«مۇھەببەت چۆلى» دە كۆرگەنلىرىم

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-04 12:53
«مۇھەببەت چۆلى» دە كۆرگەنلىرىم
ئوبزور
ئەنۋەر ئابدۇكېرىم ئاتەش

مەن يازغۇچى ئەمەس. ئەمما، ئەدەبىياتقا، يېزىقچىلىققا بولغان ئوتلۇق ئىشتىياق كىچىكىمدىن باشلاپلا مېنى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا، ئۆز چۈشەنچەمدىكى ھايات تەسىراتلىرىمنى ئاددىي تىللار بىلەن ئىپادىلەپ بېقىشقا دەۋەت قىلىپ كەلگەن. شۇ سەۋەبتىنمىكىن، مەيلى بۇرۇنقى نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەر بولسۇن ياكى يېڭى نەشىر قىلىنغان بولسۇن، كۆزۈمگە ئىلنىشىپ قالدىمۇ، ئۇنى ئوقۇپ تۈگەتمىگىچە بولدى قىلمايدىغان بىر خىل ئادەتكە كۆنۈپ قالغىنىمغا ئازغىنە كەم ئوتتۇز يىلچە بولدى. بۇ ئادىتىم ماڭا نۇرغۇن ھېكمەت غەزىنىلىرىنى تارتۇق قىلىش بىلەن بىرگە، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ رەڭگا-رەڭ سەھنىسىدە ئىنسان قىسمەتلىرىنىڭ دەقىقە ئىچىدىكى تۈمەن خىل ئۆزگىرىشلىرىگە قارىتا ئۆزگىچە قاراش شەكىللەندۇرۇشىمگە تۈرىتكە بولدى. كۆڭۇل خاتىرەمگە ئادىمىيلىك ھەققەتلىرى، مۇھەببەت، نىكاھ، ئائىلە، ئېرىشىش، يوقىتىش، جەمئىيەت، مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلەرنىڭ ئۆڭمەس مىزانلىرىنى شەكىلسىز يېزىقلار بىلەن كەشتە قىلدى. مەن ئوخشاش بولمىغان «مەن»لەرنىڭ كۆزى بىلەن دۇنيانى، ھاياتنى، تەقدىرنى، غەلبىنى، مەغلۇبىيەتنى، ئادەمنى، ھايۋاننى، ھەقنى، ناھەقنى... كۆردۇم. سەبئيلىكتە سۈپەتلىنىدىغان ئۆسمۈرلىكىمدىن تارتىپ ھەممىلا نەرسىگە قىزىقىش نەزىرىدە تەلپۇنىدىغان ياشلىق مەزگىلىمگىچە تالايلىغان تۇرمۇش چىنلىقىغا، مول مەزمۇنغا ئىگە بولغان، ئىنسان ھاياتىغا ئەينەك مىسال بولالايدىغان ئەسەرلىرى بىلەن ھۆرمەت ساھىبىغا ئايلانغان قەدىردان، تۆھپىكار يازغۇچىلىرىمىزنىڭ نۇرانە سىيماسى غايىۋانە ھالدا ماڭا ھەر ۋاقىت ھەمرا بولدى. تەۋەررۇك ئىجادكارلىرىمىز ماڭا ئۇمىدلىك نەزەرلىرى بىلەن قاراۋاتقاندەك تۇيغۇلاردا قولۇمغا قەلەمنى ئالاتتىم. ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر، ئەخەت تۇردى، مەمىتىمىن ھوشۇر، ئەختەم ئۆمەر، ئابدۇقادىر جالالىددىن، ياسىنجان سادىق، روزى سايىت، مۇھەممەتجان راشىدىن، ئوسمانجان ساۋۇت قاتارلىق ئەل سۆيگەن، ئەلنى سۆيگەن قەلەم ساھىبىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى يېقىن دوسىتلىرىمنىڭ، پىكىرداشلىرىمنىڭ قىززىق سۆھبەت تېمىسى ئىدى. مەن «ئىزدىنىش»، «ئىز»، «ئويغانغان زىمىن»، «ئاي يامغۇرى»، «قۇم