ئەر-ئاياللارنىڭ پەرقىنى بىلەمسىز

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-01 12:56
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەھرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-4 23:57  

پىسخىكا دۇنياسىدىكى ئەر-ئاياللارنىڭ پەرقىنى بىلەمسىز؟ تۆۋەندىكىلەرگە قۇلاق سېلىڭ: سىزگە چوقۇم پايدىسى تېگىپ قالىدۇ...1


. ئەگەر ئىككى ئەر كىشى بىرلا ۋاقىتتا بىر قىزنى قوغلاشقان ۋاقىتتا ھېسسىياتى ئانچە چوڭقۇر بولمىغان تەرەپ ئالدىدا ۋاز كېچىدۇ، بىراق ئىككى قىز بىرلا ۋاقىتتا بىر ئەر كىشىنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ھېسسىياتى بەك چوڭقۇر بولغان تەرەپ ئالدىدا ۋاز كېچىدۇ، مانا بۇ ئاددىي مىسالدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ھېسسىياتنى بەكرەك مۇھىم ئورۇندا قويىدۇ.
2.
كۆپ قىسىم پىسخىكىلىق تەجىرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قانچە بالدۇر توي قىلسا نىكاھنىڭ سۈپىتى شۇنداقلا مۇكەممەللىكى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ لوگىكىسىغا ئىشىنىدۇ، بىرسىنى كۈتكەن ۋاقىت قانچە ئۇزارغان بولسا نەتىجىسى شۇنچە ياخشى بولىدىكەن. تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى بىر-بىرىنى كۈتۈش پەقەت ۋە پەقەت 22ياش تۆۋەندىكى ياشلارغا ماس كېلىدىكەن. چۈنكى ياشلارنىڭ نەزىرىدە بىر-بىرىنى كۈتۈش تولىمۇ مۇھىم ئىكەن. بىراق 30ياشتىن ئاشقانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا كۈتۈش ۋاقىت ئسىراپچىلىقى ئىكەن.
3.
پىسخىكىلىق تەتقىقاتلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاياللارنىڭ كەڭ قورساقلىقى ئەرلەرنىڭ خاراكتىرى ۋە ئايالىغا بولغان مۇئامىلىسى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. كۆڭلى-كۆكسى كەڭ، ئاسان ئاچچىقلىمايدىغان ئەرلەرنىڭ ئاياللىرىمۇ شۇنچە مېھرىبان ھەم كۆيۈمچان بولىدىكەن.
4.
پىسخىلوگىيە ئىلمىدا ئېرى تۇيۇقسىزلا ئايالىنىڭ كەينىدىن قۇچاقلاپ قويسا بۇنداق ئەرلەرنىڭ ئايالىغا بەرگەن بىخەتەرلىك تۇيغۇسى باشقا ئەرلەرگە قارىغاندا ياخشى بولىدىكەن. شۇڭلاشقا ئەرلەر ئايالىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ۋە ياكى ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى بېرىشنى ئويلىسا مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشى كېرەك ئىكەن.

5.
ئامېرىكىلىق پىسخىلوكلارنىڭ قارىشىچە، ئەرلەر ۋە ئاياللار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالتە خىل مۇھەببەت ئېھتىياجىغا ئېھتىياجلىق بولىدىكەن: ئەرلەرنىڭ ئېھتىياجى بولسا ئىشىنىش، قوبۇل قىلىش، مىننەتتار بولۇش، ماختاش، ئېتىراپ قىلىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش. ئاياللارنىڭ بولسا كۆيىنىش، چۈشىنىش، ھۆرمەتلەش، سەمىمىيەتلىك، كۆڭۈل بۆلۈش ۋە تەسەللىي بېرىش ئىدى.

6.
پىسخىكىلوگىيەدىكى تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئەرلەر بىر كۈندە تەخمىنەن 2000تال سۆز سۆزلەيدىكەن، ئاياللار بولسا بىر كۈندە تەخمىنەن 7000تال سۆز سۆزلەيدىكەن. خىزمەتتىكى بىر كۈندە ئەرلەر ئاساسەن بۇ 2000تال سۆزنى خىزمەت ئورنىدا سۆزلەيدىكەن، ئۆيگە كەلگەندە بولسا ئايالىنىڭ كۆتۇلداشلىرى بىلەن بېشى ئاغرىپ ھېچقانداق گەپ قىلغۇسى كەلمەيدىكەن. بىراق ئاياللار بولسا 2000تال سۆزنى خىزمەت ئورنىدا دېسىمۇ قالغان 5000تال سۆزنى ئائىلىدە ئېرىگە دەيدىكەن. شۇڭا ئاياللارنى كوت-كوت دەيدىكەن.


مەيلى پىسخىلوگىيەدە بولسۇن ۋەياكى باشقا ساھەلەردە بولسۇن ئەر-ئاياللارنىڭ پەرقى بەك چوڭ بولىدىكەن، ئادەتتە كىشىلىك مۇناسىۋەتتە بۇ پەرىقلەرنى ياخشى ئىگىلىۋالغان ئەھۋال ئاستىدا نۇرغۇنلىغان مۇناسىۋەتلەر بەك ياخشى داۋام قىلىدىكەن.
قەشقەر كىنىو توردىن ئىلىندى.
 

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315