‹‹ BRTدىن باشلانغان دوستلۇق 2 ››

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-03 12:18


  ئۇماڭا قاراپ كېلۋاتاتتى ، ئۇنى كۆرۈپ توختىدىم . ئۇيىنىمغا كەلدىدە تۆۋەن ئاۋازدا ،-
-بايا بەكلا ئەدەپسىزلىك قىلىپ قويۇپتىمەن كەچۈرۈڭ.   
- ھېچقىسى يوق شۇغىنسى سىزگە ياردەم قىلالماي قالدىم .   
- ياق ، ياق ئۇنداق دىمەڭ ھەممە گۇناھ ئۆزۈمدە تۇرسا ،-دىدى ئۇ بېشنى تۆۋەن سېلىپ ،-   
- پۇلنىلا ئالغان بولسىغۇ مەيلىتى لېكىن پۇل قاپچۇقۇمدا بەكلا موھىم نەرسىلەر بار ئىدى بۈگۈن كەيپىياتىم بەك ياخشى ئەمەس شۇڭا سىزگە قوپال تېگىپ قويدۇم . سىز قەشقەردىن ئوخشايسىز ؟-    
- ھەئە مەن قەشقەردىن . شۇنداق پاراڭلارنى قىلغاچ بىكەتتىن چىقتۇق .   
-ھەي ئېسىت تىلفۇنۇمنىمۇ ئېلىپ مېڭىپتۇ بۇ نائەھلى سىزدىن كەچۈرۈم سورۋالمىسام بىر ئۆمۈر ئۆزۈمنى ئەيىپلەپ ئۆتەتتىم ،-
-ۋاي بولدى ھېچقىسى يوق بىزلە ماڭايلى  ،- دىدىم مەن يىگىت بىلەن خوشلىشىپ كېتىپ قالدۇق ، ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئىچىم ئاغرىدى لىكىن نىمە ئامال . شۇنداق قىلىپ ھەر ئككىلىمىز ئۆز يولمىزغا راۋان بولدۇق . ئەمدىلا چوڭ بازارغا كېلشىمىزگلا تۇيۇقسىز تېلفۇنۇم سايرىدى ،-   
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .-   
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام .- بۇ بايقى ساقچى قىزنىڭ ئاۋازى  ئىدى  
- بايا دىلو مەلۇم قىلغان قىز ...-  
- ھەئە مەن شۇ نىمە بىر ئىش بارمىدى ،-دىدىم مەن ساقچى قىزغا    
- بىر يانجۇقچى تۇتۇلغانتى مالال كۆرمەي ساقچىخانغا كېلىپ خىزمىتمىزگە ماسلىشىپ بەرسڭىز ، سورايدىغان مەسسىللەر بار ئىدى ،- ماقۇل دىدىم مەن ئىچىمدە ئوغرنىڭ تۇتۇلغىندىن شۇنچىلىك خۇش بولدۇم سىڭلىم يەنە سۆزلەشكە باشلىدى  
-مانا ئەمدى قىلغىلى ئىش تاپالمىغاندەك كۆرگىنە مانا قىلغان ياخشى ئىشىڭنى نىمە ئاۋارچىلىق بۇ ئەمدى مانا كۈن ساقچىخاندا ئۆتىدىغان بولدى ،- 
  - ئۇكام بولدى سۆزلىمگىنە ھەنىم بولسا تۇتۇلۇپتۇ كۆرمىدىڭمۇ ئۇنىڭ بايقى بىچارە ھالتىنى موھىمى ئۇنىڭ پۇل قاپچۇقنى ئوغرى تاشلىۋەتمىگەن بولسىلا بولاتتىغۇ يۈرە بارايلى ،-  سىڭلىمنىڭ قولنى مەجبۇرى تارتىپ تاكسىغا چىقاردىم 10 مىنۇتلار ئەتراپىدا ئۇ ساقچىخانغا يېتىپ كەلدۇق  .   ئشخانغا كىرىپلا ئۇ ئوغرىنى كۆرۈپ شۇنداق قورقۇپ كەتتىم . ماتىرياللارغا قول قويۇپ بېرىپ ياناشىمدا بۇ دىلوغا مەسئۇل ساقچى ئاكاشتىن سوردۇم ،- 
- ئاكا بايقى ئوغۇرلانغان پۇل قاپچۇقى ... ساقچى ئاكاش نىمە دىمەكچى بولغىمنى چۈشەندى بولغاي دەرھاللا ،-
- ھە ئۇ يىگىتنى تونۇمسىز ؟-بولغان ئەھۋاللارنى ساقچى ئاكاشقا سۆزلەپ بەردىم .ساقچىخاندىن يانايلى دەپ تۇرشىمزغا ئۇ يىگىتنىڭ تېلفۇنغا تېلفۇن كەلدى .ساقچى ئاكاش تېلفۇننى ئىلىپ كىملىكنى بۇ تېلفۇننىڭ ئىگسىنى تونۇيدىغان تونمايدىغانلىقنى سوراپ بولغان ئەھۋاللارنى بىر قۇر قىسقلا چۈشەندۈرۈپ ئۇنىڭغا خەۋەر قىلىپ قويشىنى ئېيتىپ تېلفۇننى قويدى .  
