىڭ ،قېنى ماڭا بولغان مۇھەببىتىتڭ ،قېنى ماڭا سۇنۇلغان مىھىرلىك قوللىرىڭ دەپ ئۆرتىنىپ يىغلىدىم .ئېيتە دۇنيا ،مەن ساڭا زادى نىمە قىلغان؟ۋە ياكى مىنىڭ بۇ دۇنياغا تۇغۇلۇپ قالغىنىمنىڭ ئۈزى بىر گۇناھمۇ ؟
شۇنداق مىنىڭمۇ دادام بار .چاقىرسام ئېتى بارۇ ،تۇتسام قۇلى يوق ،ماڭا بىرىدىغان ئىسسىق قەلبى يوق ،باشقىلارنىڭ دادىلىرىدەك بالىسىنى  ئەركىلىتىش ،ھېچ بولمىسا،جاپانىڭ دەستىدىن قاپىرىپ كەتكەن قوللىرىنى سۇنۇپ باقمايدۇ .ئۇنداقتا كىمگە سۇنىدۇ ؟!مەندىن باشقا يەنە بالىسى بار .ئۇ ئۈزىنىڭ بالىسى ،بىراق مەنچۇ ؟مىنىڭ ئانام بىلەن دادام زادى قەيەردە ؟كىچىك سىڭلىم تۇغۇلغاندىن باشلاپ مىنىڭ  تەنلىرىم ،بىچارە يۇمىلاققىنە يۈزلىرىم تاياقتىن ئۈزىنى تارتا لمىدى.شۇنچە قاچاتتىميۇ بىراق يەنە تۇتۇلۇپ قېلىپ تاياق يەيتتىم .يىغلايتتىم ،يىغلايتتىم ،يەنە يىغلايتتىم .ئانا ،دادا دەپ ھۆڭرەپ يىغلايتتىم .بىراق ئۇلار كىلەي دىمەيتتى .كىلەي دىىسمۇ كىلەلمەيتتى .چۈنكى ،مىنى بېقىۋېلىشقا بەرگەن ئەمەسمۇ ؟!ئەمدى مېنى ،كۈرۈۋېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ كىلەلمەيدۇ.چۈنكى ،ئۇلار يىراقلارغا كىتىپتۇ .مەن ئازابلىنىمەن ،كىچىك تۇرۇپ ئازابنىڭ ،ھەسرەتنىڭ نىمىلىكنى بىلىپ قالغىنىمغا بەكمۇ –بەك پۇشايمان قىلىمەن.بۇنىڭغىمۇ ئەمەس ،بۇ دۇنياغا تۇغۇلۇپ قالغىنىمغا پۇشايمان  قىلىمەن .مىنى باقمايدىغان ،تۇغۇپ بۇلۇپ باشقىلارنىڭ سۇغۇق قوينىغا تاشلاپ بەرگىنىگە مىنىڭ يىغىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان خۇما كۈزۈمنى ياشلىغىنىغا پۇشايمان قىلدۇردى.مەن بۇ دۇنيانىڭ ھەممە نەرسىلىرىدىن شۇنداق نەپرەتلىنىمەن . ھەممە مۇز كەبى كۆز ئالدىمدا قاتىدۇ ،ھەممىنىڭ كۈزىدە مىنى مەسخىرە قىلىشتەك بىر خىل مەسخىرىلىك كۈلكە  جىلۋە قىلىدۇ.بۇ مەسخىرە  مىنىڭ  يۈلەنچۈكسىز قالغانلىقىمنىڭ ،ئانامنىڭ ھەم دادامنىڭ يوقلىقى سەۋەبىدىن ئەمەسمۇ؟ئەگەر ئەقلى ھۇشى جايىدا بىر كىشى بۇنداق ھالەتنى ھىس قىلىپ تىگىگە يتەلەيدۇ .مىنىڭ بالىلىقىم ئەنە شۇنداق ئۇرۇش ،تىللاش ،نۇقۇش ،ھەيدىۋېتىش .......قاتارلىق نۇرغۇن ھادىسىلەرنىڭ ئىچىدە ،بىچارە تەنلىرىم تاياق يەپ ،ئۇماق ئاجىز كۆزلىرىم يىغلاپ ،يۈرەكلىرىم ئانا-دادا دەپ توختىماي داتلاش ئىچىدە  چوڭ بولدۇم.چاقىرغان بىلەن نىمە ئامال ئۇلار بەرىبىر كىلەمتى .شۇنداق يۈرۈپ ئۇلارنىمۇ ئەسلىمەس بۇلۇپ قالدىم .تەقدىرگە تەن بىرىپ يۈلەنچكسىزلىكىم سەۋەبلىك ئۇرسا يىغلىدىم ،تىللىسا  قاراپ تۇردۇم ،ھەيدىۋەتسە كونا سامانلىققا چىقىپ ،دەرتلىرىمنى كۆزلىرىمدىن ئالدىم .شۇڭلاشقىمۇ ھازىرنىڭ ئۈزىدە كۆزەينەككە چۈشۈپ قالدىممىكىن دەيمەن .
   دادام مىنى تىللايتتى ،ئۇراتتى ،ھەيدىۋىتەتتى .مەن بولسام يىغلايتتىم . ئانام  ماڭا تەسەللى بىرەتتى .بىراق  ،نە چارە ،كىچىك ،نادان ،قەلبىدە نەپرەت ئۇرۇقى يىتىلىۋاتقان پارە –پارە بولغان يۈرەك قانداقمۇ ئەمىن تاپسۇن؟
مەن يىغلاۋاتىمەن ،بۇ دۇنيادا پەقەت ۋە پەقەت مەنلا يىغلاۋاتىمەن .يىغلىغاندىمۇ دادام يوق دەپ يىغلاۋاتىمەن .دادا سەن قەيەرگە كەتتتىڭ ؟ مىنى ،باقالمايدىغان ئادەم نىمە ئۈچۈن مىنى بۇ ۋاپاسىز دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان .مەن سىلەردىن نەپرەتلىنىمەن .ئانام مىنىڭ سۈت ھەققىمنى بەرمىدى ،ئانىلىق مىھرىنى بەرمىدى .دادام مىنى يىتىلەپ بازارغا ئاپىرىپ ،ئەركىلىتىپ پىشانىلىرىمگە سۆيمىدى .بازارغا بارمايمەن ئەمەس .ئانام بىلەن بارىمەن.ھەر قېتىم بازاردا باشقا بالىلارنىڭ دادىسىنىڭ بالىسىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ  يىتىلەپ بىرە يەيدىغان نەرسە ئېلىپ بەرمىسىمۇ ،شۇنچە خۇشال كىتىپ بارىدۇ.بىراق مەنچۇ ؟مىنىڭ قۇلۇمدا ئۇيۇنچۇق ،چوكا مۇز ...دىگەندەك نەرسىلەر بار .ئويلاپ بېقىڭ مۇشۇنداق مۇھىت ئىچىدە مەن خۇشال بۇلالامدىم .يىگەن نەرسىلىرىم ئۈگە-ئۈگىلىرىمگە بېرىپ مىنى شاتلاندۇرالامدۇ؟ياق ،ئەلۋەتتە شاتلاندۇرالمايدۇ .چۈنكى .ماڭا كىرىكى ،بازاردىكى نەرسىلەر ،كىيىدىغان چىرايلىق كىيىملەر ،ئوينايدىغان ياخشى ئۇيۇنچۇقلار ئەمەس .بەلكى ،دادامنىڭ قۇشۇمىسىنى تۈرمەي ،قۇلۇمنى سىلكىۋەتمەي تۇتۇپ مېڭىپ ،ئازراق بولسىمۇ دادىلىق مىھرىنى بەرگەن بولسا ،مىنڭ بۇ دۇنيادا بۇنىڭدىن باشقا تەلىپىم ھەم ئارمانىم ،ئۆمۈرلۈك ھەم دائىم قەلبىمنى چۇلغىۋالىدىغان ئارزۇ بولماسلىقى مۇمكىن ئىدى .مەن ھازىر شۇنچە چوڭ بۇلۇپ قالغان تۇرۇقلۇق يەنە دادا ،دادا دەپ تەمتىرەپ ،يوق دادامنىڭ سىيماسىنى ئىزدەپ يۈرىۋاتىمەن .كچىك ۋاقتىمدىن باشلاپ يىتىملىكنىڭ ئازابىنى ئاز تارتمىغان مەن ،بۇ دەرت-ھەسرەتتىن مەڭگۈ ،ئۆمۈرۋايەت قۇتۇلالمايدىغان ئوخشايمەن .چۈنكى ،مىنىڭ ماڭا  ھەقىقىي  كۈيىنىدىغان ،مىنى چىن قەلبىدىن ئاسرايدىغان ،بەرگىنىگە مىننەت قىلمايدىغان دادام يوقتە؟!
