قارلىغاچ (داۋامى 4)

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-26 19:25
 
خەير – خوش ۋەتەن 
مانا كۈتكەن كۈنلەرمۇ يېتىپ كەلدى، ھەممەيلەن كېتىش تەييەرلىقلىرىنى تۈگىتىپ يولغا چىقىشىقا باشلىدى، ئادىلە بىلەن ئامىنە مەكتەپ قوروسىنى ئاخىرقى قېتىم ئايلىنىپ چىقتى، كۈن پاتاي دىگەندە مەيداننىڭ قېشىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇشۇپ پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى، ئۇلار يېڭى كەلگەنكى ۋاقىتلىرىنى ،قىزىقچىلىقلارنى ،جاپالىق ئوقۇغان كۈنلەرنى سۆزلىشىپ كەتتى، ئاستا –ئاستا گەپ سۆزلىرى توختاپ قېلىشتى، ئادىلە ئامىنەنى قۇچاغلاپ يىغلاپ كەتتى، ئىككەيلەن بىر ھازا يىغلىشىۋالدى، بۇ 6 يىل جەريانىدا بىر – بىرىگە ھەمرا بولۇشۇپ خوشاللىق ھەم كۆڭۈلسىز كۈنلەرنى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بۇ بىر جۈپلەر ئايرىلىدىغانغاپەقەت بىر كۈنلا قالغان ئىدى. گەرچە ئىككىلىسى غۇلجىغا تەڭ قايتسىمۇ ئادىلەنىڭ ۋاختى ئاز قالغان ئىدى، ئۇ پرافىسورنىڭ چاقىرىق خېتىنى ساخلاۋاتاتتى، خەت كەلگەن ھامان بېيجىڭغا ۋېزا ئالغىلى باراتتى ھەم شۇ يەردىنلا ئامېرىكىغا ئۇچاتتى. مۇشۇ قېتىم ئايرىلسا قاچان كۆرۈشىدىغانلىغىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. ئۇلار ئاخىرقى كېچىنى مۇشۇنداق بىر دەم يىغلىىشىپ بىر دەم كۈلۈشۈپ ئۆتكۈزدى.  
پويۇز ئىستانسىسى قايناق بازارغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى، ھەممە مەكتەپنىڭ پۈتتۈرگەن بالىلىرى يۈك تاقىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇزاتقىلى چىققان ساۋاغداشلىرى بىلەن خوشلىشىۋاتاتتى. ئادىلە بىلەن ئامىنەمۇ خوشلىشىپ پويۇزغا چىقىپ ئولتۇرۇۋالدى. مەرزىيەنىڭ دوستلىرى بىلەن  ئەتىنىڭ بېلىتىنى ئالغانلىقى ئۇلارنى خېلىلا خاتىرجەم قىلغان ئىدى، بۇ كىچىككىنە پويۇزدا ئىليار بىلەن كۆرۈشۈپ قېلىش  ئادىلەنى قىينايتتى. پويۇز قوزغۇلۇپ مېڭىپ كەتتى، نىمىشقىدۇر ئادىلە خۇددى ئىليار كېلىپ قالىدىغاندەكلا تۇيغۇغا كېلىپ قالدى، ئۇياق – بۇ ياققا قاراپ قوياتتى، ئامىنە بۇنى سېزىپ ئۇنىڭ قولىنى سىقىپ "بولدى  قىل " دىگەن ئىشارىنى بەردى. ئادىلە يىراقلارغا قارىغانچە خىيالغا كەتتى. ئۇنېرىقى ۋاگوندا بېشىغا ئاق ئادىداس شەپكىنى چۆكۈرۈپ كىيىپ، ئۆزىگە قاراپ ئولتۇرغان بىر بالىنىڭ  ئىليار ئىكەنلىگىنى ھەرگىزمۇ ئويلىمىغان ئىدى. نەچچە كۈن قاتتىق روھى كۈرەشتىن كېيىن ئىليار ئادىلەلەر ماڭغان پويۇزدا مېڭىشنى قارار قىلدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئادىلەنىڭ ئىشى پۈتۈپ قاپتۇ، مېڭىشقا ئاز قاپتۇ، بەلكىم بۇ ئۇنىڭ ئادىلەنىڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشى بولۇپ قېلىشى مۈمكىن ئىدى، "يامانننىڭ ئوتى يامان" دەپ ئۇ يەنىلا بۇ يامان قىزنى ئۇنتۇيالمايۋاتقان ئىدى، "مەيلى يامان بولسا بولسۇن، ئاخىرقى قېتىم بىللە مېڭىۋالاي" ئۇ شۇنداق دەپ ئۆز- ئۆزىگە ئەل بولدى، ئۈرۈمچىگە بارغۇچە ئادىلەگە يىراقتىن قاراپ ئولتۇردى، ئۇلار ئۇخلاپ قالغاندا ئاستا بېرىپ چۈشۈپ قالغان ئەديالىنى يېپىپ قويدى، ئۇلار كۈلگەندە مەسلىگى كېلىپ كۈلۈمسىرىدى، ئادىلە تەييەر چۆپنى تارتىپ يەپ تەرلەپ كەتكەن پىشانىسىنى قولى بىلەن ئەتكەندە شۇنداق مەسلىكى كېلىپ كەتكەن ئىدى.  ئۇ بۇنداق قىلسا نىمە بوپتۇ؟ بەرىبىر كېتىدىغۇ؟ بۇ ئىككى كۈن ئۇنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدىنمۇ كۆڭۈللۈك ھەم خوشال ئۆتتى، ئىليار قىلغان قارارىغا پەقەت پۇشايمان قىلمىدى. لېكىن ۋاقىت بەك تېز ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى، ئۇلار ئۇرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. قىزلار پويۇزدىن چۈشۈپ مېڭىپ كەتكىچە كەينىدىن قاراپ تۇرغان ئىليار تۇيۇقسىز بىلىنگەن بوشلۇق،زېرىكىشلىكتىن چۆچۈپ كەتتى، بۇ ھەقىقى خوشلىشىش بوپ قالغان ئىدى، بۇ قېتىم ئادىلە راستلا كەتكەن ئىدى. 
غۇلجىغا كېلىپ تېخى يېرىم ئاي بولمايلا ئادىلەنىڭ چاقىرىق خېتى كەلدى، تېخى ئاتا – ئانىسىغا قانمىغان ئادىلە مېڭىشنىڭ تەييارلىقىغا چۈشۈپ كەتتى.ئۇ  بىر ياقتىن ئاتا – ئانىسىغا چىدىماي بىئارام بولسا يەنە بىر ياقتىن بۇ پۇرسەتتىن خوش بولاتتى، ئەگەر چەتكە چىقمىغان بولسا ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭ خىزمەت ئىشىنى دەپ كىملەرگە يالۋۇتغان بولاتتى- ھە؟ ئۇلارنىڭ ئائىلە شارائىتىدا باشلىقلارغا ئارقا ئىشىك قىلىدىغان مادارى يوق ئىدى،ئادىلەمۇ ئۆزىنىڭ ئىشى ئۈچۈن ئاتا- ئانىسىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا خار قىلغۇسى يوق ئىدى. ئوقۇش پۇرسىتى بۇ مەسىلىلەرنى ۋاختىنچە ھەل قىلغان ئىدى، لېكىن ئاران ئانا يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ  يەنە يىراق سەپەرگە مېڭىشنى ئويلىسا ئادىلەنىڭ كۆڭلى يېرىم بولاتتى. خەير، ئامال يوق! 
قولىدا بىلەتنى تۇتۇپ ئايرۇپىلان ساخلاپ ئولتۇرغان ئادىلە تولىمۇ يالغۇزلۇق ھىس قىلىۋاتاتتى، بۇرۇن ئامىنە بار  بولغاچغا يات شەھەرلەرمۇ ئۆز يۇرتىدەك بولۇپ كېتىپتىكەن، مانا ئەمدى تېخى ۋەتەندىن چىقماي تۇرۇپ يالغۇزلۇق ھىس قىلىپ كېتىۋاتىدۇ ، ئامېرىكىغا بارغاندا قانداق قىلار؟ ئۇ شۇ خىياللار بىلەن خېلى ئولتۇردى، ۋقىت توشۇپ قالغان ئىدى، ئۇ ئىشىك تەرەپكە ماڭدى، ئىشىككە ئاز قالغاندا كەينىگە بۇرۇلۇپ ئىچىدە " خەير – خوش ،ۋەتەن" دىدى – دە ، ئۆزىنى رۇسلاپ مېڭىپ كەتتى. 