باسقان شەھەر»، «داغ»، «جاللات خېنىم»، «باھادىرنامە»، «دېقان بولماق تەس» قاتارلىق ئەسەرلەرىنى زور ئىشتىياق بىلەن يېنىش-يېنىشلاپ ئوقۇپ چىقاتتىم. بەرھەقكى، بۇ ئەسەرلەر ئاپتۇرلارنىڭ پىشقان قەلىمى، ئىنسان مەنىۋىيىتىگە سوزۇلغان ئۆتكۈر كۆڭۈل كۆزلىرى، ئىجتىمائىيلىققا بولغان خاسلىق نەزىرى، ئىنسانىي مۈكەممەللىككە تەلپۇنۇش، ئادىمىيلىك چۇقانلىرى ۋە ياشاش مەنتىقىسىغا تويۇنغان بولۇپ، ھايات قانۇنىيەتلىرىنى يۇرۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن، ئاددىي دېھقاننىڭ ئومىچىدىن تارتىپ، شاھلارنىڭ ئالتۇن قەدەھلىرىگىچە، خەلقنىڭ ئىنقىلاب ئۇچقۇنلىرىدىن تارتىپ يېڭى دەۋىرنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشلىرىغىچە، يۇكسەك بەدئىي دىت، مۇۋاپىق قۇرۇلما، جانلىق ئوبراز، تارتمىلىق تىل بىلەن بىزگە ئۆزگىچە ھوزۇر ئاتا قىلغان ئىدى. يورغا يىللار گەرچە ھايات بېغىمىزدىن، قەلىب ئاسمانىمىزنىڭ نۇرغۇنلىغان چولپان يۇلتۇزلىرىمىزنى تۇيدۇرماي ئېلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە، بىزگە يېڭدىن سەپكە قېتىلىپ، ئەجىر-مېھنەت مېۋىلىرىنى خەلق ئاممىسىغا تەقدىم قىلىشقا تەييارلىغان بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك، ئەزىزلىرىمىزنى يېتىشتۇرۇپ بەردى. مانا بۈگۈن قەدىمىي بارچۇق دىيارىدا تۇغۇلۇپ، مەرىپەت مەشئىلىنى كۆتۇرگەن باھادىرىمىز ئۆمەرجان ئوبۇل ئۆزتۇغنىڭ «مۇھەببەت چۆلى» نامىلىق رومانى بىز بىلەن يۈز كۆرۇشتى. ھەق گەپنى ئېيتقاندا، بارچۇق دىيارىدا گەرچە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر تۇركۈم قەلبى ئوت قەلەم ئىگىلىرى بولسىمۇ، ئەمما، مېنىڭ بىلىشىمچە، دۆلەت قۇرۇلۇپ ھازىرغا قەدەر مۇشۇنداق بىر پارچە رومان يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان ئادەم يوق ئىدى. مەن بارچۇقتا ئاپىرىدە بولغان بۇ تۇنجى روماننىڭ ئاپتۇرىغا بولغان قايىللىق ۋە ھۆرمەت ھىسسىياتىم بىلەن «مۇھەببەت چۆلى» گە قەدەم باستىم.
بۇ تولىمۇ سىرلىق ھەم سىھىرلىك چۆل ئىدى. كۆزلىرىمگە تۇنجى چېلىققان قەبرىستانلىق گەرچە سوغۇق ھەم سۈرلۈك بولسىمۇ، ئەمما قەمبەرنىسا ئىسىملىك قىزنىڭ پىغانلىق نالىسى ــ ئاچچىق ھاياتنىڭ كۆڭۇلسىز خاتىمىسىگە ئوخشاش، قىزىقىش قاپلىغان كۆڭلۇم ئاسمىنىنىڭ يىراق بۇرجەكلىرىدە كۈلرەڭ بۇلۇت قاسراقلىرىدەك  ئاجايىپ بىر تۇيغۇنى پەيدا قىلىپ، ئادەملەر بىلەن تولغان بۇ چۆل قوينىدا، ئاجايىپ ئۆزگىچە بىر خىل سېھرنىڭ، سىرلارنىڭ قەلىبلەر قاتلىمىغا كۆمۇلۇپ كەتكەنلىكىنى غۇۋا كۆرگەندەك بولدۇم.
