شۇمبۇيا

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-17 11:04
                 شۇمبۇيا
‏ سېغىنىش-ئەسلىمىدىكى ھاياتنىڭ بەرق ئۇرۇشى.
‏                         -ئا.جالالىدىن
‏ كېچە-تىمتاسلىقنىڭ،جاھان ئۇيقۇسىنىڭ تىمسالى.بولۇپمۇ،تۈن كېچىلەردىكى تىمتاسلىق كىشىگە ئاخىرەت تەشۋىشىنى سالىدۇ.نېمە ئۈچۈندىدۇر بىلىپ-بىلمەيلا كېچىدىن خۇدۇكسىرەيدىغان،قاراڭغۇلۇقتىن قورقىدىغان بوپ قالدىم.چۈنكى شۇ جىمجىت كېچىلەر رەھىمسىز قوللىرى بىلەن يۈرىكىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇرقېتىدىكى ھەسرەتلىك ئەسلىمىنى يۇلۇپ ئېلىپ ئالدىمغا تاشلايتتى.مەن بولسام ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە تەشنا بولۇپ قانجىراپ كەتكەن كۆڭلۈمنى بەزلىگەچ،ئۈمىدلىك تۇيغۇلار ئىچىدە شۇ گۈزەل چاغلارنى ئەسلەيتتىم.
‏   ياشلىق دەۋرىگە ئەمدىلا قەدەم قويغان بارلىق قىزلارغا ئوخشاش،مەنمۇ ئاشىق-مەشۇقلار قىسسەلىرىدىكى پاك مۇھەببەتكە تەلپۈنەتتىم.جەبىر-جاپا ئالدىدا ساداقەت بىلدۈرەلەيدىغان،ماڭا بەخىت ئاتا قىلىدىغان شۇ يىگىتنى غايىۋى تەسەۋۋۇر قىلاتتىم.ھەممە جانلىقنىڭ جۈپتى بىلەن يارىلىدىغىنىغا ھەم ھامان بىر كۈنى تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇچرىشىپ،بىرگە بولىدىغىنىغا شەكسىز ئىشىنەتتىم.شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن،ئۇنى تۇنجى قېتىم  كۆرگەندىلا،گويا ئۇزاق ۋاقىت ئۇچراشمىغان قەدىناس دوستۇمنى قايتا ئۇچراتقاندەك قەلبىم ئىللىق بىر سېزىمگە تولغانىدى،ئۇنىڭ ھەم قەھىرلىك ھەم مېھىرلىك تۈس ئالغان كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ قالغانىدىم.
‏ ئۇنىڭ ئىسمى ھېكمەت ئىدى.ئىسمىنى ئاڭلىغىنىمدا،شۇ سېھىرلىك كۆزلىرىگە قانداق ھېكمەتلىك سىرلار يوشۇرۇنغاندۇ؟دەپ ئويلىغانىدىم.لېكىن بۇ ھېكمەتلىك قەلىب ئىگىسىنىڭ نازۇك دىلىمدىكى سۆيگۈ ئۇرۇقىنى ئويغىتىپ،ۋۇجۇدۇمدا پىراق ئوتىنى ياندۇرغان قۇياشىم بوپ قېلىشىنى ئەسلا ئويلىمىغانىدىم.
‏ شۇنچەئۇزۇن ۋاقىتلار ئۆتۈپتۇ،مەن يەنىلا زەررىچە ئۈمىدلىرىم بىلەن ئۇنى سېغىنۋاتىمەن.ئۇنىڭ ئەمدى ماڭا تەئەللۇق ئەمەسلىكىنى ،ئىككىمىزنىڭ ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلسەممۇ،يەنىلا تەلتۆكۈس ۋاز كېچەلمىدىم.
‏ تۆنۈگۈندەكلا ئېسىمدە تۇرۇپتۇ،تومۇز يازنىڭ سالقىن كېچىسىدە،باغچا ئايلاندۇق،مەن تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭدىن:«ھېكمەت،سىزنىڭ كەلگۈسىدە قانداق تۇرمۇش كەچۈرگىڭىز بار؟»دەپ سورىدىم،ئۇ مېنى باغرىغا بېسىپ:«سىز بولسىڭىزلا كۇپايە»دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى، شۇ چاغدا بىز ئۇلۇغ ئاللاھدىن بۇ بەخىتنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشىنى ،بىر-بىرىمىزدىن مەڭگۈ ئايرىلماسلىقنى تىلىگەنىدۇق.ئەپسۇس،بەخىت بىزگە نېسىپ بولمىدى.ئۇ توي قىلدى لېكىن توي قىزى مەن ئەمەس ئىدىم.
‏  ھەزىلكەش تەقدىر ئادەمنى ھەر قىسمەتكە دۇچار قىلىدىكەن.بىز ئەسلى تەڭرىتاغنىڭ ئىككى قېتىدا،ئايرىم-ئايرىم دەريالارنىڭ سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان ناتۇنۇش كىشىلەر ئىدۇق،نامەلۇم ئورۇنلاشتۇرۇشلاردىن تونۇشتۇق،ئايرىلالماس بولدۇق.نەتىجىدە بىزنى تونۇشتۇرغان «تەقدىر»يەنە ئايرىلىشىمىزغىمۇ سەۋەبچى بولدى.
‏ سۆيگۈ-مۇھەببەت كۈز شامىلىدا غولدىن ئايرىلغان يوپۇرماقتەك،خۇددى بىر تال ئەرزىمەس گىياھدەك تولىمۇ قەدىرسىز بولىدىكەن.ياقتۇرۇش،كۆيىنىش،چىن قەلبىدىن سۆيۈش دېگەنلەر رېئاللىق ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىكەن.ئۇ ماڭا ئىككىمىزنىڭ ئىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى،ھەم پات ئارىدا ئۆيدىكىلىرى تونۇشتۇرغان قىز بىلەن توي قىلىدىغىنىنى دېگەن ۋاقتىدا مەن ئاسماندا غايەت زور قۇيۇننى كۆرگەندەك بولدۇم،ئۆزۈمنى ئېغىر يەر تەۋرەش،دېڭىز ئىچىدە تۇرغاندەك ھېس قىلدىم.ئۇ توختىماي كەچۈرۈم سورايتتى،مەن بولسام كۈلۈمسىرىگەن ھالىتىمنى بۇزالمىدىم.چىن ئەقىدەمنىڭ بۇ بىر نەچچە جۈملە كەچۈرۈم بىلەن دەپسەندە قىلىنغىنغا قاراپ ئاچچىق كۈلدۈم،بۇ كۈلكە ماڭىلا تەئەللۇق ئىدى.
‏ نەچچە كۈن گېلىمدىن تاماق ئۆتمىگەچكە ،دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدىم.قۇلاق تۈۋىمدە ھېكمەتنىڭ«مەن توي قىلدىغان بولدۇم»دېگەن سۆزى توختىماي جاراڭلايتتى.شۇنداق،ئۇ توي قىلدىغان بولدى.
‏ ئاۋازسىز قان-قان يىغلاۋاتقان يۈرىكىم،سېزىمسىز چىقىۋاتقان ھەربىر تىنىقلىرىم ھەتتا بەدىنىمدىكى ھەربىر ھۈجەيرە «ئۇ توي قىلدىغان بولدى»دېگەننى قايتىلايتتى.ئىلگىرى ئىككىمىز ياپيېشىل چىملىقتا يۇلتۇزلارغا قاراپ يېتىپ،كەلگۈسى تۇرمۇشىمىزنى تەسەۋۇر قىلاتتۇق،كىيىمنى قانداق كىيىش،ئۆينى قانداق بېزەش ھەتتا بالىمىزنىڭ ئىسمىنى نېمەقويۇش دېگەنلەرنىمۇ ئالا قويماي ئويلايتۇق،لېكىن ھازىر بۇلارنىڭ ھەممسىنى كۆپۈككە ئايلاندى.
