قانلىق تاللاش

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-03 12:25

(مىكرو ھېكايە)

مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئوغلانى


      ئۈچ كېشى بىللە سەپەرگە چىققان ئىدى ، ئۇلار بىر ئات ھارۋىسى ھەيدەپ ماڭغان بولۇپ ، ئالدىغا ئاسمان بىلەن يەرنىڭ ئارلىقىدىكى ئۇپۇق سىزىقىغا تۇتاشقان كەڭرى توپا يول سوزۇلغان ئىدى . 
      ئەپسۇس ، بىر تاغدىن ئۆتكەندە بىر كىشىنىڭ قولىدا بىر قانغا بويالغان توقماق تۇراتتى . ئالدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان يولغا قاراپ ،ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ياش ئەگىشكە باشلىدى. 
     يول ئاخىرىغا چىقمىغاندىن كېيىن ، بىرسى چۆچەك سۆزلىدى ، ئۇنىڭدا ئۈچ كىشىنىڭ ھېكايىسى بولۇپ، ئۈچ ئاچا يولغا ئۇچراپ ئۈچكە بۆلۈنۈپ ماڭغانلىقى ، چۆچەكتىكىلەر قولىدىكى ئالتۇننى ئۈچكە بۆلۈپ يۈرۈپ كەتكەنلىكى سۆزلەنگەن ئىدى . 
       ئۈچ ئاكا - ئۇكا دادىسىدىن قالغان مۇشۇ بىردىنبىر ئات ھارۋىسىنى ئويلاشتى ، ئەگەر ئۈچ يول ئۇچىراپ قالسا ئات ھارۋىسىنى كىم ئالىدۇ ؟ ئۇلار تېخىمۇ ئويلاشقا باشلىدى . ئويلىغانسىرى كۆڭلى بۇرۇقتۇرما بولدى . تاڭ ئاتاي دىگەندە ،ئاخىرى كۆڭلىدىكىنى  سۆزلەشتى ،كىلىشەلمەي تالاش-تارتىش قىلدى ،بىر -بىرىگە قايىل بولماي مۇش كۆتۈرۈشتى . ئۇرۇشتى ، ئىككىسى بىرسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى ، يەنە ئىككىسى بىر -بىرىنى ئۆلتۈرۈشتى . ئاخىرى قولىدا توقماق بار بىرسى يەڭدى . 
       ھارۋىدا ئىككى جەسەت ياتاتتى ، لېكىن ئات ھارۋىسى شۇنچە مېڭىپمۇ  ئۇلار تاللىماقچى بولغان ئۈچ ئاچا يولنى بايقىمىدى ، بەلكى يەنە ئىزچىل شۇ بىر ئۇزۇنغا سوزۇلغان يولدا كېتىپ باراتتى  ... 

تىيەنجىن
2014-04-26   

يانفۇندا كۆرۈش
    315