تۇرمۇش، ئۆز رىسقى-نېسىۋىسى ئۈچۈن ھاياتلىققا زور ئۈمىد بىلەن كۇلۇپ قاراپ، ماڭلاي تەرىدىن خۇشاللىق، ئاددىيلىق ئىچىدىن بەخىت، كەمبىغەللىك ئىچىدىن ھۇزۇر ئىزلەپ تېپىپ، ئۆز كۆڭۈللىرىنى ئاۋۇتىۋاتقان جاپاكەش دېھقانلاردىن ۋە گۈزەل يېزىنىڭ سېخىي قوينىدىن ئۆزىگە تولىمۇ شېرىن، تولىمۇ لەززەتلىك، تولىمۇ قىممەتلىك جان گۈزەللىكىنى تاپماقچى بولىۋاتقاندەك، ئالتۇن قوياشنىڭ ھارارەتلىك نۇرلىرىدا، ھاياتلىق ئالىمىگە كۆز ئاچقان ھەر بىر تۈپ گۈل-گىياھتىن ھەر بىر جانغىچە، ھىچقانداق غەم-ئەندىشە، ئەلەم-كۈلپەت، ھەسرەت-نادامەت كۆلەڭگۇسىدىن مۇستەسنا ھالدا، تەن ۋە روھ ئىھتىياجىنىڭ ئالدىراشلىقىغا چۈشكەن زىمىندا، ئۆز قانۇنىيىتى تەنتەنە قىلىۋاتاتتى. نىمىشقىدۇر بۇ چۆل ماڭا بىر خىل تونۇشلا كۆرۇنەتتى. ئۇنىڭ باغرىدىكى ئادەملەر، مەھەلىلەر، ئېتىز-ئېرىقلىرى... ھەممە يەرلىرى گويا كىچىكىمدە ئويناپ چوڭ بولغان بوۋامنىڭ مەھەللىسىگە، چوڭ بولۇپ ماكان تۇتقان مەھەللەمگە، دەم ئېلىش، ھېيىت بايراملاردا ئاندا-مۇندا بېرىپ تۇققان يوقلايدىغان چوڭ شەھەرگە بەكمۇ ئوخشايتى. چۆل ئىچىگە كىرگەنسىرى، كۆڭلۇمدىكى ھەيرانلىق ھىسلىرى ئاستا-ئاستا كۆتۇرۇلۇشكە باشلىدى. ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسە خۇددى بازار كۇنىدىكى بازارچىلار ئۆز ھەلەكچىلىكى ۋە ئالدىراشلىقى بىلەن ئۆزىدىن باشقا ھېچ كىشىگە دىققەت قىلماي ئالدىراش يۇرۇشكىنىگە ئوخشاش، ماڭا ھېچقانداق ئادەم دېققەت قىلمايتى. مەن ئۇلارغا شۇنچە دېققەت قىلساممۇ، ئۇلارنىڭ ماڭا قاراشقا ۋاقتى يوقتەكلا كۆرۇنەتتى. مەن بۇ چۆلدە ئۆزۇمنى رىۋايەتلەردىكى ئەرۋاھلاردەك ھىس قىلاتتىم. چۆل قوينى مەن كۆرۇپ تۇرۇۋاتقان ئادەملەرىنىڭ ئۆز يۇرىكىگە ھەسرەت تىغلىرىدا ئۆزى يېزىۋاتقان قاباھەت قىيناقلرى بىلەن بارغانچە قىزىپ كەتتى. ئۇلار قان تامچىپ تۇرغان كۆزلىرىنى، ئۆز يۇرىكىدىن باشقا ھەممە-ھەممىنى كۆتۇرەلەيدىغان ئاشۇ بىر جۈپ قولى بىلەن سۈرتۈۋېتىپ، بۇ ئۆمىرىدە ھېچقاچان بىرەر داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرنى كىيىپ باقمىغان جىسمىنى ئاستا تىك تۇتۇپ، ئالدىغا قارايتتى. مەن ھەيران ئىدىم. مەن ئەجەپ شۇنچە يىل بۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈرۈپ، بۇلارنىڭ كۆزىدىن بۇنداق قان تامچىيدىغاننى كۆرمىگەنلىكىمدىن تولىمۇ ھەيران ئىدىم. كۆڭلۇمدە، بۇ چۆلنىڭ سىرى توغرىسىدا قانداقتۇر بىر خىل چۈشەنچە ئەگىز تامچىلىرىدەك تېمىشقا باشلىدى. « مۇھەببەت چۆلى » مېنى ئۆزىگە تارتاتتى. ئۇنىڭ باغرىدىكى نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ سىياقى بارا-بارا ئۆزگۇرۇپ بېرىۋاتاتتى. بەزىلىرىنىڭ پىشانىسىدىن ئاققان تەرلىرى ئاياق ئاستىدا سانسىز چېمەنزار پەيدا قىلسا، بەزىلىرىنىڭ بېشى ئېشەككە ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇپ، قەدەم باسقان ئىزىدىن توپا ئۆرلەپ، ئاشۇ تەرلەردىن گۈلزارغا ئايلىنىۋاتقان چىمەنزارنى توختاۋسىز يالماپ باراتتى. بەزىلىرىنىڭ جىسمى ئالتۇنغا ئايلىنىپ كەتسىمۇ، يەنىلا ئادەملەردەك نورمال ھەرىكەت قىلىپ يۈرەتتى. ئەمما كۆپ ساندىكىلىرى بىر نەرسىنى ئىزلەۋاتقاندەك، بىردە كۆككە تەلمۇرسە، بىردە ئۆزىنىڭ ئاياق ئىزلىرىغا ئۈنسىز نەزەردە سەپ سالاتتى. گويا بىر نەرسىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلىشۋاتقاندەك كۆرىنەتتى...
مەن چۆلدىن چىقتىم. ھەممە نەرسە كۆز ئالدىمدىن غايىپ بولدى. ئەمما، قەلبىم كۆكىدە، مۇھەببەت، نىكاھ، ئائىلە، مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلەرنىڭ ئەبجەش ھىسلىرى چۇقان كۆتۇرمەكتە ئىدى. قىزلىق ئىپپىتىنىڭ ئاياللىق ھاياتىغا كۆرسىتىۋاتقان غايەت زور، مۆلچەرلىگۈسىز كۇلپەتلىرى، ئىنسانىي ئارزۇ-ئىستەكتىن مۇستەسنا ئادىمىي ھايۋانلارنىڭ قاۋان توڭگۇز كەبئىي قۇتراشلىرى، نارەسىدىلەرنىڭ ئۆسمۇرلۇك مەۋسۈمى ئاياقلاشماي تۇرۇپلا قىزلىق ھاياتىغا بېسىلغان «كەمتۈك» لىك تامغىسى، ۋاقىتسىز چەيلەنگەن گۈللەرنىڭ ئېچىنىشلىق نالە-پەريادى، كۆزلىرىدىن قان تامچىۋاتقان ئانىلار، يۇرىكىدىن جان بېرىۋاتقان ئاتىلار، نۇمۇس ۋە خورلۇقتىن پارتلاتقۇچ دورىنىڭ پىلتىسىدەك كۆيۇپ بېرىۋاتقان ھايات ! ...
مەن سىلكىنىپ كەتتىم. كۆز ئالدىمىدا بىر توپ ئادەم سىياقىدىكى ھايۋانلار، قەلەندەردىن پەرىقسىز ھالەتتە ئۆزى پايخان قىلغان نارەسىدە غۇنچىلارنىڭ ھەسرەتلىرىدىن پەخىرلىنىپ ھىجىيىشماقتا ئىدى. « ھايۋان!...»، جىسمى ئادەمگە، قىلىقى ھايۋانغا، كۆڭۇل ئېتىزى باياۋانغا ئوخشاش بۇ بەتبەشىرىلەرگە ۋارقىرىدىم. ھەي، ناكەسلەر! سەن ئۆز قېرىندىشىڭنى، ئۆز قېرىندىشىڭنىڭ پەرزەنىتلىرىنى ئاياق ئاستى قىلىسەنغۇ ئاخىر !؟ مەن سەن بىلەن بىر قەۋىمدىن بولۇپ قالغانلىقىمدىن ئۆلگۈدەك نۇمۇس قىلىدىم، دېسەم ھەرگىز ئارتۇق ئەمەس.