- ئۇ يىگىتىڭ ئايالى ئىكەن .-  دىدى ساقچى ئاكاش .خۇددى ئالتۇن تېپۋالغاندەكلا شۇنداق خۇش بولۇپ كەتتىم ھەنىم بولسا قىلغان ئىشىم بىكار بولماپتۇ دىدىم مەن ئىچىمدە . شۇنداق قىلىپ ساقچىخاندىن چىقىپ چوڭ بازارغا يۈرۈپ كەتتۇق . بىر دەمدىلا چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولۇپ قاپتۇ سودىلقىممۇ تۈگەپ قالغانتى .-   
- ئاچا قار تىيلىش مەيدانىغا بېرىپ ئويناپ كېلەيلىمۇ ؟ - دىدى سىڭلىم بولدۇ .-     
- تاماق يەۋىلىپ ئاندىن بارايلى .- دىدىم مەن  .    
  - ئاچا تېلفۇنۇڭ سايراپ كەتتى .- ناتونۇشلا بىر نۇمۇر ئىدى  . بۇ ئاتۇشتا بىرە تونۇشۇم بولمىسا يە ،  كىمدۇ بۇ ھەيران بولۇپ تېلفۇننى ئالدىم ئۇ ھېلقى يىگىت ئىدى -  
-مەن بايقى كوچا ئاپتۇبوستىكى ئەدەپسىز ئاكىڭىز . -بىر ئاز پاراڭلاشقاندىن كىيىن ئۇ ماڭا قىسقىغىنە سۆزلەپ        بەردى .ساقچىخاندىن نەرسىلىرنى ساق تاپشۇرۇپ ئالغانلىقنى ماڭا تەشەككۇر ئېيتىش ئۈچۈن تېلفۇن نۇمۇرۇمنى ساقچى ئاكاشتىن سورغانلىقنى ئېيتتى . 
-  بولدى - بولدى ھاجىتى يوق ،- دىدىم مەن لىكىن ئۇ كۆڭلۈمنى ياندۇرماڭ دەپ بەكلا چىڭ تۇرۋالدى ، بىزمۇ ئامالسىز قوشۇلدۇق بىرگە تاماق يىمەكچى بولدۇق ،ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ يېتىپ كەلدى سىڭلىم ئۈچىمىز بىر ئاشخانغا كىردۇق تاماق يىگەچ ئولتۇرۇپ ئۆزنى بىر تونۇشتۇردى .-   
   -ئۆزۈم ئاتۇشتىن ئىسمىم ئابلىكىم ،  ئوقۇتقۇچى ، بۇ يەرگە بىر يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن پۇل قاپچۇقۇمدا يىغىنغا قاتنىشىش ئەزالىق كىنىشكەم بار ئىدى .  - ئەمدى نىمشقا ئۇنىڭ شۇنچىلىك جىددىلەشكىننىڭ سەۋەبىنى بىلدىم تاماق يىگەچ شۇنداق قىزغىن پاراڭلاشتۇق . ئۇنىڭ بايقى سۆرۈن تەلەتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانتى ئۇ شۇنچىلىك خۇشخۇي ، چىقىشقاق ،چاقچاقچى  ،گەپتان  ئىدى بىزنى تۇرماي كۈلدۈرەتتى .بىر دەمدىلا  شۇنچىلىق چىقشىپ كەتتۇق  .ئاشخاندىن چىقىپ قار تىيلىش مەيدانغا بىللە يۈرۈپ كەتتۇق . بىللە قار تىيلىپ بەكلا كۆڭۈللۈك بولدى ، كەچ كىرىپ سىڭلىم بىلەن ئىككىمىز ياتاققا قايتماقچى بولدۇق ،   
   -ئاكا بۇندىن كىيىن سىزنى ئاكا دەپ چاقىرسام بولامدۇ ؟- ئۇ شۇنچىلىك خۇش بولۇپ كەتتى .- 
-بولىدۇ ، مېنىڭ سىڭلىم يوق ئىدى مانا بۈگۈن مېنمۇ ئاكا دەپ چاقىردىغان سىڭلىم بار بولدى  ،قول بىرشەيلى بۇ ئىككى دۇنيالىقتا پەقەت سىز مىنىڭ بىرتاللا سىڭلىم .- بۇ گەپلەر نى ئاڭلاپ بەكلا خۇش بولدۇم   
