سۆيۈش بىلەن ياخشى كۆرۈشنىڭ پەرقى

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-04 13:10

ياخشى كۆرۈش بىلەن سۆيۈشنىڭ پەرقى




      ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغاندا ئۆزىڭىزنى ئىنتايىن خۇشال ھېس قىلىسىز.
      ئەگەر ئۇنى سۆيسىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغاندا قەلبىڭىز چۈشىنىكسىز بىر ھېسسىياتقا ئەسىر بولىدۇ.

      ئەگەر ئۇنى  ياخشى كۆرسىڭىز، سىز كەلگۈسىڭلار ئۈستىدە ئويلانمايسىز.
      ئەگەر ئۇنى سۆيسىڭىز، سىلەر دائىم بىرلىكتە ئەتەڭلەرگە تەلپۈنىسىلەر.

      ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، سىلەر بىرگە بولغاندا مەڭگۈ خۇشال بولىسىلەر.
      ئەگەر ئۇنى سۆيسىڭىز، سىز دائىم ياش تۆكىسىز.

      ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، سىلەر ئۇزۇنغىچە كۆرۈشمىسەڭلار، سىز توساتتىن ئۇنى ئەسكە ئالىسىز.
      ئەگەر ئۇنى سۆيسىڭىز، سىلەر ئۇزۇنغىچە كۆرۈشمىسەڭلارمۇ، سىز كۈندە ئۇنى ياد ئېتىسىز.

      ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، سىز ئۇنى ئەسلىگەندە، كۈلۈمسىرەپ قويىسىز.
      ئەگەر ئۇنى سۆيسىڭىز، سىز ئۇنى ئەسلىگەندە، كۆككە بېقىپ تۇرۇپ قالىسىز.

      ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ خۇشال بولىشىنى ئۈمىد قىلىسىز.
      ئەگەر ئۇنى سۆيسىڭىز، ئۇنىڭ باشقىلاردىنمۇ بەكرەك خۇشال بولىشىنى ئۈمىد قىلىسىز.

      ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، بۈگۈنگىلا ئېرىشىشنى ئويلايسىز.
      ئەگەر ئۇنى سۆيسىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ ئايرىلماسلىقنى ئويلايسىز.

      ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنىلا كۆرىسىز.
      ئەگەر ئۇنى سۆيسىڭىز، ئۇنىڭ كەمچىلىكلىرىنىمۇ كەچۈرۋېتەلەيسىز.

      ياخشى كۆرۈش- بىر خىل روھى ھالەت، بىر خىل بىۋاستە سېزىم.
      سۆيۈش- بىر خىل تۇيغۇ.

      ياخشى كۆرۈشنى توختاتقىلى بولىدۇ.
      سۆيۈش ھەرگىزمۇ توختاپ قالمايدۇ.

      بىرسىنى ياخشى كۆرۈش تولىمۇ تەبىئىي بولىدۇ.
      بىرسىنى سۆيسىڭىز ئۆزىڭىزنى تولىمۇ خاتىرجەم ھېس قىلىسىز.

      ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، بەزىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىسىز.
      ئەگەر ئۇنى سۆيسىڭىز، بەزىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولۇشتىن قورقۇپ قالىسىز.

      ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، توختىماستىن ئۇنىڭ بىلەن تالاش- تارتىش قىلىسىز.
      ئەگەر ئۇنى سۆيسىڭىز، توختىماستىن ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىسىز، دائىم ئۇنىڭ يېنىڭىزدا بولۇشىنى  ئارزۇ قىلىسىز.

      ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، ھەمىشە ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈلىسىز.
      ئەگەر ئۇنى سۆيسىڭىز، ھەمىشە ئۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكىسىز.

