چۈش-يانغىن

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-17 11:17
چۈش
 
-يانغىن


 

كېلىسەن باغرىمدىن باشلانغان يولدا، 
لەيلەيدۇ ھاراققا چىلانغان ئاھاڭ. 
مەنمۇ مەسىت ئۆيۈمنى تاپالماي يۈرگەن، 
ھەم قەيەر نىشانىم بىلمەيمەن ۋاي تاڭ. 

سالامغا ئېگىلەر مايماق سېدىلەر، 
يوق بۇندا ئاسماننى تىرىگەن تۈۋرۈك. 
مۇساپىر قەلبىممۇ بەئەينى شۇنداق، 
سەن بىلەن كۆڭلۈمنىڭ ئارلىقى ئۈزۈك. 

يۈرىمىز سېغىنىپ بىر_بىرىمىزنى، 
يوق ئەمما يىلدىمۇ يېرىم پارچە خەت. 
بىلمەيمىز ئۇرۇشنى ۋە ياكى تېلفون، 
دىللارنى يالمىغاچ نادانلىق_غەپلەت. 

خەيرلىك مىنۇتلار كەلمەسكە كەتتى، 
نىمە ئۇ لەۋلەرنى يېقىشىپ سۆيۈش؟ 
ئېھتىمال ئويلايمەن ياشىغىنىمنى، 
دەقىقە ئىچىدە كۆرۈپ ئۆتكەن چۈش. 
 
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315