جىن ئىشىك چەككەندە ئىشىكنى ھەرگىز ئاچماڭ!

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-03 12:38
 
گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى


     يەنە ئىشىك چېكىلدى. ئۆزۈممۇ خۇددى كونتروللۇقۇمنى يوقاتقاندەك، ياق، خۇددى باشقا بىرى مېنى كونترول قىلىۋالغاندەك ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ئىشىكنى ئاچتىم. ئەس-يادىم جايىدا، بۇ كېچىدە ئىشىكنى چەككەن كىمدۇ؟ يەنە شۇ مۈشۈكمىدۇ ياكى ھېلىقى ئاق رومال ئارتىۋالغان ئايال ئەرۋاھمىدۇ؟
    ھېچقايسىسى ئەمەس ئىدى، ئىشىكنى ئاچقان شۇ دەمدە، يېنىمدىن مۇزدەك ھەم يىرىك بىر نەرسە ئۇرۇلۇپ ئۆتۈپ كەتتى، تېنىم شۈركىنىپ غال-غال تىترەشكە باشلىدىم. بىر قولۇم ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىدا، بىر قولۇم بولسا يانفوننى چىڭ تۇتقان ھالدا قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. بۇ نەرسە نېمىدۇ؟ توۋا شۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ؟ ئەلۋەتتە جىن! ئەمسە ئۇ ھازىر قەيەردە؟ يېنىمدا تۇرغانمىدۇ ياكى ئىچىمگە كىرىۋالغانمىدۇ؟ بۇ چاغدىكى قورقۇنچ ۋەھىمە جېنىمنى ئېلىپ يېنىمدا قويغىلى تاس قالدى. (ئەلۋەتتە مۇشۇ چاغدا سىلەر بولساڭلارمۇ قورقاتتىڭلار)  
    ئىچىمدە ئوقۇپ تۇرساممۇ، كۆزلىرىمنىمۇ مىدىرلىتىشقا ئامالسىزمەن! ئاھ، خۇدا نېمىشقىمۇ ئىشىكنى ئاچقاندىمەن؟ بۇ بىر چۈش بولۇپ قالسىچۇ كاشكى!؟ ئەينى چاغدا كۆرگەن قورقۇنچلۇق چۈشلىرىمدىن بىرى، مەيلىكى ئەڭ قورقۇنچلۇقى بولۇپ قالسىدى، ئويغىنىپلا كەتسەم ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كېتەتتى. 
    «غىچ...» قولۇم ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىدىن ئاجراپ كەتتى. ئىشىك ئۆزلىكىدىن يېپىلىۋاتاتتى، يۈرىكىم قېپىدىن ئاللىبۇرۇن چىقىپ بولدى دېسەم ھەرگىز مۇبالىغە قىلغان بولمايمەن. كارۋىتىممۇ خۇددى ھەربىر قېتىم مەن ئۈستىگە چىققاندا ئۈنچىققاندەك بىر خىل ئاۋاز چىقاردى. ھەئە، ئۇ مېنىڭ ئورنۇمدا چىقىپ يېتىۋالغانىدى. قاراڭغۇدا ھېچنېمىنى كۆرمىسەممۇ، ئۇنىڭ ئىشىكنى يېپىۋېتىپ ئاللىبۇرۇن كارۋىتىمغا چىقىپ بولغىنىنى قىياس قىلىپ بولدۇم. ئۇنىڭ ماڭا چېقىلىش نىيىتى بولسا، بايىلا چېقىلاتتى. شۇڭا يەنىلا بېشىمغا كەلگەننى كۆرەي، يا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ بىراقلا ساراڭ بولارمەن، ياكى ئەتە دوستلىرىم قايتىپ كەلگەندە، ئەلۋەتتە مېنىڭ قېتىپ كەتكەن جەسىتىمنى كۆرۈپ چىرقىرىشىپ يۈرۈپ، ئۆيدىكىلەرگە خەۋەر قىلىدۇ. 
