توشقان ،مۆشۈك ،قاغا ۋە چاشقان (چۆچەك)

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-07 13:49
توشقان ،مۆشۈك ،قاغا ۋە چاشقان
           (چۆچەك)
تۇيۇقسىز ئاسماننى قارا بۇلۇت قاپلاپ،ئارقىدىنلا مىڭلىغان جەڭ دۇمبىقى تەڭلا گۈمبۈرلىگەندەك ھاۋا گۆلدۈرلەپتۇ،يالت-يۇلت-قىلىپ چاقماق چېقىلىپ،ھايالسىزلا ئاسماننىڭ تۈۋى تېشىلگەندەك،چىلەكلەپ قۇيۇۋاتقاندەك شاقىراپ يامغۇر يېغىپ كېتىپتۇ.
ئويناپ يۈرۈپ ئۇۋىسىدىن يىراقلاپ كەتكەن ئاق بۆجەن چېلىق-چىلىق ھۆل بوپ كىتىپتۇدە،دىرىلدەپ تىترىگىنىچە پاناھلانغىدەك جاي ئىزلەپتۇ،ئاخىرى تەلىيىگە يوغانلا بىر كۈنلۈكسىمان موگۇغا يولۇقۇپتۇ.
ئۇھ خۇداغا شۈكرى !-دەپتۇ ئۇ دەرھال موگۇنىڭ ئاستىغا كىرىۋېلىپ-ھەرنىمە بولسا دالدىلانغىدەك جايمۇ تاپتىم.
يامغۇر تامچىلىرى موگۇغا تاراسلاپ تېگىشكە باشلاپتۇ،ئاق بۆجەن بولسا موگۇنىڭ ئاپپاق ۋە يۇمران ساپىقىغا دۈمبىسىنى يېقىپ بىمالال ئولتۇرۇۋېرىپتۇ،ئۇنىڭ كاللىسىدا شۇتاپ خىلمۇ-خىل ئوي-خىياللار ئەگىپ يۈرىدىكەن-ئۇۋامغا سۇ كىرىپ كەتكەنمىدۇ؟... ،ماڭا ئوخشاش بەڭۋاشلىق قىلىپ ئۇۋىسىدىن يىراقلاپ كەتكەن دوستلىرىم قانداق قىلغاندۇ؟...،ئۇلارنىڭمۇ تەلىيى كېلىپ مېنىڭكىدەك موگۇ يولۇققانمىدۇيا ؟...
ئۇ شۇنداق تەگسىز خىياللارغا غەرق بولۇپ تۇرغاندا تۇيۇقسىز بىرسى قۇلاق تۈۋىدە قاقىلداپتۇ -قاق- قاق- قاق!،ئەسسالامۇئەلەيكۇم توشقانجان ،مەنمۇ يېنىڭدا پاناھلانسام بولارمۇ؟.
ئاق بۆجەن قارىسا ئۇ پەي-قاناتلىرى يامغۇردا نەملىشىپ،ئۇچالماي قالغان قاغا ئىكەن،كەل،تىزرەك يېنىمغا كەل –دەپتۇ ئاق بۆجەن قىزغىنلىق بىلەن ،موگۇنىڭ ئاستى خېلى كەڭ- تاشا ،بىمالال يامغۇردىن پاناھلىنالايسەن.
رەھمەت !-دەپتۇ قاغا ،شۇنداق قىلىپ ئاق بۆجەنگە ھەمرا چىقىپتۇ ،ئۇلار تىزلا قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كېتىپتۇ.
ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلارنىڭ يېنىغا ئۇۋىسىغا سۇ كىرىپ كەتكەن بىر چاشقان پاناھلىق تىلەپ كەپتۇ-ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوستلار!،مەنمۇ يېنىڭلاردا يامغۇردىن دالدىنىۋالسام بولارمۇ؟
بولىدۇ ،بولىدۇ ،تارتىنما ،كېلىۋەر ،ساڭىمۇ ئورۇن بار –دەپتۇ ئاق بۆجەن بىلەن قاغا قىزغىنلىق بىلەن.
شۇنداق قىلىپ چاشقانمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپتۇ،ئۈچى بىر بىرىگە مەھكەم يېپىشىپ، بىر –بىرىنى ئىللىتىشىپتۇ،ھەم ئۈچەيلەننىڭ سۆھبىتى ئىككەيلەننىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ قىزىپتۇ
بىراق ھايالسىزلا پاناھ جاي تاپالماي شۈمشىيىپلا قالغان  بىر ئالا ئاسلانمۇ ئۇلاردىن پاناھلىق سوراپ كەپتۇ - ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوستلار!،مەنمۇ يېنىڭلاردا يامغۇردىن دالدىنىۋالسام بولارمۇ؟.
كەل،كېلىۋەر –دەپتۇ ئاق بۆجەن بىلەن قاغا دەرھال قىزغىنلىق بىلەن –سەللا سىغدالساق ساڭىمۇ ئورۇن چىقىدۇ.
پەقەت مېنى يەپ قويمىساڭلا بولغىنى-دەپتۇ چاشقان بولسا تىترەپ تۇرۇپ.
ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن-دەپتۇ ئالا مۆشۈك-ماڭا پاناھ جاي بەرگەن تۇرساڭلار ،ۋاپاغا جاپا قىلسام بولماس.
