تاڭ سابا مۇنبىرى مۇنبەر ژورنىلى

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-01 12:53
(1-سان)

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تاڭ سابا مۇنبىرىنىڭ ئوت يۈرەك يىگىتلىرى،گۈلچىراي خانىم-قىزلىرى كەمىنە شەھلادىن سىزلەرگە ئوتلۇق سالام ئالىي ئىھتىرام!مۇنبىرىمىز قۇرۇلۇپ تېخى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە كۆپلىگەن نادىر تىما،ئەسەرلەر ئارقىلىق  بۈگۈنكى تەرەقىياتلارغا ئىرىشتى ،بۇ مۇنبىرىمىزدىكى كىچە-كۈندۈز ئىزدىنىۋاتقان،ئالتۇندەك ۋاقىتىلىرىنى چىقىرىپ تىما-ئىنكاس يوللاۋاتقان ئەزىز دوستلارنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئەلۋەتتە.بۇ تىما مۇنبەرداشلارنىڭ ئالدىنقى بىر يىلدىكى تىما-ئەسەرلىرىدىن تاللاپ ئېلىندى،(ئەلۋەتتە كۆپلىگەن نادىر تېمىلار يەنىلا نەزىرىمىزدىن ساقىت  بولۇپ قالدى ).بىز مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق مۇنبەرداشلار نامىدىن بارلىق تىما ئىگىللىرىگە  سەمىمىي تەشەككۈرۈمىزنى بىلدۈرىمىز شۇنداقلا بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە زور ئۇتۇقلار تىلەيمىز.
تاڭ سابا مۇنبىرىمىزنىڭ تېخىمۇ زور تەرەقىياتلارغا ئىرششىنى،ئەزىز دوستلارنىڭ تور دۇنياسىدىكى ئىللىق ئائىلىسى بولۇپ قېلىشنى ئۆمۈد قىلىمىز.
نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردابولسۇن.

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرىدىن تاللانما

گۈل ئەمەسكەن ياشلىقىم توزىسا يەنە ئاچىلغىلى 
ياكى كۈزدە تورنىدەك كەتسە ،باھاردا يانغىلى .

ئۇچتى كەتتى قۇش كەبى ،ئارماندا قالدىم ھەسرەتا.
ئەمدى مىڭ -مىڭ قاقشىسام ،ئىندەككە كەلمەس ھىچ يولى .

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ..
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... d=337&highlight


لۇتىپۇللا مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىن تاللانما

كۆردۈم

جاھان ئىچرە نەزەر سالدىم، تامام غەۋغانى كۆردۈم،
كۆڭۈل سۆيگۈ بازارىدا مۇھەببەت، قايغۇنى كۆردۇم.

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... d=285&highlight

خىيالچان تىلەك 

تىڭرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالى تىلەكلەرنى،
چۈشۈرمەيمەن كۈرەشكە دەپ تۈرگەن بۇ بىلەكلەرنى.

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.....
http://www.tangsaba.com/forum.php?mod=viewthread&tid=341

تاڭ سابا مۇنبىرى يازغۇچىللىرى ئەسەرلىرى



سابا
قىسمەت
(ھېكايە)
تۇرسۇنگۈل  قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ ئىككىلىنىش ،خىجىللىق ئىلكىدە ئىلمىي بۈلۈم ئالدىغا كەلدى. قانداقلا بولمىسۇن كىرىپ، ئىلمىي مۇدىرغا نىمىشقا كىچىكىپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ قۇيمىسا ئاي ئاخىرى، يىل ئاخىرى بولغاندا «ئىككى سائەت رۇخسەتسىز خىزمەت تاشلىغانلىقى» تۇتامىغا چىقمايدىغان بىر قاتار باھالاش ئۆلچەملىرى ئىچىدىكى «بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىنىدىغان»، «مۇھىم» تۈرگە كىرىپ قېلىپ، «مەكتەپتىكى ئىپادىسى ھەرھالدا ياخشى، لىكىن ئىنتىزام قارىشى ئېنىق ئەمەس، ئىنتىزام ھەممە خىزمەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئىنتىزامسىز كادىر ياخشى كادىر بۇلالمايدۇ ....» دىگەندەك «كۈيۈنۈپ» ئېيتىلغان «تەكلىپ -پىكىر»لەرگە كۈمۈلۈپ قېلىشى ئېنىق ئىدى. «تاك،تاك، تاك .......

