كۆڭۈل باشلىغان يول

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-04 12:58
ئاپتورى ؛ئابلىز مۇراتجان پاراق                                                                                                                 ئوقۇشۇم ئاخىرى تۈگىدى. ئۆيۈمگە قايتىدىغاننىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ يۈرگەن كۈنلەر بولغاچقا ناھايىتى خۇشال ئىدىم. نەرسە - كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ، ئۆيدىكىلەرگە سوۋغا – سالام ئېلىپ، يۈك - تاقلىرىمنى تەييار قىلىپ، ئۆيگە كېتىشنىڭ تەييارلىقى بىلەن ھەلەك ئىدىم. ئاتا - ئانامنى، دوست - بۇرادەرلىرىمنى كۆرۈشنىڭ خوشاللىقىدا يۈرىكىم ئويناپ، ناخشا ئېيتقۇم كېلىپلا تۇراتتى.
«ئۆگۈنلۈككە ماڭىمەن» دېگەن كۈنى ئانامدىن تېلىفۇن كېلىپ قالدى. مەن خۇشال ھالدا تېلېفۇننى ئېلىپ:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئانا! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ داداملار ياخشىمۇ؟ قاراڭ ئانا، مەن بۈگۈن ئۆيگە كېتىدىغان بولدۇم. ئوقۇشۇم تۈگىدى...- دەپ تۇرۇشۇمغا تېلېفۇندىن يىغا ئاۋازى ئاڭلانغاندەك قىلدى.
شۇ دەقىقىدە قانداقتۇر بىر شۇملۇق كۆڭلۈمگە سايە تاشلاپ، يۈرىكىم ئاغدى. گەپتىن توختاپ جىممىدە تۇردۇم. يىغا ئاۋازىنى قايتا دەڭسىدىم، «خاتا ئاڭلاپ قالدىممۇ يا...» دېگەنلەرنى ئويلاپ، جىممىدە تۇرۇپ قۇلاق سالدىم. توغرا، سەزگۈلىرىم مېنى ئالدىماپتۇ، ئانام ھەقىقەتەن يىغلاۋېتىپتۇ. ئانامنىڭ يېنىدا يەنە ئاللىكىملەرمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ يىغلاۋېتىپتۇ.
-نېمە بولدىڭىز ئانا؟ نېمىشقا يىغلايسىز؟ گەپ قىلىڭە، زادى نېمە ئىش بولدى؟...
ئانام سورىغان سۇئاللىرىمنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ، يەنىلا مىشىلداپ يىغلاۋاتاتتى. ئۇ گەپ قىلمىغانسېرى جىددىيلىشىپ، تىت – تىت بولۇپ كېتىۋاتاتتىم. پۈتۈن ھۇجۇدۇم قۇلاققا ئايلىنىپ، تېلىفۇندىن بىر سادا كېلىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتەتتىم.
ئانام بىر ھازا مىشىلداپ يىغلىدى، ئاندىن ئېغىر بىرنى تىنىۋېلىپ ئېغىز ئاچتى:
-بالام، يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان بولساڭ ئارتۇق گەپ قىلىپ كۆڭلۈڭنى بىسەرەمجان قىلماي. كەلگەن ۋاقتىڭدا كۆرۈشەيلى...- دېدى.
بۇنى ئاڭلاپ جىددىيلىكىم ھەسسىلەپ كۈچەيدى. شۇ تاپتا يىغلىۋېتىشتىن ئۆزۈمنى ئارانلا تۇتۇپ تۇراتتىم.
-ياق، ياق ئانا، ماڭا دەپ بېرىڭ، زادى نېمە ئىش بولدى؟ مېنى بۇنداق ئەنسىرەتمەڭ جېنىم ئانا... گەپ قىلسىڭىزچۇ!...- دېدىم مەن يىغلامسىراپ تۇرۇپ. ئانام:
-بولدى بالام، كەلگەندە بىلسەڭمۇ بولىدۇ. بەرىبىر بولغۇلۇق بولۇپ بولدى، سەن بىلسەڭمۇ ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمەيسەن...- دېگىنىچە يەنە ئىسەدەپ يىغلاشقا باشلىدى. بۇ ھال مېنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈپ، ئەقلىمدىن ئازغۇدەك ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇۋاتاتتى.
-ئادەمنى بۇنداق قىينىماي گەپ قىلسىڭىزچۇ! زادى نېمە ئىش بولدى؟ زەردە بىلەن ۋارقىراپ سالغىنىمنى شۇ گەپنى دەپ بولۇپ ھېس قىلدىم. بىراق ئانام گەپ قىلماي يىغلاۋەرگەچكە ھەقىقەتەن تاقەت قىلىپ تۇرالمىدىم. ئانام يىغىدىن ئۆزىنى توختىتالمىغان ھالدا:
-سېنىڭ دۇنيالىقتىكى بىردىن - بىر ئاغىنەڭ... ئەڭ يېقىن دوستۇڭ ئادىل... ئۇ... ئۇ بىزنى تاشلاپ كەتتى... بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى...- دېدى.
ئۇنىڭدىن كېيىنكى گەپلەر قۇلىقىمغا كىرمىدى، ئانام يەنە نېمىلەرنى دېدى، بۇنى ئىلغا قىلالمىدىم. بىراق قۇلاق تۈۋىمدە ياڭرىغان بۇ گەپلەرگە ئىشىنىشكە ئامالسىز ئىدىم. يۇرتقا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش، ئۇزۇندىن بىرى يىغىلىپ قالغان گەپلىرىمىزنى دېيىشىپ، مەھەللىمىزنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن تەڭ نەپەس ئېلىشنى قانچىلىك ئارزۇ قىلغان ئىدىم ھە؟! ئۇنىڭغا ئالغان سوۋغاتلارنى ئۆز قولۇم بىلەن بېرىپ، خۇشاللىقىغا تەڭ جۆر بولماقچى ئىدىمغۇ!؟ ئەمما ئانام ئۇنى «بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى» دەۋاتىدۇ. بۇ «ئۆلدى» دېگەن گەپقۇ؟! ئۇ قازا قىلغانمىدۇ؟ ياكى...
تېلېفۇننى قانداقلارچە قويۇۋەتتىم، ياكى ئانام گېپىنى دەپ بولۇپ ئۆزى قويۇۋەتتىمۇ، بىلمەيمەن. ئېسىمگە كەلگەن چېغىمدا قولۇمدا تېلېفۇن ئەمەس، بەلكى ئادىلغا ئاتاپ سېتىۋېلىپ، ئۇزۇندىن بىرى يېنىمدا ساقلاپ كەلگەن ئىككى تۈپ توغراق تۇراتتى. گەرچە ئۇ ھەقىقىي توغراق بولمىسىمۇ، توغراققا ئوخشىتىپ ياسالغان مودىل ئىدى. بۇ ئىككى تۈپ توغراق بىر – بىرىگە گىرەلىشىپ ئۆسكەن ھالەتتە بولۇپ، مېنىڭ نەزىرىمدە ئادىل بىلەن ئىككىمزگە ۋەكىللىك قىلاتتى.
ئانامنىڭ گەپلىرى ئېڭىمدا بار، بىراق ئىشىنىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم، چۈنكى ئادىلدىن ئايرىلىپ قېلىشنى ئۇخلاپ چۈشۈمدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. تۇيۇقسىز كاللامدا چاقماق چاققاندە بىر خىيال پەيدا بولدى.
«كېتىش كېرەك، تىزدىن يۇرتقا كېتىش كېرەك. ھەر قانچە بولسىمۇ ئانام بۇنداق ئىشقا چاقچاق قىلماس... ئەجەبا راستىنلا...»
ئويلاپ شۇ يەرگە يەتكەندە دەررۇ يولغا چىقىش نىيىتىگە كەلدىم ۋە قولۇمدىكى بىر جۈپ توغراق مودىلىنى ئالدىراپ سومكامغا سالدىم. ئاندىن تەييار بولغان نەرسىلىرىمنى ئېلىپ، تەييارسىزلىرىنى شۇ پېتى قويۇپلا يولغا چىقتىم.
جىددىيچىلىك ئىچىدە بېكەتكە يېتىپ كەلدىم، سۈرۈشتۈرسەم يۇرتقا بارىدىغان ماشىنىدىن بىرسىلا قاپتۇ. مەن يۈك – تاقىلىرىمنى يۇلۇچىلار كۈتۈش زالىدىكى ئورۇندۇقلاردىن بىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، بېرىپ بىلەت ئالدىم. بىراق ماشىنا يەنە ئىككى سائەتتىن كېيىن ماڭىدىغان بولغاچقا، ۋاقىتنى كۈتۈش زالىدا ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلدى. ئەمما بۇ ئىككى سائەت مەن ئۈچۈن خۇددى ئىككى يىلدەك ئۇزاق بىلىنىپ، تولىمۇ تەسلىكتە ئۆتتى.
