قارلىغاچ (داۋامى 3)

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-26 19:19
 
چوڭ بۇرۇلۇش 
بۇ كېچە ئادىلە ۋە ئامىنە ئىككەيلەن خېلى ۋاقىتقىچە مۇڭداشتى، ئادىلە نىڭ ئويلىرى قالايمىقان ئىدى، ئۇ بىر تەرەپتىن بۇ ئىشنىڭ تېزراق بىر تەرەپ بولۇپ كۆڭلىنى جايىغا قايتۇرۇشنى ئويلىسا،نىمىشقىدۇر يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئىشنىڭ بۇنداقلا تۈگەپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلاتتى، ئامىنە ئۇنىڭغا قاتتىق نىيەتكە كېلىپ بۇ ئەمەلگە ئاشمايدىغان ھىسسياتتىن بالدۇرراق بىر تەرەپ بولۇشنى تەۋسىيە قىلىۋاتاتتى.ئادىلەمۇ ئەلۋەتتە بۇرۇنقى قۇلىغى تېنچ خاتىرجەم تۇرمۇشۇنى ئەسلەيتتى،ھالبۇكى بۇ ئاسانغا چۈشمەيۋاتاتتى. ئەنە شۇ پۈتمەس- تۈگىمەس خيياللار بىلەن تاڭمۇ ئېتىپ كەتتى. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئادىلە تېزلا تەييارلىق قىلىپ كىچىك بازار تەرەپكە قاراپ ماڭدى، ئۇ يىراقتىنلا بىكەتتە ساخلاپ تۇرغان ئىليارنى كۆردى، ئاشۇ تونۇش سىمايە ئۇنى ئۆزىگە خۇددى ماگنېتتەك تارتىۋاتاتتى. ئۇنى يىراقتىن  كۆرگەن ئىليار كۈلۈمسىرەپ قولىنى پۇلاڭلاتتى.  
---- بالدۇر كېلىۋالدىڭىزمۇ ؟ --دەپ سورىدى ئادىلە 
--- سەل بالدۇر كەلدىم،يۈرۈڭ—ئۇ شۇنداق دىدى- دە ،ئادىلەنىڭ قولىدىن تارتىپ ماڭدى،ئادىلە قولىنى تارتىشقا تەمشەلدى –  يۇ،لېكىن ئۇنداق قىلالمىدى، ئۇنىڭ بۇ قولنى پەقەتلا قويۇۋەتكىسى كەلمىدى، نۇرغۇن كېچىلەر خىيال قىلغان بۇ قولدى ئۇ نىمىشكە بۇنداقلا قويۇۋەتسۇن! بەلكىم بۇ ئۇنىڭ بىردىن  بىر پۇرسىتىدۇ؟ نىمە بولسا بولسۇن ئۇ ئىليارنىڭ قولىنى تۇتقانچە ئۇنىڭغا ئەگەشتى. 
---- مەن كىنو بىلەت ئېلىپ قويغان  ئىدىم،ياخشى كىنو ئىكەن ،كۆرۈپ چىقايلى – دىدى ئىليار. 
----- توختام توغرىلىق گەپ قىلىمەن دىگەن ئىدىڭىزغۇ؟ --- سورىدى ئادىلە 
----- ئاۋال كىنو كۆرۈپ چىقايلى،ئاندىن دىيىشەيلى. 
ئۇلار كىنوخانىغا كىرىشتى،ئىليار ئۇنى ئايرىمخانا تەرەپكە باشلىدى،ئادىلە ئۆمرىدە ئايرىمخانىغا كىرىپ باقمىغاچ،جىىددىلىشىپ ئىليارغا قارىدى. 
--- باشقىلار كۆرۈپ قالىدۇ دەپ بەك ئەنسىرەيسىز ئەمەسمۇ ،شۇڭا ئايرىمخانىغا بىلەت ئالدىم. 
ئادىلە سەل خاتىرجەم بولدى، ئۇلار ئورۇنلۇشۇپ ئولتۇرۇشىغا كىنو باشلاندى. كىنو ناھايىتى قىززىق بولغاچقا ،ئادىلە بىر دەمدىلا بۇرۇنقى ئەسلىگە كەلدى، ئۇ بىر ياقتىن پاراڭ سېلىپ بىر ياقتىن كۈلۈپ كىنودىن ھوزۇرلىنىۋاتاتتى، مانا بۇ دەل ئىليارنىڭ دائىم قىلىدىغان خىيالى ئىدى، ئۇ دائىم خىيالىدا ئادىلە بىلەن مەكتەپتە ئەمەس باشقا جايدا كۆرۈشسە قانداق بولار؟ ئۇنىڭ بىلەن كىنو كۆرسە چوقۇم بەك كۆڭۈللۈك بولىدۇ دەپ خىيال قىلاتتى.دەل ئۇنىڭ خىيالىدەك، بۇ كىنو باشقىلار بىلەن كۆرگەنگە ئوخشىمىدى، بەكمۇ كۆڭۈللۈك بىلىندى، ئۇ تۇرۇپ تۇرۇپ ئۆزى تۇتۇۋالغان ئادىلەنىڭ قولىغا قاراپ قوياتتى،" مەن بۇ قولنى ھەرگىزمۇ قويۇۋەتمەيمەن" دەپ ئويلاشقا باشلىدى. ئىككى سائەتلىك كىنو بىر دەمدىلا تۈگەپ كەتكەندەك بىلىندى. ئۇلار تالاغا چىققاندا ئادىلە "رەھمەت سىزگە، بۇ تولىمۇ كۆڭۈللۈك كۈن بولدى " دەپ رەھمەت ئېيتتى.  
--- بىللە تاماق يەيلى ، مەن ياخشى ئاشخانىنى بىلىمەن --- دىگىنىچە ئادىلەنى تارتىپ ماڭدى، ئۇلار ئاپتوۋوزغا ئولتۇرۇپ خېلى ماڭغاندىن كېيىن بۇ ئوماققىنە كىچىك مۇسۇلمانلار ئاشخانىسىغا يېتىپ كەلدى، تاماق بۇيرۇتۇپ قويۇپ چاي ئىچىپ ئولتۇرۇشتى. 
----- بىز ئەتە پراكتىكىغا ماڭىمىز، بىر ئاي كۆرۈشەلمەيدىكەنمىز. شۇڭا ماڭغىچە ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىۋېتەي دىگەن .ئىدىم. 
---- ئەمىلىيەتتە سىز دىمىسىڭىزمۇ مەن مەرزىيە ئىككىڭلارنىڭ چېيىنى ئىچكۈزۈپ بولغانلىغىنى ئاڭلاپ بولدۇم، شۇڭا توختامدا دىيىلگەندەك بۇ ئىشلار مۇشۇ يەردە تۈگىسىلا بولدى، سىزنىڭ پۇلىڭىزنىمۇ ئالغاچ كەلدىم ، بۇ بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈشۈمىز بولۇپ قالسۇن، سىز بىلەن خوشال كۈنلەرنى ئۆتكۈزدۈم ،سىزگە رەھمەت.---- بۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا ئادىلەنىڭ كۆزىگە ئىختىيارسىز ياش كېلىۋاتاتتى، ئۇ بۇنى زادىلا ئويلاپ باقمىغان ئىدى. 
---- مېنىڭ سىزنى چاقىرىپ چىقىشىممۇ دەل مۇشۇ ئىش .ئۈچۈن ئىدى--- دىدى ئىليار ---- راست،بىزنىڭ چېيىمىزنى ئىچكۈزۈپ قويدى، لېكىن كۆڭلۈم مەرزىيەنى ئەمەس، سىزنى سېغىنىپ،سىزگە تەلپۈنۈپلا تۇرىدۇ، مەن بەك ئۇزۇن ئويلاندىم، سىز بولمىسىڭىز مەنمۇ خوشال بولالمايمەن،  مەن بىلەن بىللە بولۇشقا قوشۇلامسىز؟ ئەگەر سىزلا ماقۇل بولسىڭىز، قالغان ئىشلارنى مەن ئۆزەم بىر تەرەپ قىلىمەن --- ئىليار بۇنداق گەپلەرنى ھەرگىزمۇ بىرەرسىگە دەيمەن دەپ ئۆمرىدە ئويلاپ باقمىغان ئىدى، ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىن چىقىۋاتقان بۇ سۆزلەرگە ئۆزىمۇ ھەيران قېلىۋاتاتتى. 
