ۋىسال بوسۇغىسىدا

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-01 12:49
  
   مەھلىيا  ئاتا ئانىسىنى ۋە ئۆيدىكى  بارلىق ئۇششەك چۇششەك ئىشلىرىنى ئىنتايىن تەپسىلى ئورۇنلاشتۇرۋەتكەندىن كىيىن ، چۇشەندۇرگىلى بولمايدىغان ئاجايىپ بىر خىل ھېسياتتا سەپەرگە ئاتلاندى ...
مانا ئۇ ئۆز ئارزۇسىغا قاراپ كىتۋاتدۇ ، ئۇ بۇ ئارزۇسى ئۇچۇن نەچچە يىل قىينالدى ، قانچىلىغان ئازابلارنى ئىچگە يۇتۇپ يۇردى ، قانچە قېتىم دىلغۇل بولدى .. ؟بۇنى ئۇ ئۆزىمۇ بىلمەيتتى . بۇگۇنكىدەك ئىرادىگە كىلىشىنى ئۇ ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان ، ئۇ ئارزۇسىنى پەقەت ئەمەلگە ئاشمايدىغان شېرىن چۇش دەپلا ئويلايتتى ،ئەمما ئۇ بۇگۇن بۇ شېرىن چۇشنى رىياللىققا ئايلاندۇرۇش ئۇچۇن يولغا چىقتى  . ...
  ماشىنىسىدىن چىقۋاتقان لېرىك ناخشا مەھلىيانى يەنە گۈزەل ئەسلىملەر قوينىغا باشلىدى .بۇ ناخشىنى ئەسقەر ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بەرگەن ، ھەر ئىككىلىسى بۇ ناخشىنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايتتى .
ئەسقەر ئىنتايىن ئەدەپلىك ، ھەر بىر ئېغىز سۆزنى ئويلىنىپ تولىمۇ جايىدا قىلىدىغان ، بەكمۇ سالماق يىگىت . مۇستەقىل مەيدانى بار ، ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۇك ئوغۇل بالچىلىقى بار بالا ئىدى ، مەھلىيانىڭ كۆڭلىنى رام قىلۋالغان تەرپىمۇ دەل شۇ ، ئۇ بەزى بېزەڭ يىگىتلەردەك تېتىقسىز گەپنى تولا قىلمايدۇ ، ھەر قانداق ئىشنى مەھلىيانىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلىيالايدۇ ، بەزىدە ئاچچىقى بەك يامان ھەم كەسكىن ، كۆزىگە سىغمىغان ھەر قانداق ئىشنى نەق ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىدۇ ،بۇ تەرپىدىن مەھلىيامۇ تەپ تارتىدۇ .ئۇنىڭ ئالدىدا قىلچىلىك سەۋەنلىك ئۆتكۇزۇپ قېلىشتىن بەكمۇ ئىھتىيات قىلىدۇ .
مەھلىيامۇ بىر ئائىلىنىڭ ئەتۋارلىق  قىزى ، دادىسىنىڭ كۆز قارچۇقى ، ھەر ھالدا سەزگۇر ئەقىللىق ۋە مۇلايىم قىز.
ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرۇپلا ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدىن ۋاز كېچىپ دادىسىنىڭ تىجارىتىنى قولىغا ئالدى ، ئۇنىڭ بازار ئەھۋالىنى ئىگەللەش ۋە ئالدىن مۇلچەرلەش ، تىجارەت باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئىقتىدارىغا گەپ كەتمەيدۇ .