ئاخىرى يولغا چىقتۇق. ماشىنا يەڭگىل تەۋرىنىپ ماڭماقتا ئىدى. ئىختىيارسىز بالىلىقىمدىكى دەملەر خۇددى كىنو لىنتىسىدەك كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈشكە باشلىدى. ئادىل ئىككىمىزنىڭ مەھەللىمىزدىكى توپىلىق يولدا قوغلىشىپ ئوينىغانلىرىمىز، ئىگىسى ئۇخلاپ قالغان قوغۇنلۇققا ئوغرىلىققا كىرگىنىمىز، قوغۇننىڭ ئىگىسى ئويغىنىپ كېتىپ، بىزنى تۇتىۋېلىپ توغراققا باغلاپ قويغانلىرى، ئۆمۈرلۈك جانجىگەر دوستلاردىن بولۇپ ئۆتۈش ھەققىدە بېرىشكەن ۋەدە-قەسەملىرىمىز، ھەتتا ئاكا-ئۇكا بولۇشۇپ يۈرگەنلىرىمىز خۇددى تۆنۈگۈنكى ئىشتەكلا ئىسىمدە ئىدى. تېخى ئۇنىڭ «ئاداش، ئاتا - ئانىمىزغا دەپ قويايلى، بىز ئۆلگەندە ئككىمىزنى بىر يەرلىككە قويسۇن» دېگەندەك غەلىتە، ئەمما ئىنتايىن سۆيۈملۈك گەپلىرى بار ئىدى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىز چوڭ بولۇپ، ياشلىق مەۋسۈمىگە قەدەم قويدۇق. مەن ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىندىم. ئادىل بولسا ئائىلە ئىقتىسادى سەۋەبىدىن، يەنە كېلىپ  ئاتا – ئانىسى كېسەلچان بولغاچقا تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا ئوقۇشتىن توختىدى. مەن تولۇق ئوتتۇرىنى شەھەردە تاماملىدىم. ئۇ چاغدا ھەر ھەپتىدە كۆرۈشۈپ تۇرالايتتۇق، لېكىن ئالىي مەكتەپ چاقىرىقى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بېيجىڭغا بىر كەتكەنچە ئالتە ئاي بولغاندا ئاندىن كېلەلىدىم. مەن كەلگەندە ئادىل باشقا شەھەرگە ئىشلىگىلى چىقىپ كەتكەن ئىكەن. تېلېفۇندا ئالاقىلىشاي دېسەم، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىمۇ تېلېفۇن نۇمۇرىنى بىلمەيدىكەن. تاكى تەتىل توشۇپ، مەن مەكتەپكە قايتقۇچىمۇ ئۇنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئالالمىدىم.
شۇ كۆرۈشمىگەنچە، ئارىدىن ئىككى يېرىم يىل ئۆتۈپتۇ. بۇ جەرياندا ئۆزىنى كۆرۈشكە تەقەززا بولغان، ئەمما ئىمكانىيەت بولمىغان دوستۇمنىڭ مانا بۈگۈن شۇم خەۋىرىنى ئاڭلىدىم. بۇرۇنقى شۇ گۈزەل ئەسلىمىلەر قوينىدا بىر دەمگىنە ئەيللەيلەنگەن بولساممۇ، ئەمدىكى ھاياتىمدا، رىئال تۇرمۇشتا يۈز بەرگەن ھەمدە ماڭا شۇم خەۋەر بولۇپ يېتىپ كەلگەن بۇ ئىشنى قوبۇل قىلىش ماڭا ھەقىقەتەن قېيىن بولۇۋاتاتتى. ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىشقا قانچە تىرىشقان بولساممۇ بۇ مۇسىبەت ماڭا بەكلا ئېغىر كەلدى. چوپ-چوڭ يىگىت بولۇپ قالغىنىمغا قارىماي، كۆز يېشىمنى توختىتالمىدىم.
شۇنداق قىلىپ، 24 سائەتكە سوزۇلغان ئۇزۇن سەپەرنى مىڭ جاپادا تاماملاپ ئۆيگىمۇ كەلدىم. لېكىن، شۇنچە ئالدىرىغىنىمغا چۇشلۇق ئادىلنىڭ مېيىت نامىزىغا ئۈلگۈرەلمىدىم. ئۆيگە كىرگىنىمدە ئانام، داداملا يوق ئىكەن. مەنمۇ نەرسە - كېرەكلىرىمنى ئۆيگە تاشلاپ قويۇپلا دەرھال ئادىلنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدىم.
بىلىگە ئاق باغلىۋالغان ئەرلەر، بېشىغا ئاپئاق ئۇزۇن ياغلىقلارنى تاشلىۋالغان ئاياللار ئادىلنىڭ ئۆيگە كىرىپ - چىقىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئىشىك تۈۋىگە كېلىشىم بىلەن ھويلا ئىچىدىن يىغا – زارە ئاڭلاندى. بۇنىڭ بىلەن تەڭ يۈرىكىمنىڭ قات – قاتلىرىدىن ئازاب، سېغىنىش، ھەسرەت ئارىلىشىپ كەتكەن بىر خىل دەرتلىك پىغان ئۆرلەپ، ئىچ – ئىچىمدىن يىغا قىستىدى. جانجىگەر دوستۇمغا بولغان سېغىنىش ھېسسىياتى ۋە مۇسىبەت قايغۇسى ئىچىدە چاناققا سىغماي قۇتراۋاتقان كۆز يېشىمنى مەيلىگە قويۇۋەتتىم...
ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئارقا تەرىپىدە يوغان بىر تۈپ سۆگەت دەرىخى بولىدىغان. بۇ بەكلا قېرى سۆگەت بولۇپ، باراقسان ئۆسكەن شاخلىرى ھەريان يېيىلىپ، خېلى كەڭرى دائىرىگىچە سايە تاشلايتتى. بۇ سۆگەت تۈۋى ئادىل ئىككىمىزنىڭ تالاي ئەسلىمىلىرىمىز ۋە بالىلىقىمىزنىڭ شاھىدى، شۇنداقلا مۇھىم ئىشلىرىمىزنى مەسلىھەتلىشىدىغان، دەرتلىرىمىزنى تۆكۈشۈپ، ھال – مۇڭ بولۇشىدىغان جايىمىز ئىدى. بۇ جاي بىزنىڭ تالاي خۇشاللىقىمىزغا، نۇرغۇن ئارزۇ – ئارمانلىرىمىزغا، كۆڭۈل سىرلىرىمىزغا گۇۋاھچى بولغان. بۇ جاي بىزنى مىڭلىغان گۈزەل تۇيغۇلىرىمىز بىلەن باغاشلاپ، يىگىتلىك مەۋسۈمىگە ئۇزاتقان ئىدى. بىر – بىرىمىزنى ئىزدىسەك، مۇڭداشقىمىز كەلسە كۆڭلىمىز تەبئىيلا شۇ سۆگەت تۈۋىنى تارتاتتى.
نېمىشقىكىن قەدىمىم ئىختىيارسىز شۇ سۆگەت تۈۋىنى تارتىپ قالدى. مەن بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ سۆگەت تۈۋىگە كەلدىم. ئۇمۇ خۇددى ئادىلنىڭ مۇسىبىتى ئۈچۈن ھازا تۇتقاندەك مۇڭلىنىپ قاپتۇ. خۇددى ئاتىسى ئۆلۈپ، يېتىم قالغان بالا بوزلاپ يىغلىغاندەك، بوينىنى قىسقان ھالدا شاخلىرىنى لەرزان ئېرغاڭلىتىپ تۇرۇپتۇ. مەن ئاستا كېلىپ ئۇنىڭ يېرىق ھاسىل قىلغان غولىغا، قاتتىق قوۋزاقلىرىغا يۈزۈمنى ياقتىم، شۇ ھامان ئەمدىلەتىن توختىغان كۆز يېشىم سەل بولۇپ ئاقتى...
ئادەم بەدىنىنى مېڭە كونترول  قىلىدۇ. بىراق شۇ تاپتا مېڭەم يۈرۈگۈمنى، كۆزۈمنى كونترول قىلىشقا ئاجىز كەلدى. دادام دائىم «ئوغۇل بالا دېگەن يىغلىمايدىغان» دەپ ماڭا مەدەت بېرەتتى ۋە يىغلىشىمنى پەقەتلا ياقتۇرمايتتى. لېكىن ھازىر ئوغۇل بالا ئىكەنلىكىمنى ئۆزۈمگە قانچە ئەسكەرتىپ تۇرساممۇ يىغلىماسلىققا ئىلاجىم بولمىدى. ئوغۇل بالىنىڭمۇ يۈرىكى گۆشقۇ؟ ئۇنىڭمۇ ئازابلىنىدىغان، يېقىنلىرىدىن ئايرىلغاندا چىدىمايدىغان، سېغىنىش تۇيغۇسىدا پۇچۇلىنىدىغان چاغلىرى بولىدۇغۇ؟! بۇنداق ئېغىر يوقۇتۇشقا «يىغلىمايمەن» دەپلا چىداپ كەتكىلى بولامدۇ؟!...
ئاتا – ئانام ئۆيدە تۇرغان يۈك – تاقلىرىمنى كۆرۈپ، مېنىڭ قايتىپ كەلگىنىمنى بىلىپتۇ. ئۇلار ئادىلنىڭ ئۆيىدىكىلەردىن ۋە خوشنا – خولۇملاردىن سوراشتۇرۇپ مېنى تاپالمىغاندىن كېيىن «شۇ يەردە بولمىسۇن يەنە!» دېگەن ئوي بىلەن سۆگەت تۈۋىگە كەپتۇ. ئانام مېنى سۆگەت غولىغا ئېسىلىپ يىغلاۋاتقان ھالەتتە كۆرۈپ:
-جېنىم بالام، ئامراق ئادىشىنىڭ دىدارىنى كۆرەلمىگەن غېرىپ بالام...
