مەلىكىنىڭ لايىق تاللىشى (چۆچەك)

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-07 15:05
مەلىكىنىڭ لايىق تاللىشى
       (چۆچەك)
قوياش ھامان پارلاقلىقى بىلەن ،ئاي ھامان گۈزەللىكى بىلەن ماختىنىدىكەن،بىراق بىر مەلىكىنى كۆرگەندە ھەر ئىككىسىنىڭ ماختانچاق تىللىرى تۇتۇلۇپلا قالىدىكەن.ئۇ مەلىكىنىڭ ھۆسنى-جامالى تاڭدىكى قىزىل قوياشتىنمۇ رەڭدار ۋە تۈندىكى تولۇن ئايدىنمۇ گۈزەل بولۇپلا قالماي ،يەنە قەلبى ئەتىرگۈل بەرگىدىكى شەبنەمدەك غۇبارسىز ۋە قىشتا ياغقان تۇنجى قاردەك ئاق ئىكەن،شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ  ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھەممە بىردەك قايىل ئىكەن.
بۇ مەلىكە 18ياشقا قەدەم قويغان كۈنى ئوردىغا تۆت تەرەپتىن تۆت شاھزادە توي تەكلىۋى قويۇپ كەپتۇ بۇ شاھزادىلەر قەددى- قامەتتە  بىر-بىرىدىن  كېلىشكەن  ،ۋە ھۆسنى -جامالىدىمۇ بىر  -بىرىدىن چىرايلىق نەۋقىران يىگىتلەر بولۇپ،مەلىكىنىڭ ئاتىسى بولسۇن ،ياكى مەلىكىنىڭ ئۆزى بولسۇن قايسى بىرىنى تاللاپ،قايسى  بىرىنى شاللىۋېتىشنى بىلمەيلا قاپتۇ.كۆزىنى يۇمۇپلا تاللاي دىسە،قالغان  ئۈچىنى رەت قىلىشنىڭ بىرەر ئورۇنلۇق سەۋەبىنى تاپالماپتۇ ،يا بىر مەلىكىنى تۆتكە بۆلۈشنىڭ ئورنى بولماپتۇ .
يا بىرەسى بولسىمۇ بۇرۇن كەلمىگەن –دەپتۇ شاھ   غەمگە پېتىپ-شۇنداق بولسىغۇ بۇرۇن كەلگىننى تاللاپ بولغىنىمنى ئەيتسام ،قالغانلىرى كىچىكىپ قالغان ئەيىبى ئۈچۈن بولسىمۇ ئەلھۆكمىللا !-دەپ كېتىپ قالاتتى ،بىراق قېرىشقاندەك بۇلارنڭ بىرلا ۋاقىتتا كېلىشكىنىنى قارىمامدىغان.
غەم قىلماڭ ئاتا –دەپتۇ شۇچاغ مەلىكە ئاتىسىغا   -كىمنى تاللاپ،كىمنى شاللاشنىڭ غېمىنى ئۆزۈملا قىلاي.
ئىختىيارىڭ –دەپتۇ شاھ-بىراق رەت قىلىنغۇچىلارغا بىرەر ئورۇنلۇق سەۋەپ كۆرسەتمىسەك ئۇلار بىزدىن رەنجىپ قالىدۇ،كۆڭلىدە غۇم پەيدا بولۇپ،ئۇلارنىڭ  مەملىكىتى بىز بىلە ن دۈشمەنلىشىپ قالىدۇ. ئۇلار كۈچلۈك،بىز بولساق ئاجىز ،ئۆچ ئالماقچى بولسا زىيان تارتىپ قېلىشىمىز ئېنىقلا .
خاتىرجەم بولۇڭ –دەپتۇ مەلىكە-بۇنى چۈشۈنىمەن.