كۈتۈلمىگەن بۇ سۆزدىن ئادىلە نىمە دىيىشىنى بىلەلمەيلا تۇرۇپ قالدى، ئۇ "بەختلىك بولۇڭلار "غا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى، تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەن تېمىدىن گاڭگىراپ قالدى، بۇ سۆزگە ئۇ تۈنۈگۈن كەچتە تەييارلىق كۆرمىگەن ئىدى. 
---- مەن سىزگە ۋاقىت بېرىمەن ،يۈرۈگىڭىزنى ياخشى تىڭشاڭ، ئۇ سىزگە توغرا يول كۆرسىتىدۇ – دىدى ئىليار. 
ئۇلار يەنە نۇرغۇن سۆزلارنى قىلىشتى، قاراڭغۇ چۈشكەندە مەكتەپ تەرەپكە قاراپ ماڭدى، ئۇلار يول بويىدىكى چوڭ  تېرەكنىڭ ئاستىغا كەلگەندە ئىليار ئادىلەنى ئۆزىگە تارتىپ يانچۇقىدىن بىر نەرسىنى چىقىرىپ بەردى. 
--- بۇنى سىزگە بېرىشنى ئويلاۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن  بولغان ئىدى، بۈگۈن پۇرسەت كەلدى – ئۇ شۇنداق دىگىنىچە كىچىك بۇ قاپچۇقنى ئاچتى،ئۇنىڭ ئىچىدە دەل ئادىلە نەچچە يىل پۇل يىغىپمۇ ئالالمىغان ھېلىقى خىرىستال قارلىغاچ تۇراتتى، ئادىلە ھاڭ –تاڭ بولۇپ تۇرۇپلا قالدى.ئىليار زەنجىرنى ئېلىپ ئادىلەنىڭ بوينىغا تاقاۋاتاتتى، ئىليارنىڭ ئىسسىق نەپىسى ئادىلەنىڭ بوينىغا تەككەندە .ئادىلە نىڭ يۈرۈگى سېلىپ ،نەپىسى قىسىلغاندەك بولۇپ كەتتى،ئىليارمۇ ناھايىتى جىددىلىشىپ كېتىۋاتاتتى، لېكىن ئىچ –ئىچىدىن چىقىۋاتقان بىر ھىسسىيات، بىر تەلپۈنۈش ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇلدۇردى، ئۇ ئادىلەنى ئۆزىگە تارتتى- دە ،لېۋىنى ئۇنىڭ لېۋىگە چىڭ باستى،ئادىلە ئۆزىنى تارتىش كېرەكلىگىنى بىلىپ تۇرغان بولسىمۇ،يۈرىگىدىكى تەلپۈنۈشنى توسالمىدى، پۈتۈن ۋۇجۇدى خۇددى ئوتتا كۆيۈۋاتقاندەك لاۋۇلداۋاتاتتى.  ئۇلار ھەممىنى ئۇنۇتقان ئىدى.قانچىلىك ۋاقىت ئۆتىتىكىن، ئادىلە .ئۆزىنى تەستە ئاجراتتى،ئىليار ئۇنىڭ يۈزۈنى قولىدا تۇتقانچە ،ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ " سىزنى سۆيىمەن!! " دەپ تەكرارلاۋاتاتتى.ئۇلار مۇشۇنداق ھالەتتە خېلى تۇرۇشتى، ئاخىرى قىيالماي خوشلىشىپ مېڭىشتى. 
ئادىلە ياتاققا كىرىپ ئامىنەگە ئۆزىنى ئاتتى- دە ،بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. 
------ جېنىم دوستۇم، مەن بىلىمەن ،ساڭا چوقۇم تەس كەلدى! --- دەۋاتاتتى ئامىنە ھىچنىمىدىن خەۋەرسىز.  
---- ياق،ئامىنە، سەل بىلمەيسەن، مەن ساڭا بەرگەن ۋەدەمدە تۇرالمىدىم، مەن ئۇنى سۆيىمەن، ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈشكە، ئۇنى ساخلاشقا ۋەدە بېرىپ كەلدىم، كەچۇرگىن--- ئادىلە يىغلاۋاتاتىى. 
--- نىمە ؟ نىمىشكە ؟ ھەممىنى ماڭا تولۇق دىگىن – دەپ ئالدىراپ سوراشقا باشلىدى ئامىنە. 
ئادىلە بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى، ئامىنە ھەممىنى ئاڭلاپ بولۇپ ،ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتى. 
--- سەن بۇ بايۋەچچىگە ئاسانلا ئىشىنىپ قالدىڭ  ئادىلە، سىلەر بىر بىرىڭلارنى ھەقىقى سۆيسەڭلارمۇ ،چوڭلار قوشۇلامدۇ ؟ بۇ  بىر جاپالىق مۇساپە جۇمۇ! 
كېيىنچە پۇشايمان قىلىپ قالمىساڭ بولاتتى دەپلا ئەنسىرەيمەن، خەير، ئامال يوق ، ئىشقىلىپ جىق جاپالارغا تەييار بول جېنىم . 
بۇ كېچە ھەر ئىككەيلەن ئۈچۈن ئۇلتۇلغۇسىز كېچە بولدى، ئادىلە ھەقىقى يۈرەكنى تىترەتكۈدەك سەزگۈنى ھىس قىلدى، ئۇ جاپالىق بولسىمۇ بۇ خىل ھىسسىياتنى ساقلاپ قېلىشقا تەييار بولۇۋاتاتتى. ئىليار بولسا ئۆزىنىڭ خاتا قىلمىغانلىغىغا تېخىمۇ ئىشەندى، ئۇ راستىنلا ئادىلەنى سۆيەتتى، بىر ئاي تېزراق توشسا ئىدى، ئۇ بارلىق توسالغۇلارنى تۈگۈتۈپ ،ئادىلە بىلەن بىللە بولاتتى. 
گەرچە كېچىچە ياخشى ئۇخلىيالمىغان بولسىمۇ ئادىلە يەنىلا بالدۇر تۇرۇپ دوختۇرخانىغا چىقىشقا تەييارلىق قىلدى، ئۇ ئامىنە بىلەن مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا ،سىرتتىن ئالدىراش مەكتەپ ئىچىگە كىرىۋاتقان مەرزىيەگە يولۇقۇپ قالدى،مەرزىيە  ئۇلار بىلەن ئالدىراش كۆرۈشۈپلا ئۆتۈپ كەتتى. 