دەپ يىغلىغىنىچە، كېلىپ مېنى باغرىغا باستى...
كەچلىك تاماق ئۈن – تىنسىز يېيىلدى. بۇنى «تاماق يېيىلدى» دېگەندىن كۆرە، «تاماق كۆزدىن كەچۈرۈلدى» دېگەن تۈزۈكراق ئىدى.
ئانام چىرايلىق چىنىگە يېرىم قىلىپ ئۇسۇلغان، ئاز بولغىنى بىلەن ئېچىلمەي ئاللىقاچان سۇۋۇپ قالغان سۇيۇقئاشنى ئالدىمدىن ئالغاندا ئېغىر خۇرسىنىپ، چىرايىمغا بىچارىلەرچە تىكىلدى. ئۇ داستىخاننى يىغىشتۇرۇپ يۈك – تاقلىرىمنى جايلاشتۇرىۋەتكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ھوجرا ئۆيىگە كىرىپ كەتتى ۋە ھايالشىمايلا بىر خاتىرىنى كۆتۈرۈپ چىقتى.
-بالام، دېدى ئانام كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئېلىپ،- بۇ خاتىرە دوستۇڭ ئادىلنىڭ ساڭا قالدۇرغان يالدامىسى - كۈندىلىك خاتىرىسى ئىكەن. پەقەت سېنىلا كۆرسۇن دېدى... كۆز يۇمۇش ئالدىدا ئېيتقان ئاخىرقى گېپىمۇ شۇ بولدى...
ئانام شۇ گەپلەرنى ئېيتىۋاتقاندا مارجاندەك ياشلىرى مەڭزىنى بويلاپ ئاقتى. ئۇ خاتىرىنى ماڭا ئۇزاتتى. مەن تىترەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن خاتىرىنى ئاۋايلاپ ئالدىم ۋە خاتىرە يۈزىدىكى «بۇ خاتىرە قىيامەتلىك دوستۇم ئەكبەرگە تېگىدۇ» دەپ يېزىلغان خەتكە كۆز يۈگۈرتتۈم. شۇ ھامان يۈرىكىم ئاغدى، خۇددى ئادىل ئالدىمدا ماڭا كۈلۈمسېرەپ قاراۋاتقاندەك، خاتىرىنى ئاچسام ئۇنىڭ ئىچىدىن ئادىل چىقىپ كېلىدىغاندەك تۇيۇلۇپ، كۆڭلۈمدە كۈچلۈك بىر تەقەززالىق تۇيغۇسى ئويغاندى.
خاتىرە مىكرو قۇلۇپلۇق بولۇپ، ئۇنىڭغا مەخپى شىفىر سېلىنغان ئىدى. مەخپى شىفىر قانچە بولغىيدى؟ ئادىلنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، يېشى، مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم، بىز ئايرىلغان ئاشۇ كۈننىڭ چىسلاسى... ھېچقايسىسى ئەمەس ئىدى. ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئاخىرى ئون يىللار ئىلگىرى ئىككىلىمىز ئىنتايىن ياقتۇرۇپ كۆرگەن، ھەتتا ئۆزىمىزنى ئوبرازىغا ئوخشۇتۇپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئامراق بولغان 007 ناملىق فىلىم يادىمغا يەتتى. شۇ چاغلاردا مەن دائىم «چوڭ بولسام 007 دەك ئادەم قالتىس بولىمەن» دەيتتىم. ئادىلمۇ تولا ۋاقىتلاردا ماڭا ئامراقلىق قىلىپ، ئىسمىمنى چاقىرماي «007» دەپلا چاقىراتتى. شۇ ئېھتىماللىقنى كۆزدە تۇتۇپ قۇلۇپقا 007 دېگەن نۇمۇرنى كىرگۈزدۈم، دېگەندەك مىكرو قۇلۇپ ئېچىلىپ كەتتى.
خاتىرىنىڭ بىرىنچى بېتىنى ئاچتىم. ئۇنىڭغا مۇنداق قۇرلار پۈتۈلگەن ئىدى:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جانجىگەر ئاغىنەم ئەكبەر، قانداق ئەھۋالىڭ؟ ياخشى تۇرىۋاتامسەن؟ بۈگۈن كۈنگە يەكشەنبە، سېنى بەكمۇ، بەكمۇ سېغىندىم...
خاتىرىنىڭ تۇنجى بېتىگە، بارى – يوقى ئىككىلا قۇرغا يېزىلغان خەتنى كۆرۈپ، ئۆپكەم ئۆرۈلدى. تاراملاپ تۆكۈلۈشكە باشلىغان كۆز ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ ئېقىپ، يۈرىكىمنى ئېچىشتۇرماقتا ئىدى. ئاۋازىمنى قويۇپ بېرىپ ھۆڭرەپ يىغلىۋالغۇم، پۇخادىن چىققۇدەك، ئىچ – باغرىم بوشىغۇدەك قېنىپ بىر يىغلىۋالغۇم كەلدى. ئەمما دادام بىلەن ئانامنى ئاياپ ئۈنۈمنى چىقىرالمىدىم.
خاتىرىنى داۋاملىق ئوقۇشقا جۈرەت قىلالمىدىم، چۈنكى ئۇنى ئىچكىرىلەپ ۋاراقلىسام كۆز يېشىم توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى، شۇڭا ئۇنى ئاۋايلاپ يېپىپ، سېغىنىشتا پۇچىلانغان باغرىمغا باستىم.
كېچە يېرىمدىن ئاشقان بولسىمۇ پەقەتلا ئۇخلىيالمىدىم. قىيا ئوچۇق دېرىزىدىن ئۆي ئىچىگە ئاي نۇرى چۈشۈپ تۇراتتى. شۇ تاپتا ئۇيقىدىن بىدارمەن، خىيالىمدا يەنىلا ئادىل ئىككىمىزنىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرى...
تۇيۇقسىز كۆڭلۈمدە شۇنداق بىر خىيال پەيدا بولدى. ئادىل زادى قانداق ئۆلدى؟ نېمىشقا بىر ئوبدان تۇرغان ئادەم تۇيۇقسىزلا ئۆلۈپ قالىدۇ؟ بۇ سۇئاللار كاللامنى سەگىتىپ، ئادىلنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەشكە دەۋەت قىلدى.
خاتىرە! راست، ئاشۇ خاتىرىنىڭ ئىچىدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بولۇپ قالسىچۇ؟! شۇ ئوي بىلەن ھېلىقى خاتىرىنى يەنە قولۇمغا ئالدىم.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەكبەر، قانداق ئەھۋالىڭ؟ ئوقۇشۇڭ ياخشى كېتىپ بارامدۇ؟ سېنى بەكمۇ سېغىندىم، جېنىم دوستۇم. ئەگەر يېنىمدا بولغان بولساڭ ئىچىمگە سىغمايۋاتقان دەردلىرىمنى راسا بىر تۆكۈۋالاتتىم. ئەپسۇس، ھازىر سەن يوق، شۇڭا ساڭا دېمەكچى بولغان بارلىق گەپلىرىمنى مۇشۇ خاتىرىگە تۆكۈشنى لايىق تاپتىم. سەن بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ خاتىرىنى ئۆز قولۇم بىلەن ساڭا بېرىمەن. ئەگەر ھازىر خاتىرە قالدۇرىۋالمىسام، سەن بىلەن كۆرۈشكىچە بۇ ئىشلار ھازىرقىدەك ساقلىنىپ قالماسلىقى، ھازىرقى ھېسسىياتىممۇ، كۆڭلۈممۇ بۇ پېتى تۇرماسلىقى مۇمكىن.
بۈگۈن ئايلىنىپ كىرىش مەقسىتىدە ناھىيە بازىرىغا چىقتىم، لېكىن قايتىش يولىدىكى ماشىنىدا ئىنتايىن چىرايلىق بىر قىزنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇنىڭ سىرلىق قاراشلىرىدىن ھەر قانداق ئادەمنىڭ يۈرىكى لەرزىگە كېلىپ، ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنى كۆڭۈل قەسرىگە باشلاشنى ئارمان قىلىپ قالاتتى. ئۇ قىز ئوغۇرلۇقچە ماڭا قاراپ، مەن ئوغۇرلۇقچە ئۇ قىزغا قاراپ، بىر – بىرىمىزنى مارىلايتتۇق.
ماشىنا خېلى ماڭغاندىن كېيىن يېزىغا يېقىنلاشتى. دېمەك مەنزىلگە ئاز قالغان ئىدۇق. يەنە گەپ قىلمىسام، سەل تۇرۇپ ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتسەك ئۇنى قايتا كۆرۈش – كۆرەلمەسلىكىمنى بىلمەيتتىم. شۇڭا ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراش باھانىسىدا تونۇشۇپ قېلىشنى مەقسەت قىلىپ ئۇنىڭ يېنىغا باردىم.
-ھەي، سىز شەھەرلىكمۇ؟ ئىلگىرى سىزنى بۇ يېزىدا كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن...
سورايدىغاننى سوراپ بولۇپ خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم. تەرەببالا بۇنداق سۇئال سوراشنىڭ ئەدەپسىزلىق بولىدىغانلىقىنى قىزنىڭ ئوڭايسىزلىنىپ ئەتراپىغا قاراپ – قاراپ قويغىنىدىن چۈشەندىم. ماشىنىدا ئادەم كۆپ ئىدى، قىزمۇ چاندۇرماي:
-ھەئە، شەھەردىن تۇغقان يوقلاپ كىرگەن...- دېدى.