-  ئىم -،دىدىم مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ .-
- ئاتۇش تەرەپلەرگە ئۆتسىڭىز مېنى ئۇنتۇپ قالماڭ ھە ؟-  
- ئەلۋەتتە ئۇنتۇمايمەن،- شۇنداق قىلىپ خوشلىشىپ ياتاققا قايتتۇق . ئەتسى سەھەردە قايتىش ئۈچۈن جەنۇبى بىكەتكە كەلدۇق ماشىنا يەنە بىر سائەتتىن كىيىن قوزغىلاتتى ، بىردەم بىكەت ئالدىنى ئايلىنىپ كىرىش ئۈچۈن سىرىتقا چىقتىم .ئابلىكىم ئاكام تۇيۇقسىزلا ئالدىمدا پەيدا بولۇپ قالدى ،  ئۇ قولدىكى بىر قىزىل قوتىغا قاچلانغان بىر نەرسىنى ماڭا قاراپ سۇندى،-  
-ئوماق سىڭلىمغا ، ئاكسىنىڭ يالدامىسى .- شۇنچىلىك خۇش بولۇپ كەتتىم . ئابلىكىم ئاكاش ئالايتەن مىنى ئۇزاتقىلى چىققان ئىدى ،ئۇنىڭ بىلەن خوشلشىپ قەشقەرگە قايتىپ كەلدىم .ئابلىكىم ئاكام بىلەن پات-پات تېلفۇندا كۆرشۈپ تۇراتتۇق . داۋاملىق ئانامنىڭ ئۆيگە بارسام ياناشىمدا ئاتۇشقا چىقاتتىم ،ئاكام مېنى كۆرسە خۇددى ئالتۇن تېپۋالغاندەكلا خۇش بولاتتى،   تۇرسۇنئاي ھەدەممۇ  ( ئابلىكىم ئاكامنىڭ ئايالى ) مېنى كۆرسە شۇنداق خۇش بولاتتى ،  باغچىلارغا ئاپرىپ ساياھەت قىلدۇرۇپ شۇنداق كۆڭۈللۈك ئوينىتاتتى .كۈنلەر بىر خىل رىتىمدا ئۆتۈۋاتاتتى . بىر كۈنى ئاكام ماڭا تېلفۇنقىلىپ 7. ئاينىڭ 8. كۈنى ئۆزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكنى ،تۇرسۇنئاي ھەدەم بىلەن يېنىمغا كەلمەكچى بولغانلىقنى ئېيتتى ، خۇددى كىچىك بالدەكلا سەكرەپ خۇش بولۇپ كەتتىم ،شۇ كۈننى تەقەززالىق بىلەن كۈتەتتىم . كۈنلەر شۇ كۈننى كۈتۈش بىلەن ئۆتەتتى . ۋاقىت قالغاندا شۇنچىلىك قاپقىم  تارتىپ ، كۈندەچۈشۈم بۇزۇلدى . بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئاكام ماڭا ئۈرۈمچىدىن ئېلىپ بەرگەن سوۋغات بويۇمنى چېقىپ قويدۇم يۈركىم بەكلا ئەنسىز سوقۇپ كەتتى  ، نىمە ئىشتۇ بۇ زادى ؟ مەن ئاكامغا تېلفۇن قىلدىم لىكىن تېلفۇنى ئېلىنمىدى تۇرسۇنئاي ھەدەمگە ئۇرساممۇ ئېلىنمىدى ، كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولدىدە يولدىشىمغا ئانامنىڭ ئۆيگە بېرشنى باھانە قىلىپ ئۇدۇللا ئاتۇشقا قاراپ يول ئالدىم ، يولدا بارغۇچە تېلفۇنۇم قولۇمدىن چۈشمەيتى ، بۇ جىددىلىكتە بۇ ئازغىنە يولمۇ ماڭا شۇنچىلىك يىراق ماڭسا ماڭسا تۈگمەيدىغاندەك شۇنچىلىك ئۇزۇن بىلىنەتتى .