قېرىنداشلىق مىھرى ۋە گۈزەللىك بۇلىقى ھەققىدە چۆچەك

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-07 15:12
قېرىنداشلىق مىھرى ۋە گۈزەللىك بۇلىقى ھەققىدە چۆچەك
>>        چۆچەك <<
يىراق ئۆتكەن زامانلاردا بار بىلەن يوقنىڭ ئارىلىقىدا،كۆز كۆرۈپ،قۇلاق ئاڭلاپ باقمىغان بىر ئەل بولغانىكەن،تەقدىر- قىسمەت  بۇ ئەلنىڭ پادىشاھىغا بەخىت چىنىسىنى لىق تولدۇرۇپ ،كاتتا بايلىق ،شانۇ -شەۋكەتلەر بېرىش بىلەن بىللە يەنە كۆپ پەرزەنىت ئاتا قىلغان ئىكەن،شۇ سەۋەپلىك بۇئەلنىڭ شاھى ھېچنىمىدىن غېمى يوق،خۇشال-خۇرام ياشايدىكەن.
بىراق ئون كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بار دىگەندەك، بۇ بەختلىك شاھنىمۇ  دۇچ كەلگەنلا كىشىنى زار يىغلىتىدىغان بىر بالايى- ئاپەت يوقلاپ ئۆتۈپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ يۈرەك پارىلىرىدىن  بولغان ئۈچ ئوماق پەرزەنتىدىن بىراقلا  ئايرىلىپتۇ.
قانداقسىغە دەمسىز؟،بىر كۈنى ساھىپجامال خانىش رەڭگارەڭ گۈللىرى ھۈپپىدە پورەكلەپ ئېچىلىپ،خۇشپۇراقلار چېچىپ تۇرغان،گۈل ئاشىقى بۇلبۇللار چاڭىلداپ سايراۋاتقان،دەرەخلىرىدە غۇچچىدە بولغان مىۋىلەر مەي باغلاپ پىشىپ،شاخلارنى ئىگىۋەتكەن چاھار باغدا، ئەمدىلا تەمتىلەپ ئايىغى چىققان ۋە تۇغۇلىشىدىنلا پىشانىسىدە بىر نۇرلۇق يۇلتۇز پارلاپ تۇرىدىغان كەنجى شاھزادە ئابدىرەشىتنى قولىغا ئېلىپ،بىر شاختا پورەكلىگەن بىرجۈپ قىزىل  گۈلدەك قوشكېزەك، يەتتە ياشلاردىكى مەلىكىلىرى نادىرە بىلەن كەرىمەنى يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ،ئۇلارغا ئۆزىمۇ كىچىگىدە مومىسىدىن ئاڭلىغان بىر چۆچەكنى ئېيتىپ بېرىۋاتقان ،كەپسىز چوڭ بالىلىرى نېرىدا قوغلىشىپ- چۇرقىرىشىپ ئوينىشىۋاتقان،كەنىزەكلەر بولسا ھەرتەرەپكە تارىلىپ،مىۋىلەرنىڭ شىرىن- تاتلىقلىرىدىن ۋە گۈللەرنىڭ سەرخىللىرىدىن تاللاپ، پەتنۇس- سىۋەتلەرگە ئۈزۈپ سېلىشىۋاتقان ئىكەن.
خانىش ئەمدىلا ‹‹يەتتە باشلىق يالماۋۇز  ››دىيىشى ، شۈنچە گۈزەل چاھار باغدا باغۋەننىڭ بىخەستىلىكىدىن ئۈنۈپ قالغان، ۋە يۇلىۋىتىش ھېچكىمنىڭمۇ ئېسىگە كەلمىگەن   بىر شۇمبۇيا تۈۋىدىن:-مانا-مەن!-دىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ بىر ئاق ئىس- تۈتەك  كۆتىرىلىپ،تۈتەك ئىچىدىن چاچلىرى بوز پاقلاننىڭ يۇڭىدەك،يۈزلىرى ھېلىلىدەك قورۇلغان  ئىلمەك بۇرۇن ،ئورا كۆز ،قوناق شېخىدەك ئورۇق بويى نەچچە غېرىچلا  كىلىدىغان بىر شۇمتەلەت خوتۇن:-مەن يەتتە باشلىق ئەمەس، بەلكى بىر باشلىقى ، چىن تۆمۈر باتۇر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگىنى ئەمەس ،بەلكى تىرىگى-دەپ كوتۇلدىغىنىچە چىقىپ كەپتۇ-دە: -ماڭا ئۇلار كېرەك-دەپلا تۇيۇقسىز يۇزبەرگەن   بۇ  ھادىسىدىن     قۇرقۇپ ، ئەس -ھۇشىنى يوقاتقان خانىشنىڭ قۇچىغىدىكى شاھزادە ئابدۇرەشىت بىلەن قوش كېزەك مەلىكىلەرنى قارا قۇيۇنغا .ئايلىنىپلا ئۇچۇرۇپ كېتىپتۇ.
خانىش بىلەن باشقىلار  ئاللا -چۇقان كۆتۈرۈپ قاپتۇ،لېكىن قارا قۇيۇن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا كۆزىدىن غايىپ بوپتۇ  .
قارا قۇيۇن ئادەتتە ئاتلىقلار بەيگىگە چۈشكەندەك سۈرئەتتە ئۈچ ئاي توختىماي يۈرگەندىلا  باسالايدىغان  مۇساپىنى بىر كۈندىلا تاماملاپ بىر ئىنسان ئايىغى تەگمىگەن جاڭگالنىڭ چېتىدىكى قېرى توغراق تۈۋىدە ،بۇلدۇقشىپ تۇرغان شور بۇلاق بويىغا كىلىپ  توختاپتۇ-دە،بالىلارنى بۇلاق بويىغا قويۇپتۇ، ئاندىن قورققىنىدىن   گۈل  رەڭگى كۈل بولغان مەلىكىلەرگە:-قورىقماڭلار قوزىلىرىم-دەپتۇ خىرىلداپ   كۈلۈپ؛ـ مانا ھازىرلا قازان ئاسىمەن،ئاندىن تىزلا مايدا قورۇلۇپ پىشىپ تەييار بولىسىلەر ،دۇنيادا ماڭا ئۇنىڭدىنمۇ لەزىز غىزا يوق.
      شۇنداق دەۋىتىپ ئۇ قۇلىقىنى كوچىلاپ  ئويماقتەك بىر قازاننى ئاپتۇ، قازان    دەرھال چوڭىيىپ- چوڭىيىپ پۈتۈن بىر تۆگىنى سالسىمۇ بىمالال پېتىپ كەتكىدەك داشقازانغا ئايلىنىپتۇ.
    جادىگەر خوتۇن ئەمدى چالمىلارنى يىغىپ ئوچاق ياساپ قازاننى ئېسىپتۇ ،
توغراقنىڭ قۇرۇق شاخلىرنى ئوشتۇپ ،ئوچاققا سېلىپ ،تاشنى –تاشقا ئۇرۇپ ئوت چاقنىتىپ ،ئوت تۇتاشتۇرۇپتۇ،ئاندىن شوربۇلاقنىڭ سۈيىدىن بىر ئوتلاپ قازانغا
پۈركۈپتۇ،قازانغا  پۈركۈلگەن سۇ ماي بولۇپ چۈشۈپ ،لىق تولۇپ،تاشايلا دەپ قاپتۇ، جادۇگەر دەللە ماينىڭ قىزىشىنى كۈتۈپ خېلى ئولتۇرۇپتۇ لېكىن  ئوتۇن ئاز ،ئوت ئاجىز كېلىپ ،ماي قىزىماپتۇ ،ئامالسىز :-بېرىڭلار قوزىچاقلىرىم –دەپتۇ
قوشكېزەك مەلىكىلەرگە :-ئوتۇن تېرىپ كېلىڭلار ،قازاندىكى ماينى تىزرەك قىزىتايلى ،بولمىسا سەۋرى قاچام يېرىلىپ كېتىپ،تىرىك تۇرغۇزۇپلا ئۇستىغىڭلارنى غاجايمەن  ،تىز بېرىڭلار! .
  قوشكېزەك مەلىكىلەر كۆزلىرى نەملىك ،دىللىرى غەملىك ھالىتىدە گۆدەك  ئىنىسى شاھزادە ئابدۇرەشىتكە قاراپ-قاراپ قويۇپ ،قىيمىغان ھالدا ئوتۇن تېرىشكە مېڭىپتۇ .
    سەن ئۇياققا ،سەن بۇياققا –دەپتۇ جادۇگەر دەللە قوشكېزەكلەرنى ئىككى
تەرەپكە بۇيرۇپ :-تىز بېرىپ ،تىز كېلىش .               
قوشكېزەكلەر ئامالسىز چىڭ تۇتىشىۋالغان قوللىرىنى زورىغا قويۇۋىتىشىپ ،ئىككى تەرەپكە مېڭىپتۇ ،بىراق ئۇلار خېلىغىچە قايتىپ كەلمەپتۇ،جادۇگەر دەللە
بولسا ئاچچىقتىن يېرىلغىدەك بولۇپ ئوڭ تەرەپكە قاراپ توۋلاپتۇ :-نادىرە قايتىپ كەل!  
ئارقىدىن سول تەرەپكە قاراپ توۋلاپتۇ:-كەرىمە قايتىپ كەل!
بىراق كەڭ دالىدا ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ ئەكس ساداسىدىن باشقا جاۋاپ بولماپتۇ.   
خەپ!-دەپتۇ ئۇ ئامالسىز :-ناشتىلىقىم بىلەن چۈشلۈكىم قىچىپ كەتتى ،  بىراق كەچلىگىم يەنىلا قېشىمدا،ئەمدى ئۇنى قاچۇرۇپ قويمايمەن،مانا ھازىرلا     ماينى قىززىتىپ ئۇنى پۇشۇرىمەن. ئاندىن ئۇ توختىماي داشقازاننىڭ ئەتراپىدا      پىقىراشقا باشلاپتۇ،پىقىراۋىتىپ توختىماي  نىمىلەرنىدۇر ئوقۇپ قازاندىكى
مايغا سۈفكۆشلەشكە باشلاپتۇ.قازاندىكى ماي بولسا ئاستا- ئاستا قىزىپ،
كۇژۇلداپ    ئاخىرى ۋاراقشىپ قايناشقا ،ئارقىدىنلا لاپپىدە ئوت ئېلىپ كۆيۈشكە باشلاپتۇ،دەل شۇ چاغدا يەردىن ئۈندىمۇ ياكى توغراقنىڭ قارنىدىن چىقتىمۇ، ئەيتاۋۇر  بىر  يولۋاس پەيدا بولۇپ  قازان بىشىدا پىقىراپ يۈرگەن جادۇگەر دەللىگە شىددەت   بىلەن ئۈسۈپتۇ.
جادۇگەر دەللە بولسا :ۋاي!- دىگىنىچە ئۆزىنىڭ داشقازىنىدىكى،ئۆزى قايناتقان مايغا چولتۇككىدە چۈشۈپ كېتىپتۇ.            
قۇتقۇزۇڭلار!-ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق نالە-پەريادى چۆل-باياۋاننى لەرزىگە ساپتۇ.
لېكىن يولۋاسنىڭ ئۆز قىلمىشىدىن مەمنۇن بولغاندەك ھۆركىرىشى ۋە گۆدەك  شاھزادە ئابدۇرەشىدنىڭ قىزىق بىر تاماشا كۆرگەنىدىكىدەك سەبىيلەرچە  كۈلكىسىدىن باشقا جاۋاپ بولماپتۇ،جادۇگەر دەللىنىڭ تىزلا زۇۋانى ئۆچۈپ ،تىنى قاينىغان مايدا قورۇلۇپ،چىگىردەك بوپتۇ،ئارقىدىنلا داشقازان ۋاققىدە يىرىلىپ ئىچىدىكى قاينىغان ماي يەنە شورلۇق سۇغا ئايلىنىپ، تۇپراققا سىڭىپ كېتىپتۇ.
ئەمدى يولۋاس دەھشەتلىك كۆزلىرىنى گۆدەك شاھزادە ئابدۇرەشىدگە تىكىپتۇ،بىراق شۇ چاغ بىردىنلا ئۇنىڭ ھەممە  ئەمچەكلىرى  ئېسىلىپ، لىققىدە سۈتكە تولۇپ ، چىڭقىلىپ كېتىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇ مۇلايىملىشىپ،ئاستاغىنە  كىلىپ، شاھزادە ئابدۇرەشىدنى يىرىك تىلىدا يالاپ قويۇپتۇ –دە،ئاندىن كىيىمىدىن  ئاۋايلاپ چىشلەپ ئېلىپ كېتىپتۇ، شۇنىڭدىن كىيىن يولۋاس شاھزادە ئابدۇرەشىدنى ئۆز بالىسى ئورنىدا بېقىپتۇ.
شاھزادە ئابدۇرەشىتنى ئۇنىڭ پەرزەنىتلىرىمۇ ئاستا – ئاستا قوبۇل قىپتۇ، ئۇلار بىللە ئويناپ چوڭ بوپتۇ.
ئارىدىن 14 يىل ئۆتۈپتۇ،شاھزادە ئابدۇرەشىت كىچىكىدىنلا يولۋاس بالىلىرى بىلەن ئېلىشىپ ،چىلىشىپ ئويناپ، ئاسماننى يېپىنچا ،زىمىننى سىلىنچا قىلىپ يېتىپ- قوپۇپ جاپا -مۇشەققەت،خىيىم- خەتەرلەر ئىچىدە چېنىقىپ چوڭ بولغان بولغاچقا  يولۋاستەك كۈچتۈڭگۈر ئەزىمەت بولۇپ يېتىلىپتۇ.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە قېرىلىق يېتىپ، كۈچ-ماغدۇرىدىن قالغان ،تېنىنى  قوتۇر بېسىپ، چىشلىرىمۇ ئۇۋىلىپ قالمىغان ئانا يولۋاس بىردىنلا زۇۋانغا كېلىپ شۇنداق دەپتۇ:-ئەسلى بىر ئەلنىڭ ئەتىۋارلىق شاھزادىسى ئىدىڭ،ئىسمىڭ ئابدۇرەشىد ئىدى،يالماۋۇز كەمپىر بىر كۈنى قوشكېزەك ئاچىلىرىڭ بىلەن سېنى چۆل- باياۋانغا بۇلاپ كەلدى، بۇ چۆل -باياۋان  جادىگەر -يالماۋۇزلارنىڭ خاس ماكانى ئىدى،قوشكېزەك ئاچىلىرىڭ يالماۋۇز كەمپىرنىڭ ئوچىقىغا ئوتۇن ئىزلەپ كېتىپ غايىپ بولدى،كىيىن ئاڭلىشىمچە ئۇلارنى قامغاق جادۇ بىلەن سۆك –سۆك جادۇ ئېلىپ قېچىپتۇ،بىراق يەپ كەتمەستىن چوڭى نادىرەنى قامغاق جادۇ نەۋرە قىزى ئۈچۈن بالا باققۇچى قىپتۇ،كىچىكى كەرىمەنى سۆك –سۆك  جادۇ ئۆزىگە مالاي قىپتۇ،ئەمدى ساڭا بىر تۇتام مويۇمنى بېرىمەن،ئاندىن مەڭگۈلۈك كۆز يۇمۇمەن، كۆزۇم يۇمۇلغاندىن كىيىن مەشرىق تامان توختىماي يۈر ،بىر بۇلاق بويىغا يېتىسەن،بۇلاقتا بىر ئەژدىھاغا دۇچ كېلىسەن ئېلىشىسەن،چېلىشىسەن،يەڭسەڭ كىچىك ئاچاڭ كەرىمەنى ئازات قىلىسەن،يېڭىلسەڭ ئەژدىھاغا يەم بولىسەن. ئۈمىدىم غەلىبە ساڭا يار بولغاي، باتۇر بولغىن،ھۇشيار بولغىن،ئۆلتۈرۈپ يەڭگەندىن تىز پۈكتۈرۈپ يەڭگەننى ئەۋزەل بىلگىن،لازىم بولغاندا بىرتال مويۇمنى كۆيدۈرسەڭ ئون يولۋاس پەيدا بولۇپ ،ساڭا ھەمدەم بولىدۇ،قالغان ئىشلارنى ئاچاڭ مەلىكە كەرىمە بىلىدۇ...
سۆزى ئاخىرلاشقان ھامان ئانا يولۋاس ئېغىر بىر تىنىپ كۆز يۇمۇپتۇ ، باشقا يولۋاسلار ئۇنىڭ ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرىۋاتقاندەك ئىچىنېىشلىق ھۆركىرىشىپ قاپتۇ،شاھزادە ئابدۇرەشىتمۇ كۆپ قايغۇرۇپتۇ.بىراق تەقدىرگە تەن بەرمەي ئامال بولماپتۇ ،ئاخىرى ئۆز قولى بىلەن ئورەك قېزىپ ئانا يولۋاسنىڭ جەسىتىنى كۆمۈپتۇ، ئۈستىگە ياۋا گۈللەرنى كۆچۈرۈپتۇ،ئاندىن ئۆزى بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان يولۋاسلارنىڭ  بىرىنى ئات قىلىپ مىنىپ ،مەشرىق تامان يۈرۈپ كېتىپتۇ.
يۈرۈپتۇ ،يۈرۈپتۇ،نەچچە كۈنلەر يۈرۈپ بىر يانتاقنى  يۇلۇشقا كۈچى يەتمەي
ھاسىراپ- ھۆمىدەپ قالغان قىرى مومايغا يولۇقۇپتۇ.موماي پۈۋلىسە ئۇچۇپ
كېتىدىغاندەكلا ئورۇق ،قۇرۇق ئۇستىخان  ئىكەن.
ياردەم قىلايمۇ موما! –دەپتۇ  شاھزادە ئابدۇرەشىد .
نىمە دىدىڭ؟-موماي  چۆچۈپ تىرىڭڭىدە كەينىگە  ئۇچۇپ چۈشۈپتۇ،ئاندىن خۇنى قالمىغان ئورىدەك   كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا چەكچەيتىپ بىر ھازا يېتىپ كەتكەندىن كىيىن:-سەن  ئادەمىزات ئەۋلادىمۇ؟-دەپ سوراپتۇ مۇلايىملىشىپ.
شۇنداق- دەپتۇ شاھزادە ئابدۇرەشىد .
كىتابقا قارىسام بىزنىڭ بۇ چۆل باياۋانغا ئۈچ ئادەمىزاتنىڭ كەلگىنى مەلۇم،تۇنجىسى سەن بولساڭ ،قالغان ئىككىسىنىمۇ كۆرۈش نېسپ بولغىدەك ،قېنى
راستىنلا ئادەمىزات ئەۋلادى بولساڭ بۇنى يۇلۇپ باق، كۈچۈڭ يېتەمدىكىن-دەپتۇ موماي.
شاھزادە ئابدۇرەشىد كۈلۈپ قويۇپ يولۋاستىن چۈشمەيلا يانتاققا قول ئۇزۇتۇپتۇ،ئەمما ھەر يوغان دەرەخلەرنىمۇ يۇلۇپ كۆنگەن قوللىرى  يانتاقنى يۇلالماپتۇ،بەلكى يانتاقنىڭ تىكەنلىرى سانجىلىپ قوللىرى قىپ –قىزىل قانغا بويۇلۇپتۇ.
تايىنلىقكەنسەن يىگىت –دەپتۇ موماي قاقاقلاپ كۈلۈپ – بۇ ھالىڭ بىلەن  بۇ جاڭگالدا جېنىڭنى جان ئىتەلمەيسەن،بار ،خالىساڭ خاسىيەتلىك بۇلاققا
چۆمۈلگىن كۈچ قۇدرىتىڭ ئاشسۇن  .
خاسىيەتلىك بۇلاق قاياقتا؟- دەپ سوراپتۇ شاھزادە ئابدۇرەشىد خىجىللىق  بىلەن،ئۇ يانتاققا كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىكەن.
ئەنە ئۇ يەردىكى چۈمۈلىدىن سورا-دەپتۇ موماي نېرىدىكى بىر چوڭ قورام تاشنى كۆرسىتىپ .
شاھزادە ئەجەبلىنىش تۇيغۇلىرى ئىچىدە تاش يېنىغا بىرىپتۇ،ئەمما چۈمۈلىنى  كۆرمەپتۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!- دەپتۇ قارىسىغىلا سالام بىرىپ.
ۋەئەلەيكۇمئەسسالام!- دىگەن جاۋاپ كەپتۇ  تاشنىڭ ئاستىدىن،ئاندىن ئۆيدەك يوغان قورام تاش
بىر تەرەپكە ئاغدۇرۇلۇپ،ئاستىدىكى ئويماقتەك بىر كاماردىن بىر  قارا چۈمۈلە چىقىپ كەپتۇ:ـ سالامىڭ بولمىغاندا بىر چىشلەپلا جېنىڭنى ئاخىرەتكە ئەۋەتىپ، تېنىڭنى ئوزۇق قىلاتتىم ،بىر زامانلارغىچە ئوزۇق تۈلۈك غىمىدىن خالاس بولاتتىم.
شاھزادە ئابدۇرەشىد چۈمۈلىنىڭ يوغان گەپلىرىگە كۈلگىسى كەپتۇيۇ،لېكىن ھازىرلا تىخى ئۇنىڭ شۇنچە يوغان تاشنى ئاغدۇرۋەتكىنىگە قاراپ يەنە ئۆزىنى بىسىۋالدى.
   ماڭا يول كۆرسەت- دىدى ئۇ مۇلايىملىق بىلەن :-خاسىيەتلىك بۇلاقنىڭ قەيەردىلىكىنى ئەيتىپ بەر .
كەمتەر بولغىنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ ساڭا يول كۆرسىتەي –دىدى چۈمۈلە باش لىڭشىتىپ:-ئوڭغا بۇرۇلۇپ ماڭغىن،  بىر يىلان باغرى يولغا چۈشىسەن ،شۇ يول قاچانلاردا، قەيەردە ئاخىرلاشسا شۇ يەردە ساقلا، خاسىيەتلىك بۇلاق  قايناپ چىقىدۇ ،دەرھال سەكرە،ئىككىلىنىپ تۇرۇپلا قالساڭ مەخسىدىڭگە  يىتەلمەيسەن،ئاندىن كېلىپ يانتاق جادۇغا ئاشۇ يانتاقنى يۇلۇپ بەر ،شۇ يانتاقنى يۇلالماي ئاۋارە بولغىنىغا ئۈچ كۈن بولدى،يانتاقنى يۇلالىساڭ ئاندىن ھەقىقى  كۈچتۈڭگۈر ئەزىمەت بولدۇم دەپ بىلسەڭ بولىدۇ.
رەھمەت - شاھزادە ئابدۇرەشىت  ئاندىن  ئوڭغا بۇرۇلدى.يىراقلارغا سوزۇلغان بىر يىلانباغرى چېغىر يولغا چۈشتى ،شۇ چېغىر يول بىلەن ساق ئۈچ كېچە –كۈندۈز توختىماي يۈردى،ئاخىرى بۇ يولنىڭ ئايىغىغا يەتتى،چىغىر يول كىچىككىنە بىر  ئويمانچاققا تۇتىشىپ ئاخىرلاشقانىدى،شۇ يەردە كۈتۈپ تۇردى،ئارىدىن ئۈچ ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتكەندە ئويمانچاقتىن قازاننىڭ ۋاراقشىپ قاينىغىنىدەك بىر ئاۋاز ئاڭلىنپ ،تىزلا بىر بۇلاق پەيدا بولدى، شاھزادە ئابدۇرەشىت كۆزىنى يۇمۇپلا بۇلاققا سەكرىدى.كۆزىنى ئاچقىنىدا يەنە ئۆزىنى يولۋاسنىڭ ئۈستىگە مىنىگلىك ھالىتىدە كۆردى، ئەمما شەمشاددەك قامىتى تۈگىمەس- پۈتمەس كۈچ- قۇدرەتكە تولغاندەك ،تاغقا پەنجە ئۇرسا كۈكۈم –تالقان قىلىۋىتىدىغاندەك بىر ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى ،بۇلاق بولسا غايىپ بولغان ئىدى ،كەينىگە ياندى يەنە ئۈچ كېچە- كۈندۈزدە  تېخىچە يانتاق بىلەن ھەپىلىشىۋاتقان كەمپىرنىڭ يېنىغا يەتتى.
مۇبارەك بولسۇن –دىدى كەمپىر ئۇنى كۆرۈپلا :-خاسىيەتلىك بۇلاققا چۆمۈلگەندەك قىلىسەن،مېنىڭمۇ بېرىپ چۆمۈلۈپ كەلگىم بار ئىدى ،لېكىن بۇنداق ئامەت بىزدەكلەرگە نېسىپ بولمايدىكەن،ئەمدى كۈچىڭنى بۇ يانتاقتا سىنا ،قېنى كەل،بىرلا كۈچەپ يۇلىۋېتەلىسەڭ،دىۋە-پەرىلەر ئۈستىدىنمۇ كۈچ –قۇدرەتتە غالىپ كېلىسەن.
شاھزادە ئابدۇرېشىت يانتاققا قول ئۇزاتتى،ئىلگىرى ئالقىنىنى قانغا بويىغان تىكەنلەر ئەمدى كار قىلمىدى،ئۇ يانتاقنى ئانچە كۈچىمەيلا يۇلۇۋالدى،يانتاق يىلتىزى دەھشەتلىكچىقىرىغان ئاۋاز ئىچىدە قارا قۇيۇنغا ئايلىنىپ غايىپ بولدى ،شاھزادە ئابدۇرېشىتنىڭ قولىدا بىر تۇتام قارا ساقال قالدى.
بۇ مۇتىھەم جاي –ماكانىمنى ئىگىلىۋالغان ئىدى،ئاخىرى قولۇڭدا ۋابال تاپتى-دىدى كەمپىر قىقىلداپ كۈلۈپ:-رەھمەت ساڭا ،قولۇڭ دەرت كۆرمىسۇن ،ئەمدى يولۇڭغا راۋان بولغىن.
ئۇ كىم ؟-سورىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت ئەجەپلىنىپ.
ماكانسىز قالغان ئالۋاستى –دىدى كەمپىر :-كۈچ-قۇدرەتتە تەڭداشسىز سانىلاتتى،ئۈچ كۈننىڭ ئالدىدا كېلىپ زورلۇق بىلەن ماكانىمدىن مېنى قوغلاپ چىقىرىش قەستىدە بولدى ،كۆپ تىركەشتىم،كار قىلمىدى،شۇھالدا سەن كەلدىڭ،ياردىمىڭدە مانا ماكانىمغا قايتىدىن خوجا بولدۇم،قولۇڭدىكى ساقاللارنى ئوقياغا ئايلاندۇرۇپ بېرەي،ئاسماندىكى يۇلتۇزغا ئاتساڭمۇ نىشاننى دەل چىنەيدۇ،ئالماس تاغ بولسىمۇ تېشىپ ئۆتىدۇ،بۇ قىلغان ياخشىلىقىڭغا جاۋابىم بولسۇن.
شۇنداق دەۋېتىپ ئۇ ئەپسۇن ئوقۇپ پۈۋلىدى ،شاھزادە ئابدۇرېشىتنىڭ ئالقىنىدىكى ئالۋاستىنىڭ ساقىلى بىر تال يا بىلەن بىر ئوقدانلىق  يا ئوقىغا ئايلاندى.
ئېتىشنى بىلەمسەن ؟-سورىدى كەمپىر .
بىلىمەن –دىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت :-ھەركىچە چۈشۈمدە بىر كىشى پەيدا بولۇپ،سۆزلەش .يېزىش ،قورال ئىشلىتىشنى ئۈگۈتۈپ تۇراتتى،شۇڭا يولۋاسلار ئارىسىدا چوڭ بولغان بولساممۇ ،ئىنسانلاردەك بىلىم ۋە ئىقتىدارغا ئىگە بولغانمەن.
ياخشى –دىدى كەمپىر :-ئەمدى ماڭساڭ بولىدۇ،نەسىھېتىم كۈچتۈنگىر بولساڭمۇ باشقىلارنى كۆزگە ئىلماسلىقتىن ساقلان،‹‹كۆزگە ئىلمىغان پۇتقا چوماق››دىگەن سۆز ئېسىڭدە بولسۇن.
شۇ سۆزدىن كىيىن ئۇ يانتاق يۇلۇنغان جايدا قالغان كامارغا پۇتىنى تىقىپلا ئۆزى بىر يانتاققا ئايلىنىپ قالدى ،ۋە تىزلا دەرەختەك يوغىناپ،شاخلاپ،تىكەنلىرى بىگىزدەك،يوپۇرماقلىرى رېپىدىدەك بولدىدە،ئاندىن شاخ-شاخلىرىدا مۇنچاق-مۇنچاق تۈگۈنچىلەر پەيدا بولۇپ،ئارقىدىنلا پورەكلەپ چېچەكلىدى .
شاھزادە ئابدۇرېشىت بىر ھازا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن قاراپ تۇرۇپ كېتىپ،ئاندىن يولىغا ماڭدى.
نەچچە كۈنلەر توختىماي يۈردى ،جاڭگال بىپايان ،يولنىڭ ئايىغى چىقمايدىغاندەكلا ئىدى ،مىنىپ كەلگەن يولۋېسىمۇ ھالسىرىدى .
كەتكىن بۇرادەر  –دىدى ئۇ يولۋاسنىڭ بېشىنى سىلاپ:-ھېلىغىچە ماڭا كۆپ خىزمەتلەر قىلدىڭ،گەردىنىمدە كۆپ قەرزىڭ قالدى،كىيىىن پۇرسەت تېپىپ  ياندۇرىمەن.
رەھمەت- دىدى  يولۋاس بىردىنلا زۇۋانغا كېلىپ:-بىر ئۇرۇقتىن بولمىساقمۇ لېكىن ئۇرۇق- تۇققاندىن چارە يېقىن ئۆتكەن ئىدۇق،ساڭا قىيمايمەن،ئەگەر ماڭا ياخشىلىق ئىستەر بولساڭ قارا دىۋە غارىغا بارغىن،ئۇنى يوقات،بىز يولۋاسلار .ۈچۈن،بەلكى بارچە ھايۋانات تائىپىسى ئۈچۈن زور ياخشىلىق قىلغان بولىسەن،چۈنكى ئۇ نەپسى بالا دىۋە ھەركۈنى ھايۋاناتلار تائىپىسىنىڭ ھەر تۈرىدىن ئوندىن تۇتۇپ يەيدۇ،شۇنداق بولىۋەرسە ئۇ نەسلىمىزنى قۇرۇتىدۇ.
مېنڭ ئېلىپ بارغىن –دىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت :-ئاۋۋال قارا دىۋېنى يوقۇتۇپ ،ئاندىن ئۆز ئىشىمغا ماڭاي.
يولۋاس بىر تەرەپكە چاپراقشىپ يۈرۈپ كەتتى،نەچچە ئون كېچە –كۈندۈز چاپتى،ئاچ-زېرىنلىق ھەر ئىككىلىسنى ھالىدىن كەتكۈزدى.
شۇنداق كېتىۋېتىپ ئىككى جانىۋارغا كۆزى چۈشتى ،بىرى كۆمۈردەك قارا ،بىرسى سۈتتەك ئاق،ئەمما ھەرئىككىلىسى مۈشۈك باشلىق،ئادەم تەنلىك ئىدى،جۇغى يولۋاس بالىسىچىلىك كېلەتتى،ئۇلار بىر قولرومىلىنى ئىككى تەرەپتىن تۇتۇپ تارتىشىۋاتاتتى.
بىرى :-بۇ مېنىڭ!-دىسە،يەنە بىرى:-ياق!، سېنىڭ ئەمەس مېنىڭ-دەپ چۆل-باياۋاننى زىلزىلىگە سېلىپ ،ۋاقىرىشىپ،جاقىرىشىۋاتاتتى.
توختاڭلار !-دىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت قىزىقىپ:-شۇنچى تالاشقىدەك قانداق نەرسە ئۇ ،ناھايىتى بىر قولياغلىقكەنغۇ.
بۇ دىگەن خاسىيەتلىك رومال-دىدى ئېقى ئۇنىڭغا چەكچىيىپ.
‹‹تەييارلا غىزا،مەزىلىك بولسۇن  تازا ››دەيدىغانلا بولساڭ سەن خالىغان غىزا تائام تەييار بولىدۇ،ئۇنىڭغا ئېرىشكۈچى بىر ئۆمۈر قورساق غېمىدىن خالاس بولىدۇ-دىدى قارىسى ئۇنىڭغا ھۈرپىيىپ.
قېنى مەن كۆرۈپ باقاي –دىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت :-راستىنلا خاسىيەتلىك بولسا مەسىلەڭلەرنى مەنلا ھەل قىپ بىرەي،بۇنداق تارتىشىۋېرسەڭلەر خاسىيەتلىك رومال يىرتىلىدۇ ،خاسىيىتىمۇ يوقىلىدۇ.