‏  نۇرغۇن ۋاقىتلاردا،مەن بۇدۇنياغا ھېكمەتنىڭ ئىشقىنى دەپلا تۆرەلگەندىمەنمۇ؟دەپ ئويلاپ قالاتتىم.ئەسلى ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇشۇم،ئەيىبلىشىم،ئۇنتۇپ كېتىشىم كېرەك ئىدى.لېكىن ھەر قېتىم ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىشكە نىيەت قىلغىنىمدا،پۈتۈن ۋۇجۇدۇم،ھېس-تۇيغۇم قارشى تۇراتتى.ھېكمەت ئاللىقاچان ھاياتىمنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلانغانىدى. پۈتۈن ئۆمرۈم ئۇنىڭ يولىغا زارىقىش بىلەنلا ئۆتەرمۇ؟بۇ ئاشىقلىق مېنى يەنە قانداق ھالاكەتلىك تەقدىرگە دۇچار قىلار؟
‏                  2-قىسىم

          ئاخىرەتنى ئەسلىتىدىغان ئاپئاق كارىۋاتتا يېتىپتىمەن.نۇرسىز كۆزلىرىم تورۇسقا تىكىلگەن ئىدى.تۇيۇقسىز كارىدوردىن بىرىنىڭ يېنىك ئاياق ئاۋازلىرى ئاڭلاندى،ئاۋازلاردىن ئۇ كىشىنىڭ مەن ياتقان ياتاققا قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى پەملىدىم.«بۇ كېچىدە كەلگەن كىمدۇ؟»كاللامدىن خىلمۇخىل خىياللار كەچتى،ئەندىكىپ كەتتىم،ئىشىكنىڭ ئەنسىز غىچىرلاپ ئېچىلغان ئاۋازى بىلەن تەڭ،مەن كېچە-كۈندۈز ئىسمىنى زىكرى قىلىدىغان ئۇ،كىرىپ كەلدى.ئۇ ئۆزى بىلەن تەڭ تولىمۇ نۇرلۇق بىر ئالەمنى باشلاپ كەلگەن ئىدى،دورا پۇراپ تۇرىدىغان مېھىرسىز ياتىقىم قۇياش نۇرىغا تولدى.قانجىرغان كۆڭلۈم خۇددى سۇغا تويۇنغان گۈل-گىياھلاردەك پورەكلەپ ئېچىلدى.ئۇنىڭ ئىلگىركىگە ئوخشىمايدىغان بۇ ھالىتىگە قاراپ قېتىپلا قالدىم.ساقال-بۇرۇتلىرى ئۆسۈپ باشقىچىلا ئادەمگە ئايلىنىپ قاپتۇ.ئورنۇمدىن تۇرۇپ،ئۈستى-باشلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ،كۆيۈنگۈم كەلدىيۇ-لېكىن ،دەپسەندە قىلىنغان قىزلىق غورۇرۇم بۇنىڭغا يول قويمىدى.چاناقلىرىمغا پاتمايۋاتقان كۆز ياشلىرىمنى يوشۇرغاچ،توڭ ئاۋازدا:«نېمىشقا كەلدىڭىز؟ئويۇنۇمنى كۆرگىلى كەلدىڭىزمۇ؟»دەپ سورىدىم.ئۇ مېنىڭ بۇنداق گەپ قىلىشىمنى ئويلىمىدى بولغاي،ئۇزاققىچە جاۋاب قايتۇرمىدى.بىر پەستىن كېيىن ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ:«سىزنىڭ قانداق ئۆتىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلگىلى كەلدىم،ئەنسىرەپ……»ئۇ گېپىنى داۋاملاشتۇرالمىدى.ئۇنىڭ بۇنچىلىك خاراب ھالىتىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقماپتىمەن.ئېغىزى بىر گەپكە ئۆمىلىيەتتىيۇ،چىقىرالمايتتى،بېشىنى تۆۋەن سېلىپ،كۆزلىرىدىكى ياشلىرىنى يوشۇرماق بولاتتى.قەلبىمدە ئۇنىڭغا بولغان غەزىپىم تېشىپ تۇرسىمۇ،ئەيىبلەشكە كۆڭلۈم ئۇنىمىدى.بۇ ئازابلىق مۇنازىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن،گەپ ئاچتىم:«كۆرگىنىڭىزدەك،خېلىلا ياخشى بوپ قالدىم.بۇندىن كېيىنمۇياخشى تۇرىمەن،مەن ھازىر ئارام ئالمىسام بولمايدۇ ،سىز قايتىڭ.»ئۇ ئاستا بېشىنى لىڭشىتتى.ئورنۇدىن تۇرۇپ مېڭىشقا تەمشەلدى.ئۇنىڭ ئېغىر قەدەملىرى پولغا ئاستا-ئاستا بېسىلدى.شۇ يىراقلاپ كېتىۋاتقان ئاياق تىۋىشى،خۇددى يۈرىكىمنىمۇ تەڭ سۇغۇرۇپ ئېلىۋاتقاندەك،نەپەس ئالالماي قالدىم،كاللام ئېلىشىپ كەتتى.بېسىپ تۇرىۋاتقان ھىجرانلىرىمنى يىغىشتۇرالماي قالدىم،قۇرۇپ گەز باغلاپ كەتكەن لەۋلىرىم ئارىسىدىن«ھېكمەت»دېگەن سۆز تېپىپ چىقتى
ھېكمەت!
‏  ئۇنىڭ ئىشىككە قاراپ ئالغان قەدىمى توختاپ قالدى.ئۇمۇ گويا مېنىڭ بۇ سۆزىمنى كۈتۈپ تۇرغاندەك،شۇنچىلىك تېزلىك بىلەن كېلىپ مېنى قۇچاقلىدى.بېسىلغان ئارمان،مەھكۇملانغان سۆيگۈ ئاخىرى ئېتىلىپ چىقتى.ئۇنىڭ سېھىرلىك كۆزلىرىدىن توختىماي ياش ئاقاتتى.توۋا،ھازىرغىچە،بىرەر ئوغۇل بالىنىڭ ئېسەدەپ يىغلىغىنىنى كۆرمەپتىمەن.بەلكىم،يۈرىكىگە يىغىلىپ كەتكەن دەرت-ئەلەم ئۇنىڭ بۇنچە ئازابلىنىشىدىكى سەۋەبكاردۇر ياكى ئاغرىنىشتىن ئۆزگىنى بىلمەيدىغان مەن سەۋەبكاردۇرمەن.
  ئۇنىڭ يىغىسى تاڭ ئاتقۇچە داۋاملاشتى،بۇ  ھىجرانلىق يىغىغا ھەم ئۇنىڭ:«زىبا ،سىزنى سۆيىمەن،مېنى كەچۈرۈڭ»دېگەن سۆزلىرى ھەمراھ ئىدى.تاڭ ئاتارغا يېقىن ،ئۇ ئۇخلاپ قالدى.ئىلگىركىگە ئوخشىمايدىغان بۇ ئادەمگە قاراپ ئويلاپ كەتتىم:«زادى قانداق ئىش بىر زەپەردەس ئوغۇلنى بۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغاندۇ؟مېنى ھەقىقىي سۆيسە،بەختىمىز ئۈچۈن تىرىشىشى،تېڭىلغان نىكاھقا جاسارىتى بىلەن ياق دېيىشى كېرەكقۇ،مېنى ئۆزى دېگەندەك سۆيسە،نېمىشقا مۇھەببىتىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلالمايدۇ؟ئەگەر سۆيمىسە ،يەنە نېمە ئۈچۈن شۇنچىۋالا ئازابلىنىدۇ؟»
  «تاك،تاك،تاك»ئىشىكنىڭ ئەنسىز چېكىلگەن ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتتىم.«كىرىڭ»دېيىشكە ئۈلگۈرمەيلا،ھېكمەتنىڭ ئاكىسى غەيرەت ئاكام ئېتىلىپ كىرىپ كەلدى.ئۇنىڭ ئەلپازى يامان ئىدى.سوغۇق تەلئەتىدىن بەدىنىم شۈركىنىپ كەتتى.ئۇ ماڭا ئاچچىق بىر نەزەردە قارىۋەتكەندىن كېيىن،ئۇخلاۋاتقان ھېكمەتنىڭ قېشىغا بېرىپ،ئۇنى بىر كاچات سالدى.بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى چاقماق تېزلىكىدە يۈز بەردى.مەن ھېچنېمىنى ئاڭقىرالماي،داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم.غەيرەت ئاكام ھېكمەتكە ئاچچىقلاپ سۆزلەپلا كەتتى:«ھەي لامزەللە،قىزنىڭ دەردىدە دادىمىزدىن كەچمەكچىمۇ سەن؟بۇ بىر ئايدىن بېرى سالغان خاپىلىقلىرىڭ ئازمۇ؟ماڭا يانساڭ،ئۇرساڭمۇ مەيلى،نېمىشقا دادامغا يانىسەن؟!توي ئىشىغا ماقۇل دېسەڭلا بولاتتىغۇ؟ئاخشام دادام بىلەن سوقۇشۇپ،يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ،ھازىر جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلىمىدە ياتسا،سەن بولساڭ بۇ يەردە كونا ئاشىقىڭ بىلەن ئۇچرىشىۋېتىپسەن،سېنىمۇ ئادەم دېگىلى بولامدۇ ،ھۇ ھايۋان!»
  بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ،كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى.غەيرەت ئاكام ھېكمەتنى تارتۇشلاپ ئېلىپ ماڭدى.ھېكمەتنىڭ چىرايىدىن نامەلۇم بىر خىل ئۈمىدسىزلىك يېغىپ تۇراتتى.بوسۇغىنىڭ يېنىغا كەلگەندە،ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ،سۇس كۈلۈمسىرەپ،ئېغىز ئىشارىسى قىلدى،ئۇ«ئەنسىرمەڭ»دېگەن سۆز ئىدى .غەيرەت ئاكام ئىشىكنى جالاققىدە يېپىپ چىقىپ كەتتى،مېھىرسىز ياتاقتا يەنە يالغۇز قالدىم،ئىشىك يېپىلغاندىكى جالاققىدە ئاۋاز،ئەمەلىيەتتە ،مېنىڭ مەڭزىمگە ئۇرۇلغان تەستەك ئىدى.بۇ تەستەك مېنى ئويغاتتى،ھەممىنى چۈشەندىم.ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى قايتا ھېس قىلدىم،ئۆزۈمدىن ،ئەخمەقلەرچە خىياللىرىمدىن نومۇس قىلدىم.شۇنداق،سۆيگۈ پەقەت ماڭىلا تەئەللۇق ئەمەس،مەن دەسلەپتە سۆيۈشنى ۋە سۆيۈلۈشنى ھېكمەتتىن ئۆگەنگەن،ھېكمەتتىن ھېس قىلغان ئەمەسمىدىم؟يەنە نېمە سالاھىيتىم بىلەن ھېكمەتنى سۆيگۈسىز دېيالايمەن؟!
‏  نامەلۇم ئەندىشە،نامەلۇم گۇمانلاردىن ۋۇجۇدۇم تىترەپ كېتىۋاتاتتى،نەرسە-كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ،دوختورخانىدىن چىقىش رەسمىيتىنى ئۆتىدىم.ئادەم مىغىلدىشىپ يۈرگەن بۇ كوچىدا ئۆزۈمنى شۇنچە تەنھا ھېس قىلۋاتاتتىم.قەلبىمدىكى ئەندىشە مېنى ھېكمەتنىڭ دادىسى ئورۇنلاشقان دوختۇرخانىغا باشلاپ كەلدى،سېستىرالاردىن سوراپ يۈرۈپ،جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلىمىنى تاپتىم.بۆلۈم ئالدىدىكى ئورۇندۇقلاردا،ھېكمەت ۋە ئۇنىڭ ئاپىسى،ئاكىسى ئولتۇرۇپتۇ.ھېكمەتنىڭ ئاپىسى توختىماي يىغلاۋاتماقتا،غەيرەت ئاكام ئاپىسىنىڭ كۆز يېشىنى سۈرتۈش بىلەن ئاۋارە،ھېكمەت بولسا،بېشىنى تۆۋەنگە سېلىپ ئولتۇرۇپتۇ.ئۇلارنىڭ قېشىغا بارمىدىم،ئوچۇقىنى ئېيتقاندا،ئۇلارغا ئاۋارچىلىق تېرىپ بەرگۈم يوق،چۈنكى،بۇ ئائىلىگە نىسبەتەن ئەمدى مەن مەڭگۈ ئارتۇقچە.