    بوپتۇ ئۈزۈمنىڭ دادىسى بولغان بولسىمۇ ئۇرادى يا بولمىسا تىللادى ،بىراق ھەرگىز ئۆيدىن چىق ،نەگە بارساڭ بار دەيدىغان ناھەق گەپنى قىلماس ،مەن سامانلىققا چىقىپ ھەسرەتلىنىپ يىغلىمىغان بۇلار ئىدىم .بەزىلەر دەيدىكەن :«ھايۋان بالىسنى باقساڭ ئاغزى بۇرنىڭنى ياغ ئىتەر،ئادەم بالىسىنى باقساڭ ئاغزى بۇرنىڭنى قان ئىتەر » شۇنداق بۇ بىر توغرا گەپ. بىراق ،ماڭا ئوخشاش سۆيگۈ –مۇھەببەتسىز ،مىننەتلىك دۇنيادا ياشاپ كىلىۋاتقان بېقىۋېلىنغان بالىلارچۇ؟بېقىۋېلىنغان بالا شۇنچە ئەسكىمۇ ؟ھەي بىۋاپا دۇنيا ،گۈلىيىپ تۇرماي پاكىتىڭنى بايان قىل!مىنىڭ دىلغۇل كۆڭلىمگە يىتەرلىك چۈشەنچە بەر .ئازاب –ھەسرەتتىن قۇرۇپ كەتكەن سۇسسىز تەنلىرىمگە ھاياتلىق بەخىش ئەتكىن !
   بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى ،ئۈزىنىڭ بالىسىنى باشقىلارغا بىرىشنى كاككۇكتىن ئۈگەندىمىكى  دەيمەن .شۇڭا،
كاككۇكتىن  يىغلاپ تۇرۇپ سورىدىم ،مىنڭ خاتالىقىمنى كۆرسىتىپ قوي دەپ  قۇرىقىغا ئېسلىۋالدىم .يەنە سورىدىم:
     ھەي كاككۇك،سەن قاچانغىچە ئۆزۈڭ تۇغقان تۇخۇملارنى باشقا قۇشلارنىڭ  تىكەنلىك ،مىننەتلىك ئۇۋىسىغا تاشلاپ قۇيىسەن؟سەندە ئازراق بولسىمۇ ئالىيجاناپلىق،كۈيۈنۈش ،مېھرىبانلىق سەندە يوقمۇ؟بەلىكم يوقمىكىن دەيمەن.چۈنكى ،چوڭ ئانامنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە،سەن (كاككۇك) ئەينى چاغدا زەينەپكە ئېلىپ كەلگەن بىر ساپاق ئۈزۈمنى ئەمەس . پەقەت ۋە پەقەت بىر تاللا ئۈزۈمنى كۆل بۇيىدا قۇلىنى يۇيۋېتپ  سۇنىڭ يۈزىدە ئىككى تال كۈرۈپ يەۋەتكەچكە زەينەپ خاپا بۇلۇپ كىتىپ قېلىپ ، ھازىرغىچە زەينەپنىڭ ۋىسالىغا يىتەلمەي ،تالاي-تالاي كۈنلەرنى يالغۇز ئۆتكۈزۈپ
غېرىپ كەپەڭدە زەينەپ دەپ ئاھ ئۇرۇپ ،يىغلامسىراپ يۈرمىگەن،ھەر بىر تۈننى ئۇيقىسىز ،يالغۇز ،تەنھا ئۆتكۈزمىگەن بۇلار ئىدىڭ ھە!بىلمىدىم ،سەن زەينەپنى تاپالمىغىنىڭغا ھەسرەتلىنىپ ،قېيداپ،ئاچچىقلامسىراپ ،تۇخۇملىرىڭنى ئۆچ كۈرۈپ قاغىلارنىڭ ئۇۋىسىغا تاشلاپ بەردىڭمۇ ؟سەن نىمانچە رەھىمسىز ھە!سەن نىمىشقا يەنىلا ھايات ياشاۋاتقانسەن؟