 
تۈتۈنسىز جەڭ 
 
بۇ بىر ھەپتە ئادىلە ئۈچۈن ئاجايىپ شېرىن ھەپتە بولدى، ئىليار ئىككى كۈندە بىر تېلىفۇن بېرىپ تۇردى، ئۇلار ئۇزۇندىن – ئۇزۇن پاراڭلاشتى، نۇرغۇن قىزىق ئىشلارغا كۈلۈشتى، كېيىنكى پىلانلىرىنى دىيىشتى، ھالبۇكى كارىدورنىڭ ئۇ چېتىدىكى ياتاقتا مەرزىيەنىڭ يۈرۈكى قاتتىق پۇچۇلىنىۋاتاتتى، ئىليار نەچچە كۈن بۇرۇن ئۇنىڭغا تېلىفۇن بېرىپ ناھايىتى ئەدەپلىك ھالدا ئايرىلىش تەلىۋىنى قويغان ئىدى، مەرزىيە ئايرىلىشنىڭ سەۋەۋىنى سوراپ چىڭ تۇرۇۋالغاندائىليار " مېنىڭچە ھەممە ئادەم ئۆزى ھەقىقى سۆيىدىغان بىرسى بىلەن ئۆتكىنى ياخشى" دىگەن ئىدى، بۇ دىگىنى "مېنىڭ ھەقىقى سۆيگىنىم بار " دىگەن سۆز ئىدى، بۇ دەل مەرزىيەنىڭ ئەڭ ئاڭلىغۇسى يوق  سەۋەپ ئىدى. قىزلارنىڭ كۆڭلى بۇنداق ئىشلارغا بەكمۇ سەزگۈر كېلىدۇ. گەرچە ئىليار ھىچقايسى قىزنىڭ ئىسمىنى چىقارمىغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئادىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىگىنى ئۇ تۇيۇپ تۇراتتى. دائىم ئادىلە توغرىسىدا سورىلىدىغان سوئاللار، مەيدانغا چىىققاندا ۋاسكېتبول مەيدانىغا قاراپ سائەتلەپ ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرۈشى، ئادىلە مەيداندا توپ ئويناپ پۇتىنى قايرىۋالغاندا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كېتىشى، ئادىلە ئۇچراپ قالغان ۋاختىدا ئۇنىڭغا قارايدىغان كۆزلىرىى ۋە ئادىلەنىڭ يامان گېپى چىقىپ قالسا سائەتلەپ جىم بولۇپ قېلىشى قانداقمۇ مەرزىيەنىڭ كۆڭلىگە گۇمان كەلتۈرمەي ئۆتۈپ كەتسۇن، ئۇ پەقەت بۇ ئىشلارنى ئويلاشنى خالىمايتتى خالاس، ئادەملەر ئۆزى خالىمايدىغان ئىشلاردىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدۇ ،شۇنداق ئەمەسمۇ ؟لېكىن مەرزىيەئىليار كىم بىلەن بولسا  مەيلى، پەقەت ئادىلە بولمىسىلا بولاتتى دەپ بەك ئويلايتتى، ئادىلەنىڭ ئىليار بىلەن بىللە بولۇشىنى ئويلىسىلا زەھەر خەندىسى ئۆرلەيتتى. نىمىشقا ئۇ بولىدۇ ؟ باشقا ئادەم ئەمەس ئادىلە ؟ ئۇ بۇ سوئالغا توختىماي جاۋاپ ئىزلەۋاتاتتى. ياق، مەرزىيە بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ چىداپ تۇرالمايدۇ ؟ ھىچنىمىسى يوق ،بۇ سەتنى دەپ ئىليارنىڭ ئۆزىنى تاشلاپ كېتىشىنى ئويلىغانسېرى ئۇنىڭ غەزىۋى ئۆرلەيتتى. ئۇ ئەزەلدىن كۈل قىزنىڭ بىر كۈنى شاھزادە بىلەن توي قىلىپ بەختلىك بولۇشىغا ئىشەنمەيتتى ، ئۇ ئادىلەنىڭ بۇنداق كۈل قىز خىيالىنى دائىم مەسخىرە قىلاتتى ،ئەجىبا بۇ كۈل قىز ئۇنىڭ شاھزادىسنى تارتىۋالماقچىمۇ ؟ مەرزىيە بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ماقۇل بولمايتتى. مانا بۈگۈن ئۇ نەچچە كۈنلۈك تەييارلىقىنى تۈگۈتۈپ ئادىلەنى ئىزدەپ كىردى. ئادىلە مەرزىيەدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرۈۋاتقان ئىدى، ئۇ ئۆزىنى مەرزىيەنىڭ سۆيگۈنىنى تارتىۋالغان  پەسكەچ ئادەمدەك ھىس قىلىپ بىئارام بولۇۋاتاتتى.لېكىن ئىليار " بۇ سىزنىڭ خاتالىغىڭىز ئەمەس، ئۆزىڭىزنى ئەيىپلىمەڭ ، مەن بۇ ئىشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىمەن"دەپ  ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياسىغان ئىدى، مەرزىيەنىڭ ئۇنى ئىزدەپ كىرىشى ئادىلەنى گاڭگىرىتىپ قويدى. 
---- سەن بىلەن سۆزلىشەي دىگەنتىم ،مەيدانغا چىقايلى – دىدى  مەرزىيە 
"مەيدانغا دىگەنگە قارىغاندا بىر چاڭ مۇشلىشامدۇق نىمە؟ " دەپ ئامىنەگە  پىچىرلاپ قويۇپ ئادىلە مەرزىيەنىڭ كەينىدىن ماڭدى. 
---- مەن بىلىپ بولدۇم، ئىليار ئىككىڭلار يۈرۈۋاتقان ئوخشايسىلەر ، سەن نىمىشقا ماڭا بۇنداق قىلىسەن ؟ ساۋاقداش تۇرۇپ بۇنداق قىلساڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ،ئاتا –ئانامنىڭ ئالدىدا ماڭا سەت ئەمەسمۇ ؟ --دىدى مەرزىيە ئاچچىغلاپ  
---- كەچۈرگىن، مەنمۇ بۇنداق قىلىشنى ئويلىمىغان ، لېكىن مۇھەببەت كەلگەندە ئادەم توساپمۇ توساپ بولالمايدىكەن، مەن پەقەت ساڭا كەچۈر دىيەلەيمەن. 
----- شۇنچە يىلنىڭ ياقى ھىچ كىم بىلەن يۈرمەي ئۆتۈپ كەلدىڭ ، ئەجىبا كېتىشكە 3 ئاي قالغاندا "مۇھەببەتنى توسالمىدىم " دەپلا خەقنىڭ بەختىگە ئولتۇرساڭ بولامدۇ ؟ 
--- مەرزىيە ، خەقنىڭ بەختى دەپ كەتتىڭ، ئەگەر ئىليار سېنى سۆيمىسە سەن قانداقمۇ بەختلىك بولىسەن ؟ 
--- ئۇنىڭ مېنى سۆيىدىغان ياكى سۆيمەيدىغانلىغىنى سەن قانداق ئۇقىسەن ؟ ئەجىبا ئۇ سېنى سۆيەمدۇ ؟ 
----مەن ئىليارغا ئىشىنىمەن، مېنىڭ يۈرۈگۈم تۇيۇپ تۇرۇپتۇ، بىز بىر –بىرىمىزنى سۆيىمىز. 
"ۋاي ئۆرگىلەي ما سەتنى، كاللىسىغا بىرنى قويىمەن ھېلى!!" مەرزىيە ئۆزىنى ئارانلا تۇتۇپ تۇردى. 
-----شۇنداقمۇ ؟مېنىڭچە سەن بايۋەتچىلەرنى تازا چۈشەنمەيدىكەنسەن ! ئۇ ساڭا پەقەت ۋاختىنچە قىزىقىپ قالدى خالاس، ئۈرۈمچىگە قايتىپ رىياللىققا يۈزلەنگەندە ئۇ دەرھال ئېسىنى تاپىدۇ . سېنىڭچە ئۇ ئاتا – ئانىسىنىڭ گېپىنى يىرىپ سەن بىلەن يۈرەرمۇ؟ تېخى مەپكتەپ  پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىدە قالالامسەن يوق بۇنىسى نامەلۇم تۇرسا،ئۇنىڭ ئاتا –ئانىسى ساڭا قوشۇلامدۇ ؟ سەن بۇلارنى ئويلىدىڭمۇ ؟ 
---- بۇ ئىشلارنى بەندە ئەمەس ئاللاھ بىلىدۇ . مەن پەقەت ئۆمرۈمدە بىر قېتىم ئۆزەم ھەقىقى سۆيگەن ئادەم بىلەن خوشال –خورام مۇھەببەتلىشىشنى ئويلايمەن. بۇ مۇھەببەت بىر كۈن بولسۇن، بىر يىل بولسۇن، ئۇنى قەدىرلىگىم بار، كېيىنكى كۈنلەردە مۇشۇنداق يۈرەكنى تىترەتكۈدەك مۇھەببەتلىك كۈنلىرىمنىڭ بولغانلىغىدىن پەخىرلىنىشنى ئويلايمەن. 
