ھاماقەت خورازنىڭ ئاقىۋىتى .(چۆچەك)

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-07 15:19
  ھاماقەت خورازنىڭ ئاقىۋىتى .
(چۆچەك)
چارچۈجە خوراز تولىمۇ قورقۇنچاق ۋە ھاماقەت ئىكەن ، شۇڭا دائىم نىمىلەردىندۇر خەۋىپسىرەپ چۆچۈپ -ئەندىكىپلا يۈرىدىكەن ، ھەر قىتىم بىر ئىشتىن چۆچۈپ كەتكىنىدە بولسا ، ھەر تەرەپكە پالاقشىپ ، قاقاقلاپ مەھەللىنى بېشىغا كىيىدىكەن .
مانا بۇ كۈنمۇ ئۇ تال باراڭ ئاستىدا دانلاۋاتقاندا ، تۇيۇقسىزلا قۇشقاچ چوقىلاپ چۈشۈرىۋەتكەن نەچچە تال ئۈزۈم دانىسى  بىشىغا چۈشۈپتۇ – دە جان- پېنى چىقىپ ئۈستىگە چۈشكەننىڭ نىمىلىكىگىمۇ قارىماستىنلا – ئاسماندىن تاش ياغدى ، ئاسماندىن تاش ياغدى ... ئۆلىدىغان بولدۇق !...- دەپ ۋاتاقلىغىنچە گاھ قاناتلىرىنى پالاقشىتىپ ئۇچۇپ ، گاھ تايتاڭلاپ يۈگرەپ دىگەندەك بېشى قايغان، پۇتى تايغان تەرەپكە قاراپ قىچىپتۇ – دە، بىلىپ بىلمەي مەھەللىنىڭ سىرتىغىمۇ چىقىپ قاپتۇ .
ھاي ، ھاي ئۆزۈڭنى بىسىۋال – دەپتۇ شۇچاغدا مەھەللە سىرتىدىكى ئېڭىزلىقتا ئوتلاپ يۈرگەن ئالا ئىنەك – ئاسماندىن تاش ياغقىنى يوق ، بەلكى بىرەرسى سەن بىلەن چېقىشىپ تاش ئىتىپ قويغاندۇ ، ياكى شامالدا تۆكۈلگەن مىۋىلەر ئۈستىڭگە چۈشكەندۇ ،ئۇنچىلىك ئىشلار ئۈچۈن شۇنچە  ئالاقزادە بولۇپ، ئەندىكىپ كىتىش ھاماقەتلىك ئەمەسمۇ .
ياق ... ياق ...! سەن ھىس قىلالمايسەن ، ئۈستۈمگە راستىنلا تاش ياغدى ، باشتا ئۈزۈمدەك،ئۆرۈكتەك چۈشتى،  كىيىن تىخىمۇ يوغىناپ كىتىشى مۇمكىنغۇ ،ئەقلىڭ  بولسا دەرھال قاچم  جېنىڭنى ياقىغا ئال ، بولمىسا ئۆلىسەن .
چۈجە خوراز ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي شۇنداق قاقاقلىغانچە قىچىشنى داۋام قىپتۇ ، بىراق ھايالسىزلا بىر ياۋاتوشقانغا يولۇقۇپتۇ : - پاناھلىق ئىزلىسەڭ مىنىڭ كامىرىمغا كىرىۋال – دەپتۇ ئۇ  چۈجە خورازغا ، كامىرىم يەر ئاستىدا، ئاسماندىن ھەرقانچە يوغان تاش چۈشسىمۇ ساڭا ھېچنىمە بولمايدۇ .
ياق ! ... ياق! ... – دەپتۇ  چۈجە خوراز – سەن مىنى ئۇۋاڭغا ئالداپ ئەكىرىپ قەستلىمەكچىمۇ، ھەرگىز ئالدام خالتاڭغا چۈشمەيمەن ، پاناھجاينى ئۈزۆم تاپىمەن .
شۇنداق دەۋىتىپ ئۇ يەنە قېچىپتۇ ، قىچىۋىتىپ توختىماي جار ساپتۇ : - ئاسماندىن تاش ياغدى ، قېچىڭلار دەرھال پاناھ جاي ئىزدەڭلار ، بولمىسا مىجىلىپ ئۆلىسىلەر .
راستىنلا تاش ياغدىمۇ؟- سوراپتۇ شۇ چاغ قېرى قارىغاي دەرىخىنىڭ كاۋىكىنى ئۇۋا قىلىۋالغان بىر تىيىنچاق – ئەجەپ مەن ھېس قىلماپتىمىنا .
سەن دەرەخ كاۋىكىدىن ئەمدى چىقىۋاتساڭ، نىمىنى بىلەتتىڭ- دەپتۇ چۈجە خوراز – بايا دانلاپ يۈرسەم ئۈستۈمگە راستىنلا تاش چۈشتى ، ھازىر پاناھ جاي ئىزلەپ كېتىۋاتىمەن ، سەنمۇ تىزراق ياخشى پاناھ جاي تاپ ، بولمىسا تاش يامغۇردا قىلىپ مىجىلىپ ئۆلىسەن .
دەرەخ كاۋىكى بىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پاناھلىقتۇر – دەپتۇ تىيىنچاق – كەل سەنمۇ كىرىۋال ئىچى خىلى كەڭ تاشا ، باشقا يەردىن پاناھلىق ئىزلەشنىڭ ھاجىتى يوق .