ئىشىكنىڭ ئېچىلغان ئاۋازى خىياللىرىمنى بۇزدى،ئاق خالات كىيگەن دوختۇر يۈزىدىكى ماسكىنى ئالغاچ،ئۇلارغا:«بىمارغا ۋاقتىنچە ھاياتىي خەۋپ يوق،ئارام ئېلىشىغا تەسىر كۆرسەتمىگەن ئەھۋالدا،كىرىپ كۆرسەڭلار بولىدۇ،بىمار ھازىر جىمجىتلىققا مۇھتاج.»دېدى.بۇ گەپنى ئاڭلاش بىلەنلا،ئۇ خۇشلۇقىدىن ئاپىسىنى قۇچاقلاپ،سەكرەپ كەتتى. بىر بۇلۇڭدا،ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىغا ھەمدەم بولىۋاتقان مەن،ھېكمەتنىڭ سېھىرلىك كۆزلىرىنىڭ كۈلگىنىنى كۆردۈم،نۇرسىز قالغان بۇ كۆزلەر ئاخىرى ئۈمۈد نۇرىغا تولدى.ئىلگىرى«كۆزلەر سۆزلەيدۇ»دېگەن گەپنى كۆپ ئاڭلايىتتىم،لېكىن ئىشەنمەيتتىم.«كۆز قانداقمۇ سۆزلىيەلىسۇن؟»دەپ ئويلايتتىم.تاكى ھېكمەتنى ئۇچراتقۇچە بۇ گەپلەرنى ئىنكار قىپ كەپتىكەنمەن.ئۇنى ئۇچراتقان شۇ پەيىتتىن باشلاپ،مۇھەببەت سۆزلەيدىغان بۇ كۈنلەرگە ئاشىق بولدۇم،مۇھەببەتلىك بۇ كۆزلەرنىڭ ئىگىسى ھاياتىمنىڭ چىرىغى بولدى،لېكىن،ئەمدىلىكتە،بۇ بەخت ماڭا نېسىپ ئەمەس.
  ئوتلۇق كۆزلۈك يارىم،سىزگە بەخت تىلەيمەن،بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىڭدا،مەندەك جاھىل جىنتەك مەۋجۇت ئەمەس،پەرىشتە سۈپەت ئايالىڭ سېنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمرايىڭ،خەير سۆيگۈنۈم،خەير مۇھەببەت.
‏           3-قىسىم

   دوختورخانىدىن يېنىپ چىققىنىمدا،سىرتتا يامغۇر يېغىۋېتىپتۇ.نېمە ئۈچۈندىدۇر،كىچىكىمدىن يامغۇرغا ئامراق ئىدىم.يامغۇر ياغسىلا قەغىشلىق قىلىپ سىرتقا چىقىمەن دەپ تۇرۋالاتتىم.ھارغىن قەدەملىرىم بىلەن ،يامغۇرلۇق يولدا كېتىۋاتىمەن.ئەي پەلەك،يىغلىما،ئاشىقلارنىڭ كۆڭۈل يارىسى ئېچىشىپ كەتمىسۇن،تارام-تاراملاپ چۈشىۋاتقان كۆز ياشلىرىم يامغۇر تامچىلىرىغا قوشۇلۇپ،سەل بولۇپ ئاقماقتا.يامغۇرغا سىرداش بولۇپ كېتىۋاتقىنىمدا،ئارقامدىن كېلىۋاتقان ئاياغ تىۋىشى،مېنى خىياللار قاينىمىدىن تارتىپ چىقتى.
ئەمدىلا بۇرۇلىشىمغا،ئەلى ئالدىمغا كېلىپ تۇرۇۋالدى،ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم.يۈزۈم قىزىرىپ كەتكەن بولسا كېرەك،ئۇ كۈلۈپ كېتىپ:«ھەي زىبا،يەنىلا بۇرۇنقىدەك تارتىنچاقكەنسىز،سىزنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،تېخىمۇ چىرايلىقلىشىپ كېتىپسىز جۇمۇ.»دەپ چاقچاق قىلدى.مەنمۇ بوش كەلمەي:«سىزگە نىسبەتەن ھەممە قىز چىرايلىققۇ،بۇ گەپلىرىڭىز ھەممىسىگە ئوخشاشلا دېيىلىدىغان گەپلەردۇ تايىنلىق»دېدىم،ئۇنىڭ كۈلۈپ تۇرغان چىرايى ئۆڭدى،چاقچاقنى ئېغىر قىلىپ قويدۇممۇ يا؟لېكىن،ئۇ مۇنچىۋالا ئىچى تار بالىلاردىن ئەمەس ئىدىغۇ؟شۇلارنى ئويلاۋاتقىنىمدا،ئۇ ئېغىز ئاچتى:«زىبا،نېمانچە ئەخمەقسىز،ئەجىبا ھازىرغىچە كۆڭلۈمنى چۈشەنمىدىڭىزمۇ؟قاچانغۇچە ھېكمەت،ھېكمەت دەپلا يۈرىسىز؟مېنىڭ نەرىم ئۇندىن كەم؟سىز جېنىڭىزدىن ئەزىز كۆرگەن ھېكمەت توي قىلغۇلۋاتىدۇ،بۇ ئاينىڭ ئىچىدە تويى بولارمىش،سىز ئۇنىڭ ئۆيدىكىلىرىنىڭ سىزنى نېمىلەر داۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟سىزگە بۇنداق ئاچچىقلانمىسام بولاتتى،لېكىن،ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ ماقۇلمۇ؟بۇنداق ئەخمەقلەرچە قىلىقلارنى ئەمدى قىلماڭ،ھېكمەت بولمىسا،مەن بارغۇ؟مەن سىزنىڭ قەلب يارىڭىزنى داۋالىيالايمەن،زىبا!جېنىم زىبا……»ئۇ قايناپ-قايناپ سۆزلەۋاتاتتى،كۆزلىرىگە ياماشقان ياش تامچىلىرى ئۇنىڭ ھەسرىتىنى ئاشكارلاپ قويدى،ئىشىقنىڭ ئوتىدا پۇچىلانغان بۇ ئاشىققا قاراپ،يارامسىز ياشلىرىم يەنە تۆكۈلمەكتە،نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنى مۇنچىۋالا قىينايمىز؟ئەگەر سۆيگۈنۈم ئەلى بولغان بولسىدى،بۇ بىچارە ھالغا ھەرگىز قالمايتتىم.لېكىن،ماڭا نە چارە؟مېنى سۆيۈپ قالغان ئەلىگە يەنە نېمە چارە بار؟
-مېنى قانداق قىلسۇن دەيسىز؟مېنىڭمۇ ھەممىنى ئۇنۇتقۇم،باشتىن باشلىغۇم بار،لېكىن يۈرىكىم بۇ ئازابلارنى پاتقۇزالمايدىكەن،ئەلى!بەزى ۋاقىتلاردا،ئۆلۈپلا تۈگەشكۈم كېلىدۇ،مېھىربان ئانامنى ئويلاپ،توختاپ قالىمەن،سىز دەڭا،مەن قانداق قىلاي،قانداق قىلسام بۇ يۈرەك ئاغرىمايدىغان بولىدۇ؟دەڭا؟!-ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتىم.قەلبىمدىكى بارچە ھىجران،ئارمان،دەرت-ئەلەملەر ياشلارغا ئايلىنىپ،يامغۇر بولۇپ تامچىلىماقتا.ئۇ بوشىشىپ قالدى.يېنىمغا كېلىپ:«كەچۈرۈڭ زىبا،سىزگە توڭ تەگمەسلىكىم كېرەك ئىدى،ئۆزۈمنى بېسىۋالالماي قالدىم،بولدى ئۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى تەگىمەيلى،مېڭىڭ،سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي».ئۇنىڭ ئارقىدىن ئەگەشتىم.كىچىكىمدىن تارتىپلا،ئۇ مېنىڭ بەخت قۇشىم ئىدى.قىيىنچىلىققا يولۇققىنىمدا،كۆڭلۈم يېرىم بولغاندا،خۇددى يەردىن ئۈنگەندەكلا پەيدا بولۇپ قالاتتى.ھەم بارچە قىزغىنلىقى بىلەن مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئېلىشقا ئۇرۇناتتى.مانا بۇ قېتىممۇ شۇ،ئۇنىڭ مېنى قانداق تېپىۋالغىنىغا ھەيرانمەن،بەزىدە تېخى ئۇ مېنى ئىز قوغلاپ،پايلاپلا يۈرىدىغاندىمۇ؟دەپ ئويلاپ قالاتتىم.
   ئەلى بىلەن ئىككىمىز كىچىكىمىزدىن بىللەئويناپ چوڭ بولغان يېقىن دوستلاردىن.باشلانغۇچ،تولۇقسىز،تولۇق ھەتتا ئالىي مەكتەپنىمۇ بىللە ئوقۇدۇق.شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىدىن كەلگەن چاقىرىق قەغىزىنى باغرىمغا بېسىپ تۇرغىنىمدا،ئەلى ئۆزىنىڭمۇ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىغا ئۆتكەنلىكىنى دېدى،ئەمەلىيەتتە،ئۇنىڭ ئۆگىنىشى بەكلا ياخشى ئىدى،شەكسىز ھالدا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىدىن ياخشى بولغان مەكتەپلەرگە ئۆتالايتتى.مەنمۇ ئارتۇق سوراپ يۈرمىدىم.چۈنكى،سەۋەبى ماڭا ئېنىق،ئەلى مېنى ياخشى كۆرەتتى.مەن بۇنى ھېكمەت بىلەن يۈرگەن ۋاقىتتىن باشلاپ بىلدىم،ئۇنىڭغا ھېكمەتكە ماقۇل بولغىنىمنى دېگىنىمدە،ئۇ شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلەندى.ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى چۈشكۈن تۇرقى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ.
