يىتىم قىزنىڭ ئۆلۈمى

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-17 11:19


ھىكايە



توۋار بالىلار ،توۋار بالىلار،
توۋاردىن ئەتىۋار بالىلار.
ئاتاسى يوق -ئاناسى يوق،
تالادا خارۇ-زار بالىلار.
قۇياش نېمىنىدۇر كۆرۈشنى خالىمايۋاتقاندە ئۆزىنى ئاستا-ئاستا تاغ كەينىگە يوشۇرۇشقا باشلىدى،جاھاننىڭ غەرىبى تەرەپى غەزەپتىن گويا ئوتقا ئوىشاش قىزىرىشقا باشلىدى.قوناقلىق تەرەپتىن ئۆشنىسىدىكى يوغان بىر كۆتۈرۈم ئوت-چۆپنى ئارانلا كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان قىز خۇددى ھېلىلا يەرگە كىرىپ كېتىدىغاندەك ئالدى-كەينىگە دەسسەپ چىقىپ كەلدى-دە،ئۆشنىسىدىكى ئۆزىنى بېسىپ تۇرغان ئاشۇ رودۇپاينى يەرگە پۇككىدە ئاتقىنىچە بىر دەم ھاردۇقىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن جىگدە دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ زەيلىك تەرەپكە قاراپ يول ئالدى ،ئۇسۇزلۇق،ئاچ قۇرساقلىق قىزنى قىينىماقتا ئىدى بىراق بۇ قەيسەر قىز ئېغىر قەدەملىرىنى سۆرىگىنىچە زەيلىكتىن ئۆتۈپ قارشى تەرەپتە ئوتلاۋاتقان بىر نەچچە قوي پادىلىرىنى ئالدىغا سالغىنىچە زەيلىكتىن ئۆتۈشكە باشلىدى.قوزىلار ئۇيان-بۇيان قىيىق ئېتىشماقتا قىز بولسا قويلارنى يېتىلىگەن پېتى ھېلىقى بىر كۆتۈرۈم چۆپ قويۇلغان جايغا ئىلگىرلەيتى ،مانا ئەمدى گويا «كۆتۈرەلمىسىڭىز ساڭگىلىتىۋېلىڭ»ھېلىقى بىر كۆتۈرۈم رۇداپاي ئۇنىڭ ئۆشنىسىدىن قايتا بېسىشقا باشلىدى.ئەتراپتا ئىنسى جىن قالمىغاندى،يولنىڭ ئىككى قاسنىقىغا تىكىلگەن سۆگەت دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرىغا قونۇۋالغان ھەر خىل قۇشلار خۇددى قىزغا ئىچ ئاغرىتىشىۋاتقاندەك مۇڭلۇق ناخشىلىرىنى ئېيتىشماقتا قىز بولسا بىردەم-بىردەم ئارقىغا قارىغىنىچە مەھەللە تەرەپكە قاراپ ئىلگىرلىمەكتە...
ئىتلارنىڭ ئەنسىز قاۋاشلىرى قىزنى تەۋىشكە سالسا قورالاردىكى قوي،كالا ،ئىشەكلەرنىڭ مەرەشلىرى،مۆرەشلىرى،
ھاڭراشلىرى قوشۇلۇپ ئۇنى بىزار قىلماقتا .قىز ئاخىرى مەھەللە ئىچىگە يېتىپ كەلدى ۋە سولغا بۇرۇلۇپ يەنە شۇ دوۋزاق تەرەپكە قاراپ يول ئالدى بىچارە قىزغا نىمە ئامال دەيسىز؟ئۇ كۆزۈمدەك لامپا يۇرۇتۇلغان قورو ئىچىگە كىردى-دە،ئەدەپ بىلەن كارىۋاتتا ئولتۇرۇشۇپ تاماق يېيىشىپ ئولتۇرغانلارغا قاراپ:
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن قايتىپ كەلدىم دىدى.قىزنىڭ سالىمىغا يەردىنمۇ جاۋاپ چىقمايدىغاندەك قىلاتتى ئۇ سەل تىترىگەن قىياپەتتە ئۆشنىسىدىكى ھېلىقى رۇدىپاينى ئاۋايلاپ قويغاندىن كېيىن قويلارنى ئېغىلغا سولاشقا تەمشەلدى ،تويقسىز ئېچىلغان كۈيقاپنىڭ ئاغزىدىن ئۆزىنى يۇشۇرىدىغان جاي تاپالماي تەمتىرىگەنلىكىتىن خۇددى سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك بىر بولۇڭدا تىتىرەشكە باشلىدى.
