«زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز»نى ئوقۇشتىن تەسىرات

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-04 11:44
ئاپتور: مەردان ئەخمەت ئۇزدىل

يېقىندا ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەدنىڭ «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» ناملىق تور رومانىنى قايتىدىن ئوقۇپ چىقتىم.

بۇ روماندا بېيجىڭدا ئىسلام مەكتىپىدە ئوقۇشقا كەلگەن سىيىت قارى تاسادىبىي پۇرسەتتە بۇ يەردىكى ئەرەبلەرنىڭ ئەلچىخانىسىدا ئىشلەشكە كېلىپ قالغان ئۆز يۇرتلىقى زۆھرە بىلەن تونىشىدۇ، سىيىت قارى ئۇنىڭغا بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قالىدۇ، ھەم ئارىسالدىلىق ئىچىدە تەلەپ خېتى يازغان بولسىمۇ رەت قىلىنىشقا ئۇچرايدۇ، سىيىت قارى ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن ئاۋۋال زۆھرەنىڭ دوستى ئادىلەنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ بارىدۇ، لېكىن كۆڭۈلسىز پاراڭدىن تاماق چىققۇچە مېھماندارچىلىقتىن ئايرىلىپ كېتىپ قالىدۇ.

سىيىت قارى يۇرتىغا قايتىپ ئىمام بولىدۇ، ھەم بۇ جەرياندا ئاز بولمىغان قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ. زۆھرە قەتئىي ئېسىدىن چىقىرالمايدۇ، بىر قېتىم ئۆيلەنگەن بولسىمۇ ئىپپىتى بۇزۇلغان گۈلنىسانى توينىڭ ئۈچىنجى كۈنى تالاق قىلىدۇ، ھەم بۇ سەۋەبلىك ئېغىر روھىي زەربىگە ئۇچرايدۇ، ئىماملىق خىزمىتىدىمۇ قىيىنچىلىقلار ئاۋۇيدۇ. ئاز - تولا پايدا تېپىش مەقسىتىدە دوستى تايىر قارىغا ئەگىشىپ بېيجىڭغا تاش سودىسى قىلغىلى كېلىدۇ.

بېيجىڭدا قېلىپ قالغان زۆھرە ئاشخانىدا بىر مەزگىل ئىشلەيدۇ، دوستى ئادىلە بارچە ئاماللار بىلەن ئۇنى ئۆزىگە ئوخشاش تاپتىن چىقارماقچى بولسىمۇ، لېكىن مەقسىتىگە يېتەلمەي ئاخىرىدا ئىككىسى گەپ تالىشىپ قېلىپ زۆھرە ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ. كەينىدىن ئۆزىگە باسقۇنچىلىق قىلماقچى بولۇپ مەقسىتىگە يېتەلمىگەن خالىد ئىسىملىك ئەرەبنىڭ دوستى ھۈسىيىن بىلەن تونۇشىدۇ، زۆھرە ھۈسىيىننىڭ شاپائىتىدە بىر مەزگىل ياخشى خىزمەت ۋە باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشىدۇ، ھۈسىيىن ئۇنىڭ نۇمۇسىغا تەگمەكچى بولۇپ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ، دەل مۇشۇ پۇرسەتتە ئادىلە مېھمانخانىدا بېيجىڭغا كەلگەن سىيىت قارىنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ.

دەل مۇشۇ پەيتتە ئادىلە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ زۆھرەنى سىيىت قارى بىلەن بىللە بولۇپ تېزراق قىزلىقىدىن خوشلىشىشقا كۈشكۈرتىدۇ، زۆھرەنىڭ ئانىسىمۇ تېلفوندا ئۇنى سىيىت قارى بىلەن تويلىشىشقا قىستايدۇ، سىيىت قارىنىڭ دوستى تايىر قارىمۇ ۋاقىتلىق نىكاھ چارىسى ئارقىلىق ئۇلارنى ۋىسالىغا يەتكۈزمەكچى بولىدۇ. بىر قاتار قالايمىقانچىلىقلاردىن كېيىن ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلارغا نىكاھ ئوقۇلىدۇ. سىيىت قارى نەچچە كۈن تۇرۇپلا يۇرتىغا قايتىدۇ، ھەم تەقەززالىق بىلەن زۆھرەنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتىدۇ.