-زىبا،نېمىلەرنى خىيال قىلىپ كەتتىڭىز،ئۆيىڭىزگە يېتىپ كەلدۇق.
ئەلىنىڭ ئاۋازىدىن خىياللاردىن ئويغاندىم.
-رەھمەت سىزگە
بۇ گەپنى ئاران دېيەلىدىم.ئۇ:«ھەي،ئۆگۈنلۈككە مەكتەپكە ماڭىمىز،تەييارلىقىڭىز پۇختا بولسۇن جۇمۇ،ئەمىسە،ئۆگۈنلۈككە كۆرىشەيلى»دەپ خوشلاشتى.ئۆيگە قايتىپ كىرىپ،ئۆزۈمنى يۇمشاق كارىۋېتىمغا تاشلاپ يەنە خىياللارغا چۆكتۈم،ھايات،سەن نېمە دېگەن رەھىمسىز-ھە!ماڭا ھېكمەتنىڭ ئىشقىنى سالمىغان ياكى ھېكمەتنىمۇ داۋاملىق ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە 
قىلغان بولساڭ،بەلكىم بىزنىڭ تەقدىرىمىز باشقىچە بولاتتى.پىشانىمىزگە پۈتۈلگەن قىسمەت بۇ بولسا،نېمىشقا بىزنى 
ئۇچراشتۇرسەن؟نېمىشقا؟
  ئامان-ئېسەنچىلىك بىلەن،بۇ كۆڭۈل ئاغرىقىغا تولغان شەھەردىن خوشلىشىپ،مەكتەپكە قايتىپ كەلدىم.پۈتتۈرىدىغان يىلىمىز بولغاچقا،ئۇيەر-بۇيەرگە چېپىپ ماتېرىيال ئىزدەپ،ماتېرىيال توپلاپ تولىمۇ ئالدىراش بولدۇق.ئاستا-ئاستا بۇ رېتىمدىكى ئالدىراش 
تۇرمۇشنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم.چۈنكى ئالدىراش ئۆتكەندىلا،شۇ كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئويلىمايتتىم.ئەلۋەتتە،مەن يالغۇز ئەمەس،ئەتراپىمدا ئەلى پەرۋانە بولۇپ يۈرمەكتە.مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئېچىش ئۈچۈن ئۇ مېنى ئۇنىمىغىنىمغا قارىماستىن،كىتابخانا،كىنوخانىلارغا ئاپىراتتى.مېنىڭ كىتابقا ھېرىسمەنلىكىمنى بىلگەچكە،نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەرنى سوۋغا قىلاتتى.ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ھەقىقەتەن كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قېلىۋاتاتتى،ھېچ بولمىغاندا بۇرۇنقىدەك غەمكىن يۈرمەس بولدۇم.ھەممە ياخشىغا بۇرۇلۋاتقان بۇ كۈنلەردە،ھېكمەتنىڭ توي ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلىۋالدىم.
  ئۇ كۈنى مەن مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدا كىتاب كۆرىۋاتقان ئىدىم.تېلفۇنغا ئۇچۇر كەپتىكەن،دەرھال قارىدىم.ئۇچۇر باشقا بىرسىدىن ئەمەس،دەل ھېكمەتتىن كەلگەن ئىدى.تىترەۋاتقان قوللىرىم بىلەن ،ئۇچۇرنى ئاچتىم:«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم زىبا،تېشلىقمۇ؟مەن نەفىسە،كېلەر ھەپتە ھېكمەت بىلەن تويىمىز بولماقچى،شۇڭا ئالاھىتەن سىزنى كېلىپ قاتنىشىپ بېرەمدىكىن دەپ ئۇچۇر يوللىشىم،ئارىلىق يىراق بولغاچقا،توي باغىقىنى ئەۋەتەلمىدۇق.ئەيىبكە بۇيرۇمىغايسىز،سىزنىڭ كېلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز».قىسقىغىنە سۆز،ئاددىي ئۇچۇر،قەدىرسىز ياشلىرىم يەنە يۈزلىرىمگە دومىلاپ چۈشتى.كۈتۈپخانىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتىم.چوڭ مەيداندا يۈگۈرۋاتىمەن،بىر مەيدان،ئىككى مەيدان،ئۈچ مەيدان……خۇددى بارلىق ئازابلىرىمنى يۈگۈرۈپ تۈگەتمەكچى بولغاندەك،ھالىمغا ئىچ ئاغرىتقان پەلەك ياشلىرىمنى باشقىلارنىڭ كۆرىۋېلىشىنى خالىمىدى بولغاي،شارىلداپ يامغۇر ياغدۇرۋەتتى.ياغقىن يامغۇر،تازا ياغقىن،سەن بارلىق كىىرنى يۇيۇپ تاشلايتتىڭغۇ؟كۆڭلۈمدىكى بۇ ئازابلارنىمۇ يۇيۇۋەت ،ماقۇلمۇ؟مەن لەختە بولغان يۈرىكىمنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ ساڭا ھەدىيە قىلاي.
بەك زورىقىپ كەتكەن بولسام كېرەك،كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ ،يېقىلىپ چۈشتۈم،قۇلىقىمغا ئەلىنىڭ«زىبا،زىبا»دەپ چاقىرغان ئاۋازى غۇۋا ئاڭلاندى.
‏              شۇمبۇيا   4-قىسىم

    مەن ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىپ،نەچچە كۈندىن كېيىن ھېكمەتنىڭ تويى بولدى.ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان قىزنىڭ مەھەللىمىزدىكى كاتتا باي ياسىن زەگەرنىڭ ئەركە قىزى نەفىسە ئىكەنلىكىنى،ئۇچۇرنى تاپشۇرۋالغان شۇ كۈندە بىلدىم.ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغاچقا،كۈنلىرىم ئالدىراش ئۆتىۋاتاتتى.ئالدىراشچىلىقتا بارچە ئازابنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىشىنى تىلەيتتىم.لېكىن بۇ يارامسىز يۈرۈكۈم ئاغرىشتىن توختاپ قالاي دېمەيتتى.ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە،مەنمۇ بارلىق سېتودىنىتلارغا ئوخشاش تاللاشقا دۇچ كەلدىم.ئۆرلەپ ئوقۇيمۇ؟ياكى خىزمەت قىلايمۇ؟كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق،ئاخىرى يەنىلا ئۆيدىكىلەرنىڭ تەكلىپى بويىچە يۇرتىمىزغا قايتىپ،باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇشنى توغرا تاپتىم.ئاپامنىڭ گېپى بويىچە دېگەندە،قىز بالا دېگەن ئۆيدىكىلەرنىڭ قېشىدا تۇرۇشى،ياردەملىشىشى،ئانىسىغا سىرداش بولىشى كېرەككەن.دېگىنىدەك،ئۇلارنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلۇپ قېشىدا تۇرسام،بۇ ئارقىلىق ئاز بولسىمۇ شۇ كۆيۈمچان ئاتا-ئانامنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلالىسام،ئۆزۈمنى شۇنچە بەخىتلىك ھېس قىلاتتىم.
  دەرمانسىز ئارمانلار،قىيالماسلىقلار بىلەن،تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا خىزمەتكە چۈشتۈم.يېڭى مۇھىت،يېڭى كەيپىيات كۆڭلۈمنى خېلىلا ئېچىپ قويدى،كىرسىز قەلبلىك شۇ مەسۇم بالىلاردىن زەخىم يېگەن ۋۇجۇدۇمغا مەلھەم ئىزدەيتتىم،سەبىي كۆزلەردىن بۇرۇنقى ئۆزۈمنى،ئىلگىركى زىبانى ئىستەيتتىم.تۇرمۇشۇم شۇنچىلىك مەنىلىك،خۇشال ئۆتمەكتە.لېكىن،قېرىشقاندەك،ھېكمەتنىڭ ئايالى نەفىسە بىلەن خىزمەتداش بولۇپ قالغان ئىدىم.
