مۇلايىم مەلىكە (چۆچەك

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-07 13:48
مۇلايىم مەلىكە 
‹چۆچەك›
بار دىسىڭىز يوق ئكەن،يوق دىسىڭىز بار ئىكەن،تارىخ بەتلىرىگە خاتىرىلەپ قويۇش ئۇنتۇپ قېلىنغان شۇنداق بىر مەملىكەت بولغان ئىكەن،بۇ مەملىكەت شاھىنىڭ غەزىنىسى ئالتۇن-كۈمۈشكە لىق تولغان،خەلقى باياشات،ۋە زىمىنى تېنىچ -ئاۋات بولۇپ،دۈشمەنلىرى غەمكىن ، دوستلىرى شادىمان ئىكەن،ئەمما بۇ شاھنىڭ دۇنيالىقتا يىگانە بىرلا پەرزەنتى بولۇپ،جاھاندا تەڭدىشى يوق ساھىپجامال مەلىكە ئىكەن،نام  -شەرىپى بولسا گۈزەللىكىگە مۇناسىپ ‹رەنايىجاھان› ئىكەن،شاھ شۇ بىرگىنە مەلىكە بولسىمۇ پەرزەنتى بولغىنىدىن كۆڭلىگە تەسەللى تېپىپ،ئۇنى كۆز قارچۇغىدەك ئاسراپ،شاھلىق تاجىدىنمۇ قىممەتلىك ۋە جېنىدىنمۇ ئەزىز بىلىدىكەن-كەلگۈسىدە ئەقىللىق –دانىشمەن ۋە باتۇر –قەھرىمان بىر كۈيوغۇللۇق بولسام،ئاخىرەت سەپىرىگە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن  تاجى-تەختىمنى ئۇنىڭغا تاپشۇرسام،ئوغۇل پەرزەنتسىزلىكىم تۈپەيلى دۆلىتىم ياتلارنىڭ قولىغا قالمىسا،قىزىمدىن بولغان نەۋرە –چەۋرىلىرىم بولسىمۇ سە؛تەنەت چىرىغىمنى ئۆچۈرۈپ قويمىسا –دىگەنلەرنى ئويلايدىكەن،مەلىكە بولسا ھېچنىمىدىن غېمى يوق،ئاتىسىنىڭ مېھرى-مۇھەببەت دېڭىزىغا چۆمۈلۈپ،بېلىقتەك ئەركىن ئۈزۈپ،خوشال-خورام ياشايدىكەن،بىراق شۇنچە ئەتىۋارلىقلىقى ۋە توققۇزى تەل،ياخشى شارائىتتا چوڭ بولغىنىغا قارىماي ،ئەركە –نايناق،ھاكاۋۇر  بولۇپ قالماستىن ،بەلكى خويمۇ ئېسىل پەزىلەتلىك ۋە ئەدەپ قائىدىلىك،باشقىلارغا مېھرىبان ۋە خۇشخۇي،ئاقكۆڭۈل ۋە مۇلايىم پەرىشتە خۇيلۇق بىر مەلىكە بوپتۇ،خۇسۇسەن ئۇنىڭ مۇلايىملىقى ئالدىدا يىرتقۇچ يولۋاسمۇ قوينىڭ قوزىسىدەك يۇۋاشلاپ،يىرتقۇچلۇق تەبىئىتىدىن ۋازكىچىدىكەن،دۈشمەنلىرىمۇ تەسىرلىنىپ دوستىغا ئايلىنىدىكەن،ھەممە شۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭغا  كۆڭلىدىن قايىل ئىكەن،شۇڭا ئېسمىنى ئاتىماي‹‹ مۇلايىم مەلىكە ››دەپ چاقىرىشىدىكەن،بۇنداق ئاتاش بارا-بارا ئۇنىڭ بوۋاق چېغىدا قۇلىقىغا ئەزان توۋلاپ قويۇلغان ئېتىنىڭ ئورنىنى ئالغان،ئۆزىمۇ شۇنىڭغا كۆنۈك .