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ..
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... d=87&highlight=


بىۋاپا
ئىنسان دىگەن دۇنيادا ياشاركەن شۇنداق
(شېئىر)

بىرلىرى باي ئاشۇنداق بىرلىرى گاداي،
بىر شاھتۇر ئۇلارغا  بىرلىرى  مالاي.
بىرى غەمدە ياشلىرى تۈكۈلدى تالاي،
ئىنساندىگەن دۇنيادا ياشاركەن شۇنداق.

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ..
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... =123&highlight=


گۈلنىھال
قەلىب ئۈنچىللىرى
(نەسىر)

بىر ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادا قەدىرلىك ھەم قەدىرىسىز بولمىقى بەزىدە بىردەملىكلا ئىش . بولۇپمۇ سۆيگۈ دۇنياسىدا شۇنداق .
     ئەگەر سەن ياخشى كۆرگەن ئادەمنى باشقىلار تارتىۋالماقچى بولغاندا ئۇ ساڭا  دۇنيادا ئەڭ قەدىرلىك ، قىممەتلىك بىلىنىپ  ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئېرىشىش كويىدا سەكپارە بولىسەن . ئەكىسچە .....

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ..
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... &extra=page%3D3

دىلشوخ
دىلشوخ شېئىر توپلىمى

مەن ئىشقىڭدا كۆيۈپ-كۆيۈپ ئايلانسام كۈلگە،
ھەسرەت چەكمە جۇدالىققا بۇنداياخشى قال.
چۈشلىرىمدىن خىيالىمدىن كەتمىىدىڭ بىر دەم،
يۈرىكىمنى سۆيگۈڭ بىلەن ئەيلىدىڭ قامال.
خوش دېگۈم يوق ئايرىلغۇم يوق سېنىڭدىن ئاڭلا،
سەن ئەمەسمۇ جېنىم مېنىڭ ئىشقىڭدا مەن لال.

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ...
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... ;tid=124&extra=

مۇنبىرىمىزدىكى سىز كۆرمىگەن ئەسەرلەردىن تەرمىلەر


ئاچچىق كۈلكىلەر

ئىشىكتىن چىقىپلا تاكسىغا ئولتۇرىدۇ.  لېغىت بىلەن 7- قەۋەتتىكى چېنىقىش ئۆيىگە كىرىپ،  يۈگۈرتۈش ماشىنىسىدا قارا تەرگە چۆمۈلگىچە يۈگرەيدۇ.  
       ئاخشىمى تورخانا،  كارا  OK،  تانسىخانىلاردا ئويناپ،  ئەسنەپ ئېڭەكلىرى چۈشۈپ قالسىمۇ تۈن تەڭگىچە ئۇخلىمايدۇ.  ياتقاندا ئۇخلىيالماي ئۇيقۇ دورىسى ئىچىدۇ.....

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... id=56&highlight

شېئىر ۋە شائىر
  
شېئر -مارجان ئەمەس،يىپقا تىزىپ قويسا تۇرىۋېردىغان ياكى ئەزان ئەمەس قۇلاقنى تۇتۇپ ئېتىسا بولىۋىردىغان .
شېئر-«ئايەت»ئەمەس ،مەنىسىنى ئۇقماي  ئوقىسىلا بولىۋىردىغان ياكى ماتا ئەمەس دۇكان قۇرۇپ توقسىلا چېقىۋىردىغان .
شېئر -كەشتە ئەمەس ،رەڭدار مەشۇت بىلەن لاتىغا تىكىپ قويىدىغان ياكى سۈرەت ئەمەس قەغەزگە سىزىپ قويسىلا بولىۋېردىغان ......