‏   گۆرىستان قاراڭغۇلۇق زېمىننىڭ نۇرلىرىنى يۇتۇۋالغان بىر كېچىدە،ئەنسىز جىرىڭلىغان تېلفۇن ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغاندىم.تېلفۇندىكى نومۇرنىڭ ھېكمەتنىڭ نومۇرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ،ۋۇجۇدۇمنى نامەلۇم ئەندىشە چىرمىۋالدى.شۇ ئەندىشىنىڭ دەۋىتىدىن،تېلفۇننى ئالدىم.قارشى تەرەپتىن:«تېشلىقمۇ؟زىبامۇسىز؟بىز ھازىر ۋىسال ئارامگاھىدا،ھېكمەت كۆپ ئىچىۋېلىپتىكەن،سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى توۋلاپ،ئارام بەرمەيۋاتىدۇ،ئۆيىگە ئاپىرىپ قويايلى دېسەك،زىبا كەلمىسە ھېچ يەرگە بارمايمەن دەپ تۇرۋېلۋاتىدۇ،بىز ھېچ ئامال قىلالمىدۇق،بىر كەلگەن بولسىڭىز» دېگەن سۆزلەر ئاڭلاندى.ئۇ قىزنىڭ گەپلىرىدىن تەئەددى چىقىپ تۇراتتى.تېشىپ چىقىۋاتقان غەزىپىمنى بېسىپ تۇرۇپ،سورىدىم:«قانچىنچى ئايرىمخانىدا؟»
   ئۆيدىن قانچىلىك تېز سۈرئەتتە چىقىپ كەتكىنىمنى بىلمەيمەن،بۇ دەمدە،كاللامدا ۋاقىتتىن ئۇقۇم يوق.بارچە مەخلۇقات ئۇخلىغان بۇ كېچىدە،يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرىپ تاكسى توسماقتىمەن.پۈتۈن خىياللىرىمدا ئەزەلدىن ھاراقتەك نىجىس نەرسىگە يولىمايدىغان ھېكمەتنىڭ مەس بولۇپ لاۋزىلاشقان ھالىتى،ماڭا تەنە قىلىۋاتقان قىزنىڭ ھاكاۋۇر تۇرقى ئەكس ئەتمەكتە.تاقەت قىلالمىدىم،يۈگۈرۈپ يولنىڭ تاق ئوتتۇرىسىغا كىرىپ قوللىرىمنى كەڭ يېيىپ تۇردۇم.جىددىي تورموزلانغان ئاۋاز بىلەن تەڭ،بىر تاكسى كېلىپ توختىدى،يولۇمغا راۋان بولۇپ كەتتىم.شوپۇرنىڭ توختىماي ئەيىبلەشلىرى ،نەسىھەتلىرىدە قانداق كېلىپ قالغىنىمنىمۇ ئۇقماپتىمەن.ھېكمەت ئولتۇرغان ئايرىمخانىغا بۆسۈپ كىردىم،كۆز ئالدىمغا شۇنداق بەتبەشىرە كۆرۈنۈش ئايان بولدىكى،ئىسپىرىتنىڭ تەسىرىدىن ھايۋانلىقىنى ئاشكارلىغان كىشىلەر،قىزى دېمەتلىك قىزلار بىلەن ئاپاق-چاپاق بولغىلى تۇرۇپتۇ،ئالا-جاقىل توۋلىغىلى،قىز-ئوغۇل دېيىشمەستىن ھاراق كۆتۈرۈشكىلى تۇرۇپتۇ.مەن ئىزچىل چوڭ بىلىدىغان ھېكمەتمۇ خۇدىنى بىلمەي كىرىسلوغا يۆلىنىپ يېتىپتۇ،قېشىدا قېنىق گىرىم قىلغان بىر قىز سۈركىلىپ ئولتۇرۇپتۇ.
ئىچ-ئىچىمدىن ئۆرلەۋاتقان زەرداپ بىلەن،ھېكمەتنى تارتۇشلاپ تۇرغۇزۇپ ئېلىپ ماڭدىم.ھېلىقى قېنىق گىرىملىك قىز ئارقامدىن توۋلىدى:«ھوي،سىز ئۇنىڭ ئايالىما؟»بېشىمدىن بىر چېلەك مۇزدەك سۇ قۇيىۋېتىلگەندەك سەسكىنىپ كەتتىم.توۋا،مەن ئۇنىڭ نېمىسى؟ئۇ توي قىلىپ بولغان ئىدىغۇ؟مەن نېمىشقا بۇ يەرگە كېلىمەن؟«ھەي،سىزدىن گەپ سوراۋاتىمەن،سىز ئۇنىڭ ئايالىما؟گاچا ئەمەسسىز؟» ئۇ قىز يەنە ئەزۋەيلىگىلى تۇردى.«نېمە كارىڭ!»دەپ قويۇپ،ئالدىغا ماڭدىم،ئويلاۋاتاتتىم،مەن زادى 
نېمە؟مەن ئۇنىڭ نېمىسى؟
    ھېكمەتنى يۆلەپ سىرتقا چىققىنىمدا،ئۇ مەسلىكتىن ئوبدانلا يېشىلىپ قالدى.ماڭا بىر مەزھەل كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇرغاندىن كېيىن:«سىزنىڭ كېلىدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم،زىبا»دېدى.مەن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم.بۇ ئۇ توي قىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى 
ئۇچرىشىشىمىز ئىدى.ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ قالدىم.
سۆزلىيەلەيدىغان كۆزلەر،سۈلكەتلىك چىراي،مەن بۇ چىراينىڭ ئىگىسىنى قانچىلىك سۆيەتتىم-ھە!ھېكمەتكە قادالغان گۇناھكار كۆزلىرىم،ئىرادەمگە ئاسىي بولۇپ،قەلبىمنى ئاشكارلاپ قويدى.شۇ مېھىرگىلا تەشنا بولغان ھۈجەيرىلىرىم غەلۋانلاردىن تەسكىن تاپتى.
چاڭ ،قىلىپ تەگكەن تەستەكتىن كەينىمگە سەنتۈرۈلۈپ كەتتىم.ئالدىمغا غەزەپتىن كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتكەن نەفىسە تۇراتتى:«ھەي بۇزۇق،نەچچە ۋاقىتتىن،ئىلگىرى بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىشكەنكەن دەپ ئويلاپ،سېنى بېشىمغا ئېلىپ كۆتۈرسەم ئەجەپ ئېشىۋالدىڭا،يېرىم كېچىلەردە نېمە مېنىڭ ئېرىم بىلەن سۈركىلىشىپ،بېقىشىپ يۈرىسەن؟بىلەلمەي قالدىڭمۇ يا؟ئۇ ھازىر مېنىڭ ئېرىم،مەن نەفىسەنىڭ ئېرى،بۇرۇن قانچە كۆيۈشۈپ،ئوتۇڭلاردا،سۈيۈڭلاردا ئاققان بولساڭلارمۇ،ھازىر ئۇ يوققا ھېساب،ئۆزىڭنى 
«!بىلىپ يۈر رەسۋا
ئۆمرۈمدە بۇنچىلىك ھاقارەتكە ئۇچراپ باقماپتىمەن،گەپ قايتۇراي دېدىميۇ،گەپلەر بوغۇزۇمغا كاپلىشىپ قېلىپ چىقىرالمىدىم.نەفىسەنىڭ دېگىنى توغرا،ھېكمەت ئۇنىڭ ئېرى،ئەمدى مېنىڭ ھاياتىمدا مەۋجۇت بولسا بولمايدىغان بىر كىشى.مېنىڭ گەپ قايتۇرمىغىنىمنى كۆرۈپ،نەفىسە تېخىمۇ ئەزۋەيلىدى:«ھە،ئاۋازىڭ تۇتۇلۇپ قالدىمۇ،گەپ قىلمايسەنغۇ،يەنە بىرەرنى ئۇرسام،ئاندىن ئەقلىڭنى تاپامسەن يا؟!»نەفىسە قولىنى كۆتۈردى،مەن كۆزلىرىمنى يۇمۇپ تەستەكنىڭ تېگىشىنى ساقلىدىم.لېكىن،تەستەك مېنىڭ ئەمەس نەفىسەنىڭ يۈزىگە تەگدى.مېنىڭ ھاقارەتكە ئۇچرىشىمغا چىدىمىغان ھېكمەت ئايالىنى ئۇرغان ئىدى.كىنو كۆرىنىشلىرىدەك داۋاملىشىۋاتقان ھاياتىمغا قاراپ،ئاچچىق كۈلۈپ كەتتىم.قۇلىقىمغا نەفىسەنىڭ ئەنسىز يىغىلىرى،ھېكمەتنىڭ غەزەپلىك كايىشلىرى گۇڭۇر-مۇڭۇر ئاڭلاندى.نىكاھنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن بۇ ئەر-ئايالدىن خېلىلا ئۇزاپ كەتتىم.يالغۇز ئەمەس ئىدىم،يۇلتۇزلۇق ئاسمان مېنىڭ ھەمرايىم بولدى.
ئەتىسى خامۇش كەيپىياتتا ئىشقا چىقتىم.ئوقۇغۇچىلارغا دەرسنى سۆزلەپ بولۇپ،ئىشخانىدا دەرس تەييارلاپ ئولتۇرغىنىمدا،يۈزىگە ماسكا تاقىۋالغان نەفىسە كىرىپ كەلدى.كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى تۇيدىيۇ،چاندۇرمۇدۇم.قىسقىغىنە ئەھۋال سورىشىپ،سۇس كۈلۈمسىرەپ قويدۇم.نەفىسەنىڭ خاراكتېرىدىن مېنى بۇنچىۋالا ئاسان بوش قويىۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم،ھەقىقەتەن،بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا ئۇنىڭ ئاستىرىتتىن قىلىنغان ھۇجۇملىرىدىن قورقۇپ قالدىم.خىزمەتداشلىرىمنىڭ ماڭا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئۆزگىرىشكە باشلىدى،مېنى ئىزدىمەيدىغان،مەن ئىزدىسەممۇ پەرۋا قىلمايدىغان بولدى،بۇ مەكتەپتە «يېتىم»قالدۇرۇلغان ئىدىم.تەئەددى ئارىلاش ئاچچىق گەپلەر،مەسخىرىلىك كۈلكىلەر تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسمىغائايلاندى.ئەجەبلىنەرلىكى،بۇ يەكلەشلەرئالدىدا شۇنچىلىك تەمكىن ئىدىم.كۆزلىرىمنىڭ ياش بۇلىقى ئاللىقاچان قۇرۇپ 
كەتكەندەك قىلاتتى.
ۋۇجۇدۇمنى غەشلىك چىرمىۋالغان بۇ كۈنلەردە،نەفىسە بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىمىز ياخشىلىنىش تۇرسۇن ئەكسىچە تېخىمۇ يامانلاشقىلى تۇردى.ئۇ ئېغىرلاپ قالغاچ،مىجەزى بۇرۇنقىدىنمۇ چۇسلىشىپ كەتتى.ئۇنىڭ بىلەن گەپ تالىشىشتىن ئامال بار ئۆزۈمنى دالدىغا ئېلىپ يۈردۈم.