ئۆمەرجان ئوبۇل ئۆز تۇغ، يۇرەكلىك ھالدا مىللىتىمىزنىڭ قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن، ھاياتلىقتا، تۇرمۇشتىكى نىكاھنىڭ شەكىلسىز قانۇنىيىتىگە ئايلىنىپ، مۇھەببەت، نىكاھ، ئائىلىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ، « نىكاھ بەخىتسىزلىرى » نىڭ سانىنى يىلمۇ-يىل ئاۋۇتۇپ بېرىۋاتقان، رەھىمسىز رىئاللىقنىڭ سەۋەبكارى بولمىش روھىيەت گادايلىقىدىن تۆرەلگەن، پەسكەشلىك پاتقاقلىرىغا مىلىنىپ، ئۆز ئەسلىنى تامامەن يوقاتقان ئادىمى ھايۋانلارغا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا نەپرەت قامچىسى ئۇردى.
ئاپتۇر بۇ ئەسىرىدە پۇرسۇناژلار خارەكتىرىنى ئىپادىلەش ۋە خاسلىق يارىتىش جەھەتتە، خېلى كۈچ سەرىپ قىلغان بولۇپ، ھاياتقا، تۇرمۇشقا ئۈمىد بىلەن قاراش، ئۆز نۆۋىتى كەلگەندە ئۆزىنى بەخىتسىزلىك گىردابىغا قىستاپ، ئازاپ پاتقاقلىرىغا پاتۇرىغان ئەشەددىي دۇشمەنلىرىنىڭ نارەسىدىلىرىگە تۇرمۇشنىڭ توغرا يولى ۋە ئىنسانىي مىھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلىشتىن ئىبارەت ئادىمىيلىك ئىددىيىسىنى باش پۇرسۇناژغا باشتىن-ئاخىر سىڭدۇرۇپ بارغان. ئاپتۇرنىڭ قەلىمى ئاستىدا يورۇپ بېرىۋاتقان پۇرسۇناژلارنىڭ خارەكتىر-ئالاھىدلىكلىرىدىن، ئاپتۇرنىڭ پۇرسۇناژلار ئوبرازىنى يارىتىش ئۈچۈن خېلى زور كۈچ سەرىپ قىلغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز. ئاپتۇر ئەسەرنىڭ بېشىدىن-ئاخىرىغىچە ئىزچىل ھالدا، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن پۇرسۇناژلارنىڭ خاسلىقىنى، روھى ھالەت ئۆزگۈرۈشلىرىنى تاۋلاپ، ئەسەرنىڭ چىنلىق ۋە ئۆزلۈك كۈچىنى ئاشۇرغان. بۇنىڭدىن ئاپتۇرنىڭ يېزىقچىلىقتىكى ئۆزىگە خاس بىر خىل دېت ساھىبى ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشىمىز ئانچە تەس ئەمەس.
مۇھەببەت چۆلى يۇقارقىدەك ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۇرگەن بولۇپ، كىشىگە تەبئىي رەۋىشتە ئىنسانىي خىسلەت ئىگىلىرىدىن بولۇش بىشارىتىنى بېرىدۇ. شۇنداقلا ئادىميلىكنىڭ يۈكسەكلىكىگە يېتىش يولىدا دادىل قەدەم بېسىشقا دالالەت قىلىدۇ. قەلەم ساھىبى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئادىمىيلىككە قىلغان سەپىرىدىكى قەلىب ھاسىلاتلىرىنى تەڭ ئورتاقلىشىش مەقسىدىدە، سەپەرداش ئىزلەپ، گويا پايانسىز چۆلدە سۇغا تەشنا بولغان يىگانە يولۇچىغا ئوخشاش كەڭ كىتابخانلارغا ئۈنسىز مۇراجەت قىلىدۇ.