شۇنداق قىلىپ شاھ ئىختىيار تىزگىنىنى مەلىكىنىڭ قولىغا بېرىپتۇ،مەلىكە بولسا شاھزادەلەرنى قەسرىگە تەكلىپ قىلىپ شۇنداق دەپتۇ:- -مېنى ھەقىقى ياخشى كۆرسەڭلەر مەن  ئۈچۈن ئەڭ كېرەكلىك بولغان نەرسىنى ئېلىپ كېلىشىڭلار كېرەك،پەقەت بۇ شەرتنى ئادا قىلغانلارلا مۇرادىغا يېتىدۇ،باشقىلار بولسا مەندىن ۋە شاھ ئاتامدىن ئاغرىنماستىن ئۆز يولىغا مېڭىشى كېرەك،تۆتىڭلارنىڭ بىر-بىرىڭلاردىن ئارتۇق ياكى كەم تەرىپىڭلارنى بايقىمىدىم،شۇڭا قايسىڭلارنى تاللاش مەسىلىسىنى مۇشۇنداق ھەل قىلىشقا مەجبۇرمەن.
ئانداقتا بىزگە بىر مۆھلەت بەلگىلەپ بېرىڭ-دەپتۇ شاھزادىلەر .
مۆھلەت 40كۈن-دەپتۇ مەلىكە –ھازىردىن باشلاپ دەل 40كۈن توشۇپ ،41-كۈنى سىلەرنى قەسرىمدە كۈتۈۋالىمەن،يەنە شۇ چاغدىمۇ ئىلگىرى –كىيىن ئەمەس،بىرلا ۋاقىتتا كىلىشىڭلار كېرەك.
شاھزادىلەر ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ يوللىرىغا راۋان بولۇشۇپتۇ،ئۇلاردىن شەرق مەملىكىتى  شاھزادىسى كېتىۋېتىپ شۇنداق ئويلاپتۇ:-مەلىكەلەر ئادەتتە ئېسىل مودا  كىيىملەرگە ئامراق بولدىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن جاھاندىكى ئەڭ ئېسىل،ئەڭ كۆركەم رەختلەردىن سېتىۋېلىپ،ئەڭ ياخشى لايىھىلىگۈچى،ۋە ئەڭ ئۇستا  سەيپۇڭلارنى ياللاپ،ئەڭ يېڭى مودىدىكى چىرايلىق كىيىملەرنى تىككۈزۈپ كەلسەم ئۇ چوقۇم مېنى تاللايدۇ.
شاھزادىلەردىن شىمال تەرەپ شاھزادىسى بولسا شۇنداق ئويلاپتۇ-  مەلىكىلەر ئادەتتە ئېسىل زىبۇ –زىننەتلەرگە ئامراق بولىدىغان،شۇڭا مەن ئەڭ ياخشى زىننەت بۇيۇمى لايىھىلىگۈچىلەر ۋە ئۆز كەسپىگە كامىل زەرگەر ئۇستىلارنى ياللاپ،ئەڭ ئېسىل جاۋاھىراتلار،ئۈنچە-مەرۋايىتلاردىن خىلمۇ-خىل زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىدىن ياسىتىپ بارسام ئۇ چوقۇم مېنى تاللايدۇ.
شاھزادىلەردىن جەنۇپ تەرەپ شاھزادىسى بولسا –مەلىكىنىڭ نىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى مەن نەدىن بىلەي،بىراق‹‹ پۇل بولسا جاڭگەالدا شورپا››‹‹پۇل بىلەن جىننىمۇ ئۇسۇلغا سالغىلى بولىدۇ ››دىگەن گەپلەر بارغۇ،شۇڭا مەلىكىنىڭ شاھ ئاتىسىنىڭ خەزىنىسىدىكىدىنمۇ كۆپ ئالتۇن  ئېلىپ بارسام ،ئۇ چوقۇم مېنى تاللايدۇ، ساپسېرىق پاقىراپ تۇرۇدىغان شۇ مىتالنى ياخشى كۆرمەيدىغان كىم بار ،ئالتۇنلا بولسا مەلىكە نىمىگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغۇ–دىگەنلەرنى ئويلاپتۇ.
شۇنداق قىلىپ بۇ ئۈچ شاھزادە ئۆز خىيالىچە مەلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش تەييارلىقىغا ئالدىراپ،ئوردىدىن چىققان پېتى ئۇدۇللا ئۆز مەملىكەتلىرىگە جۆنۈپتۇ.بىراق مەغرىپ مەملىكىتى شاھزادىسى بولسا ئۇلارغا ئوخشاش ئۆز خىيالىچە ئىش كۆرۈشكە ئالدىرىماي،ئاۋۋال مەلىكىنى ھەممىدىن بەك چۈشۈنىدىغان كىشىنىڭ كىملىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ،ئاخىرى ئۇنىڭ ئىمىكئانىسى بىلەن كۆرۈشۈپتۇ،چۈنكى ئۇ –مەلىكىنىڭ زادى نىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئۇنى ھەممىدىن بەك چۈشۈنىدىغان كىشىلا بىلىدۇ –دەپ ئويلىغانىكەن.
