مۇساپىر (1)

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-03 12:07
                     مۇساپىر (1)

تار پەلەمپەي بىلەن ئۆيۈمگە چىقىپ كىتىپ باراتتىم . ھويلىدا كەشتە تىكىپ
ئولتۇرغان ياش چوكاننىڭ بۇنى كىم تاشلىغاندۇ . ئەخلەتخانىغا ئاپىرىش خۇش ياقماي
ئادەم زاڭلىق قىلغاندەك كىمنىڭ قىلغان ئىشى بۇ دەپ ماڭا مەنىلىك قاراپ قويۇپ
سۈزلىگىلى تۇردى . قورونىڭ ژۇندا تۆكىدىغان ئوقۇرىنىڭ يىنىدا بىر سۇلياۋ خالتىدا
تاۋۇزنىڭ شاپىقى تۇراتتى .
بىر كىچە ئۆتۈپ پەيدا بولۇپ قالغان شاپاقنىڭ ئىگىسىنى ئىنىقلاشتا
مەن گۇمانلىق بولغان ئوخشايمە . ھىچ ئىپادىسىزلا ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم. بۇ قورو
مۇشۇ شەھەردىكى مۇساپىر لار مەھەللىسى ئىچىدىكى مەن قاتارلىق ئوننەچچە مۇساپىر
ئولتۇرۋاتقان ئىككى ئىغىزلىقتىن سىلىنغان ئىجارە ھويلا . مەن بۇ يەرنى نامراتلار
مەھەللىسى دەپ ئاتايمەن .
بۇ يەردە ئولتۇرۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىلا ئالتە شەھەردىكى ھەرقايسى
ناھىيلەردىن كەلگەنلەر . ئانچە مۇنچە ئۇششاق ئوقەت قىلدىغانلار ئاز دىيەرلىك .
كۆپىنچىسى ھۈنەرلىرگە تاينىپ ياكى كۈنلىك مەدىكارچىلىق بىلەن كۈ كەچۈردىغانلار
.
بۇلارنىڭ ئارسىدا بالا چاقىسى بىلەن يۇرتتىن يىنىپ چىققان خىلى
ياشقا چوڭلار ، ياش ئەرخوتۇنلار ، توي قىلمىغان ياش قىز يىگىتلەر ئارسىدا كۆپ پۇل
تېپىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن مەنمۇ بار ئېدىم .
ئېرى تىلفون بازىردا تىرىكچىلىك قىلدىغان . سىمىز لىكىدىن ئۆز
يىشىغا نىسبەتەن چوڭراق كۆرنىدىغان بۇ سىمىز چوكان . بۇ قورونىڭ غوجىدارىدەك كىم
ھاجەتخانىغا سۇ تۆكمەي قايتىپ چىقتى . كىم قەغەز سېۋتىنى بىرە قېتىم تۆكۈپ باقمىدى
دىگەندەك ئىشلارنى باھەنە قىلىپ ھويلىنى بىشىغا كىيەتتى . ئانىسى باردەك بۇ يەردە
دەپ كاھىشلىرغا كۆنۈپ قالغان باشقىلار ئۆز ئۆيلىرگە كىرگەندىلا ئۆزىنىڭ بولغان
بولسا ئىش بارتى بۇ يوپەندىگە دەپ قويشاتتى .
ھازىر ماڭىمۇ ھەقىچان سەن تاشلىدىڭغۇ دىگەندەك مەنا بىلەن بۈرك
كۆزلىردە تىكىلىپ قاراشلىرغا جاۋاپسىزلا قايتىپ كېرىپ . مۇشۇ مۇساپىرلىق
تۇرمۇشۇمنى . بىر كۈن ئىشلىمىسە بىر كۈن ئاچ قالىدىغان مۇساپىرلارنى يېزىپ بىقىش
نىيتىدە قولۇمغا قەلەم ئالدىم.
كورلا . ھەقەقەتەن چوڭ ھەم گۈزەل شەھەركەن . شۇنچە كۆپ مۇساپىرغا
باش پاناھ بولۋاتقان بۇ يۇرتقا مەنمۇ باي بولۇش ئارزۇيۇمغا يېتىش ئۈچۈن تۆت ئاينىڭ
ئالدىدا تۇنجى قېتىم قەدەم باسقان ئىدىم .
پويىز ئىستانسىغا كېلىپ لا مەن بىلەن بىر مەھەللىلىك سەيدۇللاغا
تىلاون قېلدىم. سەيدۇللا ئۈچ يىلدىن بېرى مۇشۇ يەردە تىرىكچىلىك قىلۋاتاتتى . ئۆزى
تامچى بولۇپ بۇ يەرگە چىققاندىن كېيىن ئىشلىرى ئوڭ كېلىپ خىلى كۆپ پۇلمۇ تېپىپتىكەن
. بۇلتۇر قۇربان ھېيىتتا بىك ماركىلىق ماشىنىدىن بىرنى ھەيدەپ بىرىپ مەھەللىدىكى
بالىلارنى ھەۋەستە قويغانتى.
گەرچە ئىككىمىڭىنچى يىللارنىڭ بولسىمۇ قىرىق مىڭ كويغا ئالدىم
دەپ ئۆزىنى بىر كۆرسىتىۋالغان . دېمىسىمۇ قىرىق مىڭ كوي ئاز پۇل ئەمەستە. بىزنىڭ
مەھەللىدە بۇنچىلىك پۇلغا قۇربىتى يىتىدىغانلار خىلى ھاللىق ھىساپلىنىدۇ . ئۆزى
شەخسى ماشىنا ھەيدىگەن ئادەممۇ مۇشۇ سەيدۇل ئىدى . مىنىڭ بۇيەردىن پۇل تېپىش
خىيالىغا كىلشىمگىمۇ شۇ تۈرىتكە بولغان دىسەممۇ بولىدۇ . مىنىڭمۇ تامچىلىق ھۆنىرىم
بولغاچقا تىخىمۇ ئىشتىياقىم قوزغالدى .