مۇلايىم مەلىكە غەمسىز ھايات پەيزىنى سۈرۈپ ھايات مۇساپىسىنىڭ 18-باھارىنى كۈتۈۋالغان ،چېھرى قوياشى تېخىمۇ پارلاپ،تەرىپى تىللاردا داستان بولۇپ،جاھاننىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە تارالغان ،يەتتە ئىقلىمدىن ئۇنىڭغا ئاشىقى بىقارار بولغان شاھزادىلەر توي تەكلىۋى قويۇپ،ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان،شاھمۇ بۇلاردىن قايسى بىرىنى تاللاپ،قايسىلىرىنى رەت قىلىشتا بىر پىكىرگە كېلەلمەي،تازا بېشى قاتقان بىر مەھەلدە ،بۇ ئەلگە بىر بالا يۈزلىنىپتۇ،نى بالاكى بەلكى   گاھ ئوت پۈركىسە ،گاھ سۇ پۈركۈپ،گاھ بوران چىقارسا ،گاھ زەھەر چېچىپ،ئالەمنى مالەم قىلىپ،زىمىننى بۆشۈكتەك تەۋرىتىپ،زەل-زىرائەتلەرنى چەيلەپ،مال- ۋارانلارنى پادىسى بىلەن دەمتارتىپ،كۆللەرنى قۇرۇتۇپ،دەريا-ئېقىنلارنى توختىتىپ غايەت زور بىر گىگانت ئەژدىھا يېتىپ كەپتۇ،قاچان  ئاپىرىدە بولغىنى،قەيەردىن كەلگىنى نامەلۇم ،بۇ ئەلدە ئاتا مىراس قان قىساسى ياكى بۇرۇن ئالالمىغان باشقا دەردى باردەك،ئاداۋەت كۆزى بىلەن چەكچىيىپ،ھەممە يەرگە بالايى –ئاپەت ئوتلىرىنى چېچىپ،باغۇ-بوستانلارنى دەشتى-چۆللەرگە ئايلاندۇرۇپ يېتىپ كەپتۇ،ئۇنى يىراقتىن كۆرگەنلەر يولۋاستىن ھۈركىگەن  كىيىكتەك قېچىپتۇ،يېقىندىن كۆرگەنلەر قورقۇنچىدا  ھۇشىدىن كېتىپ يىقىلىپ،تىرىك مۇردا بولۇپ قاپتۇ،نىھايەتكى مەزكۇر ئەژدىھا شۇنچى ئاپەتلەرنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ ،نىمەچۈنكى ئادەمىزات نەسلىگە چېقىلماپتۇ.
شاھ بۇ بالايى ئەزىمگە قارشى لەكمىڭلاپ لەشكەر ئەۋەتىپتۇ،ئەمما ئۇلاردىن بىرىمۇ قايتىپ كەلمەپتۇ،پەھلىۋان –كۈچتىنگىرلەرنى ئاتلاندۇرۇپتۇ،بۇلاردىنمۇ بىرەرسى ئامان قالماپتۇ،كۆرگەنلەر ھەممىسىنىڭ ئەژدىھا چىقارغان بورانغا دۇچكەلگەن ھامان تاشقا ئايلىنىپ قالغىنىنى يەتكۈزۈپتۇ،چارىسىز قالغان شاھ تەختى-بەختى،ئەل يۇرتىنىڭ غېمىدە زار-زار قاخشاپ،خۇداغا يېلىنىپ يىغلاپتۇ،ئاخىرى- سەۋەپنىڭ ئالىمى –دەپ شۇنداق پەرمان چۈشۈرۈپتۇ:-كىمىكى بۇ بالانى   دەپئى قىلسا ،شاھلىق تاجىمنى بېشىغا قوندۇرۇپ،تەختى-سەلتەنىتىمنى بەخشەندە قىلىمەن-دەپ ،ئەمما بۇ كاتتا مۇكاپات ئۈچۈن يەتتە ئىقلىمدىن بىرەر مەرد-باھادىر چىقماپتۇ-مانا مەن-دەپ مەيدىسىگە ئۇرۇپ.