ھايات خىلمۇخىل چاقچاقلىرى بىلەن ئادەمنى قىينايدىكەن.ۋىسالسىز،ئامالسىز قېلىۋاتقان بۇ بىر نەچچىمىز ھاياتنىڭ چاقچاقلىرى ئالدىدا ،تولىمۇ ئاجىز كېلىپ قالدۇق.بارچە كۈچىمىز بىلەن رەھىمسىز تەقدىرنىڭ قالقانلىرىنى بىتچىت قىلىشقا تىرىشساقمۇ،ئىرادە نەيزىمىزنىڭ بوشاڭلىقىدىن مەغلۇپ بولدۇق،يېقىلدۇق،تەن بەردۇق،لېكىن ھايات ئويۇنىمىزنى كۆرۈپ قانمىدى،تېخىمۇ ئۇزۇن ھېكايە،تېخىمۇ چوڭقۇر ئازاب ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن بىزنى يەنە ئۇچراشتۇردى،تېخىمۇ كۆپ پاجىئەلەرگە سەۋەبكار قىلدى.
تىپتىنىچ ئېقىۋاتقان دېڭىز يۈزىنىڭ تەكتىدە ۋولقان قاينىغاندەك،قارىماققا،ئېقىن سۇدەك ئۆتىۋاتقان تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ شىددەتلىك بولغان بوران-چاپقۇنلارنى ئۆزىگە چىللىماقتا ئىدى.
‏  بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن،ئىككى سائەتلىك دەرسىمنى تۈگىتىپ،ئىشخانامغا ماڭدىم.ئەمدىلا ئىشخانا تەرەپكە بۇرۇلۇشۇمغا ،بىر توپ ئادەمنىڭ توپلىشىپ،غۇلغۇلا بولۇپ كەتكىنىنى كۆردۈم.قىزىقسىنىپ ئۇلارنىڭ توپىغا قوشۇلدۇم،كۆز ئالدىمغا نامايەن بولغان مەنزىرىدىن چۆچۈپ،ئەنسىز ۋارقىرۋەتتىم.يەردە قانغا مىلەنگەن نەفىسە ئىڭراپ ياتقان ئىدى.نېمەبولغىنىنى بىلمىدىم.كۆزلىرىم نەفىسەنىڭ خېلىلا چوڭىيىپ قالغان قورسىقىغا چۈشتى،ھاپىلا-شاپىلا بېرىپ،خىزمەتداشلىرىمنىڭ ياردىمىدە،نەفىسەنى يۆلەشتۈرۈپ،ئۈلگۈرۈپ كەلگەن جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا ئېلىپ چىقتۇق.ئەسلىدە ئۇ پەشتاقتىن يېقىلىپ چۈشكەن ئىدى.نەفىسەنى ياقتۇرمىساممۇ ھەتتا ئۆچلۈك قىلساممۇ،مۇشۇ دەمدە،پەقەت ئۇنىڭ ھەم بالىسىنىڭ ساقلىقىنى ئۇلۇغ  ئىگەمدىن توختىماي تىلىدىم:«ئىي،ئۇلۇغ ئاللاھ!مەن سۆيگەن شۇ كىشىنىڭ بەختى ئۈچۈن نەفىسە ۋە ئۇنىڭ بالىسىنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن!».
جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلىمىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپتىمەن.نەفىسەنىڭ ئۆيدىكىلىرى يېتىپ كېلىشتى.لېكىن،ھېكمەت كۆرۈنمەيتتى.ھېكمەت بىلەن بۇ يەردە،بۇ ئەھۋالدا ئۇچرىشىپ قېلىشنى خالىمىساممۇ،بۇ ئاسىي كۆزلىرىم يەنىلا ئۇنىڭ يولىغا قارىماقتا ئىدى.ئوپىراتسىيە بۆلىمىنىڭ يېنىپ تۇرغان چىرىقىغا قاراپ،شۇنچىلىك تىت-تىت بولۇپ كەتتۇق،نەفىسەنىڭ ئانىسىنىڭ پىغانلىق يىغىسىغا قاراپ،مەنمۇ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ تاشلىدىم.
بۆلۈم ئىشىكىنىڭ ئېچىلغىنىنى كۆرۈپ،ھەمىمىز دوختۇرنىڭ قېشىغا باردۇق.دوختۇر «قايسىڭلار بىمارنىڭ ئائىلە تاۋاباتى؟»دەپ سورىدى.نەفىسەنىڭ دادىسى:«مەن ئۇنىڭ دادىسى بولىمەن،قىزىمنىڭ ئەھۋالى قانداق؟» ئۇنىڭ ئاۋازىدىن تىترەك ئارلىشىپ چىقىۋاتاتتى.دوختۇر:«بىماردىن بەك كۆپ قان چىقىپ كەتكەچكە،ھازىر ئەھۋالى بەك خەتەرلىك،بىمارنىڭ قان تىپىغا ماس كېلىدىغان قان بولمىسا،ئانا-بالا ئىككىسىنى ساقلاپ قالالايمىز،بولمىسا،پەقەت بىرىنىلا ساقلاپ قالالايمىز،ئىدىيەيىڭلاردا تەييارلىق بولسۇن».
نەفىسەنىڭ ئاپىسى يىغلاپ تۇرۇپ:«دوختۇر،مېنىڭ قېنىمنى ئېلىڭ،قىزىمنى قۇتقۇزۇپ قالالايدىغانلا ئىش بولسا،دادىسى بىلەن ئىككىمىزنىڭ قېنىنى ئالسىڭىز بولىۋېرىدۇ……«
دوختۇر يېنىك بېشىنى چايقاپ قويۇپ:«بىز تەكشۈردۇق،قىزىڭىز ئاز ئۇچرايدىغان() تىپى ئىكەن،ئىككىڭىزلارنىڭ قان تىپى ماس كەلمەيدىكەن،بىزنىڭ قان ئىسكىلاتىدا ئۇ تىپتىكى زاپاس قان يوق.»بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران بولدۇم.نەفىسەنىڭ مېنىڭ بىلەن ئوخشاش ئاز ئۇچرايدىغان قان تىپى ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىمەن،بەلكىم بۇ ئىككىمىزدىكى بىردىنبىر ئورتاقلىق بولسا كېرەك.
  دوختۇر،مېنىڭ قېنىمنى ئېلىڭ،مېنىڭ قان تىپىم بىمارنىكى بىلەن ئوخشاشكەن،ماس كېلىدۇ.
قىزىنىڭ قۇتۇلىشىدىن قايتا ئۈمىدنى ھېس قىلغان بىچارە ئانا،قوللىرىمغا يېنىش-يېنىشلاپ سۆيۈپ كەتتى.
ئاخىرەتنى ئەسلىتىدىغان ئاپئاق كارىۋاتقا قايتا بېشىمنى قويدۇم.تومۇرۇمدىكى قاننىڭ ئىنچىكە نەيچە بىلەن نەفىسەنىڭ تومۇرلىرىغا يەتكەنلىكىنى كۆرۈپ،ئۆزۈمنى ئىلگىركىدەك ئىككى گۈل ئارىسىغا ئۈنگەن شۇمبۇيا ئەمەس،بەلكى كۈرەش قىلىۋاتقان ئاق چەۋەندازدەك ھېس قىلىۋاتاتتىم.چۈنكى

پاك ۋۇجۇد،پاك قەلىبلىك ئوماق بىر پەرىشتە دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان ئىدى.