ئىككى جانىۋار سەل ئىككىلىنىشتىن كىيىن ،قولياغلىقنى ئۇنىڭغا سۇنۇشتى،شاھزادە ئابدۇرېشىت يولۋاستىن چۈشۈپ،قولياغلىققا بۇيرۇق قىلدى:-تەييارلا غىزا،مەزىلىك تازا ،يىيىشلىك بولسۇن ،ئىچىشلىك بولسۇن،ھەممىگە يېتەرلىك.كېرەكلىك بولسۇن.
شۇ ھامان قولرومىلى يېيىلىپ-يېيىلىپ،دەستۇرخانغا ئايلاندى،ئۈستىدە خىلمۇ-خىل نازۇ-نىمەتلەر پەيدا بولدى،ئىسسىقىمىۇ،سوغۇقىمۇ،تاتلىقلىرىمۇ،چۈچۈمەللىرىمۇ،خاملىرىمۇ،پىششىقلىرىمۇ...ھەممىسى تەل ئىدى،مەزىلىك ھېدى دىماغلارغا ئۇرۇلۇپ،ئېغىزلارغا سېرىق سۇ كەلتۈرۈپ تۇراتتى.
تۆتەيلەن دەستۇرخانغا ئولىشىپ،بىرلىكتە كۆڭلى تارتقاننى تويغىچە يەپ-ئىچىشتى،ئاندىن شاھزادە ئابدۇرېشىت سورىدى:-سىلەر كىم؟
بىز جىنلار تائىپىسىدىن ،قوشكېزەك ئاكا-ئۇكىلارمىز ،ئاتىمىزدىن بۇ قولياغلىق بىلەن قوشۇلۇپ ،نۇرغۇن مال-دۇنيا مىراس قالغان ئىدى،تەييارتاپلىق بىلەن مال-دۇنيانى خەجلەپ،سورۇپ تۈگەتتۇق،ئاخىرى مۇشۇ خاسىيەتلىك قولرومىلىمىزلا ئېشىپ قالدى،ئەسلى ئۇنىڭ خاسىيىتىنى بىلمىگەن،بېشىمىزغا كۈن چۈشكەندە ئاندىن ئاتىمىزنىڭ قالدۇرغان ۋەسىيىتىدە  ئايان بولدى،شۇنىڭدىن كىيىن تالاش –تارتىش قىلىۋاتىمىز ،كۈچىمىز تەڭ بولغاچقا ھېچقايسىمىز تارتىپ كېتەلمىدۇق،شۇنىڭ ئۈستىگە سەن كەلدىڭ.
شاھزادە ئابدۇرېشىت بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ،ئۇلارنى بىردىن ئىككى شاپىلاق ئۇردى،بىرى ئوڭغا،بىرى سولغا ئۇچۇپ كەتتى ،بىر ھازادىن كىيىن ھەرئىككىسى سالپايغان ھالدا قايتىپ كەلدى،ۋە شۇنداق نالە قىلىشتى:-ئەي ئادەمىزات ،بۇ نىمە قىلغىنىڭ،تا ھازىرغىچە ھېچكىم بىزنى تاك قىلىپ چېكەلمىگەن،بىراق سەن بىزدىن كۈچلۈكلىكىڭگە تايىنىپ،بوزەك قىلىۋاتىسەن،بىلىپ قوي،يەككە –يەككە ھالدا ساڭا تەڭ كېلەلمىگەن بىلەن ،بىرلەشسەك سەندىن غالىپ كېلىمىز .
گېپىڭلار ئورۇنلۇق –دىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت كۈلۈپ كېتىپ:-سىلەرگە ساۋاق بېرىپ قويدۇم،ئىناق بولۇڭلار ،شۇ چاغدا سىلەرنى ھېچكىم بوزەك ئېتەلمەيدۇ،بۇ رومال مەندە تۇرۇپ تۇرسۇن،سىلەر بېرىپ،ھازىرغىچى ھېچكىم  ئاڭلاپ باقمىغان ۋە ساۋاق بولىدىغان بىر ھېكايىنى بىلىپ كېلىڭلار ،كىم بۇرۇن بىلىپ كەلسە قولرومىلى شۇنىڭ بولسۇن.
ئۇنى ئېلىپ قېچىپ كەتسەڭ قانداق قىلىمىز ؟-دىيىشتى قوشكېزەك جىنلار خاتىرجەمسىزلىنىپ.
تۇزۇڭلارنى تېتىدىم،تۇز ھەققىگە قەرزدار بولدۇم،تۇزكورلۇق قىلسام ياخشى كۈن كۆرمەسلىكىم ئېنىق،بېرىڭلار ،سىلەر مەن دىگەندەك ھېكايىنى بىلىپ كېلىڭلار ،كەلگەن ۋاختىڭلاردا ئېسمىمنى ئۈچ قېتىم توۋلاڭلار ،شۇ ھامان ئالدىڭلاردا پەيدا بولىمەن،قولرومىلىنى قايتۇرۇپ بېرىمەن.
ئۇنداقتا ئاۋۋال تۇزكورلارغا ياخشى كۈن بولمايدىغانلىقىنى بىزگە ھېكايە ئارقىلىق دەلىللەپ بەرگىن ،قايىل بولساق ئاندىن بىزمۇ سەن دىگەندەك قىلايلى-دىيىشتى ئاكا-ئۇكا جىنلار.
ئاڭلاڭلار !-دىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت ؛-چۈشۈمدە بىرسى ماڭا شۇنداق بىر ھىكايە ئەيتىپ بەرگەن ،ئۇنى سىلەرگە يەتكۈزەي.
قېنى ئەيت –دىيىشتى جىنلار .شاھزادە ئابدۇرېشىت ھېكايىسىنى باشلىدى
تۇزكورغا ياىشى كۈن يوق
      ‹چۆچەك›
يىراق دىسەڭلار يېقىن،يېقىن دىسەڭلار يىراق  ،بار دىسەڭلار يوق،يوق دىسەڭلەر بار،شۇنداق بىر جاي ،دەل شۇ جايدا نامراتلىقىدىن ئۆيىدىكى چاشقانمۇ يامانلاپ كەتكەن  بىر ئەر- خۇتۇن بولغان ئىكەن ،ئۇلار تىرىكچىلىك غېمىدە قىشۇ-ياز چۈمۈلىدەك تىنىم تاپماي ئىشلەيدىكەن،لېكىن بار –يوقى ئالقانچىلىك يېرىنىڭ ئۈنۈمسىزلىكى ۋە تەلىيىنىڭ كاجلىقى تۈپەيلىدىن ،ھەرقانچى جاپا تارتسىمۇ تاپقېنى گېلىدىن،چاپىنى تىزىدىن ئاشمايدىكەن،گاھى تېخى رامىزان بولمىسىمۇ روزى تۇتۇپ،غۇربەتچىلىكتە ياشايدىكەن،ياىشىمۇ پەرزەنتىنىڭ بولمىغىنى،بىرەر پەرزەنتى بولغان بولسا بېقىپ بولالماي،ھالى تېخىمۇ خاراپ بولار ئىكەن.
ئۇلار تەقدىرىدىن قاخشاپ،ھال تۆكۈپ،ئاللاغا تىۋېنىپ،تىلەك تىلەپ ئوتۇرغان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ،ئۇزاقتىن بېرى بىكار تۇرۇپ،بۇزۇلۇپ كەتكىلى تۇرغان ئەسكى كاتىكىگە بىر توخۇ،ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان كونا ئېغىلىغا بىر ئىشەك كېلىپ،ماكانلىشىپ قاپتۇ.
بۇ جانىۋارلار ئەسلى كىمنىڭ ۋە نىمە سەۋەپلىك بۇ  كونا كاتەك-كونا ئېغىلنى كۆڭلى تارتىپ كىرىپ قېلىشتى ،بۇنىسى نامەلۇم،موھىمى ئۇلار شۇ كىرگەنچى چىكەتمەي ماكانلىشىپ قاپتۇ.
ئامەت-ئامەت !-دەپ توۋلاپ كېتىپتۇ ئايال ھويلىغا چىقققىنىدا ئەسكى كاتىگىدىكى توخۇنى كۆرگەندە گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ:-ئەمدى كۈن ئارىلاپ بولسىمۇ بىرەردىن كاكىلاپ بەرگىلى تۇرسا ،ئاز كۈندىلا بىر سىۋەت تۇخۇملۇق بوپ قالىمەن،بازارغا ئاپىرىپ ساتسام ،يەنە  پۇلىغا  بىرەر توخۇ كېلىدۇ، ئۇلارمۇ كاكىلىغىلى تۇرسا يەنە بىر مەزگىلدىن كىيىن بازارغا كۈندە سىۋەت-سىۋەتلەپ تۇخۇم ئاپىرىپ ساتىدىغان ،پۇلنىمۇ يانچۇغۇمغا توشقۇزۇپ-توشقۇزۇپ كېلىدىغان بولىمەن،قازىنىمدا كۈندە قايناۋاتقان ئۇماچ ئورنىدا پولو-لەغمەن پىشىپ تۇرۇدىغان بولىدۇ،يەنە تېخى...
ئۇ شىرىن خىيالغا بېرىلىپ،ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەپ ،خوشلىقىدا قىلغىلى قىلىق تاپالماي تۇرغىنىدا تۇيۇقسىز ئېرىنىڭ توۋلىشى ئاڭلىنىپتۇ:-ئامەت!،ئامەت!،مانا ئەمدى جاڭگالدىن ئوتۇننى يۈدۈپ ئەمەس ،بەلكى ئىشەككە ئارتىپ توشۇيدىغان بولدۇم،مۈكچەيگەن بەللىرىم تۈزلىنىپ،زىدىلەنگەن مۈرىلىرىممۇ ئارام تاپىدىغان بولدى،تېخى بىر يۈدۈم ئوتۇننىڭ ئورنىغا ئاز بولغاندا بەش يۈدۈمنى بىر قىلىپ ،ئىشەككە ئارتىپ،بازارغا توشۇغىلى تۇرسام ،ئاز كۈندىلا يانچۇغۇم پۇلغا توشىدۇ،ئىشەكتىن يەنە نەچچىنى ئالىمەن،كۈنىگە نەچچە ئىشەكلىك ئوتۇن ساتقىلى تۇرسام،ينە بىر مەزگىلدىن كىيىن يەنە ئات ھارۋىلىقمۇ بوپ قالىمەن،ئۇچاغدا ئوتۇننى ھارۋىلاپ توشۇپ سېتىپ،يول جاپاسىدىنمۇ قۇتۇلىمەن،راھەتكە چىقىپ قالىمەن،ۋاي –ۋاي ،پۇل دڭگەن شاراقلاپ قوينۇمغىمۇ،قۇنچۇمغىمۇ قۇيۇلۇپ تۇرۇدۇ،ئۇ چاغلار ئۆيدىكى ئىسكەتى يوق خۇتۇننى كۆزدىن يوقۇتۇپ،ئورنىغا تىرناقتا توختىغىدەك ....
ئۇمۇ شۇنداق كۆڭلىنى خوش ،ئاغزىنى تاتلىق ئېتىپ،ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاۋاتقاندا ،ئېرىنىڭ توۋلىشىنى ئاڭلاپلا ئېغىلغا يۈگرىگەن خۇتۇن ياقىسىغا ئېسىلىپتۇ:-ۋۇ تەرەت ياراشمايدىغان مۇناپىق ،تۇزكور گاداي،نەچچە يىللاردىن بېرى چاشقانمۇ تۇرمىغان شۇ ئەسكى كەپەڭدە بارىنى ئاز دىمەي،يوقىغا زارلىماي،ئېغىرىڭنى تەڭ كۆتۈرۈپ،يوقسىزچىلىقنىڭ دەردىنى سەندىنمۇ بەك تارتساممۇ يۈزئۆرىمەي كەلسەم، تېخى بۈگۈن بىر قوتۇر  ئىشەككە ئېرىشىپلا سەن يۈزسىز  مۇناپىق   مېنى كۆزدىن يوقۇتۇشنىڭ كويىغا كىرىپسەن،ۋاي شورلىغىمەي،ۋاي دەردىمەي....
ئېرى خۇتۇننىڭ ئالدىدا تىلى تۇتۇلۇپ،گاھ قىزىرىپ-گاھ تاتىرىپ، قۇتۇلۇش كويىدا يۇلقۇنۇپتۇ،خۇتۇنى بولسا قويىۋەتمەپتۇ،ئاخىرى ئېرىنىڭ بار دۇنيالىق شۇ بىر تاللا چاپىنىنىڭ ياقىسنى يىرتىۋاپتۇ، ئەمدى ئېرىنىڭ ئاغزى ئېچىلىپتۇ :-ۋۇ قېرى جەددال،ئانچىكى گېپىم  ئۈچۈنلا ياقامغا ئېسىلىپ،چاپىنىمنى يىرتتىڭ،ئەمدى كىشىلەرنىڭ ئالدىغا نىمە كىيىپ چىقىمەن...
شۇنداق قىلىپ ئەر –خۇتۇن جەڭگى جىدەلگە چۈشۈپتۇ،شۇ جىدەلنىڭ ئۈستىگە ئاپئاق تون-سەرۇپاي كىيگەن،موللا ئالىم سۈپەت بىر كىشى :-ئەسسالامۇئەلەيكۇم !-دەپ سالام بېرىپ،كىرىپتۇ.
ئەر-خۇتۇن ئەمدى نومۇس كۈچىدە جىدەلنى توختىتىپ،سالامغا ئاغزىنىڭ ئۇچىدىلا جاۋاپ قايتۇرۇشۇپ،مېھمانغا چەكچىيىشىپتۇ،كۆڭۈللىرىدە بولسا :-ئۆزى كەلگەن ئامەتنىڭ ئىگىسى شۇ بولۇپ قالمىغىدى –دىيىشىپ،دەككە-دۈككىگە چۈشۈشۈپتۇ.
خاسىيەتلىك توخام بىلەن خاسىيەتلىك ئىشىكىم ھەرقايسىلىرىنىڭ كۆلبىسىنى كۆڭلى تاتىپ قالغاندەك،ھەرقانچى قىلساممۇ بوي بەرمەي قېچىپ كىرىۋېلىشتى،ئېپكېتەي دەپ كىرگەن ئىدىم،ئەمما ھال-ئەھۋالىڭلارنىڭ ناچارلىقىنى كۆرۈپ،بىر مەزگىل يېنىڭلاردا قالدۇرۇشنى لايىق تاپتىم،سىلەرنى مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلدۇرسۇن،غېنى قىلسۇن،ئاندىن ئەپكىتەرمەن-دەپتۇ ھېلىقى كىشى .
‹‹ئەپكىتەي دەپ كىرگەنىدىم ››دىگەن سۆزنى ئاڭلاپلا ،خۇددى يۈرەكلىرىنى سۇغۇرۇپ ئەكىتىدىغاندەك بىلىنىپ،كۆزلىرى چەكچىيىپ،قاش-قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ،مۇتىھەملىك قىلىشقا تەييارلىنىشقان ئەر-خۇتۇنلار ،‹‹بىر مەزگىل قالدۇرۇشنى لايىق تاپتىم››دىگىنىنى ئاڭلىغىنىدا ئاندىن كۆڭۈللىرى بىرئاز تېنچلىنىپ،چىرايىغا كۈلكە يۈگرەپتۇدە:ـ رەھمەت!...ھەشقاللا ...نى ئايىماي دىيىشىپ،قۇرۇق تەككەللۇپ قىلىشىپتۇ :-ھالىمىزنى كۆردىلە غوجام،شەپقەتلىرىنى ئايىمىغانلىقلىرىدىن مىننەتداربىز،قېنى ئۆيگە مەرھەمەت قىلسىلا،بىر پىيالە داغ چېيىمىز بولسىمۇ ئىچىپ ماڭسىلا ....
رەھمەت !-دەپتۇ ھېلىقى كىشى ،ئاندىن تۈزۈت قىلمايلا ئۆيگە كىرىپ،تۆردىكى مازلىرى چۇۋۇلۇپ قالغان قۇراق كۆرپىدىن ئورۇن ئاپتۇ،ئۆي ئىگىلىرى نەچچە يېرىگە ياماق چۈشكەن،كونا دەستۇرخاننى سېلىپ،پۇچۇق ئايىقىدا بىر تىيىن خەجلەش كەتمەيدىغان بۇلاى سۈيىدىن :-ئۇسسۇلۇق –دەپ ئەكىرىپ قويۇپ قاراپ تۇرۇپتۇ.
مېھمان ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قويغىدەك باشقا نەرسىسى يوقلىقىغا كۆزى يېتىپ  :-بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم !-دەپ ئاياقنى قولىغا ئېلىپ ،بىر ئوتلاپتۇ ،ئاندىن قوينىدىن بىر قولرومىلىنى ئېلىپ،دەستۇرخان يۈزىگە يېيىپتۇ،شۇ ھامان قولرومىلى ئۈستىدە 72 خىل نازۇ-نىمەت پەيدا بولۇپ،ئۆي ئىگىلىرىنىڭ نەپسىنى تاقىلدىتىپ،ئېغىزلىرىنى سېرىق سۇغا توشقۇزۇۋېتىپتۇ.
قېنى بېقىڭلار !-دەپتۇ مېھمان:-بىر ئوتلام سۈيىڭلارنى ئىچتىم،چاڭقاق ئىدىم، خويمۇ ياقتى،ئالدىڭلاردا ئادەمىگەرچىلىك قەرزىگە بوغۇلدۇم،ئەمدى مەنمۇ مېھماندارچىلىق بىلەن قەرزىمنى ئادا قىلاي.
ئۆي ئىگىلىرى دەرھال دەستۇرخانغا دۈم چۈشۈپ،تۈزۈت-پۈزۈتنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ،ئۆمرىدە تېتىپ بېقىش تۈگۈل،پۇرىقىنى پۇراشقىمۇ نائىل بولالمىغان نازۇ-نىمەتلەرنى ئاچكۆزلۈك بىلەن يەپ –ئىچىشكە باشلاپتۇ،قورساقلىرى پومپىيىپ،گېلىغىچە غىققىدە بولۇپ،تىنالماي قالغاندىلا ئاندىن دەستۇرخاندىن بېشىنى كۆتۈرۈشۈپتۇ.
توخۇ-دەپتۇ مېھمان :-كۈنىگە بىر گۆھەر تۇغۇدۇ،ئىشەك كۈنىگە ئون كاللەك ئالتۇن تېزەكلەيدۇ،ھەپتە سىلەرنىڭ ئۆيدە قالسۇن،گۆھەرگىمۇ،ئالتۇنغىمۇ ئىگە بولىسىلەر،ھال-كۈنىڭلارنى ئوبدانلا ياخشىلىۋالىسىلەر،قالغان ئۆمرىڭلاردا تىرىكچىلىك دەسمايىسىدىن غەم يىمەيسىلەر .
ئۆي ئىگىلىرى مېھمانغا ئېغىزى-ئېغىزىغا تېگىشمەي رەھمەت-ھەشقاللىلارنى مول ياغدۇرۇپ،ئۇزۇتۇپ قويۇشۇپتۇ،ئاندىن توخۇ بىلەن ئىشەكنى دەرھال ئۆيگە سولاپ،تۈڭلۈك-كۈنگىرىلرىنىمۇ  مەھكەم ئېتىشىپ،ئۆزلىرى بوسۇغا تۈۋىدە ئىشكنى بېقىپ ئولتۇرۇپتۇ.
بىر ۋاقىتلار ئۇلارنىڭ گۈلقەقەلىرىنى ئېچىلدۇرۇپ،توخۇ قاقاقلاشقا باشلاپتۇ،ئىشىك يېرىغىدىن مارىسا :ـ ئاي-ھاي!-ئۆي ئىچىنى نۇر-ئاپتاپقا چۆمدۈرۈپ،مۇشتۇمدەك بىر گۆھەر تۇخۇم  تۇرغىدەك.
ئارقىدىنلا ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى تېخىمۇ ئوينىتىپ ئىشەك ھاڭراشقا .چىچاڭلاشقا باشلاپتۇ،قاراپ تۇرسا مۇشتۇمدەك-مۇشتۇمدەك ساپ-سېرىق ئالتۇن كاللىكىدىن ئوننى تېزەكلەپتۇدەك.
يا خۇدا !-دەپتۇ ئەر-نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئاچ-زېرىنلىقتا قويغان ئىدىڭ،ئاخىرى رەھمىڭ كېلىدىغان كۈنلەرمۇ بولىدىكەن.
قۇرۇق گەپنى قويۇپ ئۆيگە كىر –دەپتۇ خۇتۇنى :-گۆھەر بىلەن ئالتۇنلارنى ئېلىپ چىق ،ئۇلارنى يوشۇرۇشنىڭ ئامالىنى قىلايلى،باشقىلار بىلىپ قالسا جېنىمزغا قەست قىلىپ،مېلىمىزنى بۇلاپ قاچمىسۇن يەنە .
توغرا ئەيتتىڭ-دەپتۇ ئېرى :-سەن ئىشىڭكنى بېقىپ تۇر،مەن كىرىپ ئەپچىقاي،ھېزى بول،ئاۋۇ جانىۋارلار قېچىپ كەتمىسۇن يەنە .
ئاندىن ئۇ ئىشىكنى سەلغىنە ئېچىپ،قىسىلىپ دىگۈدەك ئۆيگە كىرىپتۇ،ئاندىن ئېھتىيات بىلەن بېرىپ،گۆھەرنى يانچۇقىغا ساپتۇ،ئالتۇنلارنى چاپىنىغا يۆگەپتۇ،توخىنى بىر ئەسكى سىۋەتنىڭ ئاستىغا باسۇرۇپ،ئىشەكنى تۈۋرۈككە باغلىۋاپتۇ، ئاندىن چىقىپ خوتۇنى بىلەن بۇلارنى قەيەرگە يوشۇرۇش مەسلىھەتىگە چۈشۈپتۇ.
كۆپ تالىشىپ مەسلىھەتلىشىپ ئاخىرى‹‹ كۆمەيلى››دىگەن پىكىرگە كەپتۇ دە،ھىلى ھويلىنىڭ بۇلۇڭىغا،ھىلى ئوچىغىنىڭ كۇلۇڭىغا،ھىلى ئىغىلنىڭ ئاستىغا،ھىلى كاتەكنىڭ ئىچىگە كۆممەكچى بولۇپتۇ،ئاخىرى يەنە بۇلارنىڭ ھىچقايسىسىغا ئىشەنىچ قىلالماي،ھويلىسىدىكى سۇسىز تاشلاندۇق قۇدۇققا كۆمۈشنى لايىق تىپىپتۇ.
سەن چۈش ــــ دەپتۇ ئىرى خوتۇنىغا  ـــ مەن ئارغامچا بىلەن سىنى چۈشۈرۈپ قويىمەن،ئىش تۈگىگەندە يەنە چىقىرىۋالىمەن.
سەن چۈش ـــ دەپتۇ خوتۇنى ــــ سەن دىگەن ئەركىشى بولغاندىكىن قۇدۇققا چۈشۈش چىقىشنىڭ ھۆددىسىدىن ئاسانلا چىقالايسەن.
خەپ!-دەپتۇ ئېرى  ئامالسىز ئارغامچىغا ئىسىلىپ قۇدۇققا چۈشۈۋېتىپ كۆڭلىدە:-ئاۋۋال بايلىقنى يوشۇرۋالاي،ئاندىن سەن قېرىنى بىر تەرەپ قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرۈمەن.
ئىرى قۇدۇق ئاسىتىغا چۈشۈپ بولغاندىن كىيىن، خوتۇنى بايلىق تۈگۈچىنى ئارغامچا بىلەن چۈشۈرۈپ بەرمەكچى بوپتۇ، ئىرى ئون نەچچە مىتىر چوڭقۇرلۇقتىكى قاراڭغۇ ھەم زەي قۇدۇققا چۈشۈپلا توۋلاپتۇ ـــ قېنى تۈگۈنچە؟  .
خوتۇنى ئارغامچىنى تارتىۋىلىپ، تۈگۈنچىنى ئارغامچىنىڭ ئۇچىغا چىگىۋىتىپ ،بىردىنلا قورسىقىغا جىن كىرىپتۇ:ـــ بۇ ئەبگا قولى پۇل كۆرگەن ھامان، مىنى كۆزدىن يۈتتۈرۈشنىڭ چوتىنى سوقۇپ يۈرگەنتى،مانا پۇللۇقمۇ بولدۇق، ئەمدى شۇ بايلىقنى ئۆزىلا ئىگىلەپ،ئورنۇمغا ياش خوتۇندىن بىرنى ئىلىش ئۈچۈن مىنى قەستلىمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ،شۇڭا ئۇنى مۇشۇ پۇرسەتنىڭ ئۆزىدىلا يۇغۇشتۇرۇپ،كىيىنكى ئاپەتتىن خالى بولاي،ئۇنىڭدىن قۇتۇلسام ھەممە بايلىققا بىر ئۆزەم ئىرىشىمەن،ئاندىن شەھەرگە كىتىپ كۆڭلۈم تارتقان بىرەر ياش يىگىتنى تاپىمەن،يەنە ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولۇپ،راھەت- پاراغەتتە ياشايمەن.... ـــ دىگەنلەرنى ئويلاپتۇ دە، تۈگۈنچىنى تاشلاپ قويۇپ، قۇدۇقتىن سەل نىرىدىكى يۆتكىۋىتىشكە ھورۇنلۇق قىلىپ پۇتىغا پۇتلاشسىمۇ كارى بولماي يۈرگەن تەكىيدەك يوغان تاشنى ئىنجىقلاپ كۆتۈرۈپ كىلىپ، قۇدۇققا تاشلاپتۇ.
قاراڭغۇ قۇدۇق ئاستىدا ئۈستىدىن نىمە چۈشۈۋاتقانلىقىنى پەرق ئېتەلمىگەن ئېرى ،چۈشۈۋاتقان نەرسىنى بايلىق ‹‹بايلىق تۈگۈنچىسى ››دەپ بىلىپ،تۇتۇۋېلىشقا قولسوزغان ئىكەن،تاش كېلىپ،قوللىرىنى سۇندۇرۇپ،بېشىغا تېگىپتۇ،شۇ ھامان تىن تارتماي ئۇجۇقۇپتۇ.
شۈكرى!-دەپتۇ خۇتۇنى  ئېرىنى نەچچە قېتىم توۋلاپ بېقىپ،جاۋاپ چىقمىغاندىن كىيىن :-ئاخىرى ئۇنى يىغىشتۇرۇپتىمەن.
ئەمدى ئۇ تۈگۈنچىنى كۆتۈرۈپ بېرىپ،ئوچىقىنىڭ كۇلۇڭىنى كولاپتۇدە،شۇيەرگە كۆمۈپتۇ،قىلغان ئىشىنىڭ ئىس-بۇسى چىقمايدىغىنىغا كۆزى يەتكەندىن كىيىنلا ئاندىن ئارام تېپىپ،بوسۇغا تۈۋىگىلا موك چۈشۈپتۇدە،ئۇيقىغا كېتىپتۇ.بىراق يامان چۈش كۆرۈپ،قارا بېسىپ،ئۇيقىسىمۇ جايىدا بولماپتۇ،چۈشىدە ھېى ئۆيدىكى توخۇ تۈڭلىكتىن ئۇچۇپ چىقىپ ،قاقاقلاپ ئالەمنى-مالەم قىلسا  ، ھېلى ئىشىكى تامنى تېپىپ ئۆرۈپ قېچىپ چىقىپ،ھەرتەرەپكە چاپراقلاپ ،ھاڭراپ ،جاھاننى بېشىغا كىيىدىكەن،تېخىمۇ يامان بولغىنى توخۇنىڭ قاقاقلىشى ۋە ئىشەكنىڭ ھاڭراشلىرى ‹‹بۇ خۇتۇن ئېرىنى ئۆلتۈردى!››دەپ جاكا قىلىۋاتقاندەكلا ئاڭلىنىدىكەن،ھېلى  قۇدۇق ئاستىدا چالا ئۆلۈك بولۇپ يېتىپ قالغان ئېرى ، يامىشىپ چىقىپ،ئۇنى بوغماقچى بولسا،ھېلى كىملەردۇر كېلىپ،ئۇنى قىغان ئىشلىرى ئۈچۈن سوراققا تارتىپ،چېچىدىن سۆرەپ ئاپىرىپ دارغا ئاسماقچى بولىدىكەن،ھېلى بىر كېلىپ‹‹جېنىڭغا تۇرامسەن ،مېلىڭغىمۇ ››گېلىغا پىچاق سۈرسە ،ھېلى بىر قارا مۆشۈك پەيدا بولۇپ،ئۇنى تاتىلاپ،مىقىراپ،ئارام بەمەيدىكەن...،ئويغىناي دىسە يا ئويغىنالمايدىكەن،شۇنداق قىلىپ مىڭ مۇشەققەتتە تاڭ ئاتقۇزۇپتۇ،ئۆيدىكى توخۇنىڭ قاقاقلىشى ،ئىشەكنىڭ ھاڭرىشى بىلەن ئويغىنىپتۇ،ئىشىك يېرىقىدىن ماراپ،ئشەكنىڭ تۈۋرۈككە باغلاغلىق،توخۇنىڭ سىۋەت ئاستىغا باسۇرۇغلۇق ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ،ئاندىن كۆڭلى تىنىپتۇ ،شۇ چاغ ئاستىدىن پارلاق نۇر چېچىلىپتۇ ،دىمەك توخۇ گۆھەر تۇغۇپتۇ،ئارقىدىن ئىشەك تورۇكلىتىپ،ئون كاللەك ئالتۇن تېزەكلەپتۇ،ئايال ئالدىراپ كىرىپ،گۆھەرنى ئېلىپ،ئالتۇنلارنى يىغىپ،ھەممىسىنى كونا رومىلىغا تۈگۈپ ئاپىرىپ،ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىغا كۆمۈپتۇدە،ئاندىن ئكىدە بار قاتتىق –قۇرۇق نېنىنى غاجىلاپ،ناشتا قىلىپ،ئىشىكىنى مەھكەم تاقاپتۇدە،ھويلىسىدا سەھەرنىڭ ئاپتىۋىغا قاقلىنىپ ئولتۇرۇپ ،شىرىن خىياللارغا غەرق بوپلا كېتىپتۇ،ئۆيدىكى ئۇنى باي قىلىۋاتقان جانىۋارلارغا،سۇ ياكى  دان-بوغۇز بېرىشمۇ،ياكى ئالتۇنىدىن ئازراق ئېلىپ ،بازارغا بېرىپ،ئۇن-ياغ،گۈرۈچ، ۋە باشقا لازىمەتلىكلەردىن ئەكىلىشمۇ خىيالىغا كىرىپ چىقماپتۇ.
ئۆيدىن يىراقلاشسام بىرەرسى كېلىپ،خاسىيەتلىك جانىۋارلىرىمنى بۇلاپ قاچىدۇ،تەئەللۇقاتىمنى ئوغرىلاپ كېتىدۇ -دەپ،يۈرىگالدى بولۇپ،ھويلىسىدىن  چىقماي كۈننى كەچ قىپتۇ.
شۇ ھالدا بىر ھەپتەمۇ ئۆتۈپ كىتىپتۇ،بۇ خۇتۇن كۈندە بىر ئۆيىگە كىرىپ،گۆھەر تۇخۇم،كاللەك ئالتۇنلارنى يىغىشتۇرۇپ،بىر كۈنى بۇ بۇلۇڭغا،بىر كۈنى ئۇ كۇلۇڭغا،بىر كۈنى تۇنۇرغا ،بىر كۈنى ئېغىلغا ....كۆمۈپ،بايلىقىنىڭ ئىس –بۇسىنى چىقارماپتۇ،بىر ئۆمۈر يېتىپ يېسىمۇ تەڭدىن تولىسى ئېشىپ-تېشىپ قالغىدەك بايلىققا ئېرىشىپتۇيۇ ،لېكىن شۇنداقتىمۇ كۆزى تويماي ،كۆڭلى ئارام تاپماپتۇ.
بەلگىلەنگەن مۆھلەت توشىدىغان كۈننىڭ ھارپا ئاخشىمى كىچىچى بىرسى تىكەنلىكتە يۇمۇلاتقاندەك ،بىئارام بولۇپ ،زادىلا ياتالماپتۇ.
ئېسىت !-دەيدىكەن ئۇ قوللىرىنى چىشلەپ-ئەتە بۇ خاسىيەتلىك جانىۋارلارنى ئەپكەتسە ،خۇددى يۈرىكىمنى سۇغۇرۇپ ماڭغاندەكلا ئىش بولىدۇغۇ،قانداق قىلارمەن ھەئە؟!،...ياق،بۇلارنىڭ ئۆيۈمدىن چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئامال قىلمىسام بولمايدۇ،ھامىنى قاتىل بولدۇم،ئۆز ئېرىمنىڭ قاتىلى بولغان يەردە ،تۇنۇمايدىغان بىر ياتۋاش يەنە بىرىنىمۇ ئۆلتۈرسەم نىمە بوپتۇ،بولدى،ئۆيدە بىر چاغلار ئىشلەتمەي تاشلاپ قويغان چاشقان دورىسى باردەك قىلاتتى ،ئۇنى تاپاي،بىر تاۋاق سۇغا چىلاي،ئەتە ھېلىقى كىشى كەلسە ئۇسسۇلۇق دەپ ئالدىغا قوياي،تىن تارتماي ئۆلسۇن....