----- ۋاي سېنىڭ بۇنچىلىق سېسىق رومانتىكلىگىڭنى ئويلىماپتىمەن، سەن كورىيەنىڭ فىلىمىنى جىق كۆرىۋېتىپسەن جانىم،كىيىن يىغلىغان پېتى غۇلجاڭغا كىتىپ قالما يەنە!! 
--- نىمە دىسەڭ دەۋەر! ھازىرغا مەن ئىگە، كېيىنگە ئاللاھ!!—ئادىلە شۇنداق دىدى- دە ،تېز –تېز مېڭىپ ياتاققا كىرىپ كەتتى. 
"ماۋۇنىڭ گېپىنى قارا !!!" مەرزىيە قۇلىقىغا .ئىشەنمەي قالدى ،مۇھەببەت دىگەن  ئادەمنى ئىشەنچلىك قىلىۋېتەمدۇ قانداق، ئادىلەنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى بىردىنلا نەچچە ھەسسە كۆپلەپ كەتكەندەك قىلاتتى. مەرزىيە خىيالدا تۇرۇپ قالدى، ھەممە ئادەمنىڭ ئاجىز تەرىپى بولىدۇ،ئادىلەمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس،كىيىنكى پىلاندا ئادىلەنىڭ ئاجىزلىغىدىن پايدىلانمىسا بولمايتتى. 
ئامىنەنىڭ بۈگۈن كەچتە دىژورنى ئىكەنلىگىنى ئالدىن بىلىۋالغان مەرزىيە ئادىلەنىڭ ياتىغىغا ئىزلەپ كىردى. 
--- ئادىلە، سەن بىلەن سۆزلەشمىسەم زادىلا بولمايدۇ  
---- مېنىڭچە بىز نەچچە كۈن بۇرۇنلا سۆزلىشىپ بولغان ئىدۇققۇ ؟ -- دىدى ئادىلە 
-----ئۇ كۈنى مېنى كەچۇرگىن، مەن ساڭا قوپال تېگىپ قويدۇم. مەن سەندىن تىلەپ قالاي، ئىليار بىلەن يۈرمىگىن، ئۇنى ماڭا قايتۇرۇپ بەرگىن. مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلمىسام بولمايدۇ ؟ 
--- بۇ نىمە دىگىنىڭ ؟ 
مەرزىيە  يۈزىنى قولى بىلەن ئېتىۋېلىپ ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدى--- بۇ ئىشنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، قىشلىق تەتىلدە مەن ئىليار بىلەن بىللە بولۇپ بولغان، ئېسىڭدىمۇ؟ ئۇلار پراكتىكىغا ماڭغان كۈنى ئەتىگەندە مەن سىرتتىن كىرىۋېتىپ ساڭا ئۇچراپ قالغىنىم؟ئۇ كۈنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن سىرتتا بىللە قونۇپ قايتقان ئىدىم. مەن بىلىمەن ،ئاران ئۇچرىغان بۇ مۇھەببەتنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويغىڭ يوق، لېكىن مېنىمۇ ئويلاپ قوي، مەن قانداق قىلىمەن ؟ئۇنىڭ بىلەن توي قىلمىسام ،مېنى كىم ئالىدۇ ؟ قايسى يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ يۈرۈيمەن؟ --- ئۇ شۇنداق دەۋېتىپ تېخىمۇ يىغلاپ كەتتى. 
ئادىلە تۇرغان جايىدا تۇرۇپلا قالدى ، ئۇ قانداق قىلىپمۇ ئۇ ئىككەيلەننى بۇ دەرىجىگە يەتتى دەپ تەسەۋۋۇر قىلالمىدى، ئۇنىڭ كۆڭلىدە ھەممەيلەن تېخى كىچىك ، بۇنداق ئىشلارغا بالدۇردەكلا ئويلايتتى. ئۇنىڭ كېچە –كۈندۈز كۈتىۋاتقان ئىليارى مەرزىيە بىلەن بىللە بولغاندىمۇ؟  ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ ،پۈتۈن ۋۇجۇدىغا مۇھەببەتنى بەرگەن شۇ ئىليار ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ مەرزىيە بىلەن بىللە ياتقانمىدۇ ؟ ئادىلە بۇنى تەسەۋۋۇر قىلالمايۋاتاتتى.  
--- مەن كېيىنچە يېنىڭغا كىرەي،سەن چىقىپ تۇر --- دىگەن گەپنى ئارانلا ئاغزىدىن چىقىرىپ ئۆزىنى كارۋاتقا ئاتتى. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئامىنە،ئادىلەنىڭ بىر كېچە ئۇخلىمىغان چىرايىدىن قورقۇپ كەتتى.  
----- سەن بۇنداق دوختۇرخانىغا چىقساڭ ئادەم ئۆلتۈرۈسەن ، بولدى ،چىقما!! ياخشى دەم ئال --- دىدى- دە، مۇئەللىم دوختۇردىن ئادىلە ئۈچۈن رۇخسەت سوراشقا چىقىپ كەتتى.ئادىلە بىر كۈننى كارۋاتتىن چۈشمەي ئۆتكۈزدى،  بەكمۇ جىق خىياللارنى قىلدى .دوستىنىڭ بۇ مۇھەببەتتىن بەخت ئەمەس، باشلىنا – باشلانمايلا تارتىۋاتقان دەردىگە چىدىمىغان ئامىنە قاتتىق نىيەتكە كېلىپ ئادىلەگە نۇرغۇن گەپ قىلدى، ئادىلە ئاخىرى ئامىنەگە بۈگۈندىن تارتىپ بۇرۇنقى جەڭگىۋار ئادىلەگە قايتقانلىغىنى ،ئەمدى بۇنداق مۇھەببەتنىڭ قۇربانى بولمايدىغانلىغىغا ۋەدە بەردى.  ئۇ كەچ بولغاندا مەرزىيەنىڭ ياتىغىغا كىردى. 
--- ئىش بۇ دەرىجىگە يەتكەن بولسا مەن نىمە دىيەلەيتتىم؟ پەقەت سەندىن ئىليارنى بەختلىك قىل دەپلا سورايمەن، 3 ئاي دىگەن قىسقا ۋاقىت بولغان بىلەن بەزىدە نەچچە يىلدىنمۇ ئۇزاق بىلىنىدۇ، پەقەت بۇ 3 ئاينى ئۆتكۈزۈۋالساملا ھەممە ئىشلار ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.سىلەرگە بەخت تىلەيمەن. – ئۇ شۇنداق دىدى- دە، مەرزىيەنىڭ گېپىنىمۇ ساخلىمايلا چىقىپ كەتتى. مەرزىيە ئۆزىنىڭ توقۇپ چىققان بۇ يالغانچىلىغىنىڭ ئادىلەگە چوقۇم تەسىر قىلىدىغانلىغىنى بىلەتتى.  
ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ ئادىلە پۈتۈن ۋاختىنى ئېنگىلىزچە ئۈگىنىش، پراغتىكاغا ئاكتىپ قاتنىشىش، ۋاسكېتبول ئويناش، تورخانىدا تور ئويۇنى ئويناشتەك ئىشلارغا سەرپ قىلدى، ئۇ ئۆزىنى ئالدىراش قىلىپ كاللىسىنى ھېلىقى ساختا مۇھەببەتتىن نېرى تۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ئاماللارنى قىلىۋاتاتتى.  