-تۇغقىنىڭىز بۇ يېزىنىڭ قايسى كەنتىدىن؟- دەپ سورىدىم مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىپ، ئارىنى يېقىنلاشتۇرۇش مەقسىتىدە.
-كۆكتاش كەنتىدە،- دېدى قىز ئارانلا ئاڭلانغۇدەك قىلىپ.
-يولىمىز بىركەنغۇ ئەمىسە؟! مەنمۇ كۆكتاش كەنتىدىن، يول بىر بولغاندىكىن بىللە كېتەيلى، قانداق؟
قىز خوشياقمىغان بىر قىياپەتتە:
-مەيلى...- دېدى ۋە بېشىنى بۇراپ، دېرىزە تەرەپكە قاراپ بىر ئولتۇرغىنىچە، تاكى يېزىغا كىرگۈچە زۇۋان سۈرمىدى.
يېزىدىكى بىكەتكە كىرىپ ماشىنىدىن چۈشتۇق. مەن قىز بىلەن بىللە ئۈچ چاقلىق كىرا موتوسېكىلىتىغا ئولتۇردۇم، بىز كۆكتاش كەنتىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. كەنتكە يېقىنلاشقاندا مەن قىزغا بىلدۈرمەي ئۆزۈمنىڭ تېلىفۇنىنى تىترەش ھالىتىگە توغرىلاپ قويدۇم ھەمدە «ئىشلىتىۋالاي» دەپ قىزنىڭ تېلېفۇنىنى سورىدىم. قىزمۇ گەپ قىلماي سومكىسىدىن قول تېلېفۇنىنى چىقىرىپ ماڭا بەردى. مەن ئۇنىڭ تېلېفونىغا ئۆزۈمنىڭ تېلېفۇن نۇمۇرىنى كىرگۈزدۈم ۋە ئۇلاش كۇنۇپكىسىنى باستىم، ئاندىن پادىچى شىمىمنىڭ يانچۇقىغا سېلىۋالغان قول تېلېفۇنۇم دىررىدە تىترىگەندىن كېيىن تېلېفۇننى ئۈزىۋەتتىم.
قىز كەنت ئېغىزىدىكى دوقمۇشتا موتوسېكىلىتتىن چۈشۈپ قالدى. تۇغقىنىنىڭ ئۆيى مۇشۇ ئەتراپتا بولسا كېرەك، ئۇ «خوش» دېگەن مەنىدە ماڭا سۇسقىنە باش لىڭشىتىپ قويۇپ، ئۇششاق چامداپ كېتىپ قالدى. ئاڭغىچە شوپۇر موتوسېكىلىتنى ئوت ئالدۇرۇپ ھەيدەپ ماڭدى. خېلى يىراقلارغا كەتكىچە بوينۇمنى سوزۇپ قاراپ ئولتۇرغان بولساممۇ ئارىلىق يىراقلاپ كەتكەچكە قىز كىرىپ كەتكەن تەرەپنى كۆرۈۋالالمىدىم. شۇنداقتىمۇ بەكلا خۇشال ئىدىم. سەن يېنىمدا بولغان بولساڭ بەكلا ياخشى بولاتتى. بۇ گەپلىرىمنى ساڭا ئېيتىپ بەرسەم، سەن ماڭا مەسلىھەت بەرسەڭ، كېيىنكى قەدەمنى قانداق بېسىش، قىزنىڭ كۆڭلىنى قانداق ئۇتۇش دېگەندەك ئىشلاردا سەن ماڭا يول كۆرسەتسەڭ ياخشى بولاتتى، جېنىم ئاغىنەم. «»
شۇ         چاغدا ئويلاپ قالدىم، ياخشى كۆرۈش دېگەن مۇشۇنداق بولامدىغاندۇ؟ نېمانچە شىرىن تۇيغۇ، نېمانچە تاتلىق سېغىنىش ھە؟!
قىزغا بولغان كۆڭلۈمنى قانداق بىلدۇرەرمەن؟ ئۇ مۇھەببىتىمنى قوبۇل قىلارمۇ؟ بولدىلا، «باشقا كەلگەندە باتۇر» دەپتىكەن، ۋاقتى كەلگەندە بىر گەپ بولار. ئاداش، كېيىنچە كۆرۈشەيلى. ئاللاغا ئامانەت!
شۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ قەلبىمنى ئىختىيارسىز بەختىيارلىق، خۇشاللىق تۇيغۇسى چۇلغىۋالدى. ئەڭ يېقىن ئاغىنەمنىڭ مۇھەببەت كوچىسىغا قەدەم باسقىنى، تۇنجى مۇھەببەت تۇيغۇلىرىنى، باش قېتىنچىلىقى ۋە بارلىق ئىستەكلىرىنى ماڭا بىلدۈرگۈسى كەلگىنى، مۇشۇنداق چاغدىمۇ تۇنجى بولۇپ يەنە مېنى ئېسىگە ئالغىنى مېنى قەۋەتلا خۇشال قىلدى.
خاتىرىنىڭ كېيىنكى بېتىنى ئاچتىم...
-ئەسسالام دوستۇم، قانداق ئەھۋالىڭ؟ بۈگۈن ساڭا بىر خۇشخەۋەر ئېيتاي، مەن ھېلىقى قىز بىلەن ھەقىقىي تونۇشتۇم. ئۇنىڭ ئىسمى گۈلمىرە بولۇپ، ناھايتى ئاقكۆڭۈل، ئوچۇق - يورۇق قىز ئىكەن. مىجەزى بەكلا شوخ دېگىنە! بىز كۈندە دېگۈدەك تېلېفۇنلىشىپ، مۇڭدىشىپ يۈرۈپ ئاخىرى چىقىشىپ قالدۇق. ھازىر مۇھەببەت ئاسمىنىدا ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتىمىز، دېسەم ھەرگىز ئارتۇق بولمايدۇ. ئۇنى بىردەم كۆرمىسەم چىدىمايمەن، ئۇ مېنى ئۆزىگە پۈتۈنلەي رام قىلۋالدى. مەنمۇ ئۇنىڭدەك چىرايلىق بىر قىز دوستۇمنىڭ بولغانلىقىدىن بەكمۇ خۇشال. ئىشقىلىپ ھازىر ئىشلار ياخشى.
ھە راست، بۈگۈن ئۇ مېنى چاقىرتىپ «بىللە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كىرەيلى، مېنىڭ ئاكىلىرىم ھەممىسى شۇ يەرلەردە كاۋاپچىلىق قىلىدۇ ھەم ئاشخانا ئاچىدۇ. خالىساڭ بىللە كىرىپ ئازراق ئوقەت قىلىپ، پۇل تېپىپ چىقايلى. مەن توي ئىشىمنى يەنە بىر - ئىككى يىلدىن كېيىن ئاندىن ئويلىشىمەن، شۇنىڭغىچە ئىككىلىمىز بىر ئاز پۇل يىغىۋالايلى، توي قىلساقمۇ ھەممە ئېغىرىمىزنى چوڭلارغا سالساق ياخشى بولماس. ئەگەر سىز كىرىشنى خالىمىسىڭىز ئۆزۈم يالغۇز مېڭىۋېرىمەن. ئاكىلىرىمغا ياردەملەشمىسەم بولمايدۇ. ئۇلار ئاشخانىغا يەنە ئىككى ئادەم لازىم دېگەنىدى. شۇڭا سىزنىمۇ كىرسۇنمىكىن دەپ ئويلىدىم» دېدى. قانداق قىلىشىمنى بىلمىدىم، بېشىم بەكلا قاتتى. ئاتا - ئانامغا مەسلىھەت سالسام، ئۇلار: «ئوغۇل بالا دېگەن جاھان كۆرگۈلۈك، بوپتۇ، كىرسەك كىرگىن» دېدى، ئەمما مېنىڭ پەقەتلا كىرگۈم يوق. كىرمىسەم گۈلمىرەدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىمەن. زادى قانداق قىلسام بولار؟
بولدىلا، تەۋەككۈل قىلىپ كىرىپ باقاي، يا ئۆلۈم يا كۆرۈم! قالغىنىنى كېيىن كۆرەرمەن. كۆڭلۈمدىكى گەپلىرىمنى بۇ خاتىرىگە يېزىۋېلىپ، ئوچۇقراقىنى ئېيتسام ساڭا دەۋېلىپ خېلى ئىچىم بوشاپ قالدى. ئەمىسە ئاللاغا ئامانەت ئاداش! كېيىن كۆرۈشەيلى!
بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. مەن چېغىمدا نەچچە يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇش زۆرۈرىيىتى بىلەن كىرىپمۇ ئىچكىرى ئۆلكىگە تەستە كۆنگەن تۇرسام، ئۇنىڭدەك تۈزۈك ئوقۇمىغان، خەنزۇ تىلىنى ئانچە بىلمەيدىغان، نەزەر دائىرىسى تار ھەم بىلىدىغانلىرى ئاز بىر بالىنىڭ ئۇ يەرلەردە جاھاندارچىلىق قىلمىقى ئاسانمۇ؟ بۇ قىز ئۇنى نېمىشقا شۇ يولغا باشلايدىغاندۇ؟ كېيىن قانداق بولغاندۇ؟ شۇ قىزىقىشلار ئىلكىدە ئىختىيارسىز خاتىرىنىڭ كېيىنكى بەتلىرىگە نەزەرىمنى ئاغدۇردۇم.