ئەگەر سەن ئۈلۈپ كەتكەن بولساڭ ۋە ياكى تۇخۇملىرىڭنى قاغىلارنىڭ تىكەنلىك ئۇۋىسىغا تاشلاپ بەرمىگەن بولساڭ  بىزنىڭ بەزى ئىنسانداشلىرىمىز ،مىڭ يىللىق تولغاق ئازابىنى تارتىپ قۇرساق كۈتۈرۈپ  تۇغقان بالىسىنى باشقىلارنىڭ مىننەتلىك قوللىرىغا تۇتقۇزۇپ ئۇلارنى ئۆز ئاتا-ئانا مىھرىدىن جۇدا قىلمىغان ،ئەكىسچە ،ئەركىلىتىپ ،پەپىلىتىپ باققان بۇلار ئىدى.سەن باقالماي تاشلاپ قويغان ۋە ياكى بېقىۋېلىشقا بەرگەن بالىنى باشقىلار قانداقمۇ ئۆز بالىسىنى باققاندەك باقالىسۇن ؟باققان تەقدىردىمۇ مىننەتنىڭ يامانلىقىدىن بۇ بالا بەلىكم ھاياتىنى ۋاقىتسىز ئاخىرلاشتۇرۇشى  ياكى يامان ئادەملەرنىڭ كەينىگە كىرىپ نۇرغۇن، قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان ئىشلارنى قىلمىغان ،ئۆيلىرىدىن چىقىپ باشقىلارنىڭ قول ئاستىدا ياللىنىپ ئوغۇرلۇق قىلمىغان بۇلار ئىدى.پەقەت چۈشىنەلمىدىم.يۈرەكلىرىم قان زەرداپ بىلەن توشتى.كۆز ياشلىرىم دەريا كەبى ئاقتى.مۇشتلىرىم قۇيغان تاشتەك تۈگۈلدى.كۆز چاناقلىرىم رىزىنكىدەك كېڭەيدى،ھەر بىر تال چاچ تۈكچىلىرىمدىن تەر ئەمەس ،مۆلدۈرلەر تامچىلاشقا باشلىدى.پۈتۈن بەدەنلىرىم تىترەپ لاغىلداپ كەتتى.ھەي ئىنسانلار بالىلارغا ئۇۋال قىلماڭلار ،تۇغۇلغىنىغا پۇشايمان قىلدۇرماڭلار !بۇنداق ئازابقا دۇچار قىلغۇچە تۇغماستىن يەرگە ئۇغۇت قېلىۋېتىڭلار !
خىتاپ قىلدىم .ھەي دۇنيا سەندىن ئۈتىنىمەن مىنى قىينىما !تىرىك تۇرغۇزۇپ تىرەمنى سويما!توختىماي ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىمنى كۈرۈپ تاماشا كۈرۈپ ،مەسخىرىلىك كۈلۈپ ئولتۇرماي ،ماڭا ،ماڭا ئوخشاش يىتىملەرنىڭ مىسكىن ،سۇنۇق دىلىغا ئازراق بولسىمۇ ئەمىنلىك ،ھەممىگە قورقىنىچ  ئىچىدە قارايدىغان  قورقۇنچاق باللىرىڭغا تەربىيە قىل !يۈرەكلىك بولسۇن !كۈنلىرى يىغلاش بىلەن ئەمەس ،مەنىلىك ئۆتسۇن!ئۈلىۋېلىش نىيىتىنى قىلىپ قوللىرىغا ئالغان پىچاقنى ،ئۇيقۇ دورىسىنىڭ ھەممىسىنى تاشلىۋېتىپ ،ياشاشتىن ئىبارەت ھايات قېلىش ئىرادىسىگە كىلىپ مىسكىن دىللارنى ياشناتسۇن!

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315