   مەھلىيا ئۇرۇمچىگە سودا ئىشى بىلەن بارغان چاغدا ، تاساددىبى بىر پۇرسەتتە ئەسقەر بىلەن تونۇشۇپ قالغان ،ئۇ چاغدا مەھلىيا تاماق يېيىش ئۇچۇن كونسۇل كوچىسىدىكى بىر ئاشخانىغا كىرگەن بولۇپ بۇ تاماقخانىنىڭ تامىقى بەك ئوخشىغاچقا خېرىدارمۇ شۇنداق كۆپ ئىدى . يالغۇز كىرىپ قالغاچقا ئولتۇردىغان يەر تاپالماي تۆت ئەتراپىغا قاراپ تەمتىرەپ قالدى ، كۇتكۇچى بۇ يەردە بىر ئورۇن بىكار دەپ باشقىلار تاماق يەۋاتقان بىر ئۇستەلگە باشلاپ قويدى ، مەھلىيا سەل بېئەپ كۆرگەن بولسىمۇ لىكىن ئاشخانىدىكى ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن مۇشۇ يەردە ئولتۇرمايمۇ ئامال يوقلىقىنى پەملەپ ئولتۇردى . ئەسقەرمۇ دەل مۇشۇ ئۇستەلگە يىڭىلا جايلاشقان بولۇپ تېخى تاماق بۇيرۇتمىغان ئىدى . مەھلىيا تېزراق چىقىدىغان پولۇ دىن بۇيرۇتتى ، ئەسقەر بولسا لەغمەن بۇيرۇتتى .مەھلىيا تامىقىنى ناھايىتى تېزلا يەپ ئاشخانىدىن ئالدىراپ يىنىپ چىقتى .ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىنمۇ ۋەياكى  ئۇدۇلىدىكى ئولتۇرغان كىلىشكەن يىگىتنى خۇددى ئۆزىگە تىكلىپ قاراپ تۇرۋاتقاندەك ھېس قىلىپ ، خىجىل بولۇپ قالدىمۇ  ھەر بىر قوشۇق پولۇنى  تەستە يۇتۇپ ئالدىراپ يىنىپ چىققان مەھلىيا سومكىسىنى شۇ يەردە ئۇنتۇپ قالغان ئىدى .
مەھلىيا خېلى بىر يەرگە بېرىپ بولغاندا تۇيۇقسىز سومكا ئېسىگە كەلدى ، يۇركى ئەنسىز سوقۇپ كەتتى . سومكىدا سودىغا كىتەرلىك پۇلدىن باشقا بانكا كارتا ، كىلملىك قاتارلىق مۇھىم نەرسىلىرمۇ بار ئىدى ، تىلفۇنىمۇ شۇ سومكىدا . ئۇ بار كۇچى بىلەن ئاشخانىغا قاراپ يۇگۇردى .
     ئاشخانىغا ئىشكىدىن ئالدىراپ كىرۋاتقىنىدا بىرسىنىڭ «توختاڭ ھەي ئالدىراڭغۇ »دىگىنى ئاڭلاندى . مەھلىيا چۇچۇپ كەينىگە قاراپ بايقى ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان يىگىتنى كۆردى ، قولىدا مەھلىيانىڭ سومكىسى تۇراتتى .
«بۇ يەردىن ئايرىلغاندا نەرسىلىرىڭىزگە ياخشىراق ئىگە بولۇپ ماڭسىڭىز بولمامتى ، يەنە كەلمىسىڭىز بۇ يەردە ئايال كىشنىڭ سومكىسىنى قوچاقلاپ قانچىلىك تۇراتتىمكىنە ؟ئىلڭە سومكىڭىزنى »دەپ كۇلۇمسىرەپ سومكىنى مەھلىياغا تەڭلىدى .مەھلىيا قايتا قايتا رەھمەت ئېيتىپ سومكىنى ئالدى .
- بولدى رەھمەت ئېيتىۋەرمەڭ ،  بۇ ئاشخانىدا ئادەم بەك كۆپكەن ، سىز چىقىپ كەتكەندىن كىيىن قارسام سومكىڭىز تۇرىدۇ ، يۇگۇرۇپ ئېلىپ چىقسام قارىڭىز كۆرۇنمىدى ، چۇقۇم قايتىپ كىلدۇ دەپ ساقلاپ تۇرشۇم .ياخشى تېزلا كەلدىڭىز  قارىغاندا سومكىدا مەبلەغ ئاز ئەمەس ئوخشايدۇ -دەپ كۇلۇپ چاقچاق قىلدى ئەسقەر .
