ئايال بولۇش بىر ئىلىم،كىلىن بولۇش بىر سەنئەت

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-01 13:06
ئايال بولۇش بىر ئىلىم،كىلىن بولۇش بىر سەنئەت


ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە ئانىسىدىنمۇ ئۇلۇغ، نۇقسانسىز، كۆيۇمچان ئايال بولماس. شۇڭا ئۇلار ئانىسىنىڭ  ئۆلچىمى بويىچە ئايالىنى دەڭسەيدۇ. ئانىسىغا سېلىشتۇرىدۇ. ئاياللار ئەرلەرنىڭ بۇ قارىشىنى ئوزگەرتەلمەيدۇ. قىسقىسى، ئېرىنى سۆيۇشنى بىلگەن ئايال چوقۇم ئالدى بىلەن ئېرىنىڭ ئاتا - ئانىسىنى ياخشى كۆرۇشى، ھۆرمەتلەشنى بىلىشى زۆرۆر . ئۇنداقتا، كېلىن بولغۇچى قېينىئانىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ۋە مېھرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ 
1 . كېلىن ئېرىگە بولغان مۇھەببىتىنى دائىم قېينىئانىسىغا بىلدۈرۈپ تۇرۇش بىلەن بىللە، قېينانىسىنى خۇددى ئۆز ئانىسىدەك كۆرىدىغانلىغىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك ؛
2 . قېينانىسىنىڭ ئالدىدا ئېرىنىڭ ياخشى گېپىنى كۆپ قىلىپ بېرىش كېرەك، چۈنكى ھەر قانداق ئانا ئوغلىنىڭ غەيۋىتىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرمەيدۇ ؛ 
3 . كېلىن قېيناتا - قېينانىسىنىڭ ئالدىدا بىلەرمەنلىك قىلماسلىقى ، بەزى مەسىلىلەردە پىكىرى بىلەن ئۆزىنىڭ قارىشى زىت بولغان تەقدىردىمۇ قېينانىسىغا يول قويۇشى كېرەك ؛ 
4 . كېلىن ھەر ۋاقىت قېينانىسى تەرەپتە تۇرۇپ گەپ قىلىشى كېرەك، ئەگەر ئېرى بىلەن قېينانىسى ئوتتۇرسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلسە، كېلىن چوقۇم قېينانىسى تەرەپتە تۇرۇپ ئېرىنى بېسىشى كېرەك. چۇنكى نۇرغۇن قېينانىلار ئوغلىنىڭ ‹‹ ئۆزگۈرۈپ كېتىشى ›› نىڭ سەۋەبىنى كېلىنىدىن كۆرىدۇ، شۇڭا كېلىن چوقۇم قېينانىسى تەرەپتە تۇرىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ قويۇشى كېرەك ؛ 
5 . كېلىن قېينانىسىنىڭ ئالدىدا ئېرىگە بەكمۇ يېقىنچىلىق قىلىپ كەتمەسلىكى لازىم، بولمىسا قېينانىسىدا ھەسەت قوزغاپ قويىدۇ ؛ 
6 . كېلىن قېينانىسىغا ئۆز قىزىدەك كۆيۈنىشى، ئۆز ئانىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. لېكىن يېقىنچىلىق قىلىپ چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەسلىك كېرەك ؛ 
7 . كېلىن قېينانىسىغا ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىكى مۇھىم ئورنىنى بىلدۇرۇپ قويۇش كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا قېينانىنىڭ قەلبىدە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ، ئۇلاردىن رازى بولىدۇ ؛ 
8 . كېلىن قېينانىسىنىڭ ئالدىدا ياغاچتەك قېتىۋالماسلىقى، چوڭ ئىشلاردا مەيدانى مۇستەھكەم، كىچىك ئىشلاردا دۆت بولۇۋېلىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا قېينانا كېلىنىگە ھەم قايىل بولىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ ؛ 
9 . كېلىن قېينانىسى بىلەن ئازارلىشىپ قالسا ئېرىگە چاقماسلىقى كېرەك. ئۇنداق قىلغاندا قېينانا بىلەن بولغان مۇناسىۋەت يىرىكلىشىپلا قالماي، ئېرىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ . شۇڭا ئېرىگە قېينانىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن كۆڭۈللۇك ۋاقىتلىرىنى دائىم سۆزلەپ بىرىشى كېرەك، شۇندىلا ئەر ئايالىنىڭ ئىقتىدارلىقىغا قايىل بولىدۇ ھەم ئۇنى بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك قەدىرلەيدۇ ؛ 
10 . ئەگەر قېينانا ھەق گەپ ئۇقمايدىغان، جاھىل بولسا، كېلىن چوقۇم قېينانىسىغا ئۆزى ۋە قېينانىسىنىڭ ئوغلى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، قەدىرلەيدىغان ئايال ئىكەنلىگىنى، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلەشسە، ئائىلىنىڭ ئومۇمى كەيپىياتىغا، پۈتۈنلىگىگە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشى كېرەك ؛

(مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىدىن ئېلىندى) 
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315