BRT دىن باشلانغان دوسلۇق (مەلىكە )

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-03 12:13

قەھىرتاننىڭ شۇنداق سوغۇق كۈنلىرى ئىدى ،يولدىشىم بىلەن ئىككىمىز دۇكانغا مال كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتۇق .22 سائەت يول يۈرۈپ ئاران دىگەندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدۇق ،ئۇزۇن يول يۈرۈپ ھاردۇق يەتكەچكە ماشىندىن چۈشۈپلا خۇالىڭدىكى بىر مېھمانخانغا ئورۇنلاشتۇق . ئەتىسى سەھەردىلا مال ئېلىش بىلەن ئالدىراش بوپ كەتتۇق ،بەش كۈن سوكۇلداپ يۈرۈپ ئاران دىگەندە مال ئېلىپ بولدۇق ۋە ئەتە سەھەردە قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقماقچى بولدۇق . ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن بېرى كازىۋەندىلا يۈرۈپ شەھەر ئىچىگە كىرىپمۇ باقمىغاچقا باللىرىمغا بىر نەرسىمۇ ئالالمىغانتىم ، سودىلىق ئۈچۈن چوڭ بازارغا بارماقچى بولدۇم لېكىن يولدىشىم بەك چارچاپ كەتكەچكە ياتاقتا ئارام ئالغۇسى بارلىقىنى ئېيتىپ مېنىڭ ئېلىپ كېلشىمنى بۇيرىدى . يالغۇز چىقسام ئېزىپ قېلشىمدىن ئەنسىرەپ ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان بىر نەۋرە سىڭلىمنى رۇخسەت سوراپ ياندۇرۇپ چىقتىم .
-ئاچا نەگە بارىمىز -دەپ سوردى سىڭلىم ، 
-مۇشۇ دابازا دابازا دىيشىدىكەن شۇ يەرگە ئاپارغىنە -دىدىم مەن سىڭلىمغا.
-ئەمسە كوچا ئابتۇبۇسى بىلەن بارايلى -دىدى ماقۇل دەپ بىشىمنى لىڭشىتىپ قويدۇم ،بىر دەمدىن كىيىن ماشىنا بىكەتكە كىرىپ كەلدى ماشىنغا چىقتۇق، كېتىپ باراتتۇق تۇيۇقسىزلا يېنىمدىكى بىرنىڭ ھەركىتگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى قارمۇتۇق ،بويى پاكار بىر يىگىت ئالدىمدىكى بىر يىگىتنىڭ يانچۇقىغا قول سىلۋاتاتتى . سىڭلىم ئاچا كارىڭ بولمىسۇن دىگەن مەندە بىشىنى ئىشارە قىلدى ،لېكىن  كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالغۇم كەلمىدى -دە ئۇ يىگىتنى ئەسكەرتمەكچى بولۇپ كۆزئەينىكىمنى ئاستاغىنە چۈشۈرۈپ يىگىتكە قاراپ بىر نەچچە قېتىم ئىشارە قىلدىم ،لېكىن يىگىت پەرۋاسىزلا قاراپ قويدى ، مەن يەنە ئىشارە قىلدىم ،-
-قىزچاق كۆزىڭىزنىڭ دەردى بامۇ نىمە ؟ دەپ قۇلقىمغا  ئاستا پىچىرلاپ سۆزلىدىدە ئالدىغا قاراپ تۇرىۋەردى ،غۇييىدە ئاچچىقىم كەلدىيۇ لىكىن يەنلا جىم تۇرغۇم كەلمىدى ،بىر ئازدىن كىيىن يەنە پۇتىنىڭ ئۇچىغا يەڭگىگىنە دەسسدىم . 
-ۋاي ئاللا ، ھەي قىز ئايغىڭىزنى قانچىگە ئالغانتىڭىز ؟-دىدى ئۇ يوغان بىرنى ئاليىپ ،
-كەچۈۈرڭ دىققەت قىلماپتىمەن .-دىدىمدە ئالدىمغا قاراپ تۇردۇم ، لىكىن كۆزۈم يەنلا شۇ يانجۇقچىدا ئىدى . ئۇنىڭ ھەركەتلىرى ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەستى ، ئاخىر مەن تاقەت قىلالماي يىگىتنىڭ بېقىننى نوقۇدۇم ، يىگىت شۇئانلا تەرنى تۈردى-دە سۆزلەپلا كەتتى . 
