خاتا كەلگەن تېلىغۇن.

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-03 12:09


مەن ئىشتىن كېلىپلاپ چارچاپ كەتكەشكە مۇنچىغا چۈشۈپلام ئارام ئېلىشنى ئويلاشقان پېتى مۇنچىغا چۈشۈكىلى كىرىپكەتتىم،
ئايالىمنىڭ ئانىسىنىڭ ئۆيدىن قايتىپ كىلەلمەيمەن دىگەن تېلىغۇنى مېنى ئاللابۇرۇن خەۋەردار قىلىپ بولغان بولسىمۇ يەنىلام تېلىغۇن قىلىپ سۇرۇشتە قىلىشىمنىڭ زورىرىيتى يوق ئىدى،شۇنداق بولسىمۇ مۇنچىدىن چىقىپ تېلىېغۇن قىلىشنى ئويلاشتىم.
مۇنچىدىن چىقىپ تېلىغۇنۇمنى قولۇمغا ئالدىم،نەچچە ئويلاشتىم يۈركۇمدە بىر دەككە-دۇككە بار ئىدى،توۋا مەن كىمگە تېلىغۇن قىلالماۋاتمەن، ئۇ بولسا مېنىڭ ئايالىمغۇ نىمىشكە ئىكىلىنىمەن دىگەن خىيالدا تېلىغۇندىن ئايالىنىڭ نۇمىرڭنى چىقىرىپلام ئۇردۇم.
تېلىغۇنۇمنى قۇلاق تۇۋىمگە ئاپارماي تۇرۇپلام ئالدىراش دىگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم، بۇ ئاۋاز ماڭا بىر ۋەھىمىلىكتەكلام بىلىندى.
مەن نەچچە قايتىلاپ ئۇرساممۇ پەقەتلام ئۇلانمىدى. شۇ  دەقىقىدە مېنىڭ خىيالىم نەلەرگىدۇر ئۇچۇپ كەتتى، كەلمىگەن خىيال قالمىدى. يەنە ئۇرسام ئوخشاشلام ئالدىراش،شۇنداق چېچىلدىم ھەتتاكى ئۆيىگە بارغۇم كەلدى، لېكىن ئۆيىمىزنىڭ ئارلىقى 70 كىلومېتىر كېلەتتى، مەن بولدىلا بىرە دوستى بىلەن ياكى ئۇرۇق-تۇققانلىرى بىلەن پاراڭلىشۋاتقاندۇ،دەپ ئۆزەمگە تەسەللى بىرەتتىم، بۇرۇن ھەرگىزمۇ مۇنداق بولۇپ باقمىغاچقا يەنە تېلىغۇن قىلغۇم كېلەتتى. بىر كېچە ئۇخلىماي تېلىغۇن قىلىپ چىقتىم.
يەنىلام ئوخشاش، قانداق ئۇخلاپ قالغىنىمنى ئۇقمايمەن،  كۇندە ئايالىمنىڭ ئويغۇتۇپ قويشىغا كۆنۇپ قالدىممۇ،دەرۋەقە ۋاقتىدا  ئويغىنالماي قالدىم،كۆزۇمنى ئېچىپلام تېلىغۇنغا يۇگەردىم، يەنە تېلىغۇن قىلغان ئىدىم،تېلىغۇنىنى تاقاق دەپ جاۋاپ بەردى. ئامالسىز ناشتا قىلمايلام ئىشقا ماڭدىم، 

مەن ئۆزەمگە، بۈگۇن تېلىغۇن قىلمايمەن ئۆزى قىلا دەپ تېلىغۇنمۇ قىلمىدىم، لېكىن تېلىغۇن قىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتاتتىم، كاللامدا نۇرغۇن خىياللار بار ئىدى، نىمىلەرنىدۇر ئويلاپ ئۇنىڭغا بولغان غەزەپ ئاچچىقىمنى ئىچىمگە يۈتۇپ شۇنداق تەستە چۈشلۈك تاماققا چىقىدىغان ۋاق بولدى، تاماققا ماڭغاچ  تېلىغۇننى قولۇمغا ئالدىم،شۇ ۋاققىچە تېلىغۇنمۇ قىلمىغان بولسىمۇ يەنىلام تېلىغۇنىنى كۈتتۈم . ئاشخانىغا كىرىپ ئولتۇردۇم ، بىر ھازادىن كېيىن. -ئۇستام چاي قۇيۋىتڭە- دىدىم.