ئۇ شۇ ئوي بىلەن دەرھال ئۆيگە كىرىپ،ھەممە بۇلۇڭ –پۇچقاق،تەكچى-كامارلارنى سىپىلاپ،كوچىلاپ ئاختۇرۇپتۇ،ئاخىرى ئىزلىگىنىنى تېپىپتۇ،تاۋاققا سېلىپ،ئېرىگەچ تۇرسۇن دەپ،سۇمۇ قۇيۇپتۇ،ئاندىن كۆڭلى تىنىپتۇ،ئاندىن بوسۇغىنى ياستۇق قىلىپ،ياتقان يېرىدە خېلىلا ئارام تاپقاندەك بوپتۇ،بىراق يەنىلا ھايالسىز چايان چاققاندەك چاچراپ تۇرۇپ كېتىپتۇ.
ئۇنىغۇ يوقىتارمەن –دەپتۇ ئۇ يەنە :-بىراق ئىشەك بىلەن توخۇنى شەھەرگە ئەكىرسەم،كۈندە ئۇلارنىڭ قوڭىغا قاراپ،قاچان كاكىلار ،قاچان تېزەكلەر دەپ ئولتۇرسام،باشقا ئىشقا قولۇم بارمىغىدەك،يەنە تېخى باشقىلار ئۇلارنىڭ خاسىيىتىنى بىلىپلا قالسا ،ئۇلارنى دەپ مېنى قەستلىشىمۇ مۈمكىن،ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنى ئۆلتۈرەيدە ،ئىچىدىكى گۆھەر- ئالتۇنلارنى بىر يولىلا ئېلىۋالاي.
شۇ ئويغا كەلگەن خوتۇن يەنە دەرھال ھەركەتكە كەپتۇ،ئۆيگە كىرىپ تۈڭلۈكتىن چۈشكەن ئاينىڭ يۇرۇقىدا ئىزلەپ سېپىلاپ يۈرۈپ،گال پىچىقىنى تېپىپتۇ،ئاندىن بېرىپ،ئاۋۋال سىۋەتنىڭ ئاسىتىدىكى توخۇنى تۇتۇپ بوغۇزلاپتۇ،ئاندىن ئىشەكنىڭ قارنىغا پىچاق ساپتۇ،ئەمما ئىش ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولماپتۇ،بەلكى توخۇنىڭ پوكۇنىدىن بىر تال قاپقارا چايان چىقىپ -كوژ!-قىلىپلا چاققان ئىكەن ،خۇتۇننىڭ ئاغرىق دەستىدە قىلغان نالىسى ئۆينى تەۋرىتىۋېتىپتۇ،ئاندىن ئىشەكنىڭ قارنىدىن توملىقى بىلەكتەك ،ئۇزۇنلىقى بىرەر غۇلاچچە بىر چار يىلان چىقىپ،ئۇنىڭغا يۆگىشىپ،بىر سىققان ئىكەن ،ئۇستىخانلىرى قاراسلاپ سۇنۇپ،ئايالنىڭ ئۈنى ئۆچۈپتۇ،ئاندىن يىلان بىلەن چايان ئىس-تۈتەككە ئايلىنىپلا تۈڭلىكتىن چىقىپ كېتىپتۇ،ئۆيدە چالا ئۆلۈك ئايال بىلەن ،بىر دۆۋە توخۇ پېيى ۋە بىر ئىشەك تېرىسىلا قاپتۇ.
شۇنچى ئازاپ ئىچىدىمۇ جېنى چىقمىغان ئايال تاڭ ئاتقىچى ئۆلۈك بىلەن تىرىكنىڭ ئارىلىقىدا جان تالىشىپ،تىرىك تۇرۇپ،دوزاخ  ئازابى تارتىپ يېتىپتۇ،ئەتىسى چۈش بولغاندا دەرۋازىنى  بىرسى تاقىلدىتىپتۇ،لىكىن ئايالنىڭ نە چىقىپ ئاچقىدەك،نە ئاۋاز چىقارغىدەك ھالى بولسۇن،ئاخىرى دەرۋازىنىڭ   تاقىلدىشىمۇ توختاپتۇ.
ئارىدىن يەنە بىرەر ساەتتەك ۋاقىت ئۆتكەندە دەرۋازا  يەنە تاقىلداپتۇ،بىراق ئايال يەنىلا جان تالىشىپ ياتقان يېرىدىن مىت قىلالماپتۇ،ئۆيدە ئۆزىنىڭ قانداق ھالدا ياتقىنىنىمۇ بىلدۈرەلمەپتۇ،ئامالسىز ئىچىدە جېنىنىڭ تىزرەك چىقىشىنى تىلەپ يېتىپتۇ،شۇنداق قىينىلىپ تۇرغىنىدا دەرۋازا ئۆزلىكىدىن غىچىلداپ ئېچىلىپتۇ،ھايالسىزلا ئۆيگە ھېلىقى مېھمان كىرىپ كەپتۇ.
ئايالنىڭ شۇ ھالىتى ۋە توخۇ پېيى –ئىشەك تېرىسىنى كۆرۈپ ،بىر ھازا لېۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ كېتىپتۇدە ،ئاخىرى :-بەدنىيەتنىڭ جازاسى شۇ –دەپتۇدە،ئىشەك تېرىسنى ئېلىپ ،ئايالنىڭ ئۈستىگە تاشلاپتۇ،ئاندىن ئەپسۇن ئوقۇشقا باشلىغان ئىكەن ،ئىشەك تېرىسى ئايالنىڭ ئۈستىگە كىيىلىپ،ئۇ ئىشەككە ئايلىنىپ ،ئورنىدىن تۇرۇپتۇ،سۇنغان ئۇستىخانلىرى سەللىمازا ساقىيىپتۇيۇ ،لېكىن ئادەم قېلىپىدىن قوتۇر ئىشەك سىياقىغا كىرىپ قاپتۇ.
لەنەت ساڭا –دەپتۇ ھېلىقى كىشى ئىشەك سىياقىدىكى ئايالنى تېپىپ-ئەسلىدە ساڭا ياخشىلىق ھارام ئىلكەن،بىلمەپتىمەن،خاسىيەتلىك جانىۋارلاردىن پايدىلانسۇن دەپ قالدۇرۇپ قويغان ئىدىم،ئۇلاردىن بۇ بىر مەزگىل ئىچىدە ئېرىشكەنلىرىڭمۇ بىر ئۆمۈر كەڭ –كۇشادە خەجلىشىڭگە يېتىپ،نەچچە ئەۋلادىڭدىنمۇ  ئاشاتتى،ئەمما بەدنىيەتلىك قىلىپ،ئۇلارنىڭ ئىچىگە بەند قىلىنغان جىنلارنى ئازات قىپسەن ،بۇ جىنلار ئىنسانلارغا كۆپ يامانلىقلارنى قىلغىنى ئۈچۈن ،مىڭ مۇشەققەتلەر ئىچىدە تۇتۇپ،سېھىرلەپ،چىشى جىننى توخۇنىڭ پوكۇنىغا،ئەركەك جىننى ئىشەكنىڭ قارنىغا بەند قىلغان ،ئىنسانلارغا ياخشىلىق قىلىپ،گۇناھىنى يۇيۇشقا بۇيرىغان ئىدىم،ئۆزىڭگىمۇ قىلدىڭ،ماڭىمۇ قىلدىڭ،ئۇلار ئەمدى قىساس ئېلىشئۈچۈن پېيىمدە يۈرىدۇ.
ئىشەك سىياقىدىكى خۇتۇن پۇشايماننى ئالىدىغان قاچىسى يوق،مۆل-مۆل يىغلاشتىن باشقىغا قادىر بولالماپتۇ.
ئېرىڭ قېى؟-سوراپتۇ ھېلىقى كىشى يەنە :-ئۇمۇ بۇ ئىشلىرىڭغا شىرىكتۇ بەلكىم .
ئىشەك سىياقىدىكى ئايال ئۆيدىن چىقىپ،قۇدۇق بېشىغا بېرىپتۇ،قۇدۇقنى ئىشارە قىپتۇ،ھېلىقى مېھمان نىمىلەرنىدۇ ئوقۇپ،يەرگە بىر تەپكەن ئىكەن،قۇدۇق ئاستىدىن ئايالنىڭ ئېرى باش-كۆزى  قان –يىرىڭ،لايغا مىلىنىپ،قارىغۇسىز بوپ كەتكەن  ،ئۆلۈك -تىرىكى نامەلۇم بىر ھالدا ئېتىلىپ چىقىپتۇ،مېھمان ئەمدى بىر چىمدىم تۇپراققا ئەپسۇن ئوقۇپ ،ئۇنىڭغا چېچىپتۇ:-ئىشەك بول!
ئايالنىڭ ئېرىمۇ ھايالسىزلا ئىشەك سىياقىدا ئورنىدىن تۇرۇپتۇ،مېھمان ئىككى ئىشەكنى ھەيدەپ،ھويلىدىن چىقىشى .ئۆشنىسىدە بىر يۈدۈم يانتاق كۆتىرىپ،ھاسىراپ-ھۆمىدەپ كېتىۋاتقان بىر بوۋايغا يولۇقۇپتۇ.
ھارمىغايسىز بوۋا !-دەپتۇ مېھمان بوۋايغا.
ئۇھ!-دەپتۇ بوۋاي يانتاقنى يەردە قويۇپ، تەرلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ-كۈنۈم مۇشۇ ئىشقا باغلىق ئوغلۇم،ئوتۇن كەسلەشكە كۈچۈم يەتمىگەچكە ،يانتاق بولسىمۇ يىغالىشىمچە شەھەرگە ئاپىرىپ،ئېلىشىغا سېتىپ،بىرەر ۋاخلىق ئۇماچقا بولسىمۇ ئىشلەۋاتىمەن،ياشلىقىمدا ئويۇن –تاماشىغا بېرىلىپ،بارىنى يەپ،يوقىغا كايىماي ئۆتۈپتىمەن،ئەمدى قېرىغاندا مۇشۇ كۈنگە قالدىم.
ئېلىڭ !-دەپتۇ مېھمان ئىشەكلەرنىڭ نۇقتىسىنى بوۋايغا تۇتقۇزۇپ:-بۇ ئىشەكلەرنى سىزگە بېرەي،يېزا يېرىدە ئوت –سامان كەڭرى،سىزگە كۆپ ئېغىرى چۈشمەيدۇ،بەلكى ئېغىرىڭىزنى يەڭگىل قىلىدۇ،ئەمما ئۇلارنىڭ نۇقتىسىنى ياخشى ساقلاڭ،ئويىڭىزگە يەتكەن ھامان باشقىلار تاپالمايدىغان جايغا تىقىپ قويۇڭ،ئەشۇ نۇقتىلار يۇقاپ كەتمىسىلا ،ئىشەكلەر باغلاقسىزمۇ يېنىڭىزدىن نېرى كەتمەيدۇ ،ئىشلىرىڭىزغا ھەمدەم بولىدۇ.
رەھمەت ئوغلۇم –دەپتۇ بوۋاي خۇرسەند بولۇپ،ئاندىن نۇقتىلارنى ئېلىپ،يانتاقلىرىنى بىر ئىشەككە يۈكلەپتۇ،يەنە بىرىگە ئۆزى مىنىپ،يولىغا راۋان بوپتۇ.
ھېلىقى مېھمان دەل بىزنىڭ ئاتىمىز ،بۇ قولرومىلى دەل ئۇ ساقلاپ يۈرگەن ‹‹ئېچىل دەستۇرخان ››شۇ –دىيىشتى ھېكايە ئاخىرىلاشقاندا ھېلىقى ئىككى جانىۋار :-ئەمما بۇ ۋەقەنى ئۇ بىزگە سۆزلەپ بەرمىگەن ،پەقەت بىزگە ‹‹كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىلەرگە ساۋاق بېرىدىغان بىر ئادەمىزات يولىقىدۇ ،ئۇنىڭغا مەندىن سالام دەڭلار ،ئەگەر قارا دىۋىنى يوقىتىشقا ماڭغان بولسا بۇ قىلىچنى بېرىڭلار ،دىۋىگە بىر قىلىچ ئۇرسۇن،ئىككىنچى رەت قىلىچ ئۇرمىسۇن››دەپ ۋەسىيەت قىلغانىدى ،ئاتىمىز ئەيتقان كىشى سەن بولساڭ كېرەك،كەل ،بۇ يەردە بىر تاش بار ،قوزغىيالىساڭ ئاستىدىن بىر خەزىنە چىقىدۇ،خەزىنىدىن خالىساڭ قىلىچ-قالقان ،خالىساڭ ئالتۇن-كۈمۈش بايلىققا ئېرىشىسەن.
ئاندىن ئۇلار نېرىدىكى غايەت يوغان بىر قورام تاشنى كۆرسەتتى.
شاھزادە ئابدۇرېشىت بېرىپ،ئانچى كۈچىمەيلا تاشنى ئاغدۇرۇۋەتتى،ئاستىدىن بىر ئىشىك ئايان بولدى.
شاھزادە ئابدىرىشىت بولساڭ مەرھابا!- ئىشىكتىن شۇنداق سادا كەلدى، ئارقىدىنلا غىچىرلاپ ئېچىلدى. شاھزادە ئابدىرىشىت بوسۇغۇدىن ئاتلىشى توققۇز باشلىق بىر ئەجدەرھا پەيدا بولۇپ ئوت پۈركىدى، شاھزادە ئابدىرىشىت چاققانلىق بىلەن كەينىگە يېنىۋالدى، پۈركۈلگەن ئوت ئىشىك سىرتىغا ھالقىمىدى.
قورقماي كىرىۋەر-دىدى مۈشۈك باشلىق جانىۋارلار-راست شاھزادە ئابدىرىشىت بولساڭ ئوت ساڭا كار قىلمايدۇ، ئۇ سېنىڭ نامىڭغا باغلانغان تىلسىم، سەندىن بۇرۇن باشقىلارنىڭ غەزىنىگە كىرىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پەيدا قىلىنغان، ئەگەر باشقىلار كىرسە كۆيۈپ ئۆلىدۇ.
شاھزادە ئابدىرىشىت دادىللىق بىلەن ئىشىكتىن كىردى، توققۇز باشلىق ئەجدەرھا يەنە ئوت پۈركىدى، لېكىن ئوت شاھزادە ئابدىرىشىتنىڭ بىر تال مويىغىمۇ كار قىلمىدى، ئەكسىچە ئەجدەرھا پۈركىگەن ئوت ئۆزىگە يېنىپ، ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلدى، كۈل دۆۋىسى كېپەك ئالتۇنغا ئايلىنىپ قالدى، شاھزادە ئابدىرىشىت ئىچكىرلەپ مېڭىپ يەنە بىر ئىشككە دۇچ كەلدى.
مەرھابا!-دىگەن ئاۋاز ياڭراپ ئىشىك ئېچىلدى، شاھزادە ئابدىرىشىتنىڭ كۆزلىرى ئىشىك ئىچىدىن بالقىغان رەڭگا-رەڭ نۇر جىلۋىسىدە قاماشتى.
ئىشىك ئىچى كەڭرى بىر ساراي ئىكەن، سارايدا دۆۋە-دۆۋە، رەڭگا-رەڭ گۆھەر تاشلار ۋە رەت-رەت، ئۈستى ئۈستىلەپ تىزىلغان كېسەك ئالتۇنلار بار ئىكەن، شاھزادە ئابدىرىشىت سارايغا ئىچكىرلەپ كىرىپ بىر تەختكە دۇچ كەپتۇ، تەخت ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسىلىپ گۆھەر تاشلار بىلەن بىزەلگەن، ئۈستىگە ئېسىل غىلاپلىق مىسران قىلىچ بىلەن پولات قالقان قويۇلغان ئىكەن. غىلاپتىن قىلىچنى سۇغۇرغان ئىكەن، قىلىچنىڭ تىغىدىن پارلىغان نۇر گۆھەر تاشلار ۋە كېسەك ئالتۇنلارنىڭ نۇر جۇلاسىنى بېسىپ چۈشۈپ، ساراي ئىچىنى ئاپتاپتەك يورۇتۇپتۇ.
شاھزادە ئابدىرىشىت مەمنۇنلۇق بىلەن قىلىچنى غىلاپقا سېلىپ، بېلىگە ئېسىپتۇ، قالقىنىنىمۇ ئاپتۇ، ئاندىن باشقا ھېچنەرسىگە قول تەككۈزمەي قايتىپ چىقىپتۇ، ئۇ چىقىپ كېتىشى كېپەك ئالتۇن دۆۋىسى ئالتۇندىن قۇيۇلغان ھەيكەلدەك بىر دىۋىگە ئايلىنىپ توۋلاپتۇ-رەھمەت ساڭا ئادىزات، ئامانەتنى تاپشۇرۇپ ئالدىڭ، مەنمۇ تىلسىمدىن قۇتۇلدۇم، قىلىچ-قالقانغا ئەمەس، بايلىققا تۇرغان بولساڭ ماڭا نىجاتلىق بولمايتتى، قىلغان ياخشىلىقىڭنى ئۇنتۇمايمەن.
ئاندىن ئۇ سېرىق تۈتۈنگە ئايلىنىپ غايىپ بولۇپتۇ، غەزىنىدىكى بايلىقلار يەر يۈزىگە چىقىپ قاپتۇ.
بۇ سىلەرگە مەنسۇپ- دەپتۇ شاھزادە ئابدىرىشىت.
رەھمەت ساڭا مەرت يىگىت!-دەپتۇ مۈشۈك باشلىق جانىۋارلار.
بۇ ئەسلىدىنمۇ سىلەرگە مەنسۇپ بولۇشى كېرەك ئىدى، ئەمدى بىز سىلەرھېچكىم ئاڭلاپ باقمىغان ھىكايىنى تېپىپ كەلگەندە كۆرۈشەيلى-دەپتۇ شاھزادە ئابدىرىشىت،ئاندىن يولىغا راۋان بولۇپتۇ. مۈشۈك باشلىق جانىۋارلار بايلىقنى بۆلۈشۈپ قاپتۇ.
ئۇلار شۇيەردە قېلىپ تۇرسۇن. شاھزادە ئابدىرىشىتقا كەلسەك ئۇ يەنە توختىماي ئۈچ كېچە-كۈندۈز يۈرۈپتۇ، ئاخىرى يىراقتىن بۇلۇت تۇمانلار بىلەن چۈمكەلگەن تاغ كۆرۈنگەندە توختاپتۇ.
كەلدۇق-دەپتۇ يولۋاس-مانا بۇ قارا دىۋىنىڭ تېغى، تاغ قوينىدا بىر غار، غاردا قارا دىۋە بار، ئۇ ئۇخلىغاندا تاغنى زەھەرلىك بۇلۇت-تۇمانلار چۈمكەپ تۇرۇدۇ،زەھەرلىك بۇلۇت-تۇمانغا دۇچ كەلگەن ھەرقانداق مەخلۇقات ھالاك بولىدۇ. قارا دىۋە ئۇيقۇدىكى چېغىدا باشقىلارنىڭ كېلىپ، ئۆزىگە قەست قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن شۇنداق زەھەرلىك بۇلۇت-تۇمانلار پەيدا قىلىپ ئۆز ماكانىنى چۈمكىۋالغان.
ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئويغىنىپ،ئۇۋىسىدىن چىقىشىنى كۈتەيلى-دىدى شاھزادە ئابدۇرىشىت .
ئۇلار ساق ئۈچ كېچە كۈندۈز كۈتتى ،ئاخىرى ھاۋا گۆلدۈرلەپ ،چاقماق چېقىلىپ،بۇلۇت-تۇمانلار يامغۇر بولۇپ تۆكۈلۈپ تۈگىدى،تۆكۈلگەن يامغۇردىن تاغ ئىتىكىدە  كىچىك-كۆلچەكلەر ھاسىل بولدى ،تاغ گەۋدىسى تولۇق ئايان بولدى.
دىۋە ئويغاندى –دىدى يولۋاس :-جەڭگە تەييارلان.
شاھزادە ئابدۇرىشىت قىلىچىنى سۇغۇرۇپ،جەڭگە ھازىرلىنىپ تۇردى ،تاغ تەرەپتىن بىر مەخلۇق خىرىس قىلىپ كەلدى،ئېغىز بۇرۇنلىرىدىن ئوت پۈركۈلۈپ  تۇراتتى،دەسسىگەن يېرىگە چاك كېتەتتى،تۇرقى تولىمۇ بەدبەشىرە بولۇپ،دۈمبىسىدىكى بىر جۈپ كېلەڭسىز قانىتى ھەر لەپپەڭشىگەندە بىر قارا قۇيۇن پەيدا بولۇپ،تاشلارنى ئۇچۇرۇپ،دەرەخلەرنى قومۇرۇپ،پىقىرىتىپ تاشلايتتى.
ئۇنىڭغا مەن تاقابىل تۇراي –دىدى يولۋاس :-بۇ مەلئۇن قارا دىۋېنىڭ ئەرمىكى .
بارغىن –دىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت :- ئەمما كۆپ ئېھتىيات قىلغىن .
يولۋاس ھېلىقى مەخلۇققا تاشلاندى،ئۇلارنىڭ شىددەتلىك ئېلىشىشى باشلاندى،شۇ ئارىدا زىمىن تەۋرەپ،گۆرسۈلدىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ،بويى ئۈچ غېرىچ كەلگىدەك،ھەممە يېرى قازان كۈيىسىگە مىلەنگەندەك قاپاقارا بىر كىچىك دىۋە تاغ تەرەپتىن چىقىپ كەلدى ،شاھزادە ئابدۇرېشىت ئۇنىڭ شۇ تۇرقى-سىياقىغا قاراپ ئويلاپ قالدى:- دىۋېنىڭ نەۋرىسىمۇ نىمە بۇ ؟
شۇ چاغ قارا دىۋە ئاستا –ئاستا يوغىناشقا باشلاپ،بېشى ئاسمانغا تاقاشقان،بوي-بەستى تاغدەك يوغان بىر مەخلۇققا ئايلاندى ،ئۇنى خېلىلا چۆچۈتتى.
ئەي ئادەمىزات –دىدى دىۋە ھاۋا گۆلدۈرلىگەندەك بىر ئاۋازدا –بايا چۈشۈمدە بىرى ‹‹ئەجىلىڭ توشتى››دىگەندەك قىلىۋېدى ،ئەزرائىل كېلىدىغان ئوخشايدۇ –دەپ جېنىم سىقىرىغان ،ئەمما دۇچكەلگىنىم بىر چۈمۈلىچىلىكمۇ بىلىنمەيدىغان سەنكەنسەن،قارىغان چۈشۈمنىڭ تەتۈرسى بولۇپ،سەن ئۆلىدىغان ،مەن ئۇزۇن ياشايدىغان ئوخشايمەن،چۈنكى ئادەمىزات گۆشى بىز دىۋەلەر ئۈچۈن ئۇزاق ئۆمۈر دورىسى،ئەيتە سېنى خام پېتى يەيمۇ ياكى ئوتقا قاقلاپ ،كاۋاپ قىلىپ يەيمۇ ،قانداق يىيىلىشنى تاللىۋال ،بۇ ئۆز ئاياغىڭ بىلەن ئالدىمغا كەلگىنىڭنىڭ مۇكاپاتى بولسۇن.
ئۇنىڭ تەكەببۇرلىقى شاھزادە ئابدۇرېشىتنى قەھرى-غەزىپىنى قوزغىدى ،ئۆزىنى كۆزگە ئىلمىغان دىۋېنى يوقۇتۇش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى،شۇڭا تەمكىنلىك بىلەن شۇنداق جاۋاپ بەردى :-چۈشىڭدە بىشارەت قىلىنغاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى كەلدىم،مېنى يىيىشنى خامخىيال قىلماي ،قانداق ئۆلۈش يولىنى تاللا ،قىلىچ بىلەن بىرلا ئۇرۇپ،كاللاڭنى سويمىدەك ئۈزۈپ تاشلايمۇ ياكى تېنىڭنى قىيما –چىيما قىلىپ،قۇرت-قوڭغۇزلارغا يەم قىلايمۇ ،تىز قارا قىل.
ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان دىۋېنىڭ مېڭىسىدىن تۈتۈن چىقتى،شاھزادە ئابدۇرېشىت كۆزىگە راستلا ئەزرائىلى بولۇپ كۆرۈندى ،شۇنداقتىمۇ ئۆزىگە مەدەت بېرىپ شۇنداق ئويلىدى:- ھەرقانچە بولسىمۇ تاغدەك بوي –بەستىم –سېھرى كارامەتلىرىم بىلەن بىر كىچىككىنە قۇرتچىلىك ئادەمىزاتتىن زەربە يىمەسمەن،نى-نى جادىگەر ئالۋاستىلار مەندىن پەشۋا يىگەن يەردە ئۇ قانچىلىك نىمىتى .
ئاندىن نېرىدىكى ئايلانمىسى نەچچە ئون غۇلاچ كەلگىدەك بىر قورام تاشنى قول سوزۇپلا قومۇرۋېلىپ،شاھزادە ئابدۇرېشىتنى باسۇرۇپ قويماقچى بولدى:- بۇ ساڭا قەۋرە تېشى بولسۇن-دەپ.
ئەمما شاھزادە ئابدۇرېشىتتەكتىن نەچچە ئونى بولسىمۇ باسۇرۇۋەتكىدەك تاش ئۇنىڭ قىلىچىغا دۇچكېلىپلا قۇمغا ئايلىنىپ،توزۇپ كەتتى،توزاڭ بېسىققاندا بىر تار مويىغىمۇ زەخمەت يەتمەي ،بەرجەس تۇرغان شاھزادە ئابدۇرېشىتنى كۆرۈپ،دىۋېنىڭ پانۇستەك كۆزلىرى چانىقىدىن ئېتىلىپ چىققىدەك چەكچىيىپ،يۈرىكى كۆكرەك قەپىزىنى يېرىۋەتكىدەك پوكۇلداپ كەتتى ،شۇنداقتىمۇ نېرىدىكى غولىغا نەچچە ئادامنىڭ قۇچىغى يەتمىگىدەك،سايىسى نەچچە ئون مو يەرگە بىر كەلگىدەك بىر قېرى دەرەخنى يۇلۇۋېلىپ،بېشىدىن ئايلاندۇرۇپ،شاھزادە ئابدۇرېشىتقا ئۇردى،ئەمما شاھزادە ئابدۇرېشىت قىلىچىنى بىرلا ئويناتتى ،شۇنچە يوغان دەرەخ چىش كولىغۇچتەك شىشىق-تەمەچكە ئايلىنىپ،شامالدا ئۇچۇپ كەتتى،يەنە ئۇنىڭغا زەررىچىلىك زىيان زەخمەت يەتمىدى.
ئۇنى يەنە ساقسالامەت ھالىتىدە كۆرگەن دىۋېنىڭ ئەمدى جېنى سىقىراپ،بېشى قېيىپ،كۆزلىرى قاراڭغۇلاشتى،تاغدەك بەستىدىن يامغۇردەك سوغۇق تەر قۇيۇلدى.
خەپ !-دىگىنىچە ئوڭ كاچىتىغا بىرنى ،سول كاچىتىغا بىرنى ئۇرۇپ،قوۋۇزىنى كۆپتۈردىدە :-پۈف!-قىلدى،ئاغزىدىن گۆرۈلدەپ ئوت پۈركۈلۈپ چىقتى ،بۇ ئوتقا دۇچكەلگەن تاشلارمۇ تارسىلداپ پارتلاپ،تېرىقتەك چېچىلدى،دەل-دەرەخ ،گىيا -چاتقاللار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە كۈلگە ئايلاندى،ئەمما شاھزادە ئابدۇرىشىت بولسا قالقاننىڭ ھېمايىسىدە ،ساقسالامەت قالدى ،قالقاندىن چاقنىغان نۇر پۈركۈلگەن ئوتنى توققۇز قەدەم نېرىدا توساپ قالدى.
دىۋە شاھزادە ئابدۇرېشىتنى يەنە تىرىك ھالىتىدە كۆرۈپ،غەزەپ تۈتۈنى دىماغلىرىنى ئۆرتىدى،كۆزلىرىگە قان قۇيۇلۇپ،ئەقىل تىزگىنى قولىدىن كەتتىدە ،كېلەڭسىز پۇتىنى كۆتىرىپ،شاھزادە ئابدۇرېشىتنى دەسسەپ،قۇرتتەك مىجىۋەتمەكچى بولدى،بىراق قىلىچقا دۇچكېلىپ،سىنچىلاق بارمىقى ئۈزۈلۈپ چۈشتى،شاھزادە ئابدۇرېشىت بولسا بىر سەكرەپلا يىراققا كېتىۋېلىپ،ئامان قالدى.
دىۋېنىڭ كېسىلگەن پۇت بارمىقى ئاق يەرگە چۈشۈپ قالغان بېلىقتەك پىلتىڭلاپ،پىلتىڭلاپ،سەكرەشكە باشلىدى،كېسىلگەن يەردىن بولسا يار ئېلىپ كەتكەن ئېقىننىڭ سۈيىدەك،شاقىراپ قاپقارا قان ئېقىشقا باشلىدى.
ھەي ئادەمىزات !-نالە قىلدى دىۋە جان ئاچچىقىدا :-جېنىم بەك  قىينالدى ،مەرد-مەردانە بولساڭ بوينۇمغا قىلىچ ئۇر ،تىزرەك جان بېرەي.
شاھزادە ئابدۇرېشىتنىڭ كۆڭلى يۇمشاپ،يەنە بىر قىلىچ ئۇرغىسى كەلدىيۇ ،لېكىن كۆتۈرۈپ بولغان قىلىچنى چاپماي توختىۋالدى،چۈنكى دىۋېنىڭ مېيىغىدا كۈلگىنىنى كۆرۈپ قالغان ئىدى.
دىۋە ئۇنىڭ توختاپ قالغىنىنى كۆرۈپ،كۆپ يېلىندى ،نالە –زار قىلدى ،لېكىن شاھزادە ئابدۇرېشىت مىت قىلمىدى،ئاخىرى دىۋېنىڭ قېنى ئېقىپ،ئېقىپ تۈگۈدى،تاغدەك بەستى غۇلاپ چۈشتى ،ۋە تىزلا لاپپىدە ئوت ئېلىپ،تىزلا كۆيۈپ كۈل بولدى،شۇچاغ دىۋېنىڭ ئاققان قانلىرى ئىچىدىن نىمىلەردۇر مىدىراپ،ئاستا-ئاستا باش كۆتۈرۈپ چىقتى ،ئۇلارنىڭ ھەممىسى دىۋە يەپ كەتكەن ھايۋانات –ئۇچار قاناتلار،ۋە باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ كۆلەڭگىدەك ئەرۋاھلىرى ئىدى،بىر شامال كەلدى ،ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كەتتى ،دىۋېنىڭ قېنى قۇرۇپ كەتتى.
شۇچاغ يولۋاسمۇ ئۇنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى-غەلىبە قىلدىم-دىدى مەغرۇرلۇق بىلەن .
ئەمدى يولىمىزغا ماڭايلى-دىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت .
توختاڭ ئەزىمەت !-دىگەن ئاجايىپ يېقىملىق ۋە ياڭراق  ئاۋاز كەلدى شۇچاغ تاغ تەرەپتىن.
شاھزادە ئابدۇرېشىت ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قالدى،تاغ تەرەپتىن بىر ئاق كەپتەر ئۇچۇپ كېلىپ،ئۇنىڭ قولىغا قونۇپلا بىر ئاق يىپەك رومالغا ئايلىنىپ قالدى.
ئۇنى ساقلاپ قويۇڭ-شۇنداق ئاۋاز كەلدى يەنە تاغ تەرەپتىن-پەرىلەر ئېلىگە بارار بولسىڭىز كېرەك بولىدۇ.
شاھزادە ئابدۇرېشىت ەپۈلدەپ خۇشپۇراق كېلىپ تۇرغان رومالنى بەلۋاغ قىلىپ باغلىدى،تاغدىن يەنە بىرتوپ ئاق كەپتەر ئاسمانغا ئۆرلەپ،چاقماق تىزلىكىدە ئۇچۇپ كەتتى.
ئۇلار قارا دىۋېگە ئەسىر بولغان پەرىلەر بولسا كېرەك –دىدى يولۋاس .
شاھزادە ئابدۇرېشىتنىڭ قەلبىدە شۇ پەرىلەرگە بولغان بىر ئىنتىلىش قالدى،بىراق قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى ئويلاپ ،ئۆزىگە ھاي بەردىدە ،ينە يولىغا راۋان بولدى.
يەنە ساق ئۈچ ھەپتە يول يۈردى ،ئاخىرى بىر كۆلگە دۇچكەلدى،ئەمىلىيەتتە بۇ كۆل ئەمەس،بەلكى خانىقانىڭ داشقازىنىدەك قايناپ تۇرۇدىغان ،ئەمما تولىمۇ چوڭ بىر بۇلاق ئىدى .
كەلگەندەك قىلىمىز –دىدى يولۋاس –مانا بۇ قارا ئەژدىھانىڭ ماكانى.