كاللامدا ھەر خىل خىياللار توختىماي مىنى چارچىتاتتى ، مانا ئاتۇشقىمۇ يېتىپ كەلدىم ، ماشىندىن چۈشۈپلا ئۇدۇل تۇرسۇنئاي ھەدەمنىڭ دۇكىنغا باردىم لىكىن دۇكان ئېتىگلىك ئىدى .مەن ئابلىكىم ئاكامنىڭ ئۆيگە كەلدىم ئىشىك ئالدىغا كېلىپلا يۈركىم ئەنسىزلىكتە شۇنچىلىك تىز سوقاتتى ھەتتا يۈركىمنىڭ سوققان ئاۋازى ئۆزۈمگىمۇ ئاڭلىنىپ تۇراتتى ، ئىشىكتىن كىرشىمگىلا ،-
- ھەدە ،- ئابلىكىم ئاكامنىڭ چوڭ قىزى ئەسما يۈگۈرگەن پىتى كىلىپ ماڭا ئېسلىپ ئىسەدەپ يىغلايتى ،-
- دادام ئاپام ئۇلار ...... - گېپنىڭ ئاخىرنى چىقرالماستىن ھۆڭرەپ يىغلايتى ، ھەممىنى چۈشەنگەندەك قىلدىم يۇ لىكىن بۇ رىئاللىقتىن ئۆزۈمنى  قاچۇرۇشقا تىرشاتتىم . ئەسمانۇر بىلەن سۈمەييەنى باغرىمغا چىڭ بېسىپ يىغلايتىم ، ئىشەنگۈم كەلمەيتى لىكىن رىئاللىقنى قوبۇل قىلماي ئىلاجىم يوق ئىدى . تۇرسۇنئاي ھەدەم بىلەن ئابلىكىم ئاكامدىن بۇنچە تىز ئايرىلىپ قېلشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم ،بۇ ئىشلار ماڭا بەكلا ئېغىر كەلدى ،ئۇ ئىككى قىزنى ئاشۇ ئچنىشلىق يىغلاشلىرغا ،نالە قىلشلىرغا قاراپ يۈركىم ئىزلەتتى . ئايشەمگۈل چوڭ ئاپام ماڭا بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەرگىندە يۈركىمنى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئېچشاتتى ھەتتاكى يۈركىمنى پىچاق بىلەن تىلسا قانمۇ چىقمايتى .ئاكام بىلەن تۇرسۇنئاي ھەدەم ئاقسۇغا بېرىپ ياناشىدا قاتناش ھادىسسىگە ئۇچراپتۇ ، ئاكامنىڭ ماشىنسى ئىككى چوڭ يۈك ماشىنسىنىڭ ئارسىدا قالغاچقا ماشىنسى مىجىلىپ كىتىپتۇ ،شۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ خۇدۇمنى يوقتۇپ قويۇۋاتاتتىم ، ئاكام بىلەن ئىككىسنىڭ جەستى پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەچكە ساقچىلار ئايشەمگۈل ئاپامنىمۇ ئۇلارنىڭ يۈنى كۆرگىلى قويمىغانلىقنى ئېيتىپ بەردى ، ئۇ ئىككىسنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئېچنىشلىق ھالتى     كۆز ئالدىمدا غىل -پال ئايان بولاتتى . ئاللاغا نالە قىلىپ ھۆڭرەپ ھۆڭرەپ قاتتىق يىغلايتىم ،ئۇلارنىڭ تۇپراق بېشغا چىقىپ ئۇلارنى گۆردىن تارتىپ چىقىپ ئۇلارنىڭ يۈزگە يۈزۈمنى يېقىپ ،ئۇلارنى چىڭ باغرىمغا بېسىپ قاتتىق يىغلىغۇم كىلەتتى ..............           

    كۆڭلۈم ئەجەپ بۇزۇلدى بەكلا يىغلىغۇم بار دوسلار  ........................    مەلىكە .   

يانفۇندا كۆرۈش
    315