    ئاستا مېڭىپ كارىۋىتىمنىڭ يېنىغا بېرىپ، يوتقىنىمنى تۈزەشتۈردۈم. بۇ يەردە بايىقىدەك مۇزدەك ھەم يىرىك نەرسە ماڭا ئۇرۇلمىدى. ئەمما، قوي كالىلارنىڭ ئىنىدەك بىر خىل بەدبۇي پۇراق زادىلا ئارام بەرمەيۋاتاتتى. ئوقۇشۇمنى توختاتماي ياستۇققا بېشىمنى قويدۇم. ئۈستۈمدىكى كارىۋات غىچىرلاشقا باشلىدى، كارىۋاتنىڭ ئوڭ تەرىپىگە قويۇلغان كىيىم ئىشكاپىمنىڭ چوڭ ئەينىكىگە ئىختىيارسىز قاراپ سالدىم. 
    رەڭگىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان ئاقۇچ سۇررەڭلىك بىر مەخلۇق، ئىككى پۇتىنى تورۇسقا تىكلەپ، بېشىنى كارىۋاتقا مىختەك قاداپ تۇرماقتا. ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرەلمىدىم، پەقەت بىر ئېگىزلا گەۋدە، تۇيۇقسىز دېرىزىدىن كىرگەن بىر يورۇقلۇق دەل شۇ تامغا، يەنى ئۇ مەخلۇق بىلەن ئىككىمىز ئاستى-ئۈستى تۇرغان بۇ كارىۋات يۆلەكلىك تامغا چۈشتى. مەن ئەينەككە قارىغان پېتى ياتماقتىمەن، ئەنە بىر قول، يەنە بىر قول ئۈستۈنكى كارىۋاتتىن پەسكە مېنىڭ بېشىمغا قاراپ سوزۇلماقتا. ئۇنىڭ يىرىك قوپال ھەم مۇزدەك قولى چېچىمنى جىراپ ئۆتۈپ، مۈرەمدىن تۇتتى-دە، مېنى ئېگىزگە تارتىشقا باشلىدى. ئۈستۈنكى كارىۋاتنىڭ پەنلىرىگە بېشىم تېگىۋاتاتتى، ئاغرىق سېزىمىدىنمۇ ياكى قاتتىق ۋەھىمىدىنمۇ ئاللىبۇرۇن ھوشۇمنى يوقىتىپ قويغانىدىم. 
    - ياق! ياق!
    - ئۇف، سېنى يەنە قارا باستىما؟ - دوستۇم شېرىن ئۇيقۇسىنى بۇزغىنىمدىن زېرىككەندەك تەلەپپۇزدا، كەينىدىنلا يەنە بىر دوستۇمنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازىدىن ھەممەيلەن قورقۇپ ئۇنىڭغا قاراشتۇق. ئەمما ئۇ ماڭا قاراپ بىر قولى بىلەن بېشىمنى كۆرسىتىپ، بىر قولىدا ئاغزىنى ئېتىۋېلىپ ۋارقىراۋاتاتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرى قورقۇنچتىن تېخىمۇ يوغىناپ، چانىقىدىن ئاققان ياشلىرى ئارىسىدا ھەتتا چالا يۇيۇلغان گىرىم بىلەن ئارىلاشقان چاپاقمۇ قوشۇلۇپ چىققانىدى. 
    بېشىم تېڭىقلىق ھالەتتە ياتقىلى ئۈچ كۈن بولدى. تىنچلاندۇرۇش ئوكۇلى بىلەن ئۇخلاپ قالمىساملا، يەنە شۇ مۇزدەك يىرىك مەخلۇق مۈرەمدىن تارتىپ ئەچىقىپ تورۇسقا ياكى ئىشىككە ۋە ياكى كېسەل كارىۋىتىمغا توختىماي ئۈستۈرەتتى. 
    ئاھ، ئوڭشىلىپمۇ كېتەرمەن، ئەمما مەن ئۇنىڭدىن قۇتۇلغان كۈنى، ئۇ بەلكىم ئاراڭلاردىن مەلۇم بىرىڭلارنى ئىزدەپ كېتىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن!
 
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315