ئالدىمغا بىر ئايال كىلىپ، -ئۇكام نىم تاماق يەيسىز؟ -ھە مەنما ؟  بۇ چاغدا پۈتۈن ھىسيادىم ئايالىمدا ئىدى ،
-. سىزنى دەۋەتمەن ،  نىمە بولدى سىزگە، بۇگۇن ئەجەپ ئۆزىڭىزگە ئوخشىماي قاپسىزغۇ. ئايالىڭىز ئۆيدىن ئۇرۇپ چىقىرۋەتتىمۇ نىمە؟ ھا ھا ھا ھا ھا ........................
-ياقاي،ھېچقانداق ئىش يوق، ماڭا گۆش پولو دىن بىرنى . دىدىمدە يەنىلام كاللامدىكى خىيالغا چۆكۈپ كەتتىم، تاماقنى ئاغزىمغا يىدىممۇ بۈرنىمغىمۇ بىلمەيلام قالدىم. ئىشلەشكىمۇ رايىم بارمىدى، رۇخسەت ئىلىپ ئۆيگە قايتىشنى ئويلاپ ئىشمەيدانىغا كەلدىم، -ئۇستام بۈگۈن تازا مىجەزىم يوق مەن دەم ئالاي ئەتە كېلىمەن . دەپ قويۈپلام  ئۆيگە قاراپ ماڭدىم.
ئۆيگە كەلگۈچە نېمە خىيال قىلۋاتقىنىمنىمۇ ئۆزەم بىلمەس بولۇپ قالدىم، ئەمدىلا ئىشىڭ ئالدىغا كەلگىنىمدە تېلىغۇنۇم سايرىدى، شۇنداق جىددىلەشكەن ھالدا تېلغۇنۇمغا قارسام ئايالىم ئىكەن، تېلىغۇنىنى شۇنچە تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن بولساممۇ يەنىلام ئۆزەمنى بېسىۋالغان ھالدا .  -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.....  دەپلام ئالدىم، - ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قانداق ئەھۋالىڭىز. تاماق يىدىڭىزمۇ جېنىم ، ئاخشام تېلىغۇنۇمنى توكقا چاتمايلام ئۇخلاپ قاپتىكەممەن، توكى يوق تېلغۇن قىلالمىدىم
مەندىن رەنجىمىگەنسىزھە...  مەنمۇ ماڭدىم مانا، ئۆيگە بارغاندا كۆرشەيلى. دەپلام تېلغۇننى قويۋەتتى. ئەمدى ئۇنىڭ  كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇردۇم، بىرە سائەت بولا بولمايلام، دەرۋازا ئالدىغا بىر ماشىنا كېلىپ توخـتىدى، مەن كەلگىنىنى بىلىپ تۇرساممۇ يەنىلام چىققىم كەلمەيتى، 
-ئالىم..... ئالىم........ ۋاي ئالىم دەيمەن، ماياققا چىقىڭە يۇك -تاقا ئېغىر تۇرسا مەن قانداق ئەكىركىتىمەن، بولىڭە تېز..........
-مانا  ھازىر،  چىقىۋاتمەن. دەپلام  ئۆرنىمدىن تۇردۇم. خۇددى ئايالىمنى تۇنجى كۆردىغاندەك شۇنداق جىددىلىشىپ كەتتىم.
ئىشىڭ ئالدىغا چىقىشىمغا.- باكەنسىزھە... مەن بۇ يۇك -تاقىلارنى قانداق ئەكىرەتتىم... دەپلاپ سۆزلەپ كەتتى،مال ئىگىسىدىن ئوغۇر كۈچلۈك دىگەندەك، مېنىڭ ئالدىمغا چۇشۋالغاندەك قىلاتتى. شۇ ۋاقىتتا 5 ياشلىق قىزىم ئالدىمغا يۇگۈرۇپ كەلدى، قىزىمنى قولۇمغا ئېلىپ،نەرسە -كېرەكلەرنى كۆتۇرۇپ ئۆيگە كىرىپ كەتتىم.
