سىز بۇ ئەردەك بولۇپ قالماڭ

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-01 13:04
بىر جۈپ ياش ئەر- ئايال ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا چىقىپ، ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن، باشقا- باشقا يەردە تۇرۇپ قاپتۇ.

   ئۇزۇق ئۆتمەي، كىشىلەر ئارىسىدىن كىچىككىنە بىر يۇمشاق قول سوزۇلۇپ كېلىپ، ياش ئەرنىڭ قولىنى تۇتۇۋاپتۇ. ئەرنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى بىر خىل شېرىن ھېسسىيات چىرماپ، ئۆزىنى يوقىتىپ قويغىلى تاس قاپتۇ. ئاپتوبۇس بېكەتكە يېتىپ كەلگەن چاغدا، ئۇنىڭ يۇمشاق قولنى پەقەتلا قويۇۋەتكۈسى كەلمەپتۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىسىم كارتۇشكىسىنى چىقىرىپ، قىلچە ئىككىلەنمەيلا ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپتۇ.

   ئاپتۇبۇستىن چۈشۈراتقان چاغدا بىر يۈك ماشىنىسى شىددەت بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلىپ كەپتۇ. كەينىدىن چۈشۈۋاتقان ئايالى دەرھال ئېرىنى نېرىغا ئىتتىۋېتىپتۇ، ئەمما ئۆزى قانغا بويىلىپ يەرگە يىقىلىپتۇ. ياش ئەر ئۆزىنى قۇتقۇزىمەن دەپ جېنىدىن ئايرىلغان بۇ ۋاپادار ئايالىنى شۇنداق كۆتۈرۈشىگە، ئۇنىڭ قولىدا ئۆزى بايا بەرگەن ئىسىم كارتۇچكىسنىڭ چىڭ سىقىمداقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ.

شەك- شۈبھىسىزكى، بۇ بىر ئېچىنىشلىق ھېكايە، تۇرمۇشتا مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىىغان ھېكايىلەر ناھايىتى كۆپ.

   زېرىكىش تۈپەيلىدىن، بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز بەزى چاغلاردا ئەسلىدىكى ئىللىقلىقدىن چەتنەپ كېتىپ قالىدۇ. قىزىقىش تۈپەيلىدىن، بىزنىڭ سەپىرىمىز مەلۇم ئاچالغا كەلگەندە، بىلىپ- بىلمەيلا باشقا ياققا بۇرۇلۇپ كېتىدۇ. سەن كەينىمگە قايرىلايچۇ دەپ تۇرغان چېغىڭدا، مۇھەببەتنىڭ ئۇ يەردە ئۆكسۈپ يىغلاۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالىسەن.

   بىزنىڭ ياشاۋاتقىنىمىز رىئال تۇرمۇش، دىمەكچىمەنكى، ھەممىمىز ئادەتتىكى ئادەم. شۇڭا تۇرمۇشىمىزدا ھەمىشە بەزى ئۇششاق- چۈششەك تاسادىپىيلىقلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، بۇ خۇددى بىر تۈپ دەرەختە زۈرۈر بولمىغان شاخ- پۇتاقلارنىڭ پەيدا بولۇپ قالغىنىدەكلا بىر ئىش.

  شۇنى بىلىش كېرەككى، مۇھەببەت ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى، تۇرمۇشىمىز شۇنىڭ بىلەن مەزمۇن تاپىدۇ. سەنمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆز سۆيگۈنۈڭنى قولىدىن يېتىلەپ ماڭىسەن، كىشىلىك ھاياتتىكى بۇ قىممەتلىك بايلىقنى چوقۇم قەدىرلىگىن ھەم ئاسرىغىن.

" ياشلار ئۈچۈن 101 ھېكىمەت" ناملىق كىتابدىن ئېلىندى 

مەنبەسى :كەچۇرۇڭلار قايسى توربەتتىن ساقلاپ قويغىنىم ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ .
 

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315