ئاينىڭ يۈزىدىمۇ داغ بولغاندەك،مەلىكىمىزنىڭمۇ بىر ئەيىبى بار –دەپتۇ مەلىكىنىڭ ئىمىكئانىسى –ئۇ بولسىمۇ مەلىكە تۇغما يۈرەك ئاغرىقى ،شۇڭا ئۇنىڭ ئۆمرى كۆتە،.يەنە كۆپ بولسا تۆت –بەش يىل ياشىيالىشى مۈمكىن  .
ئۇنداقتا ئۇنىڭغا ئەڭ كېرەكلىك نەرسە دورىكەندە –دەپتۇ شاھزادە .
شۇنداق –دەپتۇ مەلىكىنىڭ ئىمىكئانىسى –بىراق مەلىكىنىڭ كېسىلىگە ئادەتتىكى دورىلار شىپا قىلمايدۇ ،ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز قارلىق تاغ چوقىسىدا ئۆسىدىغان ھاياتلىق گۈلى كېرەك،شۇغىنىسى ئۇنى ئەكىلىش بەسى مۈشكۈل،ئاجايىپ خەتەرلىك  بولغاچقا تا ھازىرغىچە ھېچكىم   بۇ يولغا مېڭىپ باقمىدى .
مەغرىپ شاھزادىسى ئىمىكئانىغا رەھمەت ئەيتىپ،جاھاندىكى ئەڭ ئىگىز قارلىق تاغ چوقىسى تامان يۈرۈپ كېتىپتۇ،ئۇ يول سورىغانلار ھەممىسى تاغنىڭ نەقەدەر خەتەر -مۈشكىلاتلارغا تولغانلىقىنى بايان قىلىشىپ،بارماسلىققا دەۋەت قىلىشقان  بولسىمۇ ،بىراق ئۇ  مەلىكىنىڭ ئۆز يۈرىكىنى چوغلاندۇرغان مۇھەببىتىنىڭ رىغبىتى بىلەن پولاتتەك ئىرادە باغلاپ،قارلىق تاغ تامان كېتىۋېرىپتۇ،ۋە ئاخىرى يۈكسەك جاسارىتى بىلەن كۈرمىڭ خەتەر –مۈشكىلاتلارنى يېڭىپ،ھاياتلىق گۈلىگە ئېرىشىپتۇ،دەل مۆھلەت توشقان كۈنى جاپا –مۇشەققەتلەر ئىچىدە شاھانە كىيىملىرى يىرتىلىپ تىلەمچىنىڭكىدىن پەرقى قالمىغان،كىلىشكەن قامىتىنى جاراھەت بېسىپ،ئاپتاپتەك جامالى كۆمۈرچىدەك قارىداپ كەتكەن تۇنۇۋالغۇسىز بىر ھالدا مەلىكىنىڭ شاھانە قەسرى ئالدىغا يېتىپ كەپتۇ. ۋە نۇرغۇن چۈشەندۈرۈشلەردىن كىيىن شاھزادىلىكىنى ئوردا ياساۋۇللىرىغا ئۇقتۇرۇپ،مەلىكىنىڭ ئالدىغا كىرىشكىمۇ مۇيەسسەر بوپتۇ.
ياخشى كۈتۈنۈپ ،پۇزۇر كىيىنىپ،بۇرۇنقىدىنمۇ بەك سالاپەت تۈزەپ كىلىشكەن باشقا شاھزادىلەردىن مەشرىق مەملىكىتى شاھزادىسى مەلىكە بىلەن ئۇنىڭ 40 كېنىزىكى ھەركۈنى نەچچە قۇردىن ئالماشتۇرۇپ كىيسىمۇ بىر ئۆمۈر كىيىپ تۈگۈتەلمىگىدەك ئېسىل مودا كىيىملەرنى رەت-رېتى بىلەن ئالتۇن-كۈمۈش ئاسقۇلارغا ئاستۇرۇپ،ئوردا ئىچىنى خۇددى بىر مودا كىيىم بازىرىغىلا  ئايلاندۇرۇۋېتىپتۇ.تېخى نۇرغۇن كىيىمگە ئاسقىدەك ئورۇن چىقمايمۇ قاپتۇ.