-ھەي نىمە ئىش قىلماقچىسەن ،ماڭا دەيدىغان بىرە سۆزۈڭ بارمىدى ،ياكى ماڭا كۆزۈڭ چۈشۈپ قالدىمۇ ؟ كاللىسنىڭ دەدى بارمۇ نىمە.....ئۇ سۆزلەپلا كەتتى . ھېلقى ئوغرى مېنىڭ ئۇنى ئەسكەرتمەكچى بولغىنىمنى سېزىپ قالدى بولغاي ماڭا قاراپ بوينىنى ئىشارە قىلدى ، ئۇنى كۆرۈپ تېنىم شۇنداق شۈركىنىپ كەتتى .،ۋاي ئاللا كىشىگە ياردەم قىلمەن دەپ ئۆزۈمگە ئىش تاپتىممۇ نىمە ،-دەپ ئۆزئۆزۈمگە ئاستا پىچىرلىدىم . مەن ئاستا ئۇ يىگىتتىن يىراقلىشىپ ئاپتوبۇسنىڭ ئالدىغا يۆتكىلىپ ئادەملەر توپىغا كىرىپ كەتتىم . لىكىن كۆزۈم يەنە شۇ يىگىتتە ئىدى .قانداق قىلاي ،كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلش ، ناھەق ئىشلارغا كۆزنى يۇمۇىۋىلىش بۇ مېنىڭ ئەخلاق نىزامىمغا يات ئىش ئىدى . بىر ئازدىن كىيىن يەنە تەلۋە خۇيۇم تۇتتى ، ئاستا يانفۇنۇمنى قولۇمغا ئالدىم.
-ئاچا نىمە قىلسەن ؟
- 110 غا مەلۇم قىلمەن . 
-ۋاي ساراڭ بولدۇڭمۇ دەپ قويساڭ سېنى بوش قويمايدۇ .
-ۋاي بولدى قىلە ، مەن ئەتە ماڭدىغان تۇرسام ئۆچ ئالغىلى قەشقەرگە ئىزدەپ باراتتىمۇ مىنى ، -شۇنداق دىگىنىمچە نۇمۇرنى بىسىشقا باشلىدىم ،
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،- دىدى بىر قىز .
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، دىلو مەلۇم قىلماقچىتىم ،-بولغان ئىشلانى بىر قۇر قىسقىلا ئېيتىپ بەردىم . 
-ھازىرقى ئورنىڭىزنى ئىنىقراق ئېيتىپ بەرسىڭىز ؟
ۋاي ئاللا ، نىمە دەيدىغان بولغىيتى بۇ يەرنى  شۇ ئەسنادا بىر بىكەتكە يىتىپ كەلدۇق ماشىنا بىكەت ئىسىمنى سۆزلەشكە باشلىدى ،دەرھاللا ساقچى قىزغا ئېيتتىم .ئۇنىڭغىچە ھېلقى ئوغرى ماشىندىن چۈشمەكچى بولۇپ كەينى ئىشىككە قاراپ ماڭدى . ماڭغاچ ماڭا قاراپ يوغان بىرنى ئالايدىدە ئاغزىلىرنى ئۆمچەيتىپ بىر نىملەنى دىگەچ ماشىندىن چۈشۈپ قالدى . ئوغرىنىڭ ماشىندىن چۈشۈپ قالغانلىقىنى ساقچى قىزغا ئېيتىپ بەردىم ، ۋە ئۇنىڭ رەڭگى رويىنى ۋە كىينىش يۇرۇش تۇرشىنى بىر قۇر سۆزلەپ بېرىپ تېلفۇننى قويدۇم .تېلفۇننى قويۇپ خېلى كۆڭلۈم ئارام تاپقاندەك بولدىيۇ لىكىن يەنلا ئۇ يىگىتنىڭ يولسىزلىقىغا ئاچچىقىم كېلەتتى ، ئىچىمنىڭ تارلىقى -دە ، بېرىپ سۆزلەپ قورسىقىمنى بوشتىۋالمسام ئاچچىقىم يانمايتى ، ئاستا يىگىت تەرەپكە قاراپ ماڭدىم .سىڭلىم نىمىش قىلماقچى بولغىنمنى چۈشەندى بولغاي ،- 
-ۋاي ئاللا ئاچا ، بولدى قىلغىنە بۇ ئۈرۈمچىلىك دىگەن مانا شۇنداق ياخشىلىق ياراشمايدىغان خەق ، بىكارغىلا ئۆزۈڭگە بىرمۇنچە قورساق كۆپكى تاپتىڭ مانا ... . 