-ھوي يىتىم ئوغلاق ساقلاندى،قويلارنى باقماي نىمە قىلدىڭ قارىغىنە قۇرساقلىرى تارتىشىپ كېتىپتۇغۇ؟ئاتا-ئانىسى يالىمىغان شۇم.ئارقا -ئارقىدىن كەلگەن بۇ زەربىلەردىن قورقۇپ كەتكەن بىچارە قىز ئىلتىجا قىغان قىياپەتتە.
-باقتىم ئانا !سازلىققا ئاپىرىپ باقتىم دىيەلىدى ئارانلا .
-كىم سېنىڭ ئاناڭكەن؟ئاناڭنى تېپىپ ئانا دە تولا نومۇسۇمنى كەلتۈرمەي ھارام تاماق ساقلاندى .باقتىم دەيسىنا تېخى باقساڭ موشۇنداق قۇرساقلىرى تارىشىپ كېتەمدۇ؟دىدى سارىخان قاتتىق غەزەب بىلەن.
-باقتىم راسلا باقتىم ئانا ئىشەنمىسىڭىز قاسىمكامنىڭ ئوغلىدىن سوراپ بېقىڭ .
-ھوي يتىم ئوغلاق سەن تېخى ماڭا جاۋاب ياندۇرغۇدەك بولدۇڭما؟مانا ئەمىسە دىگىنچە سارىخان قاتتىق ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلدى ھەم كېلىشتۈرۈپ شاپىلاق بىلەن بىرنى سالدى.
-ۋايجان دىگىنىچە يەرگە يېقىلغان قىز دەرھاللا ئۇنىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ ،ئۇرماڭ ئانا ئۆتۈنۈپ قالاي مەن ھازىرلا قايتىدىن بېقىپ كېلەي دەپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى.
-بۇ كېچىدە ئاناڭنىڭ قېىشغا ئاپىرىپ باقامسەن يىتىم ئوغلاق ،ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان ھارام تاماق ،ئۆلسەڭ بولمامدۇ دىگىنىچە قىزنىڭ يۈزىگە قارسسىدە بىرنى تەپتى ئۇ. قىزنىڭ ئاغزى بۇرنىدىن قان كەتتى .نىمىشقىدۇر ئۇ ئەمدى يالۋۇرۇشتىن توختىغاندى.
-ئاپا بولدى قىلىڭ ئۆلۈپ قالمىسۇن يەنە ئاغزىدىن قان چىقىۋاتىدۇ دىگىنىچە سارىخان قاتتىقنىڭ چوڭ قىزى ۋىسالئاي يۈگۈرگىنىچە كېلىپ ئاپىسىنى تۇتۇۋالدى قالغان بالىلىرىمۇ تەڭلا ئۇ ئۆلسە دادامغا نىمە دەپ جاۋاب 
بېرىمىز ؟دىگىنىچە تەڭلا كېلىپ ئۇنى تۇتۇۋالدى سارىخان قاتتىق سەل ھۇشىنى تاپقاندەك بولۇپ .
-ئاچا ئىنىلىرىڭنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن سېنى كەچۈردۈم ۋوي ساقلاندى قوپە ئورنىڭدىن ئىتنىڭ ئۆلۈكىدەك ياتماي دىگىنىچە كارىۋات تەرەپكە كەتتى .
-قوپە تولا خۇپسەنلىك قىلماي بىز بولمىغان بولساق كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرەتتىڭ قانداق دىگەن نىمە بۇ ؟قوپ دىگەندىن كېيىن قوپمامسەن ؟دىگىنىچە قىزنىڭ بېىشىدا دىۋەيلەپ تۇرۇاتتى ۋىسالئاي.قىزدىن زۇۋان چىقمىدى .
-ئاچا ئۇ ئۆلگەن ئوخشىمامدۇ؟تىنمايۋاتىدۇغۇ سورىدى ۋەسلىنۇر.