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ..
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... p;tid=112&extra

ئاياللار، قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان ئىشلارنى قىلمىغۇلۇق   

توي قىلىپ بولغان ئەرلەر بىلەن ئىلگىرى ئۇ سىزنى قاتتىق ياخشى كۆرۈپ كەتكەن ھالەتتىمۇ قالايمىقان چاقچاقلاشماڭ. بىلىشىڭىز كېرەككى، ھېچ بولمىغاندا ھازىر سىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچنىمە ئەمەس.
داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ..
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... &extra=page%3D1

مەۋلانە جالالىددىن رۇمىي ئۆگۈتلىرىدىن
  
سەن ئاغا-ئىنىڭدە بىر قۇسۇر كۆرسەڭ، بۇ سەندىكى نوقساننىڭ كۆرىنىشىدىن ئىبارەتتۇر. ئادەممۇ خۇددى شۇنداق ئەينەكتۇر. «مۆئمىن مۆئمىننىڭ ئەينىكىدۇر»(ھەدىس) سەن ئاشۇ قۇسۇردىن ئۆزۈڭنى يىراقلاشتۇر. چۈنكى ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان سەندىكى ئىزتىراپ ئۆزۈڭدىن چىققان غەمدۇر. ئۇنىڭدىن خاپا بولغان ۋاقتىڭدا ئۆزۈڭدىنمۇ رەنجىيسەن.....

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ..
http://www.tangsaba.com/forum.php?mod=viewthread&tid=379

تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى ‏

سەن ئازاپتا ، مەنمۇ ئازاپتا ،
‏يېتەلمىدۇق ۋىسالغا زىنھار .
‏بىلگەن بولسام بۇنى ئىلگىرى ،
‏قىلماس ئىدىم سۆيگۈمنى ئىزھار .

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... ;tid=129&extra=

ھاياتلىقتىكى ئېرىشىش ۋە مەھرۇم قېلىش

بىر بوۋاق تۇغۇلۇپلا ئۆلۈپ قاپتۇ. بىر بوۋاي ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلۈپتۈ. بىر ئوتتۇرا ياش كىشى بولسا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قاپتۇ، ئۇارنىڭ روھى جەننەتكە كىرىش يولىدا ئۇچرىشىپتۇ.
بوۋاق بوۋايغا:      ...........

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... d=183&highlight

سىلىق -سىپايە سۆزلەشكە ئادەتلىنەيلى 

تىل - ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىش ،پىكىر ،ئىدىيە ،ھىسىيات ئالماشتۇرۇش قۇرالى .خۇددى ئۇيغۇر شىېئىرىيىتىنىڭ نادىر پېشۋاسى ،شائىرلارنىڭ پىر ئۇستازى ئەلشىر نەۋائىي ئېيىتقاندەك :

ئىنساننى تىل ئەيلىدى جۇدا ھايۋاندىن ،
بىلگىنكى گۈھەرنىڭ شەرەفراقى يوق ئاندىن.
كۆڭۈل خەزىنىسىنىڭ گۆھىرى تىلدۇر،
ئادەم گۈلىشەنىنىڭ شەمەرى تىلدۇر .

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... mp;tid=24&extra

پۇلۇم بار بولغاندا

پۇلۇم بار بولغاندا تېلېفون نومۇرۇمنى 11111111111 قىلىپ ئۆزگەرتىمەن ، ئىسىڭدە تۇتالمىغىنىڭنى كۆرەي .
پۇلۇم بار بولغاندا موتودىن 500نى سېتىۋېلىپ يەنە 500 شوپۇر تەكلىپ قىلىپ ئارقامغا سېلىپ ھەيدىتىمەن ،بىردەم «ئاقسا» دېگەن خەت شەكلىدە ،بىردەم «نوچى بولساڭ تۇتە قېنى» دېگەن خەت شەكلىدە تىزىپ چوڭ يولدا ماڭغۇزىمەن ......