نائىلاجلىقتىن شاھ-ئەلھۆكمىللا،قازاغا رىزا –دەپ،بېشىغا كەلگەننى ئۆزىلا كۆرۈشكە تەييارلىنىپ،مەلىكە ۋە باشقا جەددى-جەمەتىنى باشقا ئەللەرگە يولغا سېلىۋەتمەك تەرەددۇتىغا چۈشكەندە ،بۇ يۇرتقا بىر پالچى-ھۆكىما كەپتۇ ،ۋەزىرلەر دەرھال ئۇنى شاھقا مەلۇم قىپتۇ-ئۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلىپ باقساق،بەلكىم بىرەر چارە-تەدبىردىن ئۇچۇر بېرىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
شاھ دەرھال ھۆكۈمانى ئوردىغا تەكلىپ قىپتۇ،مول زىياپەتلەر راسلاپ،‹‹ئاۋۋال تائام ،ئاندىن كالام››رەسمىنى بىجا كەلتۈرگەندىن كىيىن،ھۆكۈماغا مەملىكىتى بېشىغا كەلگەن بالايى ئەزىم غېمىدىن داتلاپتۇ،ئۇنى يوق قىلماقنىڭ چارە –تەدبىرىنى سوراپتۇ،ھۆكۈما دەرھال كۈندۈزلىرى ھىكمەت  كىتاۋىنى كۆرۈپ مۇتالىئە قىلىپ ،كېچىسى يۇلتۇزلارغا قاراپ پال سېلىپ يۈرۈپ ئاخىرى شۇنداق دەپتۇ-ئەي ھۆرمەتلىك شاھىم،ئىزلىگەن چارە -تەدبىرنى تاپتىم ،بىراق ئەيتىشقا تىلىم كۆيدى،چۈنكى بۇ چارە سىلىنى چوڭ بالادىن قۇتۇلدۇرغىنى بىلەن يۈرەك پارىلىرىدىن جۇدا قىلغىدەك.
شاھ بېشىنى سېلىپ ،ئويغا  چۆكۈپ ئولتۇرۇپ كېتىپ،ئاخىرى يەنە شۇنداق دەپتۇ-ئەيتىڭ،نىمىلا بولمىسۇن بىلىپ قالغىنىم تۈزۈك.
ھۆكۈما دەپتۇ-گىگانت ئەژدىھا ئەسلى مەلىكىلىرىنىڭ قەستىدە كەلگەن ئىكەن،شۇڭا ئۇنى پەيلىدىن ياندۇرۇشنىڭ بىردىن بىر چارىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن مەلىكىلىرىنى قۇربان قىلىش  ياكى مەلىكىنىڭ ئورنىغا ھەركۈنى بىردىن يېشى 18گە يەتكەن ،تېخى ياتلىق بولمىغان بىر قىزنى يەم قىلىش،مەلىكە قۇربان قىلىنسا كۈنىەە بىردىن قىز بېرىشنىڭ ئورنى يوقكەن،كۈنىگە بىردىن قىز بېرىلسە مەلىكىنى قۇربان قىلىش ھاجەتسىزكەن.
بۇنى ئاڭلىغان شاھنىڭ كۆزلىرى بۇلاق بولۇپ،كۆز ياشلىرى تاراملاپ ئېقىپتۇ،ئاچچىق بىر پىغان يۈرىكىدىن ئۆرلەپ چىقىپ،دىمىغىنى ئۆرتەپتۇ؛مەلىكىگە تۇراي دىسە كۈنىگە بىردىن قىزنى ئەژدىھاغا يەم قىلىش ئېغىر كەپتۇ،قىزلارنىڭ ئۇۋالىغا قالماي دىسە دۇنيالىقتا يىگانە پەرزەنتىدىن ئايرىلىشقا قىيماپتۇ،كېسىپ بىرنىمە دىيەلمەي،غەم تېغى ئاستىدا ئېزىلىپ ئولتۇرۇپ كېتىپتۇ،شۇچاغ ئەژدىھانىڭ شەھەر تامان سويلاپ كېلىۋاتقانلىق شۇمخەۋىرى كەپتۇ ،مەملىكەت  ئەھلى پاراكەندە بولۇپ،ئەل –يۇرتنى تاشلاپ،مۇساپىرلىق ۋادىسىغا كەلكۈندەك ئېقىشقا باشلاپتۇ،ئۇلارنىڭ ئاھۇ-زارى،نالە-پەريادى ئوردىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ،سېپىلدەك مۇستەھكەم تاملىرىغىمۇ چاك كېتىپتۇ.
شۇھالدا شاھ پەرمان چۈشۈرۈپتۇ:-ئەل-يۇرتنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن مەلىكەم قۇربان قىلىنسۇن.