ئۇ شۇنداق دىيىشى ،بۇلاق بىردىنلا بۇلدۇقلاپ قايناپ-تاشقىنلاپ،فونتان بولۇپ ئېتىلدىدە ،ۋېششىدە قىلىپلا فونتان بلەن قوشۇلۇپ،ئېنى بىر غۇلاچچە ،توملىقى ئارغامچىدەك ،قارا سىرغا چۆمۈلۈپ چىققاندەكلا قارا بىر كىچىك ئەژدىھا ئۇچۇپ چىقىپ گۆكىرىدى:-تەپتارتماستىن ماكانىمغا كېلىشكە جۈرئەت قىلغىنىڭدىن ئۆرگىلەي  ،يۈرىكىڭ ئەجەپ چوڭكىنا ،كەل ئادەمىزات ،مەن بىلەن ئېلىش ،مېنى ئۆلتۈرەلىسەڭ قۇتۇلغىنىڭ شۇ،بولمىسا مېنىڭ ئوزۇقۇم بولىسەن.
شاھزادە ئابدۇرېشىت قىلىچىنى سۇغۇراي دەپ يەنە توختاپ قالدى،چۈنكى ‹‹ئۆلتۈرۈپ يەڭگەندىن ،بويسۇندۇرۇپ يەڭگەن ئەۋزەل ››دىگەن پەندى-نەسىھەت ئېسىگە كەپ قالغان ئىدى .
قېنى كەل! –دىدى ئۇ يولۋاستىن چۈشۈپ.
ئەژدىھا بىر پىقىراپلا ئىككى باشلىق ،تۆت قوللۇق بىر دىۋېگە ئايلاندى ،ئۇلار ئېلىشتى ،چېلىشتى،ئاياغ ئاستىدىن توزۇغان چاڭ –توزاڭ ئالەمنى بىر ئالدى،ئاققان تەرلىرىدىن چۆلدە بىر ئېقىن پەيدا بولدى ،توپتوغرا ئۈچ كېچە –كۈندۈز توختىماي چېلىشقاندىن كىيىن ،دىۋە ھالسىراپ قالدى ،شاھزادە ئابدۇرېشىت بولسا چېلىشقانسېرى روھلىنىپ،ئاخىرى دىۋېنى دەس كۆتۈرۈپ،يەرگە ئۇردى ،دىۋەنىڭ جىسمى يەرگە نەقىش بولدى،شاھزادە ئابدۇرېشىت گېلىغا دەسسەپ،بوغۇزىغا قىلىچ تەڭلىدى :-سەن بىلەن ئاداۋېتىم يوق ،بىكاردىن بىكار ئۆلتۈرۈشكە قولۇم بارماس ،خالىساڭ تىرىك قالدۇراي،دوست بولايلى،خالىمىساڭ دۈشمىنىم بىلىمەن،ئۆلۈمگە ھازىرلان.
دوستۇڭ بولاي –دىدى دىۋە :-ئۆزۈمنى جاھاندا بىر دەپ مەغرۇرلىنىپ،كۈچۈمنىڭ زورلىقىدىن پەخىرلىنىپ يۈرەتتىم،غوجامنىڭ غوجىسى ،چامغۇرنىڭ ئورىسى بارلىقىنى بىلدىم،مېنى يەڭگەن تۇرۇپمۇ دوست بولۇشنى خالىدىڭ،بۇ مەن ئۈچۈن شەرەپ.
شاھزادە ئابدۇرېشىت خۇشاللىق بىلەن قىلىچىنى يىغىشتۇرۇپ،دىۋېنى تارتىپ تۇرغۇزدى،دىۋە بىر پىقىراپلا قارا ئەژدىھا سىياقىغا ئۆزگەردى.
بۇ دىيارغا كېلىشتىن مۇددىئايىڭ نىمىدى ؟-سورىدى ئۇ .
كىچىك ئاچام مەلىكە كەرىمەنى تېپىش ئىدى –دىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت .
مەلىكە كەرىمە –دىگەننى ئاڭلاپلا ئەژدىھا قاتتىق بىر- ئاھ!- تارتتى،ئاغزىدىن ئوت ،بۇرنىدىن تۈتەك پۇرقۇلۇپ چىقتى،ئەمما ھېچنەرسىگە زەرەرى يەتمىدى.
ئۇنى تىلغا ئالمىساڭ بولاتتى،چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئاشىق،شۇ سەۋەپلىك سۆك-سۆك جادۇ بىلەن ئۈچ ئاي جەڭ قىلدىم،نەچچە ئۆلۈمدىن ئاشتىم،ئاىىرى سۆك-سۆك جادۇغا ئۆلۈم شەربىتى ئىچۈردۈم،ئۇنىڭغا مالاي بولغان مەلىكە كەرىمەنى ئۆز ئەركىگە سۇلتان قىلدىم،ئەمما ئۇ مېنى ياقتۇرمىدى،شۇ سەۋەپلىك مانا ئۈچ يىل بوپتۇ ،ئاھۇ- پەريات چېكىپ،كۆز ياشلىرىمدىن ھاسىل بولغان بۇ بۇلاقنى ماكان قىلدىم،ئىلگىرى چۈشۈمدە بىرى ‹‹كۆز يېشىڭدىن بۇلاق ھاسىل بولغاندا مۇرادىڭغا يول ھازىرلىنىدۇ ››دىگەنىدى،مانا كورۈپ تۇرۇپسەن،بۇلاقمۇ ھاسىل بولدى،لېكىن مۇرادىم يولى ئېچىلغىنىنى كۆرمىدىم ،بەلكى تاسلا  قالدىم قولۇڭدا ھالاك بولغىلى.
 
 
ئۇزۇن گەپنى قىسقا قىلىپ،ئاچامنىڭ قەيەردىلىكىنى ئەيتقىن –دىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت .
مەلىكە كەرىمە بۇلۇت قەسرىدە ،كۆرگىم كەلسە چىقىپ قەسىر دېرىزىسىدىن قارايمەن،بىر كۆرۈنۈپ قويۇپلا يوقايدۇ،شۇنىڭغا قانائەتلىنىپ يېنىپ چۈشۈمەن –دىدى قارا ئەژدىھا.
مېنى بۇلۇت قەسرىگە ئېلىپ چىق –دىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت .
قارا ئەژدىھا دەرھال بۇلۇتقا ئايلىنىپ،شاھزادە ئابدۇرېشىتنى ئۈستىگە ئالدى ،ئۇچۇپ كەتتى،كۆك قەھرىگە ئۆرلەپ تاغدەك زور بىر ئاق بۇلۇت ئۈستىگە قوندى،بۇلۇت ئۈستىدە بىر خىشى ئالتۇن ،بىر خىش كۈمۈشتىن بولغان ،تۈرلۈك گۆھەر تاشلار بىلەن بىزەلگەن ،تولىمۇ كۆركەم -ھەشەمەتلىك بىر كىچىك قەسىر بار ئىدى،شاھزادە ئابدۇرېشىت  قەسىر ئالدىغا چۈشتى ،قارا ئەژدىھا ئەسلىگە كېلىپ:-مەن سېنى بۇيەردە كۈتۈمەن ،چۈنكى ئۇنىڭ مېنى كۆرەر كۆزى يوق،ئۆزۈڭ كىرىۋەر –دىدى مەيۈسقىنا .
شاھزادە ئابدۇرېشىت قەسىر ئىشىكىنى چەكمەكچى بولۇپ ،قول سوزۇشى ئىشىك ئۆزىلا ئېچىلىپ قەسىرگە كىردى، قەسىر تكرىدىكى ئالتۇن تەخت ئۈستىدە قات-قات يىپەك كىيىملەرگە ئورىنىپ دىلى غەملىك كۆزلىرى نەملىك خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغان ساھىپجامال قىزنى كۆردى، تومۇرلىرىدا قېرىنداشلىق مېھرى-مۇھەببەت ئېقىنى جۇش ئۇردى. ئۇنىڭ ئاياغ تىۋىشى قىزنى خىيال دېڭىزىدىن قۇتۇلدۇردى. قىز ئۇنىڭغا بىرلا قارىدى، كۆزلىرى نۇرلىنىپ، چېھرىگە شاتلىق كۈلكىسى يۈگۈردى،-ئاھ! قېرىدېشىم،جىگىرىم...-دىگىنىچە تەختتىن چاچراپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سالدى، بۇلاقتەك كۆزلىرىدىن خوشاللىق ياشلىرى راۋان بولدى.
ئۇلار خېلى ئۇزۇنغىچە ھال-ئەھۋال سورىشىپ سەرگۈزەشتىلىرىنى بايان قىلىشىتى. ئاندىن قول تۇتۇشۇپ قەسىردىن چىقتى. ئەمما قارا ئەجدەرھانى كۆرۈپلا مەلىكە كەرىمەنىڭ ئايدەك چېھرى قاتىدىن تۇتۇلدى، قارا ئەجدەرھا بولسا بىچارىلىق بىلەن مۆلدۈرلەپ قالدى.
بىزنى زىمىنغا ئېلىپ چۈش-دىدى شاھزادە ئابدىرىشىت. قارا ئەجدەرھا بىر سىلكىنىپلا يەنە بۇلۇتقا ئايلاندى، شاھزادە ئابدىرىشىت بىلەن مەلىكە كەرىمە ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇردى، بۇلۇت ئاستا-ئاستا تۆۋەنلەپ، بۇلاق بويىغا قوندى.
بىزگە بىر باغ بىنا قىل-دىدى شاھزادە ئابدىرىشىت قارا ئەجدەرھاغا. قارا ئەجدەرھا دەرھال بارا قۇيۇنغا ئايلىنىپ-غۇي!- كېتىپ ،غۇي!- كېلىپ، ھەر كېلىشىدە ئاجايىپ-غارايىپ گۈل-گىيا، دەل-دەرەخلەرنى يىلتىزى توپىسىدىن ئايرىلمىغان ھالدا ئالغاچ كەلدى. بىر ساتتىلا ھەدى-ھىساپسىز كۆچەت يىغىلدى، ئاندىن سېپى تۈۋرۈكتەك، دەستۇرخاندەك يوغان بىر كەتمەن پەيدا قىلىپ، ئۆزى گىگانت دىۋىگە ئايلاندى-دە، چۆل باغرىدىن ھەر چېپىشىدا بىر ئۆي ئورنىدەك ئورەك كولاپ كۆپ تەر ئاققۇزدى، ھەر ئورەككە بىردىن كۆچەتنى سېلىپ، ئاز ۋاقىتتىلا چۆل قوينىدا بىر باغۇ-بوستان بەرپا قىلدى. ئاندىن يەنە ئۇچۇپ كېتىپ،بىر توپ قارا بۇلۇتنى ھەيدەپ كەلدىدە ،ئۈچ ئاش پىشىمغىچە چىلەكلەپ قۇيغاندەك شاقىرىتىپ .خاسىيەتلىك يامغۇر ياغدۇرۇۋەتتى،يامغۇر توختىغاندا بولسا كۆچەتلەر بۈك –باراخسان كۆكلەپ،شاخ-شاخلىرى ھەرتەرەپكە غۇلاچ يېيىپ،ھەرشېخىدا مىڭلاپ رەڭدار چېچەكلەر ئېچىلدى،ۋە يەنە تىزلا مىۋېلەر غورا بولدى،گۈل-گىيالار بوي تارتىپ ،ئۆسۈپ،تىزلا يەنە ھەرشېخىدا ئونلاپ غۇنچە بولدى،ئارقىدىن يەنە قارا ئەژدىھا ھەرتەرەپتىن بۇلبۇل –تورغاي،قىرغاۋۇل-كەكلىك،كاككۇك-زەينەپ،توز-تۇتى،ئاققۇ-تۇرنا ....دىگەندەك خۇشئاۋاز قۇشلار ۋە  كۆركەم ئۇچار قاناتلارنى ،كىيىك –بۇغا،جەرەن-توشقان ...دىگەندەك جانىۋارلارنى ئۇچۇرۇپ كېلىپ،باغۇ –بوستانغا قويۇۋەتتى،ئالامەت ۋە كارامەت ،چەت-ياقىسىغا كۆز يەتكۈسىز بىر ئېرەمباغ پەيدا بولدى،تېخى ئەتراپى نەچچە ئون غۇلاچ ئىگىزلىكتە،ئۈچ ئاتلىق بىمالال ياندىشىپ بەيگىگە چۈشسىمۇ بولغىدەك كەڭلىكتە مۇستەھكەم سېپىل بىلەن قورشالغان ئىدى
قارا ئەژدىھا  دىۋە ھالىتىدە شۇ ئىشلارنى قىلىپ تۈگەتتى،ئەمما ئۆزى قاتتىق چارچاش تۈپەيلى ،كۈچ-ماغدۇرى قۇرۇپ،باغنىڭ بىر بۇلۇڭىغا يىقىلىپ قالدى،شاھزادە ئابدۇرېشىتمۇ،مەلىكە كەرىمەمۇ ئۇنىڭ بۇ ھالدىلىقىنى بىلمەي قالدى،بەلكى يەنە گۈل-گىيا ،دەل-دەرەخلەردىن ياكى ھايۋانات-ئۇچار قاناتلاردىن ئېپكەلگىلى يا كوھىقاپقا ،ياكى باشقا ياققا كەتكەندۇ دەپ ئويلاپ قېلىشتى.
ئىككىسىنىڭ كۈنلىرى باغدا خوشال –خورام ئۆتمەكتە ئىدى،شۇھالدا مىۋېلەر پىشار ،غۇنچىلار ئېچىلار مەزگىلمۇ بولدى،ئەمما شۇ مىنۇتلار مەلىكە كەرىمە باغدىكى زىلال چەشمە بويىدا ئولتۇرۇپ،چاچ تاراۋېتىپ،سۇدىكى شولىسىنى كۆردىدە،بىردىنلا قوشكېزەك ئاچىسى مەلىكە نادىرەنى ئەسلەپ قالدى،ئىختىيارسىز كۆزلىرىدىن ياش راۋان بولدى،شۇ ھامان پارلاپ تۇرغان قوياش بۇلۇتلار قوينىغا پىنھان بولۇپ،ھاۋا تۇتۇلدى،مەلىكە كەرىمە قاتتىق بىر :-ئاھ!-ئۇرغانىدى،ھاۋا تۇتۇلدى ،ئارقىدىنلا ئاۋۋال يامغۇر،ئاندىن مۆلدۈر ياغدى،قارا قۇيۇنلار قۇتراپ ،باغدىكى پىشىش ئالدىدا تۇرغان مىۋېلەر شاخ-شاخلىرىدىن تورۇكلاپ تۆكۈلدى،ئېچىلاي دىگەن گۈل-غۇنچىلارمۇ بېغىشلىرىدىن سۇنۇپ،خاراپ بولدى.
شاھزادە ئابدۇرېشىت ئۇنى ئىزلەپ كېلىپ ،كۆزلىرى نەملىك ،ۋە دىلى غەملىك ھالدا كۆرۈپ سورىدى:-سېنى كىم خاپا قىلدى،قېنى دىگىنە ،سېنى يىغلاتقاننىڭ كۆزلىرىنى كور قىلاي،دىلىڭنى رەنجىتكەننىڭ يۈرىكىنى قان قىلاي.
ھېچكىم يىغلاتقېنى ،ھېچكىم رەنجىتكېنى يوق،پەقەت ئاچام نادىرە ئېسىمگە كېلىپ ،يىغلاپ قالدىم،ئۇھازىر نەدىدۇ،نىمە كۈنلەرنى كۆرۈۋاتقاندۇ بىلمىدىم-دىدى مەلىكە كەرىمە ھەسرەتلىك تىنىپ.
چوڭ ئاچامنى قامغاق جادۇ تۇتۇپ كەتكەن ئىكەن-دىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت –بىراق قامغاق جادۇنىڭ بارار-تۇرار جايىنىڭ تايىنى توقمىش ،مۇقىم بىر ئورۇندا تۇرماسمىش ،دېرىكىنى ئالالماي ئاۋارەمەن،غەم قىلما ،بىزنى جەم قىلغان ئۇلۇغ خۇدا ئۇنىڭ بىلەنمۇ دىدارلىشىشنى نېسىپ قىلغاي.
ئۇلار قول تۇتۇشۇپ،قارا ئەژدىھا بىنا قىلىپ بەرگەن ھەيۋەت-ھەشەمەت ،كۆركەملىكتە جاھاندا يىگانە سارىيىغا ياندى،كېتىۋېتىپ،بوي- تۇرقى شاھزادە ئابدۇرېشىتتەك ئاجايىپ قاملاشقان،ئەمما رەڭگى –رۇخسارى كۆمۈردەك قارا  بىر يىگىتنى ئۇچراتتى ،يىگىت ئۇلارنى كۆرۈپ،بىر چەتكە ئۆتۈپ قول باغلاپ تۇردى.
كىمسەن؟-سورىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت .
قارا ئەژدىھا باغنى پەرۋىش قىلىشقا ئېپكەلگەن قۇلۇڭلارمەن –دىدى يىگىت مۇلايىم، ئەمما خويمۇ مەيۈسلىك بىلەن.
كۆڭلىڭنى ئازادە تۇت –دىدى مەلىكە كەرىمە ـ ئۆزۈڭنى قۇل ئەمەس ،باغۋەن بىلگىن ،ئەجرىڭدىن گۈللەر ئېچىلسا سۆيۈنگىن،سەنمۇ بىزدەك ئىنسانكەنسەن،ئۆزىڭنى ھەرگىز بىزدىن تۆۋەن كۆرمىگىن.
يىگىت چېھرىگە كۈلكە يەگرەپ ئۇلارغا ئەگەشتى،شۇندىن كىيىن باغدا بار ئىمكانىچە ياخشى ئىشلەپ،ەۈل-كۆچەتلەر پەرۋېشى بىلەن بولدى،شۇنداق قىلىپ،ئارىدىن يەنە بىر يىل ئۆتتى،يەنە مىۋېلەر پىشار ،گۈللەر ئېچىلار مەزگىل بولدى،ئەمما   شۇ  مەزگىلدە، چۈشى بۇزۇلۇپ قوپقان مەلىكە كەرىمە يەنە كۆزلىرىدىن باھار بۇلۇتىدەك ياش قۇيۇلۇپ،بىر –ئاھ !-تارتتى ،شۇ ھامان يەنە ھاۋا بۇزۇلۇپ ،ئاسماننىڭ تېگى تېشىلگەندەك شاقىراپ يامغۇر قۇيۇلۇپ،ئارقىدىن مۆلدۈرلەر تۆكۈلۈپ،قارا قۇيۇنلار قۇتراپ،پىشاي دىگەن مىۋېلەر يەنە تۆكۈلۈپ تۈگەپ،غۇنچىلار بېغىشلىرىدىن ئۈزۈلۈپ تۈگىدى .
شۇ ھالدا يەنە نەچچە پەسىل ئۆتۈپ كەتتى،بۇ باغدا يىلدا بىر ئەمەس ،بەلكى ھەر پەسىلدە بىر مىۋېلەر پىشار ،گۈللەر ئېچىلار ئىدى،ئەمما ھەرقېتىم ۋاختى كەلگەندە مەلىكە كەرىمە ئاچىسىنى ئەسلەپ يىغلار ئىدى،شۇنىڭ بىلەن تەڭ باغمۇ خاراپ بولار ئىدى،بۇ ئىش تەكرار يۈزبېرىۋەرگەندىن كىيىن ،بىر كۈنى باغدىكى جان –جانىۋارلارغا ۋاكالىتەن،ئىنسان تىلىدا سۆزلىيەلەيدىغان شاتۇتىلاردىن بىرى شاھزادە ئابدۇرېشىتقا ئەرز قىلدى:-ئەزىمەت بولساڭ ئاچاڭ مەلىكە نادىرەنىمۇ تاپ،مەلىكە كەرىمەنى غەم-قايغۇدىن خالاس قىل،ھەرقېتىم مىۋېلەر پىشار ،گۈللەر ئېچىلار مەزگىلدە ئۇنىڭ بىر يىغىسى بىلەن ،ھاۋا كېلىماتى ئۆزگىرىپ،پىشاي دىگەن مىۋېلەر تۆكۈلۈپ،گۈللەر نابۇت بولىۋاتىدۇ،جان-جانىۋارلارنىڭ  رېسقىغا ۋابال بولىۋاتىدۇ،تىزرەك بىر ئامال قىلمىساڭ ئۇلارنىڭ قارغىشىغا قالىسەن،مەلىكە نادىرەنىمۇ مەڭگۈ تاپالمايسەن.
مەنمۇ شۇ ئىشنىڭ كويىدا ،لېكىن ئاچامنى بۇلاپ قاچقان قامغاق جادۇنىڭ دېرىكىنى ئالالماي تۇرۇپ قالدىم،ھازىر پۈتۈن ئېسىيادىم شۇ ئىشتا –دىدى مەيۈسلىك بىلەن.
بۇنىڭ يولىنى باغۋەن يىگىتتىن  سورا –دىدى شاتۇتى-ئۇنىڭ تەلىپىنى راۋا قىلساڭ ،ئۇ ساڭا يول كۆرسىتىدۇ.
شاھزادە ئابدۇرېشىت دەرھال باغۋەن يىگىتنى ئىزلەپ ماڭدى،ئۇنى بىر بۇلۇڭدىن ،كۆز ياشلىرىدىن ھاسىل بولغان يېڭى بىر بۇلاق بويىدىن تاپتى.
نىمىگە يىغلايسەن ؟-سورىدى ئەجەپلىنىپ.
كۆز ياشلىرىمدىن ئىككىنچى بىر بۇلاقمۇ ھاسىل بولدى،تولا يىغلاپ كۆزلىرىممۇ كۆرمەس بولدى،ئەمما تېخىچە مۇرادىمغا يېتەلمىدىم –دىدى يىگىت.
ئسلى سەن ھېلىقى قارا ئەژدىھاكەنسەندە-دىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت خوشاللىق بىلەن:-نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سېنى نەگە كەتتىكىن دەپ ھەيران ئىدىم ،سېنى باغۋەن دەپلا بىلىپ كەلگەنىدىم،ئەمدى يىغلىما ،ھېلىھەم بولسىمۇ سېنى مۇرادىڭغا يەتكۈزۈشكە تىرىشىمەن.
ئاندىن ئۇنى يېتىلەپ مەلىكە كەرىمەنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى،ۋە شۇنداق دىدى –ئۇنىڭ ھالىغا رەھىم قىلغىن،ئىشقى- پىراقىڭدا كۆز ياشلىرىدىن بۇلاقلار ھاسىل بوپتۇ،كۆزلىرىمۇ كۆرمەس بوپتۇ،ھەرتىنىقىدا ئېغىز- بۇرنىدىن ئوت يېنىپ تۇرۇدۇ،يەنە رەت قىلساڭ ،ۋاپاغا جاپا قىلغان بولىمىز ،ياراتقان ئىگىمىزنىڭ غەزىپىگە دۇچ كېلىمىز .
ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ھالىتىنى ياقتۇرمىغان ئىدىم،ئادەمىزات نەسلىدىن تۇرۇپ،دىۋىگە ياكى ياكى بىر مەخلۇقاتقا جۈپ بولۇشنى راۋا كۆرمىگەن ئىدىم،ھازىر ئۇمۇ ئادەمىزات پەرزەنتىگە ئايلىنىپتۇ،ئەمدى يەنە ياق دىيىشكە باھانە –سەۋەبىم  يوق-دىدى مەلىكە كەرىمە  قولرومىلىدا مېھرىۋانلىق بىلەن باغۋەن يىگىتنىڭ ياش لىغىرلاپ تۇرغان كۆزلىرىنى سۈرتۈپ .شۇ ھامان باغۋان يىگىتنىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ،ۋاللىدە ئېچىلىپ كەتتى،چېھرىدە خوشاللىق ئاپتىۋى پارلىدى.
ئاۋۋال ئاچام مەلىكە نادىرەنى تاپاي،ئاندىن ئىككىڭلار ئۈچۈن نىكاھ ئوقۇتۇپ،كاتتا توي –تاماشا بىلەن بېشىڭلارنى قوشۇپ قوياي-دىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت .
ئىلگىرىكى كۈچ –قۇدرىتىم ھازىر  يوق-دىدى باغۋەن يىگىت مەيۈسلىنىپ-بولمىسا قولۇڭغا قول،پۇتۇڭغا پۇت بولۇپ،ئىشلىرىڭنى ئاسان قىلاتتىم.
ھېچقىسى يوق –دىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت –ماڭا قانداق قىلىشنى ئېيتىپ بەرسەڭلا بولدى.
باغۋەن يىگىت بىر ھازا ئارېسالدى بولۇپ تۇرۇپ كېتىپ،ئاندىن شۇنداق دىدى-بۇ بىر سىر ئىدى،ئاڭلا ،چاھارباغنى بىنا قىلغاندا بىر تال قامغاق ئۇرۇغى شامالدا ئۇچۇپ كېلىپ،يەرگە كىرىپ كەتكەن،كىيىن بىخلاپ مايسا بولغان ئىدى،بىراق  يىلتىز تارتقان جايدا   مۇقىم تۇرماي ،سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ،پىقىراپلا يۈرەتتى،ئۇنى تېپىپ ،ئۈچ قېتىم يەرگە ئۇرساڭ...
ئۇنىڭ سۆزى شۇ يەرگە يەتكەندە بىردىنلا جىسمى تاش بولۇپ قېتىپ قالدى،مەلىكە كەرىمە بىلەن شاھزادە ئابدۇرېشىت ئاھ ئۇرۇپ قالدى.
ئۇنى چوقۇم ئەسلىگە كەلتۈرۈمەن –دىدى مەلىكە كەرىمەقەسەم قىلىپ –بۇ ئۆمرۈمدە بىر ئۇنىلا جۈپتى –نىگارىم بىلىمەن،مەن بىر ئۇنىڭغىلا تەئەللۇق.
ئاندىن ئۇ شاھزادە ئابدۇرېشىت بىلەن باغ ئارىلاپ يۈرۈپ كەتتى،ئۈچ كېچە –كۈندۈز توختىماي ئىزلىدى،ئاخىرى تاپتى ،كۆپ ھەرەج تارتىپ تۇتۇۋالدىدە،يەرگە ئۈچ قېتىم ئۇردى،شۇ ھامان قامغاق-خەپ سېنى!،خەپ سېنى!...-دىگىنىچە كۆزدىن غايىپ بولدى،ۋە ھايالسىزلا قاياقتىندۇر بىر قول يىلاندەك سوزۇلۇپ كېلىپ،شاھزادە ئابدۇرېشىتنى بېلىدىن قاماپ تۇتۇپ كەتتى.
مەلىكە كەرىمە دەرھال بىر سۈپۈرگىگە مىنىپ،قوغلاپ ئۇچۇپ كەتتى،ھايالسىزلا قولنىڭ ئىگىسىگە، يۈزىگە نىقاپ تاقىۋالغان بىر قىزغا يېتىۋالدى،نىقاپلىق قىز بىر كۆتەككە ئولتۇرۇپ،شاھزادە ئابدۇرېشىتنى سۇمبۇل چاچلىرىدا باغلاپ،كۆتەكنىڭ بىر پۇتىقىغا ئولتۇرغۇزۇپ،ئۇچۇپ كېتىۋاتاتتى.
مەلىكە كەرىمەمۇ سۇمبۇل چاچلىرىنى سالما قىلىپ تاشلىدى،نىقاپلىق قىز سالمىغا چىرمىلىپ قالغىچە ،بىر ئەينەكنى تاشلىدى،ئەينەك مۇزتاغقا ئايلىنىپ،ئارىنى توسۇۋالدى،مەلىكە كەرىمە دەرھال،ياقىسىدىن بىر يىڭنىنى ئېلىپ،مۇزتاغقا سانچىدى،مۇزتاغ چاراسلاپ يېرىلىپ،يول ئېچىلدى،تېخىمۇ تىز ئۇچۇپ،يېتىۋالاي دىگەندە ،نىقاپلىق قىز كەشتىلىك رومىلىنى تاشلىدى،يەر يۈزىدە گۈل –گىيالار پەيدا بولۇپ،ئاسمان پەلەككىچى ئۆسۈپ-ئىگىزلەپ ،مەلىكە كەرىمەنىڭ يولىنى توستى.
مەلىكە كەرىمە قەھرىۋا مارجېنىنى ئېلىپ تاشلىدى،قەھرىۋالار يەرگە چۈشۈپلا ئۆيدەك-ئۆيدەك يوغىناپ،دۇمۇلاپ يۈرۈپ،يول توسقان گۈل-گىيالارنى چەيلىۋەتتى،يول ئېچىلدى.
كەچۈرۈڭلار گۈللىرىم-دىگىنىچە مەلىكە كەرىمە قوغلاشنى داۋام قىلدى،ئەمما يېتىۋالاي دىگەندە ،نىقاپلىق قىز كەينىگە ئۆرۈلۈپلا بىر چاەال قۇمنى چاچتى،مەلىكە كەرىمە ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۈلگۈرمەيلا ،قۇم دانچىلىرى جىسمىغا ئۇرۇلغان   ھامان تاشقا ئايلىنىپ ،چۆل باغرىغا پوككىدە چۈشتى.
باغلاغلىق شاھزادە ئابدۇرېشىت بۇنى كۆرۈپ،غەزەپ ئاچچىقىدا كارامەت بىر زورۇقتى،بىلەكتەك توملۇقتىكى ،قۇندۇزدەك قارا چاچلاردىن ھاسىل بولغان ئارغامچا پارسىلداپ ئۈزۈلدى.
ئۇ بوشىنىپلا نىقاپلىق قىزغا چاڭ سالدى،  قىزنىڭ نىقاۋى ئېچىلىپ كېتىپ، كۆز ئالدىدا يەنە بىر مەلىكە كەرىمە زاھىر بولدى،ئىختىيارسىزلا توۋلىدى :- ئاچا ،بۇ سەنمۇ؟! –دەپ،شۇنىڭ بىلەن تەڭ بۇلاقتەك كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى،ياش تامچىلىرى ئۇنىڭ ياقىسىغا چاڭگال سالغان قىزنىڭ ئاپپاق ۋە نازۇك-يۇمران قوللىرىغا چۈشتى،شۇ ھامان قىز ئەندىكىپ قوللىرىنى تارتتى،جىسمىدىن بىر ھور كۆتۈرۈلگەندەك بولۇپ،قەھرى –غەزەپلىك ئەلپازىدىن ياندى،مۇلايىملىشىپ،بىر ھازا شاھزادە ئابدۇرېشىتقا ،ۋە ئۇنىڭ پىشانىسىدىكى نۇرلۇق يۇلتۇزىغا زەن قويۇپ قاراپ كەتكەندىن كىيىن،بىردىنلا چېھرى ئاپتاتەك ۋاللىدە ئېچىلىپ:- ئاھ ئىنىم!،بۇ سەنمۇ ؟!-دىگىنىچە باغرىغا تاشلاندى،ئۇلارنىڭ كۆز ياشلىرى بىرلىشىپ،كۆتەكنى نەملىدى،نى زامانلاردىن بېرى تۇپراقتىن ئايرىلىپ،قاغجىراپ قۇرۇپ،چاك-چاك يېرىلغان كۆتەك بىردىنلا ياپ-يېشىل زۇمرەتتەك بىخ سۈرۈپ،ۋە تىزلا بىخلىرى نوتا بولۇپ،ئۇچىدا ئۈچتال  قىزىلگۈل غۇنچىسى پەيدا بولۇپ ،يەنە تىزلا تاۋاقتەك،تاۋاقتەكتىن پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتتى،ئاچا ئىنى؛لەرنىڭ چېھرىمۇ شاتلىقتىن شۇ قىزىلگۈللەردەك رەڭلىنىپ ئېچلىپ كەتتى.
ئۇلار ھال-ئەھۋال سورۇشۇۋېتىپ،مەلىكە كەرىمەنىڭ گېپى چىققاندا يەنە گۈلدەك چېھرى كۈل بولدى ،كۆتەكنى كەينىگە قايتۇرۇپ،مەلىكە كەرىمەنىڭ تاشقا ئايلانغان جىسمى تاشلىنىپ قالغان يەرگە يېتىشتى،مەلىكە نادىرە  ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئېتىپ باھار بۇلۇتىدەك ياش تۆكتى-ئاھ سىڭلىم،ساڭا مەن زامىن بوپتۇمەن –دەپ،ئۇنىڭ پەريادى، ئاھۇ –زارىغا چىدىماي بىر ساتتىلا ئاسمان قوشۇلۇپ يىغلاپ،قوياش تۇتۇلدى،ئالەم-جاھاننى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى،شاھزادە ئابدۇرېشىتمۇ نى قىلارىنى بىلمەي كۆپ ھەسرەت چەكتى،يۈرەكلىرى تىلىندى ، شۇ ھالدا بىردىنلا مەلىكە نادىرەنىڭ يىغىسى چىپپىدە توختاپ قالدى،ئارقىدىنلا يامغۇر توختاپ،ھاۋا –جاھانمۇ سەلغىنە ئېچىلدى ،ئەمما قوياشنىڭ جامالى يەنىلا تۇتۇق ئىدى.