-نىمە دەيدىغانسەن بۇ ساقلاندىنىڭ جېنى چىڭ دىدى پەرۋاسىز ھالدا كىچىك قىزى گۈزەلنۇر.مانا ئىشەنمىسەڭ قاراپ باق تىنمايۋاتىدۇ،ئۇلار سەل بىر نەرسىدىن چۆچۈگەندەك بولدى-دە،ئاستا قىزنىڭ ئاغزىنى تۇتۇشقا باشلىدى. 
دەرۋەقە قىزنىڭ قىنىقى توختاپ قالغاندەك قىلاتتى ئۇلار چۆچىگەن ھالدا :
-ئاپا بۇ ئۆلدىمۇ نىمە؟دەۋەتتى.سارىخان قاتتىق پەرۋاسىز ھالدا كارىۋاتتىن ئېزىلەڭگۈلۈك قىلىپ چۈشتى ۋە ئۇنىڭ ئاغزىنى تۇتۇپ كۆرگەندىن كېيىن:
- بۇ ساقلاندى ھەييارلىق قىلىۋاتىدۇ تىنىقى بار ئىكەن دىدى.
-ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇھ قىلغان ئاۋاز بلەن تەڭ قىز ھۇشىغا كەلدى.ئۇلار ئۇنى سۆرەشتۈرۈپ كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ قويى بىر پەستىن كېيىن قىزنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
-تۇرە ئورنۇڭدىن ئۆلمەيدىغان شۇم ھېلى بىكار سارىخان قاتتىقنىڭ بۇ سۆزىدىن قىز چۆچۈگىنىچە ئارانلا ئورنىدىن تۇردى.
-بول يۈز-كۆزلىرىڭنىڭ يۇيۇپ يۇنداڭنى يەۋال ئاندىن كېيى قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇۋەت !قىز قورققىنىدىن تەسلىكتە بېرىپ يۈز-كۆزلىرىنى يۇدى ۋە بىرقاچىغا ئۇسۇپ قويغان تاماقنى يىيىشكە باشلىدى .ئۇنىڭ قۇرسىقى بەكلا ئېچىپ كەتكەندى ،ئۇ قۇرسىقىنى ئانچە -مۇنچە گۆللىۋالغاندىن كېيىن قاچا يۇيۇشقا باشلىدى قالغانلار بولسا تېلىۋېزور كۆرۈشۈپ ئولتۇرۇشاتتى.
يىتىم دەيدۇ ،يىتىم دەيدۇ،
يىتىم قىلسا ،خۇدا قىلدى.
دادام بىلەن ،شۇ جان ئانامدىن،
جۇدا قىلسا، خۇدا قىلدى.
پاتىگۈل ئەسلىدە قادىر بىلەن رىزىۋاگۈلنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى بولۇپ بىچارە بالا ئەمدىلا 8ياشقا تولغاندا ،ئاتا-ئانىسى بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچىراپ قازا قىلغاندى .شۇ تۈپەيلى دۇنيادا يەككە -يىگانە قالغان بۇ قىزنى دادىسىنىڭ ئاكىسى سۇلايمان بېقىۋالغاندى.سۇلايمان بۇغداي ئۆڭ،قوي كۆز،ۋىجىككىنا كەلگەن كىشى بولۇپ تۇرمۇش قىيىنچىلىقى،ئايالىنىڭ ھازازۇللۇقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆز يېشىغا قارىغاندا بىر نەچچە ياش بۇرۇن قېرىپ كەتكەندى،قىشىلەر ئۇنىڭ بوي تۇرقىنىڭ كىچىكىلىكىگە ئاساسەن ئۇنىڭغا سۇلايمەن جىۋەك دىگەن لەقەمنى قويۇپ قويغاندى ،لېكىن ئۇنىڭ قاچانلا بولمىسۇن ھېلىلە قېقىدەك قورۇلۇپ كەتكەن چىرايىدىن خۇشخۇيلۇق،مۇلايىملىق چىقىپ تۇراتتى ئۇ  پاشىنىڭمۇ كۆڭلىنى ئاغرىتىشنى خالىمايدىغان ئىشچان ئادەم بولغىنى بىلەن نىكاھتىن تەلىيى كەلمەي تازىمۇ بىر ھازازۇل خوتۇنغا ئۇچراپ قالغاندى.