2013-يىللىق (19-نۆۋەتلىك) « خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەر

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-26 19:45
   2013-يىللىق (19-نۆۋەتلىك) « خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەر 
 
ئابدۇكېرىم قادىر 
 
 
 
مەڭگۈلۈك سېغىنىش 
 
 
 
 
(پوۋېست) 
 
 
 

 
يولۇچىلار ئايرۇپىلانى ئايرۇدۇرۇمغا قونغاندا، ئاللىقاچان كۈن ئولتۇرغان ئىدى.  
ئايرۇپىلاندىن چۈشكەن يولۇچىلار ئارىسىدا يىراقتىن ــ بەكمۇ يىراقتىن كەلگەن بىر مېھمان بار ئىدى. مېھمان يۈك ــ تاقلىرىنى ئېلىپ، چىقىش ئىشىكى تەرەپكە كەلدى. ئىشىك ئالدىدا گۈل كۆتۈرۈشىۋالغان، چىرايىدىن قىزغىنلىق ئۇرغۇپ تۇرغان كىشىلەر سەپەردىن كەلگەن ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ، دوست ــ  بۇرادەرلىرىنىڭ يولىغا تەقەززالىق بىلەن قارىشىپ تۇراتتى... مېھمان يىگانە بېلىقتەك دېڭىز ــ ئوكيانلاردا ئۈزۈپ ، قۇرغۇيدەك تاغ ــ داۋانلاردىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، يىراقتىن – بەكمۇ يىراقتىن كەلگەن. ئۇنىڭ بۇ شەھەردە ئالدىغا چىقىدىغان بىرەر يېقىن كىشىسىنىڭ بار ــ يوقلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ... بىراق مېھماننىڭ بۇ شەھەردە–بۇ شەھەرنىڭ تار كوچىلىرىدا بالىلىق ئىزلىرى قالغان، مېھماننىڭ بۇ شەھەردە ــ بۇ شەھەرنىڭ توپىلىق كوچىلىرىدا يالغۇز ئانىسى قالغان ... مېھما ئانىسى، ئانا ۋەتىنى ئۈچۈن مەشئەلدەك كۆيۈۋاتقان يۈرىكىنى كۆتۈرۈپ يىراقلاردىن بۇ شەھەرگە كەلگەن ئىدى.  
مېھمان ئايرۇدۇرۇمدىن چىقتى، مېھمانلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىن ئۆتتى. ئۆز يېقىنلىرىنى ساقلاپ تۇرغان بۇ ئادەملەرنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل تونۇشلۇقنى، ئۆزىگە بولغان بىر خىل يېقىنلىقنى ھىس قىلدى. قەلبىگە يېقىن بىلىنگەن، كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنگەن بۇ ئادەملەرنىڭ سىياقى، يۈرۈش ــ تۇرۇشى كۆپ ئۆزگەرگەن، يېڭىلانغان ئىدى... مېھماننىڭ ئەستىلىكلىرىدە ساقلىنىپ قالغان ئۇزۇن چاپان، ئېغى كەڭ تامبال، ئېغىر، قوپال ئۆتۈكلەر يېڭىچە مودا كىيىملەرگە ئۆزگەرگەن ئىدى. ھازىر بۇ كىشىلەرنىڭ روھىمۇ ئۆزگەرگەندەك قىلاتتى... ئارىدىن يېرىم ئەسىر ئۆتۈپ كەتتى ئەمەسمۇ، بۇ يېرىم ئەسىردە جاھاندا ئۆزگەرمىگەن كىم بار، ئۆزگەرمىگەن نېمە بار! بۇ يېرىم ئەسىردە بارچە ئىقلىم ئۆزگەردى، بارچە ئىنسانلار ئۆزگەردى. جاھاندىكى ئۆزگىرىش، ئىنسانلاردىكى ئۆزگىرىش ئۇنىڭ ئانا شەھېرىگە، ئانا شەھېرىدىكى تونۇش چىراي كىشىلەرگىمۇ ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەن... مېھمان قەلبىگە يېقىن تۇيۇلغان بۇ ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ، ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا كەلدى. ئالدىدىراق توختىغان سۇس يېشىل رەڭلىك تاكسىنىڭ  شوپۇرى دەرھال مېھماننىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىللىق چىراي، قىزغىن ھالدا مېھماننىڭ قولىدىكى يۈك ــ تاقنى ئالدى. مېھمان تاكسىغا جايلىشىپ ئولتۇرۇپ: 
ــ  پاكىزە، تىنچ مېھمانخانىلانىڭ بىرىگە يەتكۈزۈپ قويۇڭ،  ــ  دېدى.  
ــ ماقۇل، ئاكا. 
تاكسى يەڭگىلگىنە قوزغالدى.  
مېھمان ھاياجانلىنىپ قالدى. مېھمان ئۆزىنىڭ چەتئەل تىلىغا كۆنۈپ كەتكەن ئاغزىنىڭ توساتتىن ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىگەنلىكىگە، ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىيەلىگەنلىكىگە، ئۆز ئانا تىلدا سۆزلەپ ناتوۇنۇش يىگىتتىن «ئاكا» دېگەن قېرىنداشلارچە ھۆرمەت سۆزىنى ئىشتكىنىگە ھاياجانلىنىپ قالدى... ئارىدىن يېرىم ئەسىر ئۆتۈپ كەتتى ئەمەسمۇ، يېرىم ئەسىر يىراقتا قالغان ۋەتەن، يېرىم ئەسىر يىراقتا قالغان ئانا، يېرىم ئەسىر سۆزلەشكە نېسىپ بولمىغان ئانا تىل... مېھمان ئانا ۋەتىنىنى، ئانىسىنى ئۇنتۇپ قالمىغاندەك، ئانا تىلىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغان ئىدى. مېھمان ئانا ۋەتىنىنى، ئانىسىنى ئۇنتۇپ قالمىغاندەك ئانا تىلىنىمۇ ئۇنتۇپ قالالمايتتى... ۋەتەندىن ئايرىلغاندا، مېھمان ناھايىتى كىچىك ئىدى. ئانىسىدىن ئايرىلغاندا مېھمان ئاران ئالتە ياشتا ئىدى. ئانىسىدىن ئايرىلىۋاتقاندا، مېھمان ئانىسىنىڭ پۇتلىرىغا ئېسىلىپ «مەن كەتمەيمەن، مەن ئانام بىلەن بىللە قالىمەن!» دەپ ھۆڭرەپ يىغلىغان ئىدى. بىراق... 
تاكسى ئۇچقاندەك ئىلگىرلەيىتتى. دەممۇ–دەم ھاياجانلىنىپ تۇرغان مېھمان، يۇلتۇزدەك جىمىرلاپ تۇرغان چىراقلار، كەڭ ــ  ئازادە يوللارغا قاراپ، كۆز ئالدىدىكى ئۆزگىرشلەردىن بالىلىقتىكى ئەسلىمىلىرىنىڭ ئىزىنى ئازراقمۇ ھىس قىلالمىدى. بۇ شەھەرگە خاتا كىلىپ قالغان بولماي يەنە... دېگەنلەرنى ئويلاپمۇ قالدى 
ــ  قەيەردىن كېلىشلىرى، ئاكا؟ 
شوپۇرنىڭ سۇئالى مېھماننىڭ خىيالىنى بۆلدى. يەنە ئانا تىل، يەنە قېرىنداشلارچە ھىسسىيات... مېھمان، يىگىتنىڭ سۇئالىدىن ئۆزىگە كەلگەندەك بولدى. يىگىتنىڭ يېقىنچىلىقىدىن ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ شەھېرىگە كەلگەنلىكىنى ھىس قىلدى. مېھمان ۋۇجۇدى ئىللىغاندەك، كۆڭلى خاتىرجەم بولۇپ قالغاندەك كۈلۈمسىرىدى ۋە ئۇنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەردى: 
ــ  چەتئەلدىن كەلدىم، ئۇكام! 
ــ چەتئەل...  
ــ ھەئە، كانادادىن... 
ــ  ئو... كانادا... كانادا دېگەن تىنىچ ئوكياننىڭ ئۇ تەرىپىدىكى چوڭ بىر مەملىكەتقۇ، ئۇ... 
ــ  شۇنداق، بىلىدىكەنسىزغۇ؟  ــ  دېدى مېھمان. 
ــ  خەرىتىدىن كۆرگەنمەن. 
ــ  خەرىتىدىن؟ 
ــ  ھەئە، دۇنيا خەرىتىسىدىن، مەن جۇغراپىيىگە قىزىقىمەن. ئازراق ئارام تاپساملا خەرىتىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، پۈتۈن جاھاننى كېزىپ چىقىمەن. 
مېھمان تاكسى شوپۇرىنىڭ تۈز كۆڭۈل، ئوچۇق ــ يورۇق يىگىت ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى ھەم”بۇ شەھەردە مۇشۇنداق بىر ئىنىم بولغان بولسا... “ دېگەنلەرنى ئويلاپ قالدى. 
تاكسى يىگىرمە مىنۇتتەك يول يۈرۈپ، شەھەر رايونىغا كىرىپ كەلدى. مېھمان شەھەرنىڭ جاھاندىكى بارچە شەھەرلەردەك  بىنالار، ماشىنىلار، چىراقلار ئىچىدە شاۋقۇنلاپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ، يەنە ئەجەپلەندى، يەنە تەئەججۈپلەندى. راستىنلا ئېزىپ قالغاندەك، كۆڭلى ئانچە ئېچىلالمىدى. بارغانچە بۇرۇقتۇرۇم بولۇپ قالدى. مېھمان كۆڭلىنى توختىتىش، روھىينى كۆتۈرۈش ئۈچۈن سورىدى: 
ــ  تەرەققىيات نېمە دېگەن تېز، نېمە ئانچە زور ئۆزگىرىشلەر بۇ! شەھېرىمىزنىڭ ئىلگىرىكى تار كوچىلىرى، ئايۋان ــ سارايلىق ئۆيلىرى قالمىدىمۇ؟ 
ــ  تار كوچا، كونا ئۆيلەرمۇ بار،  ــ  دېدى يىگىت يولدىن كۆزىنى ئۈزمەي – ھازىر بىز كېتىۋاتقان بۇ بۆلەك يېڭىشەھەر رايونى. تار كوچا، قەدېمى مەھەللىلەر كوناشەھەر رايونىدىن  تېپىلىدۇ. 
ــ  شۇنداقمۇ! – دېدى مېھمان ئۆزىنى رۇسلاپ ئولتۇرۇپ – بۇرۇنقى كوچىلار، بۇرۇنقى مەھەللىلەر ھازىرمۇ بار، دەمسىز؟ 
ــ  شۇنداق، كونا كوچا ــ كونا مەھەللىلەر بىز ئەقلىمىزگە كەلسەكمۇ بار ئىكەن. ھازىرمۇ  بار.  
مېھماننىڭ خىيالى تار كوچىلارغا قاناتلاندى. مېھمان 50 ياش ياشاردى. مېھمان ئالتە ياشلىق چاغلىرىغا قايتتى. مېھمان تار كوچىلاردا يۈگۈردى. مېھمان تار كوچىلاردا كۈلدى. مېھمان تار كوچىلاردا «ئانا!» دەپ توۋلىدى. مېھمان تار كوچىلاردا ئانىسىنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتتى... 
ــ  مېھمانخانىغا كېلىپ قالدۇق، ئاكا. 
شوپۇرنىڭ سۆزى مېھماننى ئىزگۈ خىياللار قاينىمىدىن قايتۇردى. 
ــ  كەلدۇقمۇ؟ 
ــ  ھەئە، كەلدۇق. 
مېھمان تاكسىدىن چۈشتى. مېھمان قويۇق دەل ــ دەرەخلەر، چىملىقلار، گۈللەرگە تولغان تېپ ــ تېنچ مېھمانخانا قورۇسىغا قاراپ، كۆڭلىدە تاكسى شوپۇرىدىن رازى بولدى. ئەتە يەنە مۇشۇ يىگىتنى ئىزدەشنى، مۇشۇ يىگىتنىڭ يولباشچىلىقىدا ئاخىرقى مەنزىلنى ئىزدەشنى ئويلىدى. شوپۇر يىگىت، مېھماننىڭ يۈك ــ تاقلىرىنى مېھمانخانىنىڭ باش مۇلازىمەت ئورنىغىچە ئەكىرىشىپ بېرىپ، مېھمانغا ئامانلىق تىلىدى ۋە يېنىدىن ئىسىم كارتوچكىسىنى چىقىرىپ مېھمانغا ئۇزاتتى: 
ــ  زۆرۈر بولۇپ قالسا تېلېفۇن بەرسىلە ئاكا، قەيەردە بولسام دەرھال يانلىرىغا كېلىپ سىزگە ھەمدەمدە بولىمەن. 
ــ  رەھمەت،  ــ  دېدى مېھمان يىگىتنىڭ ئىسسىق قولىنى سىقىپ – ياخشى يىگىت ئىكەنسىز، مەن سىزگە ئەتە ئەتىگەن تېلېفۇن قىلىمەن. 
ــ  بولىدۇ، ئەتە تېلېفۇنىڭىزنى كۈتەي. 
مېھمان، يىگىتنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كىين، بىر قاتار رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ ياتاققا ئورۇنلاشتى. 
مېھماننىڭ ئۇيقۇسى كەلمىدى. ياتاقنىڭ كەڭ، پاكىزە، تېنچلىقى، مۇنچىنىڭ راھەتلىك ئىسسىق سۈيى، ئاغزىغا تېتىغان كەچلىك تاماق مېھماننىڭ نېرۋىلىرىنى تېنچلاندۇرالمىدى. ئۇ كارۋاتتىن تۇرۇپ، چامادانىنى ئاچتى. چاماداندىكى نەرسە ــ كېرەكلىرىنىڭ ئارىسىدىن بىر نەچچە پارچە ماي بوياق رەسىمنى ئالدى. رەسىملەر ئىچىدىن ئىككى پارچە رەسىمنى ئايرىۋېلىپ، ئۈستەل چىرىقىنىڭ يورۇقىغا كېلىپ ئولتۇردى. مېھمان بىرىنچى رەسىمگە قارىدى. بۇ رەسىمدە كونا تار كوچىنىڭ كۆرۈنۈشى سىزىلغان ئىدى. رەسىمدە يارقىن بىر تار كوچا، كوچىنىڭ ئىككى قاسىنىقىدا بىر ــ بىرىگە گىرەلىشىپ تۇرغان بالىخانىلىق ئۆيلەر، ئىشىك ــ دەرۋازىسى بىر ــ بىرىگە قارىشىپ تۇرغان ئۆيلەر، ئاۋات قەدىمى مەھەللە، مەھەللىدە ئويناۋاتقان بالىلار، بالىلارغا زوقمەنلىك بىلەن قاراپ تۇرغان بىر ئايالنىڭ كۆرۈنۈشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىدى. رەسىم شۇنچىلىك ئىشتىياق بىلەن، شۇنچىلىك مېھرى ــ مۇھەببەت بىلەن سىزىلغان ئىدىكى، ئۇنىڭدىكى ھەر بىر كۆرۈنۈش، ھەر بىر رەڭ ئىنچىكىلىك بىلەن ئوبرازلاشتۇرۇلۇپ، ئاجايىپ جەزبىدارلىققا ئىگە قىلىنغان ئىدى. رەسىمنى كۆرگەن كىشى بىر پارچە ئاق قەغەز بىلەن ھەر خىل رەڭلەرنىڭ بىرىكمىسىنى ئەمەس، بەلكى قەدېمى مەھەللىنىڭ ئۆزىنى كۆرگەندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالاتتى... مېھمان بۇ رەسىمگە چوڭقۇر مېھرى ــ مۇھەببەت بىلەن بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، يەنە بىر پارچە رەسىمنى قولىغا ئالدى. بۇ رەسىمدىكىسى 25 ــ 28 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايالنىڭ پورتىرىتى ئىدى. رەسىمدىكى ئۇچىسىغا ئاق چىت كۆڭلەك، كۆڭلەكنىڭ ئۈستىگە خورمارەڭ جىلىتكە، بېشىغا ئالما ئۇرۇقى رەڭگىدىكى گۈللۈك كەشمىر ياغلىقى چىگىۋالغان ئايال مېھماننىڭ كۆزئالدىدا گويا تىرىكلا تۇرغاندەك  ناھايىتى تېرەن، ئوبرازلىق كۆرۈنەتتى. ئايالنىڭ ياغلىقتىن چىقىپ تۇرغان چېكە چاچلىرى قويۇق، قاشلىرى توم، كۆزلىرى چوڭ، ئىككى مەڭزى ئاناردەك قىزىل ھالەتتە كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. قۇلىقىدا نۇرلىنىپ تۇرغان ئالتۇن زېرىسى، بوينىدا سېلىنىپ تۇرغان سۈپ ــ سۈزۈك قەھرىۋا مارجېنى ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان ئىدى... رەسىمگە ئۇزاق قاراپ ئولتۇرۇپ كەتكەن مېھمان، ئاستا شىۋىرلىدى: ” ئانا، تېچ ئامان تۇرغانلىمۇ، ئانا! ئۆزلىرىدىن ئايرىلغىلى يېرىم ئەسىر بولغان، ئۆزلىرىدىن ئايرىلىپ يېرىم ئەسىر جۇدالىقتا ئۆتكەن، ئۆزلىرىنى يېرىم ئەسىر سېغىنغان، ئۆزلىرىنى يېرىم ئەسىر ياد ئەتكەن، ئۆزلىرنى ئەسلەپ يېرىم ئەسىر ياش تۆككەن، يېرىم ئەسىردىن بېرى ئۆزلىرىنىڭ مېھىرلىك كۆزلىرىنى، ئىللىق چىرايلىرىنى سىزىپ كېلىۋاتقان ئوغۇللىرى دىدارلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئاخىرى ۋەتەنگە كەلدى... ئۆزلىرى بارمۇ ئانا، ئۆزلىرى ھاياتمۇ ئانا؟... يېرىم ئەسىر ۋەتەنسىز، ئانىسىز ئۆتكەن ئوغۇللىرى سىللىنىڭ دىدارلىرىنى كۆرلەرمۇ؟ 50 يىل سەرسان ــ سەرگەردانلىقتا ئۆتكەن ئوغۇللى ئىللىق باغرىلرىغا ئۆزىنى ئاتالارمۇ؟ 50 يىل يېتىم ــ يىسىرلىقتا ئۆتكەن ئوغۇللىرى سىللىنىڭ تىنىقلىرىنى ھىدلىيالارمۇ؟! ئانا، مەن يىگانە بېلىقتەك ئوكيانلاردا ئۈزۈپ ، قۇرغۇيدەك تاغ ــ داۋانلاردىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، قىتئەلەردىن ھالقىپ ئاخىرى ۋەتەنگە كەلدىم. كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن شەھېرىمگە كەلدىم. لېكىن كۆز ئالدىمدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ ھېچنىمىنى پەرق ئېتەلمىدىم. مەن ئەسلىدە شەھېرىمگە كېلىپلا بالىلىق ئىزلىرىم قالغان قەدېمى مەھەللەمنى، تار كوچىلىرىمنى، كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن ئۆيۈمنى، ماڭا پاك، ھالال سۈتىنى بەرگەن ئانامنى، ئانامنىڭ ئىللىق قۇچىقىنى تاپىمەن، يېرىم ئەسىر جۇدالىقتا ئۆتكەن ئانامنىڭ ھىدىنى قانماي ھىدلايمەن... دەپ زارىقىپتىكەنمەن. بىراق، كۆز ئالدىمدىكى زور ئۆزگىرىشلەر، يېڭىلىقلارغا قاراپ، پىقىرتىپ قويۇپ بەرگەندەك ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي قالدىم. شەھەرگە ئۇدۇللا كىرىپ ئۆزلىرىنى تېپىشقا كۆزۈم يەتمەي، مېھمانخانىغا چۈشۈشكە مەجبۇر بولدۇم... ئانا، ئۆزلىرى قەيەردە؟ ئۆزلىرى شەھېرىمىزدە ھېلىمۇ بارمۇ؟ مەن سىللىنىڭ دىدارلىرىنى كۆرەلەرمەنمۇ؟ مەن سىللىنىڭ باغرىلىرىغا قانالارمەنمۇ؟!“ مېھمان ئىزگۈ ھىسسىياتلار قاينىمىدا ئۈزەتتى. مېھمان ئىزگۈ ھىسلار قاينىمىدىكى ئىنتىلىش بىلەن ئەندىشە ئارىلىقىدا بوغۇلاتتى. مېھماننىڭ ئىنتىلىشى – ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى شۇ قەدەر قىسقارغان، بەلكىم نەچچە يۈز مېتىر ياكى بىر نەچچە كىلومېتىر دائىرىدە ئانىسى ئۇنى ئەسلەپ ئولتۇرغاندۇ. بەلكىم يېقىنلا يەردە  ــ ئەتراپتىكى مەھەللىلەرنىڭ بىرىدە ئانىسى ئۇنىڭ كېلىشىنى تىلەپ ئولتۇرغاندۇ... مېھماننىڭ ئەندىشىسى – ئانىسى ھاياتمىدۇ ياكى ئۆلۈپ كەتكەندىمۇ... ئارىدىن يېرىم ئەسىر – 50 يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئارىدا 50 يىل ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى. ئارىدا 50 يىل بالا ئانىسى بىلەن، ئانا بالىسى بىلەن ئالاقىلىشالمىدى. ئارىدا 50 يىل جۇدالىقتا ئۆتتى. ئارىدا 50 يىل ياش تۆكۈش بىلەن ئۆتتى... ئارىدا بالىمۇ 55 ياشتىن ھالقىپ، ياشانغانلار قاتارىغا ئۆتۈپ قالاي دېدى. دېمەك ئانىسى ھايات بولسا 75 ــ 78 ياشلارغا كىرىپ قالغان بولىدۇ. ئانىسى ناۋادا... مېھمان خىيالىنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى. بوغۇزىغا بىر نەرسە كەپلەشكەندەك بولۇپ، تىنىقلىرى ئىتتىكلەپ كەتتى... 
مېھماننىڭ كۆز چاناقلىرى ياشقا تولدى. 
مېھمان زىيادە ھاياجاندىن ئۆزىنى تۇتۇشنى ئويلىدى. ئۇ ئەمدى يىگانە بېلىقتەك ئوكيانلاردا ئۈزۈپ، قۇرغۇيدەك تاغ ــ داۋانلاردىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، قىتئەلەردىن ھالقىپ ئۆزىنىڭ تار كوچىدىكى ۋەتىنىگە، ئانىسىنىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپ قالغان ئىدى. بىر كېچە، پەقەت مۇشۇ قاراڭغۇ كېچە ئۆتۈپ كەتسىلا، ئۇ ئۆزىنىڭ تار كوچىلىرىنى، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئۆيىنى، 50 يىل جۇدالىقتا ئۆتكەن ئانىسىنىڭ دىدارىنى كۆرەلىشى، 50 يىل سېغىنغان ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتالىشى، 50 يىل زارىققان ئانىسىنىڭ تېنىقىنى ھىدلىيالىشى، مۈمكىن ئىدى... شۇنداق، پايانسىز ئوكيانلار يىراقتا قالدى. ئاسمان ــ پەلەك تاغ ــ داۋانلار پەستە قالدى. نۇرغۇن مۈشكۈللەر ئاسان بولدى. ئۇ بېلىقتەك ئۈزۈپ، قۇرغۇيدەك ئۇچۇپ مەنزىلگە يېتەي دەپ قالدى... 
مېھمان رەسىملەرنى ئاۋايلىغان ھالدا ئۆز جايىغا سېلىپ قويدى. ئۆزىنى تېنىچلاندۇرۇپ ياخشىراق ئارام ئېلىش، ئەتىكى تاڭنى، ئەتىكى قۇياشنى روھلۇق، خۇشال كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن كارۋاتقا چىقىپ ياتتى. چىراقنى ئۆچۈردى. بىراق... 
 