شاھزادە ئابدۇرېشىت بايقىدىكى مەلىكە نادىرەمۇ قوشكېزەك قېرىندىشىنىنىڭ تاشقا ئايلانغان جىسمىنى قۇچاقلىغان ھالدا ئۆزىمۇ تاشقا ئايلىنىپ قالغان.
ئۇ بىر ھازاغىچە داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدى،ئاندىن چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ،نەرە تاتقىنىچە زىمىنغا زەرپ بىلەن مۇشلىدى،زىمىن تەۋرەپ توختىدى،قاتتىق ئاھ تارتقانىدى ،ھاۋا گۆلدۈرلەپ ،ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چېقىلدى،شۇچاغ چاقماق چۈشكەن بىر قورام تاش ۋاققىدە يېرىلدىدە ،ئىچىدىن بىر يېشىل قۇرت نالە قىلدى :-ئەي ئادەمىزات ،نىمىشقا ئورۇنسىزلا زىمىنغا زۇلۇم قىلىپ،نەرە تارتىپ،بىزنى ئارامىمىزدا قويمايسەن،دۈشمىنىڭ قامغاق جادۇدۇر ،ئۇ قىزى گۈلنىگارنىڭ تەلىپى بىلەن چوڭ ئاچاڭنى سېھىرلەپ،سېنى تۇتۇپ كېلىشكە ئەۋەتكەن ئىدى،چوڭ ئاچاڭ سېھىرلەنگىنىچۈن سېنىمۇ ،كىچىك ئاچاڭنىمۇ تۇنۇمىدى ،شۇ سەۋەپلىك ئۆز سىڭلىسىنى تاشقا ئايلاندۇرۇپمۇ قويدى،ئارقىدىن سېنىڭ كۆز ياشلىرىڭ ،قېرىنداشلىق مېھرىڭ سەۋەپلىك سېھىردىن خالاس بولۇپ،قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلدى،پۇشايمان ئوتىدا پۇچۇلىنىپ،ئۆزىمۇ تاشقا ئايلىنىپ قالدى،بۇلارنىڭ ھەممىسىگە قامغاق جادۇ بىلەن قىزى سەۋەپچى،كەت ،تىزكەت ،بىزنى ئارامىمىزدا قوي ،ئۇلارنى ئىزلە ، بولمىسا ئاجىزلارنىڭ قارغىشىغا قالىسەن،ئىشلىرىڭ ۋۇجۇتقا چىقمايدۇ.
كەچۈرگىن-دىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت –ئۆزەمنى  باسالمايلا قالغان ئىدىم.
شۇ چاغ بىر تورغاي پەيدا بولۇپ،چۇ-چۇ...لاپ سايرىغىنىچە بىر تەرەپكە ئۇچۇپ كەتتى.
تىز ئۇنىڭغا ئەگەش !-دىدى يېشىل قۇرت –ئۇ سېنى قامغاق جادۇنىڭ ماكانىغا باشلايدۇ،قامغاق جادۇنى بويسۇندۇرۇپ ،بىر تال چېچىنى يۇلۇۋالالىساڭلا ئاچىلىرىڭنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيسەن،تىز ماڭ،ئالدىڭغا يولۇققان ھەرقانداق مۈشكۈل خەتەردىن باش تارتما ...
شاھزادە ئابدۇرېشىت ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرىلىشىشنى كۈتمەيلا   دەرھال ئۆزىدىن يىراقلىشىۋاتقان بوزتورغاينى قوغلاپ ،ئۇچقاندەك يۈگرەپ  كەتتى،ئەمما بوزتورغاينىڭ سۈرئېتى خىيالدىنمۇ تىز ئىدى ،يېتەلمىدى ،پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تېپىرلاپ تۇرغىنىدا ،بىردىنلا يېنىدىلا بىر ئالتۇن رەڭلىك قۇيۇن پەيدا بولۇپ،قۇيۇن ئىچىدىن ،ھېلىقى خەزىنىدە كېپەك ئالتۇندىن پەيدا بولغان دىۋە چىقىپ كەلدى.
ئۇنىڭغا مەخلۇقات جۈملىسىدىن ھېچنىمە يېتەلمەيدۇ-دىدى ئۇ شاھزادە ئابدۇرېشىتنى پەپىلەپ-ئەمما كۆڭلىڭنى يېرىم قىلما ،ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىش ،ساڭا يول كۆرسىتىشىنىڭ ئامالىنى قىلىمەن،بۇ ساڭا قايتۇرغان ياخشىلىقىم بولسۇن،ئېسىڭدە بولسۇن ھېچقاچان ياخشىلىق يەردە قالماس .
ئاندىن ئۇ ئالقىنىنى ئېچىپ،يەرگە بىرنىمىلەرنى چاچتى،چۆل- باياۋان باغرىدا بىر مودەك يەردە تىزلا زۇمرەتتەك يېشىل بىخچىلار باش چىقىرىپ،يەنە تىزلا مايسا بولدى،ئارقىدىن ئاسماندا بىر ئالتۇن رەڭلىك بۇلۇت پەيدا بولۇپ،ئالتۇن سۈيىدەك يامغۇر تۆكتى،يامغۇر سۈيىگە تويۇنغان مايسىلار ئادەم بويى ئىگىزلىكتە بوي تارتىپ،باشاقلىدى،قوياش كۈچلۈك نۇر چېچىپ،چۆل باغرىنى تونۇردەك قىزىتىۋەتتى،باشاقلار تىزلا ئالتۇندەك سارغىيىپ،پىشىپ ۋايىغا يەتتى،شۇ چاغ دىۋە بىرلا  پۈۋلىدى،باشاقلاردىكى ئالتۇن دانلار قاسراقلىرىدىن ئاجراپ،ئۈنچە- مارجان بولۇپ چېچىلدى،يەرگە چۇشكەندە بىر يەرگە دۆۋە بولدى.
كۈتكىن –دىدى دىۋە –تورغايلار ئۇچۇپ كېلىشىدۇ،ئۇلاردىن يولباشلاش ۋەدسىنى ئالمىغىچە داننى يىگۈزمە .
ئاندىن ئۇ يەنە بىر لا پېقىراپ،ئالتۇنرەڭلىك قۇيۇنغا ئايلىنىپ ئۇچۇپ كەتتى.
ھايالسىزلا بىر تەرەپتىن- شاۋ-شۇۋ...-ئاۋاز ئاڭلىنىپ ،جاھاننى بىر ئالدى،ساغۇچ بىر بۇلۇت توپى يېتىپ كەلدى ،يېقىنلاشقاندا بۇلۇت ئەمەس ،بەلكى تورغايلار توپى ئىكەنى ئايان بولدى.
شاھزادە ئابدۇرېشىت دەرھال قىلىچ –قالقاننى پۇلاڭلىتىپ،تورغايلارنى ھۈركۈتۈپ،دانغا يېقىنلاشتۇرمىدى.
ئاخىرى تاقەتسىزلەنگەن تورغايلار توپىدىن بىرسى ئايرىلىپ چىقىپ،زۇۋانغا كەلدى-ئەي ئادەمىزات ،نىمە تەلىپىڭ بار ،قولىمىزدىن كەلسىلا بىجا  كەلتۈرەيلۇق،سەن بىزدىن داننى ئايىما ،بۇ چۆل – باياۋاندا رېسقى تاپماق بىزگە بەسى مۈشكۈل،بىر تال دانغا ئۇلاشساق بىر يىل توق يۈرىمىز ،
مېنى قامغاق جادۇنىڭ يېنىغا باشلاپ باساڭلارلا بولدى-دىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت .
بۇ سېنىڭ ئىشىڭ –دىدى ھېلىقى تورغاي بىر ھەمرىيىنى چوقۇلاپ تۇرۇپ-قېرىنداشلىرىڭنى ئاچلىقتىن ئۆلمىسۇن دىسەڭ ئۇنىڭغا يولباشلا .
بۇ بەك مۈشكۈل ۋە خەتەرلىك ئىدى-دىدى ھېلىقى تورغاي –لېكىن قېرىنداشلىرىم ئۈچۈن قوبۇل قىلدىم.
شاھزادە ئابدۇرېشىت قىلىچ –قالقاننى يىغىشتۇردى،تورغايلار زىمىنغا قوندى ،بىرتال دان قالدۇرماي كۆزنى يۇمۇپ –ئاچقىچى يەپ بولدى،ئاندىن ھېلىقى بىرسىلا قېلىپ،قالغانلىرى تاراپ كەتتى.
ماڭا ئەگەش –دىدى تورغاي –نەگە باشلىسام شۇيەرگە بار،ئوتقا كىرسەم ئوتقا ،سۇغا شۇڭغىسام سۇغا كىر ،جان ۋەھىمىسىدە ئىككىلىنىپلا قالساڭ تۈگەشكىنىمىز شۇ.
سۆزى تامام بولغان ھامان بىر تەرەپكە ئۇچۇپ كەتتى،شاھزادە ئابدۇرېشىت ئۇنى قوغلاپ يۈرۈپ كەتتى.
تورغاي گاھ ئوڭغا ئۇچتى .گاھ سولغا ،گاھ دۆڭگە باشلىدى ،گاھ ئويغا،گاھ ئوت دېڭىزىغا ئەكىردى ،گاھ دەريا- ئېقىنلارغا ،لېكىن سۈرئېتى شاھزادە ئابدۇرېشىت يېتىشىپ ماڭغىدەك دەرىجىدە ئىدى،شاھزادە ئابدۇرېشىتمۇ توختاپ قالماي ،ۋە ئىككىلىنىپمۇ يۈرمەي ،ئوڭغا يۈرسە ئوڭغا .سولغا يۈرسە سولغا  بۇرۇلۇپ ،دۆڭگە باشلىسا يامىشىپ،ئويغا باشلىسا دۇمۇلاپ،ئوت دېڭىزىغىمۇ تەمتىرىمەي تاشلىنىپ،دەريا –ئېقىنلارغىمۇ ھاڭۋېقىپ  قالماي  سەكرەپ،تورغاينىڭ قۇيرىقىنى نىشانلاپ ماڭىۋەردى.
ئۇنى نە ئوت كۆيدۈرمىدى،نە سۇ ئاقتۇرۇپ كەتمىدى،ئاخىرى ساق-سالامەت يەنە بىر چۆل –باياۋانغا چىقىپ قالدى،ئۇ يەردە ئۆيدەك يوغان بىر تونۇر يولۇقتى،تونۇر بېشىدا بىر موماي لايدا يۇغۇرغان خېمىرنىڭ نانلىرىنى قولىنى رېپىدە قىلىپ،دوزاخ ئوچىقىدەك ئوت كۆيۈپ ،قىززىپ تۇرغان تونۇرغا يېقىۋاتاتتى.
ئۇ شاھزادە ئابدۇرېشىتنى كۆرۈپلا تونۇرغا سەكرىدى.
سەنمۇ سەكرە!،ئۇنىڭغا يېتىۋالمىغىچە توختىما -چۇ-چۇۋلىدى تورغاي  دەرھال.
شاھزادە ئابدۇرېشىتمۇ چاققان كېلىپ،تونۇرغا سەكرىدى،پۇتى يەرگە تەگكەندە ئۆزىنى  يەنە بىر چۆل- باياباندا كۆردى،ھەرتەرەپكە قارىغانىدى،يىراقتا ھېلىقى موماي كۆرۈندى،ۋاراقشىپ ماي قايناپ –تۇرغان داشقازاندا قۇيماق سېلىۋېتىپتۇ.
ئۇ شاھزادە ئابدۇرېشىتنى كۆرۈپلا ھودۇقۇپ قازانغا سەكرىدى،ئەمما بىر تال چېچى قازاننىڭ قۇلىقىغا يۆگىشىپ قالغىنى ئۈچۈن ئۈزۈلۈپ قالدى،شاھزادە ئابدۇرېشىت كېلىپلا چاچنى ئالدىدە  ئىككىلەنمەي ئوزىنى قازانغا تاشلىدى،ئەمما يەنە بىر تاپ-تاقىر چۆل- باياۋانغا چۈشۈپ قالدى،چۆلدە ساغىرىپ-قۇرۇپ قالاي دەپ قالغان بىر قامغاق توپتەك يۇمۇلاپ –پىقىراپ يۈرەتتى.
شاھزادە ئابدۇرېشىت قوغلاپ بېرىپ قامغاقنى دەسسىۋالدى،قامغاقتىن سادا كەلدى:- چېچىمنى بەر !
شاھزادە ئابدۇرېشىت دىدى :- ئاچىلىرىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بەر !
شەرتىم بار –سادا كەلدى يەنە قامغاقتىن-ئورۇندىمىساڭ ئۆلۈمگە رازىمەنكى ،تەلىپىڭنى بىجا كەلتۈرۈشكە رازى ئەمەسمەن.
قېنى ئېيت !-دىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت .
قىزىم بىلەن توي قىل-دىدى قامغاق.
شاھزادە ئابدۇرېشىت بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى،كۆرمىگەن –بىلمىگەن بىرسى بىلەن توي قىلىشقا رايى يوق ئىدى،بىراق ئاچىلىرىنىڭ ھالىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ،قېرىنداشلىق مېھرى ھەممە ئوي-خىياللىرىنى بېسىپ چۈشتىدە:- شەرتىڭگە قوشۇلدۇم-دىدى قەتئىلىك بىلەن.
شۇ ھامان قامغاقنىڭ بىر شېخىدا گۈل ئېچىلدى،تولىمۇ بەدرەڭ ھەم سېسىق ئىدى،گۈلدىن  بىر چىمچىلاققىز چىقىپ كەلدى،تۇپراققا ئايىغى تېگىش بىلەنلا چوڭىيىپ-چوڭىيىپ،14-15 ياشلاردىكى بىر قىزغا ئايلاندى،ئەمما بېشى تاز ،كۆزلىرى جىرتاق،بۇرنى مايماق،توشقان كالپۇك،يۈزلىرى داغ –سەپكۈن بىلەن تولغان ،تولىمۇ بەدبەشىرە ئىدى.
شاھزادە ئابدۇرېشىت ئىچىدە قامغاق جادۇغا مىڭ لەنەتلەر ئوقۇدى،لېكىن ئاچىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ،بۇ قىز بىلەن توي قىلىش ھەققىدىكى لەۋزىدىن يانمىدى،قىز بولسا خوشالكلىقىدىن قىن-قىنىغا پاتمىغان ھالدا كېلىپ،ئۇنىڭ باغرىغا تاشلىنىپ،ياريىلىمدەك چاپلاشتى،ئانىسىدىن ھايا قىپمۇ تۇرمىدى،شاھزادە ئابدۇرېشىت بولسا ئۇنىڭدىن سەسكىنىپ،بەدەنلىرى تىكەنلەشتى،يىراقلىشىشقا ئۇرۇندى.
سەتمىكەن ؟-دىدى قامغاق بىردىنلا لايدا خېمىر يۇغۇرغان مومايغا ئايلىنىپ .
ئۆزۈڭ قانداقلىقىنى  كۆرۈپ تۇرۇپسەن-دىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت ئاچچىقى بىلەن.
ئۇنداق سەسكىنىپ يۈرمەسلىكىڭ كېرەكىدى –دىدى قامغاق جادۇ –قىزىم ساڭا ئاشىق ئىدى ،سەن ئۈچۈن ھەممىدىن كېچىشكە ،ھەتتا جېنىنى قۇربان قىلىشقىمۇ رازى ئىدى ،سەسكىنىش ئورنىغا چىن كۆڭلىڭدىن رازى بولۇپ قوبۇل ئەتكەن بولساڭمۇ   ئۇ خېلى ئۇزلىشىپ قالاتتى،ئەمدى ئامال يوق ،ئۇنى شۇ ھالىتىدە ئەمرىڭگە ئال،ئاندىن ئاچىلىرىڭ ئەسلىگە كېلىدۇ،لېكىن ئېسىڭدە بولسۇنكى قاچانىكى ئۇنى تاشلىۋەتسەڭ ئاچىلىرىڭ يەنە تاشقا ئايلىنىپ قالىدۇ.
ئۇنى تاشلىماسلىققا ئەھدى قىلىمەن –دىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت .
تىلىڭ بىلەن دىلىڭ بىر بولسۇن-دىدى قامغاق جادۇ –ئۆز رەسمى قائىدەڭ بويىچە نىكاھلاپ ئالامسەن ياكى بىزنىڭ رەسمى-قائىدىمىز بويىچە چېتىپ قويۇمىزمۇ ؟
ئەلبەتتە ئكز رەسمى قائىدەم بويىچە –دىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت .
توغرا ئەيتتىڭ –دىدى قامغاق جادۇ-قىزىمنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئۈمىت بار ،ئەگەر  بىپەرۋالىق بىلەن بىلەن جاۋاپ بەرگەن بولساڭ ئۈمىت يوق بولاتتى.
ئاندىن ئۇ ئوڭغا قاراپ بىرنى ،سولغا قاراپ بىرنى تۈكۈردى ،ئالدى تەرەپكە بىر كەينى تەرەپكە ئۆرۈلۈپ بىر پۈۋلىدى،شۇ ھامان ھاۋا گۆلدۈرلەپ،چۆل- باياۋانغا چىلەكلەپ قۇيغاندەك يامغۇر ياغدى،ئارقىدىن شامال چىقىپ،بۇلۇت-تۇمانلارنى تارقىتىۋەتتى،شامالدا ئۇچۇپ كەلگەن گۈل -0گىيا ،زەل-زىرائەت ئۇرۇقلىرى زىمىنغا چۈشۈپ،نەملەنگەن قۇم-تۇپراققا چۆكتىدە ،ھايالسىزلا بىخ سۈرۈپ،چۆل –باياۋان بىر يېشىل كۆكلەمزارلىققا ئايلاندى.
ئاندىن قامغاق جادۇ ئوڭ قۇلىقىدىن بىر ئويماقنى ئېلىپ  تاشلىدى ،داشقازان بولدى،سول قۇلىقىدىن بىر كىچىك ھاۋانچىنى ئېلىپ تاشلىدى،چوڭ تونۇر بولدى ،داشقازاندا ماي ۋاراقشىپ قايناپ تۇرسا ،تونۇردا ئوت گۆرۈلدەپ كۆيۈپ تۇراتتى،ئاندىن ئۇ  نەچچە مىڭلاپ قولى باردەك زاھىر بولۇپ،لاي خېمىردا داشقازانغا قۇيماق سالسا ،تونۇرغا لايدىن نان يېقىشقا باشلىدى،ئارقىدىن يەنە قۇلىقىدىن بىر ئاق رومالنى ئېلىپ تاشلىدى ،چۆل –باياۋاندا نەچچە ئون مو يەرگە بىر كەلگىدەك چوڭ دەستۇرخان بولۇپ سېلىندى،ئاندىن ئۇ داشقازاندىن قۇيماق سۈزۈپ،تونۇردىن توقاچ قومۇرۇپ ،دەستۇرخانغا تاشلاشقا باشلىدى.
قۇيماق بىلەن توقاچلار لاي خېمىردىن بولسىمۇ .لېكىن بۇغداي ئۇنى بىلەن سۈتتە يۇغۇرۇلغان خېمىردە پىشقاندەك بولۇپ چىقتى،بىردەمدىلا دەستۇرخاندا قۇيماقلار بىر تاغ ،توقاچلار بىر تاغ بولۇپ دۆۋىلەندى،قامغاق جادۇ شۇچاغدىلا  ئىشتىن قولىنى  يىغىپ ئۇھ دىدىدە،ئويماق بىلەن ھاۋانچىسىنى قۇلاقلىرىغا تىقتى،ئاندىن ئوڭ-سولغا قاراپ بىرقىتىمدىن كىملەرنىدۇ توۋلىدى،ئالدى- ئارقىسىغا قاراپ كىملەرگىدۇر شىۋىرلىدى،شۇ ھامان تەرەپ-تەرەپتىن سۈپۈرگە –كۆتەك،ئاپپاق ئۇستىخان –باش سۆڭەك ،نوگاي قاپاق-گۈلشاخلىرىغا   مىنگەن،ياكى غەلىتە قۇلۇلە-چىغىناقلارغا ،پۇچۇق تەۋەڭ،سۇنۇق تاۋاقلارغا   ئولتۇرغان ،بويى پاكارلىرىنىڭ بىر غېرىچ ،ئىگىزلىرىنىڭ ئۈچ غېرىچ كېلىدىغان ،جىن ئالۋاستى،شاياتۇن –پېرىخون،جادۇگەر –سېھىرگەرلەر ،دىۋىلەر –پەرىلەر جامائەسى ئۇچۇپ كېلىشكە باشلىدى.
ھەممىسى كەپ بولغاندىن كىيىن قامغاق جادۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ جار سالدى:-خالايىق ،گۇۋا بولۇڭلار ،قىزىم گۈلنىگارنى ئادەمىزات ئېلىنىڭ شاھزادىسى ئابدۇرېشىتكە ياتلىق قىلماقچىمەن،  موللالاردىن بىرسى    ئۇلارنى نىكاھلاپ قويۇدۇ،ئۇلار ئۆمرى ئاخىرلاشقىچە بىللە ياشايدۇ،ئۈشبۇ مەرىكىگە قەدەم-تەشرىپ قىلغان دوست-دۈشمەنلىرىم ھەممىڭلاردىن ئۇلاېغا بەخت تىلىشىڭلارنى ئۆتىنىمەن.
كەلگەنلەر شۇ ھامان ئۆز تىلىدا ئالا –تاغىل بىرنىمىلەرنى توۋلاشتى،شاھزادە ئابدۇرېشىت نىمە دەۋاتقانلىرىنى بىلمىدى،شۇچاغ پەرىلەر تائىپىسىدىن بىرسى توپتىن ئايرىلىپ چىقتى،بېشىدا ئاق يىپەك سەللە ،ئۇچىسدا بەقسەم تون،پۇتىدا مەسە كالاچ بار،قولىدا توختىماي سېرىپ تۇرۇدىغان قەھرىۋا تەسۋىي بار ئىدى،بۇ جامائەتتىن كۆزگە ئەڭ يېقىشلىقى شۇ ئىدى.
كەل ئوغلۇم –دىدى ئۇ شاھزادە ئابدۇرېشىتقا –بۇيەرگە سەندىن باشقا ئادەمىزات قەدىمى يەتمىگەن،كەلگەن قەدىمىڭ قۇتلۇق بولسۇن  ،بەخت -سائادەت يار بولسۇن،نىكاھىڭنى مەن ئوقۇي،پاك ئېتىقاتلىقلاردىن مەنلا كەپتىمەن،بۇمۇ تەلىيىڭ.
ئاندىن ئۇ ئەھدى-نىكاھ رەسمىيەتلىرىنى بىجا كەلتۈردى،يىگىت –قىزغا يەنە بىر قېتىم بەخت تىلىدى.
ئاندىن قامغاق جادۇ كۆپچىلىكنى توقاچ بىلەن قۇيماققا تەكلىپ قىلدى،مېھمانلار دەرھال دەستۇرخانغا ئولىشىپ،توقاچ قۇيماقلارنى دەستە دەستىسى بىلەن ئېلىپ،ئېغىزلىرىغا سېلىشقا باشلىدى،ئۆزلىرى كىچىك بولغان بىلەن يەيدىغاننى كۆرگەندە ئېغىزلىرى قازاندەك يوغىناپ كېتەتتى،بىر ساتتىلا ئىككى تاغ بولۇپ دۆۋېلەنگەن توقاچ قۇيماقلارنىڭ ئۇۋېقىمۇ قالمىدى،دەستۇرخان بىكار بولدى.
قامغاق جادۇ دەستۇرخاننى يىغىشتۇرۇپ ،ئوڭ قۇلىقىغا تىقتىدە،سول قۇلىقىدىن بىر كىچىك قۇتىنى ئېلىپ ئاچتى ،قۇتىدىن يىلان-چايان،دۆ-ئۆمۈچۈك،چارپاقا –سەكسەنپۇت...دىگەندەك گېزەندىلەر چىقىشىپ،يەرگە چۈشكەن ھامان  يىلانلىرى يوتىدەك،  ، چارپاقىلىرى قازاندەك... يوغىنىدى،ئۇلار داپ-دۇمباق،ناغرا –كاناي ،نەي بىلەن سۇناي ...دىگەندەك چالغۇلارنى ئېلىپ چىقىشقان  ئىدى،بىردىنلا ھەممىسى ئۆزى بىلگەن پەدىگە ،بىر –بىرىنى بېسىپ چۈشۈشكە تىرىشىپ،قۇلاق پەردىسىنى يېرىۋەتكىدەك ياڭراق ئاھاڭدا نەغمە قىلىشقا باشلىدى،نەغمە باشلىنىشى شاھزادە ئابدۇرېشىت بىلەن ئۇنىڭغا يېپىشىۋالغان قامغاق جادۇنىڭ قىزىدىن باشقا بارچە توي ئەھلى ئالا-تاغىل توۋلىشىپ-سەكرىشىپ،ئۇسۇلغا چۈشۈپ كېتىشتى،كارامەت بىر ئال-توپىلاڭ بولۇپ كەتتى.
بۇلارغا قاراپ،قۇلاق مېڭىسى زىڭىلداپ،كۆزلىرى ئالا-چەكمەن بولۇپ كەتكەن شاھزادە ئابدۇرېشىت قۇلاقلىرىنى ئېتىۋېلىپ،كۆزلىرىنى يۇمۇۋالدى ،سورۇندىن يىراقراق كەتمەكچى بولدى.
نىمە قىلاي دەيسەن ؟-سورىدى قامغاق جادۇ ئالدىراپ ئۇنى توسۇپ.
بۇيەردە تۇرۇۋەرسەم ساراڭ بولۇپ قالمىغاندىمۇ ،ئەقلىمدىن ئازغىدەكمەن –دىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت-شۇڭا يىراقراق كېتىپ تۇراي دەيمەن.
مېھمانلارنىڭ كۆڭلىگە كېلىدۇ-دىدى قامغاق جادۇ-كەتمە ،كەچكىرگىچى سەۋرى قىل.
شۇچاغ قايناۋاتقان قازانغا سوغ سۇ قۇيغاندەك سورۇن ئەھلى چىپپىدە توختاپ قېلىشتى،ىىېلىغىچە ھەمم سۈكۈناتقا چۆمدى ،ھەممىنىڭ كۆزى شاھزادە ئابدۇرېشىتقا چەكچىيىپ قېلىشقان ئىدى.
ئەپۇ قىلىڭلار –دىدى قامغاق جادۇ ئاخىرى ھودۇقۇپ-كۈيوغلۇم ئىش بىلمەيدۇ،رەسمى –قائىدىلەردىن بىخەۋەر.
بوپتۇ –دىيىشتى توي جامائىتى بىر ئېغىزدىن –ئەپۇ قىلدۇق،لېكىن سەۋرىسىزلىكى ئۈچۈن  ياخشى تىلەكلىرىمىزدىن مەھرۇم قىلىمىز .
ئېسىت !-لېۋىنى چىشلەپ قالدى قامغاق جادۇ،توي جامائىتى بولسا ئىلگىرى مىنىپ ياكى ئولتۇرۇپ كەلگەن جابدۇقلىرى بىلەن يەنە قانداق كەلگەن بولسا شۇنداق كېتىشتى،بىردەمدىلا سورۇن بوشاپ،كۆكلەمزارلىق يەنە چۆل- باياۋانغا ئايلىنىپ قالدى.
ئۇلارنىڭ ياخشى تىلەكلىرى بولسا نۇرغۇن مۈشكىلىڭ ئاسان بوپ قالاتتى-دىدى قامغاق جادۇ تاپا قىلىپ-  ھۆرمىتىڭ ئۈچۈن تويۇڭنى قىزىتىپ بېرىۋاتسا ،مېھمانلىرىڭنى تاشلاپ كەتمەكچى بولدۇڭ،شۇ ئەدەپسىزلىكىڭ ئۈچۈن مانا ئۇلار قىيداپ كېتىشتى،‹‹سەۋىرنىڭ تېگى ئالتۇن››،‹‹سەۋرى قىلساڭ  غورىدىن ھالۋا پىشار ››  دىگەنلەرنى  ئاڭلىماپمىدىڭ .
بولدى قوي-دىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت روھسىزلىنىپ-بۇ تەرىپىنى نەدىن بىلەي ،ئىشلىرىمنى ئاللا ئۆزى ئاسان قىلار .
ئاپا بىز ئەمدى قەيەردە ماكانلىشىمىز –دىدى شۇچاغ قامغاق جادۇنىڭ قىزى ئەركىلەپ تۇرۇپ.
ئەلبەتتە شاھانە ساراي،چاھارباغلاردا –دىدى قامغاق جادۇ –ئەمدى بۇرۇنقىدەك ھەريەر-ھەريەردە يۇمۇلاپ،سەرسان بولۇپ يۇرمەيسەن قىزىم.
ئاۋۋال ئاچىلىرىمنىڭ قېشىغا ئېلىپ بار ،ئۇلارنى ئەسلىگە كەلتۈر   –دىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت .
چېچىمنى بەر ئەمدى –دىدى قامغاق جادۇ-چېچىم قولۇڭغا چۈشۈپ قالمىغان بولسا سېنى ھەرنىمىلەرنى قىلغان ،سېھرىم بىلەن بەند قىۋالغان بولاتتىم،ئەمدى ئارىمىزدا تۇققانچلىق رىشتى پەيدا بولدى،مەندىن ئەندىشە قىلىشىڭ ھاجەتسز  .
شاھزادە ئابدۇرېشىت سەل ئىككىلىنىپرەك قايتۇرۇپ بەردى،قامغاق جادۇ چېچىنى ئالغىنىدىن كىيىن ،بىرلا پېقىراپ كۆتەككە ئايلاندى .
قېنى كېلىڭ –دىدى قامغاق جادۇنىڭ قىزى شاھزادە ئابدۇرېشىتنى قولىدىن تارتىپ-ئانام بىزنى ئاچلىرىڭىز يېنىغا ئېلىپ بارىدۇ.
شاھزادە ئابدۇرېشىت   كۆتەككە ئولتۇردى،قامغاق جادۇنىڭ قىزىمۇ ئۇنىڭغا يېپىشىپ ئولتۇردى ،ئۇ شاھزادە ئابدۇرىشىتنىڭ جامالىدىن باشقا ياققا قارىمايتتى .شاھزادە ئابدۇرېشىت بولسا ئۇنىڭغا قارىماسلىق ئۈچۈن كۆزلىرىنى يۇمۇۋالدى،ۆكتەك يەردىن يەڭگىلگىنە كۆتىرىلىپ،ئۇچۇپ كەتتى ،ئاۋۋال ئاستىراق ،كىيىن ئاقار يۇلتۇزدەك تىزلىكتە ئۇچۇپ كەتتى.
قانچىلىك ۋاقىت ئۇچقىنى،قانچىلىك مۇساپە باسقىنى نامەلۇم،بىر چاغلار كۆتەك ئاستاغىنە يەرگە قوندى ،شاھزادە ئابدۇرېشىت ئابدۇرېشىت كۆزىنى ئاچتى ،ئاچىلىرىنىڭ تاشقا ئايلانغان جىسمى تاشلىنىپ قالغان جايغا   يېتىپ كەلگىنىنى بىلدى.
قامغاق جادۇ ئەسلى ھالىتىگە كەلدى ،ئاندىن بىر سىقىم تۇپراققا نىمىلەرنىدۇ ئوقۇپ ھۈردىدە،قوشكېزەك ئاچا –سىڭىللارنىڭ تاشقا ئايلانغان جىسمىغا چاچتى،ئۇلارنىڭ جىسمىدىن بىر تۈرەك –تۇمان كۆتىرىلدىدە ،ئۇلار ئاستا-ئاستا مىدىراشقا باشلىدى،شاھزادە ئابدۇرېشىت خوشاللىقىدا ئۇلارنىڭ باغرىغا تاشلاندى،ئۇلار شاتلىق ياشلىرىغا چۆمۈلۈپ،بىر-بىرىدىن ھال سوراشتى،ئەمما شۇ ۋاقىت شاھزادە ئابدۇرېشىت ئاچىلىرىنىڭ يەنە ئۆزگىرىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى،ئۇلار يەنە تاشقا ئايلىنىپ قالمىدى ،لېكىن  گۈلدەك چېھرى كۈل رەڭگىگە ئۆزگىرىپ،قۇندۇزدەك قارا چاچلىرى بوزىرىپ،ئېلىپتەك قامىتى دالدەك ئېگىلىپ،قامغاق جادۇدىنمۇ بەتتەر كۆرۈمسىز مومايلارغا ئايلىنىپ قېلىشتى.
ئۇلار بىر-بىرىنىڭ ھالىغا قاراپ ئۆكۈنۈپ،تاش ھالىتىدە قالمىغىنىغا پۇشايمان قىلىشتى،كۆزلىرىدىنباھار بۇلۇتىدەك ياش تۆكۈشتى،ئۇلارغا قوشۇلۇپ ئاسمانمۇ يىغلاپ،زىمىن چاك-چاك يېرىلىپ كەتتى.
قىزىمنى ياراتمىغىنىڭنىڭ كاساپىتى –دىدى قامغاق جادۇ-لېكىن بۇنى مەندىن كۆرمە .