ئاخىرىدا، ئۈرۈمچىگە چىقىپ كەتكەن گۈلنىسا مىيىپ بولۇپ يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ. سىيىت قارى بېرىپ يوقلايدۇ، ھەم ئىچ ئاغرىتىدۇ. كورىيەلىك ئاشىقىدىن ۋاپا كەلمىگەندىن كېيىن بۇزۇقچىلىققا باشچىلاپ كىرىپ كەتكەن ئادىلە ئېغىر كېسەل بولۇپ قېلىپ، يامان يولدىن يانىدۇ، ھەم ئاكىسى داۋالىتىش ئۈچۈن قايتۇرۇپ ئەكېتىدۇ. ھۈسىيىننىڭ ئايالى زۆھرەنى ئىش ئورنىدا رەسۋا قىلىدۇ، ھۈسىيىن زۆھرەدىن ئۆزىرھاللىق سوراپ ئىشتىن بوشىتىدۇ ھەم زۆھرەگە بېرىپ تۇرغان ئۆينىمۇ قايتۇرىۋالىدۇ. زۆھرە يۇرتىغا قايتىپ ئائىلە كىشىلىرى بىلەن جەم بولىدۇ. سىيىت قارى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتكەن ھالال نېسىۋىسىگە ئاخىرى ئېرىشىدۇ.

بۇ ئەسەردە زۆھرە ئەڭ زىددىيەتلىك پىرسوناژ ئوبرازى بولۇپ، زۆھرە خالىدنىڭ باسقۇنچىلىق قىلماقچى بولۇپ مەقسىتىگە يېتەلمىگىنىدىن كېيىن دوستى ئادىلە بىلەن ئاشخانىدا پاراڭلىشىدۇ، ئادىلە ئۇنىڭغا ئىش ئۆگېتىدۇ. بۇ چاغدا زۆھرە «توي ئىشىنى ئويلىسا بېشى ئاغرىيتتى، ئەرگە تەگمەي ياشىغىلى بولغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى - ھە!» دەپ سۈپەتلەنگەن بولسا، كەينىدىنلا «قارا قورساق كۆرۈنگەنلىرى زۆھرەگە كۆز تاشلاپ قوياتتى، ئەمما بۇنداقلارغا زۆھرە قىزىقمايتتى. ئۇ ياش ئوغۇللار، كېلىشكەن يىگىتلەرنىڭ رېستۇرانغا كۆپرەك كېلىپ تاماق يېيىشنى، ئۆزىگە نەزەر ئاغدۇرۇشىنى، ئۆزى ئۈچۈن بىر تاللاش ئىمكانىيتى بەخىت ئېتىشىنى خالايتتى» ئاخىرىدا يەنە «بارلىق چىرايلىق قىزلارغا ئوخشاش زۆھرەمۇ كېلەچەكتىكى بەختىنى باش ئاغرىقى، ئامالسىزلىق ۋە زارىقىش ئىلكىدە كۈتمەكتە ئىدى.» دەپ ئىپادىلىنىدۇ، يەنە نۇزۇگۇم بەخىتكە ئېرىشەلمەي زۇلۇمدىن قېچىپ قۇتۇلدىرىدىغانغا ئەر بارمۇ دېگەن بولسا زۆھرە «تەلمۈرىدۇ كۆزلىرىم، كۆڭلۈمدىكى ئەر بارمۇ؟» دەپ ئۈنسىز نىدا قىلىدۇ، ئىچى پۇشىدۇ؟ زۆھرەنىڭ ھۈسىيىن بىلەن بولغان ھېسسىي كەچمىشى ئەڭ زىددىيەتلىك بىر مۇناسىۋەت بولۇپ، ھۈسىيىن ئەپتى بەشرىسىنى ئاشكارىلاشقا باشلىغاندا «ھۈسەيىن ئۆزىنى بىر ئوبدان ئاشكارىلاۋاتاتتى، زۆھرەنىڭ ئۈمىد قىلىدىغىنىمۇ ئەمەلىيەتتە مۇشۇ ئىدى.» دېيىلگەن بولسا بەش مىنۇتقا قالمايلا «زۆھرە ئۆزىنىڭ ھۈسەيىنگە قىلچە مەيلى يوقلۇقىنى، ھېسسىيات دېگەن نەرسىنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۇچۇپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى.» دەپ ئالدىدىكى ھېسسىياتىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ نىكاھقا بولغان چۈشەنچىسى ئوقۇرمەنلەرگە بەكمۇ غۇۋۋا، لېكىن ئۇ ئەنئەنىۋىي كۆز قاراشنىڭ، ئاچىسىنىڭ تەربىيەسىنىڭ ۋە ياكى سىيىت قارىنىڭ دىنىي تەلىملىرىنىڭ سەۋەبىنىڭ قايسى بىرىدىن بولمىسۇن شۇنداق مۇرەككەپ روھىي كەيپىيات ئىچىدە ئۆز قىزلىقىنى چوغنىڭ ئىچىدىكى پاختىنى كۆيدۈرىۋەتمەي ساقلاپ سىيىت قارىغا ئوڭۇشلۇق ئاتا قىلىدۇ.