كەينىمدىن كىرىپ ماڭا گەپ قىلىشقا باشلىدى.  -نېمەبولدى سىزگە؟ بۈگۈن پەقەتلام ياخشى ئەمەستەك قىلسىز،مىجەزىڭىز يوقمۇ يا؟....  - ياق ، ئۇنداق ئەمەس، سەل چارچاپ قاپتىمەن،دەپلام جىممىدە بولۋالدىم.  تاماق يىدىڭىزمۇ؟   چۈشتە يىگەن . ھە، ئەمسە مەن تاماق قىلاي، دەپلام ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى. كاللامدىن ئۆتمەيدىغىنى ئاخشامقى تېلىغۇننىڭ ئىشى ئىدى.ئامالسىز 
قىزىم بىلەن پاراڭلىشىشقا مەجبۇر بولدۇم. - ئامىنە....   -ھە دادا ، قولىدىكى قونچاقنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ماڭا قاردى،
- سىزدىن بىرگەپ سورايمەن قىزىم، راست گەپ قىلىڭ ماقۇلما...   -دادا  نىم گەپ؟  ئاخشام سىز ئاپىڭىز بىلەن بىر ئۆيدە ئۇخلىدىڭىزمۇ؟  -ھەئە بىر ئۆيدە ئۇخلىدىم،  -ئەمسە  ئاپىڭىز قانداق ۋاقىتتا ئۇخلىدى؟ -مەن ئۇخمايمەن. مەن ئۇخلاپ بولغاندا ئاپام ئويغاقتى... -ھە  ئەمسە ئاخشام ئاپىڭىز تېلىغۇندا بىرەسى بىلەن پاراڭلاشتىمۇ؟ تۇرۇپ كېتىپ ،-ئاخشام ئاپام  بىرسى بىلەن پاراڭلاشقانتى، مەن كىمۇ دىسەم دادىڭىز  دىدىغۇ ، سىز ئەمەسما؟.....  مانا  بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈرگۇم مۇزلىغاندەك بولدىدە،
غەزەپلەنگەن ھالدا ئاشخانا ئۆيگە قاراپ ماڭدىم، -رايلەم.... دەپ  قاتتىق ۋارقىرشىمدىن چۆچۈپ كەتكەن رايلەم يۇغۇرۋاتقان خېمىرنى تاشلاپ يۈگۈرۈپ چىققتى. -ھە نېمە جاڭگالدا قالغاندەك ۋاقىرايسىزغۇ؟ دەپ ماڭا ئاچچىغلاشقا باشلىدى،
-ئاخشام تېلىغۇنىڭ تاڭ ئاتقۇچە ئالدىراشقۇ، كىم بىلەن پاراڭلاشتىڭ؟ راست گەپ قىڭ ئەگەر يالغان گەپ قىلدىغان بولساڭ بۇ ئۆيدىن ئۆلۈگىڭ چىقىدۇ. چىرايىدىن قىلچىلا ئۆزگۈرۇش بولمىغان ئايالىم،  -ۋاي مۇشۇ ئىشمىدى، ئاخشام ئاپام قەشقەردىكى تۇققانلىرى بىلەن  پاراڭلاشقان ، مەنمۇ ئۇخمايمەن ، قاچانغىچە پاراڭلاشقىنىنى. -شۇنداقمۇ ئاخشام مەن تاڭ ئاتقۇچە تىلغۇن قىلسام ئالدىراش، قەشقەردىكى تۇققانلىرىڭ تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىمامدىكەن، سېنىڭ ئاپاڭ تۇققانلىرى بىلەن پاراڭلاشسا ئامىنەمگە 
دادىڭىز بىلەن پاراڭلىشۋاتمەن دەمدىكەن، راست گەپ قىل، ئەگەر راسىت گەپ قىلمىساڭ سېنى بۇغۇزلىۋىتمەن.  دەپ ئايالىمنىڭ  يېنىغا يېقىنلاشتىم. ئاچچىقىمدا نېمىلەرنىدۇر دەپ كېتىپتىمەن. - گەپ قىلە،نېمە بىزرىپ تۇرسەن، زادى كېمۇ ئاخشام سېنى تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلاتمىغان.  - ئالىم ...ئالىم... مەن سىزگە چۈشەندۇرەي، ئۆزىڭىزنى بېسۋىلىڭ بولامدۇ. ئاخشام مەن..مەن...   گېپىنىڭ ئايغىنى تاپالماي قالدى، كۆزۈمگە ھېچنەرسە كۆرۈنمىدى بولغاي پۇت-قوللۇرۇم رايلەمنىڭ  باش- كۆزلىرىگە تېگىشكە باشلىدى.  - ۋايجان....ئاناماي...دادامەي..... بولدى قىلىڭ ئالىم، دېگەن  گەپلىرىگىمۇ پەرۋا قىلمىدىم.