-ئالدىراپ قاپتىمەن ، ھېلىمۇ سىز ئېلىپ قويۇپسىز ، راسلا سومكىدا دەسمى ئېغىرتى -دەپ چاقچاق بىلەن جاۋاپ قايتۇردى مەھلىيامۇ .
مانا مۇشۇنداق ئىككىسى تونۇشۇپ قالدى ، تىخى پاراڭلاشقاچ يولىمۇ بىر چىقىپ قالدى ، ئەسقەر ئۇرۇمچىگە كاماندۇرۇپكىغا كەلگەن بولۇپ ، قايتىش ئالدىدا ئۇيدىكىلىرىگە سوغا سالام ئالماقچى ئىدى ، بۇنى بىلگەن مەھلىيا ئۆزىنىڭمۇ سودا سارايدا قىلىدىغان سودىلىقى بارلىقىنى ، خالىسا ئۇنىڭ بىللە بازار ئايلىنىپ بېرىش ئويى بارلىقىنى ئېيتتى ، قانداق سوغا ئېلىشىنى بىلمەي تازا بېشى قېتىپ تۇرغان ئەسقەرگە بۇ گەپ ياغدەك ياقتى .ئانىسىغا ئالىدىغان سوغاتنى ئايال كىشى تاللاپ بەرسە تىخمۇ كۆڭۇلدىكىدەك بولىدۇ دە ئەلۋەتتە .
مەھلىيانىڭ مال تاللاشتىكى ماھىرلىقى ، سودا قىلىشتىكى چېچەنلىكى ، ماللارنى دىتلاشتىكى ئەپچىللىكىگە ئەسقەر قايىل بولۇپ قالدى ، نەرسە كېرەك سېتۋىلىش جەرياندا ئىككىسى ئۆزلىرىدە نۇرغۇن ئورتاقلىق بارلىقىنى ھېس قىلىپمۇ ئۇلگۇردى .ئەسقەر ئىنتايىن مەرىت يىگىت بولۇپ بىر نەرسە سېتۋالغاندا ياقتۇرۇپ قالسىلا باھاسى بىلەن ھېسابلاشمايتتى ، ئەمما مەھلىيا ئەسقەرگە ئىشارەت قىلىپ قويۇپ بۇ مالنى ئىنتايىن مۇۋاپىق باھادا سېتۋالاتتى .
ئىككىسى بىللە ئايلانغان بۇ ۋاقىت ئىنتايىن تېز ئۆتۇپ كەتتى ، بۇگۇنكى بۇ ئۇچۇرشىشتىن ھەر ئىككىسى بىر خىل ھاياجانغا چۇمگەن ئىدى .ئايرىلدىغان چاغدا ئىككىسى بىر بىرسىگە تىلفۇن نۇمۇرىنى قالدۇرشتى .
مانا مۇشۇ ئۇچۇرشىشتىن كىيىن ئەسقەر ئۆز يۇرتىغا مەھلىيامۇ ئۆز يۇرتىغا كېتىشتى ، لىكىن ئۇرۇمچىدىكى ئاشۇ نەچچە سائەتلىك قىسقىغىنە ئۇچۇرشۇش ئىككىسىنىڭ رىشتىسىنى ئۇلارغا بىلىندۇرمەيلا  باغلاپ قويغان ئىدى،شۇنىڭدىن باشلاپ  كۇندە تىلفۇندا نەچچە قېتىم پاراڭلىشىش ئىككىسىنىڭ ئادىتىگە ئايلاندى ......
..............................................