روماننى ئوقۇش جەريانىدا مۇنداق 3 مەسلىنى بايقاپ قالدىم:

بىرىنجى، سىيىت قارى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يۇرتىغا قايتقاندىن باشلاپ بېيجىڭغا تاش سودىسى قىلغىلى كەلگىچە بولغان ۋاقىتنىڭ 1 يىل بولۇشى

سىيىت قارى بېيجىڭغا تاش سودىسى قىلغىلى كەلگەندىن كېيىن ئۆتكەن ۋاقىتنىڭ 1 يىل ئىكەنلىكى قايتا- قايتا تەكرارلىنىدۇ. مەيلى سىيىت قارى، ئادىلە، زۆھرە ياكى ئاپىسى بولسۇن بۇ بىر يىل دېگەن ۋاقىتنى بىر قانچە يەردە تىلغا ئالىدۇ.

مەلۇم بولغىنىدەك، سىيىت قارى يۇرتىغا قايتىپ 1 ئايدىن كېيىن مىللەت دىن - ئىشلار ئىدارىسىدىن 1 ھەپتىلىك ئوقۇش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ، كۈنلەر ئۆتۈپ مۇئاۋىن ئىمام بولىدۇ. 1 يىلدىن كېيىن باش ئىمام بولىدۇ، ئاندىن ناھىيەنىڭ 15 كۈنلۈك يىغىنغا قاتنىشىدۇ، ئۈرۈمچىدە 1 ئايلىق ئىماملار كۇرسىغا قاتنىشىدۇ . بىر مەزگىلدىن كېيىن جامائەت ئارىسىدا كۆزگە كۆرۈنىدۇ، ئازراق پۇل يىغىدۇ، گۈلنىسا بىلەن تويغا پۈتۈشۈپ توي تەييارلىقى قىلىدۇ، توينىڭ 3.كۈنى ئاجراشماقچى بولىدۇ، ئاجرىشىدۇ. بىر مەزگىل جامائەت ئارىسىدا يامان پىكىرگە قالىدۇ، بىر مەزگىل ئەيدىز نوتۇقى سۆزلەيدۇ، يېڭى مۇئاۋىن ئىمام كېلىپ ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگەللەيدۇ، سىيىت قارى بىر مەزگىل ئىستىقامەتكە چۆكىدۇ. ئاندىن دوستى تايىر قارى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بېيجىڭغا بارىدۇ. دېمەك، بۇ ئارىلىقتا ئۆتكەن ۋاقىتنى تەخمىنىي ھېسابلىساق ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 20 ئايغا بېرىپ قېلىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ رەسمىي ئىمام بولغاندىن كېيىن جامائەت ئارىسىدا كۆزگە كۆرۈنۈپ بايلار قاتارىغا ئېلىنىپ، توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغ، ئات قويۇشلاردىن كەم قالماي قوشۇمچە كىرىم يارىتىپ تويغا ئىشلەتكەن پۇلنى يىغىشقا ئاز بولغاندا 3 ئاي كېتىدۇ.