ئۇرۇپ قوللۇرۇپ ئاغرىپ كەتكەندە توختاشقا مەجبۇر بولدۇم. بۇ چاغدا رايلەم ھۆشىدىن كېتىپ بولاپتىكەن. -ئاپا نېمە بولدى سىزگە  كۆزىڭىزنى ئېچىگە،  دەپلام قىزىم يىغلاپ كەتتى. نېمىشقىدۇ ‹‹ بىر كۈنلۈك ئەر- خوتۇننىڭ ، يۈز كۈنلۇك مېھرى بار ›› دېگەندەك، ئاستا بېرىپ پېشىدىن تۈتۈپ كۆتۈردۇم. ئېغىز- بۇرنى قىپقىزىل قانغا بويلاپ كېتىپتۇ، سورىگەن پېتى ئاشخانا ئۆينىڭ پەگىرغا تاشلىۋەتتىم. چۈنكى ئىچىمدىكى ئاچچىق ئازاپ مېنى شۇنداق قېلىشقا مەجبۇر بولدى. 
يەنىلەن زادى كىمدۇ ؟ دېگەن خىيالدا ئولتۇراتتىم. قولۇمغا بىر تال تاماكا ئېلىپ چىكىپ ئۆلتۇرشنمغا رايلەمنىڭ تېلىفۇنى  سايراپ كەتتى. قولۇمغا تېلغۇننى ئالدىم، كەلگەن نومۇر باشقىلا مەن بىلمەيدىغان نومۇر ئىدى، تېلفۇننى ئالدىم،  گەپ قىلماي تۇرۋالدىم. قارشى تەرەپتىن بىر ھازادىن كېيىن ئاۋاز چىقتى، - جېنىم قانداق ئەھۋالىڭ ، ياخشى تۇردۇڭما،  ھە ئۆيۈڭگە باردىڭمۇ يا ؟ گەپ قىلە، يولدىشىڭ دىگەن قەلەندەر بىلەن ئاجىرشىش توغۇرلۇق پاراڭلاشتىڭمۇ.  گەپ قىل دېدىم........