 

 
بىراق، مېھماننىڭ ئۇيقۇسى كەلمىدى. مېھماننىڭ قەلب ھاياجىنى زادىلا بېسىلمايتتى... 
مېھماننىڭ خىيال كەپتىرى يىراق ئۆتمۈشكە – بۇنىڭدىن توپ توغرا يېرىم ئەسىر ئىلگىرىكى ھاياتقا، يېرىم ئەسىر ئىلگىرىكى تۇرمۇش قاينىمىغا قاراپ قاناتلاندى... 
يېرىم ئەسىر – بۇ بىر ئادەمنىڭ ھاياتىغا نىسبەتەن ئۇزۇن گەپ ئىدى. يېرىم ئەسىردە ئادەم بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك، ياشلىق، ئوتتۇرا ياشلىق دەۋرى بىلەن خوشلىشىپ، قېرىلىققا قەدەم قوياتتى، ھاياتىنىڭ قىران چاغلىرى بىلەن خوشلىشاتتى... يەنە بىر قىسىم ئادەملەر ھەتتا يېرىم ئەسىرمۇ ياشىيالمايتتى... 
ئۇ چاغدا مېھمان ئالتە ياشلىق بالا ئىدى. ئۇ زاماندا مېھمان ئابدۇلھېمىتخان ئىسىملىك بالا ئىدى. ئۇ كۈنلەردە ئابدۇلھېمىتخان ئىسىملىك بالا، ئانىسى سائادەت خېنىمنىڭ قۇچىقىدا غەمسىز ئەللەيلىنىپ يۈرگەن ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا ئابدۇلھېمىتخان ئىسىملىك بالا، دادىسى ئابدۇرېھىم ھاجىنىڭ تۈرمىگە كىرىپ قالغىنىنى بىلمەيتتى... ئۇ كۈنلەردە ئابدۇلھېمىتخان ئۆزىنىڭ غەمسىز ئويناپ يۈرگەن تار كوچىسى – ساراي كۆلبېشىدا ئاچارچىلىق بولۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. 
ساراي كۆلبېشى مەھەللىسىدە ئۈجمە پىشقان كۈنلەر. ئابدۇلھېمىتخان مەھەللىدىكى تەڭتۇشلىرى بىلەن ئۈجمە تىرىپ يەپ يۈرگەن بىر كۈنى، خەلق كومۇناسى ئىشخانىسى تەرەپتىن يۈگۈرگەندەك مېڭىپ كەلگەن ئانىسى سائادەت خېنىم، بالىلار بىلەن چۇقۇرشۇپ يۈرگەن بالىنى چاقىردى: 
ــ  بالام، ئابدۇلھېمىتخان! 
ــ  ھە... ئانا... – بالا بىر چاڭگال قارا ئۈجمىنى مىجىقلىغىنىچە ئانىسىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كەلدى. 
ــ  ماڭسىلا، بالام، دادىلىرىنىڭ ئالدىغا بارىمىز! 
ــ  دادام قەيەردە؟  ــ  بالا ھەم قىزىققان ھەم ھەيران بولغان ھالدا سورىدى. ئانىسى ئۇنىڭ قولىدىن يېتىلەپ ماڭغىنىچە جاۋاب بەردى: 
ــ  دادىلىرى تۈرمىدە بالام... دادىلىرى بۈگۈن تۈرمىدىن چىقىدىكەن! 
ــ  تۈرمە دېگەن قانداق يەر؟ ئاش ــ نان جىق يەرمۇ؟ 
ــ  ياق بالام...! – ئانىسى كۆزلىرىگە مۆللىدە ياش ئالدى. بالىنىڭ مېڭىپ بولالمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ھاپاش قىلىۋالدى – مەن سىلىگە كېيىن دەپ بېرەي بولامدۇ... ھازىر چاققانراق مېڭىپ دادىلىرىنىڭ ئالدىغا بارايلى ماقۇلمۇ، بالام! 
ــ  ماقۇل، ئانا! 
بالا ئانىسىنى ئەمدى كۆرۈۋاتقاندەك، ئانىسىنىڭ غەمكىن، تەشۋىشلىك كۆزلىرىگە ھەيرانلىق ئىلكىدە قاراپ كەتتى. بالا دادىسىنىڭ سىماسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشكە تىرىشتى، بىراق كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلمىدى. ئۇ دادىسىدىن خېلى بۇرۇن ئايرىلىپ قالغان ئىدى. شۇندىن بېرى ئانىسى سائادەت خېنىم ئۇنىڭغا ھەم ئانا، ھەم دادا بولۇپ، ئۆينى ــ ئۆي قىلىپ كېلىۋاتاتتى... بالىنىڭ ئېسىدە، ساراي كۆلبېشىدىكى ئۇرايىمھاجى قورۇسى دېيىلىدىغان چوڭ ھويلا ئۇلارنىڭ قوروسى ئىدى. ھازىر ئۇ ھويلىمۇ كىشىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. سائادەت خېنىم ئانا ــ بالا ئىككەيلەن كوچىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ھويلىسى يوق بىر ئېغىزلىق قاراڭغۇ ئۆيدە تۇرۇۋاتاتتى... 
مېھمان، بالىلىق خاتىرىسىگە مۆھۈر قىلىپ بېسىلغاندەك چوڭقۇر ئورنىشىپ كەتكەن ئاشۇ ئەسلىمىلەر، ئاشۇ ئىشلار كۆز ئالدىدا ھازىرمۇ يۈز بېرىۋاتقاندەك ھاياجانغا چۆمگەن ئىدى... تۈرمە شەھەردىن ئون نەچچە چاقىرىم يىراققا جايلاشقان شېغىللىق، قاقاس بىر يەردە ئىدى. ئانىسى سائادەت خېنىم ئۇنى ھېلى ھاپاش قىلىپ، ھېلى قولىدىن يېتىلەپ يۈرۈپ كۈن چۈش بولغاندا ئاندىن تۈرمىگە يېتىپ بارغان ئىدى. ئانىسىنىڭ ئۇششاق چېكىت گۈللۈك چىت كۆڭلىكىنىڭ ئېتىكىگە ئېسىلغىنىچە، بۇ يەردىكى مەڭگۈ ئېچىلمايدىغاندەك تاقاقلىق تۇرغان يوغان قارا دەرۋازىغا، تېرەك بويى كېلىپ قالىدىغان ئىگىز بىتون تاملارغا قاراپ كۆڭلى يېرىم بولغىنى، مېھماننىڭ ھازىرقىدەك ئېسىدە ئىدى... بۇ يەردە ساقلىشىپ تۇرغان ئادەملەر جىق ئىدى. بالا قارا دەرۋازا ئالدىدىكى قاقاس شېغىللىقتا ئولتۇرغان ئاياللارنىڭ، ئانىسى سائادەت خېنىمغا ئوخشاش ياداڭغۇر، تەشۋىشلىك، دەرتمەن ھالىتىنى كۆردى. شۇ ئاياللارنىڭمۇ ئانىسى سائادەت خېنىمغا ئوخشاش ئەرسىز ئۆينىڭ جەبىر ــ جاپاسىنى، ئەرسىز ئۆينىڭ دەرت ــ ھەسرىتىنى تارتىۋاتقان ئاجىز مەزلۇملار ئىكەنلىكىنى ئويلىدى. بالا كۆڭلىدە تېپىشماق بولۇپ تۇرغان سۇئالغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن ئانىسىغا تېخىمۇ چىڭ چاپلىشىپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا شىۋىرلىدى: 
ــ  ئانا، دادام نېمىشقا بۇ يەردە تۇرىدۇ؟ 
سائادەت خېنىم بالىنىڭ كۆزلىرىگە قارىدى. ئوغلىنىڭ چاچلىرى ئۆسۈپ، ئوغلاقباش بولۇپ قالغان بېشىنى سىلىدى ھەم ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئاغزىنى يېقىپ جاۋاپ بەردى: 
ــ  سىلە تېخى كىچىك، ئابدۇلھېمىتخان بالام... مەن سۆزلەپ بەرسەممۇ بۇ ئىشنىڭ ئاق ــ قارىسىنى بىلمەيلا... شۇڭا ئالدىرماي تۇرسىلا كيىنچە چوڭ بولغاندا بىلىپ قالىلا... 
ئانىسى ئۇنىڭغا شۇنداق دەپ تۇرۇشىغا، ھېلىقى دەرۋازا ئېغىر غىچىرلاپ ئېچىلغان ئىدى.  
ــ  دادىلىرى چىقىدىغان بولدى، بالام! – ئانا بالىنىڭ كىچىككىنە قوللىرىنى مەھكەم تۇتتى – ماڭسىلا، دەرۋازا ئالدىغا يېقىنراق بارايلى! 
ئانا ــ بالا ئىككەيلەن ئادەملەر ئارىسىدىن ئۆتۈپ، ئالدىغىرا قچىقتى. 
دەرۋازىدىن بىر توپ ئادەملەر چىقىشتى. ئامانلىق ساقلىغۇچىلار دەرۋازا ئالدىغا توپلىشىۋالغان ئاياللار، بالىلارنى تارقاقلاشتۇردى ۋە جىنايىتى بار ئاشۇ ئادەملەرنى ئۇدۇل شەھەرگە ئېلىپ ماڭدى... بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئۈمىتسىزلەنگەن، تاقەتسىزلەنگەن ئانا، بالىسىنى يېتىلىگىنىچە ئۇلارغا ئەگەشتى. 
ــ  دادىلىرىنى كۆردىلىمۇ، بالام؟  ــ  دېدى ئانا كېتىشىۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا بېشىنى تىك تۇتۇپ كېتىۋاتقان بىر ئادەمنى كۆرسىتىپ – ئەنە ئاۋۇ ئوتتۇرىدا كېتىۋاتقان ئىگىز بويلۇق، قارا قاش ئادەم دادىلىرى شۇ! 
ئۆزىنىڭ سەبىئى كۆزلىرى بىلەن، بالىلىق تۇيغۇلىرى بىلەن دادىسىغا بويۇنداپ قارىغىنى، مېھماننىڭ  ھېلىمۇ ئېسىدە. دادىسىنىڭ چاچ، ساقاللىرى ئۆسۈپ كەتكەن، ئۇچىسىدا كىرلەشكەن، پۈرلەشكەن خەسە كۆڭلەك، كۆك تامبال، پۇتلىرى يالاڭئاياغ كېتىپ باراتتى... بالىلىق يۈگۈرۈكلىكى بىلەن يۈگۈرگىنى، ئادەملەر توپىنىڭ ئالدىغىراق ئۆتۈپ، يېقىن ئارىلىقتىن دادىسىغا سەپ سېلىپ قارىغىنى مېھماننىڭ ھازىرقىدەك ئېسىدە... دادىسى قاڭشارلىق بولۇپلا قالماستىن بۈركۈت كۆز ئادەم ئىدى. دادىسى شۇنداق قاراپلا، كەينىدىن يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان ئوغلىنى تونۇۋالغان ئىدى. بۈركۈت كۆزلىرىدە قانداقتۇر بىر ئىپادە بىلەن ئوغلىنى چىداملىق بولۇشقا، جەسۇر بولۇشقا ئۈندېگەن ئىدى. بالىنىڭ كۆزلىرى دادىسىنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچراشقان شۇ دەقىقىلەردە، پايلاقچىنىڭ ۋاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى: 
ــ  ھەي غورتەك، ماڭ يوقال! 
قورقۇپ كەتكەن بالا قاچىمەن دەپ ، كەينىگە سەنتۈرلۈپ يىقىلدى... 
شۇ كۈنى دادىسىنىڭ ئۆيگە كېلەلمىگەنلىكى، باشقا تەقدىرداشلىرى بىلەن كومۇنا قورۇسىدىكى چوڭ زالدا تۇرغانلىقى، مېھماننىڭ ھازىرقىدەك ئېسىدە. بالا شۇ كۈنى دادا، ئانا، بالا ئۈچەيلەن ئۆيگە جەم بولۇپ بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشىنى، مۇڭدىشىشىنى، دادىسىنىڭ بۇرۇنقىدەك ئىسسىق، كۈچلۈك قوللىرى بىلەن بېشىنى سىلاپ قويۇشىنى، ئېغىزمىنىنى قاشلاپ قويۇشىنى، دادىسىنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ ئۇنىڭ قۇچىقىدا خاتىرجەم ئۇخلىشىنى تەمە قىلغان ئىدى. بىراق دادىسى ئۆيگە كېلەلمىگەن ئىدى. 
ئەتىسى ساراي كۆلبېشى مەھەللىسىدە «مۇھاجىرلارنى ئۆزىنىڭ دۆلىتىگە قايتۇرىدى كەن» دېگەن گەپ تارقالدى. بالا، چوڭلارنىڭ ئاغزىدا بولۇۋاتقان پاراڭدىن، دادىسى ئابدۇرېھىم ھاجىنىڭمۇ مۇھاجىر ئىكەنلىكى، ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلىدىغانلارنىڭ قاتارىدا دادىسىنىڭمۇ ئىسمى بارلىقىنى ئاڭلىدى. بىراق ئالتە ياشلىق بالا چوڭلارنىڭ نۇرغۇن گەپلىرىنى چۈشەنمەيتتى. پەقەت دادىسىنىڭ يىراق بىر يەرگە كېتىدىغانلىقىنى بىلگەن ئىدى... بۇ گەپ چىقىش بىلەن تەڭ ئانىسى سائادەت خېنىمنىڭ يىغىسى قايتا باشلاندى... ئانىنىڭ كۆزى يىغىدا، قولى ئىشتا... ئانىسى يىغلاپ ئولتۇرۇپ دادىسىنىڭ كىيىم ــ كېچەكلىرىنى يۇيۇپ يامىغان ئىدى. ئانىسى يىغلاپ ئولتۇرۇپ تونۇرغا ئوت سېلىپ دادىسىنىڭ سەپىرى ئۈچۈن نان ياپقان ئىدى. ئانىسى يىغلاپ يۈرۈپ دادىسىنىڭ سەپىرى ئۈچۈن ئۆيدىكى پۇلغا يارىغىدەك بىساتلارنى سېتىپ پۇلنىڭ غېمىنى قىلغان ئىدى. ئانىسى يىغلاپ ئولتۇرۇپ دادىسىنىڭ سەپەر تەييارلىقىنى پۈتكۈزگەن ئىدى. 
قارا بوران، ساراي كۆلبېشى مەھەللىسىدىكى ئۈجمىلەرنى يەرگە تۆكۈۋەتكەن بىر كۈنى، بالىنىڭ ئانىسى دادىسى ئۈچۈن تەييارلىغان سەپەر لازىمەتلىكلىرىنى يۈدكىنىچە ئۇنى ئەگەشتۈرۈپ خەلق كومۇناسى قورۇسىغا كەلدى. كومۇنانىڭ دەرۋازىسىغا قىزىل پىلاكات ئېسىلغان، تاملارغا قىزىل شۇئارلار چاپلانغان ئىدى. بالا پىلاكاتقا، شۇئارلارغا كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ قارىدى. بۇ قىزىل خەتلەردە نېمىلەر دىيىلگەنلىكىنى بىلگۈسى كەلدى. بىراق ئۇ چاغدا بالا تېخى كىچىك، خەت ساۋادى چىقمىغان، ئۇنداق خەتلەرنى تونۇيالمايتتى. ئەمما، دادىسى ئۇ خەتلەرنى ھەجىلىمەي ئوقۇۋېتەتتى... دادىسى ئابدۇرېھىم ھاجى كىتاپخۇمار، شائىر كىشى ئىدى... 
كومۇنا قورۇسىدىكى مەيدانغا ناھايىتى جىق ئادەم، جىق ئانىلار، جىق بالىلار كەلگەن ئىدى. ئانىسىغا يېپىشىپ تۇرغان بالا، مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدا توختىتىپ قويۇلغان ئىككى كۇزۇپلۇق ماشىنىنىڭ نېرىسىدا باشقىلار بىلەن تۇرغان دادىسىنى كۆردى. بالا  دادىسى تەرەپكە يۈگۈردى. بىراق تەلەتى سۆرۈن ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ئۇنىڭ ئالدىنى توستى. بالا ئۈمچەيگەن پېتى ماڭغان ئىزىدا تۇرۇپ قالدى. 
ــ  ئوغلۇم بىلەن كۆرۈشۈۋالسام بولمامدۇ؟ – دېدى، دادىسى ئامانلىق ساقلىغۇچىلارغا  
ــ  بولمايدۇ! – دېدى، ئۇلار.  
ــ ئۇنداق قىلمىساڭلار... بۇ ھەممىمىز ئۈچۈن خۇشاللىق ئىشقۇ، ــ دېدى دادىسى ــ مەن ئوغلۇمنى، ئوغلۇمنىڭ ئانىسىنى بىللە ئېلىپ كېتىشكە ئىلتىماس سۇندۇم.  
دادىسىنىڭ ئۇلارغا قائىدە چۈشەندۈرۈپ بىرمۇنچە ياخشى گەپلەرنى قىلغانلىقى، كېيىن خىزمەت كومىتېتىدىكىلەنىڭ دادىسىنى ئىشخانىغا چاقىرغانلىقى، مېھماننىڭ ئېسىدە... دادىسى خېلى بىر چاغ بولغاندا ئىشخانىدىن چىقتى. ئېغىر قەدەملەر بىلەن كېلىپ ئانا ــ بالا ئىككەيلەننى قۇچاغلاپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. ئانىمۇ يىغلىدى، بالىمۇ يىغلىدى. دادا، ئانا، بالا ئۈچەيلەننىڭ كۆز ياشلىرى قوشۇلۇپ كەتتى... 
ــ  ئۇلار پەقەت ئابدۇلھېمىتخاننى ئېلىپ كېتىشىمگىلا قوشۇلدى – دېدى دادىسى بوغۇلۇپ ئاران ــ ئاران سۆزلەپ – سىللىنى بىللە ئېلىپ كېتىشكە زادىلا قوشۇلمىدى. 
ئانىنىڭ يىغىسى باشقىدىن ئەۋجىگە چىقتى. بوغۇلۇپ، ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى.  
ــ ۋاي ئوبدان ھاجىم، مەن سىللىدىنمۇ ئايرىلسام، بالامدىنمۇ ئايرىلسام، بۇ ئازاپقا قانداق چىدايمەن! 
يۈرەكنى ئەزگەن يىغا، ھۇۋلاپ تۇرغان بوران، ئازاپلىق جۇدالىق... مېھمان بۇ كۈننى يېرىم ئەسىردىن بۇيان زىنھار ئۇنتۇيالمىدى. 
ــ  مەن بېرىپ ئابدۇلھېمىتخاننىڭ كىيىم ــ كېچەكلىرىنىمۇ ئەكىلەي – دېدى ئانا كۆز ياشلىرىنى ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن سۈرتۈپ – شۇنداق قىلاي، پىشانىمىزگە پۈتۈلگىنى شۇ ئوخشايدۇ. 
ئانىسىنىڭ كەينىگە بۇرۇلغانلىقى، يۈگۈرگەنلىكى، كومۇنانىنىڭ قىزىل سىردا سىرلانغان يوغان قوش قاناتلىق دەرۋازىسىدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ كەتكەنلىكى، دادىسىنىڭ ئۆزىنىڭ بېشىنى سىلىغانلىقى، «چاچلىرى ئۆسۈپ قاپتۇ، بالام» دېگەنلىكى مېھماننىڭ ھازىرمۇ ئېسىدە. بالا دادىسى بىلەن قەيەرگە كېتىدىغانلىقى، چەتئەل دېگەن يەرنىڭ زادى قانچىلىك يىراقلىقى، قانداق يەر ئىكەنلىكىنى زادىلا تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى. ئۇ پەقەت ئەمدى ئانىسىدىن ئايرىلىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئانىسىنى ئاسانلىقچە كۆرەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلغان ئىدى. ئۇ دادىسىغىمۇ ئامراق ئىدى، بىراق شۇ مىنۇتلاردا ئانىسىغا تېخىمۇ ئامراق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغان ئىدى. ئۇ كۈنلەردە، دادىسى بېشىغا كەلگەن قىسمەت تۈپەيلى ئۆيدە تۇرالمىغان، تۈرمىگە كىرىپ قالغان، ئانىسى ئۇنىڭغا ھەم ئانا، ھەم دادا بولۇپ، ئۇۋىقىنى يەرگە چۈشۈرمەي باققان... ئۇ دادىسىدىن ئايرىلالمايتتى، ئانىسىدىن تېخىمۇ ئايرىلالمايتتى. 
ئارىدىن ھېچقانچە ۋاقىت ئۆتمەي، ئانىسى يەنە يۈگۈرگەن ھالدا كومۇنا قورۇسىغا كىرىپ كەلدى. ئانىنىڭ قولىدا چوڭلا بىر بوخچا، ئۆزى قارا تەرگە چۆمگەن، ئۆپكىسى ئاغزىغا تىقىلىپ قالغاندەك ھاسىرايدۇ... 
ــ  بالىنىڭ كىيىم ــ كېچەكلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەلدىم،  ــ  دېدى ئانا – قىشلىق ئىشتان ــ چاپان، ئايىغىنىمۇ سېلىپ قويدۇم... 
ــ  ئوبدان قىپتىلا، سىلە بەك جاپا تارتتىلا، ھېرىپ كەتتىلە... – دېدى دادىسى كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي – مانا ئەمدى يالغۇز قالىدىغان بولدىلا، مەندىن رازى بولسىلا! 
ــ  مەن سىلىدىن رازى،  ــ  دېدى سائادەت خېنىم بوزلاپ يىغلاپ ــ  ئوغلىمىزغا ئوبدان قارىسىلا، يولدا ھېزى بولسىلا... ئۇنى ياخشى تەربىيىگە ئىگە قىلسىلا، ھاجىم! 
بىرىنىڭ كارنىيىنى يىرتىپ بۇيرۇق چۈشۈرگىنى ئاڭلاندى: 
ــ  ماشىنىغا چىقىڭلار! 
ماشىنىلارنىڭ كوزۇپىغا ماشرەڭ بىرزېنىتتىن چېدىر يېپىلغان، تېگى داق ــ قاتتىق ئىدى. ماشىنىلارنىڭ ماتورى ھەركەتكە كەلدى، ھازىرلا مېڭىپ كېتىدىغاندەك تەييار بولدى. بۇيرۇق يەنە ئاڭلاندى: 
ــ  چاققان بولۇڭلار! خوشلاشقىلى كەلگەنلەر نېرى تۇرۇڭلار، ماڭىدىغانلارغا ئارىلىشىپ تۇرۇۋالماڭلار! 
ــ  ئەمدى ماشىنىغا چىقسىلا،  ــ  دېدى ئانىسى، دادىسىغا ھەسرەتلىك تىكىلىپ – ئەمدى كېچىكمىسىلە... بالام ئۆزلىرىمۇ ماڭسىلا، دادىلىرىنىڭ پېشىگە چىڭ ئېسىلسىلا... 
بىراق، ئۆزىنىڭ ماڭغىلى ئۇنىمىغانلىقى، ئانىسىنىڭ ئاق چىت كۆڭلىكىنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ يىغلاپ كەتكىنى، مېھماننىڭ ھازىرقىدەك ئېسىدە. 
ــ  مەن بىلەن ماڭسىلا، بالام ، – دادىسى ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ ماشىنا تەرەپكە تارتتى. بالا ئانىسىغا تارتىشىپ، ئانىسىنى بىلەن بىللە مېڭىشقا، ماشىنىغا بىللە چىقىشقا، قەيەرلەرگە  كەتسىمۇ، بىللە كېتىشكە ئۈندەيىتتى... ئانا ئېزىلىپ يىغلىغىنىچە، بالىنىڭ قوللىرىنى ئۆزىدىن تەستە ئاجراتتى. بىراق بالا كەينىگە تىرەجىگىنىچە، يۈك ــ تاقلىرى بىلەن قولايسىز ھالدا تۇرغان دادىسىنىڭ قولىدىن ئاجراپ چىقىپ، يەنە ئانىسىغا يېپىشىۋالدى. ئانىسىنىڭ پاچاقلىرىنى قۇچاقلاپ ھۆڭرەپ يىغلىغىنىچە يېتىۋالدى. 
ــ  ئۇنداق قىلمىسىلا، بالام، دادىلىرى بىلەن بىللە كەتسىلە،  ــ  سائادەت خېنىم ئۆزىنىڭ ھالىنى قويۇپ، بالىنى بەزلەيتتى، ئالدايتتى. 
ــ  ئۆزلىرىچۇ، ئانا، سىلە نېمىشقا دادام بىلەن ماڭمايدىلا؟ 
ــ  مەن ماڭالمايمەن... 
ــ  ئەمىسە مەنمۇ ماڭمايمەن، مەن سىلە بىلەن قالىمەن! 
ــ  ئۇنداق قىلمىسىلا، بالام... دادىلىرىنىڭ كۆڭلىگە كېلىپ قالىدۇ. 
ئانا بۇياندا يىغلايتتى. دادا ئۇياندا ياش تۆكەتتى. بالا ئوتتۇرىدا يىغلايتتى. ئەتراپتا تۇرغانلار يىغلايتتى، ئاسمان يىغلايتتى، يەر يىغلايتتى... شۇ پەيتتە، ئامانلىق خادىملىرىنىڭ ئانىسىنىڭ پاچىقىغا ئېسىلىپ يىغلاپ يېتىۋالغان بالىنى يەردىن چامغۇر يۇلغاندەك يۇلۇپ، ماشىنىغا ئالدى. 
ــ  ئاناڭ بىلەن قالىمەن دىمەي، داداڭ بىلەن كەتكىن غۇرتەك!  
ماشىنا قوزغالدى. 
ماشىنىنىڭ كوزۇپىدا، دادىسىنىڭ قۇچۇقىدا تۇرۇپ”ئانا، ئانا! “ دەپ توۋلىغىنى، ئانىسىنىڭ يامغۇردەك تۆكۈلۈپ يىغلىغىنىچە”بالام، بالام! “ دەپ ماشىنىنىڭ كەينىدىن ئەگەشكىنى، كومۇنا قورۇسىدىن چىققىنى، چوڭ يولغىچە يۈگۈرۈپ كەلگىنى، تاشلىق يولدا يىقىلغىنى، توپا ــ تۇمان ئارىسىدا قالغىنى، ماشىنىنىڭ شەھەردىن ئۇزاپ كەتكەنلىكى، گويا ھازىر يۈز بەرگەن ئىشتەكلا مېھماننىڭ ئېسىدە. شۇ كۈنى ئۇ پەقەت ئانىسىدىن ئايرىلىپ يىراققا كېتىۋاتقانلىقىنى، ئەمدى ئانىسىنى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلغان، ئانىسىغا، ئانىسىنىڭ يىراقتا قالغان سىماسىغا قىيماي، تېلىقىپ ــ تېلىقىپ يىغلىغان... ئۇ دادىسى بىلەن يىراققا، يىراق يەرلەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلغان. بىراق نەگە كېتىۋاتقانلىقىنى، ئانىسىنى ئەمدى كۆرەلەيدىغان ــ كۆرەلمەيدىغانلىقىنى بىلەلمىگەن... كېيىن ئۇ جاھاننىڭ چوڭ، بەكمۇ چوڭ ئىكەنلىكىنى، بۇ كەڭرى جاھاندا دادىسىغا ئوخشاش، ئۆزىگە ئوخشاش ئادەملەرنىڭ جاھاننىڭ جاي ــ جايلىرىدا يۈرۈپ ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىنىدىن، ئانىسىدىن، ئۆزى ئۆسكەن تار كوچىلىرىدىن، تار كوچىدىكى كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئۆيدىن ئايرىلىپ قىتئەلەر ئارا، سەرسان ــ سەرگەردان بولۇپ ياشاشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى چۈشەندى. 
 