شۇنىڭدىن كىيىن  تاكى ئىككى يىلدىن ئاشقۇچىمۇ تەقدىر ئىككىسىنى قايتا ئۇچىرشىشقا نىسىپ قىلمىدى ، ئىككىسىنىڭ مۇھاببىتىنىڭ كۇچلۇكلىكى ، ھېسياتىنىڭ چىنلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ .لىكىن نىمىشقا كۇرۇشمىدى ، بۇ يەردىكى ئاساسلىق سەۋەپ يەنىلا مەھلىيادا ئىدى . ھەر قىتىم ئەسقەر مەھلىيانىڭ يىنىغا بېرىشنى تەلەپ قىلسا مەھلىيا رەت قىلىدۇ ، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ يىگىتى بىلەن كۇرۇشكۇسى يوقلىقىدىن ئەمەس بەلكى ئۇ يالغۇز قىز ، ئاتا ئانىسىنىڭ ئارلىقنى يىراق كۆرۇپ ئىككىسىنىڭ ئىشىغا قوشۇلماسلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ، ئۆزىمۇ دادىسىغا ئانىسىغا قىيمايدۇ ..مانا شۇنداق لىڭگىرتاقتەك يۇرۇپ يا ئايرىلىپ كىتەلمەي ئىككى يىلنى ئۆتكۇزۋەتتى ، ئايرىلىپ كەتمىدى ئەمەس ، كەتتى ، ئەمما ھەر ئىككىسى بۇ ئايرىلىشقا چىدىيالمىدى ....
    مەھلىيا بۇ قىتىم شۇ تەقدىرگە جەڭ ئېلان قىلماقچى ، يىگىتىنىڭ ئالدىغا ئۆزى بارماقچى ، ئىككى يىلدىن بېرى ئۇنى ھېجران ئازابىدا قىينىغىنى ئۇچۇن ئۇنىڭدىن كەچۇرۇم سورىماقچى .ئۇ بۇ قىتىمقى سەپەرنىڭ مەخسىدىنى ئاتا ئانىسىغا ئېيتمىدى ، ئۇ قانداق ئېيتالىسۇن ، يىگىتىنىڭ يىنىغا بېرىپ ، ھەممە ئىشقا يىگىتى بىلەن تەڭ تاقابىل تۇرماقچى بولدى ...
     مەھلىيا يول بويى گۈزەل مەنزىرلەردىن ھوزۇرلانغاچ يىگىتى بىلەن كۆرۇشكەن ۋاقىتنى ھەر خىل تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتى ، ئۇ بۇ قىتىم يىگىتىنى تۇيۇقسىز خوشال قىلۋەتمەكچى ، شۇڭا يولغا چىققىننى  ئېيتمىدى .
ئىككى يېرىم كۇنلۇك جاپالىق سەپەردىن كىيىن ئاخىرى ئەسقەر چوڭ بولغان بۇ ناھىيەگە يىتىپ كەلدى ، تۇنجى قىتىم بۇنداق ئۇزۇن يولغا يالغۇز ماشىنا ھەيدىشى بولغاچقا ، جىددىيلىك ئۇنى سەل چارچىتىپ قويغان ئىدى .
ماشىنىسىنى چەتكە تارتىپ ماشىنىدىن چۇشۇپ چوڭقۇر نەپەس ئالدى. ئۇنىڭ ھازىرقى خوشاللىقىنى تەپسىلى بايان قىلمىساممۇ ئەقىللىق ئوقۇرمەنلەر پەرەز قىلىپ بىلەلەيدۇ .
مەھلىيا تىلفۇنى ئىلىپ ئەسقەرنىڭ تىلفۇننى باستى ،
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !
-تىلفۇن ئۇرۇشقا ۋاقتىڭ يىتىپ قاپتىغۇ ، دۇكاندىن سەل بىكار بولغان ئوخشىمامسەن ؟
-ھەئە ، شۇ سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىغۇم كىلىپ ..نىمە ئىش قىلۋاتسىز ؟
-ئىدارىدە ، دىجۇرنىلىق قىلۋاتمەن .ئۆزەڭچۇ ؟
-مەنمۇ سەل ئالدىراش  شۇ ، ئەسقەر ئىدارىڭىزنىڭ ئېنىق ئورنى قەيەردە ماڭا دەپ بېرىڭە ؟
-نىمە قىلسەن ؟مۇشۇ يەرلىك بىرەرسىنى ئەۋەتىپ نازارەت قىلاي دەمسەن مىنى ؟
-ۋاي ياق .بىلگۇم كەلدى دەپ بېرىڭە 

-نىمە قىلدىغاندۇ بۇ ، ھە بوپتۇ دەپ بېرەي.  (ئىكىس يولىدىكى ....ئىدارىسى ، بازارلىق ساقچىخاننىڭ بېقىنىدا) بولدىمۇ ؟
-ھە بولدى بولدى ، ئەسقەر مەن بىر دەم تۇرۇپ تىلفۇن ئۇراي ، ھازىر ئازراق ئىشىم چىقىپ قالدى بولامدۇ .