10 نەچچە سائەتلىق ئۇچۇشتىن كۈننىڭ نە كەچ نە كۈندۈزلىگىنى بىلەلمىگەن ئادىلە كۆزىنى ئېچىپ رادىئودىكى ئۇختۇرۇشنى دىققەت قىلىپ ئاڭلىدى،ئايرۇپىلان  سان- فرانسىسكوغا چۈشۈشكە تەييارلىنىۋاتقان ئىدى، ئادىلە جىددىلىشىپ نەرسىلىرىنى يىغۇشتۇرۇپ تەييار بولدى، ئۇ بەكلا جىددىلىشىپ كەتتى، ئالدىغا ئالغىلى چىقىدىغان فاكۇلتېت كاتىپىنى تونۇماي قالسا قانداق قىلار؟ گېپىنى ياخشى چۈشىنەلەرمۇ؟ قانداق ياتاققا ئورۇنلاشتۇرار؟ كىملەر بىلەن تۇرار؟  دەرسكە يېتىشەلەرمۇ؟ .... نۇرغۇن خىياللار سوئاللار ئۇنى قىينىغىلى تۇردى. " ۋاي بولدىلا، نىمە بولسا چوقۇم چىدايمەن، نىمانچە قورقىمەن؟ ئاللاھ بۇيرىسا چوقۇم كۆنۈپ كېتىمەن" ئۇ شۇنداق ئويلىدى- دە چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ دېرىزىدىن سىرتقا قارىدى، ئايرۇپىلان توختاش ئۈچۈن يورغىلاپ مېڭىشتىن توختاپ ،كىرىش ئېغىزىغا يېقىنلاپ كەلدى، يولۇچىلار چۈشۈشكە باشلىدى، ئادىلەمۇ ئاستا باشقىلارغا ئەگەشتى. ئۇ چىقىش ئىشىگىدىن چىقىۋېتىپ يىراقتىنلا يوغان تاختىغا يېزىلغان ئۆزىنىڭ ئىسمىنى كۆرۈپ شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدى. 
كاتىپ بەكلا يېقىملىق، خۇش- چاقچاق ئوتۇۇرا ياشتىكى ئايال بولۇپ، ئادىلەنى ماشىنىغا سېلىپ ياتاققا كەلگىچە ئالدىرىماي پاراڭ سېلىپ كەلدى، ئادىلە بىر ياقتىن ئۇنىڭ سوئالىغا ئاۋايلاپ جاۋاپ بەرسە يەنە بىر ياقتىن تالاغا ھەيرانلىق ئىچىدە قاراۋاتاتتى، نىمىدىگەن گۈزەل يەرلەردۇ بۇ؟ ئۇ ياتاققا بىر دەمدىلا كېلىپ قالغاندەك ھىس قىلدى،ياتاق مەكتەپكە يېقىن يەردىكى مەھەللىگە جايلاشقان بىنادا ئىدى، مەھەللىدىكى ئىگىز دەرەخلەر بۇ 3 قەۋەتلىك بىنادىن ئىگىز كۆرۈنەتتى،بىنا بەك يېڭى بولمىسىمۇ ناھايىتى پاكىز ھەم رەتلىك ئىدى، كاتىپ ئايال ئادىلەنى ئىككىنجى قەۋەتتىكى بىر ئۆيگە باشلاپ كىردى، ئۆي ئىچىدىن بويى ئىگىز بىر ئاق تەنلىك قىز چىقىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشتى، كاتىپ ئايال" بۇ ياتاقدىشىڭىز ئەمىلىي " دەپ تونۇشتۇردى، ئۇلار بىر دەم ئولتۇرغاندىن كېيىن كاتىپ ئايال كىلەر دۈشەنبىدە پىرافىسور بىلەن سائەت 9 دا كۆرۈشىدىغان ئىشلارنى تاپشۇرۇپ قايتتى، ئەمىلىي چېنىقىشقا بارىمەن دەپ چىقىپ كەتتى. ئادىلە ئۆي ئىچىنى كۆرۈپ چىقتى، ئىككى ياتاق ئۆيدە ئەمىلىي بىلەن ئادىلە تۇراتتى،بۇ ئۇنىڭ ئويلىغىنىغا پەقەتلا ئوخشىمىغان ئىدى، ئۇ ھىچ بولمىغاندا 4-5 قىز بالا بىللە تۇرارمىز دەپ ئويلىغان ئىدى،پاكىز ئاشخانىدا ھەممە نەرسىلەر تەييار ئىدى، مېھمانخانا ئۆيدە بىر كىرىسلو ،تېلىۋىزور بار ئىدى، ئۇ ئۇيان بۇ يان ئايلىنىپ كارۋىتىنى بىر ئاز ئوڭشىدى- دە ،يېتىپلا ئۇيقىغا كېتىپ قالدى.  
ئادىلە ئۆزىنىڭ چارشەنبە كەلگىنىدىن بەكلا خوش بولدى، ئۇ يەكشەنبىگىچە ئۇيقىسىنى ئاران تەڭشىگەن ئىدى،ئۆيىنىمۇ رەتلىۋالدى، ئۆينىڭ ئەتراپىنىمۇ خېلى بىلىپ قالدى، بۈگۈن تېخى ئەمىلىي بىلەن مەكتەپنىمۇ ئايلىنىپ كەلدى، ۋەتەندەكىدەك تومۇز يازنى بۇ يەردە كۆرگىلى بولمايتتى، بىر كۈننىڭ ئىچىدە ياكى شەھەرنىڭ ئوخشىمىغان يېرىدە ئوخشىمايدىغان تېمپېراتۇرىسى ئۇنى تولىمۇ ھەيران قالدۇردى. 
دۈشەنبە ئەتىگەندىلا ئادىلە تەييار بولۇپ پىرافىسور بىلەن كۆرۈشكىلى ماڭدى، ، ئۇ ئىشخانا ئالدىدا جىددىلىكىنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن بىر دەم چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ تۇرۇۋالدى،" مېنى قورقۇنۇشلىق قېرى دەپ جىددىلىشىپ بۇ يەردە تۇرۇپ قالدىڭىزمۇ؟ " دىگەن گەپتىن چۆچۈپ كەتكەن ئادىلە ئالدىدا تۇرغان دادىسى دىمەتلىك سالاپەتلىك ئادەمگە قاراپ تۇرۇپلا قالدى-يۇ، تېزلا "ياق- ياق !پىرافىسور!" دەپ ئالدىراپ جاۋاپ بەردى، پىرافىسور لاينىس ئۇنى ئىشخانىغا باشلاپ كىردى ، ئۇلار بىرەر سائەت سۆزلەشتى، پىرافىسور ئادىلەگە يېرىم يىل ئېنگىلىزچە كۇرستا ئېنگىلىزچىنى پىششىقلىغاندىن كېيىن ،بىر ياقتىن كەسپنىڭ دەرسلىرىنى ئالغاچ نەيە بەر ياقتىن تەجرىبىخانىدا تەجرىبە ئىشلەپ ماقالا يېزىشقا تەييارلىق قىلىشنى ئېيتتى، ئادىلە ھەممىگە ماقۇل بولۇپ قايتىپ چىقتى، ئۇ جان- جېنىنى تىكىپ تىرىشمىسا بولمايدىغانلىغىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلغان ئىدى. 
مانا تىل تەييارلىق دەرسىمۇ باشلىنىپ كەتتى، پۈتۈن كۈن دەرستە بولۇش،دەرستىن كېيىن تاپشۇرۇق ئىشلەش، چېنىقىشقا بېرىش،تاماق ئېتىش دىگەندەك ئىشلار بىلەن كۈنلەر ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، ئادىلەگە خۇددى ئامېرىكىنىڭ كۈنلىرى ۋەتەننىڭكىدىن تېزراق ئۆتىدىغاندەك بىلىنەتتى،پەقەت كارۋىتىغا چىققاندىلا ئۇ ئۇھ دەپ ئارام ئالغاندەك بولاتتى. بۈگۈن ئۇ سىنىپىدىكى پاكىستانلىق قىز ئائىشە بىلەن كېتىۋېتىپ ئۇنىڭ مەھەللىسىدىكى تونۇش بىر قىز بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى، ئائىشە ئۇلارنى ئاددىلا تونۇشتۇردى، ئۇ قىز ئاق پىشماق كەلگەن چىرايلىق تۈرك چىراي قىز ئىدى، ئۇ قىز ئادىلە دىگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى ۋە "قەيەردىن كەلدىڭىز؟" دەپ سورىدى، ئادىلە ئاددىلا جاۋاپ بەرگەن ئىدى، ئۇ قىز ھەيرانلىق ئىچىدە " سىز يېڭى كەلگەن ئوخشىمامسىز؟ بۇ يەردە بىلىشمەيدىغان ئۇيغۇرلار يوق ئىدى " دەپ ئۇيغۇرچە سۆزلىدى، بۇنىڭدىن ئادىلە ۋە ئائىشە ھاڭ- تاڭ قالدى، نادىيە ئىسىملىك بۇ قىز" مەن دەرستىن چۈشۈپ سىزنى ئىزدەي، كېچىكىپ قالدىم " دەپ كېتىپ قالدى. بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنى ئۇچرىتىپ قېلىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئادىلە دەرسنىڭ تۈگۈشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتى،سىنىپتىن چىقىپ بىر دەم ساخلاپ تۇرىشىغا نادىيە كەلدى، ئۇلار مەكتەپ قوراسىدىكى ئورۇندۇقتا خېلى پاراڭلاشتى. نادىيەنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئامېرىكىغا ئۇ 5 ياش ۋاختىدا كۆچۈپ كەلگەن ئىكەن، دادىسى بانكىدا ،ئاپىسى بولسا باشلانغۇچ مەكتەپتە ياردەمچى ئوقۇتقۇچى ئىكەن، ئاكىسى بۇلتۇر ئۇنۋېرسىتنى تۈگۈتۈپ تېخى يېقىندا بىر شىركەتتە ئىشلەۋېتىپتۇ، نادىيە تېخى بۇ يىل بۇ مەكتەپكە كىرىپتۇ، دوختۇر بولۇشنى بەك ياخشى كۆرگەچكە شۇنىڭغا تەييارلىق قىلىپ بىئولوگىيە كەسپىدە ئوقۇۋېتىپتۇ. نادىيە ئۇنىڭغا بۇ يەردە يەنە باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىغىنى ئېيتىپ بەردى،نادىيە ئادىلەنى شەنبە كۈنى ئۆيگە باشلاپ بارىدىغانلىغىنى ئېيتىپ خوشلاشتى. ئادىلە تولىمۇ خوش بولغان ئىدى، ئەمدى ئۆز تىلىدا مۇڭدىشىدىغان بىر دوستىنىڭ بولغىنىدىن خېلىغىچە ھاياجانلاندى. 