 

 
مېھمان تاڭ سۈزۈلمەستە ئورنىدىن تۇرۇۋالدى. ئۇ ياخشى ئۇخلىيالمىغىنىغا قارىماي، يەنىلا تېتىك، خۇشال ئىدى. 
دېرىزىدىن كاككۇكنىڭ سايرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. مېھمان گىژىلداپ تۇرغان ساقال ماشىنىسىنى ئۈستەلگە قويۇپ، دېرىزىنىڭ ئالدىغا كەلدى. تاڭ نۇرى بالقىش ئالدىدىكى دېرىزىدىن غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرغان قويۇق دەل ــ دەرەخلەرگە قارىدى. كاككۇكنىڭ ئۈنى شۇ دەرەخلەر ئارىسىدىن ــ يېقىنلا يەردىن ئاڭلىنىۋاتاتتى. كاككۇك تېخىمۇ ئۈنلۈك، تېخىمۇ خەندان ئۇرۇپ سايراپ كەتتى. بۇ ئۈنلەش، بۇ سايراش مېھمانغا شۇقەدەر يېقىملىق ئاڭلاندى. بۇ كاككۇك مېھمانغا بالىلىقىدا سايرىغان كاككۇكتەك، ساراي كۆلبېشىدا سايرىغان كاككۇكتەك شۇقەدەر تونۇش بىلىنىپ كەتتى. مېھمان بۇ ئۆمرىدە كاككۇكنىڭ سايرىشىنى تالاي قېتىم ئاڭلىغان ئىدى. مېھمان ھاياتىدا كاككۇكنىڭ سايرىشىنى ساراي كۆلبېشىدىن باشقا پامىر تاغلىرىنىڭ ئېتىكىدە، ۋاخان كارىدورىدا، كابۇلنىڭ باغلىرىدا، پارىس ئىگىزلىكىدە، ئەرەپ چۆلىدە، تىنىچ ئوكياندىكى ئاراللاردا، كانادا ئورمانلىقلىرىدا كۇرمىڭ قېتىم ئاڭلىغان ئىدى. مېھمان كاككۇكنىڭ سايرىشىنى ئاسىيا قىتئەسىدە، ئافرىقا قىتئەسىدە، ئامېركا قىتئەسىدە سانسىز قېتىم ئاڭلىغان ئىدى. ئەمما ھېچقايسى كاككۇكنىڭ ئاۋازى ئۇنىڭ قۇلىقىغا مۇشۇ كاككۇكنىڭ سايرىشىدەك يېقىملىق ئاڭلانغان ئەمەس. ھېچبىر كاككۇكنىڭ سايرىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئانا ۋەتنىدىكى، ئانا ۋەتىنىنىڭ تار كوچىلىرىدىكى، ئانىسىنىڭ بوسۇغۇسىدىكى مۇنۇ كاككۇكنىڭ سايرىشىدەك قۇلىقىغا، يۈرىكىگە ياققان ئەمەس... ھەيرانمەن – مېھمان ئۆز ــ ئۆزىگە پىچرلىدى – بۇ كاككۇك بىزنىڭ ساراي كۆلبېشى مەھەللىمىزدە سايرايدىغان ھېلىقى كاككۇك شۇمىدۇ، ساراي كۆلبېشى مەھەللىسى مۇشۇ ئەتراپتىمىدۇ؟! 
ئىشىك قوڭغۇرىقىنىڭ بېسىلىشى مېھماننى خىيالدىن ئويغاتتى. ئۇ شوپۇر يىگىتنىڭ كەلگەنلىكىنى پەرەز قىلدى، بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى. مېھماننىڭ پەرىزى توغرى چىقتى. ئىشىكتە يىگىتنىڭ ئىسسىق چىرايى كۆرۈندى ھەم ئاۋال سالام بەردى: 
ــ  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئاكا! 
ــ  ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قېنى كېلىڭ. 
ئىككەيلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە قىزغىن ئەھۋاللاشتى. 
ــ  ياخشى ئارام ئالالىدىلىمۇ، قانداقراق ئۇخلاپلا؟  ــ  سورىدى يىگىت. 
ــ  خۇداغا شۈكرى،  ــ  دېدى مېھمان – ئانامنىڭ بوسۇغۇسىغا بېشىمنى قويۇپ ياتقاندەك كۆڭلۈم توق بولۇپ قاپتىمەن... ھە، قېنى ياتاققا كىرىڭ! 
ــ  مەن پەستە ساقلاپ تۇراي،  ــ  دېدى يىگىت – تەييار بولۇپ چىقسىلا، ئاخشام مەسلىھەتلەشكىنىمىزدەك... 
ــ  مەن تەييار، ماڭساق بولىدۇ... ھەي توختاپ تۇرۇڭ بولمىسا، قول سومكامنى ئېلىۋالاي... 
مېھمان ياتاقتىن چىقتى، يىگىتكە يانداشتى. ئىككەيلەن كونا تونۇشلاردەك ئەركىن، خۇشال پاراڭ قىلىشقىنىچە لىفىت ئارقىلىق پەسكە چۈشتى... ئاخشام قاراڭغۇدا مېھمانغا ئانچە دىققەت قىلمىغان شوپۇر يىگىت بۈگۈن ئىختىيارسىز ھالدا بۇ كىشىگە قاراپ قالدى. مېھمان ئىگىز بوي، ئۇستىخانلىق، قاملاشقان كىشى ئىدى. ئۇ چارلاشقان چاچلىرىنى كەينىگە تارىغان، بۈركۈت كۆزلىرىگە سۇس قەھۋەرەڭ كۆزئەينەك تاقىغان، قاڭشارلىق، قويۇق بۇرۇتلىرىنى ئازراقلا ئۆستۈرۈۋالغان، كەڭ زىناقلىق مېھرى ئىسسىق ئادەم ئىدى. مېھماننىڭ كالتە يەڭ چاقماق كۆڭلىكى، قىر چىقىپ تۇرغان سىماپرەڭ شىمى، بوغۇچلۇق قارا خىرۇم بەتىنكىسى قەددى قامىتىگە خويمۇ ياراشقان بولۇپ، پۈتۈن تۇرقىدىن ئاجايىپ پاكىزلىق چىقىپ تۇراتتى. شوپۇر يىگىت ئۇنى ئۆزىچە «ئاكا» دەپ كەتكىنىگە خىجىل بولۇپ قالدى ۋە تەكەللۇپ بىلەن: 
ــ  ئەپەندىم، ناشتا قىلىۋالاملا؟  ــ دەپ سورىدى. 
سەھەردىكى كاككۇكنى ئىزدەپ قالغاندەك، قورودىكى بۈك ــ باراقسان دەل ــ دەرەخلەرگە قاراپ قالغان مېھمان، ئاستا كەينىگە بۇرۇلدى ۋە سورىدى: 
ــ  مېنى دەۋاتامسىز؟ 
ــ  ھەئە؟ 
مېھمان كۈلۈپ كەتتى. 
ــ  بىز ئاخشاملا ئاكام، ئۇكام دىيىشكەن ئەمەسمىدۇق... ئەمدى ئەجەپ ئەپەندى، دەپ... 
يىگىت ئوڭايسىزلىنىپ تۇرۇپ قالدى. مېھمان سۆزىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇمچە قىلدى: 
ــ  مېنى يەنىلا ئاكا دەڭ، ئابدۇلھېمىتخان ئاكام دېسىڭىز بولىدۇ... سىزنىڭ ئىسمىڭىز؟ 
ــ  ئەكبەر... 
ــ  ھە... ئەكبەرجان ئۇكام، شۇنداقمۇ؟ 
ــ  شۇنداق،  ــ  يىگىت ئوڭايسىزلىقتىن قۇتۇلدى، كۈلدى. مېھماننىڭ ئادەمخۇمار، كۆڭۈلچەك كىشى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى. 
ــ  ئەمدى ناشتىلىقنىڭ گېپىگە كىلەيلى،  ــ  دېدى مېھمان سەھەر قۇياشىدا پاقىراپ نۇرلىنىپ تۇرغان سۇس يېشىل رەڭلىك تاكسىنىڭ يېىنىغا كېلىپ – ئاخشامدىن بېرى ئانامنىڭ پىننە سالغان ئۈگرە ئېشى بىلەن مەھەللىمىزنىڭ كۈنجۈت باسقان قىزىق گىردە نېنى بۇرنۇمغا پۇراپلا تۇرۇۋاتىدۇ... بۇ ئەتراپتا شۇنداق ئۈگرەخانىلار بارمۇ، ئۇكام؟ 
ــ  بار، ئاكا،  ــ  دېدى يىگىت مېھمانغا ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىپ – مەن ئۆزلىرىنى تار كوچا چايخانىسىغا باشلاپ باراي. شۇ چايخانىنىڭ ئۈگرىسى ئادەمنى ئىسسىق باستۇرىدۇ. 
مېھمان «تار كوچا چايخانىسى» دېگەن گەپنى ئاڭلاپ، ساراي كۆلبېشىغا، ساراي كۆلبېشىدىكى ئۆزىنىڭ ئاياغ ئىزلىرى قالغان تار كوچىلارغا، تار كوچىدىكى كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئۆيىگە، ئۆيىدىكى ئانىسىنىڭ ئىللىق قۇچىقىغا يېقىنلاپ قالغاندەك، پۈتۈن ۋۇجۇدىغا بىر خىل ئىللىقلىق يامرىدى... 
ماشىنا خېلى ئۇزاق ماڭدى. تاش ئورماندەك سانجاق ــ سانجاق بىنالار ئارىسىدىكى كەڭ، ئازادە يوللاردا، بەش قولدەك قاتارلىشىپ كېتىۋاتقان ماشىنىلار ئارىسىدا، ئايلانمىلاردا، توسالغۇسىز ئۆتۈشمىلەردە توختىماي ئىلگىرىلىدى. مېھمان يول بەلگىسى، ۋىۋىسكىلىرىغا ئۇيغۇرچە خەتلەر يېزىلغان، كوچىلىرىدا ئۇيغۇرلار توپى ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىدىغان، ماشىنىلارنىڭ ئىچىدە، يول بويىدىكى ئۇشاق دۇكانلاردا ئۇيغۇرچە ناخشىلار ياڭراپ تۇرغان كۆز ئالدىدىكى شەھەرگە قاراپ دەممۇ ــ دەم ھاياجانلىناتتى. پات ــ پات كۆز ئەينىكىنى ئېلىپ، ئاپئاق قولياغلىقى بىلەن كۆز چاناقلىرىنى سۈرتەتتى. 
ماشىنا ئون نەچچە مىنۇت يۈرگەندىن كېيىن يول بويىدىكى بىنالار شالاڭ، ئەتراپتىن كونىلىق پۇراپ تۇرغان، قاتناش بىرئاز قالايمىقان، ماشىنىلار، موتوسىكىلىتلار، ھارۋىلار، ئېشەك ھارۋىلىرى، ئۇلاغ ــ ئىلمەك يېتىلىشىۋالغانلار بىرلا كوچىغا سىغدالغان شەھەر بۆلىكىگە كىردى. بۇ ئەھۋاللارنى تازا چۈشىنىپ كېتەلمىگەن مېھمان، دىققەت-ئېتىبارى يولغا مەركەزلەشكەن، ئېھتىيات بىلەن ماشىنا ھەيدەۋاتقان شوپۇرغا قاراپ قالدى. شوپۇر، مېھماننىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنىپ، ئېغىز ئاچتى: 
ــ  سىز چۈشكەن مېھمانخانا ۋە بايىقى كوچىلار يېڭىشەھەر رايونى ئىدى، ھازىر كوناشەھەر رايونىغا كىرەي دەپ قالدۇق. بىز بارماقچى بولغان چايخانا يېڭىشەھەر بىلەن كونا شەھەرنىڭ پاسىلىدا، ئاكا. كوناشەھەر مۇشۇنداق رەتسىز، قالايمىقان... ئالدىمىزدا تېخى بۇنىڭدىن تار، بۇنىڭدىن ئەسكى كوچىلارنى كۆرىسىز... 
مېھمان بېشىنى لىڭشىتتى ۋە ئۆز ــ ئۆزىگە شىۋىرلىغاندەك دېدى: 
ــ  ئەسكى كوچا دىمەڭ، ئۇكا. مەن ئاشۇ كونا كوچىلارنى، تار كوچىلارنى 50 يىل ياد ئەتتىم، 50 يىل سېغىندىم، 50 يىل ياش تۆكتۈم! مانا بۈگۈن ئاشۇ تار كوچىلارنى دەپ يىگانە بېلىقتەك ئوكيانلارنى كېزىپ، قۇرغۇيدەك تاغ ــ داۋانلاردىن ئېشىپ دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىن كەلدىم! 
يىگىت خاتا سۆزلەپ سلاغىنى ئۈچۈن خىجىل بولدى. ئۆزىنىڭ بەزى ئىشلارنى ئاددىيلا ئويلايدىغانلىقىغا، يۈزەكى يەكۈن چىقىرىپ قويىدىغانلىقىغا ئۆكۈندى. 
تار كوچا چايخانىسى مېھماننى تېخىمۇ ھاياجانغا سالدى. كوناشەھەرنىڭ تار كوچىلىرىغا تۇتاشقان بۇ چايخانا قەدىمقى ئۇيغۇر ئۆيلىرنىڭ شەكلى ۋە مىمارچىلىق ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، دالان ئۆيگە تۇتاشقان ئىچكىر-تاشقىر ئۆيلەردە مورىلىق ئوچاق، تەكچە، نۆۋەي، ئۇيۇقلار كۆزگە تاشلىناتتى. ئۆيلەرگە ھازىرقى چايخانا، ئاشخانىلارغا ئوخشاش ئۈستەل، ئورۇندۇق تىزىلماستىن قەدىمقى ئۇسلۇپتا سۇپا باغلىنىپ سۇپىغا گىلەم، كۆرپىلەر، داستىخانلار سېلىنغان ئىدى... مېھمان ئالتە ياش ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ تار كوچىسىدا، ئۆزىنىڭ ئۆيىدە، ئاتا ــ ئانىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ناشتا قىلغاندەك، ئوخشىغان ئۈگرە، قىزىق گىردە بىلەن ناشتا قىلدى. چېكىلىرى تەرلىدى. ئەزەلدىن مۇشۇ مەھەللە، مۇشۇ تار كوچىلاردا ياشاپ كېلىۋاتقاندەك ئىپتىخارغا چۆمدى... 
مېھمان تاماققا دۇئا قىلغاندىن كېيىن شوپۇر يىگىتكە ئوچۇق گەپنى قىلدى. ئۆزىنىڭ بۇ سەپىرىنىڭ مەقسىدىنى دېدى: 
ــ  مەن ۋەتەندىن ئايرىلغان چاغدا، مېنىڭ ئانام مۇشۇ شەھەرنىڭ ساراي كۆلبېشى دېگەن مەھەللىسىدە، قازانچى كوچىسى دىيلىدىغان تار كوچىدا يالغۇز قالغان، ئۇكام. ئانامنىڭ ئىسمى سائادەت خېنىم. ئانامنى تېپىش، ئانامنىڭ دىدارىنى كۆرۈش، ئانامنىڭ تىنىقلىرىنى ھىدلاش مېنىڭ بۈگۈنكى بىردىن ــ بىر ئارمىنىم... سىز ماڭا ياردەملىشىپ ئانامنى تېپىشىپ بېرىڭ. مەن سىزنىڭ ئەجرىڭىزگە ئۆز لايىقىدا جاۋاب قايتۇرىمەن، بولامدۇ؟ 
ــ  بولىدۇ، ئاكا. مەنمۇ ئكزلىرىدەك ياخشىلارغا خىزمەت قىلالىسام، دەيمەن. 
ــ  بىراق،  ــ  دېدى مېھمان ئەندىشە قىلغاندەك ئاھاڭدا – مېنىڭ ئانامدىن ئايرىلغىنىمغا يېرىم ئەسىر بولدى. ئاشۇ ئۇزاق يىللاردا ئانام بىلەن بولغان ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى. مەن ئانامنىڭ ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكىگە بىر نەرسە دىيەلمەيمەن... بىز ئانامنى ئىزدەش، سۈرۈشتۈرۈش داۋامىدا قايمۇقۇپ قېلىشىمىز، ئەرەج تارتىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. شۇڭا مەن ئۈچۈن، ئانام ئۈچۈن ماڭغان قەدىمىڭىزگە رازى بولۇشىڭىز، مەندىن ئاغرىنماسلىقىڭىز كېرەك. 
ــ  بۇنى بىلىمەن، ئاكا. 
ئۇلار تاكسىغا ئولتۇردى. كۆز ئالدىدىكى كونا مەھەللىگە، تار كوچىلارغا ئىچكىرلەپ كىردى... ئۇلار ئازراق ماڭغاندىن كېيىن كوچىلار تارايدى، ماشىنىنىڭ مېڭىشى مۈمكىن بولمىدى. شوپۇر ماشىنىنى كەينىگە ياندۇردى ۋە كوچا ئاغزىدىكى بوش يەرگە تارتىپ توختىتىپ قويدى. ئىككەيلەن ئەمدى پىيادە مېڭىپ كوچا كېزىشكە باشلىدى. 
مېھمان تار كوچىلارغا قەدەم قويدى. مېھمان تار كوچىنىڭ توپىلىرىغا، تار كوچىنىڭ ئىگىز ــ پەس كېسەك تاملىرىغا، تار كوچىنىڭ بالىخانىلىق ئۆيلىرىگە، تار كوچىنىڭ دەرۋازىلىرىغا، تار كوچىنىڭ دەرۋازىسى ئوچۇق ھويلىلىرىغا ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىدا بىرمۇ ــ بىر قاراپ ماڭدى. مېھمان تار كوچىنىڭ ئاپئاق ساقاللىق بوۋايلىرىغا، تار كوچىنىڭ ئاپئاق لىچەكلىك مومايلىرىغا «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!» دەپ سالام قىلىپ ئۆتتى. مېھمان تار كوچىنىڭ ئەرلىرى بىلەن، تار كوچىنىڭ جۇۋانلىرى بىلەن تېچ ــ ئامانلىق سورىشىپ ئۆتتى. مېھمان تار كوچىنىڭ يىگىتلىرىگە، تار كوچىنىڭ قىزلىرىغا زوقمەنلىك تۇيغۇسىدا قاراپ قالدى. مېھمان تار كوچىنىڭ بالىلىرىغا، تار كوچىنىڭ ئەركىلىرىگە قاراپ ھاياجانغا چۆمدى. مېھمان تار كوچىنىڭ قىرلىرىدىن، تار كوچىنىڭ بۇلۇڭ ــ پۇچقاقلىرىدىن ئۆزىنىڭ ئىزلىرىنى ئىزدېدى... مېھمان تار كوچىنىڭ، تار دۇنيانىڭ مېھىرلىك قۇچىقىدىن ئانىسىنىڭ ھىدىنى ھىدلىدى. مېھمان تار كوچىنىڭ، تار مەھەللىنىڭ قوينىدىن ئوغۇز سۈتىنىڭ قۇۋۋىتىنى ئالدى. بىراق... 
بىراق بۇ كوچىدا، بۇ مەھەللىدە، ساراي كۆلبېشى، قازانچى مەھەللىسى دېگەن كوچا، مەھەللىلەر يوق ئىكەن. ئەسلىدىلا ساراي كۆلبېشى، قازانچى مەھەللىسى ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرغان بۇ مەھەللە، كوچىلار يېڭىچە ناملار بىلەن ئاتىلىدىكەن... مېھمان ئۆز كۆڭلىدە ساراي كۆلگە ئوخشاتقان چوڭ كۆل بويىدا توختاپ تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ بالىلىق خاتىرىسىدىكى ساراي كۆل – سۈيى زۇمرەتتەك، بېلىقلىرى ئالتۇندەك ناھايىتى چوڭ كۆل ئىدى. كۆلنىڭ تۆت ئەتراپىدا كۆكنى تىرەپ تۇرغان سۇۋادان تېرەكلەر سايە تاشلاپ تۇراتتى. كۆلنىڭ چۆرىسى ياغاچ ۋادەكلەر بىلەن قاشالانغان بولۇپ، كۆل سۈيى يىل بويى زۇمرەتتەك تاۋلىنىپ تۇراتتى. ئەتراپتىكى كىشىلەر كۆلنى شۇنچىلىك ئاسرايتتىكى، كۆلدە قولىنى يۇسا يامان بولىدىغانلىقى، سۇغا تۈكۈرسە يامان بولىدىغانلىقى، سۇغا سىيسە يامان بولىدىغانلىقى، سۇنى ئىسراپ قىلسا يامان بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى يۈكسەك ئەقىدىلەر ساراي كۆلبېشىدىكى چوڭ ــ كىچىك ھەننىۋا كىشىنىڭ روھىيىتىگە سىڭىپ كەتكەن ئىدى... ھازىر بۇ كۆل قۇرۇپ كېتىپتۇ. قۇرۇپ كەتكەننى ئاز دەپ، شەھەرنىڭ ئەخلەت ئازگىلىغا ئايلىنىپتۇ! مېھمان ئاچچىق يۇتۇپ تۇرۇپ كەتتى. بۇ كۆلنىڭ زۇمرەتتەك سۈزۈك سۈيى، ئالتۇندەك بېلىقلىرى، كۆل يۈزىدە ئۇچۇپ يۈرىيدىغان قارلىغاچلىرى، كۆل ئەتراپىدا ياشىرىپ تۇرغان سۇۋادان تېرەكلىرى قېنى؟ بىر قولىدا چىلەك كۆتۈرۈپ، بىر قولىدا مېنى يېتىلەپ كۆلگە سۇغا چىقىدىغان ئانام سائادەتخېنىم قېنى؟! 
مېھمان كۆڭلى يېرىم بولغان، قەلىب تەشۋىشى كۈچەيگەن ھالدا مەھەللىلەرگە سىنچىلاپ قارىدى، كوچىلارغا ئىچكىرلىدى، ئۇچىرغانلاردىن سورىدى. بىراق بۇ مەھەللىلەردە، بۇ كوچىلاردا ساراي كۆلبېشىنى، قازانچى كوچىسىنى، سائادەت خېنىم ئىسىملىك ئايالنى بىلىدىغانلار يوق بولۇپ چىقتى. ھەتتا باشقا سائادەتخانلار بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالىدىغان ئىشتىنمۇ خالى بولالمىدى. مېھمان ساراي كۆلبېشىنى، قازانچى كوچىسىنى ئاز ــ تولا تونۇغاندەكمۇ قىلدى. بىراق بۇ مەھەللە، بۇ كوچىلار ئۆزگەمىگەن بولسىمۇ كوچىدىكى ئۆيلەر ئۆزگەرگەن، ئادەملەر ئۆزگەرگەندەك قىلاتتى. مېھمان بىزنىڭ ئۆيىمىز شۇمىكىن، دەپ قىياس قىلغان ھويلىمۇ باشقىچە شەكىلدە ئىدى. ھويلىدىكى ئادەملەرمۇ باشقا ئادەملەر بولۇپ چىقتى... 
قۇياش تىكلەنگەن، دەل ــ دەرەخسىز، گۈل ــ گىياھىسز كوچىلار تونۇرغان ئايلانغان، كوچىدا كېتىۋاتقان ئادەم تونۇرغا دۈملەنگەن گىردىدەك پېشىپ قالاي دەيتتى. توختىماي كوچا كېزىۋاتقان مېھمان ئۇچرىغانلا مومايغا سەپ سېلىپ قارايتتى. ئۇچرىغانلا ئادەمدىن ئانىسىنى سورايتتى. بېشىغا بادام گۈللۈك مارجان دوپپا كىيىپ ئۈستىدىن لىچەك ئارتىۋالغان ئانىسى ھاسىغا تايانغىنىچە، توساتتىن خالتا كوچىلارنىڭ بىرىدىن چىقىپ قالىدىغاندەك،”بالام ئابدۇلھېمىتخان... كەلدىلىمۇ بالام، ۋاي كۆزۈمنىڭ نۇرى بالام، پۇت ــ قولۇمنىڭ ماغدۇرى بالام... “ دەپ ئۆزىگە قۇچاق ئېچىپ كېلىدىغاندەك ئۈمىتلىنەتتى، ھاياجانلىناتتى. مېھمان توختىماستىن ماڭاتتى، توختىماستىن كوچىمۇ ــ كوچا كىرەتتى، توختىماستىن مەھەللىمۇ ــ مەھەللە كېزىپ چىقاتتى، توختىماستىن ئانىسىنى سوراپ چىقاتتى. بۇ كوچىلار ئۇزۇن كوچىلار ئىدى، بۇ مەھەللىلەر تولا مەھەللىلەر ئىدى، بىراق بۇ كوچىلارنىڭ، بۇ مەھەللىلەرنىڭ بۇرۇنقى نامىنى بىلىدىغانلار يوق دىيەرلىك ئىدى. بۇرۇنقى ئادەملەرنى تونۇيدىغانلار، بۇرۇنقى ئادەملەرنىڭ ئىسمى ــ زاتىنى بىلىدىغانلار ئۇچرىمايتتى... 
كۈن كەچكە قايرىلغاندا، مېھماننىڭ پاچاقلىرى تالغاندا، مېھماننىڭ پۇتلىرى ئاغرىپ كەتكەندە، مېھمانغا ھاردۇق يەتكەندە، مېھمان مېھمانخانىغا قايتىپ كېتەيلى دەپ تۇرغاندا، مېھمان شوپۇر يىگىت بىلەن ماشىنىنىڭ يېنىغا ماڭايلى دەپ تۇرغاندا خالتا كوچىلارنىڭ بىرىدىن بېشىغا ئاپئاق سەللە ئورىۋالغان، ساقىلى ئۇچتەك ئاقارغان، ھاسىسى ئۇپراپ قىسقارغان خىزىر سۈپەت بىر بوۋاي چىقىپ كەلدى. مېھمان، بوۋاينى كۆرۈپ مەرھۇم دادىسىنى كۆرگەندەك ھاياجانلاندى. مېھمان ئىتتىك قەدەملەر بىلەن بوۋاينىڭ ئالدىغا باردى. مېھمان ئىككى قولىنى ئۇزىتىپ بوۋايغا سالام بەردى: 
ــ  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قارى ھاجىكا! 
ــ  ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بالام! – بوۋاي ئۆزىنىڭ ئوغلى بىلەن كۆرۈشكەندەك، مېھمان بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرۈشتى. قېرلىقتىن تارىشىدەك قېتىپ كەتكەن قوللىرى بىلەن مېھماننىڭ ئۆزىگە تەڭلەنگەن يۇمشاق قوللىرىنى تۇتتى. ئۆسكىلەڭ ئاق قاشلىرى ئاستىدىكى سانسىز قورۇقلار چىرماپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن مېھمانغا تىكىلدى. مېھمان، بوۋاينى ھەيران قالدۇرۇۋېرىشنىڭ ئورنىغا يۇمشاق، يېقىملىق ئاۋازدا ئېغىز ئاچتى: 
ــ  ئۆزلىرىدىن گەپ سوراي دېگەن قارى ھاجىكا... 
ــ  سورىسىلا بالام، سورىسىلا... 
ــ  ئۆزلىرىنى مۇشۇ ساراي كۆلبېشىنىڭ قازانچى كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق سائادەت خېنىم دېگەن ئايالنى تونۇمدىكىن دەپ... 
ــ  سائادەت خېنىم؟ سائادەت خېنىم دېگەن كىمنىڭ ئاغىچىسىدى، بالام، ئۇ؟ 
ــ  ئابدۇرېھىم ھاجى ئىسىملىك چەتئەللىك مۇھاجىر كىشىنىڭ ئايالى ئىدى، قارى ھاجىكا. 
ــ  ئابدۇرېھىم ھاجى...؟  ــ  بوۋاي بىر كىملەرنى ئەسلىگەندەك بىردەم جىمىپ قالدى – ئەجەپ تونۇشلا بىر ئادەملەرنىڭ گېپىنى قىلىلىغۇ، بالام؟ گەپنى ئوچۇقراق سۆزلىسىلە... 
ــ  ئابدۇرېھىم ھاجى، سائادەت خېنىم دېگەن كىشىلەر مېنىڭ ئاتا ــ  ئانام ئىدى، دېسىلە، قارى ھاجىكا... دادام ئابدۇرېھىم ھاجى بۇنىڭدىن 50 يىل بۇرۇن ھۆكۈمەت چەتئەللىك مۇھاجىرلارنى ۋەتىنىگە قايتۇرغان چاغدا، مېنى ئېلىپ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن. بىراق ئانام سائادەت خېنىم تېگىدىن مۇشۇ يەرلىك بولغاچقا، بىزدىن ئايرىلىپ ۋەتەندە قېپ قالغان... ئارىدىن 50 يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئانام بىلەن بولغان ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى... مانا بۈگۈن مەن ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن يىراق ئەللەردىن كېلىپ، بالىلىقتىكى ئاياق ئىزلىرىم قالغان بۇ تار كوچىلاردىن ئانامنى ئىزدەپ يۈرىيمەن! 
ــ  ھوي بالام، سىلە ئاشۇ ئابدۇرېھىم ھاجىمنىڭ ئوغلىمۇ؟  ــ  بوۋاي ھاسىسىنى تاشلىدى، ئوغلىنى ــ ئەڭ يېقىن كىشىسىنى قۇچاقلىغاندەك مېھماننى قۇچاقلىدى – يول جاپاسى تارتىپ قالماي تېچ ــ ئامان كەلدىلىمۇ، دادىلىرى ئاغرىق ــ سىلاققا چۈشۈپ قالماي تېچ ــ ئامان تۇردىمۇ؟ 
ئىككەيلەن قەدىناسلارچە ئەھۋاللىشىپ كەتتى. بىر چەتتە قاراپ تۇرغان شوپۇر يىگىت ھەيرانلىقتىن ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى. مەلۇم بولدىكى، بوۋاي ئابدۇرېھىم ھاجىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئەڭ يېقىن كىشىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇلار مۇشۇ كوچىلاردا بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان، بىللە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان... ھەتتا بىللە جەبىر ــ جاپا تارتىشقانلار ئىكەن. كېيىن ئابدۇرېھم ھاجى ۋەتىنىگە قايتۇرۇلغان مۇھاجىرلارنىڭ قاتارىدا چەتئەلگە چىقىپ كېتىپتۇ. بۇ كىشى بولسا بۇ يەردە قاپتۇ... 
ئۆز دادىسىنى بۇ يەردە كۆرگەندەك ھاياجانلانغان مېھمان، دادىسى ئابدۇرېھىم ھاجىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇپ، ھەمىشە ساراي كۆلبېشىنىڭ، ساراي كۆلبېشىدىكى تار كوچىلارنىڭ، تار كوچىلاردىكى خولۇم ــ خوشنا، دوست ــ يار بۇرادەرلىرىنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى، ساراي كۆلبېشى، ساراي كۆلبېشىدىكى دوست ــ يار بۇرادەرلىرىنى سېغىنغانلىقىنى سۆزلەيدىغانلىقىنى دېدى. مېھمان يەنە دادىسىنىڭ مەككىدە ۋاپات بولغانلىقىنى، تۇپرىقىنىڭ مەككىدە قالغانلىقىنى ئېيتتى. بوۋاي بىردەم سۈكۈتكە چۆمدى. بوش پىچىرلاپ، مەرھۇمنىڭ روھىيغا ئاتاپ دۇئا قىلدى. 
ــ  بۇ ھايات – مۇشۇنداق ئارمان بىلەن ئۆتىدىغان ھايات ئىكەن ھاجىكا، – دېدى مېھمان ئۇلۇق كىچىك تىنىپ – خۇدانىڭ تەقدىرى بىلەن دادىمىزنىڭ تۇپرىقى ئالەمنىڭ ئۇ چېتىدە قالدى. مانا ئەمدى ئانىمىزنى ئىزدەپ يۈرىيمىز، دىسىلە! 
ــ  سائادەت خېنىم... – بوۋاي يەرگە تىكىلگىنىچە، بىردەم ئويلىنىپ تۇردى، ئاندىن بىر ئىشنى ئېسىگە ئالغاندەك، مېھمانغا قاراپ ئېغىز ئاچتى – ئەمدى ئېسىمگە كەلدى، بالام! سىلە دادىلىرى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، بۇ يەردە يالغۇز قالغان ئانىلىرى سائادەت خېنىم، خۇددى ھەر قايسىلىرى بىر كۈن بولمىسا، بىر كۈن قايتىپ كېلىدىغاندەك، خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنى كوچا ئاغزىغا چىقىپ يولغا قاراپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدى. كۈن ــ كۈنلەپ شۇنداق تۇرغىنىنى كۆرەتتۇق. بىر كىشىم گەپ سورىسا گېپىگە جاۋاب بەرمەيتتى، بەكرەك گەپ قىلسا پاڭڭىدە ئېتىلىپ يىغلايتتى... كوچىدىكى مەزلۇملار بىچارىگە ئانچە ــ مۇنچە تەسەللى ئېيتقان، ھالىدىن خەۋەر ئالغانمۇ بولدى. ئەمما كېيىنكى ئاچارچلىق يىللاردا ھەر كىم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ كەتتى... بىر چاغلاردا نۇرغۇن شەھەرلىكلەر چەت ــ يىراق يېزا ــ قىشلاقلارغا تارقاقلاشتۇرۇلدى... ئانىلىرى تارقاقلاشتۇرۇلغانلارنىڭ قاتارىدا يېزىغا چىقىرىلغان دەك قىلغان... شۇنىڭدىن كېيىن بىز ئانىلىرىنى كۆرمىدۇق... 
مېھمان قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا كەتتى. ئانىسىنىڭ دىدارىنى كۆرۈش ئۈچۈن قەلبىدە ئوتتەك يېلىنجاپ تۇرغان ئارزۇ ــ ئىستەكلىرى يامغۇردا قالغان گۈلخاندەك تۈتەپ قالدى. ئۈنى پۈتۈپ قالغاندەك، گەپ قىلسىمۇ ئاۋازى چىقماي قالدى. 
ــ  ئۇ ئىشلارغا ئۇزۇن بولدىمۇ؟ قارى ھاجىكا؟ 
ــ  ئۇزۇن بولدى، بالام! 
مېھمان ئويلىنىپ قالدى ۋە سورىدى: 
ــ  ئانام قايسى يېزىغا تارقاقلاشتۇرۇلغان بولغىيدى؟ 
ــ  ئەينى چاغدا ساراي كۆلبېشىدىكى ئاھالىلەر دەريانىڭ ئۇ قېتىدىكى يېزىلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغان، بالام، – دېدى بوۋاي ئېسىدە قالغانلىرىنى سۆزلەپ ــ كېيىنكى يىللاردا تارقاقلاشتۇرۇلغانلارنىڭ بىر قىسمى شەھەرگە قايتىپ كىردى. كۆپ سانلىق كىشىلەر ھويلا ــ ئاراملىرىدىن، ھۈنەر ــ كەسىپلىرىدىن ئايرىلىپ دېھقان بولۇشقا مەجبۇر بولدى. سائادەت خېنىممۇ دېھقان بولۇپ كەتتى بولغاي... 
ــ  دەريانىڭ ئۇ قېتىدىكى يېزا، دېدىلە، ھە؟ 
ــ  شۇنداق بالام. 
مېھمان بوۋاينىڭ ئۆيىگە باشلىماقچى بولغىنىغا، شۇنچە چىڭ تۇتقىنىغا قارىماي، ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتى. 
 