 
جاپالىق كۈنلەر 
 
تۇيۇقسىزلا ئادىلە بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئىليار تىت – تىت بولۇپ كېتىۋاتقان ئىدى، ياتاققا قاچانلا تېلىفۇن قىلسا ئادىلە يوق بولۇپ چىقاتتى، ئۇ نەچچە قېتىم گەپ قالدۇرۇپ قويۇپ قايتا تېلىفۇن قىلغاندىمۇ ئادىلە بىلەن سۆزلىشەلمىدى، ئۇنىڭ كۆڭلى بىرنەرسىنى سەزگەندەك بولدى،لېكىن نىمە ئامال، ساخلاپ تۇرۇپ ، بۇ ئاخىرقى ئون كۈننى تۈگىتىپ،ئۇدۇللا ئۇنىڭ ياتىقىغا بېرىپ كۆرۈشمەكچى بولدى، مانا مۇشۇنداق چاغدىلا يانفۇننىڭ قانچىلىك مۇھىملىغىنى بىلگىلى بولاتتى، ئۇ بۇ قېتىم قايتىپ بارغاندا ئادىلەئۇنىسىمۇ - ئۇنىمىسىمۇ بىر يانفۇننى چۇقۇم ئۇنىڭغائېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى 
ئادىلە تاماقتىن كېيىن مەكتەپ باغچىسى ئىچىدىكى ئېنگىلىزچە سۆھبەتكە ماڭدى، بۇ يەردە ھەپتىدە نەچچە قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بېرىلاتتى، باشقا دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆز – ئارا گەپ قىلىشىپ ،ئېنگىلىزچە سۆزلەش قابىلىيىتىنى يېتىشتۈرۈشتە ،بۇنىڭدىنمۇ ئۈنۈملۈك چارە بولمىسا كېرەك. ئادىلە ئامېرىكىدىن كەلگەن رايېن دىگەن بالا بىلەن نەچچە ھەپتىنىڭ ياقى خېلىلا ياخشى چىقىشىپ قالغان ئىدى.بۈگۈنمۇ خېلى ئۇزاق پاراڭلاشتى، رايېن ئادىلەنىڭ باشقا خەنزۇ بالىلار بىلەن ئوخشىمايدىغان تەلەپپۇزدا سۆزلىشىگە ھەيران قالغان ئىدى، ئادىلە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ خەنزۇ ئەمەس،ئۇيغۇر ئىكەنلىگىنى، تىلى ئوخشىمىغاچقا تەلەپپۇزمۇ ئوخشىمايدىغانلىغىنى چۈشەندۈردى، رايېن بۇنىڭغا تولىمۇ قىزىقىپ قالدى. ئادىلەنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى پىلانىنى سورىدى،ئادىلە ھازىرچە تېخى ھىچقانداق پىلان يوقلىغىنى، ئۆيگە قايتىپ بېرىپ ئاندىن خىزمەت ئىزدەيدىغانلىغىنى ئېيتتى. رايېن ھەيران بولۇپ "چەتئەلگە چىقىش پىلانىڭىز بولمىسا نىمىشقا ئېنگىلىزچىنى بۇنداق قاتتىق مەشق قىلىسىز؟" دەپ سورىدى. " مېنىڭ ئائىلەم مېنى چەتئەلدە ئوقۇتالمايدۇ، ئېنگىلىزچىنى ئۈگۈنۈپ قويسام ھامان بىر كۈنى ئەسقاتىدۇ " دەپ چۈشەندۈردى.ئۇلار ئۇ ياق – بۇ ياقتىن ئۇزۇن پاراڭلاشتى. 
بۈگۈن ئادىلە كۈتۈپخانىدا كىتاپ كۆرۈپ  پۈتتۈرۈش ئمتىھانىغا تەييارلىقنى باشلىۋەتتى، پەقەت مۇشۇنداق ئالدىراش بولسىلا ئۆتكەن ئىشلارنى ئۇنتۇش خېلى ئاسانغا توختايتتى . بىرەر سائەت كىتاپ كۆرۈپ تالاغا دەم ئالغىلى چىققان ئادىلە كۈتۈپخانا سىرتتىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان رايېنغا ئۇچراپ قالدى، ئۇلار ئۇ ياق – بۇ ياقتىن پاراڭ سېلىشتى. رايېن ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدىكى مۇئەللىمىنىڭ تىببى پەنلەر پرافىسورى ئىكەنلىكىنى، چەتئەللىك ئوقۇغۇچى تاللاۋاتقانلىغىنى ، ئەگەر ئادىلە قىزىقسا ئۇنىڭغا كېتىدىغان ماتېرياللارنى تەييارلاپ ئەۋەتىپ بەرسە نەچچە رەت تاللاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ يەردە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىغانلىغىنى ئېيتىپ بەردى. ئادىلە تاللاشتىن ئۆتكەن تەغدىردىمۇ ئوقۇش خىراجىتى ۋە تۇرمۇش پۇللىرىنى كۆتۈرەلمەيدىغانلىغىنى ئېيتقاندا، رايېن بۇ پروگراممنىڭ  ئالدىنقى بىر يىلىنىڭ پۈتۈن خىراجىتىنى پىراپىسور تەرىپىدىن   بېرىلىدىغانلىغىنى، كېيىنكى يىللاردا بىر ياقتىن ئىشلەپ بىر ياقتىن ئوقۇسا بولىدىغانلىغىنى چۈشەندۈردى. بۇ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش ئىدى،بىر تەرەپتىن ياخشى ئوقۇش پۇرسىتى ئىدى، يەنە بىر تەرەپتىن ئىليارنى ئۇنتۇپ كېتىشكە بۇنىڭدىنمۇ ياخشى چارە بولماس!  ئادىلە " ئامىسە سىناپ باقاي " دىدى،رايېن توشقۇزىدىغان گىرافىك ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا ياردەمدە بولىدىغانلىغىنى ئېيتتى . بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن بۇرۇن بىر تۇتاش ئېلىنىدىغاب ئېنگىلىزچە ئىمتىھاننى بەرمىسە بولمايتتى، قارىغاندا بۇ بىر نەچچە ئايدا خېلىلا ئالدىراش بولىدىغان بولدى- دە!!  ئالدىراشچىلىق ئۇنىڭغا ئەڭ ئۈنۈم بېرىدىغان دورا بولۇپ قالغان ئىدى.  
شەنبە كۈنى يېتىپ كەلدى. ئادىلە  ئەتىگەندىلا بىئارام بولۇشقا باشلىدى،ئۇ  بۇ نەچچە ھەپتىلىك تىرىشىشنىڭ بۈگۈن –ئەتە ئىچىدە بىت – چىت بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتاتتى، بۈگۈن ئىليارلار قايتىپ كېلىدىغان كۈن ئىدى، ئۇنىڭ يۈرۈگى شۇنچىلىك تىنچسىز ئىدىكى ئۆزىنىڭ نىمە قىلىش كېرەكلىگى ئۆزىگە پەقەت ئېنىق بولمايۋاتاتتى. دوستىنىڭ قەلبىنى چۈشۈنۈپ تۇرغان ئامىنە ئادىلەگە: 
---- نىمە قىلىشىڭنى ئۆزەڭ ياخشى ئويلاشقىن، مەن دەيدىغاننى دەپ بولدۇم، قانداقلا قارار قىلساڭ ئۆزەڭنىڭ ئىشى، لېكىن ئېسىڭدە بولسۇن مەن ھەر قاچان سەن بىلەن بىللە – دەپ .ئۇنى بەكلا تەسىرلەندۈردى. ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئامىنەدىنمۇ چۈشۈنىدىغان بىرسى بولمىسا كېرەك. ئادىلە ئۆزىنىڭ قارارىدا چىڭ تۇرۇشقا كۆڭلىدە ئۆزىگە ۋەدە بەردى. 
چۈشتىن كېيىن بولغاندا ئامىنە ئايلىنىپ كېلەيلى دەپ ئادىلەنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي بازار تەرەپكە ئېلىپ كەتتى، ئۇلار مەكتەپكە قايتقاندا كۈن ئولتۇراي دەپ قالغان ئىدى، ئادىلە يىراقتىنلا مەيداننىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتا يالغۇز ئولتۇرغان تونۇش سىمايىنى كۆرۈپ قالدى، ئۇنىڭ يۈرۈگى قاتتىق سوقۇۋاتاتتى، ئۇ كېچە چوڭ دەرەخ تۈۋىدىكى تۇيغۇ يۈرۈگىنى قايتىدىن چۇلغىۋالدى، لېكىن ئىليار بىلەن مەرزىيەنىڭ بىللە ياتقان كۆرۈنۈشىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرسىلا بىر خىل يىرگىنىش ئۇنى ئازاپلايتتى، ئىليارغا يېقىن كەلگەندە ئامىنە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپلا بۇ ئىككەيلەنى تاشلاپ كېتىپ قالدى. 