شەنبە كۈنى ئادىلە ئەتىگەن تۇرۇپ تەييارلىق قىلدى، بازارغا چىقىپ مىۋە- چىۋە سېتىۋالدى،يېڭى تونۇشقان يەرگە قۇرۇق كىرگىلى بولمايتتى –دە ئەلۋەتتە!  كىيىشكە پەقەت پۇرسەت چىقمىغان  چىرايلىق ئەتلەس كۆينىكىنى كىيىپ ،چېچىنى ئىككى تال قىلىپ ئۆرىۋالدى، ۋاقىت توشاي دىگەندە نادىيەنىڭ يېزىپ بەرگىنى بويىچە يولغا چىقتى. ئادىلە ئىشىك ئالدىغا كېلىپ قوڭغۇراقنى باستى،نادىيە ئىشىكنى ئېچىپ ئۇنى ئۆيگە باشلاپ كىردى. ئادىلە جوزىغا كېلىپ ئولتۇردى، ئاشخانىدىن نادىيەنىڭ ئاپىسى، ئۈستۈنكى قەۋەتتىن دادىسى  ۋە ئاكىسى چۈشتى. خالىدە ئاپپاي تولىمۇ مۇلايىم مېھرىبان ئايال ئىكەن، ئادىلەنىڭ ئېسىگە ئاپىسى كەلدى،كۆزىدىكى ياشنى چاندۇرماي يوقىتىۋەتتى، ئابلىكىم داداشمۇ خۇش چاقچاق ئادەم ئىكەن. پەقەت نادىيەنىڭ ئاكىسى فەررۇق جىمغۇر گەپ قىلمايدىغان بالىكەن، ئۇ كۆرۈشۈپ بولۇپلا ئۈستىگە چىقىپ كەتتى. ئادىلە بىر دەمدىلا ئۇلار بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى، ئۇ ئامېرىكىدىمۇ بۇنداق ئۇيغۇرچە ياسالغان ئۆينى كۆرەرمەن دەپ ئويلىمىغان ئىدى، ئوخشۇتۇلغان لەغمەن، كەينىدىن چىققان چۆچۈرە ئۇنى خۇددى ۋەتەندە تۇرۇۋاتقاندەك خىيالغا كەلتۈرۈپ قويدى، ئۇ كەچكىچە مېھمان بولۇپ قايتتى، بۇ كۈن ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كەلگەننىڭ ياقى ئەڭ خوشال ،ئەڭ كۆڭۈللۈك كۈنى بولۇپ قالغان ئىدى. 
 
    ئاخىرقى قارار 
 
مانا ھايت- ھۇيت دىگۈچە   3يېرىم  يىلمۇ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى، بۇ جەرياندىكى مۇشەقەتلىك كۈنلەر،تۈگەمەس سېغىنىشلار، تۆكۈلگەن ياشلارنى پەقەت ئادىلە ئۆزىلا بىلەتتى، لېكىن جاپانىڭ ھالاۋىتىمۇ يوق ئەمەس ئىدى، بۇلتۇر ئادىلەنىڭ ئاتا- ئانىسى ئۇنى كۆرۈش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كېلىپ 3 ئاي تۇرۇپ كەتتى، بۇ ئادىلەنىڭ ئەڭ چوڭ غەلىبىسى ئىدى، تېخى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىمۇ بېرىپ باقمىغان ئاتا- ئانىسىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ تۇرغۇزۇش،ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدىن خاتىرجەم قىلىش ئۇنىڭ مۇشۇ كۈنلەردىكى ئەڭ چوڭ ئۈمىدى ئىدى، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار چوڭلارنى بەس – بەستە ئۆيلىرىگە چاقىرىپ،ئۇيان – بۇ يانلارغا ئاپىرىپ ئايلاندۇرۇپ ئۇلارنى پەقەتلا زېرىكتۈرمىدى،فەررۇق ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئۇلارنى توشۇپ يۈردى،ئادىلەنىڭ ئاپىسى ماڭىدىغان چاغدا" ئوبدان بالا ئىكەن،چىڭ تۇتقىن" دەپ ئالاھىدە نەسىھەت قىلدى.گەرچە فەررۇق ھىچنىمە دىمىگەن بولسىمۇ ئادىلە ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن ئۇنىڭ قەلبىنى سېزەتتى، لېكىن ئۆزىنىڭ يۈرۈكىنى خېلى تىڭشاپ بېقىپمۇ بۇ بالىغا بولغان تەلپۈنۈشنى سېزەلمىدى،شۇڭلاشقىمۇ ئۇ فەررۇقنىڭ بۇ گەپنى چىقىرىپ قېلىشىدىن بەك ئەنسىرەيتتى، بۇ ئائىلە ئۇنىڭ ئۆز ئۆيىدەك بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئادىلە بۇ ئىش تۈپەيلىدىن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە كۆڭۈلسىزلىك ئېلىپ كېلىشنى پەقەتلا خالىمايتتى. 
بۇ يىل ئۇنىڭ ماقالىسى ئېلان قىلىندى، پروفىسور بۇ ئۇيغۇر قىزىدىن تولىمۇ مىننەتدار ئىدى، ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئەمەس ئىدى، بىر ياقتىن دەرس ئېلىپ، بىر ياقتىن مەكتەپنىڭ قەھۋەخانىسىدا ئىشلەپ،يەنە بىر ياقتىن تەجرىبە ئىشلەپ،ئېنگىلىز تىلىدا ئىلمىي ماقالا يېزىش خېلى – خېلى ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيتتى،گەرچە ماقالا ئادەتتىكى ژورنالدا ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ پىرافىسور لاينېس بۇ قىزنىڭ تىرىشچانلىغى،ئەستايىدىللىغى ماقالىنىڭ سۈپىتىدىن مۇھىم، مۇشۇلا روھ بولىدىكەن،كېيىنكى كۈندە ياخشى نەتىجە چىقىشقا كۆزۈم يېتىدۇ دەپ ئويلايتتى، ئۇ ئادىلەنى دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن يەنە 3 -4 يىل ئۆزىنىڭ يېنىدا تۇرغۇزۇپ تەربىيەلەش قارارىنى ئېيتتى. لېكىن ئادىلە بۇنۇڭدىن ئانچە خوشال بولمىدى،ئۇنىڭ دوختۇر بولغۇسى بار ئىدى، لېكىن ئامېرىكىدا دوختۇرلۇققا كىرىش تولىمۇ مۇرەككەپ ئىدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن بەك جىق ئوقۇش بەدەل كېتەتتى، يەنە ئەڭ تەس يېرى شۇكى، بۇ كەسپكە ئاساسەن ئامېرىكا گىراژدانلىرىنى ئالاتتى، باشقا دۆۋلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دوختۇرلۇق كەسپىگە كىرىش ئېھتىمالى يوق دىيەرلىك ئىدى. بۇ كۈنلەردە ئادىلە نەگە بېرىپ ،نەدە تۇرۇش كېرەكلىگى توغرىسىدا قاتتىق ئويلىنىۋاتاتتى. 