-ئەكبەر، ياخشى تۇرۋاتامسەن ئاداش؟ مەن ئاخىرى ئىچكىرى ئۆلكە دېگەن بۇ يەرگە كىردىم. بۇ يەر ناھايتى گۈزەل ئىكەن، ئېگىز - ئېگىز بىنالار، يېشىل چىملىقلار كۆزلەرنى قاماشتۇرىدۇ دېگىنە. بىزنىڭ يۇرتتا ماشىنا، موتوسېكىلىتلار يولدىن ئۆتۈپ قالسىمۇ چاق ئاستىدىن ئۆرلىگەن توپىلار ئۆيگىچە كىرىپ، يوتقان – كۆرپە، تام - تورۇسلارغا قونىدىغان، بىراق بۇ يەردە ئۇنداق ئاسمانپەلەك ئۆرلەيدىغان توپا – تومانلار يوق، ھەتتا كىيىم - كېچەكلەرمۇ ناھايتى پاكىزە تۇرىدىكەن. سەنمۇ مۇشۇنداق پاكىزە ھەم گۈزەل شەھەردە ئوقۇۋاتقانسەن ھە؟ ئىككىمىز مۇشۇ شەھەردە ئۇچرىشىپ قالغان بولساققۇ بەك ياخشى بولاتتى. يېنىمدا بولۇشۇڭنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن جېنىم ئاداش!
بۇ يەرگە كىرگىنىمگىمۇ ھەش - پەش دېگۈچە بىر ئاي بولۇپ قاپتۇ، بۇ بىر ئايدىن بىرى كۈنلىرىم ئويۇن - تاماشا بىلەنلا ئۆتىۋاتىدۇ. پۇلنى قانچىلىك خەجلىسەم گۈلمىرەنىڭ ئاكىسى ئايىماي بېرىدۇ، نېمە ئىش قىلىمەن دېسەم رايىمغا قويىدۇ. تېخى ئۆيۈمدىكىلەرگە ئىككى مىڭ يۈەن ئەۋەتىپ بەردىم. ھازىر كۈنلىرىم ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتىدۇ. سېنىڭمۇ كۈنلىرىڭگە خۇشاللىق يار بولسۇن! خوش ئاغىنە!
بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ ئىنتايىن بىئارام بولدۇم. ئاتايىن شۇنچە يىراقتىن بىر ئادەمنى ئىچكىرىگە ئەكىرىپ، بىكارغىلا خەجلىشىگە پۇل بېرىپ، ئويۇن – تاماشاغا سېلىپ قويىدىغان ئىش بولامدۇ؟ بۇ سېخىلىقنىڭ كەينىگە بىر شۇملۇق يۇشۇرۇنغانمۇ قانداق؟
مەن ئالدىراپلا كېيىنكى بەتنى ئاچتىم.
-ئىنساننىڭ بېشىغا ھەر قىسما كۈنلەر كېلىدىكەن، ئاداش. بېشىمغا كەلگەن ئىشلارنى ساڭا دەي دېسەم تېخى، دېمەي دىسەم تېخى. بولدىلا، ساڭا دېمىسەم كىمگىمۇ دەيمەن!؟ ئەڭ يېقىنىم، ئەڭ ئىشەنچلىك ئادىمىم، مېنى چۈشىنىدىغان، ھالىمغا يېتىدىغان كىشىممۇ پەقەتلا سەنغۇ ئاخىر! بۇ خاتىرىگە كۆڭۈل سىرلىرىمنى تۆكۈشكە پېتىنالماي ئارىدىن ئون ئاي ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بۈگۈن ساڭا بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي، لېكىن مەندىن يىرگەنمە، جېنىم دوستۇم. مەن يامان يولغا كىرىپ قالدىم، بۇ ئشلارنى ساڭا دېيىشكە پېتىنالماي كەلگەن ئىدىم. ئەمدى ئىش بۇ يەرگە يەتكەندە سەندىن يەنە نېمىسىنى يۇشۇرارمەن!؟ ئەمدى يۇشۇرساممۇ يۈرەككە پاتمايدۇ، شۇڭا بۈگۈن ھەممىنى دەيمەن.
بۇ خاتىرىنىڭ ئالدىنقى بېتىنى يېزىپ ئۇزۇن ئۆتمەي گۈلمىرە بىلەن بازار ئايلانغىلى چىقتىم. ئىككىمىز بازار ئايلىنىپ، مېڭىپ -مېڭىپ ئادەم كۆپ توپلاشقان بىر كىيىم - كېچەك بازىرىغا كېلىپ قالدۇق. مەن باشتا گۈلمىرەنى كىيىم ئالىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن، بىراق ئۇ شۇنچە ئايلىنىپمۇ بىرەر تال كىيىم سېتىۋالمىدى، ھەتتا بىرەر پايپاققا چاغلىق نەرسە كۆرمەي، قارىسىغىلا ئايلىنىۋەردى. مەن ئەجەبلىنىپ ئۇنىڭدىن بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىمىزنى سورىدىم، ئۇ ماڭا نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرىۋېرىپ بەك زېرىكىپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا بىردەم بازار ئايلانغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. مەن گەپ قىلماي ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىۋەردىم. نېمىشقىكىن، گۈلمىرە مەن بىلەن ئىككى - ئۈچ مىتىر ئارىلىق قويۇپ ماڭاتتى. مەن ئۇنىڭ كەينىدىن قالماي دەپ ىېلى تىز مېڭىپ باقساممۇ ئۇ ھامان مېنى كەينىدە قالدۇرۇپ كېتىۋېرەتتى.
بىر چاغدا ئۇ تېلېفۇندا سۆزلەشكەچ ئۇدۇل تەرەپتىن پىيادە كېلىۋاتقان بىر خەنزۇ قىزغا سوقۇلۇپ كەتتى. بۇنى سوقۇلۇپ كەتتى دېگەندىن كۆرە قەستەن سوقۇلدى، دېگەن تۈزۈك ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسى سوقۇلۇپ كەتكۈدەك زىچ ئەمەس، يەنە كېلىپ كوچىدا ئادەم شالاڭ ئىدى. خەنزۇ قىزنىڭ مۈرىسىگە ئېسىۋالغان سومكىسى بىلەن قولىدىكى تېلېفۇنى يەرگە چۈشۈپ كەتتى، ئۆزىمۇ سەنتۈرۈلۈپ يىقىلغىلى تاسلا قالدى. مەن تىزلىكتە بېرىپ قىزدىن كەچۈرۈم سورىدىم ھەمدە يەرگە چۈشكەن سومكىسىنى ئېلىپ قېقىشتۇرۇپ، قولىغا تۇتقۇزدۇم. قىز سەل نارازى بولغاندەك چىرايىنى پۈرۈشتۈردى، ئەمما تىزلا ئېچىلىپ، ماڭا بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ كېتىپ قالدى.
بىز ئازراق ماڭغاندىن كېيىن بىر خۇيزۇ ئاشخانىسىغا كىرىپ تاماق بۇيرۇتتۇق. بۇيرۇتقان تاماق بەكلا ئۇزۇندا چىقتى. شۇنىڭغىچە بىز تاغدىن – باغدىن پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇردۇق. تاماقنى يەپ بولۇپ ھېساۋات قىلىش ئۈچۈن مۇلازىمنى چاقىردىم. شۇ ئارىدا ئىشىكتىن بەش - ئالتە خەنزۇ كىرىپلا گۈلمىرەنى قارا – قويۇق ئۇرۇپ كەتتى. مەن نېمە ئىش بولغىنىنى ئاڭقىرالماي دىلىغۇللۇقتا ھاڭۋېقىپلا قالدىم. يەنە قاراپ تۇرسام گۈلمىرە بەك تاياق يەپ كېتىدىغاندەك، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن مەنمۇ ئارىغا چۈشۈپ ئۇلار بىلەن ئۇرۇشتۇم. ئەمما ئۇلار كۆپ بولغاچقا ئاقىۋەتتە ئېغىر تاياق يەۋالدۇق.
مېنىڭ بېشىم يېرىلىپ كەتكەن، گۈلمىرەنىڭ يۈز – كۆزلىرىگە ئوبدانلا كۆك چۈشكەن ئىدى. نەدىن پەيدا بولدىكىن، بىر دەمنىڭ ئىچىدە بىر توپ ساقچىلار پەيدا بولۇپ، ھەممىمىزنى بىر ماشىنىغا چىقىرىپ ساقچىخانىغا ئېلىپ باردى.
-مەن ئەرز قىلىمەن، بىز ئۇلارنى تونۇمىساق، يا ھېچقانداق ئۆچ – ئاداۋىتىمىز بولمىسا، بىكاردىنلا ئادەم ئۇرسا بولامدۇ؟ - دېدىم مەن ساقچىلارنىڭ سورىقى باشلانماستىنلا چېچاڭشىپ.
ئۇلار ماڭا كۆزىتىش ئاپاراتىدا سۈرەتكە ئېلىنغان بىر كۆرۈنۈشنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭدا گۈلمىرەنىڭ ھېلىقى خەنزۇ قىزنى سوقۇۋېتىش كۆرۈنۈشى ئېنىق خاتىرىلەنگەن بولۇپ، گۈلمىرەنىڭ قىزنى سوقۇۋېتىش جەريانىدا ئۇنىڭ سومكىسىدىن پۇل سۇغۇرىۋالغان كۆرۈنۈش بار ئىدى. ئۇنى كۆرۈپ ھاڭ - تاڭ قالدىم. ساقچىلارمۇ ئاشۇ كۆرۈنۈشنى قايتا - قايتىلاپ بىر نەچچە قېتىم قويدى ۋە:
-ئەمدى چۈشەندىڭمۇ؟- دەپ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قارىدى.
ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بىز ئۇ يەردىن ئايرىلغاندا ھېلىقى خەنزۇ قىز سومكىسىدىكى پۇلنىڭ يۈتكەنلىكىنى بىلىپ، دەرھال 110 غا مەلۇم قىلغان، ساقچىلار يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، تىزلىكتە شۇ يەردىكى بىر دۇكاننىڭ ئىشىك بېشىغا ئورنىتىلغا كۆزىتىش ئاپاراتىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭدا خاتىرىلىنىپ ماڭغان كۆرۈنۈشلەردىن خەنزۇ قىزنىڭ پۇلىنى گۈلمىرەنىڭ سوقۇۋالغانلىقىنى دەلىللەپ چىققان. ئاندىن شۇ كۆرۈنۈشتىكى كىيىم – كېچەك ۋە چىراي ئالاھىدىلىكىمىزگە ئاساسەن، يېقىن ئەتراپتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ج خ خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارغا بىزنى قولغا چۈشۈرۈشنى تاپىلاپ قويۇپ ئۆزلىرىمۇ بىزنى ئىزدەشكە ئاتلانغان. ئۇنىڭغىچە پۇلى يۈتكەن خەنزۇ قىز جەمئىيەتتىكى دوستلىرىدىن بىر نەچچىسىگە تېلېفۇن بېرىپ يۈز بەرگەن ئىشلارنى ۋە بىزنىڭ چىراي، كىيىم – كېچەك ئالاھىدىلىكىمىزنى ئېيتىپ بېرىپ، ئۇلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغان، شۇڭا ساقچىلار ئىزدەپ تېپىپ بولغىچە قىزنىڭ دوستلىرى چاققان كېلىپ، تاماق يەپ ئولتۇرغان يېرىمىزدىن تېپىۋېلىپ، قىزنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىپ بېرىش ئۈچۈن بىزنى بولۇشىغا ئۇرغىنى ئىكەن. تېخى دېيىشىچە، بىزنىڭ تەلىيىمىز بار ئىكەن، ئەگەر ساقچىلار ۋاقتىدا ئۈلگۈرۈپ كەلمىگىنىدە بىرەرسىمىزنىڭ جېنى ئۇ لۈكچەكلەرنىڭ ئالقىنىدا ئۇ دۇنياغا راۋان بولارمىش. بۇ يەردىكى لۈكچەكلەر مۇشۇنداق قانۇننى كۆزگە ئىلمايدىغان، ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان قارام نېمىلەرمىش. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم، بىراق ئىشەنمىسەم بولمايتتى. چۈنكى، مەن ئىچكىرىگە كىرگەندىن باشلاپلا يۈز بېرىۋاتقان نۇرغۇن ئىشلارغا قاراپ بەزىدە ھەيران بولسام، بەزىلىرىنىڭ سەۋەبىنى، جاۋابىنى بىلەلمەي تېڭىرقايتتىم.
-ئەمدى بۇنداق ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلماڭلار ،- دېدى بىزنى سوراق قىلغان ئېگىز بويلۇق، ئاقپىشماق كەلگەن خەنزۇ ساقچى، - ھازىر دېگەن قانداق دەۋر؟ ئاسماندا تور، يەردە قاپقان بار. قانۇن رەھىمسىز، ئۇ ھەرگىزمۇ «ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئىكەن، تىجارەت قىلاي دېسە پۇلى يوق، ئىشلەي دېسە خىزمەت تاپالماپتۇ، شۇڭا ئوغرىلىق قىپتۇ، بوپتۇلا» دەپ يۈرمەيدۇ. ئۇ ئىنتايىن ئادىل، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالايدۇ، ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغانلارنىڭ ھوقوقىنى قوغداپ بېرىدۇ، بۇنى ئۇنتۇپ قالماڭلار!
- سىلەر ئازسانلىق مىللەت، بىز سىلەرنى ھۆرمەت قىلىمىز،- دېدى يەنە بىر كۆزەينەكلىك ساقچى ئېغىر – بېسىقلىق بىلەن،- شىنجاڭدا نۇرغۇن ياخشى كىشىلەر بار. ئۇلار ئۆزىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەيدۇ، قان – تەر ئاققۇزۇپ پۇل تېپىپ ھالال ياشايدۇ. سىلەر شۇلاردىن ئۆگىنىشىڭلار كېرەك، بۇنداق خەقنىڭ رىسقىغا چاڭ سېلىپ ياشىساڭلار ھەممىنىڭ نەپرىتىگە قالىسىلەر!...
ئۇلار بىزگە بىر ھازا تەربىيە ئىشلىگەندىن كېيىن قويۇپ بەردى. مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ خىجىللىقتىن ئۆلۈۋالغۇدەك بولۇپ كەتتىم. يەرگە كىرىۋالاي دېسەم قاتتىق، ئاسمانغا چىقىۋالاي دېسەم يىراق بىلىنىپ كەتتى.
ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن گۈلمىرە بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىم.
-ھەي، نېمىشقا ئوغۇرلۇق قىلىسەن، ھە؟ سېنىڭ زادى نېمەڭ كەم؟ بىز شۇنداق ئىشلارنى قىلىدىغان ئادەممۇ؟ گەپ قىلە!؟
مەن شۇنداق دەپ ئۇنىڭ كۆزىگە قادالدىم.
-سېنىڭ نېمە كارىڭ؟ ئىشىڭنى قىلە ماڭ!...
ئۇ مېنى ئىتتىرىۋېتىپ ئىشىك تەرەپكە ماڭدى. مەن ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ ئۆزۈمگە قارىتىش ئۈچۈن تارتىشىمغا، ئۇ غەزەپ بىلەن يۈزۈمگە كېلىشتۈرۈپ بىر شاپىلاق ئۇردى. تۇيۇقسىز تەگكەن قاتتىق شاپىلاقتىن يۈزۈم ۋاششىدە ئېچىشىپ، ئاغرىپ كەتتى. ئالدىمدا تۇرغان بۇ قىزنىڭ ئەينى چاغدا مېنى ياخشى كۆرگەن، مەنمۇ پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن سۆيگەن گۈلمىرە شۇ ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيلا قالدىم.
-قانداق قىلاتتىڭ؟ مەن شۇنداق ئادەم، ئوغۇرلۇق قىلىمەن، بۇلاڭچىلىق قىلىمەن، نېمە ئىش قىلىپ پۇل تاپقىلى بولسا شۇنى قىلىمەن، گېپىڭ بارمۇ؟ بىلمىگەن بولساڭ ئەمدى بىلىۋال، مەن مانا مۇشۇنداق ئادەم!...
ئۇ غەزەپ بىلەن چالۋاقاپ تۇرۇپ، بار ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ شۇنداق دەپ ۋارقىرىدى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئاران بېسىۋېلىۋاتقان ئاچچىقىم بىراقلا مېڭەمگە تەپتى. جان ئاچچىققا چىدىماي گۈلمىرەنى بىر كاچات سالدىم. ئۇ قىررىدە چىرقىرىدى، ئارقىدىن چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ تۇرۇپ ماڭا غەزەپ – نەپرەت بىلەن قاتۇرۇپ بىرنى ئالىيىۋەتكەندىن كېيىن، يۈزىنى ئالىقىنى بىلەن توسقىنىچە يىغلىغان پېتى يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى.
گۈلمىرە چىقىپ كەتكەن ئىشىككە قاراپ ئۈن – تىنسىز ھالدا بىر ھازا تۇرۇپ كەتتىم. ئىچ – ئىچىمدىن قاپساپ كېلىۋاتقان پىغانىمنى بېسىۋېلىشقا ئامالسىز ئىدىم. شۇ ھالدا يۈرىكىم ئاغرىدى، نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىدىم، بۇ يەرگە كىرگىنىم ئۈچۈن مىڭ پۇشايمانلارنى قىلدىم. كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ياش سىرغىدى...
ساقچىخانىدا كۆرگەن سىن كۆرۈنۈشى كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى. «بۇ خۇددى كىنولاردا، ھېكايە - رومانلاردا تەسۋىرلەنگەندەك قارا گورۇھلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەتەرلىك ئىشلار ئوخشايدۇ، ئەگەر گۈلمىرە ۋە ئۇنىڭ ئاكىلىرى مېنى قويۇپ بەرمەي، ئوغۇرلۇق ۋە باشقا قانۇنسىز ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلىسا يۇرتۇمغا قايتالمايدىغان، ھەتتا ئاتا - ئانامنىمۇ قايتا كۆرەلمەيدىغان ئوخشايمەن» دەپ ئويلاپ، ئەنسىزلىككە چۈشۈپ قالدىم.
ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنىنى بىلمەيمەن. بىر چاغدا ئۆينىڭ ئىچىدە، يېنىمدىلا ئاياغ تىۋىشى ئاڭلانغاندەك مەلۇم بولدى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئىشىك ئالدىدا ئېگىز بويلۇق سىمىز بىر ئادەم، ئۇنىڭ كەينىدە ئورۇقلىقىدىن گۆردىن ئېچىۋالغان مۇردىدەك كۆرۈنىدىغان قارامۇتۇق يەنە بىر ئادەمنىڭ تۇرغانلىقنى كۆردۈم. ئىككىسى ماڭا چەكچىيىپ قاراپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ سۈرلۈك ھالىتىنى كۆرۈپ، تىلىم گەپكە كەلمەي، يۈرۈكۈم ئېغىزىمغا تىقىلىپ قالدى. ئۈندىمىگىنىمنى كۆرۈپ ھېلىقى ئېگىز بويلۇق بىرلا چامداپ ئالدىمغا كەلدى.
-ھەي لامزەللە، گۈلمىرەنى ئۇرۇپسەنغۇ؟! ئوغۇل بالا تۇرۇپ بىر قىز بالىنى ئۇرغان بارمۇ، ھە؟ نېمە قىلغىنىغا ئۇراتتىڭ؟ گەپ قىلە! ئۇنىڭ يۈز - كۆزلىرىنى كۆكەرتىۋېتىپسەنغۇ!؟
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ چېكەمدىن پۇررىدە تەر قۇيۇلدى. بارى – يوقى بىر تەستەك ئۇرغىنىم ئۈچۈن يۈز – كۆزلىرىنى كۆكەرتىۋېتىپتىمىشمەن. رەڭ قۇتىسى بىلەن ئۇرمىغانتىمغۇ بولمىسا!؟ توغرا، خەنزۇ قىزنىڭ دوستلىرى...
-مەن... ياق، مەن ئۇرمىدىم... گۈلمىرە بازاردا بىر خەنزۇ قىزنى سوقۇۋەتكەن بولىۋېلىپ ئۇنىڭ سۇمكىسىدىكى پۇلىنى ئوغرىلاپتىكەن. شۇ قىزنىڭ دوستلىرى بىزنى تۇتىۋېلىپ ئۇرۇپ كەتتى. گۈلمىرەلا ئەمەس مەنمۇ تاياق يېدىم...
بازاردا بولغان ئىشلاردىن ئۇلار خەۋەرسىز ئىدى. ئەگەر ئۆزۈمنى ئاقلىمىسام گۈلمىرە يېگەن تاياقنىڭ بەدىلىنى مەن تۆلەيدىغاندەك قىلاتتىم. شۇڭا ئىشنىڭ ئەينەن جەريانىنى دېدىم. بىراق ئۇلار ماڭا ئىشەنمىدى ۋە:
-بىزنى كىچىك بالا چاغلاپ قالدىڭمۇ؟ گۈلمىرە سېنى ئۇردى دەۋاتسا، تەپتارتماي تېنىۋېلىپ بارىسەنا؟! – دېگىنىچە مېنى ئۇرۇپ، دەسسەشكە باشلىدى. يالۋۇرۇشلىرىم بۇ ياۋۇزلارغا كار قىلمىدى، ئۇلارنىڭ بازغاندەك مۇشت – تېپىكلىرى ئاستىدا تۈگۈلۈپلا قالدىم...
تاياق دەستىدىن ھۇشۇمدىن كېتىپتىمەن، ھۇشۇمغا كېلىپ ئۆزۈمنى دوختۇرخانىنىڭ بالنست ياتىقىدا كۆردۈم. بېشىمدا گۈلمىرە ئولتۇراتتى، ئۇنى كۆرۈپ يۈرىكىم «قارت» قىلىپ قالدى. ئۇ ماڭا بىر ھازا تەسەللىي بېرىپ كۆڭۈل قويغاندىن كېيىن، ئوغۇرلۇقنىڭ پايدىسى ۋە ئۇنىڭدىن كېلىدىغان كىرىمىنى چۈشەندۈرۈپ بىر مۇنچە سۆزلىدى. ئەگەر ئۇنىڭ ئاكىلىرىنىڭ گېپىگە كىرىپ ئوغرىلىق قىلمىسام، مېنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن قورقتۇم، ھەقىقەتەن قورقتۇم. ئەمدى كېلىپ ئۆلۈكۈم مۇشۇ يات شەھەرلەردە قالارمۇ؟! ئاتا – ئانامنىڭ دىدارىنى بىر كۆرەلمەي ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ؟! بۇلارنى ئويلاپ مېنى قايتىدىن يىغا باستى. بىراق كۆزلىرىمگە مىختەك تىكىلىپ، مەندىن جاۋاپ كۈتۈپ تۇرغان گۈلمىرەگە بىر نېمە دەپ جاۋاپ بەرمىسەم بولمايتتى. شۇڭا ئۇنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن «مەن ياخشىراق ئويلىنىپ باقاي» دېدىم.
قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇلارنىڭ گېپىگە كىرىپ ئوغرىلىق قىلاي دېسەم ۋىجدانىم يول قويمىسا، ئۇنداق قىلماي دېسەم ئاتا – ئانامنى، سىلەرنى كۆرەلمىسەم، ئىنسان ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق تەڭلىك بولامدىغاندۇ؟! ئەگەر دادام ئوغرىلىق قىلغىنىمنى بىلىپ قالسا مېنى بېقىپ چوڭ قىلغىنىغا ئىككىلا ئالەم رازى بولمايدۇ. ئاناممۇ ياقامغا ئېسىلىپ قان يىغلىشى مۇمكىن. لېكىن ئۇلار مېنىڭ بىھۇدە ئۆلۈپ كېتىشىمنى، خەقنىڭ قولىدا خورلىنىپ، ياقا يۇرتلاردا سەرسان بولۇپ يۈرۈشۈمنىمۇ خالىمايدۇغۇ ھە؟! توغرا، «جان بولسا جاھان» دەپتىكەن، ئاۋۋال بۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋالاي. جېنىم ئامان قالسىلا قالغىنىنى كېيىن بىر تەرەپ قىلىۋالىمەن. ھازىرچە ھايات قېلىش ئەڭ مۇھىم!
شۇلارنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزۈپ، گۈلمىرەنىڭ تەكلىپىگە، توغرىراقى تەھدىتىگە ماقۇل بولۇش قارارىغا كەلدىم.
مەن بۇ يەردە نۇرغۇن دوست تۇتتۇم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كاۋاپچىلىق، ئاشپەزلىك قىلىدىغانلارمۇ، ياڭاق، ئۈزۈم، گۈلە - قاق ساتىدىغانلارمۇ، بازار ئوينايدىغانلارمۇ بار بولۇپ، بىز خۇددى بىر مەھەللىدە بىللە ئويناپ چوڭ بولغاندەك ئىچەكىشىپ كەتتۇق. ئۇلار بىلەن بىر ئۆيدە تۇرغاچقا، ئاشۇلار ئىچكەننى ئىچىپ، چەككەننى چېكىپ،قىلغاننى قىلىپ يۈرۈپ، بەزىبىر يامان ئادەتلەرنى يۇقتۇرىۋالدىم. كۈنلىرىم ئوغرىلىق قىلىش، ئىچىپ – چېكىش، ئويۇن – تاماشالار بىلەن ئۆتىۋەردى، بۇ جەرياندا ئوغرىلىقتىمۇ خېلى يېتىشىپ قالدىم.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مىجەزىم مېنى ئوغۇرلۇققا سالغان مۇتتەھەم، قارا يۈزلەرنىڭ مىجەزىگە ئوخشاش قارام، قورقۇمسىز، رەھىمسىز بولۇپ ئۆزگىرىپ، بۇرۇنقى خۇي – پەيلىم، مىجەز – خارەكتىرىمدىن ئەسەرمۇ قالمىدى. ئىنساپ، غورور دېگەنلەر بىلەن ھېساپلىشىپ ئولتۇرمايدىغان، ئەمەلىي نەپنىلا كۆزلەيدىغان شەخسىىيەتچى مىجەز يېتىلدۈرىۋالدىم. «قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار، ياماننىڭ يولۇقساڭ يارىسى» دېگەن گەپ ھەقىقەتەن راست ئېيتىلغان ئىكەن.
بىر كۈنى ياتاقداشلىرىم «ئويناپ كېلىمىز» دەپ بازارغا جابدۇنۇپتۇ. مېنىڭ ياتاققا كىرگىنىمنى كۆرۈپ ئۇلار خۇشال بولۇپ كېتىشتى ۋە مېنىمۇ بىللە بار دەپ تۇرىۋالدى. ئۇلارنىڭ زورى بىلەن بىللە باردىم، ئاۋۋال بىر ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يېدۇق، ئارقىدىن ئالا – يېشىل چىراغلىرى ۋالىلداپ يېنىپ تۇرىدىغان، يېرىم يالىڭاچ قىزلار ھەر قىسما ھەرىكەتلەرنى چىقىرىپ ئۇسۇل ئوينايدىغان بىر قاۋاقخانىغا بېرىپ تازا ئىچىپتىمىز. مەن ئۇلاردەك جىق ئىچمىگەچكە ئەس - ھۇشۇم خېلى جايىدا ئىدى.
