بەش تال پۇرچاق(چۆچەك)

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-07 13:51
بەش تال پۇرچاق
(چۆچەك)
باھار ئاپتىۋى زىمىننى ئىللىتقان ياخشى كۈنلەرنىڭ بىرىدە غېچىرلاپ كېتىۋاتقان يار-يار ھارۋىغا لىققىدە پۇرچاق قاچىلانغان يوغان تاغار بېسىلغان ئىكەن،ھارۋا كاتاڭلارغا دۇچكېلىپ سىلكىنگەندە ،ئېغىزى چىڭ بوغۇلماي قالغان بىر تاغاردىن بەشتال پۇرچاق تۆكۈلۈپ كېتىپتۇدە،ھارۋا ئۈستىدە سەكرەپ-سەكرەپ ئاخىرى توپىلىق يولغا چۈشۈپمۇ قاپتۇ.
بىز ئاخىرى ئەركىن بولدۇق –دىيىشىپتۇ ئۇلار توپىغا مىلەنگەن بولسىمۇ يەنىلا تاغاردىكى قىسىنچىلىق قۇتۇلۇپ ئەركىن نەپەس ئالالىغىنىدىن خۇرسەن بولۇشۇپ-تاغارنىڭ ئىچىدە دىمىقىپ ئۆلەيلا دەپ قالغان ئىدۇق.
ئۇلار ھاياجېنى بېسىلغىچە بىر ھازا ئۈن –تىۋىشسىز ئارام ئېلىشىپتۇ،ئاندىن كىيىن بولسا كەلگۈسى ھەققىدە مەسلىھەتكە چۈشۈشۈپتۇ-تاغاردىن قۇتۇلۇپ،ئەركىنلىككىغۇ ئېرىشتۇق،بۇ تەلىيىمىزنىڭ ئوڭلىقىدىن بولدى ،بىراق  بۇ توپىلىق يولدا توپىغا مىلىنىپ يېتىۋەرسەك بولمايدۇدە،چوقۇم ئەمدى ئۆزىمىزگە تايىنىپ بىرەر ئىش قىلىشىمىز كېرەك ،قېنى كۆپچىلىك ئويلىغانلىرىمىزنى دەپ باقايلى،زادى نىمە ئىش قىلساق بولار.
مەيلى نىمىلا قىلمايلى چوقۇم ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىپ،ئۆز قىممىتىمىزنى نامايەن قىلىشىمىز كېرەك –دەپتۇ ئارىدىن مەمەدانراق بىرى.
ئۇنداقتا نىمە ئىش قىلساق ئەھمىيەتلىك ئىش قىلغان بولىمىز –سوراپتۇ ئىككىنچى بىرى.
مېنىڭچە –دەپتۇ ئۈچىنچىسى ھاياجانلانغان ھالدا -نەملىكى ئوبدان،مۇنبەت بىر جاينى تېپىپ ،توپىسىغا كۆمۈلىۋالساق،ئاندىن بىخ سۈرۈپ،مايسا بولساق،ئارقىدىن پېلەك تارتىپ چىچەكلىسەك،ھەربىر چېچىكىمىز تۆكۈلگەندە ئورنىدا بىردىن پۇرچاق غېلىپى قالسا ،ھەربىر غىلاپتا يەنە ئۆزىمىزدەك بىرمۇنچى پۇرچاق دانلىرى بولسا ،شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن ئەۋلات قالدۇرساق ،ئۇلارمۇ كىيىنچى مۇنبەت ئېتىزلارغا تېرىلىپ،يەنە بىرمۇنچىدىن ئەۋلات قالدۇرۇشسا ، نەسلىمىز بارغانسېرى ئاۋۇپ بارسا ...ۋاھ!،ئەھمىيەتلىك ئىش دىگەن مانا شۇغۇ.
مەن –دىمىقىنى قېقىپتۇ تۆتىنچىسى مەنسىتمىگەندەك-ئەۋلات كۆپەيتىشتىنمۇ بەكرەك ئەھمىيەتلىك ئىشلار بار دەپ قارايمەن،مەسىلەن- ئاچ قالغان بىرەر كەپتەرگە يەم بولۇپ،ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى قۇربان قىلالىساق،ئاندىن ئۇنىڭ مىننەتدارلىق ھېسلىرى بىلەن تولغان يېقىملىق ئۈنلەشلىرىدە داۋاملىق يادلىنىپ تۇرساق،...مانا بۇ ھەقىقىي ئەھمىيەتلىك ئىش .