ئۇ كونا دوستى رايېن بىلەن بۇ توغرۇلۇق نەچچە قېتىم پاراڭلاشتى، رايېن ئۇنى بىرەر ئامېرىكىلىق بىلەن توي قىلسىڭىزلا مەسىلە ھەل بولىدۇ دەپ تېرىكتۈردى.ئۇ راست دىدىمۇ ياكى شۇنداق توغرا كېلىپ قالدىمۇ ،ئالدىنقى ھەپتە رايېننىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە تونۇشۇپ قالغان كەۋېن دىگەن بالا بۇ بىر ھەپتىنىڭ ياقى ئادىلە ئىشلەيدىغان قەخۋەخانىدا قەھۋە ئىچىدىغان بولىۋالدى، شەنبە كۈنى ئادىلە ئۇنى قەخۋەخانىغا كۆچۈپ كىردىمىكىن دەپ قالدى، كومپىيۇتېر ، تېلىفۇن،چۈشلۈك تاماق،ھەتتا گېزىت ژورناللىرىدىن تارتىپ جوزىغا قويۇپ،ئاياقلىرىنى يېشىپ پايپاق بىلەن خاتىرجەم ئولتۇرغان بۇ بالىغا قاراپ ئادىلە ھەيران قالدى،قارىغاندا بۇ ئاداش ئادىلە ئىشتىن چۈشكىچە تۇرىدىغانغا تەييارلىق قىلىپ كەلگەن چېغى!!ئۇ ئادىلەنىڭ ئوغۇل دوستۇم بار دىگىنىگە پىسەنتمۇ قىلىپ قويمىدى. ئادىلە بۇ ئىشتىن ئىچى پۇشۇپ نادىيەگە سۆزلەپ بەردى، ئۆزىدىن4-5  ياش كىچىك بولسىمۇ،نادىيە ئۇنىڭ سىرداش دوستى بولۇپ قالغان ئىدى. ئادىلە نادىيەنى خۇددى سىڭلىسىدەك ياخشى كۆرۈپ مۇئامىلە قىلاتتى. 
مانا بۈگۈنمۇ ئادىلە تەجرىبىخانىدىكى ئىشلىرىنى تۈگۈتۈپ ئىشلىگىلى كىردى، ئۇ كونا جايدا ئولتۇرغان كەۋېنگە بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپلا ئىشىغا كىرىشىپ كەتتى،ئۇنىڭ ئىشتىن چۈشۈپ بۇ بالا بىلەن ئۆي تەرەپكە بىللە ماڭغۇسى يوق ئىدى، ئىشتىن چۈشىدىغانغا 10 مىنۇتچە قالغاندا فەررۇق پەيدا بولۇپ قالدى،ئادىلە بۇنىڭدىن تولىمۇ ھەيران قالدى،فەررۇق بۇ يەرگە ئەزەلدىن قەھۋە ئىچكىلى كېلىپ باقمىغان ئىدى، ئۇ بىر ئىستاكان قەھۋە بۇيرۇتۇپ ئولتۇردى، ئادىلە ئىشتىن چۈشۈش ئۈچۈن ماڭغىنىدا فەررۇق ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۈرىسىدىن قۇچاغلاپ ئىككى مەڭزىگە سۆيۈپ كۆرۈشتى، نىمە بولغىنىنى بىلەلمىگەن ئادىلە ھاڭ- تاڭلا بولۇپ قالدى. 
---- چاندۇرماي ماسلىشىپ بېرىڭ، ئاۋۇ ئاداش قاراپ تۇرۇدۇ – دىدى  فەررۇق پىچىرلاپ. 
ئادىلەمۇ چاندۇرماي ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچە يوق گەپلەرنى دىيىشىپ سىرتقا قاراپ ماڭدى، كەۋېن تېزلا ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئادىلەگە: 
--- بۇ كىم ؟ ماڭا تونۇشتۇرمىدىڭىزغۇ؟ مېنىڭ ئىسمىم كەۋېن، مەن ئادىلەنىڭ دوستى – دەپ فەرۇۇققا قولىنى ئۇزاتتى. 
فەررۇق ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ--- مەن فەررۇق، ئادىلەنىڭ ئوغۇل دوستى – دىدى.  ئۇلار كۆرۈشكىنىمدىن خوش بولدۇم دىگەندەك سۆزلەرنى دىيىشىپ بولىشىغا فەررۇق ئادىلەنىڭ قولىنى تارتىپ چىقىپ كەتتى. ئارقىسىدىن قاراپ قالغان كەۋېنگە قاراپ ئادىلە كۈلۈپ سالدى. 
---- رەھمەت سىزگە!! مېنى بىر قۇتۇلدۇردىڭىز!!! 
---- ئەرزىمەيدۇ!!!--- فەررۇق غەمكىن كۆرۈنەتتى، تۇيۇقسىز ئۇ مېڭىشىدىن توختاپ سۆزلەپلا كەتتى.---- قاچانغىچە ھەممە ئىشنى ئۆزەم قىلىمەن دەپ جاپا تارتىسىز؟ نىمىشقا ياردەم سوراشنى بىلمەيسىز؟ مۇشۇ 3 يىلنىڭ ياقى تارتقان جاپالىرىڭىزغا قاراپ مەن چىدىيالماي قېلىۋاتىمەن. ئەمدى بولدى قىلىڭ!!! ھەممە ئىشنى ماڭا تاپشۇرۇڭ!! ماڭا يۆلىنىشنى ئويلىشىپ باقمىغانمىدىڭىز؟  
ئادىلە نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي قالدى. 
---- سىزنىڭ مېنى قانداق ئويلايدىغانلىغىڭىزنى بىلمەيمەن، لېكىن مېنىڭ سىزگە بولغان كۆڭلۈمنى بىلمەسسىزمۇ ؟ مەن سىزنى خوشال خورام بولسىكەن ،جاپا تارتمىسىكەن دەپلا  
  “ I love you!”ئويلايمەن، باشقا نىمە دىيىش كېرەكلىەىنى بىلەلمەيۋاتىمەن، بىراق بىرلا گەپنى دىگىم بار.--- ئۇ پىچىرلاپ دىگۈدەك بوش ئاۋازدا ئېنگىلىزچە قىلىپ " 
دىدى. ئادىلە جىممىدە تۇرۇپ قالدى، بۇ گەپلەر دىيىلمىسىكەن دەپ شۇنچە ئۈمۈد قىلغان بولسىمۇ ئاخىرى يەنە تېشىلدى، ئۇ نىمە دىيىشىنى بىلەلمەيۋاتاتتى،ئۇلار ئىشىك ئالدىغا كېلىپ قالدى، ئادىلە "رەھمەت، كەچلىگىڭىز خەيرلىك بولسۇن" دەپلا ئىشىك تەرەپكە ماڭدى.فەررۇق ئۇنىڭ قولىدىن كاپلا قىلىپ تۇتتى –دە ئادىلەنى ئۆزى تەرەپكە تارتتى، نىمە بولغىنىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە فەررۇق ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى. " مەن سىزگە ۋاقىت بېرەي، مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەڭ!" ئۇ توختىماي پىچىرلاۋاتاتتى. ئادىلە مىڭ بىر تەسلىكتە ئۆزىنى ئاجرىتىپ ئۆيىگە كىرىۋالدى. ئۆيگە كىرىپ ئىشىكنى چىڭ يېپىپ كارۋاتتا ئولتۇرۇپ قالدى، يېقىندا بەك جىق ئىشلار يۈز بېرىپ كەتتى، ئۇ كاللىسىنى قويۇپ بۇ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك ئىدى. بۇ كېچە نەچچە يىلنىڭ ياقى بولۇپ باقمىغان ئۇيقۇسىز كېچە بولدى. ئادىلە ئۇ يان – بۇ يانغا ئۆرۈلۈپ خىيال سۈرەتتى. فەررۇق ياخشى  تەربىيە كۆرگەن،مۆتىۋەر بالا ئىدى، ئادىلە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسا تېزلا ئامېرىكا گىراژدانلىقنى ئالالايتتى، دوختۇر بولۇش ئىستىكىمۇ رىياللىققا يېقىنلىشاتتى،ئاتا – ئانىسى بۇ يەرلىك، تۇرمۇشتا جاپا تارتمايتتى،خۇددى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسىلا ھەممە باش قېتىقچىلىغى ئاخىرلىشاتتى، لېكىن ئۇ فەررۇقنى سۆيەمدۇ؟ بۇ سوئال ئۇنى قىيناۋاتاتتى، سۆيمىسە نىمە بوپتۇ ؟ ئاۋال ئوقۇش ،تۇرۇش ئىشلىرىنى پۈتتۈرىۋالسا، ئىككى ئادەم بىللە بولغاندىن كېيىن ھىسسىياتنى كېيىنچە يېتىلدۈرسىمۇ بولىدىغۇ؟ئۆزىنىڭ يېشىمۇ چوڭ بولۇپ كەتتى، ئەمدى پۇرسەتنى چىپ تۇتمىسا، كېيىنچە توي قىلىدىغانغا بۇ يەرلەردە ئادەم تاپماقمۇ تەس بولىدۇ ، ھىسسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ جاپا تارتقانلىرى ئازمۇ ؟ئۇ ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە خىيالى يەنە بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا كەتتى.  3 يېرىم يىل شۇنچە ئالدىراش بولۇپ كونا ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىشكە شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ يۈرۈگىنىڭ بىر پارچىسى ھەممىنى ئۇنتۇشقا يول قويمايتتى، ئۇ دائىم ئۆزىگە" ئىليار ئاللىقاچان توي قىلىپ بالىلىقمۇ بولۇپ بولغاندۇ" دەپ ئۇنى ئويلىماسقا تىرىشاتتى، لېكىن ھەر قېتىم ئامىنە بىلەن سۆزلەشكەندە چاندۇرماي ئۇنىڭ دېرىكىنى قىلاتتى. دوستىنى ئوبدان بىلىدىغان ئامىنە نەچچە قېتىم ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكىلەر بىلەن ئالاقىسى يوقلىغىنى، ئىليارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلمەيدىغانلىغىنى ئېيتقان ئىدى. 