ئۇنىڭغا تىلاون قېلىپ تۇرۋاتقان ئورنىنى سوراپ تاكسى بىلەن مۇشۇ
مەھەللىنىڭ ئالدىغا چۈشتۈم . شۇنچە كۆركەم بىنالار ئارسىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ كۆزۈم
ئىمىر -چىمىر بولۇپ بۇيەرگە كىلىپ توختىغاندا بىر قىسمىلا بوپ قالدىم .
قارسىلا قاتار -قاتار كىچىك كوچا . ھەممىسىدىكى ئۆيلەر
ئوخشاش شەكىلدە سىلىنغان . يول تەرەپكە قارتىپ ئىككىنچى قەۋتى بالىكون شەكىللىك
كارىدور. شۇنىڭ غا تاتىغلىق سىملارغا ئىسىلغان كىيىملەر . بۇلۇڭ تەرىپىدىن كۆرىنىپ
تۇرغان مەش كانىيى ئالدىدىن ئۆرلىگەن ھوردىن ئۆزىنى قاچۇر ۋاتقان ئاياللار .
كوچىلاردا ئويناۋاتقان ساپ سەھرا بالىلىرى . ئۇلارغا قاراپ ئولتۇرۇشقان تونۇش
چىرايلار .
باشقىلار ئادەمنىڭ كۆپلىكىنى ئىچكىرى شەھەرلەرگە بارغاندا
ھىسقىلغان بولسا . مەن مۇساپىرنىڭ كۆپلىكىنى مۇشۇ يەردە ھىسقىلغان . سەيدۇللا
بىلەن ئۇچۇرشۇپ قىزغىن ئەھۋاللاشتۇق . مىنىڭ كەلگىنىمدىن ئۇمۇ خۇشال كۆرىنەتتى.
مەندىن ئىككى ياش چوڭ بولسىمۇ يۇرىتتا بىللە تامچىلىق قىلغاچقا ياخشى ئەل
ئاغىنىلەردىن ئىدۇق. ئۇمۇ مىنىڭ نەزىرىمدە مەرىت بالىلاردىن ئىدى . شۇڭا ئۇنى ماڭا
پاناھ بولالايدۇ دەپ بۇ شەھەرگە كەلگىنىمنىڭ يەنە بىر سەۋەبىمۇ شۇ .
ئۇنىڭ ئۆيى مەن بايا دىگەن مۇشۇ قورودا ئىكەن . بىر يىرىم ياشتىن
پەرىقلىنىدىغان ئىككى بالىسى ، ئايالى ئۈچىنچى بالىسىغا قوساق كۆتۈرۈپ خىلىلا
ئىغىرلىشىپ قاپتۇ . بىرە قۇر سالاملىشىپ ۋەزىپەڭنى ئادا قىپ بولاپسە ئەمدى دەپ
چاقچاق قىلىپ كىچىك ئوغلىنى قۇچىقىمغا ئىلىپ ئولتۇردۇم . ئۇمۇ مەندىن ھىتىرقاپ
كەينىگە ئۆتىۋالغان چوڭ ئوغلىغا قاراپ ساڭا ئوخشاش شەيىختەك يۈرىۋەرسە
بولامتى دىيە ئوغلۇم دەپ ماڭىمۇ تەككۈزىۋالدى .
داستىخاننى يۇغۇشتۇرۇپ بولغان ئايالىغا تاماق ئىتىشنى بۇيرۇپ مەن
بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇردى . يۇرىتتىكىلەرنى سوراپ . سەن قانداق بولۇپ چېقىپ
قالدىڭ ماڭىدىغاندا تىلفون قىلۋەتكەن بولساڭ ئالدىڭغا چىقاتتىم دىگىنىگە ئۆزرە
ئېيتىپ ، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سورودۇم . بۇ يىل تازا ياخشى ئەمەس . بۇلتۇر بۇنداق
ۋاقىتتا ئەللىك مىڭ كوينى كاغا سەپ بولغانتىم . ئەتىياز كىرگەننىڭ ياقى ئىش
يوق ئۆيدە يېتىپ تازا زىرىككەنتىم ياخشى سەن كەپ قالدىڭ . تۆت بەشكۈن شەھەرنى
ئايلاندۇرۇپ ئوينىتاي . ئاندىن ئىش بازىرغا چىقىپ ئانچە مۇنچە ئىشلەپ تۇرساق ئىش
كۆتىرە بىردىغانلارمۇ ئۇچرايدۇ . بۇيىل كىرشى بىلەن پەقەت تايىنى يوق بولىۋاتىدىغۇ
تاڭ ، ئىش چىق سىمۇ بەك ئەرزان . شەھەر قۇرلىشىنى توختاتقاچقىمۇ پۇلۇم بار
لوبەنلەرمۇ كەينىگە سۆرەۋاتىدۇ . بۇلتۇر كەپ قالغان بولساڭ پۇل تېپىپ زىرىكىپ
كىتىتىڭ دىگەن گەپلىرنى ئاڭلاپ بىردە ئۈمۈت سىزلەنسەم ، بىردە ئۈمۈتلىنىپ
ئولتۇردۇم ....................
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315