--- سىز بىلەن ئالاقە قىلماق ھەجەپ تەسكە توختاپ كەتتى، بىرەر ئىش بولدىمۇ ؟ نىمىشقا تېلىفۇننى ئالمايسىز ياكى ماڭا تېلىفۇن قىلمايسىز ؟ 
---ھىچ ئىش بولمىدى--- دىدى ئادىلە ئۆزىنى ئارانلا توختىتىپ. 
---- سىرتقا چىقىپ مېڭىپ كېلەيلى – دىدى ئىليار ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ، ئادىلە قولىنى چاققانلىق بىلەن تارتىپ ئۇنىڭغا تۇتقۇزمىدى. 
--- بولدى رەھمەت، مەن ھازىرلا سىرتتىن كىردىم، كەچ بولۇپ كەتتى--- دىدى ئادىلە . 
----- سىزگە زادى نىمە بولدى ؟ كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرۇپتۇ ، چوقۇم بىر ئىش بار، ماڭا ئوچۇق گەپ قىلىڭە ، مەن بۇ  نەچچە ھەپتىنى قانداق تەستە توشقۇزدۇم؟ ئىچىم سىقىلىپ يۈرەك كېسەل بوپ قالاي دىدىم. 
---- ئەگەر ئوچۇق گەپ ئاڭلايمەن دىسىڭىز ئەمىسە دەۋېرەي. مەن پەقەت سىزدەك بايۋەچچەلەرنىڭ ۋاقىتلىق قىزىقىشى بولۇشنى خالىمىدىم خالاس، سىزنىمۇ مېنىمۇ ئاۋارە قىلغۇم يوق، بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز  مۇشۇ يەرگىچە  بولسۇن، بەختلىك بولۇڭ! 
---- نىمىلەرنى دەپ يۈرۈيسىز؟ بۇ نەدىن چىققان گەپ بولدى ئەمدى ؟ مەن ھىچنىمىنى بىلەلمىدىم، ئېنىقراق دەڭە! 
----- بۇنداق ئىشلارنى بەك ئېنىق دىيىشنىڭ ھاجىتى يوققۇ ؟ ھەممە ئادەمنىڭ قىلغان ئىشى ئۆزىگە مەلۇم، گەپنىڭ قىسقىسى بۇندىن كېيىن مېنى ئىزدىمەڭ ، مەن سىزنى ئەمدى كۆرمىسەم دەيمەن 
ئادىلە شۇنداق دەپلا كەينىگە ئۆرۈلۈپ يۈگۈرگەنچە كېتىپ قالدى، نىمە قىلارىنى بىلەلمىگەن ئىليار بۇ گەپلەرنىڭ تېگىگە يېتەلمەي تۇرۇپلا قالدى، ئېنىقكى ئۇ يوق چاغدا بىر ئىش بولغان ئىدى. ئۇ بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ مەكتەپ تەرەپكە ماڭدى،ئۇ ئاۋال ئوبدان ئويلىشى ئاندىن ئادىلە بىلەن يەنە كۆرۈشۈشى كېرەك ئىدى، بۇنداقلا ئايرىلىپ كېتىشكە ئۇ ھەرگىزمۇ يول قويمايتتى، پىراكتىكا جەريانىدا ئادىلەنى بەكمۇ سېغىنغان ئىدى، ئۇ بىرەرسىنى بۇنچىلىك سېغىنغاننى ئېسىگە ئالالمىدى، ئەمدى ئاران قايتىپ كەلگەندە ئۇنى مۇشۇنداقلا قويۇپ بېرەرمۇ ؟ بۇ مۈمكىن ئەمەس!!! 
كېچىچە ياخشى ئۇخلىيالمىغان ئىليار تاڭ سەھەرگە يېقىن ئۇخلاپ قالدى، سائەت نەچچە بولغانكى، ياتاق ئىشىكىنىڭ يېنىك چېكىلىشى ئۇنى ئويغاتتى، ياتاقتا ئۇ يالغۇز ئىدى. كۆزىنى ئۇۋىلاپ ئىشىكنى ئېچىپ ئالدىدا تۇرغان مەرزىيەنى كۆرۈپ بىرەر مىنۇتچە تۇرۇپ قالدى. 
---- تېخىچە ئۇخلاۋاتقانمۇ ،ھورۇن--- ئۇ شۇنداق دىگىنىچە  كىرىپ ئولتۇردى. 
--- سىز كەپ قاپسىزغۇ ؟ --- ھەيران بولۇپ سورىدى ئىليار 
--- سىز مېنى ئىزدەپ بارمىغاندىن كېيىن ئۆزەم ئىزدەپ كەلدىم. قىز بالىغا ئاسان ئەمەس جۇمۇ! 
---- ئۇغۇ شۇ! لېكىن مەرزىيە مەن ئالدىنقى قېتىم سىزگە ئېيتقانغۇ ؟بىز ئايرىلىپ كېتەيلى دىگەن ئىدىمغۇ ؟ 
--- ئۇنى سىز دىدىڭىز ،لېكىن مەن تېخى قوشۇلمىغان تۇرسام . بىز بۇنداقلا ئايرىلىپ كەتسەك قانداق بولىدۇ ؟ چوڭلارغا نىمە دەيمىز؟ 
--- ئۆيدىكىلەرگە ئۆزەم چۈشەندۈرىمەن، مېنىڭچە ئاتا- ئاناممۇ مېنى بەختلىك بولسىكەن دەيدۇ. 
--- سىز ئادىلە بىلەن بەختلىك بولىمەن دىمەكچىمۇ ؟سىز ئۇنى چۈشەنمەيسىز، مەن ئۇنىڭ بىلەن 6 يىل بىر سىنىپتا ئۇقۇدۇم، ئۇنى مەندىن ياخشى بىلىدىغان ئادەم يوق، ئۇ سىزنىڭ ئائىلە شارائىتىڭىزگە قىزىقىپ سىز بىلەن يېقىنلاشتى، مانا سىزدىنمۇ چوڭ بېلىق چىققانتى دەرھال سىزدىن يۈز ئۆرىدى، سىز ئۇنىڭ بىلەن ھىرگىزمۇ بەختلىك بولالمايسىز. 
---- سىزدىنمۇ يوغان بېلىق دىگىنىڭىز نىمىسى ؟ -- بەلكىم بۇ ئۇنىڭ ئەڭ قىزىقىدىغان مەسىلىسىدۇر 
---- سىز بىلمەيسىز،ئۇ بىزنىڭ  مەكتەپتىكى بىر ئامېرىكىلىق بالا بىلەن ئاپپاق- چاپپاق بولۇپ يۈرەتتى، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ بالا ئادىلەنى ئامېرىكىغا ئەپ كېتىپ،ھەممە خىراجىتىنى كۆتۈرۈپ ئوقۇتماقچى بوپتۇمىش،شۇڭا ئادىلە سىزدىن يۈزۈنى ئۆرۈپ جىددى تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ،مەن ئۇنى ياخشى بىلىمەن، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن باشقىلار بىلەن ھەرگىز كارى بولمايدۇ. بۇرۇنقى مۇھەببىتىنىمۇ تۇرمۇشى ياخشى ئەمەسكەن دەپ ئايرىلىپ كېتىپتىكەن.  