مانا مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ كېلەچىگىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ۋاقىتتا ئۇ يەنە شۇ تۈگىمەس ئىليارنى ئويلاۋاتقان ئىدى. قارىغاندا ئۇ كونا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلمىغۇچە يېڭى ھاياتقا قەدەم تاشلىيالمايتتى،ئەگەر ئۇ مۇشۇنداقلا فەررۇقنىڭ تۇرمۇشىغا كىرسە فەررۇققا ئۇۋال قىلغان بولاتتى، شۇڭا ئادىلە ۋەتەنگە قايتىپ بۇ تۈگۈمەس ھىسسىياتىنى پۈتۈنلەي بىر تەرەپ قىلىپ يېڭى بىر ھالەتتە فەررۇق بىلەن يېڭى تۇرمۇش باشلاشنى قارار قىلدى.  
مانا بۈگۈن ئۇ پىرافىسسور لاينېس بىلەن بۇ پىلان توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتاتتى. نەچچە يىلنىڭ ياقى دادىسىدەك بولۇپ كەتكەن بۇ ئادەم يەنىلا ئادىلە ئۈچۈن يول ئىزدەۋاتاتتى. 
--- بوپتۇ، ۋەتەنگە قايتىپ كۆرۈپ بېقىڭ،شىنجاڭ تىببى ئۇنىۋېرسىتىدىكى پىرافىسسور  جاڭ بىلەن بىرگە تەربىيىلەش پىروجەكت بار ئىدى، ئۇنىڭ  قول ئاستىدا بىر ياقتىن كىلىنىكتا تۇرۇپ ،بىر ياقتىن تەجرىبىخانىدا تۇرۇپ  يېرىم يىل ئىشلەپ بېقىڭ، ئەگەر ئۇ يەردە قالغىڭىز بولسا  دوكتۇرلۇقنى شۇ يەردە تۈگىتىپ ،دوختۇر بولۇپ ئىشلىسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر قايتىپ كەلگىڭىز بولسا بۇ يەردە مېنىڭ قولۇمدا دوكتۇرلۇقنى تۈگۈتۈشكە تەجرىبىخانىدا ئىشلەپ ماقالە يازىسىز، دوختۇر بولۇش ئىمكانىيىتىڭىز يوق – دىدى. 
بۇ تولىمۇ ياخشى پىلان بولغان ئىدى، ئادىلەگە لازىمى دەل مۇشۇ يېرىم يىل ئىدى، يۇرتىغا قايتىپ، ئازراق ئىشلەپ قەلبىنى ياخشى تىڭشاپ بېقىپ ئاندىن يە شۇ يەردە قېلىپ ئاتا- ئانىسىنى رازى قىلار ،ياكى بولمىسا ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىپ باشقىچە ياشار!! بۇ ئاخىرقى قاراردىن ئۇ تولىمۇ رازى بولدى، لېكىن فەررۇقنىڭ كۆڭلى بەك يېرىم بولدى، ئۇ بۇ ئىككى كۈننى خۇددى ئىككى يىلدەك ئۆتكۈزۈپ ئادىلەنىڭ قارارىنى ساخلىغان ئىدى، خەير، ئادىلەگە بۇ ۋاقىت مۇھىم بولغان بولسا ،بوپتۇ، ياخشى ئويلۇنۇپ كەلسۇن.ئۇ ساخلاشقا رازى ئىدى.  
 
ئۇچرۇشۇش 
 
غۇلجىغا قايتىپ كەلگىلى تېخى بىر ھەپتە بولمىغان ئادىلە، كۈندە ئۆزىنى يوقلاپ كېلىۋاتقان ئۇرۇق – تۇققان، خوشنا – خۇلۇم، ساۋاغداشلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئالدىراش ئىدى، غۇلجا دىگەن ئاجايىپ مېھرى ئىسسىق جاي جۇمۇ!! ئادەملىرىنىڭ ئاق كۆڭۈللىكى ئۇنى بەك تەسىرلەندۈرەتتى،مەھەللىسىدىكى  كۆرۈپ باقمىغان  كىشىلەرمۇ ئۇنى يوخلاپ ئۆيلىرىگە چاقىرىپ ئاۋارە بولاتتى، ھەتتا يىراق سەھرادىكى تۇققانلىرىمۇ ئۇنى ئۆيلىرىگە چاقىرىۋلغان ئىدى، بىچارە سەھرالىىق تۇققانلىرى تاپقانلا ھەممە نەرسىلىرىنى قويۇپ ئۇنى مېھمان قىلاتتى.مۇشۇنداق مېھرىبانلىققا، ئاقكۆڭۈللۈككە تولغان يۇرتىنى ئۇ قانداقمۇ سېغىنمىسۇن؟  
ئامىنە ئىككى ياشقا كىرگەن ئايدىننى ئېلىپ ئۇنى يوخلاپ كەلگەندىلا ئادىلە ئۆزىنىڭ چوڭ بولۇپ كەتكىنىنى ھىس قىلدى، كىچىك ئايدىن شۇنچىلىك تاتلىق ئىدىكى، ئادىلەنىڭ ئاپىسىنى نەچچە قېتىم" مېنىڭمۇ قاچان مۇشۇنداق نەۋرەم بولار " دىگۈزىۋەتتى.ئىككى كونا دوست نەچچە كۈن تازا مۇڭداشتى،ئامىنە تۇرمۇشىدا خاتىرجەم، خىزمىتىدە خوشال ئىدى. بۇ ئادىلەنى بەكلا خاتىرجەم قىلدى. 
بىر ئاي ئۆيگە تازا قانغاندىن كېيىن، ئادىلە ئۈرۈمچىگە قاراپ يول ئالدى، پويۇز ئىستانسىسىدىن باشقا يەرنى بىلمەيدىغان ئادىلە ئۈرۈمچىنىڭ بۇنداق چوڭ ھەم چىرايلىق ئىكەنلىگىنى ئەمدىلا ھىس قىلدى، ئۈرۈمچىدە ئۇنىڭ تونۇشى يوق دىيەرلىك ئىدى، لېكىن  چوڭ مەسىلە ئەمەس ئىدى، ئۇ ئاللىقاچان يالغۇزلۇق بىلەن يېقىن دوست بولۇشنى ئۈگىنىۋالغان ئىدى. تىببى ئۇنىۋېرسىتى  ناھايىتى چوڭ مەكتەپ بولۇپ، ھەممىلا ئادەم ئالدىراش ئىدى، ئادىلەمۇ تېزلا بۇ سەپكە كىرىپ كەتتى. ئۇ دۈشەنبە، چارشەنبە كۈنلىرى  پىرافىسسور بىلەن بىللە ئامبۇلانسىدە كىسەل كۆرەتتى، قالغان كۈنلىرى تەجرىبىخانىدا تەجرىبە ئىشلەيتتى ياكى بالنىستتا  ئىشلەيتتى،كەچلىرى  كۈتۈپخانىدا ماقالىسى ئۈچۈن ماتىريال كۆرەتتى. 