ئۇ بۇنىڭغىمۇ شۈكرى قىلاتتى چۈنكى ئاشۇ ھازازۇل خوتۇندىن ئۈچ بالىسى بار ئىدى شۇ تۈپەيلى بالىلار يتىم بولۇپ قالمىسۇن دىگەن خىياللار بىلەن چىشىنى چىشلەپ ئۆي تۇتۇپ كېتىۋاتاتتى.ئ نىسى بىلەن  قېيىن سىڭلىسى قاز قىلغاندىن كېيىن ئۇ بىر مۇنچە كۈرەشلەر بىلەن  ئىنىسىنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى پاتىگۈلنى بېقىۋالغاندى.سارىخان قاتتىق بولسا شۇ يېزا بويىچە بىشەملىكتە داڭقى چىققان ئايال بولۇپ ئۇنى كىشىلەر سارەم قاتتىق ،سارەم توڭ دەپ ئاتىشاتتى ،ئۇنىڭ ئاچچىقى شۇنداق يامان ئىدىكى بىر ھۆكىرىسە يېزىدىكى بارچە كىشى قورقاتتى شۇ تۈپەيلى ھېچكىممۇ ئۇنىڭغا ئېچىلىپ -يېيىلىپ پاراڭ قىلمايتى.سۇلايمان يىللاپ -يىللاپ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلاتتى ئۇ كەلگەن كۈنلەردە بولسا پاتىگۈلنىڭ كۈنى بىر ئاز ياخشى بولۇپ قالاتتى ئىسىمىمۇ پاتەكتىن پاتىگۈلگە ئۆزگىرىپ قالاتتى بىچارە قىز بۇلارنى تاغىسىغا ھەرگىزمۇ  تىنمايتى.مانا سۇلايمان ئىشلەمچىلىككە كەتكىلى بىر نەچچە ئاي بولۇپ قالغان دى شۇ تۈپەيلى قىزنىڭ كۈنلىرى خارۇ-زارلىقتا ئۆتۈشكە باشلىدى.
قىز قاچا-قۇچىلارنى يىغۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن شۈمشەيگەن ھالدا كاڭنىڭ بىر چېتىدە ئۇيقۇغا كەتتى .قالغانلار بولسا تېلىۋېزور كۆرۈشمەكتە نېمىلەرنىدۇر دىيىشىپ كۈلۈشمەكتە.قىز يوتقانغا بېشىنى پۈركۈگىنىچە ئىختىيارسىز كۆز يېشى قىلماقتا ،ئۇ ئىچىدە دادا-ئانا مىنىمۇ بىر گە ئېلىپ كەتسەڭلار بولماسمىدى ؟مەن سىلەرنى بەكمۇ سېغىندىم دىگىنىچە كۆز يېشى قىلماقتا  ئاي بىلەن يۇلتۇزلارمۇ ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىدىن تەسىرلىنىپ غەزەپ بىلەن ھەي رەھىمسىز ئىنسانلار دىيىشىۋاتقاندەك بىلىنمەكتە شۇنداق قىلىپ قىز ئۇخلاپ قالدى ئۇ چۈشىدە دادىسى بىلەن ئانىسىنى كۆردى ئۇلار قۇچاقلىشىپ يېغلاشتى ،ھال مۇڭ بولۇشتى بىرگە ئولتۇرۇشۇپ مېزىلىك پىشىۇرۇلغان كاۋاپ،ئوشىغان لەڭمەنلەرنى يىيىشتى،قىزنىڭ قۇرسىقى بەكلا تويدى ،چۈنكى ئۇنىڭ قۇرسىقى بۇنچىلىك تويمىغىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقاندى.قىز ھاياجانلانماقتا،كۈلمەكتە تۇيۇقسىز :
-ھەي ساقلاندى كىمىڭنى زاڭلىق قىلىۋاتىسەن دىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ قىز ئۇيغاندى ۋە تەمتىرىگەن ھادا :
-ھېچكىمنى ئانا دىدى جاۋابەن.