شۇنداق پەرمان چۈشۈرۈپتۇيۇ ،سۆزى ئاخىرىلاشقىچە كۆزلىرىدىن ياش ئورنىغا قان قۇيۇلۇپتۇ،ۋەزىر –ئۆمارالىرى ھەم مەلىكە ئۈچۈن قايغۇرۇپ،ياش تۆكۈشۈپتۇ،لېكىن باشقا چارە –ئامال تېپىشالمىغىنى ئۈچۈن،شاھ پەرمانىنىڭ ئىجراسىغا تەرەددۇتلىنىپتۇ؛پەرمان مەلىكىگە يەتكۈزۈلگەندە كېنىزەكلىرى ئاھ ئۇرۇپ،يىغا –زارە بىلەن ئوردىنى بېشىغا كىيىپتۇيۇ،لېكىن ئەزەلدىن ئاتىسىنىڭ سۆزىنى يىرماي ،نىمىلا دىسە رايىشلىق بىلەن قىلىپ كۆنگەن مۇلايىم مەلىكە يەنىلا تەمكىنلىك بىلەن ئۆز بېشىغا كەلگەن قازاغا رىزا بولۇپ،ئەل-يۇرت ئۈچۈن قۇربان بولۇشقا تەييارلىنىپتۇ.
كەنىزەكلەر مەلىكىسىگە چىداشماي،كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈلۈپ،ئىچ-ئىچىدىن پىغانى ئۆرلەپ تۇرۇشسىمۇ لېكىن يەنىلا ئۇنى ئەڭ چىرايلىق كىيىملەر بىلەن كىيىندۈرۈپ،ئەڭ ئېسىل زىبۇ-زىننەتلەر بىلەن ياساندۇرۇپتۇ،ئەزەلدىن پەداز قىلىشى  بىھاجەت بولسىمۇ يەنىلا قاشلىرىغا ئوسما قويۇپ،كۆزلىرىگە سۇما تارتىشىپتۇ،ئەسلىدىمۇ تەڭداشسىز گۈزەل مەلىكە كۆڭۈل ياساندۇرۇلغاندىن كىيىن تېخىمۇ ئېچىلىپ،قوياشتەك پارلاپ كېتىپتۇ،ئاندىن ئۇ شاھ ئاتىسى ئالدىغا ۋىدالىشىش ئۈچۈن كىرىپتۇ،شاھ ئاتىسى ئۇنىڭ باغرىغا بېسىپتۇ،ئەمما ئىچ-ئىچىگە سىغماي قېلىۋاتقان ھەسرەت –نادامەت تۈپەيلىدىن تىلى كالۋالىشىپ،دىمەكچى بولغانلىرى بوغۇزىغا كەپلىشىۋالغاندەك ھېچىمە دىيەلمەيلا قاپتۇ،  مەلىكە بولسا كۆزلىرىدىن ياش ئورنىغا قان ئېقىپ تۇرغان ئاتىسىغا ئىللىق كۈلۈمسىرەپ،مۇلايىملىق بىلەن تەسەللىي بېرىپ،ئەل-يۇرتىغا تېنچ –ئامانلىق ۋە ئاسايىشلىق تىلەپ،ئوردىدىن ئايرىلىپتۇ،ئەل-جامائەتنىڭ ئەپسۇس-نادامەتلەر بىلەن ئۇزىتىشى ئاستىدا  شەھەر قوۋىقىدىنمۇ چىقىپتۇ.
شەھەرگە يېقىنلاپلا قالغان،بېشى بۇلۇتلارغا باش قويۇپ،تېنى بىر كىچىك تاغ تىزمىسىدەك سوزۇلۇپ ياتقان ، بىر دەمتارىتپلا شەھەرنى سېپىل ۋە ئۆي-ئىمارەتلىرى بىلەن قوشۇپلا  يۇتۇۋېتىدىغاندەك ئەلپازدا چەكچىيىپ تۇرغان گىگانىت ئەجدىھا  كۆز ئالدىدا كىچىككىنە چۈمۈلىدەك مىدىراپ يۈرگەن مەلىكىنى ئېنىق كۆرۈشچۈنمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ ئەيتاۋۇر كىچىكلەپ-كىچىكلەپ،ئاخىرى ئېنى تۆت-بەش غۇلاچچە ،توملىغى قۇچاققا سىغقىدەك بىرھالغا كەپتۇدە،ئاندىن ۋىش قىلىپلا چاقماق تىزلىكىدە سويلاپ،مەلىكىنىڭ ئالدىدا چىپپىدە توختاپتۇ،ئاندىن خۇددى ئالدىغا كەلگۈچىنىڭ راست مەلىكە ياكى ئەمەسلىكىنى پەرق ئەتمەكچى بولغاندەك،ئۇنىڭ بېشىدىن ئايىغىغىچە بىر سەپسېلىۋېتىپ چەكقچىيىپتۇ،قاتتىق چۆچىگىنىدىن كۈز شامىلىدا قالغان خازاندەك تىترەپ،ھۇشىدىن كىتەيلا دەپ قالغان مەلىكە بولسا زور چىدام غەيرەت بىلەن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ،يەنىلا مۇلايىملىق بىلەن سالام بېرىپتۇ ـ ئەسسالامۇئەلەيكۇم!.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !-دەپتۇ ئەژدىھامۇ زۇۋانغا كېلىپ ھاۋا گۆلدۈرلىگەندەك بىر ھەيۋەتلىك ئاۋازدا –سالىمىڭ بولمىغاندا زەھەرلىك چىشلىرىمدا چاينىلىپ مىڭبىر ئازاپلار چىكەتتىڭ،ئەمدى شۇ سالىمىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ سېنى چاينىماي يۇتۇمەن،قىينالماي جان بېرىسەن.رەھمەت –دەپتۇ مەلىكە ئۆلۈم ئالدىدا تۇرسىمۇ يەنىلا مۇلايىملىق بىلەن .