مانا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يۈرگىمگە پىچاق سانجىغاندەك بولۇپ كەتتىم. كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ياشلار چىقىپ كەتكىنىنى بىلمەيلام قالدىم. شۇ ئەسنادا تېلفۇننى قويۋەتتى. كەينىدىنلام قايتىلاپ ئۇردۈم، - ۋەي، ئابىيام گەپ قىلماپتىڭ مەن تېخى يېنىڭدا يولدىشىڭ بار مىكىن دەپتىمەن جۇمۇ. دەپلاپ سۆزلەپ كەتتى.  - ھە مەن يولدىشى كىمۇ سىز، رايلەمنىڭ نېمىسى بولسىز. ھەرقانداق گەپ بولسا ئېنىق دەڭ. ئۆزۈمنى شۇنچىلىك تۇتۋالغان ھالدا سىلىق گەپ قىلىشقا  مەجبۇر بولدۇم.  بۇ چاغدا رايلەم ھۆشىغا كەلگەن ئىكەن ، يۈگرۇپ كېلىپ تىلغۇننى تارتىۋالدى.  -ئەكەل تېلفۇننى مەن ئاشناڭ بىلەن پاراڭلىشۋاتمەن، ئىككىڭلارنىڭ زادى نېمە ئوينى بار....  - ماقۇل مەن دەپ بېرەي، مەن سىزدىن ئاجىراشماقچى ئاشۇ ئاشنام بىلەن توي قىلماقچى، سىز  بىلەن توي قىلغىلى 7 يىل بولدى، نېمە خولىقىڭىزنى كۆردۇم. قايسىبىر ئېسىل ئۆيلىرىڭىزدە  ئولتۇردۇم. كۈندە 
ئىشلەيسىز ئىشلىگەن پۇلىڭىز ئاش-تاماققا ئاران يېتىدۇ. مەن باشقىلاردەك كىيىنمەمدىم..... بولدى سۆزلىمەي ، مېنىڭ خېتىمنى بېرۋىتىڭ بولدى، بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئىچىمدىن غەزەپ ئۆتى چىقىپ تۇراتتى، يەنە رايلەمنى ئۇرۇشنىڭ ئورنى قالمىغان ئىدى.
مېنىڭ بىر دېھقان شۇنداقلا ئائىلە ئىخدىسادىمنىڭ نامرات بولۇپ قېلىشى ئايالىمنى تالاغا قاراتقانمىدۇ. 7 يىللىق ئايالىم شۇنداقلا مال- دۇنياغا قىزىقىپ قالغانمىدۇ. مېنىڭ كۈنلۈك تاپقان پۇلۇمدىن رازى بولمىغان ئوخشىمامدۇ. 
ھەي...  - بولدۇ خېتىڭنى بېرۋىتەي، لېكىن بىر سوئالىم بار ماڭا راست گەپ قىل ئاخىردا بولسىمۇ ئاڭلاپ قالاي، - قېنى سورڭە. -سەن ئۇ بالا بىلەن قانداق تۇنۇشقان؟ ، نەلىك بالا ئىكەن ئۇ ؟ -مۇشۇ يۈرۈتلۇق بالا، مەن ئۇ بالا بىلەن تېلفۇندا تۇنشۇپ قالغان، بىر كۈنى مەن سىزگە تېلفۇن قىلمەن دەپ، ئاخىردىكى  بىر نومۇر ئالمىشىپ قېلىش جەريانىدا تۇنۇشقان شۇ.
- قانچىلىك بولدى تونۇشقىلى؟ -8 ئاي ئەتىراپىدا. - كۆرشۇپ باقتىڭمۇ؟ -ھەئە. 
مەن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ شۇنچە ئازاپلانغان بولساممۇ، يەنىلام ئەرلىك غورورڭنىڭ دەپسەندە بولشىنى خالىمىدىم. ئايالىمنى ئارزۇسى بويچە بىز چىرايلىق ئاجىراشتۇق، شۇنداقلا رايلەم بىلەن مېنىڭمۇ ئۆي تۈتۈشقا كۆڭلۇم كۆتۇرمىدى بولغاي،  دېگىنىنى قىلىپ بەردىم. قىزىمنى ئۆزۈم ئالدىم. 