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... d=152&highlight

مۇھەببەتكە مۇنداق تەبىر بەرسەك بولارمۇ؟
مۇھەببەت بۇ ئۆلمەس تېما،بۇ ئاتالغۇغا كونكىرىت جاۋاپ بېرىشكە توغرا كەلسە نۇرغۇن تەرەپلەر بىلەن چۈشەندۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ. 
مۇھەببەت -ئۇ سۆيگۈ دىمەكتۇر،سۆيگۈ بىر خىل ئۈگۈنۈش زۆرۈر بولغان ھىسىىيات .ئۇ تۆۋەندىكى تۆت ئامىلدىن تەركىپ تاپىدۇ: 
1.سۆيگۈ غەمخورلۇقتۇر. سىز ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزگىلا كۈڭۈل بۆلۈپلا قالماستىن بەلكى .......

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... d=162&highlight

يۈرىكىڭ تونۇيدۇ مېنى ئىھتىمال

قەلبىمدە ھېچ نەرسە قالمىغان چاغدا،
توختايمەن ئۈن-تىنسىز شېئىر يېزىشتىن.
قويىمەن چىرايلىق گۈللەرنى داغدا،
مەن بۇرۇن ئۆلىمەن شېئىر ئۆلۇشتىن.

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... d=308&highlight

تىلسىزلارنىڭ سۆزلەشمىللىرى
  
بۈرگە پىتتىن سوراپتۇ: 
       -ئىلگىرى پات-پات كۆرۈشۈپ قالاتتۇق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىدارلىشالمىدۇق. نەلەردە يۈرىيسەن، ئۇكىجان؟ 
       پىت جاۋاپ بېرىپ دەپتۇ: 
       -ئىلگىرى يوتقان-كۆرپە، ئىشتان-كۆڭلەكلەرنىڭ ئەستىرىنى ماكان قىلغان چاغلىرىمىزدا .....

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... id=57&highlight

چۈش

سائەتنىڭ جىرىڭلىشىدىن چۆچۈپ ئويغانغان رۇقىيە،كارىۋاتنىڭ لىۋىدە ئولتۇرۇپ،بايا كۆرگەن چۈشىنى ئويلاپ بىئارام بولۇشقا باشلىدى،يەنە شۇ ئوخشاش چۈش،يەنەشۇ تونۇش ھەم ناتونۇش سىما.بۇنداق چۈشنى قانچە قېتىملاپ كۆرگىننى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى،ئەمما ھەر قېتىم بۇچۈشلەرئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇرئەڭ پىنھان جايلىرىدىكى ئەسىلمىسىنى ئىسىگە سېلىپ ئۇنى ئاشۇ ئۆتمۈشكە،ئاشۇ بورانلىق ئازابلىق كۈنگە باشلايتتى....

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... d=193&highlight

ئۇيغۇرلاردا «80 يامان بولىدۇ»

1.«سەھەر تۇرمىسىڭىز يامان بولىدۇ»
2.« ناشتا قىلماي سىرتقا چىقماڭ، يامان بولىدۇ» 
3.« كېچىدە ئۆيدە يۇندا – ئەخلەتلەرنى ساقلىماڭ، يامان بولىدۇ»
4. «ئۆيگە مىھمان كەلگەندە مۈشۈكنى ‹پەش›، توخۇنى ‹تاخ› دىمەڭ، يامان بولىدۇ»....

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... id=40&highlight

مۇنبەرداشلارنى يۇمۇرغا قاتتىم

تاڭ سابا ئارزۇ توغرىسىدا  سۆزلەپ  بولۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ  قانداق  ئارزۇسى بارلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپتۇ .
- مەن چوڭ بولغاندا شىركەت قۇرۇپ . 10 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپ پۇل تېپىپ ، بىر داچا سېتىۋالمەن ، ئاندىن خوتۇنۇمنى ئۆيگە , باللارغا  قاراشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ، كېچىك خوتۇندىن بېرنى ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن دۆلەتمۇ دۆلەت ساياھەت قېلىپ كېلىمەن - دەپتۇ ئەنۋەر .....

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... d=206&highlight

مېنى ئەسلەپ قالغانسەن گۈلۈم

تەلمۈر گەنچە كۆكتىكى ئايغا،
غەرىق بولۇپ  شىرىن خىيالغا.
كەلدىمۇ دەپ شۇ كونا جايغا،
مىنى ئەسلەپ قالغانسەن گۈلۈم.

