قەلبىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەم كىم؟

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-17 11:07


ھەر ھەپتىدە بىر قىتىم ئېچىلىدىغان  يىغىن ئاخىرلىشاي دىگەندە ، ئستانسا باشلىقى ئىشخانىدىكى  قىزغا 
ئىستانسىدىكى 200 نەچچە نەپەر خىزمەتچىگە بىر پارچىدىن ئىمتاھان قەغىزىدەك  سوئال - جاۋابلىق جەدىۋەل 
تارقىتىشنى ئورۇنلاشتۇردى . ئۇنىڭ تېمىسى << قەلبىڭىزدىكى  ئەڭ مۇھىم  ئادەم  كىم ؟ >> بولۇپ مەن
ئويلانمايلا << دادام >> دېگەن ئىككى خەتنى يازدىم يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، خىزمەتداشلار  ئۆز ئارا  پىكىر 
ئالماشتۇردۇق  ، تېخى توي قىلمىغانلار  ھەممىسى ئاتا - ئانىسىنى ، توي قىلغانلارنىڭ  مۇتلەق كۆپ قىسىمى پەرزەنتىنى يېزىپتۇ .
  يەنە بىر قېتىملىق يىغىندا  ئىستانسا باشلىقى مۇنداق دېدى :

  -ئۆتكەن قېتىمقى  سوئال - جاۋابلىق تەكشۈرۈش  جەدۋىلىدە بىرەيلەننىڭ جاۋابى تولىمۇ ئالاھىدە بولۇپ تەقدىلەشكە ئەرزىيدۇ . 
مېنىڭ پەرىزىم بىلەن ئۇنىڭ ئويلىغانلىرىنىڭ ئوخشاش ياكى ئوخشاش ئەمەسلىكىنى بىلمەيمەن . تۆۋەندە يولداش ۋارىسنىڭ نېمە 
ئۈچۈن ئۆزىنى يازىدىغانلىقنى سەھنىگە چىقىپ سۆزلەپ بېقىشىقا تەكلىپ قىلىمەن .
   ۋارىس خەۋەرلەر بۆلۈمنىڭ كونا مۇخبىرى بولۇپ مەيلى خىزمەت سىتاژى ، مەيلى تەجىرىبىس جەھەتتىن ياكى
خىزمەت نەتىجىسى جەھەتتىن بولمسۇن   ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيتتى . ئۇ تەمكىن ھالدا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى :

  _ مېنى تونۇيدىغان خىزمەتداشلىرىمنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ ، ئانامنىڭ كېسىلى ئېغىر ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى .
دادام ياش چىغىدا ھەددىدىن زىيادە چارچاپ ھالىدىن كەتكىنى ئۈچۈن  ھەركەت قىلالمايدۇ . ئايالىم يېقىندا ئىش 
ئورنىدىن قالدى  . ئۆيدە يەنە ئىمۋاتقان كىچىك بالام بار . ئۇلارنىڭ ھەممىسى قان قېرىنداشلىرىم . لىكىن ئاشۇ 
ئائىلىنى قامدايدىغان مەن بىر ئادەم . ھازىرقى خىزمىتىمنى  ئىستانسا رەھبەرلىرى بەرگەن . شۇنداقلا ئۆزۈم بەرگەن  . 
چۈنكى ، بىر ئادەم ئۆزى خىزمەت قىلغان ئورۇنغا ئۈنۈم ئېلىپ كېلەلمىسە ، بۇ ئورۇنمۇ ئۇ كىشىگە ھەق بەرمەيدۇ . 
مېنىڭ مۇشۇ خىزمىتىم بولغاچقىلا  مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ . شۇڭا ، ماڭا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ،
ئۆزەمنىڭ قەلبىدىكى ئورنۇم ئەڭ مۇھىمدۇر . مەن ھەر ۋاقىت ئۆزۈمگە  ئوبدان ياشا ، ياخشى خزمەت قىل ، دەپ 
تەلەپ قويىمەن  . ئەگەر مەندىن بىرەر مەسلە چىقىپ قالسا  ، كىمنى ئەڭ مۇھىم دەپ يېزىشىمدىن قەتئىينەزەر 
ھېچقانداق ئەمىلىي ئەھمىيتى بولمايدۇ .....
  ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلىششى بىلەن تەڭ تۆۋەندە گۈلدۈراس ئالقىش سادا ياڭرىدى . ئارقىدىنلا ئىستانسا باشلىقى مۇنداق دېدى :

  _ مەن  مۇشۇ كىچىككىنە سىناق ئارقىلق كۆپچىلككە شۇنداق ئىيتىمەنكى ، قەلبىڭىزدە كىم ئەڭ مۇھىم ئورۇندا 
تۇردىغانلىقىدىن قەتئىينەزەر ، ئۆزىڭىزنى قەدىرلىشىڭىز ، ئۆزىڭىزنىڭ خىزمىتىنى قەدىرلىشىڭىز لازىم . شۇنداق 
قىلالىسىڭىزلا قېشىڭىزدىكىلەرگە بەخىت ئېلىپ كىلەلەيسىز .


  مەنبە: << پەن ۋە تۇرمۇش >> ژۇرنىلىدىن ئىلىندى .
 
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315