ئەژدىھا بولسا –قېنى ئۆز ئايىغىڭ بىلەن ئاغىمغا كىرەمسەن ياكى ئۆزەم دەم تارتايمۇ ؟-دەپتۇ مەلىكىگە ،بىراق ياۋۇزلۇق يېغىپ تۇرغان قورقۇنچلىق ئەلپازى  دەسلەپقىدىن خېلىلا پەسلەپتۇ.
مەلىكە بولسا ئىچىدە –ئەلھۆكمىللا –دىگىنىچە مۇلايىمغىنە كۈلۈمسىرەپ قويۇپ،ئەژدىھانىڭ خەنجەردەك چىشلار سوغۇق يالتىراپ تۇرغان ئاغزىغا قاراپ چامداپتۇ، ھېيىقىپ،قەدەملىرى ئېغىرلاشقان ،تىزلىرى بىلىنەر-بىلىنمەس دىرىلدەپ تىترەپ،ھالسىزلىنىپ كېتىۋاتقاندەك بولۇپ قالغان بولسىمۇ يەنىلا    توختىماپتۇ.
بىرقەدەم،ئىككى قەدەم...-مەلىكە ئالغا چامدىغانسېرى ئەژدىھاغا شۇنچى يېقىنلاپتۇ،ئۇنىڭ ئېڭىكى تۈۋىگە يەتكەندە ،سەلغىنە توختاپ،چوڭقۇر بىر تىنىۋېلىپ،ئۆزىنى توختىتىۋالغاندىن كىيىن ،قاردەك ئاق ،پاختىدەك يۇمشاق ۋە يۇمران، نازۇك قوللىرى بىلەن ئەژدىھانىڭ بېشىنى تۇتۇپتۇدە،  ئىچىدە نىمىلەرنى ئويلىدى نامەلۇم ،ئويلىمىغان يەردىن چىقىپ ئۆزىنى ھاپ ئېتىشكە تەييارلىنىپ تۇرغان ئېغىزىنى يۇمدۇرۇپ،لەۋلىرىگە  سۆيۈپ قويۇپتۇ.
توۋا!،مانا كارامەت ،مەلىكىنىڭ ئانار دانىسىدەك جىلۋىلەپ تۇرغان  يېڭى ئېچىلغان قىزىل گۈل بەرگىدەك يۇمران لەۋلىرى ئەژدىھانىڭ قان ئىچىشكە تەشنالىقىدىن چاڭقاپ چاك-چاك يېرىلغان،يىرىك ھەم قاپقارا دورداي كالپۇكلىرى بىلەن ھىملەشكەن ھامان ئۇنى بىر مانان ئورىۋاپتۇدە،قويۇقلىشىپ،قويۇقلىشىپ،ئاندىن يەڭگىل بىر پارتلاش ساداسى ئىچىدە تاراپ كېتىپتۇ،ئەژدىھانىڭ ئورنىدا بولسا قوياش تەلئەتلىك،شەمشاد قامەتلىك،ئاجايىپ پۇزۇر كىيىنگەن بىر يىگىت پەيدا بوپتۇ،ئۇنى كۆرگەن مەلىكىنىڭ نازۇك تەن قەپىزىدىكى مۇشتۇمدەك يۈرىكىدە  بىر ۋولقانچە ئوت پەيدا بولۇپ،ئوتلۇق بىر سېزىم تومۇر-تومۇرلىرىغا لاۋا ئېقىمىدەك تاراپتۇ-دە،ئخىتيارسىزلا -ئاھ!،نىمىدىگەن  چىرايلىق،كېلىشكەن يىگىتبۇ –دەۋېتىپتۇ.