-بېتىقېلىن ساقلاندى كۈلۈۋاتقىنىنى جىم يېتىپ ئۇخلا ئەتە قويلارنى باققىلى ئەتىگەنراق چىقمىساڭ بولمايدۇ.قىزنىڭ بىردەمچىلىك خۇشاللىقى بىر دەمدىلا سۇغا چۈشكەن قاردەك غايىپ بولدى ...قىز يەنە كۆزىنى يۇمدى بىراق دادىسى بىلەن ئانىسىنى كۆرەلمىدى.شۇنداق قىلىپ قىزنىڭ كۈنلىرى قوي بېقىش تىل ئاھانەت ئىشتىش بىلەن ئۆتمەكتە .تاغىسى ئارىدا بىرنەچچە قېتىم كەلگەن بولسىمۇ بىراق يەنىلا تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە يەنە قايتىپ كەتتى.(


ئۇنىڭ كۈنلىرى قوي بېقىش،كىر  يۇيۇش، قاچا-قۇچا يۇيۇش بىلەن ئۆتمەكتە ...بىچارە 
تەڭ قۇرداشلىرىنىڭ سومكىلىرىنى ئېسىشىپ مەكتەپكە ماڭغانلىقىنى كۆرگىنىدە كۆڭلى بۇزۇلۇپ 
ئادەم يوق جايلارغا  بېرىپ قانغۇچە يېغلىۋالاتتى مانا ئۇنىڭ يېشىمۇ خىلى چوڭلاپ قالدى،ئۇ 
كۆز ئالدىدىكى رىئاللىققا تەن بېرىشكە باشلىدى .ئەمدى ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىشىمۇ ئادەتتىكى 
ئىشلاردىن ئۆتۈپ ئېتىز -ئېرىق ئىشلىرىغا يۆتكەلدى ئۇ كۆڭلىدە «ئۆزۈڭنى خارقىلغىچە ،كۈ- 
چۈڭنى خار قىل »دەپتىكەن  مەن ئۆزۈم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى چوقۇم ياخشى قىلىشىم 
كېرەك شۇنداق قىلغاندىلا ئانام مېنى ئۇرۇپ تىللىمايدۇ دىگەن خىياللار بىلەن ھەممە ئىشنى 
جايىدا قىلاتتى بىراق ئۇ يەنىلا  تىل -ئاھانەت،تاياق-توقماق زەربىسىدىن قۇتۇلالمىدى .لېكىن 
شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا ۋايسىمىدى.تاپشۇرۇلغان ھەرقانداق ئىشنى قۇربىنىڭ يېتىشىچە قىلىپ تۇردى 
مانا بۈگۈ ن  بالىلار بايرىمى ئۇنىڭ نەۋرە ئاچىلىرى ئانىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا بازارغا كەتتى 
ئۇ بولسا كېۋەزنىڭ ئوتىنى ئوتاش قاتارلىق ئىشلارنى قىلغاچ يالغۇز قالدى .سارىخان قاتتىق مېڭىش ئالدىدا: 
-ھەي پاتەك مەن دىگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىۋەت ۋويلىدىكى قازان بېشىغا نان قويۇپ قوۇدۇم 
قارنىڭ ئاچسا شۇنى يە! دىگىنىچە ئۆينىڭ ئىشىكىنى قۇلۇپلاپ قويدى .بىچارە قىز. 
-ماقۇل ئانا دىيەلىدى ئارانلا.قىز ئوتۇغۇچ قاتارلىق نەرسىلەرنى كۆتۈرگىنىچە ئۇدۇل ئېتىزلىققا قاراپ يول ئالدى. 
ئۇ پىژغىرىن ئاپتاپقا قارىماي كېۋەز ئوتاشقا باشلىدى.مانا چۈشمۇ بولدى ئۇ ئانىسى ئوچاق بېشىغا قويۇپ قويغان 
ھېلىقى يېرىم ناننى ئېلىۋالغاندى،شۇنۇڭ بىلەن   قىرنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ ئەمدىلا سوغۇق سۇ بىلەن يەي دەپ تۇرۇشىغا  قوشنىسى مەريەمخان ھەد ئۇنىڭغا. 
-قىزىم جۈرە بىزنىڭكىگە بېرىپ تاماق يەپ كەل دىدى. 
-رەھمەت ئاچا مەن نان ئەكەلگەن شۇنى يەي دىدى جاۋابەن قىز. 
-يۈرە قىزىم يۈر دىگەندىن كېيىن يۈر دىگىنىچە قولىدىن يېتىلەپ دىگۈدەك ئۇنى ئۆيىگە باشلاپ باردى مەريەمخان ھەدە ،ئەتىگەنلا تاماققا تەييارلىق قىلىپ قويغان بولۇپ بىر دەمنىڭ ئىچىدىلا لەڭمەننى پۇشۇردى پاتىگۈلمۇ ئۇنىڭغا ياردەملەشتى .ئۇنىڭ  بۈگۈن پەقەتلا بۈگۈن مانا موشۇنداق ئوخشىغان بىر قاچا 
لەڭمەننى ئازادە ئولتۇرۇپ يىيىشى ئىدى .تاماقتىن كېىن ئۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ قاچىنى يۇيۇش ئۈچۈن تۇتۇندى مەريەمخان ھەدە. 