-بولىدۇ ، ماقۇل خوش ئەمسە .
«ئىش پۇتتى »دەپ خوشاللىقىدىن قىن قىنىغا پاتماي كەتتى مەھلىيا ، -خەپ ھېلى تىلفۇننىڭ كامىراسىنى ئىچىپ قويۇپ مىنى تۇيۇقسىز كۆرگەن چاغدىكى ھالىتىڭىزنى سۇرەتكە ئىلۋالمايدىغان بولسام ...
ماشىنىنىڭ يول باشلاش سېستىمىسىغا بايقى ئەسقەر دەپ بەرگەن ئورۇننىڭ ئىسمىنى كىرگۇزۇپ ، ئۇسكۇننىڭ يول باشلىشى بىلەن تەمتىرمەيلا بۇ ناتۇنۇش سۇيۇملۇك ناھىيە يولىدا ئۇچقاندەك يۇرۇپ كەتتى .
مەنزىلگە يىقىنلاشقانسىرى يۇرەكلىرى دۇپىلدەپ ، نەپسى يىتىشمەي قىلۋاتقاندەك بولۇپ قىلۋاتقان مەھلىيا ، ماشىنىسىنى توختىتىپ ئەسقەرگە يەنە تىلفۇن قىلدى .
-ۋەي ، ئىشىڭ بىردەمدە تۇگدىما ؟
-ھەئە ،مەن ئىدارىڭىزنىڭ ئالدىدا ، تېز چىقىڭە ھى ھى 
-چاقچاق قىلمىغىنە .
-راس دەۋاتىمەن ..تىز چىقىڭ .
-دۇت .دۇت دۇت............................................
ئەسقەرنىڭ تىلفۇنى ئۇزلۇپ قالدى ، مەھلىيا قايتا باستى ، قارشى تەرەپنىڭ تىلفۇنى ئىتىك ئىدى . مەھلىيانىڭ ئۇستىدىن سۇغۇق سۇ قۇيۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتى ، قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەي قايتا قايتا باستى ، ئەھۋال ئوخشاشلا .... پۇت قولىدا جان قالمىغان مەھلىيا شۇ گاراڭ ھالەتتە ساق بىر كىچە ساقلىدى ، تىلفۇننىڭ توكى تۇگەپ قالغان بولسا چۇقۇم باشقا تىلفۇندا ئۇرىدۇ دەپ ئۇمۇدتتە تىلفۇنىغا قاراپ ئولتۇرۇپ تاڭ سۇزلۇپ قالغىننىمۇ سەزمىدى .
ئىسىگە كەلگىنىدە بولسا ئىزدەپ كەلگىننىڭ شېرىن چۇش، گۈزەل ئارزۇ  ئەمەس بەلكى قەبھ تىراگىدىيە بولۇپ چىققىنىغا كۆزى يەتتى .ئۇ روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك جانسىز پۇتلىرىنى ئاران سۆرەپ ، ساقچىخاننىڭ ئۇدۇلىدىكى مىھمانخانىدىن بىر ئۆي ئاچقۇزدى ، گەرچە يىگىتىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۇشكىسى كەلمىگەن بولسىمۇ ، لىكىن مەھلىيا ئەسقەرنىڭ تىنقلىرى يۇغۇرلۇپ كەتكەن بۇ يۇرتتا يەنە بىر كۇن تۇرۇشنى قارار قىلغان ئىدى ، نەچچە كۇنلۇك يول ئازاۋى ، ئاخشامقى ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ئۇستىگە تۇيۇقسىز كەلگەن ئۇمۇتسىزلىك ئۇنى بىراقلا تۇگەشتۇرۇپ قويغاندەك قىلاتتى .