ئۇنداق قىلىشىغا بىزمۇ يولقويمايمىز –دەپتۇ ئاق بۆجەن بىلەن قاغىمۇ چاشقاننىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇپ،شۇنداق قىلىپ ئالا مۆشۈكمۇ ئۇلارغا ياندىشىپتۇ،ئۈچەيلەننىڭكىگە قارىغاندا تۆتىنىڭ سۆھبىتى تېخىمۇ قىزىپتۇ،ھەتتا قىيىن كۈنلەردە تېپىشقان دوستلار بولغانلىقى ئۈچۈن مەڭگەۈ ياخشى ئۆتۈش ھەققىدە قەسەملەر قىلىشىپتۇ،يامغۇر بولسا بارغانسېرى ئەدەپ كېتىپتۇ،تۆتەيلەننىڭ سۆھبىتى بولسا بارا -بارا پەسلەپ،ئاخىرى ھەممىسى تىنجىپ قىلىشىپتۇدە ،يامغۇرنىڭ شارىلدىغان ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشقاچ،ھەممىسى ئۆز خىياللىرىغا بەنت بولۇپ كېتىشىپتۇ.
بۇ نەس باسقۇر يامغۇر قاچانمۇ توختار- دەپتۇ بىر چاغلار چاشقان غودۇڭشىپ.
پات يېقىندا توختايدىغاندەك ئەمەس –دەپتۇ قاغا،شۇنىڭدىن كىيىن ھەممىسى جىمىپلا قاپتۇ،بەلكى تۇرۇپ-تۇرۇپ كۆزلىرى يۇمۇلۇپ، ئىختىيارسىز ئۇيقىغا كېتىشىپتۇ،بىراق ئۇلار تازا قىزىق چۈش كۆرىۋاتقاندا تۇيۇقسىز  غاراسلاپ يوغانلا موگۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگىلا ئۆڭتۈرۈلۈپ چۈشۈپتۇ-دە،ئارقىدىن يامغۇر تامچىلىرى ئۇلارنى قامچىلاۋاتقاندەك ئۈستى-بېشىغا تاراسلاپ تېگىشكە  باشلاپتۇ.
ۋاي نىمە ئىش بولدى؟،ئاسمان كۆمتۈرۈلۈپ چۈشتىمۇ نىمە ؟-چۆچۈپ ئويغىنىپتۇ ئاق بۆجەن ،قاغا ۋە ئالا مۆشۈكلەر ئەندەرىشىپ.
ھېچ ئىش...ھېچ ئىش بولمىدى... –دەپتۇ قورسىقى ئوبدانلا پومپىيىپ كەتكەن  چاشقان ھولۇققىنىدىن كېكەچلەپ تۇرۇپ-شۇ..شۇ موگۇ ئۆرۈلۈپ چۈشتى شۇ.
لېكىن شۇنداق دەۋاتقىنىدا ئۇنىڭ ئاغزىدىن تېخى چايناپ يۇتۇپ بولالمىغان موگۇ ساپىقىنىڭ پارچىلىرى تۆكۈلۈپ قاپتۇ.
ئەسلىدە سەن موگۇنىڭ ساپىقىنى غاجىلاپ يەپتىكەنسەندە-دەپتۇ قاغا –كۆپچىلىكنىڭ مۇشۇ موگۇ ئاستىدا پاناھلىنىۋاتقىنىنى ئويلاپمۇ قويماپسەن.
شۇ..شۇ قورسىقىم بەك ئېچىپ كېتىپ..دۇدۇقلاپ قاپتۇ چاشقان يەنە .
ھازىر كىمنىڭ قورسىقى ئاچ ئەمەس –دەپتۇ ئالا ئاسلان غەزەپتىن بۇرۇتلىرىنى دىردەيتىپ-ۋۇ ۋاپاغا جاپا قىلدىغان مەخلۇق،سەندەك نەپسى ئاۋارىسى بىلەنمۇ دوست بوپتۇمەن دىسە،ئەسلى بايىلا يىۋەتسەم بوپتۇكەن سېنى ،ئۆز نەپسىڭ ئۈچۈن مانا كۆپچىلىكنى يامغۇردا قويدۇڭ.
ھەپچۈش!،ھەپچۈشە!...-چۈشكۈرۈشكە باشلاپتۇ ئاق بۆجەن يىغلامسراپ-ۋاي خۇدا،ئەمدى زۇكامداپ قالىدىغان بولدۇم.
كەچۈرۈڭلار!-دەپتۇ چاشقان ئاران-ئارانغىنە ،ئارقىدىنلا ئالا مۆشۈكنىڭ ئۆزىگە چەكچىيىپلا قالغىنىدىن ئالاقزادە بولۇپ،پارت!-قىلىپلا قېچىپتۇ،خەپ سېنى!-ئالا مۆشۈك شۇنداق دىگىنىچە كەينىدىن قوغلاپتۇ،قاغىمۇ قوغلىماقچى بوپتۇيۇ،لېكىن قاناتلىرى ھۆل ھالىتىدە ئۇچۇشقا مۈمكىن بولماي ،توشقاننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا قەپ قاپتۇ.
دوست دىگەننىمۇ تاللاپ تۇتقۇلۇقكەن –ساۋاق بېرىپتۇ  ئۇ يېڭى پاناھ جاي ئىزلەپ كېتىۋېتىپ ئاقكۆڭۈل ئاق بۆجەنگە -ھەرگىز ئۆزىدىن باشقىلارنى ئويلىمايدىغان شەخسىيەتچى،نەپسانىيەتچىلەر بىلەن دوست بولماسلىق كېرەككەن،ئۇنداقلار بىلەن دوست بولدىڭمۇ چوقۇم ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن يامانلىق كۆرىدىكەنسەن.
 
 
 
 
 
 
 
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315