مەن ياشاشنى خالايمەن  -دەپتۇ بەشىنچى پۇرچاق-مېنىڭچە ياشاش ،ياشىغاندىمۇ ناھايىتى ئۇزاق ياشاش ھەممىدىن ياخشى ئىش ،ئۆزىمىزنىمۇ ئويلىشىمىز كېرەكقۇ ،بىركۈن بولسىمۇ ئۇزاغراق كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرگەنگە نىمە يىتەتتى.
سەن بەك شەخسىيەتچىكەنسەن –دەپتۇ بىرىنچى پۇرچاق-مەن ھەرگىز سەندەك ئۆزەمنىلا ئويلىمايمەن.
ۋاي قوۋۇرغام!-ئېغىزىنى پۈرۈشتۈرۈپتۇ  بەشىنچى پۇرچاق ،ئۇ ئاچچىقتىن يېرىلىپ كەتكىدەك بولغان بولسىمۇ لېكىن يەنىلا ئۆزىنى بېسىۋاپتۇ-قېنى سېنىڭكىنى ئاڭلاپ باقاي،دىگىنە،سەن زادى  نىمە قىلماقچى؟
مەن تېخى نىمە قىلىشنى ئويلاپ بولالمىدىم-دەپتۇ بىرىنچى پۇرچاق –ئىشقىلىپ ھاياتىمنى  ئۇنىڭدەك نەسىل قالدۇرۇشتەك مەنىسىز ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلىپ تۈگەتمەيمەن،ھەم بۇنىڭدەك كەپتەرگە يېمى بولۇپلا تۈگىشىپ ئولتۇرمايمەن،بەلكى ئالدىرىماي باش قاتۇرۇپ،ئۇلۇغۋار پىلانلارنى تۈزۈپ،تىللاردا داستان بولۇپ،تارىخ بەتلىرىگە يېزىلغىدك ئالەمشۇمۇل چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىمەن،تېخى ۋاقىت ئۇزۇنغۇ،قاراپ تۇر ،سەن ۋاختىڭنى كۈنگە قاقلىنىپ،قاق بولۇپ،تولىمۇ ئەھمىيەتىسز ئۆتكۈزۈۋاتقىنىڭدا مەن چوقۇم بىر بۈيۈك نىشان ئۈچۈن ئىلگىرىلەۋاتقان ،ئاجايىپ نەتىجىلەر يارىتىش يولىدا تىرىشىۋاتقان بولىمەن.
قېنى كۆرەرمىز !-دەپتۇ بەشىنچى پۇرچاق مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ.
ئۇلاردىن پەقەت ئىككىنچى پۇرچاقلا ئۆز پىكرىنى بايان قىلماپتۇ،لېكىن ئۇ پارلاق قوياش كۈلۈپ تۇرغان ،ئاپپاق پاختىدەك بۇلۇتلار ئۈزۈپ يۈرگەن كۆپ-كۆك ئاسمانغا تەلپۈنۈپ شۇنداق ئويلاپتۇ-مەن چوقۇم ئەشۇ بۇلۇتلارغىچە بوي تارتىپ ئۆسۈپ،ئاسمانغا چىققۇچىلارغا شوتا بولىمەن،ھەم ئۆزۈممۇ شۇ باھانىدا كۈندىزى قوياش ۋە بۇلۇتلار بىلەن ،كېچىسى ئاي ۋە يۇلتۇزلار بىلەن سىردىشىپ،ئۇلارنىڭ ھىكايىلىرىنى قەلب دەپتىرىمگە يازىمەندە،ئاندىن دوستلىرىمغا ئەيتىپ بېرىمەن،ھېچبولمىغاندا ئاسمان گۈمبىزى ئۈستىدە زادى نىمىلەر بارلىقىنى كۆرۈپ باقىمەندە ،كۆرگەنلىرىمنى يەر يۈزىدىكىلەرگە سۆزلەپ بېرىمەن.
