ئەمگەك مىۋىمىزنى قەدىرلەيلى، قوغدايلى

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-26 19:42
 
 
 
ئەمگەك بىلەن ئۇچىدۇ كۆكلەپ، 
مېۋىسىنى قەدىرلىگەنلەر. 
ئەلگە قۇرۇت پارازىت بولۇپ، 
سېسىتىدۇ ئالداپ يىگەنلەر.

كۈچلۈك رىقابەتكە تولغان بۈگۈنكىدەك بازار ئىگىلىكى مەزگىلىدە، ھەرقانداق بىر نەتىجىنىڭ تولىمۇ مۈشكۈلچىلىكتە قاتمۇ- قات خىرىسلاردىن ھالقىپ روياپقا چىقىدىغانلىقى، ئۇنىڭغا قانچىلىغان جاپاكەش، مېھنەتكەش كىشىلەرنىڭ قان-تەرى سىڭىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئاياندۇر. 
ھەرقانداق بىر ئەمگەك مىۋىسى خۇددى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتەك نۇرغۇنلىغان جەبىر- جاپا، پەرۋىش، ئۇزاق مۇددەت دەۋىرلىنىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن ئاندىن خەلقى- ئالەمگە كۆز ئاچىدۇ. ئۇنىڭغا چىن مۇھەببەت، سەمىمىي ئەجىر، قان- تەر شۇنداقلا چوڭقۇر ئارزۇ- ئۈمىدلەر سىڭگەن بولىدۇ. بۇ مىۋىلەرنىڭ بىر قىسمى جىسمانى ئوزۇق بولسا، بىر قىسمى مەنىۋى- مەدەنىيەتنىڭ قۇۋۋەتلىرىدۇر، بىر قىسمى جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن بولسا، يەنى بىرقىسمى تۇرمۇشنىڭ گۈزەل كىلەچىگى ئۈچۈندۇر. ئەمگەك مىۋىسىنى ئوغۇرلاش بولسا، بەئەينى توققۇز ئاي قوساق كۆتۈرۈپ بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن ئوغۇرلاپ كېتىلگىنىدەك، بارچە خەلقنىڭ غەزەپ- نەپرىتى تاشىدىغان ئەخلاقسىز قىلمىش!  
بۇنىڭدىن بىلىۋېلىشقا بولۇدىكى ئۆز خەلقىنىڭ، مىللىتىنىڭ، قېرىندىشىنىڭ ھالال ئەمگىكىنى قوللاش بولسا سۆيۈش، ۋاپا ھەم ئەخلاق نۇقتىسىدىن، قوغداش بولسا كۈرەشچان، ساداقەتلىك ساپ روھنىڭ بولغانلىقىدىندۇر. بىز مىللىي ئەنئەنۋىيىتىمىزنى (كىشىگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۆزئارا ياردەمدە بولۇپ يۆلەيدىغان ئەخلاقلىق، مېھىر- شەپقەتلىك ئەنئەنىۋى خاسلىقنى) ئوچۇق نامايەن قىلىمىز، مەنىۋىيىتىمىزنى بېيىتىمىز دەيدىكەنمىز كونىنى قالقان قىلماي (ئون ئىككى مۇقام، تۈركى تىللار دىۋانى، قۇتادغۇ بىلىگ، قارخانىيلار، سەئىدىيە...قاتارلىق قەدىمىي مىراسلارنى ئېغىزىمىزدىن چۈشۈرمەي، سەمىمىي تەنقىدنى قوبۇل قىلماسلىقتىكى باھانە قىلماي) ، يېڭىغا ئىنتىلىشىمىز، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى تىكلەپ بىلىم بىلەن ئۆزىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، تەپەككۇر دۇردانىلىرى بىلەن روھىيىتىمىزنى ئويغۇتۇپ، ئەل- ۋەتەننى، جۈملىدىن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەجىر-مېھنىتىنى قوغدايدىغان ئۇيۇشۇش ئېڭىدىن ئىبارەت مۇقەددەس بۇرچىنى يىتىلدۈرۈپ، ھەممە تەڭ ھەركەتكە كىلىپ، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاشۇنداق ئەمگەك مىۋىسىنىڭ ئوغرىلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىشىمىز لازىمدۇر.  
قېنى دوستۇم مۇقەددەس بۇرچ سىزدىمۇ بار، ئۆز ئەمگەك مىۋىمىزنى قەدىرلەيلى ھەم قوغدايلى! 
2015.1.3

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315