-ۋاي سەنمۇ بولساڭ سۆزلىمگىنە ،-دەپ سۆزلەپ قويدۇم سىڭلىمنىڭ گېپىنى بۆلۈپ .سىڭلىم مېنى توسماقچى بولۇپ قولۇمنى تارتتى ، لىكىن زادىلا ئاچچىقىم يانىدىغاندەك ئەمەس ئىدى ، ئاستا ئۇنىڭغا يېقىنلاشتىم-دە ئۇنىڭغا قاراپ ،-
-ھەي ئاكا ،مەندىن كەچۈرۈم سوراڭ ؟
-نىمىشقا ، قايسى گۇناھىم ئۈچۈن ؟
-بايقى ئەدەپسىزلىكڭىز ئۈچۈن -،ئۇ يەنلا پەرۋاسىز ئىدى ،شۇنچىلىك بەك ئاچچىقىم كەلدىدە ،چېچىلشقا باشلىدىم ،
-ھەي ،-ئۇنىڭغا قاراپ ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋارقىردىم . ئۇ چۆچۆپ ماڭا قاردى .
- ئاللا ئاللا ، نىمە مەن بىلەنلا قالىدۇ ما قىز ،ئاچچىقىم كېلىپ تۇرغاندا ئايانغا بېرىپ تۇرڭە بىكار ئاچچىقىمنى سىزدىن چىقىرمەن ھېلى ۋاي ئەتىگەندىلا نەس باستىغۇ ئادەمنى.-  
-ئەتىگەندە دورنى خاتا يەۋالدىڭىزمۇ ياكى ناشتىغا ئايالىڭىزدىن تاياق يەپ چىقتىڭىزمۇ ؟ -ئۇتۇرۇپلا قالدى ، بىشەملىكىم يەنە تۇتتىدە يەنە قايناشقا باشلىدىم  .- 
- ئاللا ، نىمە دەيدۇ بۇ ئاكاش ، نەس باسقىنى سز ئەمەس مانا مەن كىشگە ياخشىلىق قىلدىغان زامان ئەمەسكەن بۇ .- يىگىت نىمە دىمەكچى بولغىنىمنى چۈشنەلمەي گاڭگىراپ تۆت تەرەپكە قاراشقا باشلىدى مەن يەنە سۆزلەشنى باشلىدىم .   
-كۆزۈڭ چۈشۈپ قالدىمۇ دەيسز ئۆيىڭىزدە ئەينەك يوقمىدى ؟ -سۆزلىگەچ ئالدىمدىكى قىزدىن ،
-قىزچاق،سىزدە ئەينەك بارمۇ ؟-
قىزچاق ئالدىراپ تىنەپ سومكىسنى ئاختۇرۇپ سومكىسدىن ئەينەكنى ئالدىدە ماڭا قاراپ سۇندى ، ئەينەكنى قولۇمغا ئېلىپ يىگىتكە سۇندۇم ،-
-ئۆيىڭىزدە ئەينەك يوق ئوخشايدۇ مانا راسا كۆرۋىلىڭ ئەپتىڭىزنى ، -پۈتۈن ئاپتوبۇستىكلەرنىڭ كۆزى ئىككىمىزگىلا تىكىلگەن ئىدى ، 
-راست دەيسىز ،مىنىڭ كاللامنىڭ دەردى بار ،دەردى بولمىسا نىمە قىلاتتىم تونۇمايدىغان ئادەمگە ياردەم قىلمەن دەپ ئۆزۈمگە قورساق ئاغرىقى تېتىپ ، -ئۇ گېپمدىن ھەيران بولۇپ ،-
-نىمە ، نىمە دەيسىز ؟ -ئاردا بىر پەس جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى ، 
-بايا سىز نىمە ، نىمە دىدىڭىز ؟-ئۇ شۇنچىلىك ھەيراى قالغان ئىدى . پۇل قاپچۇقۇمغا قاردىم لىكىن پارچە پۇل قالمىغان ئىدى ، سىڭلىمغا قاراپ،- 
-سەندە پارچە پۇل بارمۇ ؟- سىڭلىم ھەيرانلىق ئىچىدە پۇل قاپچۇقىدىن بىر مۇنچە پارچە پۇلنى ئالدىدە ماڭا قاراپ سۇندى ، پارچە پۇللارنى قولۇمغا ئالدىم -دە ، ئارسىدىن ئايرىپ بىر يۈەننى ئېلىپ يىگىتكە سۇندۇم . 