-مەن يۇيۇۋېتەي قىزىم سىز بىر ئاز ئارام ئېلىۋېلىڭ دەپ تۇرۇۋالدى قىز نائىلاج ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىشقا مەجبۇر بولدى.قاچا يۇيۇلۇپ بولغاندىن كېيىن مەريەمخان ھەدە بىر ئۇلۇق -كىچىك تىنىۋالغاندىن كېيىن،پاتىگۈلنىڭ قوللىرىنى سىللاپ تۇرۇپ بىچارە قىزىم .سەن نېمىشقا مىنىڭ قىزىم بولۇپ قالمىغانسەن ؟ھەي تەڭشەلمىگەن جاھان ! 
رەھمەتلىك داداڭ بىلەن ئاناڭ تولىمۇ ياخشى كىشىلەردىن ئىدى.«ئەسكىگە ئۆلۈم يوق،ياخشىغا كۈن»دىگەن گەپ راست ئوخشايدۇ ئۇلار ياش تۇرۇپلا كېتىپ قالدى دىگىنىچە كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالدى. قىزمۇ ئۆكسۈپ -ئۆكسۈپ  يېغلاشقا باشلىدى  ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى گويا يىپى ئۈزەلگەن مارجاندەك چۈشۈشكە باشلىدى .مەريەمخان ھەدە بىر ئىش ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ كۆڭلۈڭنى بۇزمىغىن قىزىم ،مەن سېنىڭ كۆڭلۈڭنى بۇزۇپ قويدۇم دىگىنىچە ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈشكە باشلىدى ،قىز ئۆكسۈپ -ئۆسۈپ يېغلايتى مانا شۇنداق قىلىپ ۋاقىتمۇ خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالدى قىز ئاستىغىنە ئورنىدىن تۇرۇپ : 
-رەھمەت ھەدە مەن ئەمدى ئېتىزلىققا باراي دەپ خۇشلاشماقچى بولدى .مەريەمخان ھەدە ئۇنىڭغا. 
-توختا قىزىم مەنمۇ ھازىرلا ماڭىمەن بىرگە ماڭايلى دىدى.شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئېتىزلىققا قاراپ يول ئالدى . 
قۇياش ئاستا-ئاستا تاغ كەينىگە يۇشۇرۇنۇشقا باشلىدى قىز يەنىلا كۈندىلىك ئادىتى بويىچە يوغان بىر باغلام ئوتنى كۆتۈرۈپ مەھەللە تەرەپكە قاراپ يول ئالدى،خېلى ماڭغاندىن كېيىن مەھەللە ئىچىگە يىتىپ كەلىشتى . 
قۇرداشلىرى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بازاردىن قايتىپ كېلىشىۋاتقاندى.بالىلار ئۇنىڭغا قاراپ ئاتا-ئانىلىرىغا نېمىلەرنىدۇر  پىچىرلىشاتتى.بۇ ھال ئۇنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلغان بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭغا ئامال يوق شۇنۇڭ بىلەن ئۇ قۇرداشلىرىغا ھېرىسمەنلىك بىلەن بىر ئاز قاراپ تۇرغان  جايىدىلا خۇددى قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى .قىزنىڭ كۆڭلىدىكىنى سەزگەن مەريەمخان ھەدە.   
-مېڭ قىزىم كەچ كىرىپ كەتتى دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ قويدى ئۇنى ،  قىز مېڭىشنى داۋاملاشتۇردى . 
ئىككىيلەن خوشلاشقاندىن كېيىن قىز دەرۋازا ئالدىغا كەلدى بازارغا كەتكەنلەر تېخىچە قايتىپ كەلمىگەندى.ئۇ دەرۋازىنى ئېچىپ قوروغا كىردى-دە،ئۆشنىسىدىكى رودۇپاينى كۆتۈرگىنىچە قوتانغا كىرىپ كەتتى ... 