رەھمەت سىزگە مەلىكە –دەپتۇ يىگىت بولسا كۈلۈمسىرەپ-مېنى جادىگەرنىڭ قارغىشىدىن خالاس قىلدىڭىز .
ئاندىن ئۇ تېخىچە كۆرگەنلىرىگە ئىشىنەلمەي،بولىۋاتقان ئىشلار چۈشىدە ياكى ئوڭىدا يۈزبەرگىنىنى پەرق ئېتەلمەي تېڭىرقاپ قالغان مەلىكىنى قولىدىن يېتىلەپ،شەھەر تامان چامداپتۇ،شۇ ھامان ئۇ ئىلگىرى ئەژدىھا سۈرىتىدىكى ۋاختىدا تاشقا ئايلاندۇرۇۋەتكەن لەشكەر  ۋە كۈچتىنگىر- پەھلىۋانلارغا قايتىدىن جان كىرىپ،دەمتارتىپ كەتكەن مال-چارۋىلارمۇ ئېغىل قوتان،جاڭگال-يايلاقلاردا  پەيدا بولۇپ،خاراپ بولغان يۇرت-ماكانلار بۇرۇنقىدىنمۇ ئاۋات بىر ھالغا ئەسلىگە كېلىپ قاپتۇ،ھېچنىمىگە قىلچىلىك زىيان يەتمىگىنى  مەلۇم بوپتۇ.
مەن ئەسلى پەرىلەر مەملىكىتىدىن مەلىكىگە ئاشىق بولۇپ،توي تەكلىۋى قويۇشچۈن كېلىۋاتقان شاھزادە ئىدىم –دەپتۇ يىگىت مەلىكىنىڭ ئاتىسى ئالدىغا كىرگەندە-بىراق يېرىم يولدا بىر جادىگەر خوتۇنغا دۇچكەلدىم،ئۇنىڭ بەدبەشىرىلىكىدىن كۆزى بارنىڭ ھەممىسىلا بىر قاراشتىلا سەسكىنىپ،نەچچە كۈنلۈك نېرىغا قاچقىسى كېلىدىكەن،ئەمما ئۇ سېھرى –جادۇ كۈچىگە تايىنىپ،كۆزىگە چېلىققاننىڭ ھەممىسىنى   ئەسىر قىلىپ،بويسۇنسا خىزمىتىگە سېلىپ،بويسۇنمىسا تاشقا ئايلاندۇرۇۋېتىدىكەن،ئېلىشتۇق،چېلىشتۇق،ئاخىرى مەن پەرىلىك خىسلىتىم بىلەن يەڭدىم،ئەمما ئۇ ئۆلۈم چاڭگىلىدا جان تالىشىۋېتىپ،مېنى شۇنداق قارغىۋەتتى-‹ۋەھشى ئەژدىھاغا ئايلىنىپ قالغايسەن،تاكى ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن مەلىكىنى يىۋەتمىگىچە يۇرتقا ئاپەت بولغايسەن›-دەپ،بىراق مەلىكىنىڭ پاك سۆيگۈسى مېنى ئويلىمىغان يەردىن جادىگەرنىڭ قارغىشىدىن خالاس قىلدى،ئەمدى ئۇنىڭغا ئۆيلىنىشنى ئىلتىماس قىلىمەن.
مەلىكىنىڭ ئاتىسى پەرىلەر شاھزادىسىنىڭ سۆزلىرىدىن ئالەمچە شادلىنىپ،مەلىكىسىنىڭ رايىنى سوراپمۇ يۈرمەستىن دەرھال ناقۇللۇق بىلدۈرۈپتۇ،ئاندىن 40كىچە كۈندۈز ئەلگە توي –تاماشا قىلىپ بېرىپ،مەلىكىنى پەرىلەر شاھزادىسىغا نىكاھلاپ بېرىپتۇ،بارچە ئەل- يۇرت ئۇلارنىڭ بەختىگە دۇئا قىلىشىپتۇ،ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىشىپتۇ ، ئەل يۇرتنىڭ  تىلىكى ئىجابەت بولغان بولسا بەلكىم مۇلايىم مەلىكە ھازىرمۇ رېۋايەتلەردىكى كوھىقاپتا،پەرىلەر ئېلىدە ئابى ھايات ئىچىپ، پەرىلەر شاھزادىسى بىلەن بەختلىك ياشاۋاتقاندۇ.


  

يانفۇندا كۆرۈش
    315