ئاندىن ئۇ يىلتىزلاپ مايسىلاشقا ،ئاندىن يەنە ئاسمانپەلەك پېلەك تارتىپ ئۆسۈشكە مۇناسىپ ئورۇن  ئىزلەپ  ،ئۈچىنچى پۇرچاقمۇ ئۆزىگە لايىق بىر جاي  كۆزلەپ دۇمۇلاپ  كېتىپتۇ. تۆتىنچى پۇرچاق بولسا ئاچ قالغان بىرەر كەپتەرگە يەم  بولۇپ،ئۆزىنىڭ باشقىلار ئۈچۈن قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىقتەك ئالىجاناپ روھىنى ئەشۇ كەپتەرنىڭ ئۈنلەشلىرى ئارقىلىق جاھانغا ئايان قىلىش ۋە مەدھىيىلەشلەردە يادلىنىپ تۇرۇش شىرىن خىيالى بىلەن   كەپتەر   ئىزلەپ مېڭىپتۇ،بىرىنچى پۇرچاق بولسا تېنىچ  بىر جاي تېپىپ،ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانلىرى ھەققىدە ئارامخۇدا باش قاتۇرماقچى   ،  بەشىنچى پۇرچاق  ئۆز ئورنىدىن سىلجىماي قوياشنىڭ ئىللىق نۇرىدىن بەھرى ئالماقچى بوپتۇ.
ئۇلارنىڭ ئاقىۋېتى قانداق بوپتۇ دەمسىز ؟،جايىدا قالغىنى قوياش نۇرىنىڭ ئىللىتىشى ۋە سەلكىن شامالنىڭ پەپىلىشى بىلەن ئىختىيارسىز ئۇيقىغا كىتىپتۇدە  ،تازا شىرىن چۈش كۆرىۋاتقاندا يولدىن ئۆتكەن يەنە بىر ھارۋىنىڭ چاقى ئاستىدا قېلىپ،يەنچىلىپ كېتىپتۇ ،شۇنىڭ  بىلەن ئۇنىڭ ئۇزاق ياشاش خامخىيالى تىزلا بەربات بوپتۇ،ئۈچىنچى پۇرچاق بولسا ھەقىقەتەن تۇپرىقى مۇنبەت بىر ئېتىزغا بېرىپ،يىلتىزلاپتۇدە ،سېخى قوياشتىن نۇر ئىمىپ،خاسىيەتلىك يامغۇر  بىلەن سۇغۇرۇلۇپ،پات ئارىدىلا بىخ سۈرۈپ ،مايسىلاپتۇ،ئاندىن پېلەك تارتىپ،ناھايىتى كۆپ ھەم چىرايلىققىنا سۆسۈنرەڭلىك چېچەكلەپتۇ،ھەربىرچېچەك ئورنىدا كىيىن   بىردىن پۇرچاق غېلىپى ،ھەربىر پۇرچاق غېلىپىدا يەنە نەچچىدىن پۇرچاق بوپتۇدە ،ئۇ ئاخىرى ئۆزى ساناپ تۈگەتكۈسىز كۆپ  ئەۋلات قالدۇرۇپ،پۇرچاق نەسلىنى ئاۋۇتۇشتىكى تۆھپىكار بوپتۇ.
تۆتىنچى پۇرچاقمۇ ئۆزى ئارزۇ قىلغىنىدەك  بىر كەپتەرگە يەم بوپتۇ،ئەپسۇس ھېلىقى كەپتەر ئۇنى بىرلا چوقىلاپ پوكىنىغا قاچىلىۋەتكەندىن كىيىن ،ئۇنى ئۇنتۇپلا كىتىپتۇ دە ،ئۈنلەشلىرىدە بولسا بىزنىڭ پىداكار پۇرچىقىمىزنىڭ ئالىجاناپلىقى ھەققىدە ئەمەس  ،بەلكى ئۆزىنىڭ جۆرىسى  ھەققىدىكى مۇھەببەت كۆيلىرى ياڭراپتۇ.