      ياخشى كۆرۈش تولىمۇ ئاددى، ياخشى كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ دەپ قارىسىڭىزلا، ياخشى كۆرىۋېرىسىز. بىراق سۆيۈش بىرخىل مۇرەككەپ ھېسسىيات، ئۇ سىزنى ياخشى كۆرۈشى مۈمكىن، بىراق سىزنى سۆيۈشى ناتايىن. بىرسىنى سۆيۈش ئۈچۈن چوقۇم ئۇنى  ئىنتايىن ياخشى كۆرگەن بولۇشى شەرت، ياخشى كۆرۈش بىلەن سۆيۈش ئوتتۇرسىدا پەقەت بىر قەدەملا ئارلىق بار، گەپ سىزنىڭ بۇ قەدەمنى بېسىشنى خالاش،  خالىماسلىقىڭىزدا.
      ئەگەر ئۇنى سۆيسىڭىز، ئۇ بار چاغدا، كۆز- ئالدىڭىزدا شۇ بىرلا ئادەم باردەك ھىس قىلىسىز، ئۇ كېتىپ قالغاندا بولسا، ئۇنىڭ سىماسى ھەر دائىم كۆز ئالدىڭىزدىن كەتمەيدۇ.

      ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، يېرىم كېچىدە كىتاب ئوقۇۋېتىپ، تۇيۇقسىز ئۇنى ئەسكە ئېلىپ، ئۇ ھازىر نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ دەپ ئويلايسىز، قەلبىڭىز بىر ئىللىققىنە سېزىمغا ئەسىر بولىدۇ، بىراق ئۇنىڭغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېلېفۇن قىلمايسىز. بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىنلا ھەممىنى ئۇنتۇپ، كىتابتىكى ۋەقەلىك ئىچىگە كېرىپ كېتىسىز.
      ئەگەر ئۇنى سۆيسىڭىز، يالغۇز كېچىلەردە، قەلبىڭىز سېغىنىشقا تولغان ھالدا قولىڭىزغا كىتاب ئالىسىز، بىراق قانچە قىلىپمۇ دىققىتىڭىزنى يىغالمايسىز، ئۇ ھازىرمۇ سېمىنا قوشۇپ ئىشلەۋاتقانمىدۇ، كەچلىك تاماق يىگەنمىدۇ، مەن ئۇنى سېغىنغاندەك ئۇمۇ مېنى سېغىنغانمىدۇ دېگەن ئويلار كاللىڭىزنى چىرمىۋالغان بولىدۇ.

      ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، مەسىللەرنى مۇزاكىرە قىلغاندا ئۇنىڭ بىلەن ھارغىچە تالىشىپمۇ، ئۇنىڭغا يول قويمايسىز، ئۇنىڭ ئالدىدا خۇددى كىرپىگە ئوخشاش ئۇتتۇرغىنىڭىزغا پەقەت تەن بەرمەيسىز، بىراق كۆڭلىڭىزدە ئۇنىڭ قابىليىتى ۋە ئىقتىدارىغا قايىل بولىسىز.
      ئەگەر ئۇنى سۆيسىڭىز، ھەر قانداق ئىشتا ئوي –خىياللىرىڭلارنىڭ بىردەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىسىز، ئۇنىڭ ئويلانمايلا قىلغان بىر جۈملە چاقچىقى تۈپەيلىدىن كۆڭلىڭىز يېرىم بولىدۇ ھەتتا ياش تۆكىسىز. ئۇنىڭ ئالدىدا، ساختىلىق قىلىشنى خالىمايسىز.

      ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، سىرتقا چىققاندا ئۇنىڭغا ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزىڭىزنىڭ يېتىپ بارغانلىقىنى  ئېيتىپ قويۇپلا تېلېفۇننى ئېتىۋىتىسىز، سېرتتا بىر ھەپتە قانغۇچە ئويناپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ ئۇنى ھەيران قالدۇرىسىز.
      ئەگەر ئۇنى سۆيسىڭىز، ھەردائىم، ھەرقانداق چاغدا ئۇنىڭ سىزگە ھەمراھ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىسىز. ئۆزىڭىز يالغۇز سېرتلارغا چىقىپ، دېڭىز بويىغا بارغىنىڭىزدا، دېڭىز بويىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلىپ، ئۇنىڭغا دېڭىز شاۋقۇنىنى ئاڭلىتىسىز، ياقا يۇرتلاردا كوچىدا كېتىۋېتىپ، توساتتىن ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىرەرسىنىڭ سىماسىنى كۆرۈپ قالسىڭىز، ئورنىڭىزدا مىدىرلىماستىن ئۇزاققىچە تۇرۇپ قالىسىز.

      ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۇ كاماندىروپكىغا چىقماقچى بولغاندا ئۇنىڭغا ئاددىيلا بىر ئېغىز «ئاق يول بولسۇن» دەپ ئۇزۇتۇپ قويىسىز، ئۇنىڭ يىراقلىشىۋاتقان سىيماسىغا قاراپ، قەلبىڭىزنى بىر ئاز قىيالماسلىق ھېسسىياتى قاپلايدۇ، بىراق ھېچنىمە دېمەيسىز، پەقەت ئۈن-تىنسىز ھالدا ئۇنىڭ قايتىپ كېلىش خەۋىرىنى كۈتىسىز.
      ئەگەر ئۇنى سۆيسىڭىز، ئۇ كاماندىروپكىغا چىقماقچى بولغاندا، ئۇنىڭغا توختىماستىن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش توغرىسىدىكى ئىشلارنى تاپىلايسىز، ئۇنىڭ سومكىسىغا كېيىم- كېچەك ۋە يىمەكلىكلەرنى ئۆز قولىڭىز بىلەن قاچىلايسىز، بىكەتتە ماشىنا قوزغالغۇچە ساقلاپ، ئاندىن ئۇ جايدىن ئايرىلىسىز. ئۇ كەتكەن شۇ كۈنلەردە كۆڭلىڭىز ئەنسىزلىككە تولىدۇ، ئاللاھدىن ئۇنىڭ ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلىشىنى تىلەيسىز.

      ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئاغرىپ قالغان چاغلىرىڭىزدا، ئۇنىڭ سىزنىڭ بۇ زەئىپ ھالىتىڭىزنى كۆرۈشىنى خالىمايسىز، كۆز ياشلىرىڭىزنى سۈرتىۋېتىپ، ئۇنىڭغا پەقەت قەيسەر ۋە خۇشال ھالىتىڭىزنى كۆرسىتىشكە تىرىشىسىز.
      ئەگەر ئۇنى سۆيسىڭىز، ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندا، ئۇنىڭ باغرىغا ئۆزىڭىزنى ئېتىپ، ھېچنىمىنى ئويلىماستىن، يىغلاپ تۇرۇپ بارلىق ئازابلىرىڭىزنى بايان قىلىسىز ھەم ئۇنىڭ باغرىدىن ئۆزىڭىزگە تەسەللى تاپىسىز.

      ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، ھەپتە ئاخىرىدا بازار ئايلىنىپ چارچىغاندا سېرتتا بىرگە تاماق يەيسىز؛ سوغۇق قىش كۈنلىرىدە بىر ئىستاكان قىززىق قەھۋەنى ئۇنىڭ بىلەن تالىشىپ ئىچىسىز؛ كوچىلاردا ئۇنىڭ بىلەن ماڭغىنىڭىزدا، يېرىم مېتىر ئارلىق قالدۇرۇپ ماڭىسىز؛ئۇنىڭ  بىلەن بىلەن بىرلىكتە كومپىيۇتېردا ئويۇن ئويناپ، خۇشاللىقىڭلاردا خۇددى كىچىك بالىغا ئوخشاپ قالىسىلەر.
      ئەگەر ئۇنى سۆيسىڭىز، يېرىم كۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئۆز قولىڭىز بىلەن ئۇ ئەڭ ياقتۇرىدىغان تاماقلارنى ئېتىپ بېرىسىز؛ سوغۇق قىش كۈنلىرىدە، ئۇنىڭغا قىززىققىنە چاي دەملەپ بېرىسىز؛ كوچىلاردا ماڭغاندا ئۇنىڭغا چاپلىشىپ، قوللىرىنى تۇتۇپ ماڭىسىز؛ ئۇنىڭ يېنىدا جىمجىتقىنە ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ كومپىيۇتېر ئالدىدا ئەستايىدىل خىزمەت قىلىۋاتقان ھالىتىنى بەختىيارلىق ئىلكىدە تاماششا قىلىسىز.

      ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى قىزىقارلىق ئىشلىرىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا، قاقاھلاپ كۈلىسىز، قەلبىڭىزدە چۈشىنىكسىز بىر خىل تەسىرلىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ.
      ئەگەر ئۇنى سۆيسىڭىز، ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى قىزىقارلىق ئىشلىرىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا، كۈلۈمسىرەپ قويىسىز، قەلبىڭىزدە كۆز ئالدىڭىزدىكى بۇ پىشقان ھەم ئوماقلىقىنى يوقاتمىغان ئەرنى تېخىمۇ قەدىرلەش ھىسسىياتى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.

      ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، كارىدوردا ئۇنى ئۇچرىتىپ قالسىڭىز، قىزغىنلىق بىلەن ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىسىز، بىر نەچچە ئېغىز پاراڭلىشىپ قويىسىز، يېنىڭىزدىن ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتتا، دەرىزە سىرتىدىكى يېقىملىق قۇياش نۇرىغا قاراپ، قەلبىڭىز ئىللىق بىر سېزىمغا ئەسىر بولىدۇ.
      ئەگەر ئۇنى سۆيسىڭىز، ئۇنىڭ ئۈچۈن بارلىقىڭىزنى سەرپ قىلغاندىن كېيىن، قېلىپ قالىدىغىنى قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى يارا بولىدۇ.

      ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ قىلىۋېلىشنى ئويلايسىز، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەرنى ياخشى كۆرىسىز، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىڭىزنىڭ قىلىۋالغۇڭىز كېلىدۇ.
      ئەگەر ئۇنى سۆيسىڭىز، ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپمۇ، ئەكسىچە ئۇنىڭدىن ئايرىلىشنى تاللايسىز، چۈنكى ئۇ ئېرىشمەكچى بولغان بەخىتنى مەن بېرەلمەسلىكىم مۈمكىن دەپ ئويلايسىز. ئۇنى ئىگەللىۋېلىشقا جۈرئەت قىلالمايسىز، ئۇنىڭ ئۆز بەختىنى تاپقانلىقىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىسىز، گەرچە بەخىتتىدىن تەڭ بەھىر ئېلىش پۇرسىتى سىزگە تالىق بولمىسىمۇ.

      ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، يالغۇز قالغان، زېرىككەن، ئازابلانغان چاغلىرىڭىزدا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقۇڭىز كېلىدۇ.
       ئەگەر ئۇنى سۆيسىڭىز، ھەر قانداق چاغدا، خۇشاللىق ھەم خاپىلىقلىرىڭىزدىن ئۇنىڭ بىلەن  ئورتاقلىشىشنى خالايسىز، خۇشال بولغان چاغلىرىڭىزدا، ھەتتا بۇ خۇشاللىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا بېرىۋەتكۈڭىز كېلىدۇ.

      ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇنغىچە ئالاقىلاشماي، توساتتىن ئۇنىڭ تېلېفۇنىنى ئالغىنىڭىزدا، كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايسىز.
       ئەگەر ئۇنى سۆيسىڭىز، بىر نەچچە كۈن ئالاقىلىشالماي قالغان چاغلىرىڭىزدا، جىددىيلىشىپ ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلىسىز، ھەم تۆكۈلۈشكە تەييار تۇرغان ياشلىرىڭىزنى زورىغا بېسىپ كۈلۈمسىرەيسىز.

      ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان چاغلاردىلا، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەيسىز.
      ئەگەر ئۇنى سۆيسىڭىز، مەيلى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ۋاقىت ياكى ئۇ بولمىغان ۋاقىتلاردا بولسۇن، ھەرمىنۇت ھەر سىكۇنت ئۇنى سېغىنىسىز، ئەسلەيسىز، ياد ئېتىسىز.

      ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، كۆپرەك ئادەم بىللە بولغاندا، ئۆزىڭىزنى تولىمۇ كۆڭۈللۈك ھېس قىلىسىز.
      ئەگەر ئۇنى سۆيسىڭىز، پەقەت ئىككىمىزلا بىللە بولساق دەپ ئويلايسىز، ئىككىڭلارنىڭ دۇنياسىغا ھېچكىمنى سىغدۇرغىڭىز كەلمەيدۇ.

     قېنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىڭ، سىز ئۇنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى سۆيەمسىز؟

    __ شېرىن تەرجىمىسى
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315