 
ئېھ، سۆيۈملۈك تار كوچىلار... ئېھ، تار كوچىدىكى مېھىرلىك ۋەتەن! بۇ كوچىلار مېھماننىڭ بالىلىق دۇنياسىدىن باشلانغان كوچىلار ئەمەسمۇ! بۇ كوچىلار مېھماننىڭ بالىلىق دۇنياسىدىن جاھاننىڭ چەت ــ چېتىگە تۇتاشقان كوچىلار ئەمەسمۇ! مېھمان ئەتىگەندىن بېرى بۇ كوچىلارنى كېزىپ يۈرۈپ، تار، بۇلۇڭ ــ پۇچقاقلاردىن، ئەگرى ــ بۈگرى خالتا كوچىلاردىن بالىلىق ئىزلىرىنى تېپىۋالدى. مېھمان ئۆزى تار ئەمما باغرى كەڭ ئانا كوچىلاردىن ئۆزىنى قايتا تېپىۋالدى. بىراق... بىراق مېھمان ئانىسىنى تاپالمىدى. مېھمان ئانىسىنىڭ دىدارىنى كۆرۈش ئۈچۈن، ئانىسىنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئېتىش ئۈچۈن يىگانە بېلىقتەك ئوكيانلارنى كېزىپ ، قۇرغۇيدەك تاغ ــ داۋانلاردىن ئېشىپ بۇ تار كوچىلارغا، تار كوچىدىكى ۋەتىنىگە كەلگەن ئەمەسمىدى! 
مېھمان، شوپۇر يىگىت بىلەن ئەتە كۆرۈشىدىغان بولۇپ، خوشلاشتى. مېھمان، ئانىسىنى داۋاملىق ئىزدەشكە، ئانىسىنى ئىزدەپ دەريالاردا ئۈزۈشكە، تاغ ــ داۋانلارغا يامىشىشقا تەييار ئىدى. 
مېھمان ياتىقىغا قايتىپ كەلدى. مۇنچىنىڭ راھەتلىك ئىسسىق سۈيىدە يۇيۇنۇپ كىيىم ئالماشتۇردى. ئىشتىھاسىز بىر ھالدا كەچلىك تاماق يىدى. ئۇ”كەچلىك تاماقنى ئانام بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ يەيمەن“، دەپ ئويلىغان ئىدى. بىراق بۈگۈنمۇ ئانىسى بىلەن بىللە تاماق يېيىش نېسىپ بولمىدى... مېھمان تاماقخانىدىن چىقىپ، ياتاق بىناسىنىڭ يان تەرىپىدىكى چىملىققا بېرىپ ئولتۇردى. يەر يۈزى ياپ ــ يېشىل چىملىق، چىملىق ئۈستىگە سايىۋەن بولۇپ تۇرغان چوڭ يوپۇرماقلىق چىنار دەرەخلىرى بۇ يەرنىڭ ھاۋاسىنى تەڭشەپ، سالقىنلىتىپ ئىدى... ماڭغان قەدەملىرىدە يېشىل چىملىق مايسىلىرى، باش ئۈستىدە يېشل يوپۇرماقلار، كۆزلىرىدە يېشىل دۇنيا، تىنىقلىرىدا يېشىل ھاۋا... بۇ يېشىللىقلار، بۇ يېشىل ھايات مېھمانغا زوق بېرەلمىدى. تار، توپىلىق كوچىلار، ئىگىز ــ پەس بالىخانىلىق ئۆيلەر، ئەڭ يېقىن كىشىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئادەملەر، دەرتمەن كۆزلىرىدىن ياش ئورنىغا قان تامچىلىغان ئانىلار... كۇزۇپلۇق ماشىنا تار كوچىلارنى، تار كوچىدا يىغلاپ قالغان ئانىلارنى توپا ــ تۇمان ئىچىدە قالدۇرۇپ يۈرۈپ كەتتى. يىغلاپ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان ئانىسىغا تارتىشقىنىچە ئۆزىنى ھەريان ئۇرۇپ، ماشىنىدا ئېلىپ كېتىلىۋاتقان بالا، ئانىسىنىڭ توپا ــ تۇمانلار يۇتۇپ كەتكەن سىماسىدىن ئايرىلىپ، بۇ ئالەمدىكى ھەممە نىمىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ئۈنى ئۆچتى، دادىسىنىڭ قۇچىقىغا يىقىلدى. 
ــ  بالام، بالام... بالام ئابدۇلھېمىتخان! – ئوغلى بىلەن تەڭلا يىغلاپ كەتكەن دادا، ئۇنىڭ بېشىنى قۇچىقىغا ئېلىپ چېكىسىنى ئۇۋىلىدى، ئاغزىغا سۇ تېمىتتى. بالا كۆزلىرىنى ئاچتى. ئۇ ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان، ئەمدى مۇشۇ دادىسىلا قالغان ئىدى... 
ماشىنا تىنىمسىز غوڭۇلداپ ماڭاتتى. ماشىنا ئوڭغۇل ــ دوڭغۇل تاشلىق يولدا تولا لەڭ ئۇراتتى، چاقاتتى. ماشىنا ئۇزاققا سوزۇلغان يولدا توختىماي چايقىلاتتى. ماشىنا ئايىغى چىقماس يولدا ھېلىلا ئۆرۈلۈپ كېتىدىغاندەك، كۇزۇپتىكى كىشىلەرنى ئەنسىزچىلىككە سالاتتى... بالا ئەمدى يىغلىماسلىقنى ئويلىدى. بالا بۇنداق يىغلاۋەرسە، دادىسىنىڭمۇ ئۆزى بىلەن تەڭ يىغلاپ كېتىدىغانلىقىنى كۆردى. بالا ئەمدى يىغلاۋەرسە دادىسىنىڭمۇ يىغلاپ ــ يىغلاپ تۈگىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلىدى. بالا ئۆز كۆڭلىدىن كەچكەن، كۆڭلىدە تېپىشماق بولۇپ تۇرغان بىر سۇئالنى سورىدى: 
ــ نەگە بارىمىز، دادا؟ بۇ ماشىنا بىزنى قەيەرگە ئاپىرىدۇ؟ 
دادىسى ماشىنىدا ئولتۇرغان باشقا كىشىلەرگە، ھەممىسى دىگۈدەك ئۆزىنىڭ ئاۋارىچىلىقىدا كېتىۋاتقان سەپەرداشلىرىغا قاراپ قويۇپ جاۋاب بەردى: 
ــ  بىز ئەمدى ئافغانىستانغا، ئافغانىستاندىكى كابول شەھېرىگە بارىمىز بالام! 
ــ  كابول... ئۇ يەر يىراقمۇ؟ 
ــ  يىراق، بالام. ئارىلىقتا مۇزتاغ، ئىگىز تاغ ــ داۋانلار بار. 
ــ  مۇزتاغ... بىز مۇزتاغدىن قانداق ئۆتىمىز؟ 
ــ  ئىرادىمىزگە تايىنىپ ئۆتىمىز، ئات ــ ئۇلاغ بىلەن ئۆتىمىز. 
ــ  بىز ئات ــ ئۇلاغ مىنىشنى بىلمىسەك... بىز دېگەن شەھەرلىك تۇرساق، مۇزتاغدىن قانداق ئۆتىمىز؟ بىز ئۇ يەرگە بارمىساق، مۇشۇ يەردە ئانام بىلەن بىللە قالساق بولمامدۇ؟ 
ــ  ئاللانىڭ ئىرادىسى شۇنداق بالام... بىزنىڭ پېشانىمىزگە پۈتۈلگىنى شۇ! 
بالا ھەيران بولاتتى، توختىماي گەپ سورايتتى: 
ــ  بىز كابولغا نېمىشقا بارىمىز، دادا؟ بىزنىڭ ئۇ يەردە يا ئانىمىز يوق، يا ئۆيىمىز يوق... 
ــ  بار، بالام... كابولدا ئۇرۇق ــ تۇغقانلىرىمىز، يەر، مۈلۈكلىرىمىز، دۇكان ــ سارايلىرىمىز، زور بايلىقىمىز بار. 
ــ  ھە... – بالىنىڭ ھەيران بولغانلىقى، دادىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ يېتىپ ئۇخلاپ قالغانلىقى، مېھماننىڭ ھازىرقىدەك ئېسىدە. دادىسى ئابدۇرېھىم ھاجىنىڭ سۆزلەپ بەرگىنى جىق گەپ ئىدى. 
ئابدۇرېھىم ھاجى كابوللۇق كىشى ئىدى. ئابدۇرېھىم ھاجىنىڭ دادىسى ئۇرايىمھاجى ئۆز  
 
زامانىسىدا كاتتا سودىگەرلەردىن ئىدى. ئۇرايىمھاجى ھاجى كابولدىن نىل* قاچىلانغان ئات، خېچىرلىرىنى ھەيدەپ كارۋان تارتىپ ھىندىستانغا باراتتى. نىلنى دېھلى شەھېرىدە سېتىپ، بۇ يەردىن تاغار ــ تاغارلاپ لاچىندانە، پىلپىل، خولىنجان قاتارلىق دورا ــ دەرمەكلەرنى ئالاتتى. دورا ــ دەرمەكلەرنى خېچىلارغا ئارتىپ خوتەنگە كارۋان تارتاتتى. دورا ــ دەرمەكلەرنى خوتەندىكى تىۋىپلارغا ئۆتكۈزۈۋېتىپ، خوتەن، يەركەن، قەشقەردىن يىپەك ماللارنى ئېلىپ كابولغا قايتاتتى... ئابدۇرېھىم ھاجى ئۇرايىمھاجىنىڭ ئوتتۇرانچى خوتۇنىدىن بولغان ئوغلى بولۇپ، كچىكىدىن ئەقىللىق، چېچەن ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكى، دادىسىنىڭ قولىغا يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن دادىسى ئۇنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىۋالغان، ئۆز كەسپىگە ۋارىس قىلىپ تەربيىلىگەن ئىدى. 
20 ــ ئەسىرنىڭ 30 ــ يىللىرى ئۇرايىمھاجى كىچىككىنە ئوغلى ئابدۇرېھىم ھاجىنى ئەگەشتۈرۈپ يەنە بۇ تەرەپلەرگە كەلدى. ئۇلار ھىندىستاندىن ئېلىپ كەلگەن دورا ماتېرىياللىرىنى سېتىپ بۇ يەردىن توپ ــ توپ يىپەك ماللارنى ئالدى. بىراق كابولغا كېتەلمىدى. ئۇ چاغدا ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ، ھەممە يەرنى پۇرۇخ ھىدى قاپلاپ كەتكەن، چېگرا تاقالغان ئىدى... كېيىن ئۇلار ماللىرىدىن، ھەميىنىدا جىرىڭلاپ تۇرغان تىللالاردىن ئايرىلدى. قېرىلىق يەتكەن، كېسىلى قوزغىلىپ قالغان ئۇرايىمھاجى ھاجى قازا قىلىپ مۇشۇ زېمىندا يەرلىكىدە ياتتى. كۆزلىرى قان، ياشقا تولغان ئابدۇرېھىم ھاجى غۇقتەك يالغۇز قالدى. بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق تىكلەنگەندىن كېيىن، ئابدۇرېھىم ھاجى خەلق كومۇناسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، يەرلىك ماللار شىركىتىدە ئىشچى بولۇپ ئىشلىدى. خەت ساۋادى ياخشى ، مەدەنى، يۇقىرى ساپالىق بولغانلىقى ئۈچۈن كېيىنچە ئوقۇتقۇچى بولدى. خوشنىلىرىنىڭ سەھرالىق تۇغقىنى سائادەتخانغا ئۆيلەندى. بىراق... بىراق ئۇزاق ئۆتمەي ئابدۇرېھىم ھاجىنىڭ تەقدىرىدە يەنە ئۆزگىرىش بولدى. ئۇنىڭ تەركىۋى ئايرىلغاندا”پومىشچىكنىڭ ئەۋلادى“ بولۇپلا قالماستىن يەنە”چەتكە باغلانغان ئۇنسۇر“ بولۇپ چىقتى. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتۇرۇلىدىغان مۇھاجىرلار قاتارىدا چېگراغا ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىلدى... 
ئابدۇلھېمىتخان ئۇ چاغدا تېخى كىچىك، گۆدەك ئىدى. دادىسىنىڭ گېپىنى گاھ چۈشىنىپ، گاھ چۈشەنمىگەن ئىدى. ئارىدىن 50 يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ چوڭ بولغانسېرى ئاستا ــ ئاستا چۈشەندى، نۇرغۇن ئىشلارنى بىلىپ يەتتى... ئۇلارنى ئېلىپ ماڭغان ماشىنىلار كېچىلەپ يول يۈردى. ماشىنىلار گاھىدا ئىگىز داۋانلارغا چىقىپ، گاھىدا چوڭقۇر جىلغىلارغا  
نىل* ــ بوياقچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ماتېرىيال  
چۈشۈپ، كېچىكلەردىن ئۆتۈپ، يايلاقلارنى كېزىپ، تاغلاردىن ئېشىپ ئەتىسى كەچتە تاشقور 
 
غانغا يېتىپ كەلدى. ئۇلار بىر دەڭگە چۈشتى. بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى باشقىچىلا سوغۇق ئىدى. غۇيۇلداپ تۇرغان سوغۇق شامال ئادەمنىڭ غولىنى قورۇيتتى. دادىسى يۈك ــ تاقلارنى يېشىپ، ئۇنىڭ پاختىلىق چاپىنىنى ئالدى.”سوغۇق ئۆتۈپ قالمىسۇن، بالام“ دەپ كەيدۈرۈپ قويدى. ئابدۇلھېمىتخ نىل __ بوياقچىلىققا ئىشلىتىدىغان ماتېريال. 
 