بىرىنچى پۇرچاق بولسا دۇمۇلاپ-دۇمۇلاپ ،ئاخىرى ھارغاندا توختاپتۇ،ئۇ توختىغان جاي ئۇنىڭغا ھېچكىمدىن ھالاقىت يەتمەيدىغان    ئىنسى-جىندىن خالى بىر جايكەنۇ ،بىراق ھېچنىمە ئۈنمەيدىغان بىر تاشلىق    ئىكەن  ،ئۇ يەنە باشقا مۇۋاپىق جاي ئىزلەشكە ئېرىنىپ ،تاشلار ئارىسىدا يېتىپ،ئۆزى ۋۇجۇتقا چىقارماقچى بولغان ئۇلۇغۋار ئىشلارنىڭ پىلانى ھەققىدە ئويغا كىتىپتۇ ،بىراق خېلى بىر چاغقىچە پىلانى ۋۇجۇتقا چىقماي ،ئاخىرى بىلىپ- بىلمەي يامغۇردا نەملىشىپ،بىخ سۈرۈپ قاپتۇ،بىراق تاشلىقتا يىلتىزلىيالماي ئاپتاپتا قۇرۇپ قاق بولۇپ كېتىپتۇدە،ئۇزۇن ئۆتمەي سېسىپ تۈگەپتۇ.
ئىككىنچى پۇرچاقچۇ دەمسىز ؟،ئالدىرىماڭ،سىز ‹‹جېك بىلەن پۇرچاق پىلىكى ››دىگەن ئەنگىلىيە چۆچىكىنى ئوقۇغانمۇ ،ئوقىمىغان بولسڭىز ئوقۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن،چۆچەك ئوقۇش ھەقىقەتەن كۆڭۈللىك ئىش ،ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك سىز شۇ چۆچەكنى ئوقۇسىڭىز ھېلىقى پۇرچىقىمىزنىڭ ھەقىقەتەن ئۆز غايىسىدىكىدەك ئاسمان پەلەك بوي تارتىپ ئۆسۈپ،بۇلۇتلارغا تاقاشقانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلارنى بىلەلەيسىز ،قارىغاندا بۇ ۋەقە ئەنگىلىيەدە يۈزبەرگەن بولسا كېرەك،بىراق ئەنگىلىيەدە بولغان  ئىشنى قانداق بىلدىڭىز دەپ سوراپمۇ قالارسىز ،يەلتاپان شامالنىڭ جاھاندا بارمايدىغان يېرى يوققۇ ،ئۇ ئەنگىلىيىدىكى ساياھىتىدىن يېنىشىدا بۇنى ماڭا سۆزلەپ بەرگەن،بەلكىم سىزنىڭمۇ قۇلاقلىرىڭىزغا شىۋىرلاپ قويغاندۇ،پەقەت شۇ زەن قويمىغان يېرىڭىزلا  بار خالاس ،  ئېسىڭىزدە بولسۇن ،باشقىلارنىڭ گېپىنى زەن قويۇپ ئاڭلاشمۇ ياخشى ئىش ، بولمىسا مەندىن بۇرۇن بىلىپ بولغان ھەم ئۇنى خاتىرىلەپ،بۇ چۆچەكنىڭ ئىگىسى بولۇپمۇ قالغان بولاتتىڭىز ، ئەمدى يەنە ھېلىقى پۇرچىقىمىزنىڭ گېپىگە  كەلسەك شۇنداق قىلىپ ئۇ ھەقىقەتەن ئۆز غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپتۇ،ئەپسۇس كىيىن ئۇنىڭ پېلىكى دىۋىنىڭ زىمىنغا چۈشۈۋالماسلىقى ئۈچۈن كېسىۋېتىلىپتۇ ،بولمىسا ئۇ ھازىرغىچە ئاسمانغا شوتا بولۇپ تۇراركەنتۇق،بىراق ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن قىلچىلىك ئۆكۈنمەيدىكەن ،چۈنكى ئۇ يەنىلا ‹‹جېك ۋە پۇرچاق پېلىكى › دىگەن چۆچەك بىلەن بىللە كىتاپلارنىڭ بەتلىرىدە   ياشاپ كېلىۋېتىپتۇ ،ھەم يەنە ئۇزاققىچە ياشايدىكەن ،قاچانغىچە ياشايدىغانلىقى ھەققىدە ھېچكىممۇ بىرنىمە دىيەلمەيدىكەن،بۇنداق ئامەت يەنە قايسى پۇرچاققا نېسىپ بولغان دەيسىز .
 
 

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315