بىز قايتماقچى بولۇپ سىرتقا چىققاندا ئاللىقاچان يېرىم كېچە بولۇپ كەتكەن ئىدى. ھاۋا ئىنتايىن ياخشى، يەنە كېلىپ ئەتراپتا ئادەم ۋە ماشىنىلار شالاڭ بولغاچقا، بىز ھاۋا يېگەچ پىيادە قايتماقچى بولدۇق. پاراڭلاشقاچ بىر – بىرىمىزنى يۆلەپ مېڭىپ، بىر تار كوچىغا كېرىپ قاپتىمىز. كوچا ئىچىدە قاتار قىلىپ سېلىنغان ئۆيلەر بار بولۇپ، ھەر بىر ئۆينىڭ ئىشىك تۈۋىدە ھەررەڭ – سەررەڭ ياسىنىۋالغان قىزلار تۆت – بەشتىن بولۇشۇپ، پاراڭلىشىپ تۇراتتى. غەلىتە يېرى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يېرىم يالىڭاچ كىيىنگەن بولۇپ، پاچاق – يوتىلىرىنى، مەيدە –بىلەكلىرىنى تامام ئوچۇق قويغان، ئىنتايىن قىنىق گىرىم قىلىشقان، بەزىلىرى تاماكا چېكىۋاتقان، بەزىلىرى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغا ئاللىقانداق خۇلقلارنى چىقىرىپ ئەركىلەپ، كۆزىنى قىسىپ، لەۋلىرىنى ئۇچلاپ شەرەت قىلىپ، ھاياسىزلارچە قېلىقلارنى چىقىرىپ تۇراتتى. ئۇلار تەخمىنەن يىگىرمە بەش - ئوتتۇز ياشلار ئەتراپىدا بولۇپ، تۇرقىدىن ياخشى يولدىكى ئاياللاردەك قىلمايتتى.
مەست بولۇپ قالغان ياتاقداشلىرىم دەلدەڭشىپ تۈزۈك ماڭالمىغانسېرى بۇ يول ماڭا بەكلا ئۇزىراپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. مەن ئۇلارغا تىزراق مېڭىشنى جىكىلەپ، ئېغىرراق تەڭشىلىۋالغان بىر ئاغىنىمىزنى يۆلەشتۈرۈپ مېڭىۋەردىم.
بىز شۇ يوسۇندا ئالدىمىزغا قاراپ مېڭىۋەردۇق. بىراق ھېلىقى ئالۋاستىدەك ياسىنىۋالغان ھاياسىز ئاياللار ئەتراپىمىزغا ئولىشىۋالدى ۋە تەرەپ - تەرەپتىن بىزنى تارتىشقا، ئاشۇ ئىشىكلىرىدىن قىپقىزىپ پەردىلەر ۋە غۇۋا چىراق نۇرلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئۆيلىرىگە تەكلىپ قىلىشقا باشلىدى. ئەقلىنى ھاراققا تېگىشىۋەتكەن ئاغىنىلىرىم ئۇلارنىڭ ئازدۇرۇشلىرىغا بەس كېلەلمەي:
-توختاڭلار، ئىچىدىغاننىمۇ ئىچىپتىمىز، ئوينىغاندىكىن چىڭىغا چىققۇچە ئوينايلى. قىزلارمۇ تەييارلىكەن، كىرىپ بىرەر – يېرىم دەم ئويناپ ئاندىن ماڭىمىز...- دەپ چىڭ تۇرىۋالدى.
مەن ئۆمرۈمدە ئۇنداق نىجىس، پاسكىنا يەرگە كىرىپ باقمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق يەرلەرنى ئەزەلدىن ئاتىقى يامان دەپ بىلەتتىم، شۇڭا كۆڭلۈمدە ئاللىقانداق بىر قورقۇنچ پەيدا بولدى. ئۇلار بىلەن بىللە كىرىشنى خالىمىدىم، شۇڭا:
-كىرسەڭلار ئۆزۈڭلار كىرىڭلار، مەن كىرمەيمەن. بۇنداق يەرلەردە يۈرگەن ئادەمنى نەس باسىدۇ، بولسا سىلەرمۇ كىرمىسەڭلار ياخشى بولاتتى. ماقۇل دېسەڭلار، قايتىپ كېتەيلى! – دېدىم.
ئۇلار ئولاش - چولاش مېنى سۆرەشتۈرۈپ:
-يۈرە، بىللە كىرىمىز. بىر قېتىم كىرگەنگە ھېچنىمە بولمايدۇ، - دەپ، تارتىپ ئېلىپ ماڭدى.
-ياق، مەن بۇنداق ئادەملەردە ئەيدىز كېسىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان، ئۆزۈمگە ئىش تاپقىم يوق، ئىشقىلىپ مەن...
-بولدى قىلە ۋاي، ئەيدىز كېسەل «قاچان يۇقىمەنكىن» دەپ ساڭا قاراپ تۇرۇپتۇما؟ - ئارىدىن بىرەيلەن گېپىمنى تارتىۋېلىپ قوپاللا تەگدى،- ئۇلارنىچۇ، ئاۋۋال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ، ئاندىن بۇ يەرگە ئەكىلىدۇ. ئۇنداق ئۇدۇل كەلگىنىنى يېتىلەپ كېلىدىغان ئىش يوق. قورقما، ھېچ ئىش بولمايدۇ، مۇنداق يەرلەرگە كىرىپ ئويناۋاتقىلى ئۇزۇن يىل بولدى، بىزمۇ ئۆلۈپ قالمىدۇققۇ!؟ ئوغۇل بالا دېگەن ھەممە ئىشنى كۆرۈپ باققۇلۇق، ئاياللارغا يېقىن يولىمايمەن دېسەڭ سەندىن گۇمانلىنىپ قالىمەن جۇمۇ!...
ئۇلار ھەر تەرەپتىن ھەر نېمىلەرنى دېيىشتى. بىراق مەن زادىلا ئۇنىمىدىم. ئۇلار مېنى گەپكە كىرگۈزەلمەي، ئۆزلىرى ھېلىقى ئۆيلەرنىڭ قايسىدۇر بىرلىرىگە كىرىپ كېتىشتى.
سۈرلۈك ھەم تار كوچا ئىچىدە يالغۇز قالدىم، ياق، يالغۇزمۇ ئەمەس، ھېلىقى ھەررەڭ – سەررەڭ كىيىملىك، قېنىق گىرىملىك ئاياللار بىلەن قالدىم. ئەمما ئۇ ئالۋاستى چىراي قىزلار مېنى مەنسىتمىگەندەك قاراپ، بۇرنىنى پۈرۈپ قويۇشتى ياكى مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ مەندىن نېرى كېتىشتى. ئۇلارنىڭ بۇ قېلىقى جان - جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى. خۇددى مېنى «بولۇمسىز، ئەركەك ئەمەس» دەپ مازاق قىلىۋاتقاندەك بىلىنىپ، ئاچچىقىم كەلدى.
ئويلاپ قالدىم، بايا دوستۇم «بۇ قىزلار دوختۇرخانىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن، ئۇلاردا كېسەل يوق، بىر قېتىم كىرگەنگە ھېچ ئىش بولمايدۇ، بىزمۇ كىرىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى» دەۋاتىدۇ. تېخى ھەممىسى ئىشەنچ بىلەن كىرىپ كېتىشتى. شۇنىڭغا قارىغاندا راستىنلا بىخەتەرمۇ نېمە؟ ئۇلار راست دەيدۇ، بىرەر كېسەل بولسا بۇ كەمگىچە ئاللىقاچان بايقىلىپ بولاتتى، مەن چوقۇم ئارتۇق ئويلىۋالغان ئوخشايمەن.
شۇلارنى ئويلاپ مەنمۇ تەۋەككۈلگە قەدەم تاشلىدىم. دوستلىرىم كىرىپ كەتكەن ئۆينىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىشىمگە، بىر قېرى دەللال ئالدىمغا كەلدى. ئۇ غەلىتە ھىجايغىنىچە، ماڭا بىر نېمىلەرنى دېدى، لېكىن ئۇنىڭ گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرمىدى. چۈنكى، بۇ يەرگە كىرىشنى ئىختىيار قىلىۋاتقان بولساممۇ كۆڭلۈمدىكى قورقۇنچ تەلتۆكۈس يوقىمىغان ئىدى.
دەللال ئايال مېنى سۇس چىراق نۇرى غۇۋا يورۇتۇپ تۇرىدىغان بىر ئۆيگە ئەكىرىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ھايال ئۆتمەي بۇ ئۆيگە قىزىل رەڭلىك ئاسما مايكا، بىر غېرىچلا كەلگۈدەك قىسقا ھەم تار يوپكا كىيىۋالغان، سېرىق بۈدرە چاچلىرىنى قۇش چاڭگىسىدەك پاخپايتىپ، لەۋلىرىنى قان ئىچكەندەك بويىۋالغان بىر قىز كىرىپ كەلدى. ئاندىن كاسا – بەللىرىنى ئوينىتىپ ماڭغىنىچە، قىلچە تەكەللۇپ قىلماستىن كېلىپ قۇچىقىمدا ئولتۇرۇپ، بوينۇمغا گېرە سالدى...
قىز بالا زاتىغا بۇ قەدەر يېقىنلىشىشىم، توغرىراقىنى ئېيتقاندا، مۇنداق مۇناسىۋەتتە بولۇشۇم بۇ ھاياتىمدا مۇشۇ تۇنجى قېتىم ئىدى. نېمىشقىكىن، بۇ يەردە ئارتۇق تۇرالمىدىم. خۇددى بىرسى كانىيىمنى بوغۇپ نەپەس ئالغىلى قويمايۋاتقاندەك، يەنە تۇرىۋەرسەم ئۇزاققا قالماي ئۆلۈپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىپ، زادىلا چىدىيالمىدىم. شۇڭا، چىپ – چىپ تەرلىگەن ھالدا
 
 

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315