ھورۇننىڭ سەپىرى

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-07 15:36
ھورۇننىڭ سەپىرى
(چۆچەك)
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ،يەتتە تاغنىڭ نېرىسى ،يەتتە دەريانىڭ بېرىسىدا بىر شەھەر بولۇپ،شەھەردىكى بايلاردىن بىرىنىڭ دۇنيالىقتا بىرلا   ئوغلى بولغان ئىكەن،بۇ ئوغۇل كىچىكىدىن بەك ئەتىۋارلىنىپ،بارىنى ئايىماي،يوقىغا كايىماي،ھېچ ئىشقا ئۆزىنى ئۇپراتماي كۆنگەن ئىكەن،كۈنلەر ئايلارنى قوغلاپ،ئايلار يىللارنى چىللاپ،ئۇ يىگىتلىك مەۋسۇمىغا  يەتكەندە  ئاۋۋال  مېھرىبان ئانىسى ،ئارقىدىن يەنە غەمگۇزارى دادىسى بۇ دۇنيالىق رېسقى تامام بولۇپ،ئارقىمۇ –ئارقا ئاخىرەتكە سەپەر قىپتۇ،يالغۇز قالغان ئوغلى بولسا بىركۈن يىغلاپتۇ،ئىككى كۈن يىغلاپتۇ،كىيىن يىغلاشمۇ خوشياقماي،ئاتىسىدىن قالغان بايلىقنىڭ مېغىزىنى چىقىپ،ھېچبىر ئىش –ئوقەتنىڭ پېشىنى تۇتماي،كۈنلەرنى يېتىپ ئۇخلاپ چۈش كۆرۈش ۋە ئويغانسا يەپ-ئىچىپ خىيال سۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزۈپتۇ،خىياللىرىدىمۇ ھامان ئىشلىمەي چىشلەشتىن باشقا ئىش  بولماپتۇ.
شۇنداق قىلىپ يېتىپ يېسە تاغ توشۇمىغاندەك،بىر مەزگىل ئۆتۈپ،ئۇنىڭ قولىدا تىيىننىڭ سۇنىقىمۇ قالماپتۇ،كۈنلىرى غۇربەتچىلىكتە قىلىپ بىر بۇردا نانغا زار بوپتۇ،بىراق يەنىلا ھۈنىرى بولمىسىمۇ قارا كۈچىنى بولسىمۇ ئىشقا سېلىپ قورساق غېمىنى قىلاي دىمەپتۇ،تەلىيىگە قوشنىلىرى ئانچى –مۇنچى- قوشنا ھەققى- دەپ بىرەر چىنە تاماق سۇنۇپ تۇرغىنى ئۈچۈن ئاچلىقتىن ئۆلۈپمۇ قالماپتۇ،شۇنداق كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئۇ   شۇنداق خىيال سۈرۈپتۇ-  چۆچەكلەردىكىدەك تىللا تىزەكلەيدىغان ئىشىكىم بولسا ،ياكى ئالسام-ئالسام تۈگىمەس پۇلغا توشقان بىر خالتام بولسا ،بۇ  غۇربەتچىلىكتىن قۇتۇلسام،كۈنلىرىم ئاتام زامانىسىدىكىدەك باياشاتچىلىقتا ئۆتسە،ھېچنىمىدىن غېمىم بولمىسا –دەپ.
ئۇ شۇنداق خىيال سۈرۈپ ياتقان  پېتى كۆزى ئۇيقىغا كېتىپتۇ،ئۇيقىسىدا شۇنداق چۈش كۆرۈپتۇ-ئۇ ئاتىسىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ بارغانمىش ، قەبرىنى باغاشلاپ  تۇرۇپ،  يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلىۋاتقان كۆزياشلىرىنى توختىتالماي بۇقۇلداپ تۇرۇپ    كۆرۈۋاتقان كۈنلىرىدىن زارلىنىۋاتقانمىش ،ئاتىسىنىڭ ھېچنىمىدىن غەم يوق تېنىچ ياتىدىغان شۇ گۆرگە تىزرەك ئۆزىنىمۇ ئەكىرىپ  كېتىشىنى تىلەۋاتقانمىش ،شۇ ھالدا ئاپپاق كېپەنگە ئورانغان ئاتىسى قەبرىنى يېرىپ چىقىپ-ئەي ئوغلۇم،ئۆمۈربويى تاپقان- تەرگىنىمنى بىر ساڭا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدىم،بىراق سەن ھېچ ئىش قىلماي يېتىپ يىيىشتىن باشقىنى بىلمىدىڭ، ھەممىسى ئۆزىڭنىڭ ھورۇنلىقىدىن ئىدى ،ئىش –ئەمگەك بىلەن ياشاش يولىنى تۇتساڭ بۇنداق خار-زارلىقتا قالماس ئىدىڭ،ئەمدى كېلىپ  مېنى گۆرۈمدىمۇ تېنىچ ياتقۇزمايۋاتىسەن ،قېنى دىگىن ،مەن يەنە ساڭا نىمە قىپ بىرەي-دىگىدەك.