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... d=196&highlight

تەپەككۇر ۋە پىكىر

ئىنسان پەلسەپە بىلەن شۇغۇللۇنىشى كېرەكمۇ؟ بۇ سۇئالغا شۇغۇللۇنىشى كېرەك ۋە كېرەك ئەمەس دەپ جاۋاپ قايتۇرۇش مۇمكىن. ئىنسان پەلسەپە بىلەن شۇغۇللانمىقى لازىم دېيىلسە ھەممىگە چۈشىنەرلىك بولىدۇ.بۇنى ئسپاتلاش ئۈچۈنمۇ پەلسەپىۋى پىكىر قىلىشقا توغراكىلىدۇ،بۇنىڭدىن شۇنداق خۇلاسە چىقىدۇكى ئىنسان پەلسەپە بىلەن شۇغۇللۇنىشى كېرەك .

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... d=155&highlight

نامسىز چۆچەك
  بۇرۇنقى زاماندا دېڭىز بويىدا بىر نامرات بېلىقچى كىچىكلا ئانىسىدىن يېتىم قالغان ئوغلى بىلەن بىللە ياشايدىكەن . بۇ ئىككىسى بىر –بىرىگە شۇنچىلىك ئىجىل ئىكەنكى ، بېلىقچى ئوغلىغا ھەم دادا ھەم ئانا بولۇپ تۇرمۇشى قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتكىنىگە قارىماي يەنىلا ئاددىي تۇرمۇشىدىن خۇشاللىق تېپىپ ياشايدىكەن.....

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... d=338&highlight

تارىخقا نەزەر

ئۆزمىللىتىنى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى چۈشىنىش ناھايىتى مۇھىم . بىز ئۆز تارىخىمىزنى سۇدەك يادقا بىلەلمىسەكمۇ ، يۈزەكى بولسىمۇ بىر تونۇشقا كېلىپ باقساق :
مىلادىدىن بۇرۇن ۋە كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئاتا-بوۋىسى بولغان تۇغلۇقلار شەرقىي ۋە غەربى قىسمغا بۆلۈنگەن .....

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... d=110&highlight

ياپونىيىدە ھورۇنلار كارۋىتى كەشىپ قىلىندى

ياپونىيە ئاخبارات تورى-en.rocketnews24.com نىڭ 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيىلىك بىر كىشى يېقىندا ئۇخلاش، تاماق يېيىش، تورغا چىقىش ۋە نەرسە-كېرەك ساقلاش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى بىرلا ۋاقىتتا ھازىرلىيالايدىغان ھورۇنلار كارۋىتىنى كەشىپ قىلغان بولۇپ، بۇ ھورۇنلار كارۋىتىدا قولنى سۇنسىلا يېتىدىغان كىچىككىنە پائالىيەت دائىرىسى ئىچىدە كىشىلەر ھاجەت قىلىشتىن باشقا ھەممە ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇپ كېتەلەيدىكەن.....

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... id=45&highlight

ھوسۇل ئال تەر تۆكۈپ يەرگە

ئاقسايدۇ،ئاقمايدۇ ئىشىڭ ،
سەھەردە ئېغىناپ ياتساڭ.
قالارسەن كەينىدە كارۋان،
ئىشەكنى مەپىگە قاتساڭ.

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... d=305&highlight


ئەگەر كالا ساماننى تاللىمىغان بولسا

ئۆتكەن يىلى بىر نەۋرە تۇغقانلار بوۋام ،موماملارنىڭ ئۆيىگە يىغىلدۇق ،تاماق يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن داستىخانلار يىغىشتۇرۇلۇپ ،قائىدە بويىچە چوڭلار قىسسە رىۋايەت سۆزلەشكە چۈشتى .شۇ ئەسنادا تاغامىنىڭ  10 ياشلىق قىزىغا سۆزلەپ بەرگەن مۇنۇ رىۋايىتى ھەممىمىزنىڭ دېقىقىتىنى تارىتتى ....
داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... d=182&highlight

ئىسلام بىلەن ئىلىم-پەن بىر يەردىن چىقالامدۇ؟

ئىسلام بىلەن ئىلىم-پەننىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسى كۆپلىگەن قېرىنداشلار قىزىقىدىغان تېمىلارنىڭ بىرى. مەن ھازىرغىچە ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئوخشىمىغان كۆز-قاراشلىرىنى خېلى كۆپ ئاڭلاپ كەلدىم. ئەمما ماڭا ئۆز كۆز-قاراشلىرىنى بايان قىلغانلار دىنىي زىيالىيلار بولماستىن، ئۆزىگە باشقا ساھەنى كەسىپ قىلغان قېرىنداشلار ئىدى....