ئالتۇنمۇ يۇز پىرسەنىتلىك بولمايدىغانلىقى ئەقىلدارلىرىمىزنىڭ ھەممىسىگە ئېنىق بولغان چۈشەنچە. ئەسەر مۇئەللىپى « مۇھەببەت چۆلى » دە،  ئۆزىنىڭ قەلىب قاتلىمىدىكى تەبئىي تۇرمۇش كارتىنىسى، ئەتراپلىق مۇلاھىزە، چۇڭقۇر ئىزدىنىش، روھ قىدىرىشى ئارقىلىق، ئاشۇنداق ئالاھىدىلىك ۋە ئارتۇقچىلىقلارنى ئۆزىدە يىتىلدۇرگەن بىر خاسلىققا ئىگە ئەسەرنى رۇياپقا چىقىرىشقا مۇيەسسەر بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەسەر ۋەقەلىكىنىڭ راۋاجىغا ھەددىدىن ئارتۇق بېرىلىپ كۈچ سەرىپ قىلىپ، ئەسەرنىڭ ئەسلى يورۇتۇپ بېرىلىۋاتقان ماھىيىتىگە بىر خىل توقۇلما تەسىرىنى بېرىپ قويىدىغان ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىغا زىمىن ھازىرلاپ بەرگەن. يەنى ئون توققۇزىنچى باب ـــ قوي تېرىسىدىن چىققان بۆرە دېگەن بابتا، يازغۇچى تەبئىي ئىپادىلىسە تامامەن بولىدىغان بىر بۆلەك مەزمۇن ئۈچۈن بىر مۇنچە ئورۇنسىز ئويدۇرمىنى قوشۇپ قويغان.« ... ـــ قېنى ماشىنىغا چىقىڭ، يەنە بىر دەم ساقلىسىڭىز كۆيۈك ئاپتاپ ئايدەك رۇخسارىڭىزنى كۆيدۇرۇپ قويمىسۇن يەنە، قېنى بولىڭە، سىزنى ئالغاچ كېتەي!......». مانا مۇشۇ بۆلەكتىن باشلاپ، تاكى قىز مىھمانخانا ياتىقىدا توك سىمىنى يالىڭاچلاپ قارشىلىق بىلدۇرگىچە بولغان جەريان، كىتاپخانلاردا بىر خىل سۈنئىي قۇرۇلمىدەك، گەرچە رېئال تۇرمۇشىمىزدا شۇنداق ئىشلار ئاندا-ساندا بولۇپ قالىدىغانلىقى راسىت بولسىمۇ، ئەمما ئەسەردىكىدەك بولمايدىغاندەك بىر خىل تەبئىي ئىنكاسنى شەكىللەندۇرۇپ قويىدۇ. چۇنكى قىز ــ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى. ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئېگە بىر قىز ئۈچۈن، گەپنىڭ بېشىدىلا « ... ـــ قېنى ماشىنىغا چىقىڭ، يەنە بىر دەم ساقلىسىڭىز كۆيۈك ئاپتاپ ئايدەك رۇخسارىڭىزنى كۆيدۇرۇپ قويمىسۇن يەنە، قېنى بولىڭە، سىزنى ئالغاچ كېتەي!......» دېگەندەك ئوچۇقتىن-ئوچۇق ھاياسىزلىققا ئىشارەت قىلىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىغان بىر قىز ئۈچۈن دەرھال ئۇ كىشىنىڭ ماشىنىسىغا ئۆزى يالغۇز چىقىپ، يىراق مۇساپىگە بىللە مېڭىشى ۋە شەھەرگە بارغاندىن كىيىنمۇ ئۆزىنىڭ يوللۇق تەلىۋى بىلەن مەكتىۋىگە كىرىپ كەتمەي، يالقۇننىڭ ئارقىسىدا يۇرۇش، ھەتتا مېھمانخانىدا يالقۇننىڭ ياتىقىدا كېچىگىچە تۇرۇش دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى كىشىگە بۇ قىزغا قارىتا بىر خىل گۇمانىي نەزەردە قاراشقا سەۋەب بولىدۇ. بۇ قىز زادى قانداق قىز؟ ... يازغۇچى ئەسلى توغرا مۇددىئا بىلەن توغرا كېلىۋاتقان ئەسەر تەرەققىياتنى تېخىمۇ بىر پەللە يۇقۇرى كۆتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى كولىمناتىسيە نوقتىسىغا قاراپ ئىتتىرىش باسقۇچىدا، ئۆزىمۇ دېققەت قىلمىغان ھالدا، ئەسەر ۋەقەلىكىدە « ياۋا شاخ »نىڭ ئۆسۈپ چىقىشىغا يول قويغان. بۇنىڭ بىلەن ئەسەرنىڭ چىنلىقىغا ئازىراق نوقسان يەتكەن. گەرچە بۇ پۇتكۇل ئەسەر مەزمۇنىغا چوڭ دائىرىدە تەسىر يەتكۇزۇپ كەتمىگەن بولسىمۇ، بىراق، ئەسەردىكى ھەر بىر نوقتىغا يۇكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتىسيە بىلەن قارايدىغان كىتابخانلار ئۈچۈن بۇمۇ چوقۇم دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەسەرنىڭ ئاخىرقى راۋاجى قىسمى ھەقىقەتەن ياخشى جىپسىلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تۈرمىدىكى پاجىئە ــ ئادەمنى چۇڭقۇر ئويغا سالىدۇ. بۇ شۇنداق بىر توغرا كېلىپ قېلىشمۇ ياكى شۇنداق ئەھۋال رېئال تۇرمۇشىمىزدا، ئەتراپىمىزدا بارمۇ؟ مەن بۇ خىل ئىپادىلەشتىن ھوزۇر ئالدىم. يازغۇچىنىڭ ئەسەر ۋەقەلىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى جاينى تاپقانلىقى مېنى خۇشال قىلدى. چۈنكى، مەن بۇ ئەسەرنى ئوقۇش جەريانىدا، باشتىن ـ ئاخىر ئەسەر ۋەقەلىكىنىڭ، ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ بىر يەرلىرىدە، ئاپتۇر ئۆزىمۇ سەزمەي يول قويغان بىر خىل سەۋەنلىك كۆرۇلۇپ، ئەسەر مەزمۇنىنى، سۈپىتىنى خۇنۈكلەشتۇرۇپ قويارمۇ؟ دېگەن ئىزتىراپلىق خىيال ئەگىپ يۈرگەن ئىدى.
ئىنسان ئۆزىنى تونۇش بوسۇغىسىدا تەمتىرەپ يۈرگىنىدە، ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆز قەۋمى ئىچىدىكى ئۆزىگە ئەڭ تەسىر قىلغان ئادەملەردىن ئۈلگە ئېلىشى مۈمكىن. ئادەمنىڭ تونۇشى ئۆزلۈك بوشلۇقىغا قاراپ شۇڭغۇغاندا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ماياك ھىسابلىنىدىغان مەنىۋىي قىرغاق غۇۋالاشسا، ئىنساننىڭ ئۆزلۈك قىممىتى تۇيۇقسىز چىققان تەتۈر قويۇندا ۋاقىتسىز توزۇغان گۈلدەك خازان بولىدۇ. بىز بارچىمىز خىلمۇ-خىل تىرىشچانلىق بىلەن ئۆز بېغىمىزنىڭ گۈل-غۇنچىلىرىنى بەرپا قىلىپ، تەربىيلەۋاتىمىز. ئۆز بېغىمىزنى قاغا-قۇزغۇندىن، تەتۈر قويۇندىن ساقلاش بىزنىڭ ئىنسانىي بۇرچىمىز ھەم مەڭگۈ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز. بۇنى تونۇپ يىتىش ــ نۆۋەتتە دەۋىرىمىزنىڭ قەۋمىمىز كىشىلىرىگە قويىۋاتقان جىددىي تەلىۋى. مەن ئۆمەرجان ئوبۇل ئۆزتۇغنىڭ بۇ ئەسىرىنى بىزنى بۇرچ تۇيغۇمىزنى ئويغۇتۇشقا چالغان جىددىي سېگىنال دەپ قارىدىم. سىزنىڭ قارىشىڭىزچۇ ؟
ئاپتورى: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بېڭتۈەنى3-دىۋزىيە 2- ئوتتۇرامەكتەپ ئۈنۋېرسال تۈزەش ئىشخانسىنىڭ مۇدىرى

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315