ياتاققا كىرىپلا كارۋاتقا ئۆزىنى ئېتىپ ھۇڭرەپ يىغلاپ كەتتى ، ئۇ بۇ كۇننى قانچىلىك تەققازالىق بىلەن كۇتتى ، ۋىسالغا قانچە ئىنتىزار بولدى ، قانچە كىچلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۇزدى ، شۇنچە زور غەيرەتكە كېلىپ، ئىشەنچ بىلەن كۇتكىنى نىمە بولدى ... ئەسقەرنىڭ بۇ زادى نىمە قىلغىنى .ئويلىغانسىرى ئۆپكىسى ئۆرلەيتتى ، ئۇنىڭدىن نەچچە مىتىر يىراقتا تۇرۇپ ئونى كۆرۇشكە ئىمكان بولمىغانلىقى ئىچىنى ئۆرتەيتتى .
«شاھزادەم ، بۇ ئەڭ ئاخىرقى قىتىمقى ئۇچۇرۇم ، سىزدىن بەك ئۇمۇدسىزلەندىم ، سىزنى بۇنداق قىلدۇ دەپ خىيالىمغىمۇ كەلتۇرمەپتىكەنمەن ، خەيىر .بوسۇغىڭىزدا تۇرۇپ سىز بىلەن كۆرۇشەلمىدىم ، ئەمدى ھەممە ئىش تۇگدى ، بۇ يەرگە كەلمىسەم سىزنى مەڭگۇ چۇشەنمەي ئالدىنىپ يۇرەكەنمەن ،ئامان بولۇڭ .ماڭا تىلفۇن ئۇرۇپ ئاۋارە بولماڭ ...»
مۇشۇرلارنى باستى دە ئەسقەرنىڭ تىلفۇنىغا يوللىۋىتىپ تىلفۇننى ئېتۋەتتى .
يۈركىنى قىسۋاتقان ئاچچىق بىر  رىياللىق ئۇنى خېلى بىر ۋاققىچە بىئارام قىلدى ، قايسى ۋاقىتتا ئۇخلاپ قالغىنى نامەلۇم ، ئويغانغاندا ئەسىر ۋاقتى بولۇپ قالغان ئىدى ، قورسىقىنىڭ ئېچۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان مەھلىيا ياتاقنىڭ مىھمانلار ئۇچۇن تەييارلاپ قويغان تەييار چوپىدىن بىرنى چىلاپ ئىچتى ،كۇزلىرىدىن تۆكىلۋاتقان مارجاندەك ياشلار ، يۈركىنى ئۆرتەۋاتقان ئازاب بەرداشلىق بەرگۇسىز ئىدى ، نىمىشقىمۇ ئويغانماي مەڭگۇلۇك ئۇيقۇغا كەتمىگەندىمەن دەپمۇ ئويلاپ قالىدى ئۇ . 
مەھلىيانىڭ تۇرۇپلا سىرىتقا چىقىقۇسى كېلىپ قالدى ، ئۇنىڭ قەلبىدىكى بىر يۇشۇرۇن ئىستەك ئەسقەرنىڭ مۇشۇ يوللارنىڭ بىر يېرىدە ئۇچۇرتىپ قالدىغاندەك ئۇنى تىنىچ قويمايۋاتاتتى .