خاتىمە 

  تېگى كۆرۈنمەس ھاڭنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ،ئۇنىڭغا قولۇمنى ئۇزارتتىم   .ئۇ ھاڭغا چۈشۈپ كېتىشكە قىل قالغان ،ئەگەر ئۇ ھاڭغا چۈشۈپ كەتسە...ئارقىسىنى ئويلاشقا پېتىنالمىدىم:«ھېكمەت،قولۇمنى چىڭ تۇتۇڭ مەن سىزنى تارتىپ چىقىمەن قولۇمنى قويىۋەتمەڭ !»جىددىيلەشكىنىمدىن نەپسىم قىسىلىپ بارغانسېرى كۈچ ئالالماي قالدىم .ئۇ بولسا قولىنى تۇتىۋالغان جايىىدىن  مىدىرلىتالماي تەمكىن ھالدا كۆزۈمگە تىكىلىپ :«زىبا،ياخشى ياشاڭ،ئەڭ مۇھىمى مېنىڭ سىزنى سۆيىدىغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالماڭ،سىزنى سۆيىمەن،زىبا،خەير».گېپىنىڭ تۈگىشىگىلا،ئۇتېگى كۆرۈنمەس ھاڭغا چۈشۈپ كەتتى  -ھېكمەت! -ھېكمەت! -ھېكمەت!قېنى سىز؟!مېنىمۇ بىللە ئېلىپ كېتىڭ؟!ئۆزۈم يالغۇز بۇ دۇنيادا قانداق ياشايمەن،ھېكمەت!  «زىبا،زىبا،نېمە بولدىڭىز؟»ئەلىنىڭ ئەنسىز چاقىرغان ئاۋازىدىن ئەس-ھوشۇمنى تاپتىم،ئەسلىدە مېنى قارا بېسىپتۇ،چىلىق-چىلىق تەرلەپ كېتىپتىمەن.ئەتراپىمغا كۆز يۈگۈرتۈم،يەنىلا شۇ دورا ھىدى قاپلىغان بالىنىستتا يېتىپتىمەن.تەشۋىشلىنىپ سورىدىم:«ئەلى،نەفىسەنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ئوپىراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولدىمۇ؟،ھېكمەتچۇ؟ئۇ كەلدىمۇ؟»ئۇ ئېغىر بىر ئۇھسىنغاندىن كېيىن جاۋاب قايتۇردى:«خاتىرجەم بولۇڭ،نەفىسە ياخشى،ئوماق بىر قىزغا ئانا بولدى».بۇ گەپنى ئاڭلاپ،كۆڭلۈم تەسكىن تېپىپ قالدى،لېكىن يۈرىكىمنىڭ يەنە بىر قېتىدا ئەندىشە يوشۇرۇنغاندەك،كۆڭلۈم بىر نەرسىنى تۇيۋاتقاندەك قىلاتتى.سەزگۈر يۈرىكىم ئەلىنىڭ چىڭ تۈرىلگەن قوشۇمىلىرى،زورىسىغا كۈلۈمسىرەشلىرىدىن،نامەلۇم شۇملۇقنى سەزدى. ئويلاپ،ئويلاپ تېگىگە يېتەلمەېۋاتاتتىم،توغرا،ئەلى نېمىشقا ماڭا ھېكمەتنىڭ ئەھۋالىنى دېمەيدۇ؟چۈش،نېمىشقا شۇنداق چۈش كۆرىمەن؟ئەجىبا! -ئەلى؟راست گەپنى قىلىڭ،ھېكمەت بىر كېلىشمەسلىككە يولۇقتى شۇنداقمۇ؟مەندىن يوشۇرماڭ،ھېكمەت زادى نېمە بولدى؟  ئەلىنىڭ ئويچان كۆزلىرى يەرگە تىكىلدى،ئىككى قولى بىلەن بېشىنى چاڭگاللاپ ئولتۇردى.ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگىرەشلەرگە قاراپ،پەرزىمنىڭ توغرىلىقىنى پەملىدىم.ئۆزۈمنىڭ شۇ دەمدىكى پەرزىمدىن ئەنسىرەۋاتقان،ئەمەلگە ئاشماسلىقىنى شۇنچىلىك ئۈمۈد قىلىۋاتقان بولغاچقا،دەرھال قايتۇرۇپ سورىدىم: -ئەلى،تېز دەڭ،ھېكمەتكە زادى نېمە بولدى؟سىزدىن ئۆتىنەي ،ئەلى ،زادى نېمە ئىش بولدى؟ ئاۋازىم بوغۇلۇپ،نەپسىم جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتىم.مۇدھىش شۇملۇقنى سەزگەن يۈرىكىم يەنىمۇ ئېچىشقىلى تۇردى.  ئەلى ئاخىرى ئېغىز ئاچتى:«زىبا،بۇنىڭ سىزگە ئېغىر كېلىدىغىنىنى بىلىمەن لېكىن ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ،ئەجەلگە ئامال يوقكەن،سەۋىر قىلىڭ……».    قۇياش پارلاپ تۇرغان كۆپكۈك ئاسماندا،دەھشەتلىك چاقماق چېقىلدى. ئەجەل! ئەلى نېمە دەيدىغاندۇ؟ئۇ چوقۇم ماڭا چاقچاق قىلۋاتىدۇ،ھېكمەتنى ئۇنۇتسۇن،مېنى ياخشى كۆرسۇن دەپ شۇنداق دەۋاتىدۇ،بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن،ئۇ تېخى ياش ئىدىغۇ؟ئۇ مېنى ھەرگىز بۇ دۇنياغا يالغۇز تاشلاپ قويمايدۇ،ئۇ مېنىڭ ئۆمۈرلۈك سۆيگۈنۈم تۇرسا...  مېنىڭ ھالىمغا قاراپ چۆچىگەن ئەلى ئېغىز ئاچتى:  زىبا،جېنىم زىبا،بۇنداق جىم تۇرۋالماڭ،ئۆكسۈپ يىغلىۋېلىڭ،قانغۇچە يىغلىۋېلىڭ،سىز نەفىسەگە قان بەرگەن كۈنى يەنى ئىككى كۈن ئاۋۋال،ھېكمەت نەفىسەنىڭ تۇغۇت خەۋىرى ھەم سىزنىڭ كۆپ مىقداردا قان بەرمەكچى بولغىنىڭىزنى ئاڭلاپ،ئىش ئورنىدىن كېلىش جەريانىدا،يولنى  خاتا ماڭغان بىر  يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن  سوقۇلۇشۇپ كېتىپتۇ،ھېكمەتنىڭ ماشىنىسىنىڭ سۈرئىتى بەك تېز بولغاچقا،ئۇ بەخىتكە قارشى……« ئەلى نېمىلەرنى دەۋاتىدۇ،ئۇ ھېكمەتنى ئۆلدى دەۋاتىدىغۇ؟بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن،ھېكمەت ماڭا ئۆمۈر بويى بىللە ئۆتۈشكە ۋەدە بەرگەن،ئۇ ھەرگىز مېنى يالغۇز تاشلاپ قويمايدۇ.  -زىبا،زىبا،ئۆزىڭىزنى ئالدۇرۇپ قويماڭ،ئاۋازىڭىزنى  چىقىرىپ ئېسەدەپ يىغلىۋېلىڭ،مېنى ئەنسىرەتمەڭ    زىبا!  ئەلى مېنى توختىماي  سىلكەشلەيتتى،باشلىرىمنى تۇتاتتى،بېشىم چىڭقىلىپ ئاغرىپ كەتتى،ئۆكسۈپ يىغلاپ تاشلىدىم،بارلىق دۇنياداشلىرىم،زامانداشلىرىمدىن بەخىتسىز يارىلىپ قالغىنىمغا،رەھىمسىز قىسمەتنىڭ كىشەنلىرىگە چۈشۈپ قالغىنىمغا ئاغرىنىپ يىغلايتتىم.مېنىڭ ئەتراپىمدا پەرۋانە بولىۋاتقان ئەلىنىڭ نەسىھەتلىرى،تەسەللىيلىرى قۇلىقىمغا كىرىپمۇ چىقمايۋاتاتتى.ھېكمەتنىڭ بۇنداقلا مەندىن ئايرىلغىنىغا ئىشەنمەيۋاتاتتىم،ئىشەنگۈممۇ كەلمەيۋاتاتتى،ئاخىرى يىغلاپ-يىغلاپ ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن…‏‏ نۇرغۇن ۋاقىتلاردا،بارلىق ئازابلىق قىسمەتلىرىمنىڭ چۈش بولۇشىنى،ئەتىگەندە ئۇيقۇچان كۆزلىرىمنى ئاچقىنىمدا،ئەجەپمۇ قورقۇنچلۇق چۈش كۆرىپتىمەن دەپ كۈلۈپ قويۇپلا تىنچ ھەم ئاددىي تۇرمۇشۇمنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلاتتىم .ئىنسان ھەقىقەتەن ئاجىز يارالغان،تەقدىر ئالدىدا يەنىلا ئاجىزلىق قىلماقتىمەن،مانا،ھەش-پەش دېگۈچە ،ئۈچ باھار،ئۈچ ياز،تۆت كۈز،تۆت قىش ئۆتتى.بىر مىڭ ئىككى يۈز يەتتە كۈن،ئون سەككىز مىڭ توققۇز يۈز ئاتمىش سەككىز سائەتنىڭ ھەربىر دەقىقىلىرىنىمۇ چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە ئۆتكۈزدۈم.ماڭا نىسبەتەن،دۇنيا ئازابلىق بولدى،قۇياشمۇ ئازابلىق كۈلىدۇ،قۇشلارمۇ ئازابلىق سايرايدۇ،مەن بولسام پۈتمەس ھىجران ئىچىدە ئازاب ئىچىدە يۈرىمەن.  ئۈچ يىل ئاۋالقى بۇ كۈندە،ھېكمەتتىن مەڭگۈلۈككە ئايرىلغان ئىدىم.ھەممىنى ئۇنتۇش،ئازابىمنى يېنىكلىتىش مەقسىتىدە،ئۆزۈم تەلەپ قىلىپ يۈرۈپ،بۇ چەت ياقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە پىدائىي ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدىم.ئەلىدىن ۋە ئائىلەمدىكىلەردىن مېنى يالغۇز قويۇشىنى ،بىر مەزگىل ئىزدىمەسلىكىنى تەلەپ قىلدىم.  سەبىرنى ئۆزۈمگە ھەمراھ تۇتۇپ ئۆتىۋاتقان كۈنلىرىمدە،ئەلىنىڭ تېلفۇنىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.ئۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئاسپىرانتلىقنى تۈگىتىپ،مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە،ياپونىيەگە دوكتورلۇق ئوقۇش ئۈچۈن ماڭغۇلۋېتىپتۇ.ئەلى تېلفۇندا،مېڭىشتىن ئاۋۋال،مەن بىلەن كۆرۈشكىسى بارلىقىنى ئېيتتى.دېمىسىمۇ،ھاياتىمغا ئىزچىل يۆلەك بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ قەدىردان دوستۇمغا ئاق يول تىلەشكە ھەقلىق ئىدىم.   