ئۆتكەن ئۆمۇر ئاققان سۇ

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-01 13:21
  ئۆتكەن ئۇمۇر - ئاققان سۇ . چۇنكى ، ئۇ نادانلارنى گۆرگە باشلايدىغان ئەرۋاھ ! ھەرقانچە قەيسەر ئادەم بولغاندىمۇ تۇنۇگۇن بىلەن بۇگۇندىن ئىبارەت ئككى ئېغىر يۇكنى يۇدۇۋالىدىغان بولسا ، بىر غېرىچ ئىلگىرىلىشىمۇ قىيىنغا توختايدۇ . 

كەلگۇسىنىمۇ ئۆتمۇشىڭىز بىلەن ئوخشاشلا ئۈزۇل-كىسىل ئايرىۋىتىڭ ، كەلگۇسى دىگەن نەرسە خىيالىڭىزغا كەلمىسۇن ، ئەتە دىگەن نەرسىنىمۇ يادىڭىزغا كەلتۇرمەڭ ، پەقەت بۇگۇن ئۇچۇنلا ھەقىقىي ياشاڭ ، ھېرىپ چارچاپ ھالىدىن كىتىش ، مەنىۋىى جەھەتتە ئازاپ چىكىش ، روھىي جەھەتتە جىددىيلىشىپ كىتىش دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ كەلگۇسى ئۇچۈن غەم يىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى .

    كىشىلىك ھاياتنىڭ ئۇزاق مۇساپىسىدە نۇرغۇن كۇڭۇلسىز ئەھۋاللارغا يۇلۇقۇپ تۇرىمىز . بۇ ئەھۋاللارمۇ <<پەقەت شۇنداق بۇلىدۇ>>كى،<<باشقىچە بۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس>>. بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە يا ئۇنى رەت قىلىمىز ، يا ئۇنىڭغا ماسلىشىمىز ، ياكى كۆڭلىمىزدىكى قارشى كەيپىياتىمىز ئارقىلىق ئۇزىمىزنىڭ نىرۋىسىنى زەھەرلەپ ئاخىردا روھىي جەھەتتىكى نۇرماللىقنى يۇقىتىمىز .

    سىز ئۇزىڭىز ئۇچۇن ئېيىتقاندا دۇنيادا بىردىنبىر ئادەمسىز ، سىز بۇنىڭدىن خوش بولىشىڭىز كىرەك ، ئاللاھ سىزگە ئاتا قىلغان بارلىق نەرسىلەردىن تۇلۇق پايدىلىنىشىڭىز كىرەك . ھەرقانداق سەنئەتنىڭ ئۆزگىچىلىگى بۇلىدۇ ، سىز ئۇزىڭىز ئېيتالايدىغان ناخشىلارنى ئېيتىڭ ، ئۇزىڭىز خالىغان يەرلەرگە بېرىڭ ، سىزنىڭمۇ ئۇزىڭىزگە لايىق سەرگۇزەشتىڭىز بار . سىزنىڭ ئالاھىدىلىگىڭىزنى سىز تۇرۋاتقان مۇھىت ۋە سىز قۇبۇل قىلغان ، ئىرسىيەت ئامىلى ئاتا قىلغان ، مەيلى تەقدىر پىشانىڭىز قانداق بۇلۇشىدىن قەتئى نەزەر ، ئۇزىڭىزگە تەئەللۇق يەرنى تېپىشىڭىز كىرەك ، مەيلى سىزگە قانداق تۇيۇلسا تۇيۇلسۇن ھاياتلىق ئوركىستىردا چۇقۇم ئۇزىڭىزنىڭ سازىڭىزنى چېلىشىڭىز لازىم .

قەدىرلىك ئۇستازلار دوسلار قېرىنداشلار مەن مۇنبەرگە تىما يوللىمىغىلى خېلى ئۇزۇن بولدى ، ئەمدى ئىنكاسنى يېزىپ تۇردۇق ، بىراق مۇشۇ تىما يېزىشقا كەلگەندە بەكمۇ ئالدىراپ كەتمىدىم ، بۇنىڭ نىمە ئۇچۇنلىگىنى ئۇزەممۇ بىلمەيمەن ، ئەمما يازاي دىسەم يېزىۋىرىپ تىما پاخاللىغىنى كەلتۇرۋىتىمەن ، شۇڭا يازمىدىم ، خوش مۇنبەرداشلىرىم ئەمىسە ئىنكاستا كۇرۇشەيلى . ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلىشىنى تىلەيمەن .....

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315