مەھلىيا ماشىنىسىنى ئاستا قوزغىتىپ ،كەڭرى يولدا يۇرۇپ كەتتى ، ئۇ نىشانسىز ئايلىنۋاتاتتى . بۇ ئازابلىق رىيالىققا تەن بەرگۇسىمۇ كەلمەيتتى . ئەسقەر شۇنداق بالىمۇ ؟ ياق .ئەسقەرنىڭ چۇقۇم دىيەلمەيۋاتقان بىر گېپى بار دەپ ئويلاتتى مەھلىيا .شۇ تاپتا بۇ كوچىدىكى ھەر بىر ئادەم مەھلىياغا ئەسقەرنىڭ يىقىن تونىشىدەك يىقىملىق بىلىنمەكتە .ماشىنىسىنى توختىتىپلا شۇلاردىن ئەسقەرنىڭ ئىز دېرىكىنى سورغۇسى كىلىپ كىتەتتى يۇ يەنلا جۇرئەت قىلالمايتتى .

ماشىنا خەلىق مەيدانىنىڭ يىنىغا كەلگەندە تاراق تاراق قىلىپ توختاپ قالدى ، مەھلىيا نىمە ئىش بولغىننى ئاڭقىرالماي ماشىنىدىن چۇشۇپ تەكشۇردى  ، چاقنىڭ يىلى چىقىپ كەتكەن ئىدى ،ئەسلى  بايا يولدا كىلۋاتقۇچە بىر تاشلاندۇق مىق چاققا كىرىپ كەتكەن ئىكەن .«ما كېلىشمەسلىكنى قارا »دەپ تۇرۇپ قالدى مەھلىيا . كوچىدىكى بىر نەچچە ياخشى نىيەتلىك كىشلەرنىڭ ياردەم قىلشى بىلەن ماشىنىسىنى ئىتتىرىپ چەتكە تارتىۋالدى .
ماشىنىدا ئىھتىيات ئۇچۇن سەپلەپ قويغان زاپاس چاق بولسىمۇ لىكىن ئۇنى قانداق ئالماشتۇرۇش مەھلىيانىڭ قولىدىن كەلمەيتتى .نىمە قىلارىنى بىلمەي قالغان مەھلىيا  يىتىم قالغان قۇش بالسىدەك تۆت ئەتراپىغا قاراپ ئۇزاقتىن ئۇزاق تۇرۇپ قالدى .   بالا كەلسە قوش كەپتۇ دىگەندەك مەھلىيانىڭ ئاشقازىنى تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىشقا باشلىدى . تاماقنى ئۆز ۋاقتىدا يىمگەننىڭ ئۇستىگە ھېلقى ياتاقنىڭ تۇرۇپ قالغان تەييار چۆپى مەيدىسىدە زەھەر بولۇپ قايناۋاتاتتى . مەھلىيا ئىككى پۇكلىنىپ دىگۇدەك ماشىنىغا چىقۋالدى ، ئاغرىق بارغانسىرى كۇچيۋاتاتتى خۇددى ھازىرلا ئۇنىڭ جېنىنى ئالدىغاندەك ..
   يىنىدا ئەسقەر بولسىدى كاشكى ، يۇگۇرۇپ يۇرۇپ دورا ئەكىلىپ ئىچۇرۇپ ھازىرلا ساقايتاتتى .لىكىن قېنى شۇ ئەسقەر ، تىلفۇننى ئېتىپلا ئۆزىنى قاچۇردى ، بەلكىم مەھلىيا بىلەن كۇرۇشمەسلىكىدە باشقا سەۋەب باردۇ ، ياكى نەچچە ۋاقتتىن ئىزھار قىلىپ يۇرگنى ساختا سۇيگۇدۇ ...
    مەھلىيانىڭ بۇ يەردە ئەسقەردىن باشقا ھېچبىر يۇلەنچۇكى يوق ئىدى ، مەھلىيا ھازىر ئەسقەرنىڭ ينىدا پەيدا بولۇشىنى ، ئاغرىق دەستىدىن  تىترەپ قىينىلۋاتقان  نازۇك جىسمىنى باغرىغا بېسىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلۋاتدۇ .
مەھلىيا  ئاستا تىلفۇننى قولىغا ئېلىپ ، ئاچتى ، ئوقۇلمىغان نۇرغۇن ئۇچۇر تۇراتتى ، ئۇ تېتىرەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن  ئەسقەرنىڭ تىلفۇن نۇمىرىنى باستى ، بۇ ئەڭ ئاخىرقى قىتىم ، چۇقۇم ئۇنىڭغا ھازىرقى ئەھۋالىمنى بىلدۇرشۇم كېرەك ،دەپ ئويلىدى . 
تىلفۇن ئۇلاندى ..
-نەدە سەن مەلىكەم ، ئاخشام تىلفۇنۇمنىڭ توكى قالماي ئۆچۇپ قالدى، ئىدارنىڭ ئالدىغا يۇگرەپ چىقسام ھېچكىم كۇرۇنمىدى ، چاقچاق قىلغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن ، ئەتتىگەن تىلفۇنغا قالدۇرغان ئۇچۇرلىرىڭنى كۆرۇپ مانا تا ھازىرغىچە سېنى ئىزدىمىگەن يېرىم قالمىدى ، ھېلھەممۇ  كوچدا يۇرۋاتمەن .  تىلفۇنۇڭنى نىمىشقا  ئېتۋالدىڭ ..-ئەسقەر توختىماي سوزلەۋاتاتتى ، ئۇنىڭ ئاۋازىدىن بەكمۇ جىددىلىشۋاتقانلىقى ۋە خىجىللىق چىقىپ تۇراتتى .
-بولدى باشقا گەپنى كىيىن قىلشايلى ، مەن ئاۋارچىلىققا ئۇچۇردۇم ، يىنىمغا كىلەلەمسىز ؟- دىدى مەھلىيا يېلىنغان تەلەپپۇزدا .
-كېلەلەمسىز دەيسەنغۇ ، سېنى ئىزدەپ ساراڭ بولاي دېدىم ، قانداق ئاۋارچىلىق  سەن نەدە تېز دىگىنە 
- ماشىنامنىڭ چاقى ئېتلىپ كەتتى ، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئاشقازىنىم بەك قاتتىق ئاغرىپ كىتۋاتدۇ ، مەن ھازىر خەلىق مەيدانىنىڭ يىنىدىكى يولدا ، ئاغىرىققا پەقەت چىدىيالمايۋاتمەن -شۇنداق دەپلا ھۆكىرەپ يىغلاپ كەتتى .
-يىغلىما ، ماشىننى ئۆزەڭ ھەيدەپ كەلگەنمىتىڭ قاپ يۇرەك ،مەن  ھازىرلا بارىمەن يىنىڭغا ..
ئالاھىزەل ئون مىنۇتلار ئۆتكەندە ماشىننىڭ دىرىزىسىنىڭ يىنىك چىكىلىشى مەھلىيانى سەگىتتى ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ چىرايى تامدەك تاترىپ كەتكەن بولۇپ ئۇ ئەسقەرنىڭ سىماسىنى كۆرۇپ ، ئېيتقۇسىز خوشاللىقتا   ئىشىكنى ئېچىشقا تەمشىەلدىيۇ  شۇ جايىدىلا ھوشىدىن كەتتى  ...........


مەھلىيا ھوشىغا كەلگەندە ئۆزىنى دوختۇرخانىدا كۆردى .يىنىدا ئۇ ئىنتىزار بولۇپ كۆرۇشكە ئالدىرىغان يىگىتى ئۇنىڭغا مىھرى بىلەن تىكلىپ ئولتۇراتتى .
گەرچە ئىلگىرى  بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا نۇرغۇن چۇشۇنۇشمەسلىكلەر ، ئۇقۇشماسلىقلار ، كۆڭۇلسىزلىكلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ ، ھازىر بۇ ئىككى ياش ھەممىنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى ، سېغىنىشلىرىنى ، ئىنتىزارلىقلىرىنى بۇ ۋىسالنىڭ خوشاللىقىنى ھەر ئىككىسى كۆزلىرى ، كۆز ياشلىرى بىلەن سۆزلەۋاتاتتى ..........   

يانفۇندا كۆرۈش
    315