توۋۋا،چۈشكە ئوخشايدىغان بۇ ھاياتىمدا،ئاجايىپ قىسمەتلەرنى كۆرۈپتۇق،مۇھەببەت ئىشقىدا يۈرىكى شېكەستە بولغان بىزلەر،تەقدىردىن ئاغرىندۇق،زارلاندۇق لېكىن تۈگىمەس زارلىنىشلىرىمىز بىلەن،ئازابىمىز يېنىكلەي دېمىدى.ئەلىگە ئىچىم ئاغرىيدۇ،ئۇ مېنى  دەپ نېمە قۇربانلىقلارنى بەرمىگەن ھە؟لېكىن،يۈرىكىمگە ھېكمەتتىن باشقىسى  سىغمىسا،ماڭىمۇ نە چارە؟بەلكىم،ئۇنىڭ كەتكىنى  ياخشىدۇ؟ شۇ خىياللار بىلەن،ئايرىدىرومغىمۇ يېتىپ كەلدىم،ئەلى يەنىلا بۇرۇنقىدەك سۈلكەتلىك ئىدى.ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ،نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم.قىزىق ئىش،كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا دەيدىغان گەپلىرىم شۇنچىلىك جىق بولسىمۇ،قانداق دېيىشنى بىلەلمەيۋاتاتتىم.ئۇ ئاۋۋال ئېغىز ئاچتى:«تېشلىقمۇ؟ئەھۋالىڭىز قانداقراق؟سىزگە تۇيۇقسىزلا خەۋەر قىلىپ چاقىرتىپ كەلدىم،خاپا بولماڭ،بۇ قېتىم كەتسەم قاچان كېلىدىغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن،لېكىن،چوقۇم قايتىپ كېلىمەن».  ئەلىنىڭ مۇھەببەتلىك كۆزلىرىدىن يەنە ئۆزۈمنى قاچۇرماقتا ئىدىم.ئىچ-ئىچىمدىن ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر خىل خىجىللىق تۇيغۇسى ئۇرغۇماقتا ئىدى.كۆزلىرىمگە ياشلار ياماشتى،يىغانمنى زورىسىغا بېسىپ تۇرۇپ:«خۇداغا شۈكرى،مەن خېلى ياخشى،مەندىن ئەنسىرمەڭ،ئۇ يەرگە   بارغاندا،ئاتا-ئانىڭىز يېنىڭىزدايوق،ئۆزىڭىزنى ياخشى ئاسراڭ». بۇ گەپلەرنى ئاران دىيەلىدىم.ئۇ خېلى ئىككىلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن،ماڭا:«زىبا،بىر كىچىككىنە تەلىپىمگە قوشۇلۇڭ،ماقۇلمۇ؟مېڭىشتىن ئاۋۋال سىزنى بىر قېتىم قۇچاقلىۋالغان بولسام». بۇ تەلەپكە ياق دېيەلمەيتتىم،بۇ كىچىككىنە بىر ئىش ئارقىلىق ،ئۇنىڭ زېدە بولغان كۆڭلىگە ئاز بولسىمۇ،تەسەللىي بېرەلىسەم ئالەمچە خۇش بولغان بولاتتىم.ئاستا بېشىمنى لىڭشاتتىم ،ئۇ كەڭ يەلكەنلىرى بىلەن ،مېنى قۇچاقلىدى،بوش ئاۋاز بىلەن قۇلىقىمغا:«ئەگەر مۇمكىن بولسا ،مەن پۈتۈن ئۆمرۈم بىلەن سىزنى كۈتۈشكە رازى،پەرۋانىدەك سىزگە ئۇرۇلۇپ تۇرىمەن،تاكى سىز يۈرىكىڭىزنى ئاچقۇچە ،مېنى كۈتۈڭ قەدىرلىكىم».   ئەلى كەتتى.ئايرىدىرومنىڭ چوڭ زالىدا خۇددى قاتۇرۇپ قويغان ھەيكەلدەك تۇرۇپ قالدىم.جاھاننىڭ ئەگرى-توقاي يوللىرىدا،ئايرىلىشقا كۆنۈپ كەتكەندەك قىلاتتىم.كىچىكىمدىن بىرەر قېتىممۇ ئازارچىلىققا ئۇچراپ قالمىغان بۇ يۈرىكىم،ئەمدىلىكتە ئازابتىن بىھۇشلانغان ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى.  چېكى يوق خىياللار قاينىمىغا غەرق بولغىنىمدا،ماڭا بەكمۇ تونۇش بولغان نەفىسەنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم.ئىككىمىز قىزغىن كۆرۈشتۇق،ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئىلگىركى مەغرۇرلۇقىدىن ئەسەرمۇ يوق،ئەكسىچە ،سالماق ۋە ئىللىق كۆرۈنۋاتىدۇ.بۇ نەچچە يىلدىن بۇيان تارتقان ئازابلار،يالغۇزلۇق ئۇنى پىشقان ئايالغا  ئايلاندۇرۇپتۇ.پاراڭلار ئارىلىقىدا،كۆزۈم نەفىسە يېتىۋالغان ئوماق قىزغا چۈشتى،بۇ قىزنىڭ ئۇلارنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم،چۈنكى ئوماق قىزنىڭ نۇر يېغىپ تۇرغان زەڭگەر كۆزلىرى دادىسىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى.يۈرىكىمدىكى يارىلار يەنە ئېچىشقىلى تۇردى،چوڭقۇر مېھرىم بىلەن تۇغۇلىشىدىنلا دادىسىز قالغان بىچارە پەرىشتنى قۇچاقلىدىم.سېغىنىشلىق ياشلىرىم كۆزلىرىمگە تېپىپ چىقىپ،تارام-تاراملاپ تامچىلىماقتا ئىدى،نەفىسە يىغا ئارىلاش ئاۋازى بىلەن ئېغىز ئاچتى:«زىبا،ئەينى يىللاردىكى شۇ ئەخمەقلىقىم ئۈچۈن ھېلىمۇ ئۆكىنىمەن،مېنى كەچۈرۈڭ،ئەگەر سىز بولمىغان بولسىڭىز،قىزىم ئائىشە بىلەن ئىككىمىز،بۇ كۈنگە ئىگە بولالمايتتۇق.رەھمەت سىزگە،بۇرۇنقى نادانلىقىمنى كەچۈرۈڭ زىبا»نەفىسە يىغىسىنى توختىتالماي قالدى،ئۇنىڭ گەپلىرىدىن يۈرەك سوقۇشۇم تېزلىشىپ كەتتى،ھەيرانلىقىمدىن ،دەرھال سورىدىم:«نەفىسە،ھازىر نېمە دېدىڭىز،ئائىشە؟» نەفىسە مېنىڭ بۇ سوئالىمغا ھەيران بولدى بولغاي،جاۋاب قايتۇردى:«ئائىشە دېگەن بۇ ئىسىمنى ھېكمەتنىڭ ۋەسىيتى بويىچە قويغان،بۇ ھەم ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى سۆزى……»نەفىسە ئۆكسۈپ يىغلاپ  كەتتى،مېنىڭ خىياللىرىم ئۇزاق ئۆتمۈشكە  ئايلانغان گۈزەل چاغلارغا قانات قاقتى  خۇش چىراي باھارنىڭ ئارامبەخىش ھاۋاسىدا باغچا ئايلاندۇق،قول تۇتىشىپ،قۇشلارنىڭ ناۋاسىغا تەڭكەش بولۇپ كېتىپ بارغىنىمىزدا،ئۇ ئوتلۇق كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ تۇرۇپ:«زىبا،كەلگۈسىدە توي قىلىپ،بالىمىز بولغاندا ئىسمىنى نېمە قويساق بولار؟» مەن كۈلۈپ كېتىپ:«ھەي،ئەجەپ بۇنى سوراپ قالدىڭىزغۇ؟سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىز باردەك قىلىدۇ،سىز دەپ بېقىڭا»دېدىم.ئۇ ماڭا يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ:«ھەي جىنتەك،كۆڭلىمدىكىنى دائىملا بىلىۋالىسىز،مېنىڭچە،قىز بولسا ئائىشە،ئوغۇل بولسا،ئەزىمەت بولسا،ماقۇلمۇ؟»ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ،ھەيران بولدۇم.توۋا،ئۇ مېنىڭ ئائىشە دېگەن بۇ ئىسىمغا ئامراقلىقىمنى قانداق بىلگەندۇ؟مەن ئەزەلدىن دەپ باقمىغان ئىدىمغۇ؟ھەيرانلىقىم چىرايىمغا چىقىپ كەتكەن بولسا كېرەك،ئۇ يەنە كۈلۈپ كېتىپ:«كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپتىم ھە،ھەيران بولماڭ،بۇنى مەن يېقىن دوستىڭىز مەرھابادىن بىلدىم،بۇ ئىسىمغا مەنمۇ بەك ئامراق.ئاللاھ شۇ كۈنلەرگە نېسىپ قىلسۇن،ئامرىقىم».ئۇ شۇنداق دېگەچ،مېنى باغرىغا چىڭ باسقان ئىدى.ئىككىمىز بىرلىكتە ئىگىمىزدىن بەختىمىزنى تىلىگەن ئىدۇق……  قۇچىقىمدىكى ئائىشەنىڭ «ئاچا»دەپ چاقىرغان چۈچۈك ئاۋازى خىياللىرىمنى بۇزدى.ئۇ ئوماق ئاۋازى بىلەن ئېغىزىنى ئۈمچەيتىپ سۆزلىدى:«ئاچا،نېمىشقا يىغلايسىز؟ئاپام يىغلىسا سەتلىشىپ كېتىدۇ دەيدۇ،سىزمۇ يىغلىماڭ بولمىسا سەت بولۇپ قالىسىز»قەلبىمگە ئىللىق بىر سېزىم يامرىدى.مۇھەببەتنى ئۇنۇتقان دىلىم قايتا تاڭ نۇرىنى كۆرگەندەك بولدى.سېغىنىش ۋە مۇھەببىتىم بىلەن ئۇنىڭ ئوماق مەڭزىگە يېنىش-يېنىشلاپ سۆيۈپ كەتتىم.قۇچىقىمدىكى پەرىشتگە تويماي قاراۋاتقىنىمدا،كۆز ئالدىم تۇيۇقسىز يورۇپ،كۈچلۈك نۇر ئىچىدە قالدىم.ئاپئاق نۇر ئىچىدە،قامەتلىك بىر سىيمانى غۇۋا كۆردۈم.ئۇ سىيما ماڭا ئاستا-ئاستا يېقىنلاپ كەلدى،قۇلىقىمغا يېقىملىق مۇزىكىلار،قۇشلارنىڭ سايراشلىرى ئاڭلانغاندەك بولدى.بېھىش دېگەن بۇ بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قېلىۋاتاتتىم.ئۇ سىيمانى ئاخىرى ئېنىق كۆردۈم،ئۇ ھېكمەت ئىدى،ئۇ بۇرۇنقىدەكلا،بىرجۈپ سېھىرلىك كۆزلىرى بىلەن ،ماڭا مۇھەببەت ئىزھار قىلۋاتقاندەك قىلاتتى.…
 
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315