ئۇلار تېخىچىلا كەلمەيۋاتاتتى قىز كۆزۈمچىلىك چىراقنىڭ يورۇقىدا كارىۋاتتا ئولتۇرغىنىچە پاشىلار غا يەم بولغان ھالدا  ئۇلارنى ساقلىماقتا ،ناماز خۇپتەن ۋاقتى بولغاندا ئۇلارمۇ ئاخىرى قايتىپ كەلدى قىز يۈگۈرگىنىچە ئالدىغا چىقتى . ئىشەكنى ھاراۋۇدىن چىقىرىپ باغلاپ قويغاندىن كېيىن قاينىتىپ قويغان چاينى ئېلىپ كېلىشىگە. 
-نىمە ھاڭۋېقىپ تۇرىسەن ؟چاي قۇيمامسەن كايىشقا باشلىدى ئانىسى . 
-پىيالە يوق دىيەلىدى ئارانلا ئۇ. 
-پىيالىنى مەن بازارغا ئېلىپ كېتىپتىمەنما ؟ھوي يىتىىم ئوغلاق كۈيقاپنىڭ ئاغزى يەنە ئېچىلىشقا باشلىدى. 
-پىيالە ئۆيدە تىرنىقىنى تاتلاپ تۇرۇپ سۆزلىدى قىز. 
-مانا ئاچقۇچ تېز بول! بەك ئۇساپ كەتتۇق ئۇ يۈگۈرۈپ يۈرۈپ دىگۈدەك پىيالە ئېلىپ چىقىپ چاي قۇيدى   ، 
ئاچىلرى بولسا   خۇددى خېنىمالاردەك ئوتۇرۇشاتتى بىر ھازادىن كېيىن ئۇلار ئانىلىرىنىڭ ئېلىپ بەرگەن كىيىملىرىنى ئۇنىڭغا كۆزـكۆز قىلغاندەك كۆزرىسىتىشكە،داملىتىشقا باشلىدى. قىز  ئاشۇ كىيىملەرگە بالىلىق نەزىرى بىلەن كۆزلىرىنى ئۈزمەي قارايتى.مانا ھەممە ئۇيقۇدا قىز بولسا قانداقتۇر بىر چىگىش خىياللا بىلەن ئۇخلىيالمايتى.  تاڭمۇ سۈزۈلدى ئۇ ئېتىزلىققا قاراپ يول ئالدى .  ئاش ۋاقتى بىلەن قويلارنى ئالدىغا سالغان،يەنە شۇ رودۇپاينى يۈدكەن قىياپەتتە قايتىپ كەلدى.مەممە كارىۋاتتا ئولتۇرۇشۇپ ئەتىگەنلىك ناشتىغا تۇتۇش قىلغاندى.قىز ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىم كونىراپ كەتكەن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئاشقان-تاشقانلار بىلەن ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن قاچا يۇيشقا تەمشەلدى.بىر ھازادىن كېيىن سارىخان ئۇنىڭغا. 
-سەن ھېلىلا بېرىپ ئاكاڭنىڭ بالىسىغا قاراپ بەر !ئۇلارنىڭ  دىگىننى قىل ئۇيۇن قېپىلىق قىلما بولمىسا كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسىتىمەن.تېز بول ھازىرلا ھولغا چىق دىدى بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا. 
-قىز قورققىنىدىن ماقۇل دىيەلىدى ئارانلا ۋە يولغا چىقتى. 
