ئاق ئەتتىرگۈل (ھېكايە

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-04 13:26
    ئۇ ئوڭ پۇتى بىلەن بۇ مەكتەپكە قەدەم باسقىنىدا شۇنچىلىك ھاياجانلىنىپ كەتتى ،رەت -رەت سېلىنغان ئوقۇتۇش بىنالىرى ،ھەيۋەتلىك كۈتۈپخانا بىناسى ،ھەم ئۈچ قەۋەتلىك مۇسۇلمانچە ئاشخانا ،ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يېشىللىققا تولغان مەكتەپ ھويلىسى ...بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئىلگىرى ئارزۇ قىلغان كۆڭلىدىكىدەك ئالىي مەكتەپنىڭ ئوبرازى ئىدى .ئۇ مەكتەپ ئىچىنى ئايلانغاچ ھەممە نەرسىگە قىزىقىپ قارايتى ،تولۇق ئوتتۇرا ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان شارائىتى ياخشى بۇ مەكتەپ بارغانسىرى ئۇنى ئۆزىگە قىزىقتۇراتتى ،ئۇ كۆڭلىدە بۇ يەردىكى ھەممە ئوقۇغۇچىنى تولىمۇ بەخىتلىك ھېس قىلاتتى ،ھەممە يەرگە تويماي قارايتتى ،بۇلۇڭلاردىكى جۈپ -جۈپ بولۇپ ئولتۇرغان ئوغۇل -قىزلارنى كۆرگىنىدە ئۆزىنى قىزنىڭ ئورنىغا ،ئادىلنى بولسا ئوغۇلنىڭ ئورنىغا قويۇپ بىر مۇنچە گۈزەل خىياللارنى قىلىپ كۈلۈپ قوياتتى ۋە بارا -بارا چېھرىدىكى كۈلكە ئۆچەتتى ،چۈنكى ئۇ خىيال قىلغان ئىشلار نىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەستە ....ئۇنىڭ خيالى ئاخىرلىشىدىغاندەك ئەمەس ،ئەمما يانچۇقىدا تىترەۋاتقان تېلفۇنى ئۇنىڭ خىيالىنى بۇزدى ،تېلفۇن نومۇرنىڭ ئۈستىگە يېزىقلىق ‹ھاياتىم ›دىگەن ئىسىم كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ،بۇ يىگىت دەل ئۇنىڭ بۇ شەھەرگە كىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەپلىرىنىڭ بىرى ئىدى .
ئادىل بىلەن گۈلشەن تولۇقسىزدىن باشلاپ بىر مەكتەپتە پاراللىل  ئوقۇغان بولۇپ ،تولۇق ئوتتۇردىمۇ بىللە ئوقۇغان كىيىن تولۇق 2.يىللىقنى پۈتتۈردىغان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز گۈلشەننىڭ تەن سالامەتلىكى ناچارلىشىپ ئامالسىزلىقتىن مەكتەپتىن چېكىنىپ بىر مەزگىل داۋالىنىپ ياخشى بوپ كەتكەن بولسىمۇ ئارلىقتا ۋاقىت بەك ئۇزىراپ كەتكەچكە مەكتەپتىن شۇ پېتى چېكىنىپ كەتكەن ئىدى ،ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ئىككىسى ئاللىبۇرۇن يۈرۈپ بولغان بولۇپ گۈلشەننىڭ مەكتەپتىن چىكىنىشى ئادىلنىڭ كۆڭلىنى بەكلا يېرىم قىلىۋەتكەن ،ھەتتا ئۇمۇ بىللە مەكتەپتىن چېكىنگىلى تاس قالغان ئىدى ،بىراق گۈلشەننىڭ قوشۇلماسلىقى بىلەن يەنىلا ئوقۇپ تۇرغان ئىدى ،ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئادىل ياخشى ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ داۋاملىق ئوقۇيدىغان ،گۈلشەن بولسا بىرەر كەسپ ياكى ھۈنەر ئۆگۈنۈپ ئادىل ئوقۇۋاتقان شەھەرگە بېرىپ شۇ يەردە ئۆگەنگىنىنى