شىڭگىل ھېكايىلەر

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-27 18:17
 
ئېلان  
 
   كەڭ ئىچەرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجى ۋە كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان «ئادەم بۇلۇش»تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن «غەمگۈزار» باش شىركىتىمىز يېقىندا بىر خىل «ئادەم تورمۇزى» كەشىپ قىلىپ، پاتېنىت ھوقۇقىنى قولغا ئالدى. ھاجەتمەنلەرنىڭ بۈگۈندىن ئېتىبارەن كونا ھاراق زاۋۇتىنىڭ بېقىنىدىكى «تەبەسسۇم» رېمونتخانىسىغا كېلىۋىرىشىنى سورايمىز.  
 
  «ئادەم تورمۇزى» نىڭ قۇرۇلمىسى ئاددى، شەكلى كۆركەم، ئېغىرلىقى يوق دېيەرلىك. ئوڭ، سول بېقىنلارغا ئوخشاشلا ئورنىتىپ قويۇشقا بولىدۇ. تومپايمايدۇ. ھاراق ئىچكەن ۋاقىتتا تورمۇز ھالقىسىنى ھاجەتمەن چىمەلتىكى بىلەن تارتىپ قويسىلا، ئىچىۋىرىش ھەۋىسى تىزگىنلىنىدۇ. پۈتۈن ئولتۇرۇش داۋامىدا ئىچمەيمەن دىسىمۇ، ئارىلاپ ئىچىمەن دىسىمۇ، ئىچىپ بىر يەرگە كەلگەندە توختىۋالىمەن دىسىمۇ تىلىگى ئىشقا ئېشىۋىرىدۇ. باھاسى ئەرزان، تەشكىلنىڭ تۇنۇشتۇرۇش يا ئايالىنىڭ رۇخسىتى تەلەپ قىلىنمايدۇ. مەرھەمەت قىلغايسىزلەر!  
 
ئاۋتوبېئوگرافىيە  
 
   41ياشلىق ياش شائىر ھەۋەسجاننىڭ تۇنجى ۋە ئاخىرقى شېئىرلار توپلىمى دېگەن بىلەن ئاران نەشىردىن چىقتى. 34بەتلىك بۇ توپلامنىڭ باش تەرىپىگە مۇنداق ئاۋتوبېئوگرافىيە بېرىلگنىدى:  
 
  «كۆزگە كۆرۈنەي داۋاتقان ياش شائىرىمىز يولداش ھەۋەسجان ئۇخلىمىغان ۋاقىتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، مۇشۇ توپلامنى ئۇنىمىساق-ئۇنىماي ھەۋىسىڭلارغا تەقدىم ئەتتى. ئۇ 1948-يىلى تۇغۇلغان. 1959-يىلى باشلانغۇچ مەكتەپنى، 1962-يىلى تۇلۇقسىز ئوتتۇرىنى، 1966-يىلى تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن. 1963-يىلى ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. شۇ يىلى تۇنجى شېئىرى تام گېزىتتە ئېلان قىلىنغان. شۇنداق قىلىپ ئۇ قارا دوسكا ۋە پوملاپ تەشلىۋەتكەن قەغەزلەردىكى شېئىرلىرى بىلەن ئەدەبىياتىمىزغا بۆسۈپ كىرگەن. 1986-يىلى ناھىيىلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا بولغان بىر كۈنى ۋاپات بولۇپ كېتەرمىكىن. »  
 
خەۋەرچىلىكتىكى ئەڭ...  
 
يېرىم كېچىىدە شىر كەيىپ ئۆيگە قايتقان ئىختىيارىي مۇخبىر تېزلىكجان ئەسنىگىنىچە قەلەمنى قولىغا ئالدىدە، بايا ئولتۇرۇشتا تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقىدىن ئاڭلىغانلىرى بۇيىچە شاق-شۇقلا قىلىپ بىر خەۋەر يازدى ۋە ئۇنى ئوقۇمايلا كونۋىرتقا سېلىپ، قېچىپ كەتمىسۇن دېگەندەك ئاغزىنى چاپلىۋەتتى. خەۋەرنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:  
 
ئەھمىيەتلىك يىغىن  
 
  XXناھىيىلىك ئاخبارات تەشۋىقات سۆھبەت يىغىنى ئەتە ئېچىلىپ ئىندىنلىققا ئاياقلاشتى. ئۈچ كۈن ئېچىلغان بۇ سۆھبەت يىغىنىدا ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئولى خۇلاسە دوكىلاتى بېرىدۇ. ئەستايىدىل مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلماقچى. ئاخبارات ساھەسىدىكى ئىلغارلار مۇكاپاتلاندى. يىغىن جۇشقۇن كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتتا، مۇۋاپىقىيەتلىك ئىچىلىدىكەن.  
 
شېئىر دۇكىنى  
 
  «70يىللار شېئىرىيىتىنىڭ خىزمەت ئىلغارى» دەپ نام ئالغان چوغ يۈرەك شائىر ئاتەشجان يېقىندا ئىجادىيەت شەكلىگە ئايلاندۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇنىڭ سەۋەبى سودا ساھەسىدە نۇرغۇنلىغان ماللارنىڭ ئىشكىلاتتا يېسىلىپ قالغىنى بىلەن ئوخشاش. نۆۋەتتىكى كەڭ كۆلەملىك «باھا چۈشۈرۈپ سېتىش»دولقۇنىغا ماسلىشىپ، ئاتەشجان «ئىشتىياق» كوچىسىنىڭ دوخمۇشىدىكى زەڭگەر سىرلاقلىق بوتكا دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىپ، تۈنۈگۈن تىجارەت باشلىدى. مەدىھە شېئىرلىرىنىڭ ھەر كوپلىتىنىڭ باھاسى 11تىيىن. مۇھەببەت شېئىرلىرىنىڭ ھەر كوبلىتى 20 تىيىن، پۇخادىن چىقىۋىلىش خاراكتىرىدىكىلەرنىڭ ھەر كوبلىتى 28 تىيىن. مال سانى چەكلىك، پۇرسەتنى قودىن بەرمىگيسىزلەر!  
 
داردىئوگراممىدىكى يېزىقلار  
 
   كىسەل ئىسمى: غەمكىنجان مۇقىموۋ. ۋاقتى: ئەڭ ئاخىرقى قېتىم. ھەسەت، ھەسەت، ھەسەت، ھەسەت؛ بالنېتسا، بالنېتسا، بالنېستا، بالنېتسا؛ ھەسەت، ھەسەت، ھەسەت، ھەسەت؛ بالنېتسا، بالنېتسا، بالنېستا، بالنېتسا؛ ھەسەت، ھەسەت، ھەسەت، ھەسەت؛ بالنېتسا، بالنېتسا، بالنېستا، بالنېتسا؛ ھەس...             قەۋرىستان.    (كاردىئوگرامما-_يۈرەك ھەركىتىنىڭ ئېلىكتىرىك رەسىمى.)  
 
(ئاپتۇرى:شىنجاڭ رادىۇ –تىلۋىزىيە ئىدارسى تەرجىمە بۆلىمىدە )  
 
 
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315