ئەمدى قانداق قىلىمىز ؟-سورىدى تاقەتسىزلىك بىلەن شاھزادە ئابدۇرېشىت –ئۇلارنى ئەسلىگە كەلتۈرسەك بولاتتى.
گۈزەللىك بۇلىقىدىن سۇ ئېلىپ كەل-دىدى قامغاق جادۇ-ئۇ يەرگە بېرىشقا پەقەت سەنلا قادىر ،چۈنكى ئۇ بۇلاق بويىغا ئادەمىزات ئەۋلادىغىلا ئىمكان بار ،پەقەت جاسارەتلىك،قورقماس ،باتۇر ئەزىمەتلەردىن بولسىلا.
ياخشى گەپ –دىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت –مانا ھازىرلا يولغا چىقاي –ئەمىسە .
مەغرىپكە ماڭ !-دىدى قامغاق جادۇ .
مەشرىققە ماڭ!-دىدى يىراقلاردىن كىمدۇر بىرى.
گەپ قىلغان كىم؟!-توۋلىدى قامغاق جادۇ .
بىراق ئاۋازىنىڭ ئەكىس ساداسىدىن باشقا جاۋاپ بولمىدى.
باغۋەن يىگىتنىڭ ئاۋازى-دىدى مەلىكە كەرىمە .
قامغاق جادۇ دەرھاللا بىر سىلكىنىپ،نەچچە يېرىدىن بىخ سۈرگەن كۆتەككە ئايلاندى ،شاھزادە ئابدۇرېشىت بىلەن ئۈچ قىز ئۇنىڭ ئۈستىگە جايلاشتى،كۆتەك يەنە يەڭگىلگىنە كۆتۈرۈلۈپ،ئاقار يۇلتۇزدەك ئۇچۇپ كەتتى،باغۋەن يىگىت تاشقا ئايلىنىپ قالغان يەرگە يەتتى.
گەپ قىل –دىدى قامغاق جادۇ  يەرگە قونغاندىن كىيىن ئەسلىگە كېلىپلا .
ئاۋۋال مەشرىققە ماڭسۇن –باغۋەن يىگىتنىڭ تاش جىسمىدىن شۇنداق سادا كەلدى-ئاق تاغدىكى ئاق دىۋەنى بويسۇندۇرسۇن.
  كۈيوغلۇم بىر ئادەمىزات –دىدى قامغاق جادۇ –ئاق دىۋە بولسا بۇ ئىقلىمدىكى ئەڭ يامان پېرىخون- جادۇگەرلەرمۇ ئەيمىنىدىغان كۈچتىنگىر دىۋە  ،شۇنداق تۇرسا ئۇنى كۈيوغلۇم قانداقمۇ بويسۇندۇرالىسۇن.
مەلىكە نادىرەنىڭ بىرتال چېچىلا كۇپايە –شۇنداق سادا كەلدى باغۋەن يىگىتنىڭ تاش جىسمىدىن-بۇ سىرنى ئاشكارىلىغىنىم ئۈچۈن، ئەمدى بوينىمغا ئەجەل سىرتمىقى چۈشىدۇ، مانا ھازىرلا گېلىمدىن بوغۇۋاتىدۇ، ئۈچ كۈندىن كيىن توپىغا ئايلىنىپ كېتىمەن، ئاندىن بۇدۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىمەن،ئەي مەلىكە كەرىمە، ساڭا بولغان دىڭىزدىنمۇ چوڭقۇر،ۋولقاندىنمۇ  ئوتلۇق مېھرى – مۇھەببىتىم ئۈچۈن  ، مەڭگۈ ئۈزۈلمەس ئەقىدە – رىشتىم ئۈچۈن بولسىمۇ ، مېنى بىرنى سۆيۈپ قوي ، جېنىم تېنىمدىن ئايرىلغىچە شاتلىق بۆشۈكىدە تەۋرىنىپ ياتاي .
مەلىكە كەرىمە :- ياق ! ، ياق سەن ئۆلمەيسەن – دەپ ئۇنىڭ تاش جىسمىنى باغرىغا بېسىپ ، باھار بۇلۇتىدەك ياش تۆكتى ، نالە – زارى چۆل باغرىىنى زىل –زىلىگە كەلتۈردى ، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ مەلىكە نادىرەمۇ يىغلىدى ، ئارقىدىن ئاسمانمۇ يىغلاپ ، يەر تەۋرەپ كەتتى ، زىمىن يۈزىنى تىزلا ئۇلارنى بېلىگىچە چۆكتۈرگىدەك سۇ بېسىۋالدى .
شاھزادە ئابدۇرىشىت نىمە قىلارىنى بىلمەي تەمتىرەپ قالدى ، قامغاق جادۇ بىلەن قىزى گۈلنىگارمۇ بۇ دۇنيغا تۆرۈلۈپ ، تۇنجى قېتىم كۆزلىرىدىن ياش راۋان قىلدى .
قويۇڭلار – دىدى ئاخىرى قامغاق جادۇ يىغىدىن توختاپ : - بار سېھرى – جادۇ كۈچۈمنى جارى قىلدۇرۇپ ھەمدەمدە بولاي ، ئەگەر كۈيئوغلۇم ئۈچ كۈندە ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ كەلسە ، ئۇمۇ ئۆلمەيدۇ ، بۇلاق سۈيىنىڭ خاسىيىتى بىلەن جېنى ئامان قالىدۇ .
ئۈچ كۈندە بۇ ۋەزىپىنى تامام قىلىمەن – دىدى شاھزادە ئابدىرىشىت قەتئىلىك بىلەن .
ئانام سىزگە مەدەت بېرىدۇ – دىدى گۈلنىگارمۇ يىغىدىن توختاپ ئەركىلەپ . شۇ تاپتا ئۇنىڭ چاپاق باسقان جىرتاق كۆزلىرى سەللىمازا ساقىيىپ، تولىمۇ نۇرلۇق شەھلا كۆزگە ئايلانغان ئىدى .
ئەمما بۇ ئۈچ كۈندە كوھىقاپنىڭ ئۈچ يىللىق  يولىنى بېسىشىڭ كېرەك –دىدى قامغاق جادۇ- كوھىقاپنىڭ ئۈچ يىللىق يولى بولسا ئادەمىزات دۇنياسىنىڭ 300 يىللىق مۇساپىسىگە تەڭ ،يولدا يەنە كۈرمىڭ خەتەر -مۈشكۈلاتلار بار .
شۇ چاغ شاھزادە ئابدۇرىشتنىڭ قوينىدىكى ئاق يىپەك رومال سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، قاردەك ئاق تۇلپارغا ئايلىنىپ قالدى ، تۇرقى – سىياقى ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم ئىدى .
مانا ساڭا ئەڭ ياخشى ياردەمچى دىدى قامغاق جادۇ - پەرىلەر مەلىكىسىنىڭ خاسىيەتلىك قول رومىلى ، ئۇ بولسا ئۇچقۇر تۇلپارغا ئۆزگۈرۈپ ، پەرىلەر مەلىكىسنى خالىغان جايغا ئېلىپ باراتتى ، ئۇنىڭغا قانداق ئىرىشكىنىڭ نامەلۇم ، ئەمما كاتتا ئامەتكە دۇچكەلگىنىڭ ئېنىق .
ئۇ مېنى گۈزەللىك بۇلىقىغا ئاپارسىلا بولاتتىغۇ – دىدى شاھزادە ئابدۇرىشىت : - پەقەت ئۈچكۈندىلا ۋەزىپىنى ئورۇندىشىم كىرەككەن ،  بۇ مۇھىم پەيىتتە   مەيلى كىم ، قانداق مەخلۇق بولسۇن ، ياردەم قىلالىسا مەن ئۇنىڭدىن ئۆمۈرۋايەت  مىنەتتەر .
بىراق – دىدى قامغاق جادۇ :- پەرىلەر مەلىكسى ساڭا قول رومىلىنى سەۋەپسىزلا ئەۋەتمىگەن ، بەلكى ساڭا ئاشىق بىقارار بولغانلىقى ئۈچۈن يېنىغا بېرىشىڭنى ئۈمىد قىلىپ ، ئەڭ ئەتىۋارلىق نەرسىسنى ساڭا سوۋغا قىلغان ، ئەندىشەم شۇكى ئۇنى كۆرسەڭ قىزىم مەلىكە گۈلنىگاردىن يۈز ئۆرىيسەن ، بەلكى ئۇنىڭدىنلا ئەمەس ھەممىدىن كېچىسەن ،بەلكى قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭ ، يەتمەكچى بولغان نىشانىڭ ، مومايغا  ئايلىنىپ قالغان ئاچىلىرىڭنى قۇتقۇزۇشتىنمۇ كېچىسەن ، چۈنكى ئۇنىڭ گۈزەللىك ئاپتىۋى ، كوھىقاپ كىچىلىرىنى ئايدىڭدەك يورىتىدۇ ، كۈندىزىلىرى بولسا ئۇ سەۋەبلىك كوھىقاپتا قۇياشنىڭ نۇر چېچىشى ھاجەتسىز ، ئۇنىڭ گۈزەللىكى ياراتقۇچىنىڭ خاس قۇدرىتى قەلىمىدىن يارالغان ، دىۋە – پەرى ، جىن -شاياتۇن ، پېرىخونلار تائىپىسىدىن ھەممىنى ئۆزىگە ئەسىر قىلغان ...
قامغاق جادۇنىڭ تەرىپ – تەۋسىپلىرىنى ئاڭلاپ شاھزادە ئابدۇرىشىتنىڭ يۈرەكلىرى ھاياجانلىق سوقۇشقا باشلاپ ، تومۇر – تومۇرلىرىدا قانلىرى جۇش ئۇردى ، پەرىلەر مەلىكىسىنى كۆرمەي تۇرۇپ ئاشىق بولدى ، قېشىدىكى نىكاھلاپ ئالغان ، لېكىن بىر ياستۇققا باش قويمىغان خوتىنى گۈلنىگار تىخىمۇ يىرگىنىشلىك بىلىندى ، ئەمما ئۇ بىر ھازادىن كىيىن ئۆزىنى بېسىۋىلىپ ئەقىل تىزگىنى بىلەن  كۆڭۈل تۇلپارىنى توختاتى- دە ئۆز ئىشىغا مەشغۇل بولىشنى زۆرۈر تاپتى .
قامغاق جادۇ ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سېزىپ تۇردى ، ئاخىرى ئۇنىڭدىكى پولاتتەك ئىرادىگە جەزىم قىلغاندىن كىيىن :- تۇلپارغا مىن- دىدى  شاھزادە ئابدۇرىشىتكە : - بار سېھرى كۈچ – قۇدرىتىم بىلەن مەدەتكار بولىمەن ، قۇرۇپ قاخشال بولۇپ كەتسەممۇ مەيلى ، لېكىن قىزىمدىن تانماسلىققا ۋەدە بەر .
ئەلۋەتتە – دىدى شاھزادە ئابدۇرىشىت : - سەن بۇنىڭدىن خاتىرجەم بول .
قامغاق جادۇ بۇنىڭدىن كۆڭلى تىنىپ ، قوۋۇزىنى كۆپتۈردى ، شاھزادە ئابدىرىشت  تۇلپارغا مىندى .
بۇنى ئىلۋىلىڭ – دىدى گۈلنىگار بوينىدىكى قەھرىۋا مارجان بىلەن قۇلىقىدىكى ياقۇت كۆزلۈك مۇنچاقنى ئېلىپ ، ئۇنىڭغا سۇنۇپ : - كىرەك بولۇپ قالىدۇ ، چۈنكى بۇلارنىڭ سېھرى كۈچى ناھايىتى زور .
شاھزادە ئابدۇرىشىت ئۇنىڭ يوللۇقىنى ئۈندىمەستىن قوبۇل قىلدى ، قامغاق جادۇ پۈۋلەشكە باشلىدى ، كارامەت دەھشەتلىك بىر بوران چىقىپ كەتتى ، ئاق تۇلپار بوران بىلەن تەڭ ئىككى بېقىنىدىن قانات چىقىرىپ ئۇچۇپ كەتتى ، ئۇنىڭ تىزلىكىگە كىشى ھەيران قالاتتى ، شاھزادە ئابدۇرىشىت تۇلپارنىڭ يايلىغا مەھكەم يېپىشپ كۆزلىرىنى يۇمدى ، دىلىدا ئاللادىن مەدەت تىلەپ ، مەزمۇت ئولتۇرۇشقا تىرىشتى ، سۈرئەتنىڭ تىزلىكىدىن يولۇققان مەۋجۇداتلارنىڭ نىمىلىكنى پەرق ئېتىپ بولمايتى ، شەكلى -رەڭگىنى پەرىق ئىتىپ بولغىچە ، نەچچە ئون كۈنلۈك ، نەچچە ئايلىق يىراقلىقا كېتىپ بولاتتى .
شۇ ھالدا ئاجايىپ سوغۇق بولىۋاتقان بىر ۋادىغا يەتتى ، سوغۇقنىڭ دەھشەتلىكىدىن تۇلپارمۇ شاھزادە ئابدۇرىشىتمۇ مۇز بولۇپ قېتىپ قالدى ،ئۇلارنى  شىۋىرغان توختىماي پىقىرىتىشقا باشلىدى .
شۇ ۋاقىت ئۇلارنىڭ كەينىدىن قىزىق تونۇرنىڭ تەپتىدەك بىر ھارارەت ئۇرۇلدى ، قىزىق شامال كەلدى ، مىڭلىغان ئوت ئەجدەھالىرى ئوت پۈركىنىگىچە يېتىپ كەلدى ، ئاق تۇلپارمۇ، شاھزادە ئابدىرىشتمۇ   ئىللىپ ،ئۆلۈم گىرداۋىدىن يىراق بولدى ، بەلكى ئاق تۇلپار تېخىمۇ غەيرەتلىنىپ، كارامەت تىزلىك بىلەن بۇ زىمىستان ھۆكۈم سۈرگەن ۋادىدىن تىزلا چىقىپ كەتتى ، كەينىدە قالغان ئوت ئەجدەھالىرى بولسا تىزلا جۇت – شىۋىرغانلار بىلەن كۈچ ئېلىشالماي ، بىر – بىرلەپ ئۆچكەن چوغلارغا ئايلىنىپ غايىپ بولدى .
ئاق تۇلپار ئەمدى شاھزادە ئابدۇرىشىتنى ئالەم- جاھان قىزىغان تونۇردەكلا بولۇپ قالغان بىر ۋادىغا ئىلىپ باردى ، پەلەك باغرىنى يالاپ، يالقۇنلاپ   كۆيۈپ تۇرغان، ۋە ۋولقانلار ئېتىلىپ تۇرغان دوزاخنىڭ ئۇچىغىدەك بىر جاي ئىدى ، قىزىق ھارارەتتە ئۇلار  تىرىك تۇرۇپ كاۋاپ بولۇپ قالغىدەك بىر ھالغا چۈشۈپ قالدى ، باشلىرى ئايلىنىپ ، ھوشسىز بولۇپ ، تۆۋەنگە موللاق ئاتتى .
دەل شۇ خەتەرلىك پەيتتە يەنە كەينىدىن مۇزدەك سوغ  ، كارامەت – شىددەتلىك بىر جۇد – شىۋىرغان ھوشقۇتۇپ كەلدى ، ئۇلارنى ئۆلۈم گىرداۋىدىن تارتىۋىلىپ سەگىتتى .
قارىغانىدى ، قار – مۇزلاردىن ھاسىل بولغان مىڭلىغان ئەجدىھا ئېغىزلىرىدىن گاھ سۇ پۈركۈپ ،گاھ سوغۇق شامال چىقىرىپ غۇقۇراپ ئۇچۇپ كىلىۋىتىپتۇ .
ئاق تۇلپار دەرھال بىرنى كىشنەپ ، قايتا كۆككە پەرۋاز قىلدى ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە يەنە بىر ۋادىغا يەتتى ، بۇ يەردە شىدەتلىك بوران ئىچىدە تاغلارمۇ ئورنىدىن قومۇرۇلۇپ ، ئاسماندا پىقىراپ يۈرەتتى ، زىمىن يۈزىدە بولسا غايەت زور ئەزىم دەريا ، ئاسمان- پەلەك ئۆركەشلەپ ، دولقۇنلىرى بوران پىقىرىتىپ يۈرگەن كىچىك تاغلارنى ئۆز باغرىغا تارتىۋىلىش قەستىدە قۇترايتى ،نە زىمىندا، نە ئاسماندا ھېچ ھاياتلىق يولى يوق ئىدى .
ئاق تۇلپار مۇئەللەقتە شاققىدە توختىدى ، شۇ تاپتا بىرلا چامدىسا شۇ مۇدھىش ۋادىغا كىرىپ قالاتتى ، يا بوراندا تاغ-تاشلارغا ئۇرۇلۇپ -سوقۇلۇپ ھالاك بولاتتى ، يا دەريا دولقۇنىلىرىغا تۇتۇلۇپ، شىددەتلىك قايناملىرىغا يەم بولاتتى ، كەينىگە يېنىشقا تېخى ئىمكان يوق ئىدى ، تېڭىرقاپ تۇرغاندا كەينى تەرەپتىن ئوت ئەجداھالىرى پەيدا بولدى ، ئۇلارنى قوغلاپ كېلىۋاتقاندەك ئىدى ، شۇ چاغ ئالدى تەرەپتىكى دەريادىن سۇ ئەجدىھالىرى ، ھاۋادىن قارا بوران ئەجدىھالىرى چىقىپ ،خىرىس قىلىشىپ ھايقىرىشپ ئۇچۇپ كەلدى ، خەتەر قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدا قالدى .
شۇ دەقىقە يىراق – يىراقلاردىن قامغاق جادۇنىڭ زەئىپقىنە ئاۋازى ئاڭلاندى : - ئاخىرقى سېھرى- كۈچۈمنى جارى قىلدۇرىۋاتىمەن ، غەيرەت قىلىڭلار ، بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كەتسەڭلار قالغىنى ئاسانغا توختار .
ئۇنىڭ سۆزى ئاياغلاشقان ھامان ، ئاسماندىن چىلەكلەپ قۇيغاندەك ، بەلكى ئاسماندا بىرەر  دىڭىزنىڭ تېگى تېشىلگەندەك بىر ھالەت زاھىر بولۇپ ، ئوت ئەجداھالىرىنى تۈگەل يوق قىلدى ، ئاخىرىدا يامغۇرلۇق ھاۋادا يەتتە خىل رەڭلىك نۇردىن ھاسىل بولغان  ھەسەن – ھۈسەن يول پەيدا بولدى ، ئاق تۇلپار شۇ يولغا چۈشۈپ ، قاناتلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ، كارامەت تىز سۈرئەتتە چېپىشقا باشلىدى ، ئۇنىڭ تۇياقلىرى يۆتكۈلۈپ بولغىچە كەينىدىكى ھەسەن – ھۈسەن يولىمۇ غايىب بولۇپ تۇراتتى ، سۇ ۋە بوران ئەجدىھالىرى بولسا ، ھەسەن – ھۈسەن يولىغا يىقىنلىشالماي ،   ئۇلار بىلەن تەڭ قەدەمدە پاراللىل ئۇچۇپ باراتتى .
شۇ ھالدا ئۇلار ئاخىرى ھەسەن – ھۈسەن يولىنىڭ يەنە بىر بېشىغا يىقىنلاشتى ، ھەسەن – ھۈسەن خىرەلىشىپ يول غايىب بولۇشقا باشلىدى ، بەلكى تىزلا خىرەلىشىپ ئۆچتى ، ئاق تۇلپار بار كۈچىنى قانىتىغا يىغىپ بىرلا پەرۋاز قىلىۋىدى ، سۇ ئەجدىھالىرى ئارىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ ، بىر تاغ چوقىسىغا چۈشتى ، تاغ خۇددى چىگرا سېپىلىدەك ھېلىقى مۇدھىش ۋادىنى تاغ كەينىدىكى يەنە بىر ئىقلىمدىن ئايرىپ تۇراتتى .
شاھزادە ئابدۇرىشىتتا كەينىگە قارىغىدەكمۇ جۈرئەت قالمىغاندى ، ئالدىغا قارىدى ، تاغ تۆۋىنىگە كۆزى يەتمىدى ، ئاق تۇلپار يەنە بىر تاقلىۋىدى ، تاغدىن تۆۋەنگە چۈشۈپ ، تۇياقلىرى زىمىنغا تەگكۈچە سانساناقسىز يىلان -چايان ، چەرەندە – پەرەندىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولۇشىشقا باشلىدى .
شاھزادە ئابدىرىشت قىلىچ – قالقاننى قولىغا ئالدى ، ئۇنىڭغىچە    ئاق تۇلپار يەنە بىر تاقلىۋىدى ،ئىككىنجى بىر تاغ ئۈستىگە چۈشتى ، بۇ يەردە بەدبەشىرە مەخلۇقلار كۈتىۋالدى ، ئاق تۇلپار بۇيەردىمۇ تۇرالماي ئاسمانغا پەرۋاز قىلدى ، ئەمما ئاسماندىمۇ ئاراملىق بولمىدى ، كىچىكلىرىنىڭ تېنى پىلدەك ، چوڭلىرى كىتتەك كېلىدىغان ، گاھىلىرنىڭ ئىككى ، گاھىلىرنىڭ ئۈچ ، گاھ-لىرنىڭ تۆت – بەش ، ھەتتا ئوننەچچىدىن بېشى بار ، گاھىلىرى سۇ ، گاھىلىرى ئوت   پۈركىيدىغان ، گاھىلىرىنىڭ پەيلىرى قىلىچ – خەنجەردىن بولغان ۋە گاھىلىرنىڭ تېنى پولات ساۋۇت  بىلەن قاپلانغان يىرتقۇچ قۇشلار ، ئۇلارغا ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلدى ، سۈرئىتى ئاق تۇلپارنىڭكىدىن قىلىشمايتى .
ھەر ھالدا ئاق تۇلپارنىڭ چاققانلىقى ۋە شاھزادە ئابدۇرىشىتنىڭ قىلىچ – قالقانلىرىنىڭ ئوبدانلا كارغا كىلىشى بىلەن ئۇلار ئامان- ئىسەن يەنە بىر تاغقا يىتىپ باردى ، تاغ چوقىسىدا ھىچقانداق مۈشكۈلات ۋە خىيىم خەتەردىن نىشان بولمىدى ،  بەلكى ساپ ھاۋالىقى ۋە گۈزەللىكى تەرىپىگە تىل ئاجىزلىق قىلغىدەك،جەننەتنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ ئەكەپ قويغان بولسا كىرەك ، دەپ قالغىدەك بىر ئارامگاھ ئىدى ، توزدىنمۇ گۈزەل قۇشلىرى يورغىلىشىپ يۈرەتتى ، بۇلبۇلدىنمۇ خۇشناۋا قۇشلار چاڭىلدىشىپ سايرىشاتتى ، بۇ يەردە بىر نەچچە مىنۇت بولسىمۇ تۇرۇشقا مۇيەسسەر بولغۇچى كېسەل بولسا ساقىيىپ ، قىرى بولسا ياشىرىپ ، زەئىپ- ھارغىن بولسا كۈچلۈنۈپ ، غەيرەت- شىجائىتى جۇش ئۇرۇپ قالاتتى .
شۇ ھالدا گۈللەر ئارىسىدىن بارچە گۈللەرنىڭ سەرخىللىرىدەك بىر توپ نازىنىن پەرى چىقىپ كەلدى ، ئۇلارغا قاراپ شاھزادە ئابدىرىشىت ئىختىيار تىزگىنىنى قولىدىن بېرىپ قويۇشقا تاسلا قالدى ، ئاق تۇلپارنىڭ   بىر ئاق كەپتەر گە ئايلىنىپ ، بىر تەرەپكە ئۇچۇپ كەتكىنىنى تۇيمايلا قالدى .
نازىنىن پەرىلەر ئۇنى كۆرۈپلا ئاق كېپىنەكلەرگە ئايلىنىپ ، كەلگەن تەرىپىگە ئۇچۇپ كەتتى ، ھايالسىزلا ئۇلاردىنمۇ گۈزەل ۋە ئۇلاردىنمۇ خۇشقامەت بىر توپ پەرىزاتلار چىقىپ كىلىشتى ، بىراق ئۇلارمۇ شاھزادە ئابدۇرىشىتنى كۆرۈپلا ھۈركۈگەن كىيىكتەكلا غايىب بولۇشتى ، ئارقىدىنلا يەنە بىر گوروھ گۈلبەدەن، گۈلرۇخسار پەرىلەر چىقىپ كەلدى ، ئۇلارغا قاراپ شاھزادە ئابدىرىشىت ھوشىنى يوقۇتۇپ قويايلا دەپ قالدى ، ئۇلارنى جەنەتنىڭ ھۆرلىرى بولسا كىرەك دەپمۇ خىيال قىلدى.
شۇ ئويدا تىڭىرقاپ تۇراتتى ، بىردىنلا بۇ بىر توپ پەرى ئىككى تەرەپكە ئايرىلىپ ئەدەب بىلەن قول باغلاپ تۇردى ، ئارىلىقتا بىر يول ئېچىلدى ، يولدا ئۆزلىكىدىن ھەسەن – ھۈسەندەك يەتتە خىل يىپەك يىپتىن توقۇلغان ، گۆھەر – ياقۇتلار بىلەن زىننەتلەنگەن بىر پايانداز پەيدا بولۇپ قالدى ، ئارقىدىنلا گوپۇلدىتىپ خوشھىد  تاراپ ، نۇر -ئاپتاپ جىلۋە قىلىپ، ئالەم – جاھان ئۆزگىچە نۇرلۇنۇپ يورۇپ كەتتى ، نۇر ۋە گۈزەللىك ئاپتىۋى مەنبەسى بولسا ئاسماندا ئۇچۇپ كېلىۋاتقان بىر ئاق بۇلۇت ئۈستىدە ئىدى .
ئاق بۇلۇت پاياندازنىڭ ئۇ بېشىغا قوندى ، بۇلۇت ئىچىدىن تالى مەجنۇندەك ئەۋرىشىم بويلۇق ، ئەمما ۋۇجۇدى قاتمۇ – قات ئاجايىپ كۆركەم – ئېسىل ، شاھانە كىيىم ئىچىگە پىنھان بولغان بىر ھۆر – پەرى چىقىپ كەلدى ، شۇ ھامان ئەتراپىدىكى گۈللەردىن قاقاھلاپ كۈلگەندەك سادا ئاڭلاندى .
شاھزادە ئابدۇرىشىت ئۇنىڭغا لاپپىدە بىرلا قارىدى ،ئۇنىڭ قات- قات پۈركەنجسى ئىچىدىن بالقىپ تۇرغان گۈزەللىك ئاپتىۋىدىن  كۆزلىرى قامىشىپ ، تېنى سىماپتەك ئېرىپ ، ھۇش كەپتىرى تەن قەپىزىدىن ئايرىلىپ ، تۇرغان يېرىگىلا يىقىلدى .
بىر چاغلاردا يۈزىگە چېچىلغان مۇزدەك سوغ ، ئەمما ئاجايىپ خۇشبۇي گۇلاپ سەۋەبلىك ھوشىغا كەلدى ، كۆزلىرىنى ئاچتى، ئەمما باش ئۈستىدە بىر قۇياش بەلكى ، ھۆسنى قۇياش مەسەللىك ، بەلكى قۇياشمۇ ئۇزراق بىر نازىنىن دىلبەرنىڭ نۇرلۇق جامالىنى كۆردى .
كۆردىيۇ ۋۇجۇدىغا ئىشق ئوتى يامراپ ،تومۇر – تومۇرلىرىدا قانلىرى ئۇرغۇپ- قايناپ ، ئوتقا چۈشكەندەك تولغۇنۇپ توختىدى ، بىر شۇ   دىلرەبانىڭ ئىشتىياقىدىن باشقا ھەممە نەرسە كۆڭۈل ئالىمىدىن غايىب بولدى .
مەرھەبا ! – دىدى نازىنىن پەرى ئانار دانىسىدەك جىلۋىلەپ تۇرغان لەۋلىرىنى مىدىرلىتىپ، ئۇنىڭ ھەر سۆزى بىلەن تەڭ ئەتراپتا سانسىزلىغان گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغاندەك بىر ھالەت زاھىر بولاتتى ، ئۈنچە – مارجانلار چىچىلاتتى .
شاھزادە ئابدۇرىشىت نىمە دىيىشى ، نىمە قىلىشنى بىلمەي قاراپ تۇرۇپ كەتتى ، يۇلتۇزلار مەجلىسىدىكى تۇلۇن ئايدەك ، ئۆز گۈزەللىكى بىلەن ھەممىنى بېسىپ چۈشكەن پەرىلەر مەلىكىسىدىن باشقىغا قاراشقا تاقىتى يوق ئىدى .
پەرىلەر مەلىكىسى ئۇنى ئاپپاق ۋە يۇمران ، نازۇك قوللىرىدا يىتىلەپ كەينىگە ياندى ، ئاجايىپ ئېسىل ۋە كۆركەم بىر راۋاققا ئېلىپ باردى ، راۋاقتا ئالتۇن تەخت قويۇلغان ، تەخت ئالدىدىكى ئالتۇن شىرەگە ئېسىل نازۇ- نىمەت، خۇشبۇي شاراپلار ھازىرلانغان ئىدى .
پەرىلەر ئاجايىپ يېقىملىق ناخشا- مۇزىكىلارنى ئورۇنداشقا باشلىدى ، شاھزادە ئابدۇرىشىت پەرىلەر مەلىكىسى بىلەن بىر – بىرىگە ياقۇت جاملاردا، گۈلرەڭلىك شاراپلارنى تۇتۇشۇپ ، كۆڭۈل ئىزھار قىلىشقا چۈشتى ، شاھزادە ئابدۇرېشىت  ئەتراپتىكى پەرىلەردىن ھايا قىلىپ، زور چىدام – غەيرەت بىلەن ئۆزىنى بىسىپ ئولتۇراتتى ، ئەمما پەرىلەر مەلىكىسىنىڭ ھەر قىتىملىق نازلىق بېقىشلىرى ئۇنى  ئەقىل -ھوشىدىن ئايرىپ تۇراتتى .
شۇنداق كۆڭۈللۈك بەزمە ئۈستىدە بىردىنلا ئاسماندا بىر بوز تورغاي پەيدا بولدى ، تولىمۇ مۇڭلۇق ۋە ياڭراق ئاۋازدا نەچچە قىتىم چۇ –چۇلىۋىتىپ ئۇچۇپ كەتتى .
شاھزادە ئابدىرىشىت بىردىنلا يۈرەك باغرىنى نىمىدۇر تاتىلىغاندەك ھېس قىلدى ، بىئارام بولۇپ ئولتۇرۇلمايلا قالدى ، پەرىلەر مەلىكىسىنىڭ گۈزەللىكى ۋە جىلۋە- نازلىق بېقىشلىرى ئاراملىق بىغىشلىغان بولسىمۇ ، كىيىن يەنە قولىدىكى ياقۇت جامغا تولدۇرۇلغان گۈلرەڭ شاراپ ئىچىدە ئوت ئىچىدە قالغان بىر قىزنىڭ تولىمۇ ئىچىنىشلىق ھالى زاھىر بولغاندا بولسا ،خۇددى تىكەن ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قالغاندەك چاچراپ تۇرۇپ كەتتى ، ياقۇت جاممۇ قولىدىن چۈشۈپ كىتىپ، مەر – مەر تاش ياتقۇزۇلغان يەردە چېقىلىپ پارە – پارە بولۇپ كەتتى .
پەرىلەر مەلىكىسىمۇ ، پەرىلەرمۇ چۆچۈپ كىتىشتى ، ھەممسى سۇئال نەزىرى بىلەن شاھزادە ئابدۇرىشىتقا تىكىلىشتى .
مېنى كەچۈرۈڭ – دىدى شاھزادە ئابدىرىشىت كۆزلىدە لىغىرلاشقا باشلىغان ياشلىرىنى تەستە توختىتىۋىلىپ- بۇ دىيارغا گۈزەللىك بۇلىقىنىڭ سۈيىدىن ئالغىلى كەلگەن ئىدىم ، قوشكېزەك ئاچىلىرىم ماڭا تەلمۈرۈپ   ، نىكاھلاپ ئالغان ھالال جۈپتۇممۇ يولۇمغا تىكىلىپ ، تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن بىر دوستۇممۇ قۇتقۇزۇشۇمنى ئۈمىد قىلىپ تۇرۇپتۇ ، مەن ئۇلاردىن كىچەلمەيمەن .