تەرەققى قىلدۇرغاچ ئۇنى كۈتىدىغان ،ئادىلنىڭ مەكتىپى پۈتۈپ خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن توي قىلىدىغان بولۇپ پۈتۈشكەنىدى ،مانا ئادىلنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئۈچىنچى يىلىنى كۈتىۋالدى ،ئۆتۈپ كەتكەن ئىككى يىل جەريانىدا بۇ بىر جۈپلەرنىڭ كۈنلىرى  بىر بىرى بىلەن تېلفۇندا ئالاقىلىشىش ،تەتىلدە بولسا ئوغۇرلۇچە كۆرۈشۈش بىلەن ئۆتتى ،گۈلشەن بىر تەرەپتىن تىل ئۆگەنگەچ يەنە بىر تەرەپتىن ھۆسىن تۈزەش كەسپىنى ئۆگەنگەنىدى ،ئۇ ناھايىتى ئەقىللىق بولغاچقا بۇ كەسىپنىڭ خېلىلا ئېپىنى بىلۋالدى ،ئۆيىدىكىلەرمۇ گۈلشەننى ناھايىتى قوللىغاچقا ھەم ئىشەنگەچكە ئۇنىڭ بۇ شەھەرگە كېلىپ كەسپىنى پىششىقلىشىغا قوشۇلغانىدى ،ئەلۋەتتە ئۇنى بىر نەۋرە ئاچىسى بىلەن بىللە ئەۋەتكەنىدى . نەۋرە ئاچىسى بىلەن گۈلشەن كىچىكىدىنلا بىللە ئويناپ چوڭ بولغان بولۇپ بۇ ئىككىسى خۇددى يېقىن دوسلاردەكلا ئۆتەتتى ،ئۇنىڭ ئىسمى شەمسىيە بولۇپ گۈلشەندىن 3 ياش چوڭ بولسىمۇ ناھايىتى كىچىك چىراي ،خۇش پېئىل ،چىقىشقاق قىز ئىدى ،ئۇلار بۇ شەھەرگە كېلىپ بىر ھۆسىن تۈزەش مەركىزىگە ناھايىتى ئاسانلا ئورۇنلىشىپ قالدى ،باشقا جەھەتلەردىمۇ مۇقىملىشىپ بولغاندىن كىيىن ئادىلغا ئۆزىنىڭ بۇ شەھەرگە كەلگەنلىكىنى ئېيتتى ،گۈلشەننىڭ كەلگەنىنى ئاڭلىغان ئادىل بەكلا خۇش بوپ كەتتى ھەم كۆرىشىدىغان كۈننى ئادىلنىڭ دەرسى يوق بۈگۈنگە ئورۇنلاشتۇردى ،ئادىل دەرس تاشلاپ ياكى رۇخسەت سوراپ باراي دىسە گۈلشەن قەتتىلا ئۇنىماي تۇرىۋالدى ،مانا ئۇلارنىڭ يۈز كۆرىشىدىغان مىنۇتلىرى يېتىپ كىلىۋاتاتتى .
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،تىشلىقمۇ ؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،تىشلىق ،ئۆزۈڭچۇ؟ كىلىپ بولغانسەن  ھەقاچان ،بەك ساقلىتىۋەتتىممۇ ؟
-مەنمۇ ياخشى ،مەن كېلىپ بولغىلى نەچچە سائەت بولدى بەكلا ساقلاپ كەتتىم ،كىتەي دەپ تۇرغان تېخى ...
-گۈلشەن ،راسلا خاپا بولدۇڭما؟ مانا ھازىرلا چىقىۋاتاتتىم ،ئىككى مىنۇتلا ساقلاپ تۇرغىن بولامدۇ ؟
-ھى ھى ..چاقچاق قىپ قويدۇم ،مەن كەلگىلىمۇ ئانچە ئۇزاق بولمىدى ،مەكتىپىڭىزنىڭ مەنزىرسىنى تاماشا قىلىپ تۇرىۋاتىمەن ،،تېز كېلىڭە ئەمىسە مەن كۆل بويىدا .
-ۋاي ،جىن ،توختا ھە ..ھازىرلا ئۈنىمەن يېنىڭغا .
گۈلشەن كۆرۈشمىگىلى ئىككى ئايچە بولغان بولغان يىگىتىنى ئەسلىگەچ ،ئىككىسىنىڭ بىللە چۈشكەن سۈرىتىگە قاراپ ئولتۇراتتى ،تۇيۇقسىز كۆز ئالدىدا قىپقىزىل بىر تال ئەتتىرگۈل پەيدا بولدى ۋە شۇ ھامان بىرى كۆزىنى ئېتىۋالدى ،گۈلشەننىڭ شۇ ۋاقىتتىكى يۈرەك سوقۇشىنى يېنىدىكى ئادەم ئېنىق ئاڭلىيالايتتى .
-ئادىل ،بولدى چاقچاق قىلماڭە ،بولدى ،كۆزۈمنى ئاغىرتىۋەتتىڭىز ..