 
 
ان مامۇقتەك يۇمشاق چاپاننى كېيىن تېزلا  ئىللىپ قالدى. ئانىسى سائادەتخېنىمنىڭ قۇچىقىدا باغاشلانغاندەك، تىترەكلىرى بېسىلدى. بۇ چاپاننى ئانىسى تىكىپ بەرگەن چاپان ئىدى. بۇ چاپانغا ئانىسى يۈرىكىنىڭ ئوتىنى كۆيدۈرگەن چاپان ئىدى. بۇ چاپان شۇڭا مۇشۇنداق ئىسسىق چاپان ئىدى... شۇ پەيتتە دادىسىمۇ جۇۋىسىنى ئېلىپ كىيىۋالدى، دادىسىنىڭ مەڭزىلىرىگىمۇ ئاناردەك قىزىللىق تەپچىرىدى... چوڭلار تاھارەت ئېلىپ سەپەر ئۈستىدە قازا بولغان نامازلىرىنى تولۇقلاپ ئوقۇۋالدى. ئاندىن داستىخان سالدى. خورجۇن، خالتىلارنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ قورساق توقلاشقا كىرىشتى. بالا، ئانىسى يېقىپ بەرگەن يۇمشاق نانغا، زېغىر يېغىدا پىشۇرغان مېزىلىك قۇيماققا قاراپ يەنە يىغلاشقا باشلىدى. ئانىسىنىڭ”بالام... بالام... “ دەپ يىغلىغىنىچە ماشىنىنىڭ كەينىدىن قوغلىشىپ كەلگىنىنى، توپا ــ تۇمان ئارىسىغا سىڭىپ كەتكىنىنى كۆز ئالدىدىن نېرى قىلالمىدى. 
 
ــ  يىغلىماي، نان يېسىلە بالام،  ــ  دادىسى پوتىسىنىڭ ئۇچى بىلەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى ــ ئوغۇل بالا دېگەن بۇنداق يىغلاۋەرمەيدىغان... ئوغۇل بال تولا يىغلىسىچۇ، بالام، بۈجۈكى قېچىپ كېتىدۇ. ئەمدى يىغلىمىسىلا، جۇما. خۇدايىم سەپىرىمىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسا، مەنزىلىمىزگە تېچ ــ ئامان يېتىپ بېرىۋالساق، قىشنى ئۆتكۈزۈپ ئەتىيازلىققا خەتنە قىلدۇرۇپ قويىمەن... ئوغۇل بالىنى خەتنە قىلدۇرۇپ قويغاندىن كېيىن قانداق بولىدۇ، بىلەملا؟ يىگىت بولىدۇ. يىگىت بولۇپ، قۇلىقىدىن تارتقاندەك تېزلا چوڭ بولىدۇ، چوڭ بولۇپ خوتۇن ئالىدۇ، خوتۇن ئېلىپ بالا تاپىدۇ. بالا تېپىپ دادا بولىدۇ... شۇڭا ئوغۇل بالا دېگەن يىغلىسا بولمايدۇ، يىغلاش ئوغۇل بالىنىڭ ئىشى ئەمەس، بالام! 
دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا شۇنداق دېگەنلىكى، شۇنداق نەسىھەت قىلغانلىقى ھازىرقىدەك ئېسىدە. شۇ گەپتىن كېيىن ئۇ يىغلىمايدىغان بولدى. ئوغۇل تۇرۇپ، يىغلاشنى نومۇس دەپ بىلىدىغان بولدى. 
ئۈچىنچى كۈنى ئۇلار تاشقورغاندىن پامىر تاغلىرىنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ يولغا چىقتى. ئەمدى بۇ يوللاردا ماشىنا ماڭالمايدىغان بولغاچقا ئات، خېچىر، ئېشەكلەرگە مېنىپ يولغا چىقىشتى. دادىسى ھەپسىدىن ئەمدىلا چىققان، قولىدا تۈزۈك پۇلى بولمىغاچقا، ئاران ــ ئاران ماڭىدىغان ئېشەكتىن ئۈچنى سېتىۋالغان ئىدى. دادا ــ بالا ئىككەيلەن پاكار قارا ئېشەككە يۈك ــ تاقلىرىنى ئارتتى. قۇلاقلىرى سالپىيىپ تۇرىدىغان سۈر ئېشەككە دادىسى مىندى. قوتۇر بېسىپ قالغان بوز ئېشەككە بالىنى مىندۈرۈپ قويدى... بالا دەسلەپتە ئېشەكتىن قورقۇپلا ئولتۇردى. ئېشەك بىردىنلا چىچاڭلاپ ئۆزىنى يەرگە ئېتىۋېتىدىغاندەك، ئاندىن چىشلەپ، تېپىپ قېچىپ كېتىدىغاندەك يىغلامسىراپ ماڭدى. بىراق بۇ ئېشەك ئاران جېنى بار، بەكمۇ يۇۋاش ئېشەك ئىدى. يولدا بېشىنى سېلىپ، قۇلاقلىرىنى سالپايتىپ مىسىلداپ ماڭاتتى. 
ئۇلار ماڭدى، كۈن بويى توختىماي ماڭدى. قارلىق تىك چوقىلارنىڭ يان باغىرلىرىدىن، خەتەرلىك داۋانلارنىڭ ئاراچلىرىدىن، تاغ سۇلىرى شىرىلداپ ئېقىپ تۇرغان كۈن نۇرى چۈشمەس جىلغىلاردىن ئۆتتى. كېچىسى تاغ باغرىلىرىدا، چارۋىچىلارنىڭ كىگىز ئۆيلىرىدە تۈنىدى. بىللە ماڭغانلارنىڭ بەزىلىرى ئىلگىرىلەپ كەتتى، بەزىلىرى يولدا قالدى. كۆپىنچە كىشىلەر بىر ــ بىرىگە يار ــ يۆلەك بولۇپ، بىر ــ بىرىنى يۆلەپ بىللە ماڭاتتى، بىللە ئىلگىرىلەيتتى... بالا ئېشەككە مىنىپ كېتىۋېتىپ، ئانىسىدىن كۈندىن ــ كۈنگە يىراقلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئەمدى ئانىسىنى كۆرەلەيدىغان ــ كۆرەلمەيدىغانلىقىنى خىيال قىلاتتى.”بىز نېمىشقا شۇنچە يىراققا كېتىمىز؟ شەھەردىكى ئۆيىمىزدىن، ئانامنىڭ قېشىدىن كەتمىسەك بولمامدۇ؟“ دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزەتتى. بەزىدە”ئانام نېمىشقا بىز بىلەن بىللە كەلمەيدۇ؟ ئانام نېمىشقا بىز بىلەن كېتەلمەيدۇ؟ ياكى ئۇلار ئانامنى بىز بىلەن بىللە ماڭغىلى قويمامدۇ؟!“ دېگەنلەرنى ئويلاپ قالاتتى. ئىشقىلىپ ئۇ شۇنداق كېتىۋېتىپ جاھاننىڭ ئېتىكىنىڭ كەڭىرلىكىنى ئۆزىنىڭ ئانىسىدىن بارغانچە يىراقلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئەمدى ئانىسىنى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى، ئانىسىنى قايتا كۆرۈشنىڭ ناھايىتى تەس ئىش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلاتتى. ئۇ ئېشەك ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، يېنىدا بۈركۈتتەك يىراقلارغا نەزەر تاشلاپ كېتىۋاتقان دادىسىنى سۇئاللارغا كۆمۈۋېتەتتى: 
ــ  دادا، ئانام نېمىشقا بىز بىلەن بىللە كەلمەيدۇ؟ 
ــ  ئانىلىرى كېلەلمەيتتى، بالام. 
ــ  نېمىشقا كېلەلمەيدۇ؟ 
ــ  ئۇلار كەلگىلى قويمايدۇ! 
ــ  نېمىشقا كەلگىلى قويمايدۇ؟ 
ــ  بۇنى كېيىن بىلىپ قالىلا، چوڭ بولغاندا بىلىلا... 
ــ  ئەمدى بىز ئانامنى كۆرەلمەمدۇق؟ 
ــ  كۆرىمىز، بالام... كۆرىمىز... ماڭا كۆرۈش نېسىپ بولمىغان تەقدىردىمۇ، سىلە چوقۇم كۆرەلەيلا! 
ــ  قاچانلىققا؟ 
ــ  شۇنداق بىر كۈنلەر كەلگەندە. 
ــ  ئۇ قانداق كۈن دادا؟ 
ــ  ئۇ شۇنداق بىر كۈن بالام... جاھاننىڭ بۇلۇڭ ــ پۇچقاقلىرىغا چېچىلىپ كەتكەن قان ــ قېرىنداشلار جەم بولىدىغان، جۇدالىق كۈنلەر ئاخىرلىشىدىغان، سەرسان ــ سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن كىشىلەر ئۆز ۋەتىنىدە جەم بولىدىغان، بەختسىز كىشىلەرنىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى پارلايدىغان... 
ــ  ئوھوي... چېگرا ئېغىزىغا يېتىپ كەلدۇق، ۋاخان كارىدورىغا كېلىپ قالدۇق. 
سەپەرداشلارنىڭ ھاياجانلىق توۋلىشى، ئاتا ــ بالىنىڭ سۆھبىتىنى ئۈزۈپ قويغىنى – مېھماننىڭ ھازىرقىدەك ئېسىدە. مېھمان ئۇ چاغدا دادىسىنىڭ ھاياجانلىق سۆزلىرىنى تولۇق چۈشەنگىدەك ھالدا ئەمەس ئىدى. بىراق ئۇ دادىسىنىڭ سۆزلىرىدىن بىر خىل ئىشەنچىنى، ئاتا ــ ئانىسىدىن، بالا ــ چاقىلىرىدىن، قان ــ قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلغان كىشىلەر جەم بولىدىغان، خۇشاللىققا چۆمىدىغان ياخشى كۈننىڭ ھامان يېتىپ كېلىدىغانلىقىغا، ئۆزىنىڭ ئانىسىنى كۆرەلەيدىغانلىقىغا، ئانىسىنىڭ تىنىقلىرىنى قايتا ئاڭلىيالايدىغانلىقىغا، ئانىسىنىڭ ئىللىق قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتالايدىغانلىقىغا ئىشەنگىنى ھېلىھەم ئېسىدە. 
ئۇلار چېگرىدىكى قاتتىق تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن، قولىدىكى يول خېتىگە ئاساسەن ۋاخان كارىدورىغا قەدەم باستى. دادىسىنىڭ ۋاخان كارىدورى ھەققىدە ئېيتىپ بەرگەنلىرى، نەچچە ئەسىرلەپ كارۋان ئايىغى ئۈزۈلمىگەن بۇ يولنىڭ ئېتىلىپ قالغانلىقىغا ئون يىلچە بولغانلىقى توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرى ھازىرمۇ مېھماننىڭ ئېسىدە. 
مېھماننى ئارقا ــ ئارقىدىن ئەسنەك تۇتتى. خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشكەنلىكىنى، چىملىققا، چىنارلارنىڭ يوپۇرماقلىرىغا يېشىل نۇر چېچىپ، ئەسلىمىلەرگە تولغان بۇ ئاخشامنى يەنىمۇ يېشىللاشتۇرۇۋەتكەن چىراقلارغا پاشا، كۇمىتا، قوڭغۇز، پەرۋانەلەرنىڭ ئولىشىۋالغانلىقىنى كۆردى. 
 
 

 
 
دەريا بويىدىكى يېزىلارنىڭ شەرقى ئېتىكى بىپايان تەكلىماكان قۇملۇقىغا، غەربى ئېتىكى دولقۇنلەپ ئېقىۋاتقان چوڭ دەرياغا تۇتىشاتتى. يېزا، كەنتلەردە يازلىق ئورام باشلىنىپ كەتكەن، دېھقانلار ئالتۇن رەڭگىگە كىرگەن بىپايان بۇغداي ئېتىزلىرىدا باش ــ كۆزى يوق ئورامغا كىرىشىپ كەتكەن ئىدى. 
مېھمان كۆك بىلەن بوي تالاشقان سۇۋادان تېرەكلىك يوللاردىن ئانىسىنىڭ سىماسىنى ئىزدېدى. مېھمان بۈك ــ باراقسان باغلار ئارىسىدىكى مەھەللىلەردىن ئانىسىنى ئىزدېدى. مېھمان مەھەللە، ئىشىك ئالدىلىرىدا نەۋرە ــ چەۋرىلىرى ئارىسىدا ئولتۇرغان بوۋاي - مومايلار ئارىسىدىن ئانىسىنى ئىزدېدى. مېھمان ئېتىزلىقلاردا جاپالىق قان ــ تەر تۆكۈۋاتقان دېھقانلار ئارىسىدىن ئانىسىنى ئىزدېدى. مېھمان قارا چىلان تۇپراقنى سۆيۈپ ئېقىۋاتقان دەريا بويلىرىدىن ئانىسىنى ئىزدېدى. مېھمان يېشىل ئېكىنزارلىقلارنى قىستاپ كەلگەن بىپايان قۇملۇق بويلىرىدىن ئانىسىنى ئىزدېدى. مېھمان يۇرتىنىڭ بەخت ــ سائادىتى بولغان بوۋاي ــ مومايلاردىن ئانىسىنى سورىدى. مېھمان ھالال ئەجرىدىن بۇ دۇنيانىڭ جەننىتىنى ئاپىرىدە قىلىۋاتقان دېھقانلاردىن ئانىسىنى سورىدى. بىراق... 
بىراق مېھماننىڭ ئېرىشكىنى تېڭىرقاش، باش چايقاش، ئەپسۇسلىنىشتىن ئىبارەت بولدى. مېھمان ئانىسىنىڭ دىدارىنى كۆرۈش ئۈچۈن يىگانە بېلىقتەك پايانسىز دېڭىز ــ ئوكيانلارنىڭ ئۇ چېتىدىن ئۈزۈپ كەلگەن ئەمەسمىدى! مېھمان ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئېتىش ئۈچۈن قۇرغۇيدەك تاغ ــ داۋانلاردىن ئېشىپ كەلگەن ئەمەسمىدى! مېھمان ئانىسىنىڭ مېھرىگە قېنىش ئۈچۈن بارلىقىدىن كەچكەن ئەمەسمىدى! ئەپسۇس، ئۇنىڭ ئانىسىدىن خەۋەر يوق! 50 باھار، 50 ياز، 50 كۈز، 50 زېمىستان ئۆتۈپ كەتتى. 50 باھار جۇدۇنلۇق باھار بولدى، 50 ياز بۇرۇقتۇملۇق ياز بولدى. 50 كۈز زەپىرەڭ كۈز بولدى. 50 قىش شىۋىرغانلىق قىش بولدى. 50 يىل جۇدالىق يىل بولدى... ئەمدى بۇ جۇدۇن، بۇ بۇرۇقتۇملۇق، بۇ زەپىرەڭلىك، بۇ جۇدالىق ئۆتۈپ كەتمەسمۇ! مېھماننىڭ قەلبىگە باشقا بىر ئەندىشە تۇمانلىرى بۆسۈپ كىردى. مېھماننىڭ كۆڭلىدىن كەچمىگەن ئويلار كەچتى. مېھماننىڭ ئىدراكىغا بارچە ئىنساننىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئاخىرقى كەلگۈلۈك ئاللىقاچان كەلگەندەك، ئۆزى چەتئەللەردە يۈرۈپ بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز قالغاندەك، ئەمدى ئانىسى بۇ دۇنيادا يوقتەك ئەجەللىك بىر تۇيغۇ يامراپ كىردى... مېھماننىڭ تىزلىرى ماغدۇرسىزلاندى. مېھمان ئەمدى ئانىسىنى كۆرەلمەيدىغاندەك، مەڭگۈ كۆرەلمەيدىغاندەك، دەريا بويىدىكى سۆگەتكە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى... مېھماننىڭ ۋۇجۇدىدىن يامرىغان ياش كەلكۈنى كۆز ئالدىكى دەريا دولقۇنلىرىدەك كۈۋەجىدى. مېھماننىڭ ۋۇجۇدىدا پارلاپ تۇرغان ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنى كۈۋەجەپ تۇرغان دولقۇنلار يالماپ كەتتى. مېھمان يوقلۇق، يوقىتىش، ئۈمىدسىزلىك، روھسىزلىق تۇمانلىرى ئارىسىدا بوشاشتى! 
... ئانا چاچلىرىنى يۇلۇپ زار ــ زار يىغلىغىنىچە ماشىنىنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ كەلدى. بالا، ئانا! ئانا! دەپ تېلىقىپ بوغۇلۇپ يىغلاپ دادىسىنىڭ قۇچىقىدىن يۇلقۇندى. ئانا يۈگۈرە ــ يۈگۈرە ھالسىرىدى. ئانا يۈگۈرە ــ يۈگۈرە يىقىلدى... ئانا ماشىنىنىڭ كەينىدىن كۆتۈرۈلگەن قويۇق توپا ــ تۇمان ئىچىدە كۆرۈنمەي قالدى... 
مېھماننىڭ ئېسىدە، ئانىسى سائادەت خېنىم سەھرالىق يىتىم قىز ئىدى. ئانىسىنىڭ دادىسى ئۇ زامانلاردا قارلىنىپ يۇرتىدا تۇرالمىغان، يۇرتىدا تۇرالماي، ئىلىغا چىقىپ كەتكەن، ئانىسى بولسا خارلىقتا ئۆلۈپ كەتكەن... قارا يىتىم قىز بولۇپ قالغان ئانىسى شەھەردىكى شىرەم تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە پاناھلىنىۋاتقاندا، بالىنىڭ دادىسى ئابدۇرېھىم ھاجى بىلەن رېسقى قوشۇلۇپ، نىكاھىغا ئۆتكەن... ئۇنىڭ بالىلىق خاتىرىسىدە ساقلىنىپ قالغىنى شۇ ئىدى. ئانىسىنىڭ يۇرتى قەيەر، تۇغقانلىرى كىم؟ بۇنى بىلمەيتتى. 
بىپايان يېزا ــ قىشلاقلاردىن، يۈز مىڭلىغان كىشىلەر ئىچىدىن 50 يىلنىڭ ئالدىدا يىگانە قالغان بىر ئايالنى، 50 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئۆتمۈشنى، 50 يىلنىڭ ئالدىدىكى كەچمىشنى ئىزدەش، بىپايان قۇملۇقتىن سۇ ئىزدېگەندەك مۈشكۈل ئىش ئىدى. لېكىن مېھماننىڭ كۆزلىرىگە ئانىسى كۆرۈنۈپلا تۇرغاندەك، ئانىسى كۆز ئالدىدىلا ئۆزىنىڭ يولىغا قاراپ تۇرغاندەك، ئانىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىىنى كۆرۈنمەس بىر توساق توسۇپ تۇرغاندەك گاڭگىرايتتى، بۇرۇقتۇم بولاتتى. شوپۇر يىگىت مېھماننىڭ ئىزتىراپلىرىغا، ئۇھسىنىشلىرىغا قاراپ، بىر ئادەمنىڭ ھاياتىغا نىسبەتەن ئانىنىڭ، ئانىسىنىڭ قانچىلىك يۈكسەكلىكىنى، قانچىلىك ئۇلۇغلىقىنى قايتا ھىس قىلغاندەك بولاتتى. مېھمانغا بولغان ھۆرمىتى كۈندىن ــ كۈنگە ئېشىپ باراتتى. مېھمانغا قولىدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلىپ ئۇنىڭ ئانا مۇھەببىتىدە ئوت ــ كاۋاپ بولغان يۈرىكىگە ئاراملىق بېرىشنى ئويلاتتى. 
ــ  ئاكا،  ــ  دېدى يىگىت مېھماننىڭ يېنىغا كېلىپ – بىز بۇ ئىشنى يۈزە ئويلاپ قالغاندەك تۇرىمىز. بىز ئانىلىرىنى ئالدىمىزغا ئۇچرىغانلا ئادەمدىن سورىماي، يېزا ــ كەنتلەردىكى پېشقەدەم كادىرلارنى تاپايلى. ئۇلاردىن ئاشۇ يىللاردا يېزىلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغان شەھەرلىكلەرنى سورايلى. تارقاقلاشتۇرۇلغان شەھەرلىكلەرنىڭ قايسى يېزا، قايسى كەنتلەرگە مەركەزلىك ئورۇنلاشقانلىقىنى تاپايلى. بىز شۇ چاغدا بىرەر خۇش خەۋەرگە ئېرىشىپ قېلىشىمىز، ئانىلىرىنى تاپالىشىمىز مۇمكىن... 
مېھماننىڭ كۆزلىرى، روھى دۇنياسى قىرغاقنى سۆيۈپ ئېقىۋاتقان دەريا دولقۇنلىرىغا سىڭىپ كەتكەن ئىدى. بالىلىق چاغلىرىدا ئۇمۇ مۇشۇ شوخشۇپ ئېقىۋاتقان سۇغا ئوخشايتتى. ئانىسى ئۇنى دەريا قېنىدەك قانماي باغاشلايتتى، سۆيەتتى... مېھمان دەريا دولقۇنلىرىغا بىر ھازا قاراپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇردى. دەريا بويىدىن ياندى. ئۇ ئىنىسىغا ئوخشاپ قالغان، ئىنىسىدەك بولۇپ قالغان شوپۇر يىگىتنىڭ قوللىرىنى سىقتى. ئۇنىڭ قەلبىدە ئۈمىد قۇياشى يەنە پارلىغان، قەلب دۇنياسى يورۇپ قالغان ئىدى. 
مېھمان يەنە ماڭدى، مېھمان ئېتىز ــ قىرلاردىن ئاشتى، مېھمان يېزىلاردىن ــ يېزىلارغا، كەنتلەردىن ــ كەنتلەرگە، مەھەللىلەردىن ــ  مەھەللىلەرگە ئۇزاپ باردى. مېھمان تەۋەرۈك بولۇپ قالغان بوۋاي ــ مومايلارنى، پېشقەدەم كادىرلارنى زىيارەت قىلدى. مېھمان ئەينى چاغدا يېزىلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغان شەھەرلىكلەرنىڭ تىزىملىكىنى سۈرۈشتە قىلدى. مېھمان قايسى يۇرت، قايسى مەھەللىدە 75 ياشلاردىن ئاشقان بىرەر موماينىڭ بارلىقىنى ئاڭلىسا شۇ موماينى ئىزدەپ باردى، مۇڭداشتى، ئۆتمۈشىنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆردى. بىراق ئۇ بالىلىقىدا ئايرىلىپ قالغان ئانىسىنى تاپالمايتتى، ئۇ باغرىغا قانمىغان ئانىسىنى تاپالمايتتى، ئۇ مېھرىگە قانمىغان ئانىسىنى تاپالمايتتى، ئۇ دىدارىغا قانمىغان ئانىسىنى تاپالمايتتى، ئۇ تار كوچىدا يالغۇز قالغان ئانىسىنى تاپالمايتتى، ئۇ ئۆمرى غېرىپ ــ غۇۋالىقتا ئۆتكەن ئانىسىنى تاپالمايتتى، ئۇ ھاياتى ئارماندا ئۆتكەن ئانىسىنى تاپالمايتتى. 
”بارسا كەلمەس يول“دا كېتىۋاتقاندەك، ئاجايىپ پايانسىزلىق ئىچىدە نىشانسىز يۈرگەن مېھمان تەكلىماكان ئېتىكىدىكى قۇم باغرى دېگەن يەردە 80 ياشلاردىن ھالقىغان، ئىلگىرى ئۇزۇن يىللار يېزا باشلىقى بولغان بىر بوۋاي بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. يېشىنىڭ چوڭلۇقىغا باققاندا تېنى ساق، مەزمۇت تۇرغان ئات يۈزلۈك، ئىككى مەڭزى قىزىل كەلگەن بۇ بوۋاي چىقىشقاق، گەپچى كىشى ئىدى. 
ــ  باشقا بىر مەملىكەتتىن كەلدىم، دېدىلىمۇ؟  ــ  دېدى بوۋاي مېھماننى قوغۇنلۇقنىڭ ساتمىسىغا باشلاپ – ۋاپادار ئوغۇلكەنلا، بالام... سىلىغۇ ئالەمنىڭ ئۇ چېتىدە تۇرۇپ ئۆمۈر بويى ئانىلىرىنى ياد ئېتىپلا، لېكىن مەن، كىچىكىدە ئانىسىنى ئېمىۋېتىپ ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى قاتتىق چىشلىۋالغان، چوڭ بولغاندا خوتۇنىنىڭ گېپىگە كىرىپ، ئانىسىغا مۇش كۆتۈرگەن، ئانىسىنى زار ــ زار قاقشاتقان ناكەسلەرنى كۆرگەنمەن. پور كۆتەكتەك ئوغۇللىرى تۇرۇپ تالادا قالغان، خارلانغان ئانىلارنى كۆرگەنمەن، ئۇنداق قارغىش قېپى بەندىلەرگە قارىغاندا، سىلە ئىنساپ ساھىبى ئىكەنلا... 
بوۋاي قوغۇنلۇقتىن بىر نەچچە قوغۇن پىشىقداپ كەلدى. ئەمدىلا پىشقان، پىشىپ چاك ــ چاك يېرىلغان چىلگە قوغۇنلار تاتلىقلىقىدىن مېھماننىڭ، شوپۇر يىگىتكە شۇنداق تېتىپ كەتتى. مېھمان بۇ كونا يېزا باشلىقىنىڭ ئاغزىدىن كۆپرەك گەپ ئاڭلاش، مۈمكىن بولسا ئانىسى ھەققىدە بىرەر يىپ ئۇچىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ كىشىنىڭ ئاغزىغا تەلمۈردى. 
ــ  شۇ يىللاردا بىزنىڭ يېزىغىمۇ ئاتمىش نەچچە ئائىلىلىك كىشى تارقاقلاشتۇرۇلۇپ، كومۇنانىڭ دېھقانچىلىقىغا سېلىنغان. ئەمما ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتۈپ سىياسەت ياخشىلانغان ھامان ھەممىسى كەتمەن، تاغار، غالتەك، گۈرجەكلەرنى تاشلاپ كېچە ــ كېچىلەپ شەھەرگە قايتىپ كەتكەن جۇما، ئۇ بىچارىلەر. ئۇ شەھەرلىك دېگەن كەتمەن چېپىپ قولى قاپارمىغان، تاغار كۆتۈرۈپ دولىسى يېغىر بولمىغان خەخ بولغاندىكىن، يېزىغا تارقاقلاشتۇرۇلغان بىلەن ئېتىز ــ ئېرىق ئىشىنى ئەپلەشتۈرەلمىگەن، ئەپلەشتۈرەي دىسىمۇ ئاپتاپقا چىدىشالمىغان... 
ــ  شۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا، سائادەت خېنىم دېگەن يالغۇز جان ئايالنىڭ بار ــ يوقلىقى يادىلىرىدا بارمۇ، تاغا؟  ــ  دەپ سورىدى مېھمان. بوۋاي ئۇچتەك ئاقىرىپ كەتكەن ئۆسۈك قاشلىرىنى ھىمىرىپ بىر ھازا ئويلاندى ۋە جاۋاب بەردى: 
ــ  ياش بىر ئايالمۇ باردەك قىلغان... كۆزلىرىدىن دەرتمەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. كۈن بويى كۈلگىنىنى كۆرگىلى بولمايتتى، كىشىنىڭ گېپىگە، كىشىنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمايتتى. ئېتىز بېشىدا ئويناۋاتقان، ئانىسىغا ئەگىشىپ ماڭغان بالىلارغا قاراپ تۇرۇپ كېتەتتى. بەزىدە يالغۇز ئولتۇرۇپ يىغلىغىنىنى ئاڭلاپ قالاتتۇق... لېكىن ئۇ چوكاننىڭ ئىسمىنى سائادەتخان ئەمەس، سارىخان دېگەندەك قىلغان... 
مېھمان ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. بىئىختىيار نىدا قىلدى: 
ــ  شۇ ئايال قەيەردىدۇر، تاغا... ئىسمى سائادەتخان بولمىسىمۇ شۇ ئايال مېنىڭ ئانامدەك قىلىدۇ! شۇ ئايالنىڭ يالغۇزلىقى، دەرتمەنلىكى، بالىجانلىقى، يىغلاشلىرى ئانامنىڭ ئۆزى ئەمەسمۇ، تاغا! 
ــ  راست شۇنداقمىدۇ... – بوۋاي ئويلىنىپ قالدى. 
ــ  بەلكىم شۇنداقتۇر، تاغا! – مېھمان ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئىدى. – شۇ ئايالنىڭ ئىز ــ دىرىكىنى قىلغىلى بولارمۇ؟ ھازىر نەدە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولارمۇ؟! 
ــ  بۇ ئوتتۇز ــ  قىرىق يىلنىڭ ئالدىدىكى گەپ، ئۇكام، – شۇ چاغدا بىز ئۇ سارىخاننى، ھارۋىكەش تۇرۋاخۇنغا چېتىپ قويىمىز دەپ، ئاياللاردىن گەپ كىرگۈزگەن، لېكىن سارىخان ئۇنىماپتىكەن. بىز ئۇ چوكاننى تۇرۋاخۇننى ياراتمىدى، دەپ ئويلاپتۇق، كېيىن خېلى مەن ــ مەن دېگەن نوچىلاردىن ئەلچى كىرسىمۇ ئۇنىمىغانمىش،”مېنىڭ ئېرىم بار، بالام بار ئايالمەن، ئېرىم تېخى ھايات... “ دەپ يېقىن كەلمىگەنمىش. شۇنىڭدىن كېيىن سارىخانغا بىر كىمنىڭ سۆز سالغىنىنى ياكى ئەلچى كىرگۈزگىنىنى ئاڭلىمىدۇق. ھەممىمىز ئۇنى ئېرى بار، بالىسى بار ئايال دەپ بىلىدىغان بولدۇق... بايا دېگەندەك، جاھاننىڭ ئىشلىرى ئاز ــ تولا ياخشىلانغاندىن كېيىن سارىخانمۇ باشقىلارغا ئەگىشىپ شەھەرگە قايتىپ كەتتى. بىراق ئۇ چوكاننىڭ ئېرىگە ئارتىلغان گۇناھى ئۈچۈن يەر ــ زىمىن، ھويلا ــ ئاراملىرىدىن ئايرىلىپ قاپتىمىش، تالادا قاپتمىش دەپ ئاڭلىدۇق. 
مېھمان جىسمى قۇرۇقدىلىپ قالغاندەك، ئانىسىغا بولغان سېغىنىشلىرى، ئىنتىلىشلىرى كۆپۈككە ئايلانغاندەك ئېزىلىپ ئولتۇرۇپ كەتتى. يۈرىكىدە 50 يىل لاۋۇلدىغان ھىجران ئوتى ئىس ــ تۈتەككە ئايلانغاندەك بۇرۇقتۇم بولدى. ئىچ باغرىنى يېرىم ئەسىر ئۆرتىگەن ھىجران ئوتى ئۆچۈپ قالغاندەك بارلىقىنى يوقاتتى. ھاياتىنى بىر ئۆمۈر ئارمانلارغا بۆلىگەن ئارزۇ ــ ئىستەكلىرى چىچەك بولۇپ توزۇپ كەتكەندەك، روھى قۇرۇقدىلىپ قالدى.”ئەمدى ئانامنى – ھاياتىمنىڭ روھى تۈۋرۈكى ئانامنى، قاراڭغۇ دۇنيارىمنىڭ چىرىقى ئانامنى، يىتىم قەلبىمنىڭ مېھرىبانى ئانامنى، شىكەستە دىلىمنىڭ شىپاھى ئانامنى، ئەما كۆزلىرىمنىڭ گۆھېرى ئانامنى، تۇتۇلغان تىلىمنىڭ زۇۋانى ئانامنى، چاڭقىغان يۈرىكىمنىڭ زەم ــ زېمى ئانامنى، ياتسىرىغان روھىمنىڭ غەمگۇزارى ئانامنى، يالغۇز بېشىمنىڭ قۇۋانچى ئانامنى، ئۆمۈر مەنزىلىمنىڭ قىبلىگاھى ئانامنى تاپالماسمەنمۇ؟ ئانامنىڭ ئىزلىرى قالغان تار كوچىلىرىمدا، ھاياتىمنىڭ ئارمانى قالغان ۋەتىنىمدە ئانامنىڭ دىدارىنى كۆرەلمەسمەنمۇ؟ ــ دەپ ئىزتىراپقا پاتتى ــ ياق، دەپ ئويلىدى مېھمان خىيالىنى داۋاملاشتۇرۇپ – ئانامنىڭ سىماسى كۆزلىرىمدە، كۆزلىرىمنىڭ كىرپىكىدە، كۆزلىرىمنىڭ گۆھىرىدە نۇرلىنىپ تۇرمامدۇ! ئەنە، بېشىغا دوپپا كېيىپ، ئۈستىدىن ئاق لىچەك سالغان، ئۇچىسىغا ئاق كۆڭلەك كىيىپ پۇتلىرىغا مەيسە تارتقان ئانام ھاسىسىغا تايىنىپ تار كوچىدىن چىقىپ كېلىۋاتمامدۇ! ئەنە، ئاپئاق لىچەك، ئاپئاق كۆينەك ئىچىدە پەرىشتىدەك نۇرلىنىپ كېلىۋاتقان ئانام ئۆتكەن ــ كەچكەنلەردىن مېنى سوراۋاتمامدۇ...! مەن ئانامنى تاپىمەن، مەن ئانامنى تاپالايمەن. مەن ئانامنىڭ پەرىشتىدەك نۇرلىنىپ تۇرغان سىماسىنى، پەرىشتىدەك نۇرلىنىپ تۇرغان چېھرىنى كۆرەلەيمەن. مەن ئانامنىڭ پەرىشتىدەك چېھرىنى كۆرۈۋېلىپ، پەرىشتىدەك ئانامنىڭ ئىللىق باغرىغا قېنىۋېلىپ ئاندىن جان ئۈزىمەن!!“ 
مېھمان ئورنىدىن تۇردى، پېشقەدەم يېزا باشلىقىنىڭ تارىشىدەك قوللىرىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ رەھمەت ئېيتتى. بۇ كىشىنىڭ بىر كېچە قونۇپ مېھمان بولۇش، قانغىچە مۇڭدىشىۋېلىش توغرۇلۇق تەكلىپىگە، تەكلىپ قىلىپ تۇرۇۋېلىشلىرىغا قارىماي، خوشلىشىپ مېڭىپ كەتتى. 
 