ھورۇن يىگىت بولسا ئالسا-ئالسا تۈگىمەس پۇل خالتىسىغا قەيەردىن ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى سورىغىدەك،ئاتىسى بولسا ئۇنىڭغا -تاڭلا سەھەر قوياش چىققان تەرەپكە ماڭغىن،تەلىيىڭنى ئىزلەپ تاپقىن ،تاپمىغىچە توختاپ قالمىغىن- دىگىدەك،ئاندىن يەنە قەبرىگە كىرىپ  كەتكىدەك،يىگىت ئويغانغىنىدا كۈندەك روشەن ئېسىدە قالغان چۈشىدىكى بىشارەت بويىچە قوياش  چىققان تەرەپكە قاراپ ماڭماقچى بوپتۇ،يولدا يىگىدەك نەرسىسى بولمىغىنى ئۈچۈن خوشنىلىرىدىن ئۆتنە-يېرىم قىلىپ يۈرۈپ،ئاز-تولا نان-پاننىڭ غېمىنى قىپتۇدە،يا بىسمىللا !-دەپ ئۆمرىدە تۇنجى قىتىم سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ.مېڭىپتۇ،مېڭىپتۇ،ئۇ كېتىۋاتقان تەرەپ ئادەمىزاتتىن خالىي بىر جاڭگال بولۇپ،نەچچە كۈنگىچە ئۇنىڭغا بىرەر ئىنسى-جىن يولۇقماپتۇ،شۇنداقتىمۇ قەلبىدە چوغلىنىپ تۇرغان ئۈمىتنىڭ تۈرتكىسىدە يولىنى داۋام قىپتۇ،كىچىلىرى يەرنى سېلىنجا-ئاسماننى يېپنچا قىپتۇ،ھارغىنلىقىدا داق يەرمۇ مامۇق كۆرپىسىدەك بىلىنىپ يېتىۋېرىپتۇ،شۇ ھالدا سەپىرىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى بولغاندا   شاخ-شېخىدا ساپسېرىق ئالتۇن ئالمىلار چۈشكەن، ياپراقلىرى ئاپپاق كۈمۈشتىن بولغان بىر تۈپ كۆچەتكە دۇچكەپتۇ.
ئالتۇن ئالمىلاردىن ئۈزۈۋالماقچى بولغان ئىكەن،ئالمىنىڭ ياپراقلىرى يېقىملىق جىرىڭشىپ شۇنداق ئاۋاز پەيدا قىپتۇ-ئەي يىگىت،ئالمىمىز كېرەك بولسا كۆچەتنى يۇلۇپ،ھويلاڭغا ئاپىرىپ تىككىن ،كۈندە سۇغۇرۇپ،ئوغۇتلاپ  ،زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقۇتۇپ تۇرغىن،شۇندىلا مۇرادىڭغا يېتىسەن،بولمىسا بىرتال يوپۇرمىقىمىزنىمۇ ئۈزەلمەيسەن.
يىگىت ئويلاپ باقسا ئالتۇن ئالما ئۈچۈن كۈندە ھەرەج تارتقىدەك،ئىشلىمەي چىشلەش ئويىغا بۇ باپ كەلمىگىدەك،شۇڭا ئۇ كۆچەتنى تاشلاپ يولىنى داۋام قىپتۇ،تاڭلا سەھەر بىرتاغقا دۇچكەپتۇ،تاغ باغرىدا بىر ئەينەكنى،ئەينەك يېنىدا تاشلىنىپ ياتقان كەتمەن بىلەن جوتۇنى كۆرۈپتۇ،ئەجەپلىنىپ ئەينەككە قارىسا تاغ ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان گۆھەر –ياقۇت،ئالماس-زۇمرەتلەر -بىزنى كولىۋال -دىگەندەك جۇلالاپ تۇرغىدەك.
يىگىتنىڭ بۇ جاۋاھىراتلاردىن ئالغىسى كەپتۇيۇ لېكىن يەنە كەتمەن بىلەن جوتۇغا قاراپ،بىلەكلىرى سىقىراپ،بىر كەتمەن چاپماي تۇرۇپمۇ ئالقانلىرىغا قاپارتقۇ ئۆرلىگەندەك بوپتۇدە،تاغ باغرىنى ئايلىنىپ يولىنى داۋام قىپتۇ،ئەتىسى تاغ كەينىگە ئۆتۈپتۇ،قارىسا ھەممە يەر بۇلۇت –تۇمان دېڭىزى ئىكەن،نەچچە قەدەم نېرىدا نىمە بارلىقىنى كۆرۈپ بولمايدىكەن،بىراق نېرىدا بۇلۇت-تۇمانلار باغرىنى يېرىپ چىققان بىر تاش تۈۋرۈك بولۇپ،تاش تۈۋرۈكتە كىمدۇر بىرى ئېسىپ قويغان بىر پۇل خالتىسى شامالدا پۇلاڭلاپ تۇراركەن،خالتىدىكى تىللا-تەڭگىلەرنىڭ جىرىڭلاشلىرى تولىمۇ يېقىملىق بولۇپ،كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلاركەن.
ۋاھ!-دەپتۇ يىگىت گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ -تارتقان جاپالىرىمغا چۈشلۇق كۆزلىگەن مەنزىلگىمۇ يېتىپتىمەن ،ئارزۇ قىلغان نەرسەمگىمۇ ئېرىشىدىغان بوپتۇمەن.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھېچنىمىگە پەرۋا قىلماي ئالدىغا ئۈمتۈلۈپتۇ،بىراق بوشلۇققا دەسسەپ قېلىپ،  بىر ھاڭغا موللاق ئېتىپتۇ،ئىختىيارسىز -قۇتقۇزۇڭلار !-دەپ توۋلىغان ئىكەن، ھاڭ ئاستىدىن بىر ئەژدىھا باش كۆتۈرۈپ چىقىپتۇ-دە ئۇنى ھاپ ئېتىپتۇ.شۇنداق قىلىپ ھورۇن يىگىت ئىشلىمەي چىشلەش غېمىدە يۈرۈپ ئاخىرى ئەژدىھاغا بوپتۇ.
دىلچى بۇ تېمىنى تەستىقلىغان، ۋاقتى: 2015-6-2 00:30
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315