ئارقىدىن شىمال تەرەپ شاھزادىسى مەلىكە كۈنىگە بىر يۈرۈشتىن يەڭگۈشلەپ ئىشلەتسىمۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچى يېرىمىمۇ تۈگىمىگىدەك كۆپ ھەم ئاجايىپ ئېسىل زىبۇ زىننەتلەرنى يايما قىلىپ،ئوردىنىڭ بىر تەرىپىنى زەرگەرلىك رەستىسىگىلا ئوخشىتىپ قويۇپتۇ،تېخى نۇرغۇن زىننەت بۇيۇملىرىغا يايما قىلغىدەك ئورۇنمۇ تېپىلماپتۇ.
جەنۇپ تەرەپ شاھزادىسى بولسا ئالتۇن-كۈمۈش،گۆھەر –ياقۇتلار بىلەن لىققىدە تولدۇرۇلغان ساندۇقلىرى بىلەن شاھانە قەسىر ئالدىدىكى مەيداندا بىر تاغ ياساپتۇ،پۇت قويغىدەكمۇ يەر تېپىلمىغىلى تاسلا قاپتۇ.
ئۇلار ئۆز كۆڭۈللىرىدە  ئېلىپ كەلگەنلىرىچۈن مەغرۇرلىنىپ،مەلىكىنىڭ تاماسىدا شىرىن خىياللارغا چۆمۈلۈپ تۇرغىنىدا ،مەغرىپ مەملىكىتى شاھزادىسى قاردەك ئاق گۈلبەرگىلىرى يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرغان بىرتال گىيانىلا مەلىكىگە   سۇنۇپتۇ.
بۇ نىمە ؟-سورىشىپتۇ قالغان ئۈچ شاھزادە مەسخىرىلىك نەزىرى بىلەن مەغرىپ شاھزادىسىگە بېقىپ-تۈزۈك بىرنىمە تېپىلمىغاندەك ياۋا ئوتتىن بىرنى يۇلۇپلا كەلدىڭلىمۇ نىمە .
مەلىكە ئۈچۈن ئەڭ كېرەكلىك نەرسە-دەپتۇ مەغرىپ شاھزادىسى تەمكىنلىك  بىلەن –ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ شىپاسى.
توغرا ئەيتىدۇ-دەپتۇ مەلىكە سۆيۈنۈش ھېسلىرى بىلەن ھاياتلىق گۈلىنى قوش قوللاپ ئېلىپ-مەن تۇغما يۈرەك كېسىلى،يەنە نەچچە كۈنلىك ئۆمرۈم بارلىقىنى بىلمەيتتىم،ھەمىشە ھاياتلىق مۇساپەمنىڭ تولىمۇ قىسقا بولۇپ قالدىغىنىنى ئويلاپ ئازاپلىناتتىم،بىراق ئەمدى ئېلىپتەك قەددىم دالدەك ئېگىلىپ،قۇندۇزدەك چاچلىرىم قاردەك ئاقارغىچە ياشايمەن، ياشاش  ۋاختى –سائىتىمنىڭ بالدۇر توشۇپ قالىدىغىنىدىن ۋايىم يەپ يۈرمەيمەن، قېنى سىلەر دەڭلارچۇ ،مەن ئۈچۈن ئەڭ كېرەكلىك بولغان نەرسە زادى نىمىكەن؟
…مەغرىپ شاھزادىسىدىن باشقىلارنىڭ تىلى تۇتۇلۇپلا قاپتۇدە،ئېلىپ كەلگەنلىرىنى يىغىشتۇرۇپ،ئوردىدىن چىقىپ كېتىشىپتۇ،مەغرىپ مەملىكىتى شاھزادىسى بولسا مەلىكىگە ئېرىشىپ،مۇراد –مەخسىدىگە يېتىپتۇ.

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315