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... id=95&highlight

ھاياتلىقتىكى قىممەتلىك سۆزلەر

ئادەم،  « ئادەم»گە ئوخشاش بولۇشى،  خۇددى  ئىككى پۇتى يەرگە دەسسەپ تۇرغاندەك مۇستەھكەم بولۇشى كېرەك. 
كىشىلەر بىلە ن قول ئىلىشىپ كۆرۈشكەندە،  كۆپرەك تۇتۇپ تۇرۇڭ،  چۈنكى سەمىمىيلىك ئەسلىدىمۇ بىر گۆھەر. 
باشقىلارنى تاللىغان ۋاقىتتا، سىزمۇ باشقىلارنىڭ تاللىشىغا  يول قويۇڭ، باشقىلارنى سىنىغان ۋاقتىڭىزدا، سىزمۇ باشقىلارغا سىزنى سېنىشىغا يول قويۇڭ. 

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... p;tid=229&extra

ئوغۇللار ۋە قىزلار

بىر تال ئەتتىرگۇل ئوغۇللارنىڭ نەزىرىدە، تىكەن ئارسىدىكى گۇل؛  قىزلانىڭ نەزىرىدە،   گۇل ئارسىدىكى تىكەندۇر .
ئوغۇللار ھەمىشە ئىشلارنى ياخشى تەرەپكە بۇراشقا تىرشىدۇ. قىزلار بولسا بەزدە ئىشلارنى قەستەن يامان تەرەپتىن ئويلايدۇ .

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... d=311&highlight

ئازاپ قەبرىستانلىقى

مۇڭلىنىمەن
قۇرلارغا چۆكۈپ
ئازاپلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ
يۈرەك قىنىم ئاقار كۆزۈمدە
بىزارمەن
شۇتاپ ئۆزۈمدىن.

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... p;tid=207&extra

‏مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى  

مەھمۇت قەشقەرى ( 1008- 1105 )   
بۈيۈك ئالىم ، تىلشۇناس . شاھانە ئەسەر « تۈركىي تىللار دىۋانى » نىڭ مۇئەللىپى . ئۇ خان جەمەتى ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ ، بىر ئۆمۈر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن سىرت ، قەشقەردە مەدرىسە ئېچىپ مۇدەررىسلىك قىلغان . ئۇنىڭ يەنە باشقا ئەسەرلىرى بارلىقى مەلۇم بولسىمۇ ، زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلەلمىگەن . ئالىمنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق . ئەمما 97 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ ئوپالغا دەپنە قىلىنغانلىقى مەلۇم ....

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... d=181&highlight

پىنھاندىكى مۇھەببەت
  
مەن پىنھانغا ئامراق، چۈنكى پىنھان.ئەمەلگە ئاشمايدىغان ،ئەمەلگە ئېشىشى مومكىنمۇ بولمايدىغان ،لىكىن مەن ئارزۇ قىلىدىغان تاتلىق ،تولىمۇ تاتلىق خىياللارنى  ماڭا ھەدىيە قىلىدى .پىنھاندا تۇرۇپ مەن ھەممىنى كۆرەلىدىم ،سىزەلىدىم .بۇ تاتلىق خىياللاردىن ئالەمچە شاتلىققا تولدۇم.....