سېنتەبەرنىڭ ئوچۇق ھاۋاسى تولىمۇ راھەت ئىدى، ئادىلە دوختۇرخانا يېنىدىكى بالىلار باغچىسىغا كىرىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بىر ياقتىن ئاپتاپتىن ھوزۇرلىنىپ يەنە بىر ياقتىن كىتاپ ۋاراقلاپ ئولتۇرۇشنى ھاياتنىڭ پەيزى دەپ ئويلايتتى،دىمىسىمۇ بۇچوڭ شەھەردە،بۇنداق ئالدىراش ئادەملەرنىڭ قانچىسى قەدىمىنى توختۇتۇپ ئاپتاپنىڭ پەيزىنى سۈرۈدۇ؟  . بۇ ئۇنىڭ شەنبە يەكشەنبە قىلىدىغان ئىشلىرىنىڭ بىرسى بولۇپ قالغان ئىدى.ئارىلاپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر ئۇنىڭغا قارىشىپ قوياتتى ،ئادىلە بەزىدە "  يالغۇز ئولتۇرۇپ كېتىزسىزغۇ خان ؟ " دىگەن ياش بالىلارغا " .ئولتۇردۇم شۇ ،ساقام! " دەپ كۈلۈپ قوياتتى.  ئۇ يەردىن قايتىپ دوختۇرخانا ئەتراپىدىكى كىچىك بىر قەھۋەخانىغا كىرىپ كاپپىچىنودىن بىرنى ئىچىۋېتىپ چىقىپ كېتەتتى، قىززىق!  قاچاننىڭ ياقى بۇ قەھۋەنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنى ئېسىدە يوق، ئىشقىلىپ ئۇنىڭغا بەك تېتىپ كېتىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى، ئەسلىدە تەمى ئۆزگىچە  بولغاچقا ھېلىقى غوجام ياخشى كۆرەتتىكەندە  دەپ ئويلاپ قوياتتى ئۇ قەھۋە ئىچىپئولتۇرۇپ . ئىككى كۈتكۈچى قىزنىڭ " چىرايىغا قارىسا شۇنداق كېلىشكەن، پۇلى يوقمىكىن دىسە كىيىۋالغىنى داڭلىق ماركا، پۇل ئالمايدىغان لېمون سۈيىنى ئىچىپ چىقىپ كېتىدىغىنىدىن ھەجەپ زېرىكتا كىشى!" دەپ كوتۇلدىشىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ قالدى. ئادىلەنىڭ كۆڭلى جىغغىدە قىلىپ قالدى،ئۆزىنىڭ لېمون سۈيى ئىچىدىغان ۋاقىتلىرى كۆز ئالدىغا كەلدى. 
قەھۋەخانىنىڭ ئوڭ يېنىدا ماشىنا ساخلاپ تۇرغان ئىليار نىمىشكە بۇ تەرەپكە كەلسىلا بۇ قەھۋەخانىغا كىرىپ لېمون سۈيى ئىچىپ چىقىپ كېتىدىغانلىغىغا ئۆزىمۇ ھەيران ئىدى، قارىغاندا ئۇنىڭ كاللىسى دوختۇرخانا،دوختۇر، قەھۋە،لېمون سۈيى  دىگەندەك نەرسىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمايۋاتقان ئوخشايدۇ،ياكى ئۇ دوختۇرخانىنىڭ يېنىدىكى قەھۋھخانىدا لېمون سۈيى ئىچسەم، دوختۇر قىز (ئادىلە) نىڭ ئۇچراپ قېلىش نىسبىتى يۇقۇرى بولىدۇ دەپ ئويلامدىكىن؟ لېكىن بۇ نىسبەت بەكلا تۆۋەن ئىدى، ئادىلە ئەمدى ئۇنىڭغا ئۇچرىمايدۇ! بۇ 4 يىل جەريانىدا ئادىلەنىڭ ئىز – دېرىگىنى خېلى قىلىپ باقتى، ئۇ خېنىم پارغا ئايلانغاندەكلا يوقاپ كەتكەن ئىدى، بىردىن – بىر ئالاقا قىلىدىغان ئادىمى ئامىنە ئىدى، لېكىن ئامىنەمۇ توي قىلغان بانادا يوقاپلا كەتتى، ئۇنىڭ يە تېلىفۇنىنى، يە چىچى نومۇرىنى ،يە ئۈندىدار نومۇرىنى ھېچكىم بىلمەييتتى. ئىليار تېخى غۇلجىغا ئۇ ئىشلەيدىكەن دەپ ئاڭلىغان دوختۇرخانىغىمۇ بېرىپ باققان ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئۇنى بالا تۇغۇپ ئۆيدە دەم ئېلىۋاتىدۇ دەپ يولغا سېلىپ قويدى، ئېرىدىن تاياق يىمەسلىك ئۈچۈن ئۆيىگە بارالماي قايتقان ئىدى. 
مانا 4 يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ، ئۇنىڭ ئۆيدىكىلىرى ئۇنى توي قىلىشقا قىستاپ ھېچ ھالىنى قويمايۋاتاتتى، كېلەر يىلى 6 – ئايدا نەدىن بولمىسا توي قىلىسەن دەپ ئاخىرقى مۇھلەت بېرىلگەن ئىدى، بۇ4 يىلنىڭ ياقى  ئۇنىڭ كۆپ قىسىم دوستلىرى توي قىلىپ بولدى، لېكىن ئىليار پەقەت قىزلارغا قىزىقمايدىغان بولۇپ قالدى، ھەممە قىزلار ئۇنىڭغا بىر خىللا كۆرۈنەتتى، گەپ سۆزلىرى قۇلىقىغا خوش ياقمايتتى، تېخى ئالدىنقى ھەپتىسى نەۋرە سىڭلىسى" بۇنداق يۈرۈۋەرسەڭ دۇنيادا قىز قالمايدۇ" دەپ ئۆزىنىڭ بىر دوستىنى تونۇشتۇرۇپ قويدى، بوپتۇلا، ھامىنى قىلىدىغان توي بولغاندىن كېيىن كىم بىلەن قىلسام ئوخشاشقۇ دەپ بۇ قىز بىلەن  بۈگۈن كۆرۈشۈش ئۈچۈن بۇ تەرەپكە ئۆتكەن ئىدى، ۋاقىت سەل بالدۇر بولغاچقا بۇ تونۇش  قەھۋەخانىغا كىرىپ ئولتۇردى، بىر ئىستاكان لېمون سۈيىنى ئالدىرىماي لەززەت قىلىپ ئىچكەچ تېلىفۇنىغا قاراپ ئولتۇردى، قاچاندىن تارتىپكىن ئۇ كاپپىچىنۇ ئىچمەيدىغان بولۇپ قالدى، ئۇنىڭغا لېمون سۈيى تېخىمۇ تېتاتتى، خۇددى ئادىلە ئېيتقاندەك  ئۇنى ئىچكەنسېرى تەمىنى ئۇنتۇماق تەس ئىدى.  
---  ھېلى كاپىچىنو خان كىرىدۇ، ئۇ قەھۋەسىنى ئىچىپ بولسا ،بىزمۇ ئاستا ئىشتىن چۈشۈشكە تەييارلىق قىلساق بولىدۇ.--- دىدى كۈتكۈچى قىزلارنىڭ بىرسى ئاستىراق ئاۋازدا. 
---- بۇ شەنبە يەكشەنبىدە ھەممە ئادەم توي – تۆكۈن، چاي نىڭ ئالدىراشلىغىدا يۈرسە بۇ يەردە كاپىچىنۇ ئىچىپ ئولتۇرغانغا قارىغاندا توي قىلالمىغان قېرى قىز ئوخشايدۇ --- دىدى يەنە بىرسى. 
---- شۇ، ئۇ چوقۇم يىشۇيۇئەننىڭ جىق ئوقۇۋەتكەن دوكتۇرلىرىدۇ  شۇ ؟ قىز بالا دىگەن جىق ئوقۇۋەتسە ئاشۇنداق ئادەم ئالمايدۇ ---- ئۇلار باشقا پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. 
ئىليارنىڭ كۈلكىسى قىستىدى، ئۇ بۇ قىزلارنىڭ ئۆزى چىقىپ كەتكەن ھامان " لېمونجان " دەپ كەينىدىن گەپ قىلىدىغىنىنى بىلىپ تۇراتتى، بوپتۇ، نىمە دىسە مەيلى، بۇمۇ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشۇنىڭ بىر قىززىقچىلىغى، لېكىن ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدا ھەتتا مۇشۇنچىلىكمۇ قىززىقچىلىق يوق،كۈنلەرنىڭ بىر خىلدا ئۆتۈشى بەزىدە ئۇنى زېرىكتۈرەتتى.  