كۈنلەر ئۆتكەن سىرى مەنمۇ يالغۇزلۇققا كۆنۇپ قالدىم، ئىشتىن كېلىپلام قىزىمنى  باغرىمغا بېسىپ ئۇخلاپ قالسام ھاردىققۇمۇ چىقىپ قالاتتى. ئارىدىن 5 ئاي ئۆتكەندىكىن كاللامغا بىر ئىش كېلىپ قالدى، رايلەمنى ئازدۇرۇپ كەتكەن شۇ بالىنىڭ تېلفۇن نومۇرنى ئەسلەپ قالدىم. ئايغىدىكى ئككى نومۇر ئالمىشىپ قاپتۇ، دېگەن سۆزگە ئاساسەن مەن شۇنداق قىلىپ تېلفۇن ئۇردۇم، 
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم، كېمۇ ؟  ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام، مەن مەن رايلەمنىڭ بۇرۇنقى يولدىشى، سىز بىلەن كۆرشەي دەپ تېلفۇن قىلغان، - ھە سىز مىتىڭىز، بىرەر ئىشىڭىز بامىدى؟ - ياق شۇ ، ھازىرمۇ مۇناسىۋىتىڭلار بارمۇ؟ بىز ئاجىرشىپ كەتكىلى 5 ئايلاچە بولدى. - ۋاي ۋوي رايلەم بىلەن دەمسىز؟ قاچان بىز نىڭ مۇناسىۋىتىمىز ئۇزۇلگىلى. مېنىڭ ئائىلەم ئىككى بالام بار ئادەم مەن. سىزگە 7 يىل ئايال بولۇپ بىر بالىڭىزغا ئانا بولۇپ تۇرۇپ سىزگە ۋاپا قىلمىغان ئادەم ماڭا قانچىلىك ۋاپا قىلماقچى ئىدى. باشقا ئىشىڭىز بولمىسا مەن تېلفۇنى قويۋەتتىم ھە .. دەپلام تېلفۇننى قويۋەتتى. 
نېمە دەي ئەمدى، بۇ ھايات شۇنداق ئىكەن، بىر تۇرۇپ رايلەمگە ئىچىم ئاغرىسا بىر تۇرۇپ خوپ بولاپتۇ دىگۈم كەلدى.  يەنىلام ئەسلەپ قالدىم، چۈنكى بىر بالامنىڭ ئانىسى ئەمەسمۇ. لېكىن مېنىڭ رايلەمگە بولغان نەپرىتىم زادىلام ئۆچمىگەن ئىدى. 
ھەر ھپتىنىڭ ئايغىدا ئامىنەمنى ئاپىسى بىلەن كۆرۇشتۇركە  كېلىشىپ قويغان ئىدىم، يەكشەنبە كۈنلىكى ئەتتىگەندە ئامىنەنى ئېلىپ ئاپىسىنىڭ يۈرتىغا باردىم. رايلەمۇ بىز دىيىشكەن يەرگە بېرىپ بولغان ئىكەن.  مەن قىزىمنى ئاپىسىنى كۆرسۇتۇپ  بېرىپ كۆرشۇپ كېلىشكە بۇيرۇدۈم، ئامىنە ئاپىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ كۆرشۇپ بولغاندىكىن  قايتماقچى بولغان چاغدا  رايىلەدىن ماڭا تېلفۇن كەلدى. شۇنچىلىك تەستە ئالدىم. - ياخشىمۇسىز ئالىم. -ياخشى، بىرە ئىشىڭىز بارمىدى. - شۇنداق بىر ئېغىز گېپىم بار ئىدى، دىسەم بولارمۇ؟ -قېنى دەڭە. - مەن سىزگە پەقەتلام كەچۈرۇڭ دىيەلەيمەن، خالىسىڭىز بالىنى يېتىم قىلمىغان بولساق، 
قالغان گۈناھىمنى ئۆيىڭىزگە بارغاندا ئەمىلىيىتىمدىن تونۇپ يەتسەم....... ئەگەر خالىمىسىڭىز تېلفۇننى قويۋىتىڭ. مەن بۇ گەپلارنى ئاڭلاپ قىزىمنىڭ كەلگۈسى يادىمغا كەلدى، بىراق مەن دېگەن ئەر كىشى ۋىجدانىمغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلمايمەن، دېگەن خىيال بىلەن تېلفۇننى قويۋەتتىم. شۇنداقلا قىسقا ئۇچۈر ئارقىلىق. مەن تەنھالىقنى تاللىدىم. بەخىتلىك بول دەپ ئۇچۈر يوللاپ قويۇپ قىزىم بىلەن يۈرتۇمغا قاراپ مېڭىپ كەتتىم.

تۇگىدى.

مەنبەسى دىل شوخ  ( ئابدۇكېرىم )    

يانفۇندا كۆرۈش
    315