 
ئاسمان گۈمبىزىدە يۇلتۇزلار يىلىنجىغان نۇرلۇق كېچە. 
مېھماننىڭ ياتىقىنىڭ چىرىقى تېخىچە يېنىقلىق تۇراتتى. مېھمان ئۇخلىمىغان، ياتىقىدىكى ئۈستەلدە، ئۈستەل چىرىقىنىڭ يورۇقىدا ئولتۇرۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن رەسىم سىزىۋاتاتتى. ئۇ خېلى پىشقان ماھارىتى ئارقىلىق بىر پارچە سىدام سىزمىنى سىزىپ چىقتى. رەسىمدە بالىخانىلىق تار كوچىدىن ئاستا چىقىپ كېلىۋاتقان موماي، موماينىڭ بىشىدا بادام گۈللۈك دوپپا، دوپپىسىنىڭ ئۈستىدە چۆرىسىگە چىلتەك توقۇلغان ئاق لىچەك، ئۇچىسىدا ھوشۇقلىرىنى يىېپىپ تۇرغان كۆكرەك پۈرىمە ئاق شايى كۆڭلەك، پۇتىدا قارا مەيسە ــ كالاچ... موماي ئەگرى ــ توقاي تار كوچىدا يالغۇز كېلىدۇ. كوچا ئاغزىغا – كوچا ئاغزىغا تۇتاشقان يولغا تەقەززالىق بىلەن قارايدۇ... كوچا ئاغزىدىكى يول يىراقلارغا، يىراق شەھەرلەرگە، يىراق ئەللەرگە، يىراق قىتئەلەرگە، يىراق ئوكيانلارغا تۇتاشقان يولدىن كۆزىنى ئۈزمەيدۇ... موماينىڭ بىر چاغلاردا، ياق بىر چاغلاردا ئەمەس 50 يىلنىڭ ئالدىدا، يېرىم ئەسىرنىڭ ئالدىدا ئابدۇلھېمىتخان ئىسىملىك گۆدەك ئوغلى بولغان، ئوغلى ئىلاجىسىز قالغان دادىسى بىلەن يىراقلارغا، يىراق ئەللەرگە كېتىشكە مەجبۇر بولغان... ئوغلى كۇزۇپلۇق ماشىنا بىلەن چېگرېغا ئېلىپ مېڭىلغاندا، يۈگۈرۈپ كېلىپ ئانىسىنىڭ ئاياغلىرىغا ئېسلىۋالغان،”سىلە كەتمىسىلە، مەنمۇ كەتمەيمەن، ئانا! “ دەپ ئانىسىنىڭ ئاياغلىرىغا ئېسىلىپ يىغلىغان. بىراق... بىراق ئوغلى ماشىنىغا چىقىرىلىپ ئېلىپ كېتىلگەن. ئوغلى ئانىسىغا قاراپ زار ــ زار يىغلىغىنىچە يىراقلارغا – يىراق ئەللەرگە ئېلىپ كېتىلگەن... موماينىڭ ئوبرازى جانلىق ئادەمدەك تىرەن سىزىلغان. كەينىدە ھېچكىمى – يا بالا ــ چاقىسى، يا نەۋرە ــ چەۋرىسى يوق يىگانە كېلىۋاتقان موماي ، رەسىمگە قارىغان كىشىگە ئۇدۇل كېلىۋاتقاندەك، ئاھ، بالام! دەپ رەسىمنى – رەسسام مېھماننى باغرىغا باسىدىغاندەكلا كۆرۈنەتتى... مېھمان ئۈستەلنىڭ بىر چېتىدە قويۇپ قويغان يەنە بىر پارچە رەسىمنى قولىغا ئالدى. بۇ ھېلىقى ماي بوياق رەسىم ئىدى. رەسىمدىكى ئايال ياش، تېتىك، كۆزلىرىدىن چېچەنلىك چىقىپ تۇراتتى. ئۇچىسىدىكى ئۇششاق چىكىت گۈللۈك ئاق چىت كۆڭلىكى، كۆڭلىكىنىڭ ئۈستىگە كىيىۋالغان خورما رەڭ جىلىتكىسى، بېشىغا چەككەن ياغلىقى زىلۋا قامىتىگە خويمۇ ياراشقان ئىدى. رەسساملىق ماھارىتى پېشىپ يېتىلگەن مېھمان بۇ رەسىمنى چەتئەلدىكى ۋاقتىدا سىزغان، تالاي قېتىملاپ سىزغان ئىدى. سىدام رەسىمنى تۈنۈگۈن كەچ يېزىدىن قايتىپ كەلگەندىن بېرى سىزىپ چىقتى. مېھمان ئىككى پارچە رەسىمنى، رەسىمدىكى ئانىسىنىڭ سىماسىنى، رەسىمدىكى تار كوچىنى، رەسىمدىكى سېغىنىشلىق كۆزلەرنى بىرمۇ ــ بىر سېلىشتۇرۇپ چىقتى. ئىككى پارچە رەسىمدىكى ئانىنىڭ قەددى ــ قامىتى، چىراي كۆرۈنىشىدە چوڭ پەرق بولسىمۇ، لېكىن رەسىملەردىكى كۆزلەر، كۆزلەردىكى سېغىنىش، كۆزلەردىكى تەقەززالىق، كۆزلەردىكى مۇڭ ــ پىراق ئوخشاش ئىدى. رەسىمنى باشقا بىرى كۆرسىمۇ بۇ كۆزلەرگە قاراپ بۇ ئىككى ئايالنىڭ ئوخشىمىغان ۋاقىت، ئوخشمىغان دەۋردىكى سىماسى ھەر ئىككىلىسىنىڭ بىر شەخس، ھەر ئىككىلىسىنىڭ بىر ئانا ئىكەنلىكىنى بىمالال ھىس قىلالايتتى. مېھمان ھەر ئىككىلى رەسىمگە تويماستىن قاراپ كەتتى. ئانىسىنىڭ رەسىمىگە ئۆزىگە قاراۋاتقاندەك، ئانىسىنىڭ دىدارىغا قانمايۋاتقاندەك، رەسىمنى قولىدىن چۈشۈرگۈسى كەلمىدى... ئانا چاچلىرىنى يۇلۇپ يىغلىغىنىچە ماشىنىنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ كېلىۋاتاتتى.”بالام، جېنىم بالام... “ دەپ ماشىنىنىڭ كەينىدىن قوللىرىنى سوزاتتى.”بالامنى نەگە كەتكۈزۈۋېتىسىلەر، نېمىشقا كەتكۈزۈۋېتىسىلەر؟!“ دەپ ئازاپلىق يىغلايتتى... ئانا ئۆزىنى كاچاتلايتتى... ئانا چاچلىرىنى يۇلاتتى... ماشىنا توپا ــ تۇمان توزۇتۇپ يىراقلاپ كەتتى. ئانىنىڭ سىماسىنى توپا ــ تۇمان يۇتۇپ كەتتى... مېھمان، ئانىسىنىڭ رەسىمىدىكى سىماسىغا قارىغىنىچە ئەسلىمىلەر قوينىغا سىڭىپ كەتتى... 
شۇ يىلى كابول شەھېرى، ئاتا ــ بال ئىككەيلەنگە سوغۇقلا قۇچاق ئاچقان ئىدى. كابولدا ئۇلارنىڭ ئالدىغا ھېچكىم قارشى ئېلىشقا چىقمىدى. دادىسى ئابدۇرېھىم ھاجى يولدا كەلگىچە بالىغا كابول شەھېرىنى، كابول شەھېرىنىڭ سودا ــ سېتىق قىزىپ تۇرىدىغان ئاۋات رەستىلىرىنى، كابوللۇقلارنىڭ مەردۇ ــ مەردانە، مېھماندوستلۇقىنى تىنماي سۆزلەپ كەلگەن ئىدى. ئابدۇرېھىم ھاجى يەنە كابولدىكى دادا جەمەت قان ــ قېرىنداشلىرىنى، دادىسى ئۇرايىمھاجىنىڭ كابولدىكى ئۆي ــ زېمىن، دەڭ ــ ساراي، دۇكانلىرىنى، روناق تاپقان تىجارىتىنى كۆڭلى توق ھالدا سۆزلەپ كەتكەن، رەھمەتلىك دادىسىنىڭ مال ــ مۈلكىدە ئۆزىنىڭ بىر ئۆلۈش مىراسخورلۇق ھوقۇقى بارلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئابدۇرېھىم ھاجى كابولدا دادىسىدىن ئۆزىگە كەلمىشلىك بولغان مىراسنى بۆلۈپ ئېلىپ، ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلماقچى بولغان. مىراسقا ئىگە بولغاندىن كېيىن، شۇ دەسمىگە تايىنىپ ئاتسىنىڭ چىرىقىنى ياندۇرماقچى بولغان ئىدى. بىراق... ئابدۇرېھىم ھاجىنىڭ كابۇلدىكى ساللاتتەك ئاكىلىرى، قوشنا دۆلەتتىن قوتۇر ئېشەكلەرگە مىنىپ ئىسسىق جېنىنى ئاران ئېلىپ كەلگەن بۇ يالاڭ تۆش ئىنىسىنى، ئىنىسىنىڭ سېرىق ئاسلاندەك ئوغلىنى تونۇمدىغاندۇ! 
ئۇلار كابول شەھېرىگە يېقىنلىشاي دەپ قالغاندا، باشقا سەپەرداشلىرىنىڭ قان ــ قېرىنداشلىرى يىغا ــ زارە قىلىشقىنىچە ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى. قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. تۇغقانلىرىنىڭ ئالدىغا چىققانلارنىڭ ئارىسىدا سەپەر ئۈستىدە قازا قىلغان، مۇز تاغدا داۋان ئاشالمىغان، ۋاخان كارىدورىدا جىلغىغا چۈشۈپ كەتكەن، مەنزىلگە يېتەلمىگەن مەرھۇملارنىڭ ئۇرۇق ــ تۇغقانلىرىمۇ بار ئىدى. ئۇلار سەپەر جەريانىدا يۈز بەرگەن پاجىئەلەرنى، قېرىنداشلىرىنىڭ جەسىتىنىڭ يولدا قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ھازا ئېچىشىپ يىغلاپ كېتىشتى... ئۆزلىرىنىڭ ئالدىغا ھېچكىمنىڭ چىقمىغانلىقىنى كۆرگەن ئابدۇرېھىم ھاجىنىڭ كۆڭلى ناھايىتى غەش بولدى. تەشنالىقتا گەز باغلاپ كەتكەن توم لەۋلىرى ساڭگىلاپ، كىچىك بالىدەك ئۈمچەيدى. قۇچاقلىشىپ يىغلىشىۋاتقان، خۇشاللىق ياشلىرى قوشۇلۇپ كەتكەن كىشىلەرگە قاراپ، توساتتىن يىغلاپ تاشلايدىغاندەك جىممىدە تۇرۇپ كەتتى. ئەمما ئابدۇرېھىم ھاجى كۆپنى كۆرگەن، بېشىدىن جىق ئىسسىق ــ سوغۇقلار ئۆتكەن كىشى ئىدى. شۇڭا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ئابدۇلھېمىتخانغا دېدى: 
ــ  بىزنىڭ كەلگەنلىكىمىزدىن كابولدىكى تاغىلرىڭ خەۋەرسىز قالغاندەك تۇرىدۇ، بالام! 
دادىسىنىڭ ئۆزىگە شۇنداق دېگەنلىكى ھازىرمۇ مېھماننىڭ ئېسىدە. 
ــ  تۇققانلار خەۋەر تاپقان بولسا، چوقۇم ئالدىمىزغا چىقماي قالمايىتتى. 
دادا شۇنداق گەپلىرى ئارقىلىق بالىنى بەزلىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئابدۇرېھىم ھاجىنىڭ ئۆز ــ ئۆزىنى بەزلىشى ئىدى. 
ئۇلارغا سەپەرداش بولغان باشقا مۇھاجىرلارنى ئۇرۇق ــ تۇغقانلىرى ئەتىۋارىنى قىلىپ ھە ــ پە دەپ ئۆيلىرىگە باشلاپ كېتىشتى. ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن ئابدۇرېھىم ھاجى بولسا بالىسىنى ئېلىپ، ئېشەكلىرىنى ھەيدەپ شەھەر ئەتراپىدىكى بىر دەڭگە چۈشتى. 
ئەتىسى دادىسى بالىنى ئېلىپ ساتىراچخانىغا كىرىپ، چاچ ــ ساقاللىرىنى ياساتتى. ھاممامغا ئەكىرىپ يۇيۇندۇردى. ئاندىن رەستىگە بېرىپ دۇكان ئارىلاپ ئۆزىگە، بالىغا بىر قۇردىن كىيىم سېتىۋالدى. مېھماننىڭ تۈنۈگۈنكىدەك ئېسىدە، ئۇ گىلرەڭ رەختتىن تىكىلگەن ئۇزۇن خالتا كۆڭلەك، ناۋاينىڭ دەپكىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل شاپىلاق تۇماقنى كىيىپ، ئۆزىگىمۇ، دادىسىغىمۇ ھەيران بولغان ئىدى. 
ــ  بۇ كابولچە كىيىم، بالام – دېدى دادىسى چۈشەندۈرۈپ – بۇ يەردىكى كىشىلەر، تۇغقانلىرىمىز مۇشۇنداق كىيىنىدۇ... تۇغقانلىرىمىز، يەنە سىلىنىڭ تاغىلىرى باي ئادەملەر. بايلار كىيىنىشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئېسىل كىيىنمىگەن ئادەمنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئارىغا ئالمايدۇ. شۇڭا بىزمۇ مۇشۇنداق كىيىنىشىمىز كېرەك... مەن تۇغقانلىرىمىزنىڭ ئىز ــ دېرىكىنى قىلدىم. ئۇلار ھازىرمۇ شەھەر مەركىزىدىكى مۇھاجىرلار كوچىسىدا تۇرىدىكەن. جۈمەدىن كېيىن شۇ يەرگە بارىمىز، ئاڭغىچە بۇ يېڭى كىيىملىرىنى مەينەت قىلىۋەتمىسىلە، تۇغقانلارنىڭ ئالدىدا ئەدەپلىك، قائىدە ــ يوسۇنلۇق بولسىلا، ماقۇلمۇ، بالام؟  
بالا بېشىنى لىڭشىتتى. ھوشۇقىنى يېپىپ تۇرغان ئۇزۇن كىيىم بىلەن قولىشالمىغىنىنى ئۇنتۇپ، دادىسىنىڭ تۇمىقىنىڭ ياراشماي قالغانلىقىنى، يەنىلا بۇرۇنقى بادام دوپپىسىنىڭ چىرايىغا سىڭىپ قالغانلىقىنى ئويلىدى. 
جۈمەدىن كېيىن دادىسى ئۇنى كەينىگە سېلىپ تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ ماڭدى. ھېيتكاھتىكىدەك ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان جامە ئالدى، تىقىن ــ تىقىشماق كوچىلار، كېلىشىۋاتقان، كېتىشىۋاتقان ئادەملەر، ئاتلىقلار، ئېشەكلىكلەر، ھارۋىلىقلار، پىيادىلەر، بايلار، كەمبەغەللەر، تىلەمچىلەر، بەگلەر، زالىملار، مۆمىنلەر، زەردارلار، ئوقەتچىلەر، دېھقانلار، مەدىكارچىلار، ئاق تەنلىكلەر، سېرىق تەنلىكلەر، قارا تەنلىكلەر، كۆك كۆزلەر، قوي كۆزلەر، قوڭۇر كۆزلەر، قارا كۆزلەر، سېرىق چاچلىقلار، قارا چاچلىقلار، بۈدۈرە چاچلىقلار، چوڭلار، كىچىكلەر، ئەرلەر، ئاياللار... ۋاژ ــ ۋاژ قايناپ تۇرغان بۇ شەھەر پۈتۈن جاھان ئەھلىنىڭ ئۇچرىشىش مەركىزىدەك ئاۋات ۋە رەڭگا ــ رەڭ ئىدى. بالا كابوللۇقلارنىڭ قاشلىق، قاڭشارلىق، كۆزلىرى يوغان، ساقاك ــ بۇرۇتلىرى قويۇق، چىرايى بىر ئاز سۈرلۈك، گەپ ــ سۆزلىرى ئۈنلۈك ھەم ئەركىن كېلىدىغانلىقىنى ھىس قىلدى. ئۇلارنىڭ تىلىنى دادىسى ئابدۇرېھىم ھاجى چۈشىنەتتى، دادىسى ئۇلار بىلەن بىمالال سۆزلىشەلەيتتى. بىراق بالا چۈشەنمەيتتى. ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. 
دادىسىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ قورۇسى ناھايىتى ھەشەمەتلىك ئىكەن. ئۆز ۋەتىنىدىكىلەرنىڭ كابولچە ئايۋان ــ ساراي دىيىلىدىغان ئۆيلىرىدىنمۇ كاتتا كۆرۈنگەن بۇ ياسىداق ئۆيلەرگە قاراپ خېلىلا ھەيران بولغانلىقى مېھماننىڭ ھېلىھەم ئېسىدە. دادىسى بولسا، ئۇزاق يىللار يوقاتقان نەرسىسىنى تېپىۋالغاندەك ھاياجانلىناتتى. باغ ــ ئاراملىق، كەڭتاشا ھويلىغا، ھەشەمەتلىك ئۆيلەرگە ھە دەپ بويۇنداپ قارايتتى. ئىپتىخارلانغاندەك قىلاتتى... دەرۋازىنى ئېچىپ بەرگەن ۋىجىك، مۇلايىم چىراي كۆتمەك ساقال كىشى دادا ــ بالا ئىككەيلەننى پېشايۋاننىڭ سۇپىسىغا باشلاپ بىر نېمىلەرنى دېدى ۋە قايتا قارىسىنى كۆرسەتمىدى.  