ئۇ شۇنداق دەۋىتىپلا ئالدى- ئارقىسىغا قارىماي قۇيۇندەك يۈگرەپ كەتتى ، پەرىلەر مەلىكسى بىر ھازا قاراپ تۇرۇپ كېتىپ ،ئاخىرى شەھلا كۆزلىرىدىن   ئالمىدەك مەڭزىگە تۆكۈلگەن شەبنەمدەك تامچىلاردىن ئەندىكىپ ئېسىگە كەلدى : - توختاڭ ! – دەپ توۋلىغىنىچە شاھزادە ئابدۇرىشىتنىڭ كەينىدىن قوغلىدى ، شامالدا ئۇچقان غازاڭدەك يەڭگىل ئۇچۇپ ، بىر چاغلاردا شاھزادە ئابدۇرىشىتقىمۇ يىتىشىۋالدى ، شاھزادە ئابدۇرىشىتمۇ شاققىدە توختىدى ، لېكىن كۆزىنى يەردىن ئۈزمىدى، ئۇنىڭغا قاراشقا پىتىنالمىدى ، يەنە قارىسا يەنە ھەممىنى ئۇنتۇپ ، ئۇنىڭغا ئەسىر بولۇپ قىلىشىدىن قورقتى .
سىزنى توسمايمەن – دىدى پەرىلەر مەلىكىسى مۇزىكىدەك يېقىملىق ،ئەمما تولىمۇ مۇڭلۇق ئاۋازىدا : - ئەمما مېنى شۇنداقلا تاشلاپ كېتىشىڭىزنى خالىمايمەن ، چۈنكى مەن دىۋىلەرنىڭ قەپىزىدىن قۇتۇلغاندىلا بارلىقىمنى سىزگە بېغىشلاشقا ئەھدى قىلغان ، قول رومىلىمنى ئىلىۋىلىڭ، ئۇ يەنە سىزگە ئەسقاتىدۇ ، ئۇنىڭسىز بۇ كوھىقاپتىن كىتەلمەيسىز .
رەھمەت – دىدى شاھزادە ئابدىرىشىت مەيۇسقىنا :- مىنىڭمۇ سىزدىن ئايرىلغىم يوق ، بىراق مەن ...
بىلىمەن – دىدى پەرىلەر مەلىكىسى ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ : - سىز توي قىلىپ بولدىڭىز ، لىكىن مەن يىراقتا قالغان شۇ مەھبۇبىڭىز بىلەن ھەمشىرىلەردىن بولۇپ ئۆتۈشنى خالايمەن ، گۈزەللىك بۇلىقىدىن يېنىشىڭىزدا ئاق تۇلپار خالىسىڭىز سىزنى يېنىمغا ئېلىپ كېلىدۇ ، سىز كېلىشنى خالىسىڭلا مەنمۇ سىزگە مەڭگۈلۈك ھەمرا بولۇشقا تەييارمەن ، مەيلى نىكاھلاپ ئېلىڭ ، مەيلى كېنىزەك بىلىڭ ، مەن ھەممىگە رازى .
سىز مەڭگۈ مېنىڭ مەلىكەم ، مەن سىزگە سادىق غۇلام – دىدى شاھزادە ئابدۇرىشىت ، پەرىلەر مەلىكىسى كۈلۈمسىرىدى ، ئەتراپىدا مىڭلاپ گۈللەر ئىچىلىپ ، ئۈنچە- مارجانلار چىچىلدى .
بېرىڭ – دىدى ئۇ - ئاق تۇلپارنى ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىڭ ، ئۇ سىزنى مەنزىلگە يەتكۈزىدۇ ، ئەمما ئېھتىيات قىلىڭ ، كوھىقاپ دىۋىلىرى كارامەت يامان ، يولىڭىزدا سىزگە يەنە باشقا خەۋىپلەر بار .
بىلدىم – دىدى شاھزادە ئابدۇرىشىت مېھرى بىلەن ئۇنى باغرىغا بېسىپ -سىزنى چوقۇم ئەپكىتىمەن .
ئاندىن ئۇ يېنىدا ھازىرلا پەيدا بولغان ، ئويناقلاپ تۇرغان ئاق تۇلپارغا مىندى .
مانا بۇنى ئېلىۋىلىڭ – دىدى پەرىلەر مەلىكىسى ئالتۇن رامكىلىق كىچىك ئەينىكىنى   سۇنۇپ : - كىرەك بولۇپ قالار ؟
شاھزادە ئابدۇرىشىت ئەينەكنى ئالدى ، ئاق تۇلپار بىر تاقلاپلا كۆككە پەرۋاز قىلدى ، ئاقار يۇلتۇزلاردىنمۇ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپكە ئۇچۇپ كەتتى ، ئۇچتى ، ئۇچتى ،يىراقلاردىن غايەت ئىگىز بىر ئاق تاغ كۆرۈندى ، تاغ خۇددى ئاق قاردىن ھاسىل بولغاندەكلا ئىدى .
شاھزادە ئابدۇرىشىت ئاق تاغقا يەتكىنىنى بىلدى ، يېقىنلاشقانسېرى يۈزىگە زەھەرلىك نەشتەردەك ئۇرۇلىۋاتقان بىر سوغۇقنى سەزدى ، ئارقىدىنلا ئاپپاق قار چىچەكلەرنى ئۇچۇرۇپ ، جۇت – شىۋىرغان يېتىپ كەلدى ، جۇت- شىۋىرغاننىڭ شىددىتىدىن ئاق تۇلپارمۇ سۈرئىتىنى ئاستىلاتتى .
ئاخىرى بىرىپ ھەرقانچە ئىنتىلسىمۇ بىر قەدەم باسالمىدى ، بەلكى بىر چاغلاردا غازاڭدەك پىقىراپ يۈرۈپ جۇت -شىۋىرغاندىكى قار ئۇچقۇنلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، زىمىن يۈزىدىكى بىر قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە تىقىلدى ، قار ئاستىغا كۆمۈلۈپ ، مۇزلاپ قېتىپلا قالدى .
شۇ ھالدا شاھزادە ئابدۇرىشىتنىڭ قۇندۇزدەك قارا چاچلىرىغا يېپىشىپ قالغان بىرتال   قامغاق چېچىكى ئۆزلىكىدىن ۋاللىدە ئوت ئېلىپ ياندى ، ئوت تىزلا ئۆزلىكىدىن گۆرۈلدەپ كۈيۈپ ئۆڭكۈردىكى قار- مۇزلارنى ئېرىتتى ، ئەمما شاھزادە ئابدىرىشىتنىڭمۇ ،ئاق تۇلپارنىڭمۇ ھېچيېرىنى كۆيدۈرۈپ قويمىدى ، بەلكى ئۇلارنىڭ مۇز بولۇپ قاتقان جىسمىنى ئىللىتى ، ئۇلار ئۆڭكۈردىن چىقىشقا تىرىشتى ، ئوت  قار -مۇزلارنى ئىرىتىپ ، يول ئاچتى ، شۇ ھالدا ئۇلار خەتەردىن قۇتۇلۇپ چىقتى، ئەمما شاھزادە ئابدىرىشىت ئۆڭكۈردىن چىقىپلا قامغاق جادۇنىڭ قىزى گۈلنىگارنى كۆردى ، ئۇنىڭ تېنىدىن ئىس- تۈتەك بىخسىپ تۇراتتى ، ھەممە يېرى پۇچۇلىنىپ قارىغۇسىز دەرىجىدە جاراھەتلەنگەن ئىدى .
مىنى كەچۈرۈڭ – دىدى ئۇ زەئىپقىنا   - كۆپ ياردەم قىلالمىدىم ....
شاھزادە ئابدىرىشىت دەرھال تۇلپاردىن سەكرەپ چۈشۈپ ، ئۇنى باغرىغا باستى ، مىھرى بىلەن باش -كۆزىنى سىلىدى .
نىمە ئۈچۈن ؟ - دىدى شىۋىرلاپ كۆزىگە لىققىدە ياش ئىلىپ.
سىز ئۈچۈن – دىدى گۈلنىگار : - سىز ئاتلانغاندا مەنمۇ قامغاق چېچىگى بولۇپ ، سىزگە يېپىشاۋالغان ئىدىم ، سىزگە ياردىمىم تىگىپ قالار دەپ ئويلىغانتىم ، ئەپسۇس زەئىپلىكىمدىن قولۇمدىن تۈزۈك ئىش كەلمىدى ، شۇڭا ئۆزۈمنى قۇربان قىلىپ بولسىمۇ سىزنى قۇتقۇزاي دىدىم ، ھازىرقى ھالىتىم تىخىمۇ يىرگىنشلىك بوپ كەتتى ھەقىچان .
ياق !– دىدى شاھزادە ئابدۇىرشىت  ئۇنى قۇچاقلاپ پىشانىسىگە سۆيۈپ تۇرۇپ : - سەن يىرگىنىشلىك ئەمەس ، بەلكى مەن ئۈچۈن ھازىر تولىمۇ سۆيۈملۈك .
شۇنداق دەۋىتىپ ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى ئىختىيارسىز گۈلنىگارنىڭ يۈزىگە تامدى ، شۇ ھامان گۈلنىگارنىڭ جىسمىدىكى جاراھەتلەر پاك – پاكىز غايىپ بولۇپ ، ھەممە يىرى نۇرغا چۆمدى ، ئۇ نۇر ئىچىدە يەنە قامغاق چېچىكىگە ئايلىنىپ ، شاھزادە ئابدۇرىشىتنىڭ چېچىغا چاپلاشتى .
مەن مەڭگۈ سىز بىلەن بىللە – شۇنداق شىۋىرللاش ئاڭلاندى شاھزادە ئابدۇرېشىتنىڭ قۇلاقلىرىغا ، شاھزادە ئابدۇرىشىت ئۈندىمەستىن تۇلپارغا مىندى ، جۇت- شىۋىرغان چىپپىدە توختاپ قالغان ئىدى .
ئۇلار تىزلا ئاق تاغ باغرىغا يەتتى ، بىراق ئەمدى نىمە قىلىشنى بىلمىدى .
پەرىلەر مەلىكىسىنىڭ ئەينىكىنى چىقىرىڭ – شۇنداق شىۋىرلاش ئاڭلاندى ئەمدى ئۇنىڭ قۇلاقلىرىغا .
شاھزادە ئابدۇرىشىت قوينىدىن ئەينەكنى چىقاردى ، ئەينەكتىن شۇ ھامان ۋاللىدە نۇر چاقناپ ،ئاق تاغ ۋاققىدە يېرىلدى ، ئىككى تەرەپكە ئۆڭتۈرۈلدى ، ئارىدىن بولسا مۇشتۇمدەك بىر    كاللا ئۇچۇپ چىقىپ ، بارا – بارا يوغىناپ ، ئاخىرى بېشى ئاسمانغا تاقاشقان غايەت زور دىۋىگە ئايلاندى ، ئۇنىڭ كۆزلىرى غايەت زور پانۇستەك يىنىپ تۇراتتى ،ھەممە يىرى   ئاق قاردىن پۈتۈلگەندەك ئىدى .
ئاق دىۋە شاھزادە ئابدىرىشىتقا قارىتىپ پۈۋلىدى ، ئاغزىدىن كارامەت قىزىق ھارارەتلىك بىر ھور پۈركىدى .
شاھزادە ئابدىرىشىت دەرھال قالقىنىنىڭ دالدىسىغا كىردى .
ئەي ئادىمىزات – توۋلدى ئاق دىۋە   ئالەم -جاھاننى زىل – زىلىگە كەلتۈرۈپ : - جېنىمغا قەست قىلغىلى كەلدىڭمۇ ياكى باشقا مۇددىئايىڭ بارمۇ ؟
جېنىڭنى كۆزلىمەسمەن – دىدى شاھزادە ئابدىرىشىت – جېنىڭنى كۆزلىسەم ئالىبۇرۇن جەھەننەمگە ئۇزۇتۇپ بولاتتىم ، مەن گۈزەللىك بۇلىقىغا ماڭغان ، ماڭا ئۇنىڭدىن خەۋەر بەرسەڭ بىر تال مويىڭغا تەگمەسمەن .
بەك چوڭ سۆزلەيدىكەنسەن – دىدى ئاق دىۋە قاقاھلاپ كۈلۈپ : - ئۇنىڭ كۈلكسى بىلەن ئالەم – جاھان زىل – زىلىگە كىلىپ، زىمىن تىترەپ كەتتى ، چاك –چاك يىرىلدى : - جېنىم ئۆز تىنىمدە ئەمەس ، سەن ھېچنىمە قىلالمايسەن ، ئەكسىچە باتۇرلىقىمغا ھازىرغىچە تەڭدىشىم يوق ئىدى ، سېھرى ئەفسۇنلارمۇ ماڭا كار قىلماس ئىدى ، بەلكى ماڭا قەست قىلغانلار ئۆزى ھالاك بولار ئىدى ، كەل بىز سىنىشايلى ، سىنىشىپ   مەغلۇب بولسام ساڭا بويسۇناي ، مەغلۇب بولساڭ مەن سىنى بىرۋاخ ئوزۇق قىلىمەن ، ئادەمىزات گۆشىدىن تېتىپ باققىم بار ئىدى ،بۈگۈن ئۆز ئايىغىڭ بىلەن كەپسەن ، بەلكىم مىنىڭ رىسقىمدۇرسەن .
شۇنداق دەۋىتىپ ئۇ بىرلا سىلكىندى ، 20 ياشلاردىكى يىگىتكە ئايلاندى ، چاچلىرى، قاش – كىرپىكلىرى ئالتۇن رەڭ ، كۆزلىرى دېڭىزدەك كۆك ئىدى ، لېكىن بەدىنى قاردەك ئاق ئىدى ،گويا قار ھەيكەلدەك، ھەيكەل بولغاندىمۇ ھەيكەلتاراچنىڭ نادىر ئەسىرىدەك ، بوي -تۇرقى چىراي -شەكلى ئاجايىپ كېلىشكەن ئىدى .
ئۇ كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە شاھزادە ئابدۇرىشىتنىڭ يېنىغا ئۈندى ، بېلىدىن قارماپ چېلىشقا چۈشتى ، شاھزادە ئابدۇرىشىت قىلىچ- قالقانلىرىنى تاشلاپ چېلىشىشقا مەجبۇر بولدى ، ئۇلار بىر – بىرىنى كۆتۈرۈپ ئېتىش ئۈچۈن كۆپ زورۇقتى ، لېكىن ھېچقايسىغا   ئىمكان بولمىدى ، شاھزادە ئابدۇرىشىت تاكى مۇشۇ كەمگىچە مۇشۇنداق كۈچلۈك رەقىپكە دۇچ كەلمىگەنلىكىنى ھېس قىلدى .
ئاق دىۋىمۇ شاھزادە ئابدۇرىشىتقا ئىچىدە قايىل بولدى .
شاھزادە ئابدىرىشت ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشسا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ، بەلكى ۋاقىت ئىسراپ بولۇپ ، كىيىن پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى سەزدى – دە، توختا دىدى ئاق دىۋىگە : - ساڭا بېردىغان بىر نەرسە بار .
ئاق دىۋە قولىنى بوشىتىپ دىدى : - قېنى چىقار .
شاھزادە ئابدىرىشىت مەلىكە نادىرەنىڭ بىرتال چېچىنى چىقاردى ، چاچ يىلاندەك سوزۇلۇپ بېرىپ دىۋىنىڭ بوينىغا ياماشتى ، ۋە ھايالسىزلا غايىب بولدى ، دىۋە بىر ئاھ تارتتى،كۆكرىكىدە بىر ئوت پەيدا بولۇپ ، ۋۇجۇدى قىزىللىققا پۈركەندى .
بولدى بەس – دىدى ئۇ نالە- پەريات قىلىپ : - چۈشلىرىمدە بىر ئادەمىزات مەلىكىنى كۆرەتتىم ، ئۇنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىغا باغلىنىپ قالار ئىدىم ، مانا ئۇ   چاچنىڭ بىر تېلى   ھازىر ئوڭۇمدا زاھىر بولدى ، مېنى ئۆزىگە تەسلىم قىلدى ، ئەي ئادەمىزات ، ئەگەر مېنى مۇرادىمغا يەتكۈزسەڭ، ساڭا چىن دىلىمدىن خىزمەت قىلغان بولاتتىم .
ياخشى گەپ – دىدى شاھزادە ئابدۇرىشىت : - لېكىن مۇشۇ سىياقىڭدا يۈرگىن ، ئۇ دىۋە سىياقىڭنى ياقتۇرمايدۇ .
ئوبدان – دىدى ئاق دىۋە : - قەسەم قىلىمەنكى ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن جېنىم پىدا .
مېنى گۈزەللىك بۇلىقىغا يەتكۈزگىن – دىدى شاھزادە ئابدۇرىشىت – ئۈچ كۈندە بېرىپ كېلىشم زۆرۈرىيەت ئىدى ، خېلى ۋاقىت ئۆتۈپ بولدى ، بىر دەقىقە كىچىكىش مېنى ئۆمۈرلۈپ پۇشايمانغا گىرىپتار قىلىدۇ .
بىلدىم – دىدى ئاق دىۋە : - سېنى يەتكۈزۈشكە بىر مېنىڭلا قۇربىم يېتىدۇ ، كەل قۇلىقىمغا كىر ، چىق دىگەندە ئالدىمغا ھازىر بولىسەن ، ئۆزىڭنى گۈزەللىك بۇلىقى ئالدىدا كۆرىسەن .
شۇنداق دەۋىتىپ ئۇ يەنە غايەت زور دىۋە ھالىتىگە كەلدى ، ئاق تۇلپارمۇ بىر ئاقرومالغا ئايلىنىپ، شاھزادە ئابدۇرىشىتنىڭ قوينىغا كىرىپ كەتتى ، ئاق دىۋە شاھزادە ئابدۇرىشىتنى ئالقىنىدا كۆتۈرىۋىلىپ قۇلىقىغا تاشلىدى ، ئۇنىڭ قۇلىقى خۇددى دوزاخنىڭ ئوچىقى ئىدى ، شاھزادە ئابدۇرىشىتقا تەخىر قىلىپ ئولتۇرۇشقا توغرا كەلدى .
ئاق دىۋە غۇي قىلىپلا غايىب بولدى ، بىر ساتتىلا مەغرىپ ئاسمىنىدا بىر يۇلتۇز پەيدا بولۇپ ، قاراڭغۇ  تونۇردەك بىر كامارغا ساقىپ چۈشتى ، كامار ئىچى يۇلتۇز نۇرىدا ۋاللىدە يورۇپ كەتتى ، بۇ يەر گويا زۇلمەت ئىدى ، ئىچىدە ئاجايىپ زور گىگانت مەخلۇقلار يورغۇلۇشۇپ يۈرەتتى ، ئەمما زىمىن يۈزى كۈلرەڭ چۆيۈندەك بولۇپ ، ھېلىقىلارغا يىگىدەك بىرنەرسە تىپىلمايتتى، شۇڭا سىرتتىن كىرىپ قالغان ھەرقانداق مەخلۇقنى ئامان قويمايتى ، يۇلتۇز شۇ ئىقلىمغا چۈشۈپلا ئاق دىۋىگە ئايلاندى .
قولىدا شاھزادە ئابدۇرىشىتنىڭ قىلىچ- قالقىنى بار ئىدى ، قىلىچ – قالقان ئۇنىڭ بوي- بەستىگە لايىق چوڭايغان ئىدى .
ئاق دىۋە گىگانىت مەخلۇقلارغا قىلىچ بىلەن تاقابىل تۇردى ، قالقان بىلەن مۇداپەلەندى ، شۇنداق يۈرۈپ بىر بۇلاق بويىغا يەتتى ، بۇلاقتا پەقەت بىر پىيالە توشقىدەكلا سۇ بار ئىدى ، بۇلدۇقشىپ تۇراتتى ، يا تاشمايتتى ، يا كەمەيمەيتتى .
چىق ! – دىدى ئاق دىۋە ، شۇ ھامان شاھزادە ئابدۇرىشىت ئۇنىڭ قۇلىقىدىن ئۇچۇپ چىقتى .
تىزبول – دىدى ئاق دىۋە : - بۇ يەردە مىنۇت ھايال قالساق جېنىمىزدىن جۇدا بولىمىز .
ئاندىن شاھزادە ئابدۇرىشىتقا بىركىچىك ئالتۇن قاپاقنى بەردى : - سۇنى  بۇنىڭغا ئال.
شاھزادە ئابدۇرىشىت قاپاقنىڭ ئاغزىنى ئاچتى ، بۇلاق سۈيى ئۆزلىكىدىن قاپاققا ئۇچۇپ كىرىپ كەتتى ، ئاغزىنى ئەتتى ، شۇ چاغ زىمىن تەۋرەپ ، ھاۋا گۆلدۈرلەپ ، ئالەم -جاھان زىل – زىلىگە كەلدى ، شاھزادە ئابدۇرىشىت كۆردىكى ، يىراقتىن ئاق دىۋىگە قارىغاندا نەچچە ئون باراۋەر كېلىدىغان ئۈچ باشلىق ،ئالتە قوللۇق بىر دىۋە بۇ تەرەپكە كىلىۋىتىپتۇ ، ئۇنى كۆرۈپ مەخلۇقلار ھەر تەرەپكە پېتىراپ كېتىشتى ، ئاق دىۋە تىترەپ كەتتىدە دەرھال شاھزادە ئابدۇرىشىتنى قۇلىقىغا تاشلىدى ، كۆزدىن غايىب بولغىچە بىر شاپىلاق تەگدى ،   ئاقدىۋە   زىمىنغا چاپلىشىپ قالدى ، ئۇستىخانلىرى قاراسلاپ كەتتى ، ھوش كاللىسىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاسلا قالدى .
ھېلىقى چوڭ دىۋە ئۇنى   غايەت زور تۈۋرۈكتەك بىگىز بارمىقىنىڭ تىرنىقىدا تاتىلاپ ئېلىپ، ئۆزىنىڭ كۆلدەك ئاغزىغا قارىتىپ ئاتتى ، بىراق ئاق دىۋە سەل ئېسىگە كېلىپ ، ھاۋادا غۇي  قىلدى – دە، غايىب بولدى ،ئۈچ باشلىق  دىۋە ئولجىسىنىڭ قولدىن كەتكىنىگە ئىچىنىپ ،ھۆكۈرىگەنىدى،ئاسمان كتۈرۈلۈپ،زىمىن ئۆڭتۈرۈلگەندەك بىر ھالەت زاھىر بولدى.
بىر چاغلار  ئاجايىپ چوڭ بىر تاغ چوقىسىدا ۋاللىدە قىلىپ بىر يۇلتۇز چاقنىدى ، يۇلتۇز ئورنىدا بولسا ئاق دىۋە پەيدا بولدى .
چىق ! – دىدى ئۇ شۇ ھامان شاھزادە ئابدۇرىشىت ئۇنىڭ قۇلىقىدىن ئۇچۇپ چىقتى ، جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ قالغان ئىدى .
تىرىكمۇ سەن ؟ - دىدى ئاق دىۋە .
خۇداغا شۈكرى ، تىرىكمەن – دىدى شاھزادە ئابدۇرىشىت .
ئۇھ ! – دىدى ئاق دىۋە : - جېنىمىزدىن جۇدا بولغىلى قىل قالدۇق .
بۇ قەيەر – سورىدى شاھزادە ئابدىرىشت .
بىلمەيمەن – دىدى ئاق دىۋە .
شۇ چاغ ئۇلار دەسسەپ تۇرغان تاغ تەۋرەشكە باشلىدى – ئاق دىۋە ئەتراپقا قاراپ بېشىغا بىرنى شاپاللىدى ۋە شاھزادە ئابدۇرشىتنى تۇتۇپلا قۇلىقىغا تاشلاپ ، چاقماق تىزلىكىدە كۆككە ئۆرلىدى ، ۋە تىزلا غايىب بولدى .
يەنە بىر جايغا چۈشتى ، گۈل چىمەنزارلىق باغ ئىدى ، ئەمما گۈللەر ئورنىدا يالماۋۇز باشلار ، شاخ – يۇپۇرماقلىرى ئورنىدا يىلان – چايانلار بار ئىدى ، ئاجايىپ قورقۇنۇچلۇق بىر ئورۇن ئىدى .
ھالىدىن كەتكەن ئاق دىۋەنىڭ بۇ يەردىن قوزغالغىدەك ماداراى قالمىدى .
چىق !– دىدى شاھزادە ئابدۇرىشىت قۇلىقىدىن ئۇچۇپ چىقتى ، دەرھال قىلىچ – قالقانلىرىنى قولىغا ئېلىپ ،قوغدىنىشقا ھازىرلاندى ، يالماۋۇز باشلار   بۇلارغا قاراپ چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ، يىلان – چايانلار نەشتەرلىرىدىن زەھەر تامدۇرۇپ كۇشۇلداشماقتا ئىدى .
قاچقىدەك ھالىم يوق – دىدى ئاق دىۋە : - بايا بىلمەي دىۋىلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولغان زۇلمەت شاھىنىڭ بېشىغا قونۇپتىمەن ، ئۇيقىدىكەن ، بۇلمىسا بىزنى دەم تارتىپ كەتسە، كۇمىتىدەكلا ئۇنىڭ دوزاختەك ئاغزىغا يەم بولغان بولاتتۇق ،ئەمدى قانداق يەرگە كىلىپ قالدۇقكى، بىلمىدىم ، ئۆزىڭگە ھېزى بول .
ئۇ شۇ سۆزدىن كىيىن ھوشىدىن كەتتى ؛شۇ چاغ يەر بېغىرلاپ بىر ئوغرى تىكەن سوزۇلۇپ كەلدى ، ئۇنىڭ شاخلىرىدا توققۇز يالماۋۇز كاللا بار ئىدى .
ھەي ئادەمىزات – دىدى توققۇز كاللا تۇققۇز خىل تىلدا : - ئۆز ئايىغىڭ بىلەن كەلگەن ئولجىسەن ، پۇشۇرۇپ يەيمۇ يا خامتالاش قىلايمۇ ، ئۆزۈڭ قارار قىل ، تاللاش ھوقوقىنى بەرگىنىم ئۆز ئايىغىڭ بىلەن كەلگىنىڭنىڭ مۇكاپاتى بولسۇن .
شاھزادە ئابدۇرىشىت ئۈندىمەستىن قىلىچ ئۇردى ، ئەمما قىلىچ تەككىچە ئوغرى تىكەن غايىب بولدى ، ئەمما ھەر تەرەپتىن، شاخ – شاخلاردىن يالماۋۇز كاللىلار سوزۇلۇپ كېلىشكە باشلىدى ، ئۇلارنىڭ گاھىلىرى ئوت ،گاھىلىرى زەھەرلىك تۈتەك پۈركۈيتتى ،ئاق دىۋە بولسا تەقدىرگە تەن بەرگەندەك سوزۇلۇپ ياتاتتى ، شاھزادە ئابدۇرىشىت ئۇنى قوغدىمىسا تىخى ئۆزىنى مۇھاپىزەت قىلمىسا تىخى ، تولىمۇ تەڭ قىسلىقتا قالدى .
شۇ چاغ كۆز ئالدىغا قامغاق جادۇنىڭ قىزى گۈلنىگار زاھىر بولدى ، پۇچىلانغان جىسمى سەللىمازا ساقىيىپ، قامىتى سەرۋى دەرىخىنى رەشىك ئوتىدا كۆيدۈرۈپ كۈل قىلغىدەك ئىدى ، نىمىلەرنىدۇر دىگەندەك قىلدى ، ئەمما شاھزادە ئابدۇرىشىت ئاڭقىرالمىدى ، شۇنداقتىمۇ ئۇ يوللۇق تۇتقان قەھرىۋا مارجانلار ئېسىگە كېلىپ ،ئۇنى قوينىدىن ئالدى قەھرىۋا مارجان قولىدىن چۈشۈپ ،توققۇز باشلىق ئوت ئەجدىھاغا ئايلىنىپ، ھەر تەرەپكە گۆرۈلدۈتۈپ ئوت پۈركۈپ ، تىزلا بۇ زىمىننى ئوت دىڭىزىغا ئايلاندۇرىۋەتتى ، ئەمما ئوت شاھزادە ئابدۇرشىتقىمۇ، ئاق دىۋىگىمۇ كار قىلمايتتى .
شۇ چاغ نېرىدا توققۇز باشلىق بىر يالماۋۇز پەيدا بولدى ، تېنى يىلان ئىدى ، ئىككى بېقىنىدا يۇپۇرماق شەكىللىك قاناتلىرى بار ئىدى ، توققۇز ئىغىزىدىن تەڭلا سۇ پۈركىدى ، زىمىن يۈزى دېڭىزغا ئايلاندى ، دىڭىزدا يەنە ھىساپسىز تىكەنلىك مەخلۇقلار بار ئىدى .
شاھزادە ئابدىرىشىت ئاق دىۋىنى تارتىپ ، ئوت ئەجدىھاغا مىنىۋالدى ،ئوت ئەجداھاسى ئاسمانغا ئۆرلىدى .
ئەي يىگىت – توۋلىدى توققۇز باشلىق يالماۋۇز : - ئامان كىتەي دىسەڭ ئاق دىۋىنى تاشلاپ كەت ، ئۇ بىزگە بىر نەچچە كۈنلۈك ئوزۇق بولىدۇ .
ياق – دىدى شاھزادە ئابدۇرىشىت – ئۇ مىنىڭ دوستۇم ، ئۇنى ھەرگىز سىلەرگە بەرمەيمەن .
ئۇنداقتا كېتىشنى خىيال قىلما – دىدى تۇققۇز باشلىق يالماۋۇز قىقىلداپ كۈلۈپ -ئوت ئەجدىھايىڭ  نابۇت قىلغان شاگىرتىمنىڭ قىساسى ئۈچۈن سېنى بوش قويمايمەن ،
ئاندىن ئۇنىڭ توققۇز بېشى تەڭلا سوزۇلۇپ كەلدى ، ئوت ئەجدىھا ئوت پۈركىدى ، كار قىلمىدى ، شاھزادە ئابدۇرىشىت  قىلىچ ئۇرىۋىدى ، قىلىچ تەككىچە غايىب بولدى ، شاھزادە ئابدۇرشىتقا يا قىچىشقا پۇرسەت - ئىمكان بولمىدى ، يا دۈشمىنىنى يوقۇتۇشنىڭ يولى بولمىدى ، نىمە قىلارىنى بىلمەي ھودۇقتى .
شۇ ھالدا كۆز ئالدىدا گۈلنىگارنىڭ سىماسى غىلپال پەيدا بولدى ، شاھزادە ئابدۇرىشىت ئېسىنى تېپىپ ، ئۇنىڭ زۇمرەت كۆزلۈك بىر جۈپ ئالتۇن ھالقىسىنى ئالدى .
ئۇنى كۈرۈپ تۇققۇز باشلىق يالماۋۇز توۋلىدى : - بولدى بەس !، ئۇنى تاشلىساڭ بىر جۈپ شىر بولىدۇ ، شىرلار دەم تارتىدىغان بولسا بۇ دالىدا ئوغرى تىكەن جەمەتىمىزنىڭ نەسلى قۇرۇيدۇ ، ئەمما يەنىلا كېتەلمەيسەن ، چۈنكى ئاق دىۋە سېھرى كۈچ – مادارىنى يوقاتتى ، ھازىرقى قۇۋىتى بىلەن سېنى ئەپ كىتەلمەس ، ئاق تۇلپارىڭ ھەم سېنى مەنزىلىگە ۋاقتىدا ئەپ بارالماس ، بىر دەقىقە كېچىكسەڭ قارا دىۋىدىنمۇ ئايرىلىسەن ، ياخشىسى ھالقىلارنى ماڭا بەر ، بەدىلىگە سېنى خالىغان يېرىڭگە كىچىكتۈرمەي يەتكۈزۈشكە قەسەم قىلاي .
قەسىمىڭىزگە قانداق ئىشىنىمەن – دىدى شاھزادە ئابدۇرىشىت .
ئىشەنمىسەڭ بىلگىنىڭنى قىل ، بىز جادىگەرلەر قەسەم قىلىپ ئەمەل قىلمىساق قەسەم ئوت بولۇپ ، ئىچىمىزنى ئۆرتەپ بىزنى ھالاك قىلىدۇ – دىدى تۇققۇز باشلىق يالماۋۇز .
بېرىڭ! – دىدى كىمدۇ بىرى ئۇنىڭغا .
شاھزادە ئابدۇرىشىتقا گۈلنىگارنىڭ ئاۋازى بىلىندى ، ئىككىلەنمەي ھالقىنى سۇنۇپ بەردى ، تۇققۇز باشلىق يالماۋۇز ھالقىلارنى ئىلىۋالغاندىن كىيىن بىر يۇمىلىدى ، توققۇز باشلىق بىر بۇغىغا ئايلاندى .
سىنى قاياققا ئاپىراي – سورىدى ئۇ : - پەرىزاتلار مەلىكىسى يىنىغىمۇ ياكى ئاچىلىرىڭنىڭ يېنىغىمۇ .
شۇ ھامان بىر تەرەپتە پەرىزاتلار مەلىكىسىنىڭ قۇياشتەك پارلاق سىماسى پەيدا بولدى ، ئۇ ئۆزى تەرەپكە ئىشارەت قىلاتتى .
يەنە بىر تەرەپتە بولسا نىكاھلاپ ئالغان ، ئەمما تىخى ۋىسالىدىن بەھرى ئالمىغان خوتۇنى گۈلنىگار ۋە قارا دىۋىنىڭ ئۈمىدسىز چىرايى ئايان بولدى .