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان ئىليارنىڭ كاللىسىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى، ئۇ بۇ گەپلەرگە ھەرگىز ئىشەنمەيتتى، ئادىلە ھەرگىزمۇ ئۇنداق چاكىنا ئەمەس، ئىليار بۇنى بىلىدۇ،مەرزىيەنىڭ ئايرىلغۇسى يوق تاپقان سەپ- سەتىسى خالاس. مەرزىيە ئۆزىنىڭ بۇنداقلا ئايرىلىپ كەتمەيدىغانلىغىنى، ئۇلارنىڭ چوقۇم ياخشى ئۆتەلەيدىغانلىغىغا ئىشىنىدىغانلىغىنى ئېيتتى، بۇ گەپلەر ئىليارغا ئازراقمۇ خوش ياقمىدى،ئۇ پەقەت قانداق قىلىپ تېزراق ئادىلەنى تېپىپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشنى ئويلاۋاتاتتى، مەرزىيەنى تاماققا ئەپ چىقىپ ئارانلا يولغا سېلىۋالغان ئىليار ياتاققا كىرىپ ئالىدىغان نەرسىلىرىنى ئالدى- دە، تىببى ئۇنىۋېرسىتتى تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى، يول بويى نىمە دىيىش، بۇ ئىشلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش دىگەن ئشلارنى ئويلاپ ماڭدى، ئۇ ئادىلەنىڭ بۇرۇنقىدەك ئېچىلىپ – يېيىلىپ پاراڭ قىلىشىنى، ئوچۇق يورۇق كۈلۈشلىرىنى بەكمۇ سېغىنغان ئىدى، ئۇ ھەممە ئىشلارنىڭ يالغان بولىشىنى ، ئادىلەنىڭ ئۆز قوينىغا قايتىشىنى قايتا- قايتا تىلەپ ئولتۇردى. ئىليار ئادىلەنىڭ ياتاق ئىشىكىنى چېكەي دەپ تۇرۇشىغا ياتاق ئىچىدىن ئادىلە بىلەن بىر چەتئەللىك بالا چىقىپ قالدى، ئىليارنىڭ يۈرۈگى جىغغىدە قىلىپ قالدى، ئۇنىڭ ئەڭ كۆرگىسى يوق بۇ  كۆرۈنۈش بىسمىل دىيىشىگىلا ئالدىغا كەپ بولغان ئىدى.ئىليارنى كۆرگەن ئادىلە سەل تېڭىرقاپ قالدى،رايېن "خاي" دەپ قويۇپ ئادىلەگە بىرنىمىلەرنى دەۋەردى،ئىليار چىدىيالماي ئۇنىڭ گېپىنىڭ تۈگۈشىنىمۇ كۈتمەيلا ،"پاراڭلاشساق بولاتتى " دىدى . 
--- مەن ئېيتتىمغۇ، بىزنىڭ ئارىمىزدا پاراڭلاشقۇدەك ھىچنىمە يوق دەپ --- دىدى ئادىلە  
--- ئاۋال تالاغا چىقىڭە --- ئىليار شۇنداق دەپلا ئادىلەنىڭ قولىدىن تارتتى. ئادىلە ئۇنىماي تىركەشتى، بۇنى بىر چەتتە كۆرۈپ تۇرغان رايېن ئېنگىلىزچە " ئۇنىڭ بارغۇسى يوقكان، قويۇۋەت!!! " دەپ ۋارقىرىدى. 
--- ما گۇي نىمە دەيدۇ!! --- دىگىنىچەئىليارئۇنىڭغا ئالىيىپ قويۇپ ئادىلەنى تارتتى. 
----- سىز نىمە قىلماقچى ؟ بولدى قىلىڭ!!! ---  ئادىلە تىركىشەتتى، دەل بۇ چاغدا رايېن ئىككىسىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئىليارنىڭ قولىنى ئادىلەنىڭ قولىدىن ئاجراتتى، بۇنىڭدىن ئاچچىغى كەلگەن ئىليار رايېننىڭ يۈزىگە مۇش بىلەن بىرنى قويدى، رايېن كەينىگە دەلدەڭشىپ كارىدورنىڭ تېمىغا يۆلىنىپ قالدى. 
---- نىمە قىلىۋاتىسىز!!! نىمانداق ئادەمنىڭ گېپىنى چۈشەنمەيسىز!! بۇ نىمە قىلغىنىڭىز!! – ئادىلە يۈگۈرۈپ كېلىپ رايېننى يۆلىۋالدى ،ياتاق ئىچىدىن چىققان قىزلار گاڭگارىشىپ بۇلارغا قاراپ قالدى. 
--- ئەسلى راستلا شۇنداك ئىكەندە!!!  بىر دەمدىلا بۇنى تېپىۋالدىڭىزمۇ ؟ ئوقۇشقا چەتئەلگە ئېلىپ چىقىمەن دىسە  ھەممىدىن ۋاز كېچىدىغانلىغىڭىزنى بىلمەپتىمەن،سىزنى بۇنچە شۆھرەتپەرەس دەپ ئويلىماپتىمەن.  ماڭا بالدۇرراق دىگەن بولسىڭىز ، مەنمۇ سىزنى چەتئەلگە چىقىرىپ ئوقۇتالايتتىم، يە بالدۇرراق  دىمەپسىز!! --- رايېننى يۆلىۋالغان ئادىلە ئۇنىڭ ئوۋغىسىنى تېخىمۇ قايناتتى.  
ئامىنە گەپ قىلىش ئۈچۈن تەمشەلگەن ئىدى، ئادىلە شەرەت قىلىپ ئۇنى توختاتتى ، ئادىلەنىڭ ئۆزىگە قارىماي بىر تەرەپتىن رايېنغا ،"سوررېي" دەپ يەنە بىر تەرەپتىن  "ھېچنىمە بولمىغانسىز " دىيىشى ئىىليارنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. 
ئىليار مەكتەپكە قانداق كېلىپ قالغىنىنىمۇ بىلەلمىدى، ياتاققا كىرىپلا ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلىدى، ھېچ كىم ئۇنىڭ كۆز چانىقىدىكى ئىككى تامچە ياشنى كۆرمىدى، بۇ خورلۇقنىڭ،ئازاپنىڭ،ئاچچىقنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك نامايەندىسى ئىدى، نىمىشقا ئەمدىلا خوش بولغان كۈنلىرى شۇنچە تېز ئاخىرلىشىدۇ؟ بۇ ئۆمرۈمدە ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن دەپ ئىشەنگەن مىھەببەت بىر ئايغىمۇ چىدىماپتۇ، بۇ قانداق مۇھەببەت ؟پۈتمەس – تۈگۈمەس سوئال سوراقلار، ئوي خىياللار ئۇنى قىينايتتى، يۈرۈگىنىڭ بىر يېرى قانداقتۇر بۇ ئىشلارنىڭ يالغان بولۇشىنى، نەچچە كۈندىن كېيىن ھەممە ئىشلارنىڭ نورمالغا قايتىشىنى خالايتتى. ھەي، ئادەم دىگەن قىززىق جۇمۇ، بىر ياقتىن ئادىلەنى ئالدامچى،چاكىنا دەپ ئاچچىغلىنىپ، بىر ياقتىن ھېلىقى ئامېرىكىلىققا ھەسەتخورلىغى كېلىپ، يەنە بىر ياقتىن ئادىلەنى يەنە كۆرگىسى كېلىپ تۇراتتى، بۇ ئوخشىمىغان ھىسسىياتلار ئۇنى بەكلا قىيناۋاتاتتى. شەھەرنىڭ بۇ تەرىپىدە ئادىلە رايېننىڭ يۈزىگە چوكا مۇزنى يېقىپ ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ گەپ قىلىشقا ئانچە رايى يوقلىغىنى بايقىغان رايېن" مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئۇقۇشماسلىق چىقتى، مەن بەك ئەپسۇسلاندىم، بولمىسا بىز ئەتە ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈرەيلى" دىدى.  
---- بولدى ، بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرلىشىدىغان ۋاختى بولۇپ قالغان، مۇشۇنىڭ بىلەن ھەممە ئىشلار تۈگۈسۇن. مەن پەقەت بۇ ئىككى ئاينى ئۆتكۈزىۋالساملا، بۇ يەردىن كەتسەملا، ھەممە ئادەم خوشال بولىدۇ. – دىدى ئادىلە. 