دەرەخ تاش يامغۇرغا بەرداشلىق بىرەلمەي ئۆرۈلۈپ چۈشسىچۇ ؟-دەپتۇ چۈجە خوراز – ئۇ چاغدا بىز ئوخشاشلام مىجىلىپ ئۆلمەمدۇق ، مېنى كاشلا قىلما ، پاناھ جاينى ئۆزۈم تاپىمەن .
چۈجە خوراز شۇنداق دىگىنىچە ئورمانلىققا ئىچكىرلەپ كىرىپ كېتىپتۇ ، كىتىۋىتىپ يەنە توختىماي قاقاقلاپتۇ : - ئاسماندىن تاش ياغدى ، قىچىڭلار!، دەرھال پاناھ جاي ئىزلەڭلار ،بولمىسا مىجىلىپ ئۆلىسىلەر ...
ھايالسىزلا ئۇنىڭغا بىر بوغىچاق ئۇچراپ سوراپتۇ : - تاش ياغقاندەك قىلمىدىغۇ خورازچاق،بىھۇدە قورقۇپ قىچىۋاتامسەن قانداق ! .
مەن قىلغىلى ئىش تاپالماي يۈەرەپ يۈرۈپتىمەندە  -چالۋاقاپتۇ چۈجە خوراز – بايا تاسلا قالدىم مىجىلىپ ئۆلگىلى ، ئايىغىم چاققان بولمىسا بۇ چاققىچە مىجىلىپ ئۆلگەن بولاتتىم ، ئىشەنمىسەڭ ئۆزۈڭنىڭ ئىشى ، تاش ئاستىدا قىلىپ ۋايجېنىڭ چىققاندا پۇشايمەن قىلىسەنغۇ ھامان ، مېنى كاشىلا قىلما ،تىزراق پاناھ جاي تاپمىسام بولمايدۇ ، تاش ئاستىدا مىجىلىپ ئۆلگۈڭ بولسا قاچماي مۇشۇ يەردە تۇرىۋەر .
ئەگەر راستىنلا سېنىڭ دىگىنىڭدەك ئىش بولسا مەن بىلەن ئۆڭكۈردە پاناھلان – دەپتۇ بوغىچاق – بىر تاش ئۆڭكۈرنى بىلىمەن ،تولىمۇ مۇستەھكەم ، ئۈستىگە تاغ ئۆڭتۈرۈلۈپ كەتسىمۇ ھېچنىمە بولمىغىدەك .
ئىشڭنى قىل – دەپتۇ چۈجە خوراز – بىرەر يامان نىيىتىڭ بارمۇ تېخى، ئۇنى كىم بىلىدۇ ، مەن تىخىمۇ ياخشى پاناھ جاي تاپىمەن ، ھەرگىز ساڭا ئەگەشمەيمەن .
شۇنداق دەۋىتىپ ئۇ يەنە قېچىشنى داۋام قىپتۇ ، قىچىۋىتىپ يەنە شۇنداق سۈرەن ساپتۇ -ئاسماندىن تاش ياغدى قىچىڭلار ! ، دەرھال پاناھ جاي تېپىڭىلار ! ، بولمىسا تاش ئاستىدا مىجىلىپ ئۆلىسلەر .
شۇنداق كىتىۋاتقاندا ئۇنىڭغا ئەمدى بىر ھىلىگەر تۈلكە ئۇچراپتۇ .
ھەي خورازچاق ئالدىرىمىساڭچۇ ؟، نىمە دەۋاتقىنىڭنى ئۇقالمىدىم يېقىنراق كېلىپ   دىسەڭچۇ – دەپتۇ تۈلكە .
ۋاي گاس !– دەپتۇ چۈجە خوراز ئۆپكىسىنى باسالمىغان ھالدا ئۇنىڭغا سەل يېقىنلاپ بېرىپ- ئاڭلا ،بايا ئاسماندىن تاش ياغدى ، ئايىغىم چاققان بولغاچ قېچىپ قۇتۇلدۇم ، يەنە يېغىشى مۇمكىنغۇ، تىزرەك پاناھ جاي تاپمىسام  تاش ئاستىدا مىجىلىپ ئۆلۈشۈم ئېنىقلا ، شۇڭا ساڭىمۇ سەمىمىي ئەسكەرتىشىم ،دەرھال قاچ ،تىزرەك   ياخشى پاناھ جاي تاپمىساڭ پۇشايمانغا قالىسەن .
دىگەنلىرىڭ تولىمۇ ئورۇنلۇق،ماڭا پايدىلىق گەپلەردەك قىلىدۇ – دەپتۇ تۈلكە- بىراق قۇلىقىم ئېغىرراق ،شۇڭا يەنىلا ئېنىق ئۇقالمايۋاتىمەن ، تىخىمۇ يېقىن كىلىپ قۇلىقىمغىلا دىسەڭچۇ .
چۈجە خوراز باشقا ھېچنىمىنى ئويلىماستىن ئۆزىگە ئىشەنگەن تۈلكىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، بايىقى گەپلەرنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپتۇ ، بىراق گېپى ئاخىرلىشىپ ماڭاي دىگىچە تۈلكا ئۇنى كاپلا قىلىپ بوينىدىن چىشلىۋاپتۇ – دە ھايت – ھۇيت !-دىگىچە   يەپ قويۇپتۇ،ئاندىن - مانا پاناھ جاي ساڭا ، ئەمدى قوسىغىمدا تۇرساڭ ھىچقانداق تاش يامغۇرىغا يولۇقمايسەن ، ئىنتايىن بىخەتەر تۇرىسەن دەپتۇ كالپۇكلىرىنى يالاپ قويۇپ.
 

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315