بۈگۈن ئەتىگەندىن تارتىپلا كىسەل بەكلا كۆپ ئىدى، ئادىلە پىرافىسورىغا ياردەملىشىپ ،كىسەل تارىخى يېزىپ، قان بېسىمى ئۆلچەپ، دورا يېزىپ دىگەندەك ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولدى، چۈشلۈك دەم ئېلىشتا بالنېستقا بېرىپ ياتاقتىكى كىسەللەرنىڭ يېزىشقا تېگىشلىك  نەرسىلىرىنى يېزىۋېتىپ ،كىسەللەرنى بىر قۇر يوخلىۋېتىپ چۈشتىن كېيىن يەنە ئامبۇلاتورىيەگە قايتىپ كېلىپ كىسەل كۆرۈشكە باشلىدى. ئۇ ئارىلىقتا سىستىراغا بىر كىسەلنىڭ ئىشىنى تاپشۇرغىلى چىقىپ ،كىرىۋاتقاندا زالدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بىرەيلەننى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى،ئۇنىڭ يۈرۈگى گۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلىدى، ئۇ توغرا كۆرگەن ئىدى، ئادىلەنىڭ يۈرۈگى ھەرگىزمۇ خاتا تونۇمايدۇ، بېشىنى ساڭڭىلىتىپ تېلىفۇنغا قاراپ ئولتۇرغان ئۇ بالا دەل ئىليار ئىدى. ئادىلە ئىشخانىغا قانداق قايتىپ كىرگىنىنى بىلمەيلا قالدى، يۈزلىرى قىزىپ قوللىرى ئۆزلۈكسىز تىترەۋاتقان ئىدى. 2-3 كىېسەلدىن كېيىن سىستىرا قىز ئىليارنى باشلاپ كىردى،ئادىلە ماسكىسىنى تېزلا تارقىۋالدى، ئىليار جاڭ پىرافىسسور بىلەن باش ئاغرىغى توغرىلىق سۆزلەشتى. پىرافىسسور بۇ قېتىم ئەڭ ياخشىسى مىڭە   تومۇرلىرىنى تەكشۈرۈتۈپ  بېقىشنى تاپىلىدى  ۋە ئادىلەنى قان بېسىم ئۆلچەشكە بۇيرىدى. ئادىلە تىترەۋاتقان قوللىرىنى تەسلىكتە كونتۇرول قىلىپ قان بېسىم ئۆلچەشكە باشلىدى، ئۇنىڭ قولى ئىليارنىڭ  بېلىكىگە تەككەندە پۈتۈن ۋۇجۇدى تىترەپ كەتكەندەك بولدى، شۇنچە يىللار بويى سېغىنىپ ،تولا ئويلاپ چىرايى خىرە بولۇپ قالغان ئىليار كۆز ئالدىدا تۇرۇپتۇ، ئۇ يەنىلا شۇنچە كېلىشكەن، قارا قاشلىرى ئاستىدىكى بۇ بىر جۈپ كۆز يەنىلا شۇنداق جەلپكار ئىدى، لېكىن ئۇ ئاللىغاچان توي قىلىپ باشقا بىرسىنىڭ سۆيگىنى بولۇپ بولغاندۇ – ھە ؟ ئۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ، ئۇنى بىر  كۆرۈشمۇ ئادىلەگە بەك كۆپ قانائەت ئېلىپ كىلەتتى، ئادىلە شۇنداق جىق خىياللارنى قىلىپ ئۈلگۈردى.  
ياش بىر قىزنىڭ ئۆزىنىڭ بېلىكىنى تۇتقانلىغىدىنمۇ ياكى جىددىلەشكەندىنمىكىن ئىليارنىڭ يۈرۈگى سېلىۋاتاتتى، ئۇ دوختۇر قىزغا كۆزىنىڭ قۇيرىغىدا قاراۋېتىپ قىزنىڭ بوينىدىكى تونۇش قارلىغاچقا كۆزى چۈشۈپ قالدى، ئىليارنىڭ كاللىسى بىردىنلا پىرقىراپ كەتتى، يېنىدا نەچچە ئاي ساخلاپ ئاخىرى ئادىلەنىڭ بوينىغا تاقاپ قويغان ئۇ قارلىغاچنى ئۇ ھەرگىزمۇ خاتا تونۇپ قالمايتتى، ئۇ ھەيرانلىقتا تۇرۇۋاتقاندا ئادىلەنىڭ " دورىنى بالىلارنىڭ قولى يەتمەيدىغان يەرگە قويۇپ قويۇڭ، خەتەرلىك " دىگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدى، بۇ ئاۋازنى ئاڭلىمىغىلى شۇنچە ئۇزاق بولغان بولسىمۇ ئۇ خاتالاشمايتتى. " مەن تېخى توي قىلمىغان، بالام يوق" دىدى ئىليار ئۇ قىزغا قاراپ تۇرۇپ، قىز بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي" ھە "  لا دەپ قويدى، ئىليار دورا ۋە تەكشۈرۈش  قەغىزىنى ئېلىپ رەھمەت ئېيتىپ چىقىپ كەتتى.  
ئادىلەنى ئاجاياپ غېرىپلىق باستى، قارىغاندا ئىليار ئۇنى تونىمىغان ئىدى، "توۋا، كۆز تونىمىسىمۇ يۈرەك تونۇيدىغان!!ئەجىبا ئۇ مېنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەنمىدۇ ؟" ئۇنىڭ كۆڭلى  يېرىم بولدى ، لېكىن يەنە بىر ياقتىن ئۇنىڭ توي قىلمىغىنىغا ئىچىدىن  خوشال بولۇۋاتاتتى. ئاخىرقى كېسەلدىن كېيىن ئادىلە ئىشخانىدا بىر دەم يالغۇز قالدى، ئۇ بۈگۈن كۆرگەن ئىليارنى خىيال قىلىۋاتاتتى،ئۇنىڭ ئۆزىنى تونالمىغىنىدىن كۆڭلى يېرىم بولۇۋاتتى، ئىليار ئۇنىڭ ۋەتەنگە قايتىشىدىكى مۇھىم سەۋەبنىڭ بىرسى ئىدى، ئەمدى نىمە قىلىش كېرەك ؟ ئۇنى ئىزدەش كېرەكمۇ؟ قانداق؟ياكى مۇشۇ كۆرۈشۈش بىلەن ئاخىرقى رىشتىسىنى ئۈزۈپ فەررۇققا قايتىشى كېرەكمۇ ؟ ئۇ خېلى ئولتۇرغاندىن كېيىن سىرتقا قاراپ ماڭدى. 
دوختۇر ئىشخانىسىدىن ئارانلا تالاغا چىقىۋالغان ئىليار دورىسىنىمۇ ئالماي بىنانىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقنىڭ بىرىدە ئامبۇلاتورىيەنىڭ ئىشىكىگە قاراپ ئولتۇردى، تەغدىر دىگەن ئاجايىپ بولىدىكەن، ئۇ ئەسلىدە دوختۇرخانىغا پەقەت دورا ئېلىش ئۈچۈنلا كەلگەن ئىدى، نومۇر ئېلىۋېتىپ پىرافىسسور جاڭنىڭ نومۇرى بارلىغىنى بىلىپ قالدى، خېلىنىڭ ياقى بۇ دوختۇرغا كۆرۈنەلمەي يۈرەتتى، شۇڭا كۆرۈنۈپ كېتەي دەپ ئۇنىڭ نومۇرىنى ئالغان ئىدى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ يەردە ئادىلەنى ئۇچراتتى،ئۇ خاتا تونۇپ قالمىغاندۇ – ھە؟ ياق، كۆزى خاتا تونىسىمۇ يۈرۈگى ھەرگىزمۇ خاتا تونۇمايدۇ،ئۇ ئۆزىگە ئىشىنەتتى، ئىليار شۇ ئولتۇرغىنىچە دوختۇرلار ئىشتىن چۈشكىچە ئولتۇردى،لېكىن ئادىلە كۆرۈنمەيتتى،ئەجىبا بۇ بىنادىن چىقىدىغان باشقا ئىشىك بارمىدۇ ؟ ئىليار جىددىلىشىشكە باشلىدى، ياق ، ئۇ ئادىلەنى بۈگۈن كۆرمىسە قەتئى بولمايدۇ ، كېچىچە ساخلىسىمۇ پۈتۈن دوختۇرخانىنى ئارىلاپ چىقسىمۇ ئۇنى چوقۇم تاپمىسا  بولمايدۇ. ئىليار نىمە قىلارىنى بىلەلمەي ئولتۇرغاندا بىنادىن مېڭىپ چىقىۋاتقان بىرسىنى كۆرۈپ قالدى،چوڭ دولقۇن چېچىنى  مۈرىسىگە چۈشۈرىۋالغان بۇغداي   ئۆڭ تونۇش چىراي تولىمۇ جەلپكار بولۇپ كەتكەن ئىدى.ئۇچىسىغا كۆك رەڭ  گاچا يەڭ كۆينەك، پۇتىغا ئوتتۇرا پاشنا قارا ئاياق ،قولىغا قارا خۇرۇم سومكا كۆتۈرۈپ غەمكىن كۆزىنى يىراققا تىكىپ مېڭىپ كېلىۋاتقان ئادىلە ئىليارنىڭ كۆزىگە ئاجايىپ گۈزەل كۆرۈنۈپ كەتتى، ياق، ئۇ گۈزەل كۆرۈنۈپ كەتمىدى بەلكىم راستلا گۈزەل بولۇپ كەلكەن ئىدى، ئىليار سەكرەپ تۇرۇپلا ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. 