شاھزادە ئابدۇرىشىت كاللىسىنى سىلكىۋىتىپ- بۇياققا !-دىدى كەسكىنلىك بىلەن .
ئۈستۈمگە مىن ، كۆزڭنى يۇم ، مەن ئاچ دىگەندە ئاچقىن ، ئۇنىڭغىچە كۆزۈم كور بولمىسۇن دىسەڭ كۆزۈڭنى ئاچما ، دىگەن ۋاقىتتا سېنى مەنزىلىڭگە يەتكۈزىمەن ، يەتكۈزەلمىسەم ئۆزۈم ھالاك بولىمەن – دىدى تۇققۇز باشلىق بۇغا .
شاھزادە ئابدۇرىشىت  چاققانلىق بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىگە مىندى ، ئاق دىۋىنى ھەم ئالدىغا ئولتۇرغۇزدى ، ئۇ تىخى ھوشىغا كەلمىگەن ئىدى .
توققۇز باشلىق بۇغا غۇي قىلىپلا ئۇچۇپ كەتتى ، شاھزادە ئابدۇرشىت گاھ سوغۇق ، گاھ ئىسىققا، گاھ سۇغا ، گاھ ئوتقا ،گاھ بورانغا ، گاھ جۇت- شىۋىرغانغا دۇچ كەلگەننى ھېس قىلدى ، لىكىن ھەممىسى كۆزىنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئۆتۈپ كەتتى ، بارا –بارا ئۇ ھېچنىمىنى سەزمىدى ، بىرچاغلار توققۇز باشلىق بوغا تاققىدە توختاپ توۋلىدى:- كۆزىڭنى ئاچ !
شاھزادە ئابدۇرىشىت كۆزىنى ئاچتى ، ئۆزىنى قارا دىۋە سالغان قەسىر ئالدىدا كۆردى ، توققۇز باشلىق بۇغا : - سېنى مەنزىلىڭگە يەتكۈزدۈم ، ئەمدى قايتاي ، قامغاق جادۇغا سالام ئېيت ، گەرچە ئۇ ھازىر سېھرى   كۈچ -قۇۋىتىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ يەنىلا مېنىڭ قېرىندىشىم .
شۇ سۆزدىن كىيىن  ئۇ غۇي قىلىپلا غايىپ بولدى . شاھزادە ئابدۇرىشىت تىز –تىز قەدەملەر بىلەن قەسىرگە كىردى .
مەرھابا ! – ئىشىكلەردىن شۇنداق سادا كەلدى، شاھزادە ئابدىرىشىت  قەسىرگە كىرىپ ،تەخت ئۈستىگە ياتقۇزۇلغان قارا دىۋىنىڭ تاشقا ئايلانغان جىسمى، ۋە ئۇنىڭ بېشىدا ياش تۆكۈپ ئولتۇرغان ئاچىلىرىنى كۆردى .
ۋاقتىدا كەلدىڭ – دىدى ئاچىلىرى دەرھال يىغىدىن توختاپ ، ۋاللىدە ئېچىلىپ .
شاھزادە ئابدۇرىشىت   ئالتۇن قاپاقنى بەردى ، مەلىكە كەرىمە ئۇنى قارا دىۋىنىڭ جىسمىغا تۆكتى ، نەچچە تامچە ئۇنىڭ ئۆزىگە ۋە مەلىكە نادىرەگە چاچرىدى ، شۇنىڭ ئۆزى يىتەرلىك بولدى .
بىردىنلا بۇ ئىككىسنىڭ ئەسلىدىكى گۈزەل ھۆسنى -جامالى ئاپتىۋى پارلىدى ، بەلكى ئىلگىرىكىدىنمۇ ئۇزراق ئىدى .
شاھزادە ئابدۇرىشىت كۆپ خۇرسەن بولدى ، ئارقىدىن قارا دىۋىنىڭ تاش جىسمىدىن بىر ھور كۆتۈرۈلدى ، شۇنۇڭدىن كىيىن ئۇمۇ ئەسلگە قايتىپ ئورنىدىن تۇردى .
مەلىكە كەرىمە خۇشاللىقىدىن ئۆزىنى ئۇنىڭ باغرىغا ئاتتى ، ئۇلارنىڭ شۇ چاغدىكى خۇشاللىقىغا گەپ توغرا كەلمەيتى .
ئەي ئادەمىزات ، ئەمدى مەن ئۈچۈن ۋەدەڭنى ئادا قىل – دىدى ئاق دىۋە ھوشىغا كېلىپ .
يەنە ئۈچ كۈندىن كىيىن ھەممىزگە توي مەشرەپ –دىدى شاھزادە ئابدىرىشىت كۈلۈپ .
مەنمۇ رازى – دىدى مەلىكە نادىرەمۇ ، چۈنكى ئاق دىۋىنىڭ بوينىدا ئۆزىنىڭ بىر تال چېچىنى كۆرگەن ئىدى ، بۇ چاچ گويا ئۇنىڭ دىل رىشتىسىگە ئايلانغان ئىدى .
ئاق دىۋىنىڭ شۇ چاغدىكى خۇرسەنلىكىگىمۇ تەرىپلەشكە سۆز تىزمىلىرى يېتىشمەس .
گۈلنىگار قېنى ؟ - سورىدى شاھزادە ئابدىرىشىت چاچلىرىنى سىلاپ قامغاق چېچىكىنى تاپالمىغاندىن كىيىن.
ئۇ ئانىسىنى ئىزلەپ كەتتى –دىدى ئاق دىۋە –سەن قەسىر ئالدىغا  چۈشكەندىلا ئۇ ئانىسىنى ئىزلەپ كەتكەن.
قېينىئانام قېنى؟- سورىدى شاھزادە ئابدىرىشىت يەنە .
قامغاق جادۇ  - ھەممە سېھرى كۈچ- قۇدرىتىدىن مەھرۇم بولۇپ ، قۇرۇق – قاخشال بولۇپ قالدى ، شامالدا پىقىراپ ، قاياقلارغا كەتكىنىنى بىلمىدۇق.
چۈشەندىم – دىدى شاھزادە ئابدۇرىشىت ھەسرەت بىلەن .
ئاندىن ئۇ ئاچىلىرى ۋە ئىككى دىۋە بىلەن خوشلۇشۇپ خوتۇنىنى تېپىش ئۈچۈن ئاتلاندى ، ئاچىلىرىنىڭ توسىشىغا كۆنمىدى ،پەرىلەر مەلىسىنىڭ قولرومىلىنى يەرگە تاشلىغان ئىدى،ئاق تۇلپارغا ئايلاندى.
سېنى پەرىزاتلار مەلىكىسى قېشىغا ئېلىپ بارايمۇ ؟–سورىدى ئاق تۇلپار .
ياق ،  خوتۇنۇم گۈلنىگار يېنىغا – دىدى شاھزادە ئابدۇرىشىت .
شۇنچە كۆرۈمسىز خوتۇننى دەپ پەرىلەر مەلىكىسىدىن ۋاز كەچكىنىڭگە ھەيرانمەن – دىدى ئاق تۇلپار .
كۆرۈمسىز بولسىمۇ ھالال نىكاھلاپ ئالغان جۈپتۈم ،ۋاپادارىم، ئەگەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ، ساداقەتسىزلىك قالپىقىنى كىيىپ بارساممۇ ، مەلىكە مېنى ياخشى كۆرىۋىرىدىغان ئىش بولسا مەن ئۇنىڭدىن كېچىمەن .
ئۆزىڭ بارغىن – دىدى ئاق تۇلپار رەنجىپ   - بۇ ئىشقا مەن ياردەم قىلالمىغىدەكمەن ، قاچانكى پۇشايمان قىلىپ ،مېنى ئەسلىسەڭ دەرھال ئالدىڭغا ھازىربولىمەن .
شاھزادە ئابدۇرىشىت ئۈندىمەستىن يولىغا راۋان بولدى ، ئاق تۇلپار بىر ئاق كەپتەرگە ئايلىنىپ ئۇچۇپ كەتتى .
شاھزادە ئابدۇرىشىت خوتۇنىنى نەدىن تېپىشنى بىلمەي ، ھەر تەرەپكە نەزەر سالدى ، قارادىۋە پەيدا قىلغان باغ سىرتى پايانسىز كەڭ بىر دەشتى- باياۋان ئىدى .
بۇ يەردە ھازىر گاھ شىددەتلىك قارا قۇيۇن قۇترىسا ، گاھ گۆكىرەپ بوران چىقىپ ، ئالەم -جاھاننى توپا -تۇمان قاپلايتتى ، گاھ تاراسلاپ تاش مۆلدۈر ياغسا ، گاھ بولۇتلار مۇز تاغ بولۇپ چۈشەتتى ، ھېلى بار مەنزىرە ھېلى كۆرۈنمەيتتى ، پەقەت باغ ئىچىلا قارا دىۋە بار سېھرى كۈچ - قۇدرىتىنى ئىشلىتىپ بىنا قىلغانلىقى ئۈچۈن ،بۇ يەردىكى بىردىنبىر ئارامبەخش  ماكان ئىدى .
شاھزادە ئابدىرىشىت قىلىچ -قالقىنىنى كۆتىرىپ ، بېشى قايغان ، پۇتى تايغان تەرەپلەرگە قاراپ كېتىۋەردى .
يولدا بىر چاغدا ئىنى ئوننەچچە غۇلاچ كېلىدىغان بىر سېرىق چايانغا يولۇقتى ، چايانىڭ ئۈستىدە مىڭلىغان ئۇششاق چايانلار قاتراپ يۈرەتتى .
شاھزادە ئابدۇرىشىت بىر چەتكە ئۆتۈپ يول بەردى ، سېرىق چايان قۇيۇندەك تىزلىكتە ئۆتۈپ كەتتى ، ئەمما شاھزادە ئابدۇرىشىتنىڭ ئالدىغا قۇيرۇقى يىڭنىدەك ،تېنى بادامدەك   بىر كىچىك چايان چۈشۈپ قالدى .
شاھزادە ئابدۇرىشىت توۋلىدى – توختا! ، بالاڭ چۈشۈپ قالدى .
ئانا چايان كەينىگە غۇيۇلداپ يېنىپ كەلدى، بالىسى ئۈستىگە يامىشىۋالغاندىن كىيىن سورىدى : - نەگە ماڭغانىتىڭ ؟
خوتۇنۇم بىلەن قىيىنئانامنى ئىزلەپ ماڭغان -دىدى شاھزادە ئابدىرىشىت .
بىچارىلەر - دىدى ئانا چايان : - نەلەردە قاڭغىر - قاخشاپ يۈرىدىكىن ، ئەسلىدىمۇ ئۇنىڭ قىزى سېنى ياخشى كۆرۈپ خاتا قىلغان ، بولمىسا بۇ كۈنگە قالمايتى ، ئانىسىنى بىر چاغلاردا كۆردۈم ، بىرتاللا ياپرىقى قاپتۇ قۇرىماي ، ئۇندىن باشقا يەرلىرى قۇرۇپلا كېتىپتۇ ، ئەمدى شۇ بىر ياپرىقى قۇرۇپ تۈگىسە ئۇمۇ جېنىدىن ئايرىلىدۇ .
ماڭا ئۇلارنى نەدىن ئىزلەپ تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئىيتىپ بەرگەن بولسىڭىز - دىدى شاھزادە ئابدۇرىشىت يېلىنىپ : - بەلكى ئۇنى قۇتقۇزۇش ئامالى بولۇپ قالار .
قاپىقىڭغا قارا ، يەنە گۈزەللىك بۇلىقىنىڭ سۈيى بارمىكىن - دىدى ئانا چايان .
شاھزادە ئابدۇرىشىت قوينىدىن قاپاقنى ئىلىپ سىلكىپ باقتى ، ئاۋاز چىقمىدى .
ئېسىت - دىدى ئۇ مەيۈسلىنىپ : - ھەممىسىنى تۆكۈپ بولغان بولسام كىرەك .
بىر تامچىسىمۇ يېتەر ئىدى ، سەن ئىشلەتكەندە كۆپ زايا قىلىۋىتىپسەن - دىدى ئانا چايان ئەيىبلەپ .
مەن يەنە بىر قېتىم بىرىپ كەلسەم بولارمۇ - دىدى شاھزادە ئابدۇرىشىت ئالدىراپ : - قامغاق جادۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرقانچە مۈشكۈل- خەتەر بولسىمۇ تەۋەككۈل قىلىشقا رازىمەن .
مۇمكىن ئەمەس - دىدى ئانا چايان : - ئەمدى سېنى كىم ئاپىرىپ ، كىم ئەكىلىدۇ ، ئاپىرىپ ئەكىلىدىغانلار چىقسىمۇ دۇچ كېلىدىغان خەتەر ئىلگىركىدىن بىر ھەسسە كۆپىيىدۇ ، قاپاقنى ساقىتقىن ،چوقۇم بىر تامچە چىقىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن قۇتقۇز .
رەھمەت، ئەقىل كۆرسەتكىنىڭگە - دىدى شاھزادە ئابدۇرىشىت .
بايىقى بالامنى ساڭا بېرەي ، يىرگەنمەستىن تۇلپار ئورنىدا مىنسەڭ كۆزلىگەن نىشانىڭغا ئېلىپ بارىدۇ ، ئۆز ئايىغىڭ بىلەن بولسا بۇ چۆل - باياۋاندىن بىر ئۆمۈر ئىزلەپمۇ ئۆزى تۈگۈل ،قالدۇرغان   ئىزىنىمۇ تاپالمايسەن .
چۈشەندىم ، سەندىن تولىمۇ مىننەتدارمەن - دىدى شاھزادە ئابدۇرىشىت .
بۇ دىگەن ياخشىلىققا ياخشىلىق دىيىلىدۇ ،بايا ئەڭ كىچىك بالام چۈشۈپ قالغىنىنى سەزمەيلا قاپتىمەن ، ئەگەر يىراقلارغا كەتسەم ئۇ ئاللىبۇرۇن كۈشەندىلىرىنىڭ قارنىغا كىرىپ كەتكەن بولار ئىدى ، ئەمدى ئۇ ئۆزى ساڭا ياخشىلىق قايتۇرسۇن ، سەنمۇ ئۇنى ئاسىرا ، قوغدا ، چۈنكى ئۇ ئەمدى تېخى يۈگرەشنى ئۈگەندى ، يەنە خالىساڭ چوڭىيىپ،  خالىساڭ كىچىگلىيەلەيدۇ - دىدى ئانا چايان .
ئاندىن بىر سىلكىندى ، بايىقى كىچىك چايان  يەرگە چۈشتى ، ئاندىن ئانىسىنىڭ يېرىمىچىلىك چوڭايدى .
شاھزادە ئابدۇرىشىت ئىككىلەنمەستىن ئۇنىڭغا مىندى ، ئانا چايان ئۆز يولىغا ماڭدى ، بالا چايان تۆت تەرەپنى ھىدلىۋىتىپ ، ئاندىن بىر  تەرەپكە غىرىلداپ يۈرۈپ كەتتى .
يۈرىشى كارامەت تىز ، مەيلى قۇم - باياۋان ، مەيلى تاشلىرى قىرلىق تاغ - ئىدىرلار بولسۇن ، مەيلى زەرداپ قايناپ تۇرىدىغان ساسلىق ، مەيلى سۈيى   ۋاراقلاپ قايناپ تۇرىدىغان كۆل يۈزى بولسۇن ، ھەممىسىدىن خۇددى تۈز يەردە ماڭغاندەك ھەم سىلىق ھەم تىز ئۆتۈپ كەتتى ، شۇ ھالدا نەچچە كىچە - كۈندۈز نۇرغۇن مەنزىللەرنى خىيالدەك تىز سۈرئەتتە بېسىپ ئۆتتى ، بىر چاغلاردا يىراقلاردىن توپتەك بولۇپ شاخ - يىلتىزىنى تۈگىۋىلىپ ، يۇمۇلاپ - يۇمۇلاپ ، بىر - بىرىنى قوغلۇشۇپ ، كارامەت تىزلىكتە كىتىۋاتقان ئىككى قامغاقنى كۆردى.
شاھزادە ئابدۇرىشىت ئاخىرى بولارنى تاپقىنىغا خوش بولدى ، ئەمما يىتىشىۋالاي دىگەندە ھىلىقىلارنى بىر خادا قۇيۇن بۇلۇتلار ئۈستىگە پىقىرىتىپ ئەپچىقىپ كەتتى ، بالا چايان شۇ جايدا تاققىدە توختىدى  .
خادا قۇيۇن غايىب بولدى ، ئەمما قامغاقلار چۈشمىدى ،شاھزادە ئابدىرىشىت لەسسىدە بولۇپ ، نىمە قىلارىنى بىلمەي تۇرغىنىدا ، يىنىدىن تۇيۇقسىز سېرىق تۈتەك پەيدا بولۇپ ، تۈتەك ئىچىدىن ئالتۇن رەڭ دىۋە چىقىپ كەلدى .
غەم قىلما - دىدى ئۇ - مەن ساڭا ياردەم قىلىمەن .
ئاندىن ئۇ ئالقىنىدا بىر كەتمەن پەيدا قىلىپ ، يەرگە بىر سالدى ، تىرناقتەك يەر كولاندى ، يەنە سالدى يەنە  تىرناقتەك يەر كولاندى ، شۇنداق كولاپ ، كولاپ بىر بارماق پاتقىدەك كامار پەيدا قىلدى ، ئاندىن بىر تال ئالتۇن ئۇرۇقنى تېرىدى ، يىراقلارغا ئۇچۇپ كېتىپ، ئالتۇن رەڭلىك بۇلۇتنى ئۇچۇرۇپ كېلىپ ، بىر تامچە ئالتۇن رەڭلىك يامغۇر ياغدۇردى ، شۇنۇڭدىن كىيىن بۇلۇتقا مىنىپ كېتىپ قالدى ، بالا چايانمۇ -ئەمدى مېنىڭ ئىشىم قالمىدى - دىگەندەك قىلىپ بىر تەرەپكە غىرىلداپ يۈرۈپ كەتتى ، تىزلا غايىب بولدى .
شۇ چاغ ئۇرۇغچا بىخ سۈردى ، ئارقىدىن مايسا بولدى ، ئارقىدىنلا بىر تۈپ قوناق ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى ، ئەمما باش تۇتمىدى ، يوپۇرماق ۋە غوللىرنىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئىدى .
بىر سائەتىلا بۇ ئالتۇن قوناق ئۆشۈشكە م ئىگىزلەشكە باشلىدى ، ئۆسۈش سۈرىتىمۇ ئاجايىپ تىز بولدى ، بىر سائەتىلا ئۇنىڭ ئالتۇن پۆپىكى بۇلۇتلار قوينىنى تىشىپ كىرىپ كەتتى .
شاھزادە ئابدۇرىشىت قاراپ تۇرۇپ كېتىپ ئاخىرى   - بۇنىڭغا يامىشىپ چىقسام كىرەك - دەپ ئويلىدى ،قوناق غولىغا ياماشتى ، قوناقنىڭ غولى تۇتۇشقا ئەپلىك ئىدى ، يۇپۇرماقلىرى پەلەمپەي بولاتتى ، ئۈچ كېچە - كۈندۈز توختىماي ياماشتى ، ئاخىرى بۇلۇت ئۈستىگە چىقتى .
كۆردىكى ئىككى قامغاق بۇلۇتقا چاپلىشىپ تۇرۇپتۇ . ئۇلارنى ئاجتىتىۋالماقچى بولغان ئىدى ، مۈمكىن بولمىدى ، بەكراق تارتسا زەخمەت يېتىپ قېلىشىدىن قورقتى ،نىمە قىلىشنى بىلمەي ھەر تەرەپكە قارىدى ،كۈلۈپ تۇرغان بىر چىراينى كۆردى .
ماڭا ياردەم قىلىڭ - دىدى شاھزادە ئابدۇرىشىت مۇلايىملىق بىلەن .
كۈچىڭىزگە ئىشىنەتتىڭىزغۇ -دىدى ھېلىقى چىراينىڭ ئىگىسى بۇلۇتتىن ياسالغان قونچاق بالا .
ئۇنداق ئەمەس - دىدى شاھزادە ئابدۇرىشىت : - قارا كۈچكە تايىنىپ ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلارمۇ نۇرغۇن .
خەيىر  - دىدى بۇلۇت بالا   - ئۇلارغا بولغان ئەقىدە ئىخلاسىڭ ئۈچۈن قويىۋىتەي .
ئاندىن ئۇ پۈۋلىدى ، ئاغزىدىن ئىسسىق ھور چىقىپ ئۇلارغا ئۇرۇلدى ، قامغاقلار ئاجرىدى ، شاھزادە ئابدۇرىشىت ئۇلارنى قوينىغا سېلىپ ، يەنە تۆۋەنگە چۈشۈش ئۈچۈن ئالتۇن قوناق غولىغا ئېسىلدى ، چۈشۈشكىمۇ ساپمۇ - ساق ئۈچ - كىچە -كۈندۈز كەتتى ،   زىمىنغا پۇتى تەككەن ھامان ئالتۇن قوناق تاراسلاپ سۇنۇپ ، كېپەك ئالتۇن بولۇپ توزۇپ كەتتى .
شاھزادە ئابدۇرىشىت قامغاقنى قوينىدىن ئالدى ، بىرىنىڭ بىرتال سارغۇچ يوپۇرمىقىدىن باشقا يېرى قۇرۇپ كەتكەن ، يەنە بىرى يۇمران ھەم يېشىل ئىدى .
يۇمران ھەم يىشىلى بىر يۇمىلىۋىدى گۇلنىگارغا ئايلاندى ، لېكىن كۆزى نەملىك ، كۆڭلى غەملىك ئىدى ، ئىلگىرىكىدىن خېللا گۈزەل ئىدىيۇ ، لېكىن بېشى يەنىلا تاز ئىدى ، يەنە باشقا ئەيىب- نۇخسانلىرىمۇ يەتكۈچە بار ئىدى .
كېتىڭ - دىدى ئۇ يىغلامسىراپ   - پەرىزاتلار مەلىكىسىنىڭ يېنىغا كېتىڭ ، مەن ئانامغا ئەگىشىپ يۈرىمەن ، ئۇ مىنى دەپ قۇربان بولدى ، ھازىر ئاخىرقى تىنىقى قالدى ، تىنىقى توختاپ، پۈتۈنلەي قۇرۇق - قاخشال قامغاق بولۇپ ، چۆل قوينىدا پىقىراپلا يۈرىدۇ ، مەنمۇ ئۇنىڭغا ھەمرا بولىمەن ، بىزنى ئارامىمىزدا قويۇڭ ، چىن كۆڭلۈمدىن پەرىزات ئىككىڭلارغا بەخىت تىلەيمەن ، مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ .
شاھزادە ئابدۇرىشىت ئۇنى تارتىپ باغرىغا باستى ، ئەمما ئۇ يۇلقۇنۇپ نېرى قاچتى .
قاچما  - دىدى شاھزادە ئابدۇرىشىت : - گۈزەللىك بۇلىقىدىن سۇ ئىلىپ كەلدىم ، ئەمما قارا دىۋە بىلەن ئاچىلىرىمنى قۇتقۇزۇشقا كۆپ ئىشلىتىپ قويۇپتىمەن ، ئەسلى بىر تامچە بولسىلا يىتەرلىك ئىكەن ، بىلمەپتىمەن ، ئەمدى قاپاقنى ساقىتايلى ، ئاخىرىقى بىر تامچە بولۇشى مۇمكىن ، ئۇنىڭ بىلەن ...
ئانامنى قۇتقۇزۇڭ ، ئۇ ياشارسۇن - دىدى گۈلنىگار ئالدىراپ-بىزگە قىلغان ياخشىلىقىڭىز شۇ بولۇپ قالسۇن.
ياق ، قىزىمنى قۇتقۇزۇڭ ، ئۇ گۈزەللەشسۇن - دىدى قۇرۇپ قالاي دىگەن قامغاق .
ياق ، ئانامنى ...
ياق ، قىزىمنى ...
ئۇلارنىڭ تالاش -تارتىشى تۈگىمىدى ، بىر - بىرىگە يول قويمىدى .
مېنىڭ گۈزەللىكىمدىن سېنىڭ ھاياتلىقىڭ مۇھىم- دەيتتى   گۈلنىگار .
ياق سېنىڭ بەختىڭ موھىم   - دەيتتى ئانىسى .
شاھزادە ئابدۇرىشىت ئىككى ئارىدا كۆپ تەڭقىسلىقتا قالدى ، لېكىن بىر ھازادىن كىيىن : - جان مۇھىم ، سىزنى قۇتقۇزۇشۇم كىرەك- دىدى
كەسكىنلىك بىلەن  .
ئاندىن ئۇ قاپاقنى چىقاردى .
ماڭا بېرىڭ - دىدى گۈلنىگار : - سىز ئانامنى چىڭ تۇتىۋىلىڭ ، ئۇ قېچىپ كەتمىسۇن .
شاھزادە ئابدۇرىشىت قاپاقنى ئۇنىڭغا بەردى ، قامغاقنى چىڭ بېسىۋالدى ، گۈلنىگار قاپاقنى ئىچىپ دۈم قىلدى ، ئۈمۈد يۇلتۇزىدەك بىر تامچە ئانىسىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى ، شۇ ھامان قامغاق شاھزادە ئابدۇرىشىتنىڭ قولىدىن بوشىنىپ يەرگە چۈشتى، يىلتىزى چۆيۈندەك قاتتىق زىمىننى باغاشلاپ ، شاخ - شاخلىرى غۇلاچ يايدى ، زۇمرەتتەك يېشىل بىخ سۈرۈپ ، يەنە قىزىل ياقۇتلاردەك نۇرغۇنلىغان غۇنچىلارنى پەيدا بولدى ، بىر ساتتىلا قاقاھلاپ كۈلۈپ چېچەكلىدى ، زىمىن باغرى زىل - زىلىگە كەلدى ، ھەر تەرەپتىن جۆر بولغاندەك كۈلكە ئاۋازلىرى ياڭرىدى .
ھاماقەت قىزىم - دىدى قامغاق جادۇ قىزىنىڭ باش كۆزىنى سىلاپ- قېرى ئاناڭنىڭ ھاياتى ئۈچۈن گۈزەللىك پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولدۇڭ .
ياق ! - دىدى شاھزادە ئابدۇرىشىت گۈلنىگارنى باغرىغا بېسىپ : - ئۇ ھازىر مېنىڭ نەزىرىمدە ئەڭ  گۈزەل .
شۇ ھامان بىر مۆجىزە يۈز بەردى ، گۈلنىگارنىڭ ھۆسنى نۇرغا چۆمۈلۈپ ، ھۆسنى جامالىدىن گۈزەللىك ئاپتىۋى پارلىدى ، ئالەمدە يەنە بىر قۇياش پەيدا بولغاندەك بولدى .
يەنە شۇ چاغ ئاسماندىن يەنە بىر قۇياش ساقىپ چۈشكەندەك بولدى ، پەرىزاتلار مەلىكىسى شاھزادە ئابدۇرىشىتنىڭ يېنىدا پەيدا بولدى .
ئاخىرى سىزنى دەپ ئۆزۈم كەلدىم - دىدى ئۇ قىزىل گۈل بەرگىدەك قىزىرىپ ،رەڭلىنىپ تۇرۇپ- خالىسىڭىز مەن سىزگە چۆرە بولۇشقا رازى .
ياق ! ياق - دىدى گۈلنىگار شاھزادە ئابدۇرىشىتنىڭ قوينىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ خىجىللىق بىلەن - ئۇنىڭغا پەقەت سىزدەك پەرىزات مەلىكىلەرلا مۇناسىپ ، مەن سىلەرگە چۆرە بولاي ، پەقەت شۇنداقتىلا  ئۆز ئورنۇمنى تاپقان بولىمەن .
ياق ! - دىدى پەرىزاتلار مەلىكىسى .
ياق ! - دىدى گۈلنىگار مۇ ...
ئۇلار چىن كۆڭلىدىن بىر - بىرگە يول قويماقتا ئىدى ، قامغاق جادۇ كۈلۈپ كېتىپ، بۇ يەردىن غىرىلداپ غىپپىدە كىتىپ قالدى ، شاھزادە ئابدۇرشىت بولسا ئالدىدا تەڭلا ھازىر بولغان قۇياش ۋە ئايدەك بۇ دىلرەبالارغا قاراپ ، زادى  نىمە قىلارنى بىلمەي بىشى قىتىپ تۇرۇپ كەتتى .
ئۇلار ئاي بىلەن قوياشقا ئوخشاش بىر جۈپلەركەن –دىدى شۇ چاغ ئۇنىڭ يېنىدا ئاچىلىرى بىلەن ئىككى ئاق-ۋە قارا تەنلىك يىگىتلىرى تەڭلا پەيدا بولۇپ-سىزگە بەخت قۇچاق ئېچىپتۇ.
شۇنداقكەن- دىدى شۇچاغ يەنە ھېلىقى  ئاكا –ئۇكا جىنلارمۇ پەيدا بولۇپ –ئاي بىلەن كۈندىن بىرسى كەم بولسا بولمىغاندەك ئۇلاردىنمۇ بىرسى كەم بولسا بولماس تۇرمىشىڭىزدا ،بىرسى سىزنى ياخشى كۆرۈدۇ،بىرسىنى سىز ياخشى كۆرىسىز .
بىراق ئىككىمىزدىن بىرسىنى تاللاش كېرەك بولسا كىمنى تاللايتىڭىز؟ -سوراپ قالدى شۇ چاغ پەرىلەر مەلىكىسى .
مەن ...مەن ...دۇدۇقلاپ قالدى شاھزادە ئابدۇرېشىت خۇتۇنى گۈلنىگارغا قاراپ قويۇپ.
دەۋېرىڭ –دىدى گۈلىگار كۈلۈمسىرەپ-مەن ھەرگىز رەنجىمەيمەن،چىن كۆڭلىمدىن سىزگە بەخت تىلەيمەن،سىز بەختلىك بولسىڭىزلا مەن شۇنىڭغا رازى.
كەچۈرۈڭ –دىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت پەرىلەر مەلىكىسىگە قاراپ خىجىللىق بىلەن،ئاندىن ئۇ گۈلنىگارنى باغرىغا باستى –مەن سىزنىلا تاللايمەن.
پەرىلەر مەلىكىسى خويمۇ يېقىملىق كۈلۈمسېرىدىدە ،ئاندىن ئاستا-ئاستا غايىپ بولدى .
ھەي !-توۋلاپ قالدى شاھزادە ئابدۇرېشىت .
ئۇ كەتمىدى –پىخىلداپ كۈلۈپ كېتىشتى ئاچىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ يىگىتلىرى-ئۇ يېنىڭىزدا تۇرمامدۇ ئەنە .
ئۇ دىگەن ...-شاھزادە ئابدۇرېشىت شۇنداق دەۋېتىپ  خۇتۇنى گۈلنىگارغا قارىدى،ئۇ پەرىلەر مەلىكىسىنىڭ ئۆزىلا   ئىدى.
ئۇ...ئۇ قېنى؟-سورىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت تېڭىرقاپ.
پەرىلەر مەلىكىسىنى دەمسىز ياكى مېنىمۇ ؟–شىۋىرلىدى گۈلنىگار كۈلۈمسىرەپ.
ئۇ ئىككىسى يۇغۇرۇلۇپ كەتتى-دىدى ئاق دىۋە كۈلۈپ-پەرىلەر مەلىكىسى ئەمىلىيەتتە گۈزەللىك روھى ئىدى،كىمىكى پەزىلەت ئىگىسى بولسا گۈزەللىك روھى شۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ماكانلىشاتتى.
مۇبارەك بولسۇن –دىدى ئاكا-ئۇكا جىنلار .
مانا سىلەرنىڭ خىسلەتلىك ئەڭگۈشتىرىڭلار –دىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت  ئۇلارغا خاسىيەتلىك قولرومىلىنى تاپشۇرۇپ –مېنى نە يەردە بولماي يىمەك -ئىچمەك غېمىدىن خالاس قىلدى،ئەمدى ئۇ سىلەرنىڭ ئېھتىياجىڭلارنى قاندۇرسۇن.
بىز تېخى ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىغان ھېكايىنى تاپالمىدۇق-دىدى جىنلار خىجىللىق بىلەن.
ھېچقىسى يوق-دىدى شاھزادە ئابدۇرېشىت –مېنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىمنىڭ ئۆزىمۇ ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىغان بىر ھىكايە ،ماڭا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە ،سىلەر ئىجىل –ئىناق بولۇپ،ئۇمىڭدىن تەڭ پايدىلانساڭلارلا ئۇنى ئەمدى ھېچكىم سىلەردىن تارتىۋالالمايدۇ.
جىنلار مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ،ئىناق-ئىجىل ئۆتۈشكە ۋەدە بېرىپ كېتىشتى ،شاھزادە ئابدۇرېشىتمۇ ئىككى ئاچىسى ،ئۇلارنىڭ يىگىتلىرى ۋە خۇتۇنى گۈلنىگار بىلەن چاھاربېغىغا يۈرۈپ كەتتى .
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
دىلچى بۇ تېمىنى تەستىقلىغان، ۋاقتى: 2015-6-2 00:30
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315