ئاتا ــ بالا ئىككەيلەن تولا ساقلاپ ــ ساقلاپ بولالمىغاندا، تاقەت قىلىپ ــ تاقىتى توشاي دېگەندە، كەچ كىرىپ كۈن ئولتۇراي دېگەندە ئاندىن ئۆينىڭ چوڭلىرى پەيدا بولدى. ئۇرۇق ــ تۇغقانلىرى بىر ــ بىرلەپ يىغىلدى. دادىسىنىڭ يېنىدا قورۇنۇپ، سىقىلىپ ئولتۇرغان بالا بۈركۈت كۆز، ئىلمەك بۇرۇن كەلگەن بۇ تاغا تۇغقانلىرىنىڭ چىرايىنى، يېنىدا بىسەرەمجان ئولتۇرغان دادىسىنىڭ چىرايىغا ئوخشاتتى. بىراق ئۇلارنىڭ چىراي ئۆڭى دادىسىنىڭ چېھرىدەك ئاق ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ كىشىنى مەنسىتمەسلىك ئالامەتلىرى چىقىپ تۇرغان كۆزلىرى دادىسىنىڭ كۆزلىرىدەك مۇلايىم ئەمەس ئىدى... ئۇلار دادىسىنى پېشايۋاننىڭ ئىچكىرىسىدىكى بىر ئۆيگە باشلاپ كىرىپ كەتتى. ئابدۇلھېمتخان ئۆيگە تەكلىپ قىلىنمىغاچقا، ھويلىدا ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇ، ھويلىدا خېلىدىن بېرى ئويۇنلىرىنى تاشلاپ ئۆزىگە قارىشىپ تۇرغان، يات تىلدا چۇرۇقلىشىۋاتقان، ئۆزىنى كۆرسىتىپ گەپ قىلىشىۋاتقان، كۈلۈشۈۋاتقان بۈدۈرە چاچ، ئۇزۇن بۇرۇن بالىلارغا يەرنىڭ تېگىدىن قاراپ ئولتۇردى. بالا تۇرۇپلا يىراقتا ــ  تار، ئەگرى ــ توقاي كوچىلاردا قالغان ئانىسىنى ئويلىدى. ئانىسى، ئۆيگە مېھمان كەلسە، مېھماننى ئۆيگە باشلاپ قولىغا سۇ بېرەتتى، ئانىسى ئۆيگە مېھمان كەلسە زاغرا بولسىمۇ داستىخان سېلىپ چاي ئەكىلەتتى. ئانىسى بىلەن دادىسى ئۆيگە مېھمان كەلسە مەيلى باي، مەيلى گاداي بولسۇن ئېزىزلەپ ھۆرمىتىنى قىلاتتى. لېكىن بۇ يەردە... ئىچكىرى ئۆيدىن گەپلىشىۋاتقان، قىزىشىۋاتقان، ۋاقىرشىۋاتقان ئاۋازلار ئاڭلاندى. بالا دادىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى. بالا دادىسىنىڭ بىر ئىشقا خاپا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدى. بالا دادىسىدىن ئەنسىرىدى. بالا بۇ ئادەملەر ئارىسىدا دادىسىغا بىرەر پېشكەللىك يېتىپ قالىدىغاندەك، لىككىدە ئورنىدىن تۇردى ــ دە،  سۇپىدىن چۈشۈپ ئىچكىرگە ــ دادىسى كىرىپ كەتكەن ئۆيگە يۈگۈردى... بالا دادىسى بىلەن بوسۇغىدا دوقۇرۇشتى. دادىسى بەكمۇ خاپا بولغان، كۆزلىرىدە قىزغىنلىق، ئۈمىد ــ ئىشەنچتىن ئەسەر قالمىغان ھالدا چىقىۋاتاتتى. دادىسى ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى، ئۈن ــ تىنسىز تاشقىرغا ئېلىپ ماڭدى... ئۇ ھويلىدىن چىققىچە ئۆزلىرىگە قارىشىپ تۇرغان چۈمبەللىك ئاياللارنى، بۈدۈرە چاچ بالىلارنى كۆردى. ئۇلار ھويلىدىن چىققاندا ھېچكىمنىڭ ئۇزاتقىلى چىقمىغانلىقىنى، خىزمەتكارنىڭ دەرۋازىنىڭ ئىچىدىن تاقىغانلىقىنى كۆردى. 
دەڭگە قايتىپ كەلگىچە، دادىسى بېشىنى كۆتۈرمەي ماڭدى، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. ئۆزلىرى چۈشكەن قاراڭغۇ ئۆيدە پېشانىسىنى تۇتۇپ جىمجىت ئولتۇرۇپ كەتتى. 
بالا، ئەتىسى دادىسىنىڭ بۇرۇنقى كىيىملىرىنى، بۇرۇنقى بادام دوپپىسىنى كىيىۋالغانلىقىنى كۆردى. بالا ئۆزىنىڭ ۋەتىنىدىكى دادىسىنى قايتا كۆردى. بالا ئۆزىمۇ بۇرۇنقى كىيىملىرىنى – ئانىسى تىكىپ بەرگەن كانۋاي كۆڭلىكىنى، ئانىسى تىكىپ بەرگەن چۆچۈرە بادام دوپپىسىنى كىيىۋېلىشنى خالايتتى... دادىسى ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى كىيىۋالغاندەك بالىغىمۇ بۇرۇنقى كىيىملىرىنى كەيدۈردى. چۆچۈرە بادام دوپپىسىنىڭ قىرىنى پېشانىسىگە قىرلاپ تۈزەشتۈرۈپ قويدى. 
ــ  ئەمدى ئۆزىمىزدىن تانمايمىز! – دېدى دادىسى ئۇنىڭ مۆرىلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ – ئەمدى مەككىگە بارساقمۇ، جەننەتكە كىرسەكمۇ بىز يەنىلا بادام دوپپىلىق ئۇيغۇربىز، بالام! 
مېھماننىڭ ھازىرقىدەك ئېسىدە، دادىسى شۇ كۈنى كابولدىكى باي ــ زەردار تۇغقانلىرىدىن كەچتى. دادىسى شۇ كۈندىن باشلاپ، مەرھۇم دادىسىنىڭ يەر ــ زېمىنلىرىگە، مال ــ دۇنياسىغا ۋارىسلىق قىلغان كابولدىكى پۇلدار ئاكىلىرىنىڭ، تاغا تۇغقانلىرىنىڭ گېپىنى قىلمايدىغان بولۇپ كەتتى. بالىنىڭ بىلىشىچە، دادىسىنىڭ بۇ يەردىكى قېرىنداشلىرى دادىسىنى قېرىندىشىمىز، دادامنىڭ پۇشتى دەپ ئېتىراپ قىلغىلى ئۇنىمىغان ھويلا ــ ئاراملىرىنىڭ كاتتىلىقىدىن، يۈرۈش ــ تۇرۇشىنىڭ سۆلەتلىكلىكىدىن كابولنىڭ كاتتا بايلىرىدىن ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرغان بۇ ئادەملەر، دادىسىدىن قالغان مال ــ دۇنيانى ئىنىسىدىن قىزغانغان، جۇڭگۇدىن كەلگەن بۇ ئىنىسىنى ئىنىمىز دەپ ئېتىراپ قىلىپ قويسا، ئۇنىڭ يەر ــ زېمىن دەۋاسى، مىراس دەۋاسى قىلىشتىن ئەنسىرىگەن. شۇڭا ئابدۇرېھىم ھاجىنىڭ ئۆز ئىنىسى ئىكەنلىكىدىن تىنىۋالغان ئىدى! 
مېھمان دادىسىنىڭ تىرىشچان ئادەم ئىكەنلىكىنى، جاپاكەش ئادەم ئىكەنلىكىنى كېيىن بىلدى. دادىسى ئۇرۇق ــ تۇغقانلىرىنى ئىككىنچىلەپ ئىزدىمىدى. ھېلىقى دەڭگە يېقىنلا يەردىكى كوچىدىن، كونىراپ تام ــ تورۇسلىرى تۆكۈلۈپ تۇرغان ئىككى ئېغىزلىق ئۆيى بار بىر ھويلىنى ئىجارىگە ئالدى. ئۇزاق سەپەردە ئۆزلىرىنى قىر ــ داۋانلاردىن ئاشۇرغان، مەنزىلگە ساق ــ سالامەت يەتكۈزگەن ھېلىقى ئېشەكلىرىنى ياخشى بېقىپ، كابول كوچىلىرىدا ھامماللىق قىلدى. بۇ يەردە ھەممە ئادەم ئەركىن كەسىپدار ئىدى. ھەممە ئادەم ئۆزىگە ئىشلەيتتى. بىراق ئادەملەر دادىسىنىڭ قان ــ قېرىنداش ئاكىلىرىدەك شەپقەتسىز ئىدى. ئادەملەر ئاشۇ باي ــ زەردارلاردەك قارا كۆڭۈل ئىدى. يامانلار يۇۋاشلارنى بوزەك قىلاتتى. كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى ئىشلىتىپ يەيتتى. ھە دېگەندە ئۆلۈم ۋەقەلىرى كۆرۈلۈپ تۇراتتى... 
شۇ يىلى كۈزدە دادىسى ئابدۇلھېمىتخاننى مەكتەپكە بەردى.”بەلەن ئوقۇپ ساۋاتلىق، ھېساپ ــ كىتاب قىلالايدىغان ئادەم بولسىلا“. دادىسى ھەمىشە ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ مۇشۇ گەپلەرنى قىلاتتى. ئۇنىڭدىن قانداقتۇر بىر خىل زور ئۈمىدلەرنى كۈتەتتى. بالا ساۋاقداشلىرى بىلەن بولغان گەپ ــ سۆزدە قىينىلىۋاتقان، ئۇلارنىڭ تىلىنى ئانچە چۈشەنمەيۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن مەكتەپتىن تارقىتىپ بېرىلگەن كىتابلار، كىتابتىكى يېزىق ئۇيغۇر يېزىقىغا ئوخشاپ كېتەتتى. 
ــ  بۇنى پارىس تىلى ئېلىپبەسى دەيمىز، بالام، – دېگەن ئىدى دادىسى ئاخشىمى چىراق يورۇقىدا كىتابنى ۋاراقلاپ ئولتۇرۇپ – پارىس تىلى بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزغا ئوخشاش شىكەر تىل. پارىسچىنى ياخشى ئۆگەنسىلە كېيىنچە ئۇيغۇرچە كىتابلارنىمۇ ئوقۇيالايدىغان بولىدىلا... 
دادىسىنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزىدە ۋەتەننى، ۋەتەندىكى يېقىن كىشىلىرىنى تىلغا ئالىدىغانلىقى ھازىرمۇ مېھماننىڭ ئېسىدە... كابولدىكى ھايات ئەنە شۇنداق باشلاندى، ئەنە شۇنداق داۋاملاشتى. بالا ئوقۇدى، ئۆگەندى، ئاستا ــ ئاستا چوڭ بولدى. چوڭ بولغانسېرى نۇرغۇن ئىشلارنى چۈشەندى. دادىسىنىڭ تارتىۋاتقان جاپاسىنى، غۇربەت تۇرمۇشنى، ھاياتنىڭ قىسمەتلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتى، دادىسىغا تېخىمۇ ھېرىسمەن بولۇپ كەتتى. بالا دادىسىغا قانچە ھېرىسمەن بولغانسېرى، ئانىسىنى – يىراقتىكى ۋەتەندە، ۋەتەننىڭ تار كوچىلىرىدا يىگانە قالغان ئانىسى سائادەتخېنىمنى شۇنچە سېغىناتتى. ئانىسىنى ئۇنتۇيالمايتتى. كۆك ئاسماندا، كۆك ئاسمان قەھرىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇرغۇيدەك ۋەتەنگە ئۇچۇپ بېرىپ، ئانىسىنىڭ دىدارىنى كۆرگۈسى، ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتقۇسى كېلەتتى. 
ئابدۇلھېمىتخان مەكتەپتە يۇقىرلاپ ئوقۇغانسېرى رەسىمگە، رەسىم سىزىشقا ھېرىسمەن بولۇپ قالدى. بىراق بۇ مەكتەپتە رەسىم دەرسى ئۆتۈلمەيتتى. بەزى ئاتا ــ ئانىلار رەسىم سىزىشنى، رەسىمنى بولۇپمۇ ئادەم رەسىمىنى يامان كۆرەتتى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ رەسىم سىزدى. يىراقتىكى ۋەتەننى، ۋەتەننىڭ تار كوچىلىرىنى، تار كوچىدا يالغۇز قالغان ئانىسىنىڭ سىماسىنى سىزىپ چىقتى. ئۇ ئانىسىنىڭ رەسىمىنى تالاي قېتىملاپ سىزىپ چىقتى، تەكرار ــ تەكرار سىزىپ چىقتى. يۈز قېتىم ــ ئىككى يۈز قېتىم... بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ سىزغاندۇ. ئۇنىڭ سىزغان بارلىق رەسىملىرىدە شۇ تار كوچا، شۇ يىگانە سىماھ... شۇ ئۇلۇغ كوچا، شۇ ئۇلۇغ سىماھ... 
ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ دادىسىنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىۋاتقان يىللاردا، ئۇ يەردە ئۇرۇش پارتلىدى. كابۇل ئاسمىنىنى قارا ئىس ــ تۈتەك قاپلىدى. خەلق ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قالدى. يۈز مىڭلىغان، مىليونلىغان كىشىلەر يۈرت ــ ماكانىدىن ئايرىلىپ خوشنا ئەللەرگە مۇساپىر بولۇپ ئاقتى... ئۇ قاباھەتلىك يىللار ئابدۇلھېمىتخاننىڭ زادىلا ئېسىدىن چىقمايدۇ، ئاتا ــ بالا ئىككەيلەن مۇساپىر بولۇپ ئىرانغا كەلدى. دادىسىنىڭ ئوننەچچە يىل جاپا تارتىش، ئەجىر قىلىش بەدىلىگە ئەمدىلا سېتىۋالغان قورۇ جايى سوۋېت ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى بومباردىمان قىلىۋاتقان كابولدا قالدى... 
ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتە ــ ئۆتمەي ئىراندىمۇ ئۇرۇش پارتلىدى. ئەتراپتىكى خوشنا دۆلەتلەرگە ھە دەپ تەھدىت سېلىۋاتقان ئىراق ئارمىيىسى ئاخىرى تىغ ئۇچىنى ئىرانغا قاراتقان ئىدى... جاھاندا مۇساپىر بولۇپ سورۇلۇپ يۈرۈشتىن ئېغىر ئىش بولمىسا كېرەك، ئاتا ــ بالا ئىككەيلەن ئاخىردا تەرەپ ــ تەرەپكە قېچىۋاتقان مۇساپىرلار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ قالدى... 
مۇساپىرچىلىق، مۇساپىرچىلىقتا ئۆتكەن كۈنلەر، يىراقتا قالغان ۋەتەن، ۋەتەننىڭ تار كوچىلىرى، تار كوچىدا يالغۇز قالغان ئانا... قەددى قامىتى تولغان، ساقال ــ بۇرۇتلىرى قويۇقلاشقان ئوغۇل ئانىسىنى ئەسلەيتتى. بەردەم يىگىت بولغان ئوغۇل ئانىسىنى سېغىناتتى. ۋەتەننىڭ تار كوچىلىرىدىن چىقىپ تىنىمسىز جاھان كېزىپ يۈرگەن ئوغۇل ئانىسىغا تەلپۈنەتتى... سەئۇدى ئەرەبىستانىدا يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار خېلى كۆپ ئىدى. ئاتا ــ بالا ئىككەيلەن نۇرغۇن ۋەتەنداشلىرى بىلەن تونۇشۇپ قالدى. دوست بولۇپ قالدى. ئانا تىلىنى ئۇنتۇمىغان بولسىمۇ، ئانا يېزىقىنى ئۇنتۇپ قالغان، يېزىقنى ئەۋلاتلارغىچە داۋاملاشتۇرالمىغان بۇ كىشىلەر دائىم ئۇلارنى ئىزدەپ كېلىپ، ئابدۇرېھىم ھاجى ئارقىلىق ھىجراندا ئۆتۈۋاتقان ئۇرۇق ــ تۇغقانلىرىغا خەت يازاتتى. ئابدۇلھېمىتخان دادىسىنىڭ سالام خەت يېزىشلىرىغا، خەت ئىملاسىنىڭ شۇنچە چىرايلىقلىقىغا ھەۋەسلىنىپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى. دادىسىنى ئانىسىغىمۇ خەت يېزىشقا دەۋەت قىلاتتى. ئابدۇرېىم ھاجى سائادەتخېنىمغا خەت يازدى. بىر قېتىم، ئىككى قېتىم، ئۈچ قېتىم، بەش قېتىم، ئون قېتىم ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ خەتلەرنى يازدى. ئەپسۇس ۋەتەندىن، ۋەتەننىڭ تار كوچىلىرىدىن، تار كوچىدا يىگانە قالغان ئانىدىن جاۋاب كەلمىدى. ياشىنىپ قالغان دادىسى، ئۆزىنىڭ خېتىگە جاۋاب كەلمىگەندىن كېيىن باشقىلارغا يېزىپ بەرگەن خېتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قۇرىغا ”ئۇشبۇ خەتنى يېزىپ بەرگۈچى ئابدۇرېھىم ھاجىدىنمۇ، ئوغلىمىز ئابدۇلھېمىتخاندىنمۇ سالام“، دەپ قوشۇپ قويىدىغان بولدى. بۇ دادىسىنىڭ ۋەتەنگە بولغان ئوتلۇق سېغىنىشلىرىنىڭ زەررىچە ئۇچقۇنى ئىدى! 
مەككىدىكى كۈنلەر خېلى ياخشى ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق ئابدۇرېھىم ھاجىنىڭ سالامەتلىكى ناچارلىشىپ قالدى. ھاجى ئابدۇلھېمىتخاننى ئۆيلەپ قويۇپ، كېيىنكى يىلى ۋاپات بولدى. ھاجى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ گەپ قىلماقچى بولدى. بىراق گەپ قىلالمىدى. كۆزلىرى ياشقا تولغان ئوغۇل دادىسىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلدى. دادىسى تالاي يىللاردىكىدەك ”يىراقتا قالغان ۋەتەن، ۋەتەننىڭ تار كوچىلىرى، تار كوچىدا يالغۇز قالغان ئانىلىرى... ئانىلىرىنى ئىزدىسىلە، بالام، بېرىپ ئانىلىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلسىلا، ئانىلىرىنىڭ دۇئاسىنى ئالسىلا... “ دېمەكچى ئىدى. 
مېھماننى ئارقا ــ ئارقىدىن ئەسنەك تۇتتى. مېھمان رەسىملەرنى رەتلەپ قويۇپ سائىتىگە قارىدى. سائەت سىتىرىلكىسى ئەتىكى تاڭدىن بىشارەت بېرىپ تۇراتتى. راست، تاڭ سۈزۈلەي دەپ قالغان ئىدى. 
بۇ ھايات شۇنداق ئۆتتى، بۇ ئۆمۈر جاھان كېزىش بىلەن ئۆتتى. پېشانىسىگە پۈتۈلگىنى شۇنداقمۇ، ئابدۇلھېمىتخان كېيىنكى چاغلاردا ئوكيانلارنى كېزىپ، قىتئەلەرنى ئارىلاپ كاناداغا كۆچمەن بولۇپ بېرىپ قالدى ۋە شۇ دۆلەتتە ئولتۇراقلىشىپ قالدى. بىراق قەيەردە بولمىسۇن، نەدىلا يۈرمىسۇن ئۇ ئالتە يېشىدا ئايرىلغان ۋەتىنى ئۈچۈن، ئالتە يېشىدا ئايرىلغان تار كوچىلىرى ئۈچۈن، ئالتە يېشىدا ئايرىلىپ قالغان ئانىسى ئۈچۈن ھايات يۈردى. مانا ئەمدى يىگانە بېلىقتەك ئوكيانلارنى كېزىپ، قۇرغۇيدەك تاغ ــ داۋانلاردىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ ئاخىرى كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ۋەتىنى، ئاياغ ئىزلىرى قالغان تار كوچىلىرىنى، يۈرىكى قانمىغان ئانىسىنىڭ باغرىنى ئىزدەپ كەلدى! 
 