-پاختىمۇ سۈزگۈچ ؟ تېز دىگىنە ،پاختىمۇ ياكى سۈزگۈچ ؟؟؟
-دىمەيچۇ ؟ كۆزۈم ئاغرىيدۇ ..ئادىل ..
ئادىل گۈلشەنگە قارىدى ،ئويماقتەك ئېغىزى پۈرۈشۈپ كەتكەن بۇ ئوماق قىزغا كىيگەن كۆينىكى شۇنچىلىك ياراشقان بولۇپ ئادىل گەپ قىلماي تۇرۇپ كەتتى ،گۈلشەن ئىككى قولى بىلەن كۈچەپ ئادىلنىڭ بىر قولىنى ئاران دىگەندە ئاجىرتىۋالدى .
-ساراڭ ،ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تۇرۇپ كىچىك بالىدەك قىلىق قىلىپ يۈرگىنىنى بۇنىڭ ...دەپ يالغاندىن دومسىيىۋالدى ،ئادىل يەنە بىر قولىدىكى ئەتتىرگۈلنى ئۇنىڭغا سۇندى ۋەئۇنىڭغا قايتىدىن قاراپ كەتتى ،قاپقارا چوڭ كۆزلىرى ،ئۇزۇن ئەگمە قاشلىرى ،سۈزۈك ،ئاق يۈزىدىكى كىچىككىنە مېڭى ،يەنە ئويماقتەك ئېغىزى ...ئۇنىڭغا قوشۇلغان تاتلىق كۈلۈشلىرى ئۇنى ئۆزىگە رام قىلىپ يۈرگىلى تۆت يىل بولدى .
-نىمانچە قارايدىغاندۇ ،چىرايلىق قىزلارنى كۆرۈپ باقمىغاندەك ..گۈلشەن شۇنداق دەپلا يەنە كۈلدى ،بۇ قېتىم ئۇ ئادىلنىڭ كۆزىگە تېخىمۇ ئوماق كۆرۈنۈپ كەتتى .
-ماڭە ۋاي ،بۇ يەردە گۈزەل قىزلار دىگەن ساماندەك تۇرسا كۆرمەي قالامتىم ،بۇرۇنقىدىن سەمىرىپ كېتىپسەن جۇمۇ ،ئەمدى 21گە كىرگىنىڭ بىلەن يۈزلىرىڭگە قورۇق چۈشكىلى تۇرۇپتۇ ،ۋاي ۋۇي كۈلسەڭ تېخىمۇ سەتلىشىپ كېتىدىكەنسە  ،مەندىن باشقا ئوغۇللار بولسا ساڭا قاراپمۇ قويمايتى ،خۇش بولە تېخى قارىغىنىمغا .
شۇنچە كۈلىۋاتقان گۈلشەننىڭ چىرايى بىردەمدىلا پۈرۈشۈپلا كەتتى ،نىمە دىيىشىنى بىلمەيلا قالدى ھەم
ئاران كەلگەندە ئادىلنىڭ ئېغىزىدىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ چاقچاقلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ كۆڭلى شۇنداق يېرىم بوپ كەتتى ،بۇنى ئادىل سېزىپ قالدى ھەم : رەنجىدىڭما ؟ ۋاي ۋۇي بۇنىڭ نازۇك بوپ كەتكىنىنى ،ماڭا قارا جېنىم ،سېنى مەن ئېغىزىمدا چىرايلىق دېمىسەممۇ مىنىڭ نەزەرىمدە سەن مەڭگۈ گۈزەل بىلەمسە ؟ سىنىڭ مىنى دەپ بۇ يەرگە كەلگىنىڭگە شۇنچىلىك خۇشال بولدۇم ،ئەمدى بىز ھەرگىز ئايرىلمايمىز ،ئەجەلدىن باشقا ھېچ نەرسە بىزنى ئايرىيالمايدۇ ،ماڭا ئىشەن ،بايا چاقچاق قىلىپ قويدۇم .
باياتىن بېرى تۇتۇلۇپ قالغان گۈلشەن ئادىلنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن شۇررىدە ئېرىپ يەنە تاتلىق كۈلكىسىنى باشلىدى .گۈلشەن ئادىلنى ئۆزىگە قانداق رام قىلىۋالغان بولسا ،گۈلشەنمۇ ئادىلنىڭ ئىشقىدا شۇنچىلىك كۆيگەن ،ئۇنىڭ جەسۇرلۇق چىقىپ تۇرغان قامەتلىك تەقى- تۇرقى ،ئەخلاقلىقى ،مىجەزىنىڭ ئېسىللىقى ،مەرتلىكى ،تىرىشچانلىقى ،مەسئۇلىيەتچانلىقى ئىشقىلىپ ئادىلنىڭ ھەر بىر قىلىقلىرى ئەينى ۋاقىتتا گۈلشەننىڭ قەلبىدە مەڭگۈلۈك ئىزلارنى قالدۇرغانىدى .