---- ئادىلە!! 
تونۇش ئاۋازدىن چۆچۈپ كەتكەن ئادىلە ئالدىدا تۇرغان ئىليارغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى. 
---- بىللە تاماق يەپ كىرسەك يولدىشىڭىشنىڭ ئاچچىغى كېلىپ كېتەرمۇ ؟ ---- ئىليار ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن سۆزلەۋاتاتتى. ئادىلە ئىككى سېكونت تۇرىۋېتىپ  
---- مەن تېخى توي قىلمىدىم --- دىدى.  
ئىليارنىڭ چىرايى ۋاللىدە ئېچىلدى، ئۇلار گەپ قىلىشماي دەرۋازىدىن چىقىپ ئوڭغا بۇرۇلدى. دوختۇرخانا ئالدىدىكى بۇ يول دۇكانلار،ئالدىراپ مېڭىۋاتقان ئادەملەر، ئۇنى – بۇنى سېتىۋاتقان سېتىقچىلار بىلەن قايناق ئىدى.  دەرۋازىدىن چىقىپلا ئىليار ئادىلەنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى،ئادىلە چۆچۈپ ئۆزىنى تارتىپ  
--- نىمە قىلىۋاتىسىز ؟ --- دەپ سالدى 
----- ئالدىنقى قېتىم قولىڭىزنى قويۇۋېتىپ 4 يىل پۇشايمان قىلدىم، بۇ قېتىم ھەرگىزمۇ قويۇۋەتمەيمەن!!! ---- دىدى ئىليار ئۇنىڭ قولىنى تېخىمۇ چىڭ سىقىپ تۇرۇپ. ئادىلەنىڭ كۆزىگە لىققىدە ياش تولدى ، ئۇلار قولىنى تۇتۇشۇپ مېڭىۋەردى، ھېچكىممۇ نەگە بېرىشنى بىلمەيتتى،ئۇلار پەقەت يولنىڭ تۈگەپ كەتمەسلىگىنىلا ئويلاۋاتاتتى. 
 
خوشاللىق خاتىمە 
 
ھىچكىم بىلەن توي قىلمايمەن دەپ يۈرۈۋاتقان ئىليارنىڭ تۇيۇقسىزلا" 12- ئايدا توي قىلىمەن" دىيىشى ئۆيدىكىلەرنى گاڭگىرىتىپ قويدى،ئىليارنىڭ  بۇ نەچچە ھەپتىدىكى ئۆزگىرىشى ئۇلارنى ھەيران قالدۇرىۋاتاتتى، ئۇ كۈندە خوشال كۆرۈنەتتى، ئۆيدىن چىقماي كىرىسلودا سوزۇلۇپ تېلىۋىزورغا قاراپ ئولتۇرىدىغان ئىليار تۇيۇقسقزلا ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئىشتىن كېلىپلا مونچىغا چۈشۈپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئالدىراپ چىقىپ كېتەتتى.،شەنبە ،يەكشەنبىدە ئۇنىڭ قاچان چىقىپ كەتكىنىنىمۇ بىلگىلى بولمايتتى.ئۇ ئانىسىنى غۇلجىغا چاي ئاپىرىشقا ئالدىراتتى، ئۇنىڭ غۇلجىدىن قىز ئالىدىغىنىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئاتا- ئانىسى بىرنىمە دەي دىدى – يۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇنداق  خوشاللىغىنى بۇزۇشنى زادىلا لايىق تاپمىدى. مانا غۇلجىنىڭ تەييارلىغى پۈتۈپ ئۇلار يولغا چىقتى. 
ئىليار ئۆزىنىڭ ئادىلەنى تېپىۋالغىنىدىن بەكلا خوشال بولدى، ئۇ تىببى ئۇنىۋېرسىتىڭ يېنىدىلا يۈرۈيدىغان بولۇپ كەتتى، ئادىلە بىلەن تۈگىمەس پاراڭ قىلىش ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىغى بوپ قالغان ئىدى، ئۇ ئادىلەگە تويماي قارايتتى، توۋا، قىز بالا دىگەن ئاجايىپ ئۆزگىرىدىكەن ھە! بۇ مەتۇگۈل ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ گۈزەل قىزلىرىدىنمۇ گۈزەل كۆرۈنەتتى، زىلۋا بەدەن، ئۇزۇن بۈدۈر چېچى، چىرايلىق يارىشىملىق كىيىملىرى ئىشقىلىپ ھەممە نەرسە باشقىلاردا يوقتەكلا ئالاھىدە كۆرۈنەتتى.ئىليار ئادىلە بىلەن تۇنجى كۆرۈشكەن كۈنىلا "بىز كىلەر ئايدا توي قىلايلى" دەپ ئادىلەنى چۆچىتىۋەتكەن ئىدى، ئادىلە ئامېرىكىدىكى ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ ئۇنىماي تۇرۇۋالدى. ئىليار "ھەممە ئىشنى مۇشۇ يەردە قىلىڭ ، كېتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ "  دەپ يالۋۇرغاچقا ئادىلە ماقۇل بولدى، بۇ ئىليارنى خېلى خاتىرجەم قىلدى. نىمىشقىدۇر ئادىلەنى چىڭ تۇتۇۋالمىسا كېتىپ قالىدىغاندەكلا  ھىس قىلاتتى. ئۇ ئەمدى ئادىلەنى ھەرگىزمۇ قويۇۋەتمەيتتى.  
ئادىلە ئىليار بىلەن بەك تېز تەرەققى قىلىپ كېتىۋاتقىنىنى ھىس قىلىپ ئۆزىنى تارتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ بۇ ناھايىتى تەسكە توختاۋاتاتتى، ئىشتىن چۈشۈپلا ئىشىككە قارايتتى، ئىشلىسىمۇ ،كىسەل كۆرسىمۇ ئىشقىلىپ ھەر ۋاقىت ئۇنى سېغىنىپلا تۇراتتى، ئىككىسىنىڭ تۈگىمەس گېپىگى سېغىناتتى، بىر – بىرىگە قانماي قۇچاقلىشىش، سۆيۈشۈشلەر ئۇنى ئىلياردىن ئايرىلالماس قىلىپ قويۇۋاتاتتى، ئەمدى توي قىلماسلىققا ئۆزىمۇ چىدىمايتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ شۇنچە يىلللاردىن بېرى ئىليارنىلا سۆيۈپ پەقەت ئىليارنىلا ساخلىغانلىغىنى چوڭقۇر بىلىپ يەتتى، ياق، ئۇ ئەمدى ھەرگىزمۇ ئىلياردىن ئايرىلمايدۇ!!!ئىليار ئۇنىڭ بىردىن – بىر شاھزادىسى !!! گەرچە فەررۇقنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتكەن بولسىمۇ ،لېكىن ئۇ ئىشىنىدۇكى، فەررۇق ئۆزىنىڭ چىن مۇھەببىتىنى تاپقاندا ئۇنى چوقۇم  چۈشۈنىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن رەنجىمەيدۇ.  
باھار  كۈنلىرىنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن نەپەس ئېلىپ ، راھەت كۈن نۇرىدىن ھوزۇرلىنىپ ئولتۇرغان بىر جۈپ ئەر ئايال ئالدىدىكى چۆپلۈكتە دومىلاپ ئويناۋاتقان ئىككى بالىغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ ئولتۇراتتى. ۋاقىت نىمىدىگەن تېز ھە! ئادىلە بىلەن ئىليار تويدىن كېيىنكى بەش يىلنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىنىنى بىلمەيلا قالدى، ئۇلار ئىككى بالىلىق بولۇپ بولدى، كۈنلىرى خىزمەت،ئۆي ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولسىمۇ  ھەر ھەپتىدە تالاغا چىقىپ تەبىئەتنىڭ گۈزەللىگىدىن ھوزۇرلىنىشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى. ئەسلىدە بەخت دىگەن ناھايىتى ئاددى ئۇقۇم ئىدى، ئۇنىڭ سىرى ئەتراپىڭىزدىكى ھەممە نەرسىدىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىش، ئۇ جاپا بولسۇن،راھەت بولسۇن، خوشاللىق بولسۇنۋە ياكى خاپىلىق بولسۇن پەقەت  ساق –سالامەت ئادەملەرلا ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنالايدۇ، مۇشۇنى چۈشۈنۈپ يەتكەندىلا بەخت سىزنى ئىزلەپ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان قارلىغاچ ئادىلەنى ھاياجانغا سالدى، " قارلىغاچ يەنە قايتىپتۇ!!! ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۆيىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ!!!"  ئىليار ئاسمانغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى.  ئۇ قارلىغاچلارنىڭ قايتقىنىنى ئادىلە بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە كۆرۈشنى تىلەۋاتاتتى!!!! 
 

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315