-بۇنى ئېلىڭ ،-دىدىم مەن يىگىتكە . 
-نىمە قىلاي دەيسىز ، مەن تىلەمچى ئەمەس ، سىز مېنى ...- ئۇنىڭ گېپى تۈگمەستىلا گېپىنى بۆلۈپ ،-
-ئېلىڭ دىگەندىكىن ئېلىڭ ، كەچتە ئۆيڭىزگە قايتقاندا ماڭا رەھمەت ئېيتىپ قالارسىز .- شۇنداق دىگنىمچە پۇلنى ئۇنىڭ قولغا پوككىدە تۇتقۇزۇپ قويدۇم . ئۇ نىمە ئىش بولغىننى بىلەلمەي گاڭگىراپ پۇلغا قاراپلا تۇراتتى ،-
-بەك قايلاڭ ،جىڭ خەلق پۇل بىر يۈەن .-كەينىمگە بۇرۇلغاچ . ئۇنىڭغا ئىنىق بولشى ئۈچۈن چۈشەندۈرۈپ قويدۇم  .-
-بەلكىم يېنڭىزدا بىر پۇڭمۇ قويمىدىغۇ دەيمەن كەچتە ئاپتوبۇسقا چىققاندا بىلەت ئالارسىز بىلەت ئالماي چىقسىڭىز بەكلا ئەخلاقسىز بولۇپ قالسىز .-ئۇ دەرھاللا نىمە دىمەكچى بولغىنمنى چۈشەنگەندەك ھاپلا-شاپلا كەينى يانچۈقنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى ، ئۇ بىردىنلا شۇنچىلىك جىددىلىشىپ كەتتى -دە ماڭا قاراپ،- 
-ھەي قىز كۆرگەن ئادەم بۇرۇنراق ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بولماسمىتى ، ئوغۇرلاپ كېتىپ بولغاندىن كىيىن مېنى مازاق قىلغۇچە ،-ئۇنىڭ چىرايى بىردىلا ئۆڭۈپ كەتتى ، ئۇنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ بىر تەرەپتىن كۈلگۈم كەلسە يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ شۇنچە جىددىلىشىپ كەتكەن ھالغا قاراپ ئىچىم ئاغرىيتى .
-ھەي ، مەندىن نىمشقا ئاغرىنسىز ، مېنى ئەسكەرتمىدى دەمسىز ؟ كاللامنىڭ سۈيى بار بولدۇمغۇ  .-ئۇ دەرھاللا چۈشەندىدە خىجىللىقتا بېشنى تۆۋن سېلىپ ماڭا قاراپ ئىنتايىن تۆۋەن ئاۋازدا ،-
-كەچۈرۈڭ .-دىگەن سۆزنى ئارانلا ئېيتالىدى يەنە ئارنى جىمجىتلىق قاپلىدى . ئاپتوبۇستىكلەر تۆۋەن ئاۋازدا كۇسۇلدىشىپ -قەشقەرلىككەن ، قەشقەرلىككەن دىيشەتتى يەنە بەزلەر قەشقەرلىك دىگەن گەپكە يامان دەيدىكەن راسمۇنىمە دىيشەتتى ،ئاردىكى جىمجىتلىقنى سىڭلىم بۇزدى .-
-ئاچا ، بىز مۇشۇ بىكەتتە چۈشۈپ قالايلى، ئالدىمزدىكى قىزىل چىراقتىن قايرلساقلا چوڭ بازارغا بارمىز .-ماقۇل دىگىنمچە يىگىتتىن يىراقلىشىپ كەينى ئىشىككە قاراپ ماڭدۇق . ماشىنا بىكەتكە كىرىپ توختىدى . سىڭلىم بىلەن ئىككىمىز ماشىندىن چۈشۈپ ئالدىمزغا قاراپ ماڭدۇق ، تۇيۇقسىزلا كەينىمدە بىرنىڭ ،-
-قىزچاق ،-دەپ مېنى چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى كەينىمگە ئۆرلۈپ قاردىم ، ئۇ يىگىت كەينىمدە بىز تەرەپكە قاراپ كېلۋاتاتتى.

داۋامى بار .....
مەلىكە   

يانفۇندا كۆرۈش
    315