ئۇلار كۆرۈشكەن بىر كۈنىنى بىر-بىرىگە تويماي قاراش بىلەن ،باغچىلارغا بېرىپ ئويناش  بىلەن ،كەچ ۋاقتىنى بولسا قول تۇتۇشۇپ كوچا چىراقلىرى ئاستىدا سەيلە قىلىش بىلەن ئۆتكۈزدى . كەچتە ئادىل گۈلشەننى ئۇ ئورۇنلاشقان ئۆيگە ئەكىلىپ قويۇۋاتاتتى ،ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇلار بىر بىرىگە قىيمىغان ھالدا خوشلاشتى .بۇ بىر كۈن ئۇلار ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن ئىدى ،ئەلۋەتتە بۈگۈن تېخى باشلىنىشى ئىدى .
گۈلشەن ئۆيگە كىرىپ شەمسىيەگە ئېسىلىپ كۈلۈپ كەتتى ،ھەم ھەممە ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى ،شەمسىيە ئۇنىڭ قولىدىكى سولىشىپ كەتكەن ئەتتىرگۈلنى شەرەت قىلىۋېدى ،گۈلشەن گۈلگە قاراپ قورقۇپ كەتتى ، ئەسلىدە گۈلشەن ئەتتىرگۈلگە بەكلا ئامراق بولۇپ ، بۈگۈن ئادىل سوۋغا قىلغان گۈلنى شۇنچە كۆپ يەرنى ئايلانغان بولسىمۇ قولىدىن چۈشۈرمەي سىقىپ تۇتىۋالغان بولغاچقا گۈل ئاللىبۇرۇن سولىشىپ قورۇلۇپ قالاي دىگەنىدى ،ئۇ دەرھال بىر لوڭقىغا ئۇ گۈلنى ئايرىم چىلاپ قويدى .
تۈن كېچە ئادىل كارۋىتىدا ئۇيان-بۇيان ئۆرۈلۈپ قەتتىيلا ئۇخلىيالمايۋاتاتتى ،گۈلشەننىڭ كېلىشى ئۇنى راسلا قەۋەتلا خۇش قىلىۋەتكەن ئىدى ،گۈلشەنمۇ ئادىلغا ئوخشاش ،ئۇنى بۇنى خىيال قىلىپ ھەتتا ياتقاندىمۇ كۈلۈپلا ياتاتتى ،ھەي شېرىن مۇھەببەت ....
ئادىلنىڭ كەسپى كىلىنكىلىق داۋالاش بولۇپ دەرسى ناھايىتى كۆپ ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرستىن سرت كۇرۇسلىرىمۇ كۆپ بولغاچقا گۈلشەن بىلەن كۆرۈشكىلى ھەپتىدە  ئاران بىر كۈنلا ۋاقىت چىقىرالايتى ،گۈلشەنمۇ ئۇنى توغرا چۈشەندى ،ئۆزىمۇ ئاتايىن كەلگەنگە چۇشلۇق كەسپتە ئۇتۇق قازانمىسام بولمايدۇ دەپ قاراپ ناھايىتى تىرىشىۋاتاتتى ،ئادىلنىڭ ۋە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ياردىمى ،غەمخورلۇقى بولغاچقا ناھايىتى تېزلا بۇ شەھەرنىڭ مۇھىتىغا كۆنۈپ كەتكەن گۈلشەننى يۇرتىنى ،مېھرىبان ئاتا-ئانىسىنى سېغىنىشلا ناھايىتى قىينايتتى ،كىچىكىدىن تارتىپ ئۆيىدىن ئايرىلىپ باقمىغان ئەركە قىزىنى سېغىنغان ئاتا -ئانىسىمۇ ئۆيىدە سېغىنىش ئىچىدە تېلفۇن ساقلاپ ،تېلفۇنغا تەلمۈرۈپ ئولتۇراتتى ،گۈلشەننىڭ ئانىسى ئۆيدىكى قىزىنى دەپ ئۆستۈرگەن چوڭ تەشتەكلىك ئەتتىرگۈلگە قاراپ قىزىنى ئەسلەپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كىتەتتى .






داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ ...




2014.12.5(جۈمە)   

يانفۇندا كۆرۈش
    315