ئىككىنجى، ھۈسىيىن بىلەن خالىدنىڭ ياش مەسلىسى

ھۈسىيىن روماندا مۇنداق پەيدا بولىدۇ «بىر كۈنى چۈشتە خالىد رېستۇراندا توساتتىن پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇ يەنە بىر تەڭ دېمەتلىك ئەرەب بىلەن بىللە كەلگەنىدى.» ئوقۇپ بۇ يەرگە كەلگەندە ئۇنىڭدىن بۇرۇن روماندا تەسۋىرلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن خالىد يىگىرمىدىن ئازراق ئاشقان بىر ياشتەك ئېسىمدە بولغاچ، ئۇنىڭ بېلەن تەڭ دېمەتلىك بۇ ئەرەب ھۈسىيىننىمۇ شۇ ياشلاردا دەپ ئويلىغان ئىدىم، لېكىن كەينىدىن «كۆزى ياشلاردەك ئويناپ تۇرغان بىلەن مىجەزى شۇ يېشىغا خاس تەمكىن كۆرۈنەتتى.» دېگەن تەسۋىردىن ھۈسىيىننىڭ كۆزى ياشلاردەك، لېكىن ئۆزىنىڭ يېشى چوڭ ئىكەندە دېگەن تۇيغۇدا بولۇپ، كەينىدىنلا «زۆھرە 40 ياشلاردا بولسىمۇ، 50 ياشلىق ئادەمدەك چوڭ كۆرۈنىدىغان بۇ ئەرەبنىڭ تەمكىنلىكىنى، مۇلايىملىقىنى ياقتۇرسىمۇ، شوخلۇقى كەتمەيدىغان كۆزلىرىدىن يەنىلا ئەنسىرەيتتى» دېگەن قۇرلاردىن بەكمۇ ھەيران قالدىم، روماننىڭ كەينىدىكى مەزمۇنلاردىن ھۈسىيىننىڭ ھەقىقەتەنمۇ 40 ياشلار چاممىسىدىكى ئادەم ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

زۆھرەنىڭ ئاپىسى سىيىت قارى يۇرتىغا قايتىپ زۆھرە قايتمىغاندىن كېيىنكى تېلفون پارىڭىدا زۆھرەنىڭ يۇرتىدا 20 يىل ياشىغانلىقى، بېيجىڭدا پەقەت 3 يىل تۇرغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ، دېمەك زۆھرە بۇ چاغدا 23 ياش، بىر يىل ئەرەب باش ئەلچىنىڭ ئۆيىدە خىزمەتكار بولىدۇ، بىر يىل چەتئەل تىلى مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ، سىيىت قارى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كېتىپ بىر يىل خىزمەت قىلىدۇ. زۆھرەنىڭ باش ئەلچىنىڭ ئۆيىدىكى ۋاقتىدا «20 نەچچە ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان، ئەمما قارىماققا خېلى چوڭ كۆرۈنىدىغان بۇ ئەرەب تېخى توي قىلمىغانىدى.» دەپ تەسۋىرلەنگەن خالىدنىڭ 3 يىلدىن كېيىن 40 ياشلار چاممىسىدىكى ھۈسىيىن بىلەن تەڭ دېمەتلىك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىش ئەلۋەتتە.

ئۈچىنجى، زۆھرەنىڭ ئادەت كۆرگەن كۈنىدە نىكاھ ئوقۇلۇشقا قوشۇلۇشى

زۆھرە ئادەت كۆرۈپ قېلىپ ھۈسەيىنگە ئىسپات كۆرسىتىپ تۇرۇپ رەت قىلىدۇ، كەينىدىن سىيىت قارىنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ مەن بىلەن بىللە بولسىكەن، دەيدۇ، ئۇلار ئەتىسى نىكاھ ئوقۇتماقچى بولىدۇ، ئادىلەنىڭ بۇزغۇنچىلىقى بىلەن نىكاھ ئوقۇلمايدۇ. ئۇنىڭ ئەتىسى ئىشقا كەلگەندە ھۈسەيىن نېمىشقا ئىشقا كەلمىگەنلىكىنى سورىسا مىجەزىم يوق دەيدۇ، «دېمىسىمۇ ھەيز تېخى تۈگىمىگەنىدى، شۇڭا زۆھرە تۆنۈگۈندىن بېرى مىجەزى ئۆزگىرىپ، سەپرالىشىپ، ئادىلە بىلەن سوقۇشۇپ، سىيىت قارىغىمۇ قاتتىق گەپلەرنى قىلىپ يۈرەتتى.» دېمەك ئەسلى نىكاھ ئوقۇلماقچى بولغان تۆنۈگۈندە زۆھرە تېخى ساقىيىپ بولالمىغان، زۆھرە نىكاھ ئوقۇلغان كۈنى ئەر خوتۇننىڭ بىللە بولىدىغانلىقىدىن بىخەۋەر ئەمەس، ئادەت كۆرگەندە بىللە بولسا بولمايدىغانلىقىنىمۇ بىلىدۇ، ھەر ھالدا ئادىلە ئىشنى بۇزۇپ ئەسلىدە پۈتۈشكەن نىكاھ 2 كۈن كېچىكىپ ئوقۇلىدۇ.

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315