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... id=70&highlight

مەنمۇ تىما يوللىدىم

ئوغۇل دېگەن ئەلگە يارالغان،ۋاقتى كەلسە جەڭگە يارالغان،شۇڭا نامىڭ جاھانغا تارالغان.
ئىشىق تاھارەتكە ئوخشايدۇ،شۈبھىلەنسەڭ بۇزۇلىدۇ(جالالىدىن رومى)
دادام شۇنداق دېگەن: ياخشىلىققا ياخشىلىقنى ھەر كىشى قىلىدۇ،يامانلىققا ياخشىلىقنى مەرد كىشى قىلىدۇ، ياخشىلىققا يامانلىقنى پەس كىشى قىلىدۇ....

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... id=65&highlight

يامغۇردىكى نىدا

سىم-سىم يامغۇردا يۈرىمەن تەنھا ،
ئەسلەپ شىرىن گۈزەل چاغلارنى .
چۈشتى يېشىم مەڭزىمنى بويلاپ ،
ئۈلگۈرەلمەي ئېيتىپ ياشلارنى .

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... d=321&highlight

بىلىۋېلىڭ

زەمزەم سۈيى ھەققىدە تەتقىقاتچىلار نېمە دەيدۇ؟

ياۋرۇپادىكى بىر تەجىربىخانىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتقا قارىغاندا زەمزەم سۈيىدىكى گۇڭگۈرت مىقدارى باشقا سۇلارنىڭ تەركىبىدىكى گۇڭگۈرىتتىن ئازئىكەن. يەنە بىر تەتقىقات نەتىىجىسىگە قارىغاندا زەمزەم سۈيى باشقا سۇلارغا قارىغاندا تېىخمۇ بەكرەك قۇۋۋەت بېرىدىغان مېنىرال ماددىلار باركەن. زەمزەم سۈيىنىڭ مەنبەسى تېخىچە تېپىلمىغان....

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... id=10&highlight

ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قائىدە –يوسۇنلىرى بار؟

قائىدە–يوسۇن بىر مىللەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىدا ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، شۇ مىللەتنىڭ تۇرمۇش ئەندىزىسى، دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشى، دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيەت –سەنئىتى، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن، شۇ مىللەت ئەزالىرى بىردەك ئېتىراپ قىلغان، بىر پۈتۈن مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئايرىلماس قىسمىغا ئايلانغان ھەرىكەت–يوسۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى. ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزىگە خاس مىللىي ئۆرپ –ئادەت ۋە مول قائىدە–يوسۇن مەدەنىيىتىگە ئىگە.....

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... id=46&highlight

يەر شارىدىكى ئەڭ سوغۇق جايلار

يەر شارىدىكى بەزى جايلاردا يىلدا بىرنەچچە كۈنلا قۇياش نۇرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇ جايلار قايسىلار؟
1.رۇسىيەدىكى ئويمياكون
رۇسىيەدىكى سىبىرىيەنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ئويمياكون رۇسىيەدىكى ئەڭ سوغۇق جاي بولۇپلا قالماي، شىمالىي يېرىم شاردىكى ‹‹سوغۇق قۇتۇپ››دۇر، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 71.1 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدۇ....
داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... d=120&highlight

خۇشخۇي كىشىلەرنىڭ ئۆمرى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ

ئەنگىلىيە لوندۇن ئونۋىرىستېتى تېببىىي  ئىنىستىتوتىدىكى تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ «ئامرىكا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادىميەسى ژورنىلى »دا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتىقىقاتىدا ئىسپاتلىنىشىچە ئۆزىنى خۇشال تۇتۇش ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايىدىلىق ئىكەن .......

داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.....
http://www.tangsaba.com/forum.ph ... p;tid=178&extra

ئاخرىدا بارلىق دوستلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت ،ئىشلىرنىڭ ئوڭۇشلۇق ،تۇرمۇشىنىڭ خۇشال ،خاتىرجەم ئۆتىشىگە تىلەكداشمەن .
«ئەسكەرتىش:نادىر تېمىلار،تەۋسىيەلىك تېمىلار،شۇنداقلا باش بەتتىكى ئاۋات تېمىلار تېمىغا كىرگۈزۈلمىدى،ئەزىزىلەر ۋاقىپ بولغايسىزلەر.»

2015-يىل 12-فىۋرال   

يانفۇندا كۆرۈش
    315