سارىخاننىڭ ئىسكەندەر ئىسىمىلىك بىر ھاراقكەش ئىنىسى بار بولۇپ تۆۋەنكى مەھەللىدە ئولتۇراتتى.ئۇنىڭ   2ياشلىق قىزى بار ئىدى .قىزنى باقىدىغان ئادەم بولمىغاچقا سارىخان پاتىگۈلنى شۇ يەرگە ئەۋەتتى.شۇنداق قىلىپ بىچارە قىز ئالاھەزەل بىرەر سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈپ ئاخىرى ئىسكەندەرنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى .ئىسكەندەر بىلەن ئايالى ئۇنىڭ يولىغا قاراپ تۇرغانئىكەن .قىز شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇلارنىڭ بالىسىنى بېقىشقا باشلىدى.ئىسكەندەرنىڭ ئايالى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ مۇلايىم چوكان بولغاچ پاتىگۈلنى بوزەك قىلمىدى ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلىدە بولدى مانا ھەش-پەش دىگۈچە بىر   ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى .ئىسكەندەر بولسا ئەتىدىن كەچكىچە مەستلا يۈرەتتى.  ئۇنىڭ ئايالى يۇقۇرىدىن ئىككى ئاساسەننى تەكشۈرۈپ كېلىدىغان بولغاچقا تولىمۇ ئالدىراشلىقتا ئۆتەتتى ھەر كۈنى بالدۇر كېتىپ كەچ كېلەتتى. بۈگۈن پاتىگۈل ئۇكىسىنىڭ كىيىملىرىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن چۈشلۈك تامىقىنى يەپ بولۇپ بالىنى ئۇخلۇتۇپ قويۇ پ ئۆي تازىلاۋاتقاندا ئىسكەندەر خۇدىنى بىلمىگەن ھالدا قايتىپ كەلدى  ئۇ ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ئىشىكنى ئىچىدىن 
تاقىدى-دە ،قىز تەرەپكە ھىجايغان قىياپەتتە دەلدەڭشىگەن ھالدا كەلدى ۋە. 
- كېلە ئايىقمىنى سالدۇرۇپ قوي دىدى.قىز سەل قورققان قىياپەتتە تۇرغان ئورنىدا تۇرۇپلا قالدى. 
-نىمىگە ھاڭۋېقىپ تۇرۇسەن ۋارقىراشقا باشلىدى ئۇ.قىز تىترىگەن ھالدا ئۇنىڭ ئايىقىنى سالدۇرۇشقا باشلىدى دەل موشۇ پەيتتە ئۇ قىزنىڭ ئەمدىلا ئىلىنىڭ ئالمىسىدەك  چوقچىيىپ چىققان كۆكسىگە قول ئۇزارتتى قىز قورققىنىدىن دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ كەينىگە داجىدى بىراق ئۇ يەنىلا ھېلىقى قاۋاننىڭ چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى.ئىسكەندەر 
ئۇنى بىر شاپىلاق بىلەن يېقىتتى ۋە ئۈستىگە مىنىۋېلىپ كىيىملىرىنى تارتىشتۇرغۇلى تۇردى.بىچارە قىز نىڭ يالۋۇرۇشلىرى، نالىلىرى ،ئاۋازىنىڭ بېرىچە ۋارقىراشلىرى كارغا كەلمىدى ئاخرى ئۇ  ئاياق ئاستى  قىلىندى . ئىسكەندەر  خۇماردىن  چىققاندىن كېيىن خۇددى چوشقىدەك خورۇلدىغىنىچە ئۇيقۇغا كەتتى بىچارە نارسىدە بىر ھازا ئۈن سېلىپ يېغلىغاندىن كېيىن ئۆيدىن   چىققتى ۋە دەريا تەرەپكە يول ئالدى. ئۇ قەدەملىرىنى مىڭ بىر مۇشەققەتتە يۆتكەيتى مانا ئۇ دەريا بويىغا كەلدى ۋە دادا-ئانا سىلەر قايەردە؟ ئاھ خۇدا دىگىنىچە يېغلاشقا باشلىدى ،ئەمدى ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىمۇ قۇرۇپ بولغاندى ئۇ ئاھ رەھىمسىز  پەلەك،ئاھ يىتىملىك دىگىنىچە قىلچە ئىككىلەنمەستىن دەرياغا ئۆزىنى تاشلىدى.شۇنداق قىلىپ ئەمدىلا 14ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان قىز بۇ رەھىمسىز ،پەسكەچ دۇنيا بىلەن خۇشلاشتى. 
سوت داۋاملاشماقتا بىچارە سۇلايمان ياۋاشنىڭ كۆزلىرىدىن غەزەپ ئوتى يانماقتا ،سوتقا قاتانشقانلار جاۋابكارغا نەپرەت بىلەن قاراشماقتا توۋا دىيىشىپ ياقىلىرىنى يىرتىشماقتا... 
مانا ئاخىرقى ھۆكۈم ئېلان قىلىندى ئىسكەندەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى بارچە قانۇننىڭ .ئادىللىقىدىن رازى بولۇشتى.ۋە مەزگىلسىز توزىغان ئاشۇ غۇنچە ئۈچۈن كۆز ياشلىرىنى تۆكۈشتى....(تامام)
يوللىغۇچى: tanhabor
 
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315