----  ئادىلە بەزى ئىشلاردىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ،  بەزىدە باشقىلارغا راست گەپ قىلىش ياكى ئەپۇ سۇراشقا پەقەت بىرلا قېتىم پۇرسەت كېلىدۇ، ئۇ پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويسىڭىز كېيىن پۇشايمان قىلىسىز --- دىدى رايېن ئېنگىلىزچە  
---- بولدى رايېن، بەزى نەرسىلەر سىزنىڭ بولمىسا نىمە قىلغان بىلەن سىزنىڭ بولمايدۇ، مەن تەغدىرگە بەك ئىشىنىدىغان ئادەم، ھازىرچە مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، سىزنىمۇ بۇ ئىشقا چېتىلدۇرۇپ قويغىنىمدىن بەك خىجىلمەن. 
بۇ كەچ ئادىلە ئۈچۈن ئەڭ ئۇزۇن كەچ بولدى، ئويلىمىغان خىياللار قالمىدى، لېكىن ئىليارنىڭ "شۆھرەتپەرەس" دىگەن سۆزى ئۇنى بەكلا قىينىدى، ئۇ ھەرقانداق ئىش بولسىمۇ ئىليارنى ئۇنداق دەيدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىدى. كونىلار "كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ " دەپتىكەن، بۇ مۇھەببەتنىڭ باشلىنىشىلا شۇنچە جاپالىق،زادىلا ئۇنىڭغا بۇيرىمىغان مۇھەببەتكەن، لېكىن ئۇ پۇشايمان قىلمايدۇ، ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆردى، بۇ يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ بولدى، مۇشۇنچىلىك بولسۇن!!! 
مەكتەپ پۈتتۈرۈشنىڭ بۇ ئاخىرقى ئىككى ئېيى تولىمۇ تەستە ئۆتۈۋاتاتتى، مەكتەپتە" ئادىلە مەرزىيەنىڭ مۇھەببىتىنى قوغلىشىپتۇ،كەينىدىن ئامېرىكىلىق بالا بىلەن مۇھەببەتلىشىپ ئىككى ئوغۇل بالىنى ئۇرۇشقا سېلىپتۇ" دىگەندەك مىش – مىش پاراڭلار تارقىلىپ كەتكەن ئىدى،ئادىلە  بۇ گەپلەرگە پىسەنت قىلماي يۈرۈۋاتقاندەك قىلغان بىلەن كۆڭلى بەكلا  بىئارام بولۇۋاتاتتى، كىممۇ بۇنداق گەپلەرگە ئىرەڭشىمەي يۈرەلەيدۇ؟.بۇنىڭسىزمۇ  ئۇنىڭ كۆڭلى تولىمۇ يېرىم ئىدى، چارشەنبە كۈنى كەلسىلا كونا جاي،كونا پاراڭلار ئېسىگە كىلەتتى، بىر ياقتىن ئىليارنى سېغىناتتى يەنە بىر ياقتىن ئىليارنىڭ ئۆزىگە ئېلىپ كەلگەن جاراھېتىنى ئويلاپ ئاچچىقلىناتتى. بۇ تۈگىمەس خىياللارنى ئويلىماسلىقنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالى پۈتۈن زېھنى بىلەن ئامېرىكىغا بېرىشنىڭ تەييارلىغىنى قىلىش ئىدى. ئىشلار خېلىلا جايىدا كېتىپ باراتتى، ئادىلە بۇ يەرلەردىن يىراققا كېتىشنى بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ،بارلىق ئەسلىمىلەرنى ئۇنتۇلدۇرىدىغان ئەڭ ياخشى چارە دەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتاتتى،ۋاقىت نىمىنى ئۇنتۇلدۇرمىسۇن؟ پەقەت ئۇنىڭغا ئۇزۇنراق ۋاقىت بەرسىلا ئۇ بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتەلەيدىغانلىغىغا ئىشىنەتتى.  
ئىليارمۇ بۇ يەردىن تېزراق كېتىپ ،ئۆزىنى كۈندە ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدىغان مەكتەپ، چايخانا، ئاپتوۋوز يولى قاتارلىقلارنى ئىككىنچىلەپ كۆرمەسلىكنى ئويلاۋاتاتتى، كۈنلەر بەزىدە شۇنداق تېز ئۆتكەن بىلەن،تېزراق ئۆتسۇن دىگەندە تولىمۇ ئاستا ئۆتەتتى.مەرزىيەنىڭ" بىر قىز بالىنىڭ كۆڭلىنى بۇنداق يېرىم قىلىۋەرسىڭىز كېيىن ئۆزىڭىزگە يېنىپ قالىدۇ" دەپ قايتا – قايتا يالۋۇرۇشى ئاستىدا، مەكتەپ پۈتكىچە باشقىلارنىڭ ئالدىدا  يالغاندىن يۈرۈپ تۇرىدىغان ،مەكتەپ تۈگۈسىلا ئايرىلىپ كېتىدىغان بولۇشتى،شۇڭا ھەر ھەپتە چاندۇرماي كۆرۈشۈپ تۇرۇۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ بارغانسېرى گېپى ئازلاپ بىرەر ۋاخ تاماقنىمۇ ئارانلا يىيىشىپ قايتىشاتتى. ئىليار خۇددى بارلىق خوشاللىقى تۇيۇقسىزلا يوقاپ كەتكەندەك بولۇپ قالدى، ھىچنىمە ئۇنى خوش قىلالمايتتى، ھىچنىمىگە قىزىقمايتتى،بۇرۇنقى كۈنلەرنى  نىمىلەرنى قىلىپ ئۆتكۈزگەنلىگىنى پەقەت ئېسىگە ئالالمىدى، خەير، پەقەت نەچچە ئايلا قالدىغۇ؟ مۇشۇ كۈنلەر ئۆتۈپ كەتسىلا دەيتتى ئۇ ئۆز- ئۆزىگە. 
مەرزىيەمۇ بۇ 6 يىل ئوقىغان شەھەردىن كېتىشنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىۋاتاتتى، گەرچە باشقىلار ئۇلارنى يەنە يۈرۈۋاتىدۇ دەپ بىلگەن بولسىمۇ بۇ ياسالما يۈرۈش ئۇنى تولىمۇ قىيناۋاتاتتى، ئۇ دۆت ئەمەس ئىدى، ئۆزىگە پەقەت قىزىقمايۋاتقان بىرسى بىلەن يۈرۈش ئۇنىڭ تەبىئىتى ئەمەس ئىدى، ئۇ دىگەن كىم؟ ئۇ ھەرگىزمۇ كۈل قىز ئەمەس، ئۇنىڭ .ئەتراپىدا ئەزەلدىن شاھزادە كەم بولۇپ باقمىغان ! ئۇنىڭ كۈلىرىمۇ تەستە ئۆتىۋاتاتتى، ئەگەر خەقنىڭ گەپ سۆزىدىن قورقمىغان بولسا ئىدى،ئىلياربىلەن  ئاللاقاچان ئايرىلىپ كەتكەن بولاتتى. ئۇ ھەرگىزمۇ باشقا بىرسىنىڭ ئۆزىنى تاشلىشىغا يول قويالمايتتى. پەقەت يۈزىنىڭ تۆكۈلىشىدىن ئەنسىرەپلا  بۇ مۇھەببەتسىز مۇناسىۋەتنى ساخلاپ قېلىۋاتاتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئەگەر ئىليار بىلەن ئايرىلىپ كەتسە ئىليارنىڭ ئادىلەنى يەنە ئىزدەپ ئىككىسى ئارىلىقتىكى بولغان ئىشلارنى دىيىشىپ ،ئۇقۇشماسلىقنى تۈگىتىشى مۈمكىن ئىدى،شۇڭا پەقەت ئىليارنى تۇتۇپ تۇرغاندىلا،ئادىلە ئىليار بىلەن ھەرگىز كۆرۈشمەيتتى،ئىليارمۇ كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمايتتى. ئەڭ مۇھىمى ئۇ ئىليار بىلەن ئايرىلىپ كەتسە ئادىلەگە ئۇتتۇرغان بولاتتى،شۇڭا  ئۇ پەقەت ئىككى ئاي چىدىۋەتسىلا، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرلىشاتتى.  

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315