 
 
 

 
 
 
... ئانا ماشىنىنىڭ كەينىدىن يۈگۈردى، ئانا”بالام... بالام... بالامنى ئېلىپ كەتمەڭلار! “ دەپ زار ــ زار يىغلىغىنىچە قارا ماشىنىنىڭ كەينىدىن توختىماي يۈگۈردى. ئانا بالىسىنى چاقىرغىنىچە جۇدالىق ياشلىرىنى تۆكۈپ ماشىنىنىڭ كەينىدىن قالماي يۈگۈرۈپ كەلدى، بىراق... بىراق ماشىنا ئۇزاپ كەتتى... ئۇنىڭ ئوغلىنى، ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ پارىسىنى، ئۇنىڭ بارلىقىنى ئېلىپ ماڭغان ماشىنا يىراق پامىر تاغلىرىغا، يىراق ئەللەرگە قاراپ ئۇزاپ كەتتى. ئانا توپا ــ تۇمان ئىچىدە قالدى. ئانىنىڭ سىماسى توپا ــ تۇمان ئىچىدە غايىپ بولدى... 
ئارىدىن 50 يىل ئۆتتى. ئارىدىن يېرىم ئەسىر ئۆتۈپ كەتتى. كىچىك تۇرۇپ ئانىسىدىن، ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ ئۆمرى مۇساپىرچىلىقتا، سەرسان ــ سەرگەردانلىقتا ئۆتكەن ئوغۇل ئانىسىنى، ئانىسىنىڭ توپا ــ تۇمان ئىچىگە سىڭىپ كەتكەن سىماسىنى ئىزدەپ كەلدى. ئوغۇل يىگانە بېلىقتەك ئوكيانلارنى كېزىپ ، قۇرغۇيدەك تاغ ــ داۋانلاردىن ئېشىپ ئۆزىنىڭ بالىلىقتىكى ئىزلىرى قالغان تار كوچىلىرىغا، تار كوچىدىكى ۋەتىنىگە، ۋەتەننىڭ قۇچىقىغا قايتىپ كەلدى... ئۇ ئەمدى 50 يىل جۇدالىقتا ئۆتكەن مېھرىبان ئانىسىنىڭ سىماسىنى ئىزدەپ يۈرىيدۇ. 50 يىل تەلمۈرگەن ئانىسىنىڭ باغرىنى ئىزدەپ يۈرىيدۇ! 
مېھماننىڭ كەلگىنىگە خېلى كۈنلەر بولۇپ قالدى. مېھماننىڭ ئانىسىنى ئىزدەپ شەھەر كوچىلىرىنى، يېزا ــ قىشلاقلارنى كېزىپ يۈرگىنىگە بىر نەچچە ھەپتە بولۇپ قالغان ئىدى. مېھمان ئەمدى شوپۇر يىگىتنى، تاكسىنى يولغا سېلىپ قويغان، ئوبدانلا تونۇش بولۇپ قالغان شەھەر كوچىلىرىدا ئۆز ئىختىيارى، ئۆز تۇيغۇسى بويىچە ئانىسىنى ئىزدەپ يۈرەتتى. مېمھان ئۇقۇشقان ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئانىسىنى يېزىدا ئەمەس، شەھەردە دەپ قىياس قىلدى. ئانام ھايات بولسىلا (ئىلاھىم شۇنداق بولغاي) شەھەردىن، شەھېرىمىزنىڭ تار، ئەگرى ــ توقاي كوچىلىرىدىن تېپىۋالىمەن دەپ ئۈمىدلەندى. 
مېھمان ئۈمىد ــ ئىشەنچ ئىلكىدە كوچىلارنى كېزىپ يۈرەتتى. ئۇ كوچىدا ئۇچراتقان ھەر بىر ئانىغا، ئانىسىغا ئوخشاتقان ھەر بىر مومايغا ئىنچىكىلىك بىلەن سەپ سالاتتى. ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ تېچ ــ ئامانلىق سورىغىسى كېلەتتى. ئالدىغا ئۇچىرغان موماينىڭ ئۆزىنىڭ ئانىسى بولۇپ قېلىشىنى تىلەيىتتى. 
ــ  ئانا، تېچ ــ ئامان تۇردىلىمۇ؟  ــ  دەپ سورىدى ئۇ تاش بازىرىدا ھاسىغا تايىنىپ كېتىۋاتقان بىر موماينىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ – يالغۇزلا مېڭىپلا، نەگە ماڭدىلا؟ 
ــ  يالغۇز ماڭدىم بالام، ئوغلۇمنىڭ خىزمىتى يىراقتا، قىزىم بولسا ئەرنىڭ ئۆيىدە، نەۋرەم مەكتەپتە... مەن تار كوچىدا يالغۇز قالدىم... قېرىلىق دېگەن مۇشۇنداق بولىدىكەن، كۆرسىلە... 
ــ ئاۋايلاپ ماڭسىلا، ئانا ئاق يول بولسۇن... – مېمھان ئانىسىغا ئوخشاتقان موماي، ئۆز ئانىسى ئەمەس بولۇپ چىقتى. ئەمما : ”ئەجەپ پاكىزە قېرىغان موماي ئىكەن، ئانامغا ئوخشايدىكەن، ئانام بولسىمۇ شۇ ياشقا كىرەتتى“، دەپ پىچىرلىدى... مېھمان يەنە ماڭدى، كوچا ئاشتى... باپكار كوچىسىدا باپكارنىڭ مەسچىتى ئالدىدا بوينى قىسىلغان، كۆزى ياشلانغان بىر موماينى كۆردى. مومايغا، موماينىڭ يىغلاپ قالغىنىغا ئىچى سېرىلدى. ئانام شۇمىدۇ، دەپ ئىتتىك ئالدىغا باردى، ئەھۋال سورىدى: 
ــ  ئانا، قانداق ئەھۋاللىرى، سالامەت تۇردىلىمۇ؟ 
ئېسىنى يوقاتقان، ئەنتاڭدا تۇرغان موماي مۇلايىم ئاۋازنى ئاڭلاپ، ئېسىگە كەلدى، ئۆزىدىن ئەھۋال سوراپ تۇرغان مېھمانغا قارىدى، جاۋاب بەردى: 
ــ  خۇداغا شۈكرى، بالام... 
ــ  نېمىشقا بويۇنلىرىنى قىسلا، ئانا، نېمىشقا يىغلايلا؟ 
ــ  مەن يىغلىماي كىم يىغلىسۇن، بالام! – موماي تەسەللىگە مۇھتاج بولغاندەك پاڭڭىدە ئېتىلىپ يىغلىدى. ھالىنى تۆكتى – مەن بىر تۇل خوتۇن بالام، مېنىڭ بىر ئوغلۇم بار، دېسىلە... 
مېھماننىڭ ۋۇجۇدى تىترىدى، مېھماننىڭ تەن ــ تېىنى تىترىدى. تۇل خوتۇن، ئوغلۇم... دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلىغىچە تاقىتى قالمىدى. كۆز ئالدىدىكى بۇ نۇرلۇق سىماھىنى ئاناممىكىن دەپ، تىزلىرى پۈكۈلدى... 
ــ  مەن ئوغلۇمنى دەپ ياشىدىم،  ــ  دېدى موماي – ئوغلۇم ئۈچۈن بارلىقىمدىن كەچتىم... ئوغلۇمنى دەپ ئۆمرۈمنى تۇل ئۆتكۈزدۈم. ئوغلۇمنى ئۆگەينىڭ ئالدىدا خارلىنىپ قالمىسۇن دەپ، ئوغلۇمنى ئۆگەينىڭ ئالدىدا پۇچۇلىنىپ كەتمىسۇن دەپ تۇل ياشاشقا رازى بولدۇم. ئوغلۇمغا يىمەي يېگۈزدۈم، كەيمەي كەيگۈزدۈم، ئوغلۇمنى مىڭبىر جاپادا چوڭ قىلدىم. بىراق ئوغلۇم ماڭا نېمە قىلدى دېمەملا بالام... ئوغلۇم چوڭ بولۇۋېلىپ، ئۆيلۈك ــ ئوچاقلىق بولۇۋېلىپ ماڭا كەينىنى قىلدى. مەن مىڭبىر ئارزۇ ــ ئارمانلار بىلەن ئوغلۇمنى ئۆيلەپ، بېشىنى ئىككى قىلىپ قويغان ئىدىم، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئوغلۇم ماڭا كەينىنى قىلدى... 
ــ نېمە بولدى، ئانا... ئوچۇغراق سۆزلىسىلە... 
ــ  نېمە بولا، بالام ... بۇ كۈنلەردە مېنىڭ ئوغلۇم ئايالى بىلەن گەپلىشىدۇ، مەن بىلەن ئاساسەن گەپلەشمەيدۇ. ئۇ ئايالىغا ئېچىلىپ ــ يېيىلىپ كۈلىدۇ، ماڭا چىراي ئاچمايدۇ. ئۇ ئايالىغا خۇش مۇئامىلە قىلىدۇ، مەن بىلەن كارى بولمايدۇ. ئۇ ئايالىنى بازارلارغا ئېلىپ چىقىدۇ، مەن بىلەن ماڭمايدۇ. ئۇ ئايالىنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ، مەندەك ئانىسىنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ... 
موماي يىغلاپ تۆكۈلۈپ كەتتى. موماينىڭ ئوغلى تۇرۇپ خارلىنىپ قالغان، موماي تاغدەك يۆلەنچۈكى تۇرۇپ تالادا قالغان ئىدى. مېھمان موماينىڭ ئۆز ئانىسى ئەمەسلىكىدىن كۆڭلى يېرىم بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا تەسەللى ئېيتتى: 
ــ  يىغلىمىسىلا، ئانا. نادانلىق، ئاڭقاۋلىق بەندىنى ئاشۇنداق كۆزى ئوچۇق كور قىلىپ قويىدۇ. بۇ ھالغا چۈشۈپ قالغان بەندىلەر ئانىسىنىڭ ئانا ئىكەنلىكىنى، ئايالىنىڭ خوتۇن ئىكەنلىكىنى پەرىقلەندۈرەلمەس ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ... ئوغۇللىرى ناداندەك قىلىدۇ، ناداننىڭ بېشى تاشقا تەككەندە ئاندىن ئەقلىنى تاپىدۇ. ئوغۇللىرى تۈزۈلۈپ قالار... 
مېھمان مومايغا، ياق ئوغۇل ئانىسىغا كۆپ تەسەللى ئېيتتى. خەج ــ خىراجەت قىلالا، دەپ ئۇنىمىغىنىغا قويماي تىترەپ تۇرغان قوللىرىغا پۇل تۇتقۇزۇپ قويۇپ خوشلاشتى.”ۋاپاسىز ئوغۇلغا بەرگەن ئانىنى ماڭا بەرسىچۇ، ئىلاھىم! “ دەپ پىچىرلىدى. 
مېھمان ئۈمىد ــ ئىستەكلەر ئىلكىدە كوچىلارنى كېزەتتى. ئوغۇل كوچىدا ئۇچراتقانلىكى ئانىغا، ئانىسىغا ئوخشاتقانلىكى مومايغا سىنچىلاپ قارايتتى. ئانام شۇمىدۇ، دەپ تۇرۇپ كېتەتتى. ئالدىغا بېرىپ تېچ ــ ئامانلىق سورايتتى... ئوغۇل دوپپىچى كوچىسىدا – دوپپا بازىرىدا گۈل ــ چېچەككە ئايلانغان بادام نۇسخا، چىمەن نۇسخا، گىلەم نۇسخا، مارجان نۇسخا، چۆچۈرە نۇسخا... سانسىز نۇسخىلار كۆز قاماشتۇرۇپ تۇرغان بازارنىڭ ئالدىدا كۆزلىرىنى ياشلاپ مۇڭلىنىپ ئولتۇرغان ئاق چاچلىق، ئاق لىچەكلىك ئانىنى كۆردى. ئانام دېمەتلىك موماي ئىكەن دەپ ئالدىغا باردى، سالام قىلدى: 
ــ  تېچلىقمۇ، ئانا! قانداق ئەھۋاللىرى؟ 
ــ  ھالىم مۇشۇ شۇ، بالام! – موماي يىغىدىن توختىدى. ياشلانغان نۇرسىز كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ ئالدىدىكى ناتونۇش مېھمانغا زەڭ سېلىپ قارىدى. 
ــ  نېمىشقا مۇڭلىنىپ ئولتۇرىلا، ئانا؟ 
ــ  ئاي... ئاھ، دەردىم بار بالام، مەن مۇڭلانماي كىم مۇڭلانسۇن! 
ــ  بۇ ياشلىرىدا ئۆزلىرىنى قانداق دەرت ــ ئەلەم مۇڭغا سالغاندۇ، ئانا؟ 
ــ  مەن بۇ دۇنيادا بالىغا زار بولۇپ ئۆتكەن خوتۇن ،  ــ  دېدى موماي كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ – ياراتقان ئىگەم مېنىڭ بۇ دۇنيالىقىم ئۈچۈن ھەممىنى نېسىپ قىلغان بولسىمۇ، پەرزەنت يۈزى كۆرۈشكە نېسىپ قىلماپتىكەن. ئۆيلۈك ــ ئوچاقلىق بولۇپمۇ زادىلا پەرزەنت يۈزى كۆرمىدىم... ئېرىم ئاخىرى مەيدەمدىن ئىتتەردى، تۇغماس خوتۇن دەپ يامان كۆردى، تالاق قىلىپ ئۆيدىن ھەيدېدى. پېشانەمگە پۈتۈلگىنى شۇ بولسا، ئىككىنچى توي قىلمايمەن دەپ قەسەم قىلدىم، ياشلىقىم تۇللۇقتا ئۆتتى... كېيىن ئىككى بالا يەنى بىر ئوغۇل، بىر قىز بېقىۋالدىم. كۆزۈمنىڭ قارچۇقىغا دەسسىتىپ بېقىپ چوڭ قىلدىم. بالىلىرىم چوڭ بولغاندىن كېيىن خەخلەر مېنىڭ ئۆز ئانىسى ئەمەسلىكىمنى دەپ قويدى، ئۆز ئانىسىنىڭ، ئۆز دادىسىنىڭ كىملىكىنى كۆرسىتىپ قويدى... مانا ئەمدى ئوغلۇم ئۆز دادىسىنى تېپىۋالدى، قىزىم ئۆز ئانىسىنى تېپىۋالدى، مېنى تاشلىۋەتتى... شۇنداق بولغاندىكىن مەن مۇڭلانماي، كىم مۇڭلانسۇن بالام؟! 
ــ  كۆڭۈللىرىنى يېرىم قىلمىسىلا، ئانا. مەن سىلىگە ئوغۇل بولسام، سىللىنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلسام قانداق؟ 
ــ  سىلە ماڭا ئوغۇل بولسىلا، نېمىشقا بولمىغۇدەك، بالام! 
مېھمان بۇ موماينىمۇ ئانا قىلىۋالدى، موماينى كۈندە دىگۈدەك يوقلاپ تۇرىدىغان بولدى. 
ئوغۇل ھەر كۈنى شەھەر ئىچىنى كېزىپ يۈرەتتى. ئوغۇل ھەر سەھەر، ھەر تاڭدا قۇياش نۇرى بالقىش ئالدىدا تۇرغان كوچىلاردىن ئانىسىنى ئىزدەپ يۈرەتتى. ئوغۇل ھەر كۈنى يېڭىدىن ــ يېڭى ئانىلارنى ئۆزىگە ئانا قىلىۋالاتتى. ئىچى يامان كېلىننىڭ دەردىدە ئۆز ئۆيىگە پاتمىغان، زەھەرگە خۇمار بولغان ئوغلى تەرىپىدىن خانۇ ــ ۋەيران قىلىنغان، ئۆگەي قىزلىرىنىڭ زۇلمىدىن ئېرىنىڭ ئۆيىدىن قوغلانغان، كۆزى پۇلغا تويماس نەپسانىيەتچى ئوغۇللىرى تەرىپىدىن تىلەمچىلىككە سېلىنغان... تۈرلۈك قىسمەت، باھانە ــ سەۋەبلەر بىلەن كوچىدا بوينىنى قىسىپ يۈرگەن، خارلىق تارتىۋاتقان بۇ ئانىلار ئۆز ئانىسىدەكلا مېھماننىڭ كۆزىگە ئىسسق كۆرۈندى. 
ھاۋا تۇمانلىق يامغۇرلۇق بىر سەھەر... مېھمان كۈندىكىدەك ياتىقىدىن چىقىپ تار كوچىلاردىن، تار كوچىدىكى ۋەتىنىدىن ئانىسىنى، ئانىلىرىنى ئىزدەپ ماڭدى. پاكىزە ــ  رەتلىك ئۈستىبېشىنى ھۆل قىلىۋاتقان يامغۇر مېھمان ئۈچۈن ھېچنېمە ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئانىسى پەقەت تار كوچىدا ــ  تار كوچىدىكى ۋەتىنىدە قالغان ئانىلىرى بولسىلا بولاتتى. ... ئانا زار ــ زار يىغلىغىنىچە ماشىنىنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ كەلدى. ئانا”بالام، بالام ئابدۇلھېمىتخان!“ دەپ يىغلىغىنىچە ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىن قېلىشماي يۈگۈرۈپ كەلدى... ماشىنىنىڭ كەينىدىن توپا ــ تۇمان كۆتۈرۈلدى. ئانىنىڭ سىماسى توپا ــ تۇمان ئىچىدە بىر كۆرۈنۈپ ــ بىر كۆرۈنمەي قالدى... مېھمان شۇ كوچا تەرەپكە ماڭدى،  ئانىسى ھېلىمۇ شۇ كوچىدا تۇرغاندەك،  بىچارە ئانىسى ھازىرمۇ، يىراق شەھەرلەرگە، يىراق ئەللەرگە تۇتاشقان شۇ يولدا ئۆزىنىڭ يولىغا قاراپ تۇرغاندەك ئىزگۈ خىياللار كۆڭلىدىن كەچتى... 
ئانىسىنى ئىزدەپ، پىيادە يۈرۈشكە كۆنۈپ كەتكەن مېھمان، ئانىسى توپا ــ تۇمان ئىچىدە قالغان ھېلىقى كوچىغا  يېتىپ كەلدى. ئانىسىنىڭ ئىزلىرىنى ئىزدېدى. بۇ كوچىلار ئۇزۇن يىللاردىن بېرى جىق ئۆزگەرتىلگەن، توپىلىق يوللار ئاسفالىت يوللارغا، يول بويىدىكى ئورمانلار بىنالارغا ئۆزگەرگەن ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ مېھمان يۈرىكىگە، يۈرىكىدىكى تۇيغۇلىرىغا تايىنىپ بۇرۇنقى يولنى، يول بويىدىكى ئورمانلارنى، سۇۋادان تېرەكلەرنى تونۇۋالغاندەك قىلدى. ئۇ يەنە مۇشۇ يولدا قالغان ئانىسىنىڭ سىماسىنى، ئانىسىنىڭ ئاياغ ئىزلىرىنى، ئانىسىنىڭ كۆز ياشلىرىنى كۆرگەندەك بولدى... ئەنە، ئانىسى كېلىۋاتىدۇ، سىم ــ سىم يامغۇر ئىچىدە ئاپئاق شايى لىچەك، ئاپئاق شايى كۆڭلەك، ئاپئاق نۇر ــ زىيا ئىچىدە پەرىشتىگە ئايلانغان ئانىسى كېلىۋاتىدۇ... مېھمان خىيال بىلەن تۇيغۇ، ئارزۇ بىلەن رىئاللىق ئوتتۇرىسىدا بىردىنلا سىلكىندى. يامغۇر تامچىلىرى بىلەن ياش تامچىلىرى قوشۇلۇپ كەتكەن كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ يوغان ئاچتى. راستىنلا بىر ئانا – ئۇنىڭ ئانىسى ھاسىغا تايىنىپ كېلىۋاتاتتى! ئانا ئاق چۈشكەن نۇرسىز كۆزلىرىدە ئۈمىد بىلەن تۆت ئەتراپقا باقىدۇ، ئۆتكەن ــ كەچكەنلەرگە تىكىلىپ قارايدۇ، كىملەرگىدۇ گەپ قىلماقچى بولىدۇ، ئەمما گەپ قىلالمايدۇ، يەنە ماڭىدۇ... ئوغۇل ئالدىراپ قالدى، ئوغۇل تاقەتسىزلەندى، ئوغۇل، ئانا يېقىنلاپ كەلگىچە ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ باردى: 
ــ  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئانا! 
ــ  ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بالام – ئانا، مېھمانغا سىنچىلاپ قارىدى. 
ــ  تەنلىرى ساق، تېچ ــ ئامان تۇردىلىمۇ، ئانا؟ 
ــ  شۈكرى بالام، مۇشۇنچىلىك تۇردۇم. 
ــ  بۇ يامغۇردا نەگىمۇ ماڭغانلا، ئانا؟ 
ــ  نەگىمۇ بارارمەن، ئوغلۇمنىڭ ئالدىغا ماڭدىم، بالام! 
ــ  ئوغۇللىرىنىڭ ئالدىغا؟! 
ــ  ھەئە، ئوغلۇمنىڭ ئالدىغا، بالام! 
مېھمان ئانىنىڭ سانسىز قورۇقلار ئەسىر قىلغان ياداڭغۇ چېھرىگە، نۇرسىز كۆزلىرىگە سىنچىلاپ قارىدى. 
ــ  ئوغۇللىرى قەيەردە ئىدى، ئانا؟ 
ــ  ئوغلۇم... ئوغلۇم  قەيەردىدۇر...؟  ــ  ئانا ئۇلۇق كىچىك تىندى. بىر ئىشلارنى ئەسلىگەندەك يىراقلارغا قارىدى مىسكىن ئاۋازدا ئېغىز ئاچتى –ئوغلۇمنى سورىسىلا ــ يىراقتىن، قىرىق ــ ئەللىك يىلنىڭ ئالدىدىكى ئۆتمۈشتىن ئېغىز ئېچىشقا توغرى كېلىدۇ، بالام... ناھايىتى ئۇزاق يىللارنىڭ ئالدىدا مېنىڭ ئىسسىققىنا ئۆيۈم، كۆيۈمچان ئېرىم، جىگىرىمدەك بىر ئوغلۇم بار ئىدى، بالام ، ئۆيىمىز غۇربەت بولسىمۇ مېھرى ــ مۇھەببەت ئوچىقى ئىدى. ئۆيىمىز نامرات بولسىمۇ بەخت ــ ئامەت قۇچىقى ئىدى، بالام... شۇنداق بىر كۈنلەر كىلىپ پەلەكنىڭ چاقى تەتۈر چۆرگىلەپ ئېرىمنىڭ بېشىغا كۈن چۈشتى، ئوغلۇم دادىسىز قالدى... يەنە بىر كۈنلەر كېلىپ ئوغلۇمنىڭ دادىسى چەتئەلگە كېتىدىغان بولدى، ئوغلۇمنىڭ دادىسى چەتئەلگە بىر ئۆزىلا ئەمەس، ئوغلۇمنىمۇ ئېلىپ كېتىدىغان بولدى! ئوغلۇمنى يېنىمدا ئېلىپ قېلىش ئۈچۈن مېنىڭ يېلىنىپ يالۋۇرمىغان ئادىمىم، دېمىگەن گەپ ــ سۆزلىرىم قالمىدى. ئەمما تەتۈر پەلەك يەنىلا ئوغلۇمنى مەندىن ئايرىۋەتتى... ئوغلۇم مەندىن ئايرىلىپ چەتئەلگە كەتكەن ۋاقتىدا، مۇشۇ يولچە ماڭغان، مۇشۇ يولدىن ئۇزاپ كەتكەن. شۇندىن بېرى مېنىڭ تېنىم ساقلا بولسا، پۇتلىرىمنىڭ يول ماڭغىدەك ماغدۇرى بولسىلا ھەر كۈنى مۇشۇ يولغا چىقىپ ئوغلۇمنىڭ يولىغا قاراۋاتىمەن، بالام! 
مېھماننىڭ نەپەسلىرى تېزلەشتى، مېھماننىڭ ۋۇجۇدى تىترىدى، مېھماننىڭ پۈتۈن جىسمى تىترەپ كەتتى... مېھمان بوغۇق ئاۋازدا سورىدى: 
ــ  ئوغۇللىرىنىڭ دادىسى كىم ئىدى، ئانا؟ 
ــ  ئوغلۇمنىڭ دادىسى ئابدۇرېھىمھاجى ئىسىملىك كىشى ئىدى، بالام. 
ــ  ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى ــ زاتى چۇ؟! 
ــ  ئوغلۇمنىڭ ئىسمى... –ئانا گۇڭگا كۆزلىرىدە مېھمانغا سىنچىلاپ قارىدى... دۇدۇقلاپ تۇرۇپ قالدى. ئانىنىڭ ئاغزىغا قاراپ مېھماننىڭ تاقىتى قالمىدى . مېھمان ئانىنىڭ جاۋابىغا تەققەززا بولۇپ كەتتى. ئانا بىر ھازا قېقىلىپ يۆتەلگەندىن كېيىن ئاخىرى ئېغىز ئاچتى:  
– ئوغلۇمنىڭ ئىسمى ئابدۇلھېمىتخان ئىدى، بالام! 
مېھمان ئانىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ، بىر ئاھ ئۇردى ــ دە، ئانىنىڭ ئاياغلىرىغا يىقىلدى. مېھمان يىغا، ئازاپ، خوشاللىق، ئۈمىت ــ ئىشەنىچ ئارلىشىپ كەتكەن ئاجايىپ بىر ئاۋازدا نىدا قىلدى:  
ــ  ئانا! –ئوغۇل ئانىسىنىڭ ئاياغلىرىغا ئېسىلدى – مەن سىللىنىڭ ئوغۇللىرى بولىمەن، ئانا!! 
ــ ئوغلۇم؟!! ــ ئانا ھاياجان ئىلكىدە، ئايغىغا باش قويۇپ ياتقان ئوغۇلغا قاراپ قېتىپ قالدى... 
يەر ــ  جاھان تېم ــ تاس بولۇپ قالغان ئىدى.  
يامغۇر سىمىلداپ يېغىۋاتاتتى. ئاسمان يامغۇردەك تۆكۈلۈپ يىغلاۋاتاتتى. يەر ــ زېمىن يامغۇر بولۇپ يىغلاۋاتاتتى... 
 
 
 
 
 
 
 
 
                            مەسئۇل مۇھەررىر: مۇقەددىر سايىت 
 
 
 
                                     («قەشقەر» ژۇرنىلى 2012-يىل 3-سان) 
    

يانفۇندا كۆرۈش
    315